كۆرۈش: 592|ئىنكاس: 9

يانغىن (ئىزگۈگە) : تۇمان (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

   «ئىزگۈ»تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا يوللانغان ئەسەر


تۇمان

(ھېكايە)
ئەزىز ئىمىر يانغىن



   بۇ كۈن بويى تۇمان بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان شەھەر.كۈندۈزى كۆزنى  قاماشتۇرغىدەك نۇرنى ،كېچىسى ئاي-يۇلتۇزلارنى ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ،شەھەر كېچە-كۈندۈز تۇمانغا پۈركۈنۈپ ياتقاندەك،ئادەمگە بىرخىل پەرىشانلىق تۇيغۇسىنى ئاتا قىلىدۇ .
  ئۇ قولىنى سول  بېلىكىمدىن ئۆتكۈزۈپ،مېنى قولتۇقلىۋالدى،ماڭا چاپلىشىپ دېگۈدەك كېتىۋاتقان بولسىمۇ،مېنىڭدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق  سېزىم بولمىدى.ئۇنىڭ دېماقنى غىدىقلايدىغان ئەتىرسىمۇ،ناز –كەرەشمە قىلىپ ئەركىلەشلىرىمۇ ماڭا كار قىلمايتتى ،ئۇ ماڭا قانچە يېپىشقانسىرى بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ، ۋۇجۇدۇم بىلىنەر - بىلىنمەس تىترەپ  كېتىۋاتقان بولسىمۇ،ئۇ ھېچنېمىنى سەزمەستىن كۈلۈمسىرىگەن پېتى كېتىۋاتاتتى.مەن كۆزۈمنىڭ قىرىدا ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم.مانا مېھمانخانىغىمۇ ئاز قالدۇق.
   سائەت تېخى ئالتە  بولمىغان بولسىمۇ،ئەتراپقا گۇگۇم پەردىسى يېيىلغان بولۇپ، ئېگىز بىنالارنىڭ دېرىزىلىرىدىن چىراق يورۇقى سۇس  كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مىھمانخانىغا كىردۇق.مۇلازىمەت پۇكىيىدىكى قىز  ئىككىمىزنىڭ سالاھىيەت كېنىشكىلىرىمىزنى تىزىملىۋالغاندىن كېيىن،بىزگە سوغۇق نەزەر بىلەن قاراپ قۇيۇپ گەپ-سۆز قىلماستىن،ماڭا 1203-نومۇرلۇق ياتاقنىڭ ماگىنىتلىق كارتىسىنى  سۇنۇپ بەردى.بىز لېفىت بىلەن 12-قەۋەتكە چىقتۇق.مەن خوش ياقمىغان ھالدا ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم.شۇتاپتا  ھېچ ئىشقا تاۋىم يوق ،پەقەت ياتاق ئۆيدىكى كارىۋاتقا چىقىپ،قانغۇچە،ھوزۇرلىنىپ ئۇخلىۋېلىشنى ئويلايتتىم.ئۇ بۈگۈن بەكلا خوشال ئىدى.ئۇ شوخلۇق بىلەن كارىۋاتقا سەكرەپ چىقىپ،كۈلگىنىچە يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ،بوينۇمغا گېرە سالغىنىچە كۆزلىرىمگە تىكىلدى:
- جېنىم، نېمە بولدىڭىز ،چىرايىڭىز تاتىرىپ كېتىپتىغۇ؟
- ....
- كۈلىڭە!
- ....
  ئۈندىمىدىم ،چۈشەندۈرۈشلىرىم ئارتۇقچە ئىدى.ئۇ ماڭا خۇمارلىق قاراپ  مېنى ئۆزىگە تارتىپ تېخىمۇ  چىڭ قۇچاقلىۋالدى ، قانسىراپ تۇرىدىغان شىرىن لەۋلىرىنى لەۋلىرىمگە تەككۈزدى . ئارام ئېلىۋىلىشنى، قانغۇچە ئۇخلىۋىلىشنى ئىستىگەن تەنلىرىم بىر دىنلا لەرزىگە كەلدى، قانلىرىم قىزىپ   نەپەسلىرىم تىزلىشىپ،مەنمۇ ئۇنى ئۆزەمگە چىڭ تارتتتىم ،«ھەي،بوپتۇ بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسى بولۇپ قالسۇن!»دەيتىم ئىچىمدە ... ئۇنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ ،خۇمالىق ،شەھلا كۆزلىرىگە تىكىلدىم ،ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇمالىشىپ چوڭ-چوڭ نەپەس ئالاتتى .قوللىرىم ئىخىتىيارسىز ئۇنىڭ پوپايكىسىنى ئۈستىگە سىيرىيتى. ئۇنىڭ قوللىرىمۇ ئىشتىنىمنىڭ تاسمىسىنى يىشىش بىلەن ئالدىراش ئىدى ...
   ئۇ  كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدى.ئۇنىڭ قۇندۇزدەك قارا ،يۇمران چاچلىرى يەلكىسىدە يېيىلىپ ياتاتتى.ئۇتولىمۇ  روھلىنىپ كەتكەن بۇلۇپ ،قىن-قىنىغا پاتمايۋاتاتتى.ئۇ شەھلا كۆزلىرىنى يۇمۇپ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كىيىن .ھالرەڭ سومكىسىنى ئېچىپ،بىر سۈزۈك ئەينەك قۇتىنى ئالدى.بۇ دورا قۇتىسى ئىدى ، قۇتىنىڭ سىرتىدا ھېچقانداق  ماركا ياكى چۈشەندۈرۈش قەغىزىمۇ يوق ئىدى.ئۇ قۇتىغا بىر قارىۋېتىپ،ماڭا تاشلاپ بەردى.مەن قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئاچتىم ،قۇتىنىڭ ئىچىدە ئاق رەڭلىك،تالقانسىمان نەرسە بار ئىدى.
مەن ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدىم ، ئۇ دەل مەن   ئىشقىدا كۆيگەن ، ماڭا ياخشى كۆرۈشنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇرغان ، مەن ئۈچۈن تۇلىمۇ قەدىرلىك سۈيۈملۈك ئايال ئىدى .مەن  ئۇنىڭسىز ياشاشنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوقتەك ھېس قىلاتتىم . بىزنىڭ ئارىلىشىۋاتقىنىمىزغا توپتوغرا ئىككى يىل بولغان ئىدى.
ـــ بىز ياخشىراق ئويلىنىپ، باشقىچە ئامال تاپساق بولماسمۇ ،ـــ بۇ گەپنى شۇنچىلىك تەستە ئېغىزىمدىن چىقاردىم ،ئۇ ماڭا چەكچىيىپ قارىدى .
    ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايالىممۇ بىلەتتى.ئۇ دەسلەپ مىنى بۇ ئايالدىن كۈنلەپ  جېدەللىشىپمۇ باقتى،ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كىتىپمۇ باقتى .بىراق ھەرنېمە قىلىپ باققان بولسىمۇ،ھېچبىر ئۈنۈمى بولمىغاندىن كېيىن،سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالدى.ئۇنىڭغا شۇنچە ئىتىۋارسىز قارىساممۇ ، ئارىمىزدا شۇنچىلىك ئۇرۇش-تالاشلار  بولسىمۇ ئاجرىشىپ كېتىشنى قەتئىي تىلغا ئالمىدى.ئۇ كېيىنچە تېخىمۇ سوغۇققان،ئېغىر - بېسىق بولۇپ كەتتى.ئايالىم  ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ تېخىچە خىزمىتى يوق ئىدى. توي قىلغاندىن كېيىن ،بىر نەچچە قېتىم مەمۇرلۇق ۋە كەسپىي ئورۇنلارغا ئېمتىھان بەرگەن بولسىمۇ ئۆتەلمىدى .  خىزمىتىنى ھەل قىلىشقا كۆپ يول ماڭغان بولساقمۇ، نەتىجىسىز قېلىۋەردى.ئۇ ئاخىرى تەقدىرگە تەن بەردىمىكىن،كېيىنچە ئېمتىھان بىرىش ياكى  خىزمەت توغرىلىق ئېغىز ئاچمايدىغان بولىۋالدى.ئۇ بىر ئائىلە ئايالى بولۇشقا بەل باغلىغاندەك قىلاتتى.خىزمەتتىن قايتىپ كەلسەم،تاماقنى تەييار قىلىپ تۇراتتى.بەزىدە ئۇنىڭغا قاراپ  ئىچىم ئاغرىپ ھېسداشلىقىم قوزغىلاتتى.مەن بىلىمەن،ئۇنىڭ مەندىن ئاجراشقۇسى كەلمەسلىكىدە سەۋەب بار،مېنىڭ خىزمىتىم بار تۇرسا،ھەم ئۇنىڭغا يېتەرلىك خىراجەت بېرىپ تۇرىۋاتسام،ئۇنىڭ ئەلۋەتتە بۇنداق كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلغۇسى يوقتە!
بۇلارنى ئويلىسامغۇ كۆڭلۈم بىئارام بولۇپ كېتىدۇ،ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيدۇ.راستە،ئۇ مەن بىلەن توي قىلىپ،تا مۇشۇ كەمگىچە بىرەر خوۋلۇق كۆرمىسە،ئۆزى كۈتكەن مۇھەببەتكە،ئىللىقلىققا ئېرىشەلمىسە بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىر ئازاب ئەمەسمۇ؟!ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ قاچاندىن تارتىپ بۇنداق سۇسلاپ كەتكەنلىكىنى ئەسلىيەلمەيمەن، ھەم ئويلىغۇممۇ يوق...
شۇنداق قىلىپ ، كۈن ئايلارنى،ئاي يىللارنى  قوغلاپ  ئۆتىۋەردى،ئىككى ئايالنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مەندىن ۋاز كەچكۈسى كەلمىدى.مەن بولسام بىئاراملىق ئىچىدە تولغىنىۋەردىم، كۆپ چارچىدىم . بۇ كۈنلەرنىڭ تېزراق ئاياغلىشىشىنى ئويلايتتىم.شۇڭا ئىشلارنى تېزرەك پۇتتۈرۈشكە ئالدىرايتىم.،چۈنكى ماڭا  بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق ئىدى. مەندە ھچقانداق گۇناھ يوق ،ئۇلارئۆزلىرى خالاپ بۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى.
      دورا قۇتىسىنى قولۇمغا ئېلىپ خىيالغا پاتتىم ، ماڭا ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق ھەل بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلدى. ماڭا كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قاراۋاتقان ،مېنى بۇ ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان كارۋىتىمدىكى ئايال  بىر دورا    شىركىتىنىڭ لابۇراتورىيە بۆلۈمىدە ئىشلەيتتى.ئۇ مىڭ تەسلىكتە بۇ دورىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ دورا باشقا دورىلاردەك ئۆتكۈر زەھەرلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمىسىمۇ،بىراق ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا ئادەمدە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىپ،نېرۋىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ،ئادەمنى ساراڭ قىلىپ قوياتتى،  ھەتتا ئۆلۈمگە ئاپىراتتى.
   بىز سۇسلا خوشلاشتۇق ، مەن دورىنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە ،مېھمانخانىنىڭ لېفىتى بىلەن تۆۋەنگە چۈشتۈم.پۈتۈن خىيالىم كەچلىك تاماقتىن بۇرۇن،بۇ دورىنى ئايالىمنىڭ تامىقىغا سېلىۋېتىش ئىدى.مېھمانخانا بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى ئانچىمۇ يىراق ئەمەس ئىدى.ئەتراپ قويۇق تۇمان بىلەن قاپلانغان بولۇپ،ئون قەدەم  نېرىدىكى نەرسىنىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى.
ئاپتوبۇستا ئادەملەر قىستىلىشىپ تۇراتتى.بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدىم،كۆكۈش تۇمان،ئېگىز بىنالار...
خىيالىم بەكمۇ چىگىشلىشىپ كەتتى، باغرىم تاشتەك بولۇپ كېتىپتۇ،بىرەر تىلەمچىگە پۇل بېرىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ . ئادەملەرمۇ خۇددى باشلىقىمدەك  شۇنچە سوغۇق تۇيۇلىدۇ ، راست،ئۇ قىزىل يۈز ھىيلە -مىكرى تولا،قابىلىيەتلىكلەرنى كۆرەلمەيدىغان،پارىخور بىر نېمە!ھازىر كىشىلەر ھەقىقەت ئالدىدا كۆز يۇمۇۋالىدىغان بولۇپ كەتتى،شەيتاننىڭ بازىرى چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ....خىيال بىلەن كېتىۋېتىپ ئالدىمدىكى ستولبىغا ئۈسۈپ سالغىلى تاس قالدىم،ئەبلەخ!ستولبىغا بىر مۇنچە ئېلان چاپلىنىپ كېتىپتۇ،«گۇۋاھنامە ياسايمىز»،«ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىمىز»،«بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ»،«قىزلىق پەردىسى سالىمىز»...بىر جۈپ قىز-يىگىت باشقىلارنىڭ كۆزىچىلا بىر -بىرىنى چىڭ قۇچاقلىشىپ،ئەركىلىشىپ تۇراتتى.بۇ قىزمۇ بەلكىم قىزلىق پەردىسى سالدۇرغان بولۇشى مۈمكىن دەپ ئويلاپ كەتتىم.يەنە ئاۋۇ يېنىدىكى لىڭتاسما ئەبلەخمۇ كىم بىلىدۇ،بۆرىكىنى قانچە قېتىم قۇۋۋەتلەندۈردى تېخى.
شەھەر تۇمان ئىچىدە ياتاتتى. مۇزلىغاندەك قىلدىم، قەدىمىمنى تېزلەتتىم.ھەي،شۇ تاپتا مەن ئايالىمنىڭ ئۆلۈم ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلغىلى كېتىۋاتىمەن-ھە؟پۇتلىرىم مەيلىمگە باقماي ئاستىلاپ كېتىپ بارىدا؟
بىز دەسلەپ توي قىلغان ۋاقتىمىزدا پۇلىمىزمۇ يوق ئىدى،بۇرادەرلەر،خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئانچە-مۇنچە ئولتۇرۇشلاردا بولغىنىمدا،ئايالىمنىڭ ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرغىنىنى ئويلاپ قايتىشقا ئالدىرايتتىم.بىر قېتىم ئۆيگە كېلىپ ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي،سىرتتىكى ياخشىراق ئاشخانىدىن غىزالىنىشقا ئاچىقتىم.ئايالىم:
ـــ تاماقنى ئازراق بۇيرۇتۇڭ ،بۇ پۇلنى سىز مىڭ بىر جاپادا تاپىدىغان تۇرسىڭىز،ـــ دېدى.شۇ چاغدا كۆزلىرىم قىزىرىپ،بۇرنۇم ئېچىشقان ئىدى.ئۇ چاغلاردا ئۇمۇ شۇنچە گۈزەل،كېلىشكەن قىز ئىدى. مەن پۇتۇن سۈرۈك بىر ئەر تۇرۇپ،ئۆي ۋە ئۇنىڭ ھۆددىىسىدىن تولۇق چىقالمىغاندەك ،ئىچىم ئاچچىق بولغان ئىدى.
كېيىن ئۇ ماڭا شۇنچە تېز قېرىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان بۇلۇپ قالدى .ئىشتىن قايتىپ كەلگىنىمدە شۇنچە ھارغىن،سۇلغۇن كۆرۈنەتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئالىي مەلۇماتلىق ئايال ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ،ئائىلە ئايالى بولۇشقا تەن بەرگەندەك قىلاتتى .
كېينچە مەن بۇ ئايال بىلەن تونۇشۇپ  قالدىم ،ئۇ مەندىن ئون ياش كىچىك ، چېھرىدىن كۈلكە، تەبەسسۇم كەتمەيدىغان ،ناز كەرەشمىلىرى جاننى ئالىدىغان قىز ئىدى . شۇنداق قىلىپ ئۇ مىنى ئۆزى بىلەن تەڭ  بۇپاتقاققا باشلاپ كىردى.  
ئەمدى بۇ  ئىشلارنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلمىسام بولمايدۇ.  ئۆيگە كىردىم.توساتتىن قەلبىم بىر خىل ئىللىقلىققا تولغاندەك بولدى.ئايالىم كەچلىك غىزانى ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغان بولۇپ،ئۆيدە يەنە نېمىلەرنىدۇ قىلىۋاتاتتى.ئۇ مېنى كۆرۈپ:
ـــ كەلدىڭىزمۇ؟ قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ؟ ـــ دېدى.مەن گەپ قىلماي چاپىنىمنى سالدىم.ئۇ قولۇمدىن چاپاننى ئېلىپ،ھوجرا ئۆيدىكى ئاسقۇغا ئېسىپ قويدى.بىز شىرەگە كېلىپ ئولتۇردۇق.ئايالىم ھەقىقەتەن تاماققا ئۇستا ئىدى،ئۆيدىكى تاماق ھىدىدىنلا بۈگۈنكى لەغمەننىڭمۇ ئوخشىتىپ ئېتىلگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.بىز جىمجىتقىنە ئولتۇرۇپ غىزالاندۇق،بۇنداق مۇھىتقا ئۇ بۇرۇنلا كۆنۈپ كەتكەن.كۆڭلۈمدىكى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىنمىكىن،غىزا گېلىمدىن پەقەتلائۆتمىدى.تاماقنى ئازراقلا يەپ قويۇپ قويدۇم.
-مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە؟-دىدى ئايالىم،-ياكى تاماق سوۋۇپ قاپتىمۇ؟
- ياق ، بايا خىزمەتداشلار بىلەن ئازراق تاماق يىگەنتىم،-دىدىم مەن باھانە كۆرسۈتۈپ. ،ئايالىم قاچىلارنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.شۇندىلا چاپىنىمنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان ھېلىقى دورا ئېسىمگە كەلدى-دە،دەرھال ھوجرىغا كىرىپ،چاپىنىمنى ئالدىم.لېكىن شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ ئۇ قۇتىنى تاپالمىدىم.«نەگە غايىپ بولغاندۇ، ئەبلەخ! »
ئايالىم ئىشلىرىنى تۈگىتىپ،كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلىدى.قولىدىكى تىزگىنەكنى بېسىپ،تېلېۋىزوردىن ئۆزى ياقتۇرىدىغان نومۇرلارنى ئىزدىگىلى تۇردى.قېرىشقاندەك ھەممىلا قاناللاردا ئېلان...ئېلان...«ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرىمىز...»،«بۇ بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى خاتىرجەم ئىشلىتىڭ...»،«...مەقئەت ئاقمىسىنى داۋالايمىز...»،«ئەيدىز...»،«گومىگەي....» «تالقان..»..راست،ماۋۇ قوشنىمىزنىڭ بىر قىزى بولىدىغان،ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىدىغان.زىيادە تار كەلگەن ئىشتان ئىچىدىكى ساغرىسى،سېمىز قوينىڭ قۇيرۇقىدەك توختىماي لىغىرلاپ تۇرىدۇ .ئۇنىڭ سېغىز كەمپۈتنى توختىماي قاس چىقىرىپ چاينىشىغا قاراپ ھەيران قالىمەن.ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزىگە ئوخشاش دېگۈدەك تار ئىشتان،تار مايكا،غەيرى چاپان كىيىۋالىدىغان،ئىڭىكىنى ياپقۇدەك كاپكاس قويىۋالغان بىر يىگىتنى پات-پات ئۇچرىتىپ قالاتتىم.كوچىدىكىلەر بەلكىم كەينىدىن قاراپ، بىلمەسلىكتىن ئۇ يىگىتنىڭمۇ ساغرىسىغا ئاچكۆزلۈك بىلەن نەزەر تاشلاپ سالىدىغاندۇ؟
بۈگۈن ئايالىمنىڭ كەيپىياتى تۇلىمۇ  ياخشىدەك قىلىدۇ.ئۇ نېپىز ئاق كوپتا كىيىۋالغان بولۇپ، شۇ قەدەر مۇلايىملىشىپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ كىرىسلودا ئولتۇرغان شۇ تاپتىكى تۇرقى ماڭاخۇددى مەلىكىدەك ئوماق كۆرۈنۈپ،دورىنى ئىزدەشنىمۇ ئۇنتۇدۇم.بايىقى ھارغىنلىق نەلەرگىدۇر غايىپ بولغان ئىدى. ئۇنى كۆتۈرۈپلا ئېلىپ،ھوجرىغا ماڭدىم.ئۇ خۇددى مىنى تۈنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك ،ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالغان ئىدى.
بىر كۈن ئۆتۈپ كەتتى .بىز يەنە ھېلىقى مېھمانخانىدىن ياتاق ئاچقۇزدۇق.ئۇ مەندىن قانداق قىلغانلىقىمنى سورىدى.مەن ئالدىرىماي يانچۇقۇمدىن تاماكامنى چىقىرىپ،ئوت تۇتاشتۇرۇپ،ئارقا-ئارقىدىن كۈچەپ شورىدىم.ئېغىز - بۇرنۇمدىن چىقىۋاتقان كۆكۈش ئىس ھاۋاغا كۆتىرىلىپ،شەھەر ئاسمىنىدىكى كۆكۈش تۇمانلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.مەن ئىككىنچى تال تاماكىنى تۇتاشتۇرغىنىمدا ئۇ جىددىيلىك بىلەن  يەنە سورىدى.
ـــ دورا قۇتىسىنى تاپالمىدىم .
ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ، قۇشۇمىسى تۈرۈلدى  :
ـــ شۇنچە مۇھىم نەرسىنى نىمىشقا يۈتتۈرۈپ قويدىڭىز؟؟
دېمىسىمۇ يېقىندىن بۇيان بەكلا ئۇنۇتقاق بولۇپ كەتتىم دېسە! شۇ ئەمەسمۇ،خىزمەتنىڭ بېسىمى مېنى يەتكۈچە ھاردۇردى. باشلىقنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كېچىنى كېچە دېمەي،ھەتتا ئىشخانىدا قونۇپ ئىشلىگەن چاغلىرىممۇ بار.مەندە قابىلىيەت بولغان بىلەن،«ھۈنەر»يوقتە،شۇڭا باشلىققا يامان كۆرۈنۈپ قېلىشتىن ساقلانمىسام بولمايدۇ. مېنىڭ تىرىشىپ ئىشلىگىنىمگە،قۇلىقىمنىڭ شۇنچە يۇمشاق بولغىنىغا قارىماي،بىرەر قېتىممۇ خىزمەت ئىلغارى بولۇپ باقمىدىم.قاچانلا بولسا ئىلغارلىق ھېلىقى بىرقانچە غەيۋەتخور خوتۇنلاردىن ئېشىپ باقمىدى.شۇنداق،بەزىدە ئىشتىن چۈشكەندە،ئۇ خوتۇنلارنىڭ بىر -بىرىدىن قىزغانغاندەك،غىپپىدە باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالمەن.يا باشلىققا كۈچۈكلىنىشنى ،بەزمىخانىلارغا ئاپىرىپ رەڭلىك سورۇن قۇرۇپ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلمەيمەن, ھەممىنى ئىچىمگە يۇتىۋېتىدىغان ئادىتىم بار،ئاخىرى سەپرا،ئۇنۇتقاق بولۇپ قاپتىمەن.
    بۇ شەھەر شۇنداق تۇمانلىق شەھەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋاسىمۇ نەم،بەلكىم«رېماتىزىم»توغرىسىدىكى ئېلانلارنى ئۇنتۇپ قالغاندىمەن.بۇ ئاسمانغا قاراپ قۇياشنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس.
ئۇ ئاچچىقتىن يېرىلاي دەپ قالدى:
ـــ مەن دورا قۇتىسىنى چاپىنىڭىزنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغان تۇرسام.
ـــ مەن ئاختۇردۇم،بىراق يوق تۇرىدۇ.
ـــ ئەگەر ئۇ كوچىغا چۈشۈپ قالغان بولسا،بىرەرسى تېپىۋالسا،چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ.ئەگەر تېپىۋالغان ئادەم بىرەرسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرسە...
ـــ بىزمۇ ئۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرمەكچىغۇ؟!
ئۇ يىغلاپ كەتتى،يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلاتتى:
ـــ سىزنىڭ قول سالغىڭىز يوق،سىز ئۇنى تېخىچە ياخشى كۆرىدىكەنسىز.ئىككىمىز ئارىلىشىۋاتقىلى شۇنچە ئۈزۈن بولدى،سىزنىڭ قىلچىمۇ ۋىجدانىڭىز يوقكەن،ماڭا يۈز كېلەلەمسىز؟!
ـــ توغرا دەيسىز،مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن،مەندە ھەقىقەتەن ۋىجدان يوق،ـــ دىدىم مەنمۇ .
بۇ  كېچە  مېھمانخانىدا يېتىپ قالدىم.مەقسىتىم ئۇنى خاتىرجەم قىلىش ئىدى.يېرىم كېچىدە قورسىقىم ئېچىپ چىدىيالماي قالدىم.ئۇمۇ ئويغاق ئىكەن.
ـــ مېنىڭمۇ قورسىقىم ئېچىۋاتىدۇ،سىرتتىن تەييار چۆپ ئەكىرەمسىز-يا؟ ـــ دېدى ئۇ.
مەن سىرتقا چىقىپ 24سائەت مۇلازىمەت قىلىدىغان بىر دۇكاندىن تەييار چۆپتىن ئىككىنى سېتىۋالدىم.سىرت خېلىلا سوغۇق بولغاچقا،ئالدىراپ ياتاققا قايتتىم.ياتاققا كىرىشىمگە ئۇ يوتقانغا ئورىنىۋېلىشىمنى ئېيتىپ،ئۆزى تۇرۇپ،تەييار چۆپنى قاچىغا سېلىپ،قايناقسۇ قۇيدى.
بىز تەييار چۆپنى يەۋاتقاندا،ئىختىيارسىز شۇنى ئويلاپ قالدىم:«خوتۇنۇم ئۆيدە ئېتىپ قويغان كەچلىك تاماققا،ئۇ بولسا خالىغاندا يەيدىغان تەييار چۆپكە ئوخشايدىكەن» خىيالىمدىن مەمنۇن بولۇپ كەتتىم.
مەن دورىنى يوقىتىپ قويغان كۈندىن تارتىپ تېخىمۇ تېرىككەك بولۇپ كەتكەن ئىدىم.قېرىشقاندەك خىزمىتىمدىمۇ مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىدى.ھەر قانچە قىلساممۇ زېھنىمنى خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرەلمەي،باشلىققىمۇ سەت كۆرۈنۈپ قالدىم. نېمە قورققۇلۇق!يامىنى كەلسە ئىشتىن بوشىتىۋېتەر شۇ،بىراق خوتۇن كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا چاتاقكەن ئەمەسمۇ...
بۇگۈن ئىشتىن چۈشكىنىمدە،ئۇ تېلېفونمۇ قىلىپ قويمىدى ،ھەتتا كۈندە نەچچە ۋاق ئۇچۇر يوللايدىغان  خوتۇنۇممۇ جىمىپ قالدى .بۇرۇنلاردا مەن ئىشتىن چۈشۈپ بولغىچە،خوتۇنۇم «قاچان كېلىسىز؟»،«تاماق سوۋۇپ قالاي دېدى» دەپ نەچچە قېتىم ئۇچۇر يوللاپ بولاتتى.شۇنداق چاغلاردا مەن يا مېھمانخانىغا بېرىشىمنى يا تېزرەك ئۆيگە قايتىشىمنى بىلەلمەي ئارىسالدى بولۇپ قالاتتىم.بۇگۈن ھېچكىمنىڭ كارى بولماي قېلىۋىدى،ئۆزۈمنى شۇ قەدەر يېگانە ھېس قىلىپ كەتتىم.شۇنىڭ بىلەن ئىشخانامغا قايتىپ كىرىپ،ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىش ئۈچۈن،كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينىغىلى تۇردۇم.ئادەتتە باشلىق بولىدىغان بولسا بۇنداق ئىش نەدە؟ ئويۇن ئويناش تۈگۈل،توردىن ماتېرىيال ئىزدىشىمىزگىمۇ يول قويمايتتى.مەن بىلىمەن،ئۇ بىزنىڭ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ كېتىشىمىزنى خالىمايدۇ.ئەگەر يۇقۇرىنىڭ بېسىمى بولمىغان بولسا،بۇ كومپيۇتېر دېگەن نەرسىنى ئۇ ئىدارىغا يېقىن يولاتمايتتى.
ئويۇنغا بېرىلىپ كەتتىم.ھەر قېتىم مەغلۇپ بولسام،ئېكراندا قىزىل سىزىقچىلار ئارىلاش خەت چىقىۋېلىپ،قايتا باشلاشنى ئەسكەرتەتتى. قىزىل سىزىقچىلار خۇددى قانغىلا ئوخشايتتى،ياق نەق قان،ئەنە بىر تامچە،ئىككى تامچە،ئۈچ تامچە...خىزمەت ئۈستىلىممۇ قانغا بويىلىپ كەتتى.خىزمەتداشلىرىم يوپۇرۇلۇپ كېلىپ،ماڭا ئەجەبلىنىپ قاراپ كەتتى.مەن ھودۇققىنىمدىن ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتتىم:«نېرى تۇرۇڭلار،بۇنى مەن قىلمىدىم،مەن ئادەم ئۆلتۈرمىدىم!» دەپ ۋارقىراپ كەتتىم.ئاۋازىممۇ ناتونۇش ئىدى.خىزمەتداشلىرىم داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى.مەن تېخىمۇ ھودۇقۇپ كەتتىم.دېرىزىمۇ كۆكۈش رەڭلىك بولۇپ قاپتۇ،سۇ جۈمىكىدىنمۇ قان تامچىلاپ تۇرىدۇ،توۋا...ماۋۇ پولدىكى شۇنچە جىق ئۆمۈچۈكلەر نەدىن چىقتى ئەمدى؟ئاسماندىنمۇ قان تامچىلاۋاتىدۇ-يا؟... بىر خىزمەتدىشىم مۈرەمدىن تۈرتۈپ،يۇمشاق قەغەز سۇندى:
ـــ ۋوي نېمانچە ئويۇنغا بېرىلىپ كەتتىڭىز،بۇرنىڭىز قاناپ كېتىپتۇ،سۈرتىۋېلىڭ.
ئالدىمدىكى ھەممە ئۆز پېتى تۇراتتى.ئەجەبا،مەن چۈش كۆردۈممۇ؟ بايىقى ئىشلار؟...
دورا قۇتىسىنى تېخىچە تاپالمىدىم.ئۇ كېيىنچە قايتا سورىماس بولدى،پەقەت:
ـــ ئۆزىڭىز ئىچىۋالمىغانسىز؟ ــ دەپ كۈلۈپ قويدى.
ـــ ھە، مەن ئىچىۋالدىم،سېنىمۇ قوشۇپ ئىچىۋېتەي،ـــ مەن ئۇنى قوغلىدىم...
ئۆيگە كەلسەم خوتۇنۇم بۇرۇنقىدەكلا غىزا تەييارلاپ تۇرۇپتۇ. تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇ:
ـــ بۇندىن كېيىن ئۆيگە كەلمىسىڭىز،ئۇچۇر يوللاپ قويۇڭ،تاماق ئەتمەي،بولمىسا ئىسراپ بولىدىكەن،ـــ دېدى.مەن بېشىمنى لىڭشتتىم .  شۇنى بايقاپ قالدىمكى،ئىككى ئايال جېدەللەشمەس بولۇپ قالغان ئىدى.بىر تەرەپتە مۇلايىم ئايالىم،بىر تەرەپتە چىرايلىق «ئۇ» بار،قايسى بىر ئەر مۇشۇنداق بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟ مەن مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىۋېرىش قارارىغا كەلدىم،گەرچە بۇنداق ئۆتۈش ئادەمنى قىيناپ قويسىمۇ،ھەر ھالدا ئۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ياخشىراقتە!
ئىشخانىدا ئۈچىنچى قېتىم بۇرنۇم قاناپ كەتكەندىن كېيىن بىر خىزمەتدىشىم مېنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىشىم لازىملىقىنى ئېيتتى.مەن دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتتىم.ئەتىىسى  تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۇققىلى باردىم.دوختۇر:
ـــ قېنىڭىزدا بىر خىل زەھەرنىڭ تەسىرى بار ئىكەن،شۇ سەۋەبلىك سىزنىڭ ئىممۇنېتىت كۈچىڭىز تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ،ھەم خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىپ،نېرۋىڭىز  كاردىن چىقاي دەپتۇ،بەلكىم بارا –بارا خاتىرىڭىزنى يوقىتىشىڭىز مۈمكىن،ـــ دېدى.دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم.لاغىلداپ تىترىگىنىمچە دوختۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
ـــ سەن...سەن ئالجىپسەن!ـــ دېدىم-دە،چىقىپ كەتتىم.دوختۇرخانىدىن چىقىپ،يول بويىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرىۋالدىم.
   تۇمانلىق شەھەر،  ئاسماندىن سىم -سىم  يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى.قولۇمدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى خاتىرىلەنگەن قەغەز يامغۇر تامچىسىدا ھۆل بولۇپ كەتتى.مەن ئۇنى چىڭ مىجىقلىغانچە  ،ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم.
كېچە. مەن ئۆيگىمۇ قايتماي،مېھمانخانىغىمۇ بارماي ،بىر سوغۇق ئىچىملىك ئارامگاھىغا كىردىم-دە،بىر ئايرىم خانىغا يالغۇز كىرىپ ئولتاردىم.ھېچنەگە بارغۇم،ھېچكىمگە گەپ قىلغۇم يوق ئىدى.شۇ قەدەر ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدىم.كۆزلىرىم قىزىرىپ كەتتى.دېرىزىدىن سىرتتىكى يامغۇرنى كۈزىتىپ تۇردۇم .تېلېفونۇم سايراپ كەتتى.ئالسام بىر ئايالنىڭ ئاۋازى چىقتى،نەدىلىكىمنى سورىغان ئىدى،گەپ قىلماستىن تېلىفوننى ئىتىۋەتتىم.ئۇزۇن ئۆتمەي،بۇ يەرگە ئۇ ئىككىسى بىللە كىرىپ كەلدى.كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي داڭ قېتىپ قالدىم. ئۇلار مەن بار ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكىدىن ئۆتۈپ مەن تەرەپكە قاراپمۇ قويماستىن ياندىكى ئايرىم خانىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. بىرى ئاق نېپىز كوپتا كىيىۋالغان بولۇپ،يەنە بىرسى ھال رەڭ سومكا قولتۇقلىۋالغان ئىدى.دەل شۇلار، ئايالىم بىلەن ئۇ! قارىغاندا ئۇلار نىڭ كۈندەشلىكى قاياقلارغىدۇ غايىپ بولغاندەك،كونا دوستلاردەك قىلاتتى.
ئۇلار مېۋە شەربىتى،پىرەنىك،ماروژنا...بۇيرۇتۇپ،كۈلكە- چاخچاق بىلەن ئولتۇراتتى.ئۇلارنىڭ سۆزى قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى:
ـــ ھېلىقى قۇتىغا قاچىلانغىنى ئەسلى ئۇن ئىدى،ئەگەر ئۇ راستىنلا قول سالغان تەقدىردىمۇ سىزگە زىيان يەتمەيتتى.
ــــ ئۇ بۇرۇنلا زەھەرلەنگەن ،باشقىلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
ــــ ئۇنداقتا ئۇ قۇتا قەيەردە؟
ــــ بىلمەيمەن،بەلكىم راستىنلا يۈتۈپ كەتكەندۇ .
ــــ مۇھىمى  قۇتا ئەمەس،ئۇ ئەسلىدىنلا يامان ئەر ئىدى...
بۇ تۇمانلىق شەھەر.تۇمان بارغانچە قويۇقلىشىپ بارماقتا.
مەن بۇ يەردىن چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم،لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ پۇتۇمنى مىدىرلىتالمىدىم.ئۇلارغا:
ـــ سىلەر بەكمۇ يۈزسىز،ۋاپاسىز ئىكەنسىلەر!ـــ دەپ ۋارقىرىغۇم كەلدى،لېكىن چىشلىرىم كاسىلداپ،ئاۋازىمنى پەقەت ئۆزۈملا ئاڭلىدىم...
-ھەي،يەنە بۇرنىڭىز قاناپ كىتىپتىغۇ؟قوپۇڭ ،يۇزىڭىزنى يۇيۇۋېتىڭ،-بىر خىزمەتدىشىم شۇنداق دىگىنىچە ئىككى قولتۇقۇمدىن كۆتۈرۈۋاتاتتى .
ـ ھە،ھە،-دىدىممەن،ئۇنىڭ قوللىرىنى نېرى ئىتتىرىپ، –مەن ئادەم ئۆلتۈرمىدىم،ياق مىنى قويۇۋېتىڭلار !
سىرتقا قاچماقچى بولۇپ،ئىشككە قاراپ ئېتىلدىم.بىراق ئىشىكنى تاپالمىدىم .قاياققا يۈگۈرسەم تام ،ئاخىر دېرىزىنىڭ يېنغا باردىم. ئاللىبۇرۇن مۇشۇنداق بۇلۇشى ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندەك دېرىزىمۇ ھاڭدەڭ ئۇچۇق ئىدى. سىرتقا سەكرىمەكچى بولدۇم.
-ئۇنى تۇتۇۋېلىڭلار ،ئۇ ئېلىشىپ قاپتۇ.
ئىككى ئادەم كىلىپ مىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى .
-توۋا، بىر ئوبدان ئادەم تۇرۇپلا سارااڭ بوپ قالدىيا...
-نىمىگە قاراپ تۇرۇسىلەر؟ تىز باشلىقنى چاقىرىڭلار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى .
  بۇ تۇمانلىق شەھەر.  نەگىلا قارىسا ،نەگە كۆز يۈگۈرتسە پۈتۈن شەھەرنىڭ تۇمان ئىچىدە ياتقانلىقى كۆرۈنىدۇ،تۇمان تۈپەيلى قۇياشنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ...





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-31 17:06:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپەككۇردىكى چوڭقۇرلۇق ۋە ئۆتكۈرلۈك ،ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئۆزگىچەئۇسلۇپ ،ۋەقەلىكنىڭ ئەڭ نازۇك،كىشىنى تەققازا قىلىدىغان  قىسمىنى ئۇستىلىق بىلەن ھەل قىلىش جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈككە قايىلمەن.
ئەسەرۋەقەلىگى يېڭى ،تەسىرى زور،ئىپادىلەش ئۇسىلى ۋە بايان شەكلى ئۆگىچە بوپتۇ.
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .سىزگە نەتىجىلەر ھەمراھ بولغاي....

ۋاقتى: 2016-1-31 18:22:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چامداش، بولمىغاندا ئ‍ىزلاش كېرەك .

ۋاقتى: 2016-1-31 21:34:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىروزا ئەسەرلىرىڭىز ئىچىدىكى ماڭا بىردىن بىر ئازراق يارىغان ھېكايىڭىز مۇشۇ بوپتۇ. يەنىمۇ ئالغا دوستۇم.

ۋاقتى: 2016-1-31 22:44:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ قىرلىق ئىستىداتىڭىزغا قايىلمەن،

ۋاقتى: 2016-1-31 23:25:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى ئ‍ىنكاسىمنىڭ داۋامى : يانغاندا توختاش دۇرۇس .

ۋاقتى: 2016-2-1 04:21:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،مەن، ئۇ، ئايالىم  .مانا بۇلار« تۇمان »ناملىق ھېكايىنىڭ تىپىك  پىرسۇناژلىرى .ھېكايىدا ھېچكىمنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغا ن بولسىمۇ ئەمما پىرسۇنازلارنىڭ ئوبرازى شۇنچە يارقىن ،شۇنچە مۇكەممەل يارىتىلغان.قان،ئاق كوپتا .ھال رەڭ سومكا ھەر بىر قېتىم تىلغا ئېلىنغاندا بىز ئۇلارنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى قىينالمايلا پەرەز قىلالايمىز. مانا بۇ ئاپتورنىڭ ئوبراز يارىتىشتىكى ئۆزگىچە تالانتىنى نامايەن قىپ تۇرۇپتۇ.
    ھېكايە باشتىلا تۇمان بىلەن باشلىنىپ،يەنە تۇمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.بىز باشتىن ئاخىر  «مەن»نىڭ بىرخىل ھارغىن -ئىلاجسىزلىق ئىلكىدىكى مۇرەككەپ روھېي دۇنياسىنى كۆرۈپ تۇرىمىز.چۈنكى، شەھەر تۇمان ئىچىدە،ئادەملەر تۇمان ئىچىدە،تۇرمۇشمۇ تۇمان ئىچىدە قالغان.تۇمان قوياش نۇرىنى ،چىراقنىڭ شولىسىنى، توسۇۋېلىپلا قالماستىن يەنە ئىنسانىي ۋىجدان،بۇرۇچ،مەسئۇلىيەت ۋە ئەخلاق -پەزىلەتنىمۇ غۇۋالاشتۇرۇۋەتكەن.مانا بۇ ئاپتورنىڭ ھېكايىگە نىمە ئۈچۈن «تۇمان »دەپ تىما قويىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى بولسا كېرەك.
   ھېكايىدا ،«مەن»نىڭ سىرىتتا «ئاشنا »تېپىۋىلىشى، ئايالىغا ئاسىيلىق قىلىشىدىن كىلىپ چىققان ۋىجدان ئازابىي،روھېي، ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر چارچاش نەتىجىسىدە كىسەل ھەتتا "ساراڭ" بولۇپ قېلىىشى،تۇرمۇشتا «تالاغاقاراپ قېلىش»جۆرىسىگىلا ئەمەس، ئۆزىگىمۇ روھېي،جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر زىيان ئېلىپ كىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاچچىق ھەقىقەتنى- «ئاشنا»ئويناشنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن  ئېچىپ بەرگەن .
   ھېكايىنىڭ قىسقالىقىدىن كۆرە،سىئۇژىتنىڭ مۇرەككەپلىكى ھەم ئۇسستلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلىشى،پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ تىپىكلىكى ھەم مۇكەممەللىكى،ئالدىن پەرەز قىلىش قىيىن بولغان ئاخىرقى يەكۈننىڭ مۇقەرەرلىكى، ئاپتورنىڭ ئىستىداتىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ.مەن ئاپتورنى  «تۇمان»نىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن تەبرىكلەيمەن.
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوسمانجان زۇنۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-2 10:26  


ۋاقتى: 2016-2-1 09:54:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى، چۇڭقۇر مەزمۇنلارغا تويۇنغان ھېكايىڭىزىنى ياختۇرۇپ ئوقۇدۇم

ۋاقتى: 2016-2-1 16:22:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيدىكى لوق كۆشكە قانائەت قىلماي، سىرتتىكى بەزلەرگە قانات سۆرىسە مۇشۇنداق بولىدا ئەينا!

بۇ ھىكايىنى ياقتۇردۇم، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-2-2 00:45:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ، ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تېلەيمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش