كۆرۈش: 667|ئىنكاس: 0

تۇرسۇنجان لىتىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    IMG_014.JPG

    مۇزىكا نەزەرىيىچىسى، مۇزىكا مائارىپچىسى ۋە كومپوزىتۇر، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى تۇرسۇنجان لىتىپ 1951-يىلى يەركەن ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. گۈدەك چېغىدىلا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا كىلىپ ماكانلاشقان. قورغاس ناھىيىسى كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 1965-يىلى شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1966-يىلى كۆكدالا سەنئەت ئەترىتىگە قوبۇل قىلىنىپ، شۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. 1969-يىلى غۇلجا 4-دېۋىزىيە سەنئەت ئومىكىگە، 1976-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل ئومىكىدە، مۇزىكا ئورۇنداش، ئىجادىيەت، ئوقۇغۇچى تەربىيىلەش ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1979-يىلى بېيجىڭ مەركىزى مۇزىكا ئۆمىكىدە ئىسكىرىپكا كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. 1985-يىلى ئىلى 2-پېداگوگىكا مەكتىپىگە يۆتكىلىپ، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى ۋە سەنئەت كافېدىراسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1988-يىلى 6-ئايدا كۆرىنەرلىك كەسپىي نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، دەرىجە ئاتلاپ ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي ئۇنۋانغا ئىرىشكەن. 1990-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستېتوتىنىڭ سەنئەت شۆبە ئىنىستېتوتى مۇزىكا فاكولتېتىدا كۆپخىل نەزەرىيە ئوقوتۇشى ۋە ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، 2013-يىلى پېنىسىيىگە چىققان.
     تۇرسۇنجان لىتىپ مۇزىكا چېلىش، ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا ئىجادىيىتى، ئەدەبىي ئىجادىيەت، رەسساملىق، ھۆسنىخەت، فۇتۇ سۆرەتچىلىك، تەرجىمانلىق ۋە ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپخىل قابىلىيەتكە ئىگە تالانتلىق سەنئەتكار بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە «ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش كېرەكمۇ- يوق؟»، «مۇزىكا ئاتالغۇلىرىنىڭ ئەينەنلىكى توغرىسىدا»، «مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى توغرىسىدا»، « ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇرمۇقاملىرى پەقەت"12"مۇ؟»، «مۇزىكا سەنئىتى ۋە ⅩⅩئەسىر» قاتارلىق 70 تىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى؛ «ھەسىرەت مۇقامى»، «جەڭچىلەرمارشى»، «شانلىق 21-ئەسىرگە قاراپ ئالغا!»، «ئوقۇتقۇچىلار مارشى»، «ئەسىر كۈيى-"ئۈمىد نۇرى"» قاتارلىق 60 تىن ئارتۇق مۇزىكىلىق ئەسەرلىرى؛ «ئىشچان يارغاجۈربولاي»، «ئۈرۈمچىنى سۆيىمەن!»، «غىزا ھەققىدە لەتىپە»، قاتارلىق شىئېر، نەسىر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرى ھەمدە بىر قىسىم ھۆسنىخەت، رەسىم ئەسەرلىرى ئاپتۇنۇم رايونىمىز ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق مەتبۇئاتلاردا،رادىئو-تېلىۋىزىيىلەردە ئېلان قىلىنغان. بەزى ئەسەرلىرى بىلەن تەتقىقات تۈرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتۇنۇم رايون بۇيىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ، 1982-يىلىدىن باشلاپ «ئاددى نوتا ساۋاتى»، «بەش سىزىقلىق نوتا ساۋاتى»، «ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى» قاتارلىق كەسپىي تەتقىقات كىتابلىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىسى ئاساسىدا يېزىلغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا كەسپىي دەرسلىكى «مۇزىكا ئاساسىي نەزەرىيىسى»، «جۇڭگو مۇزىكا تارىخى»، «مۇزىكا ئوقۇتۇش مېتودى»، «گارمۇنىيە ئاساسلىرى»، «خور ۋە دىرېژورلۇق»، «ياۋرۇپا مۇزىكا تارىخى»، «مۇزىكا ئىجادىيەت نەزەرىيىسى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت 22 پارچە كىتابنى تۇزۇپ چىقىپ، كۆپ قىسمى نەشىر قىلىنىش بىلەن ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ مۇزىكا مائارىپىدىكى زور  بوشلۇقنى تولدۇردى.
ئۇنىڭ نەتىجىلىرى ۋە تەتقىقات تۈرلىرى بىر قېتىم دۆلەت دەرىجىلىك، 14 قېتىم ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك، 8 قېتىم ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپات شەرىپىگە ئېرىشتى. ئۇندىن باشقا، 1983-يىلىدىن ھازىرغىچە كۆپ قېتىم ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى ھەردەرىجىلىك گېزىت-ژورنال ۋە رادىئو-تېلىۋىزىيىلەردە مەخسۇس تونۇشتۇرۇلۇپ، ئىش-ئىزلىرى مەملىكەتلىك «ھازىرقى زامان سەنئەت ساھەسىدىكى ئاتاقلىق ئەربابلار» قامۇسى، شىنجاڭ «ئالىي مائارىپ روھى» قامۇسى، شىنجاڭ «مۇقام تۆھپىكارلىرى» قامۇسى ۋە شاڭگاڭدا چىقىرىلغان «دۇنيادىكى مەشھۇر كىشىلەر» قامۇسى قاتارلىق كىتابلارغا كىرگۈزۈلدى.
ئۇ، 2006-يىلى 9- ئايدا چاقىرىلغان خەلقئارالىق «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئېتنومۇزىكولوگىيە تەتقىقاتى 11-نۆۋەتلىك ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى»غا قاتنىشىپ، خەلقئارا مۇنبەردە خەنزۇ تىلىدا ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى تەتقىقاتى» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى بۇيىچە دېسسىرتاتسىيە ياقلاپ، جۇڭگو-چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئالىملىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى ھەمدە مەزكۇر ماقالىسى ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ «ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى» غا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدە دۇنيا سەھنىسىدە مۇزىكا نەزەرىيە تەتقىقاتى بۇيىچە خەلقئارالىق ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان تۇنجى كىشى بۇلۇپ قالدى.
ئۇ، ھازىر جۇڭگو مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مۇزىكا ئاساسىي پەنلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستېتوتى مۇزىكا شۆبە ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسسورى ۋە ئېلىم-پەن يېتەكچىسى، ئاپتۇنۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 9-،10-نۆۋەتلىك كومېتىتىنىڭ دائېمىي ھەيئىتى .




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش