«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى» غا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر
شېئىرلار
ھەلىمە مەخمۇت
مەڭگۈ دېمە ئەلۋىدا
گۈزەل نەرسىلەرنىڭ بەك قىسقا مۇددەتلا مەۋجۇت بولىدىغىنى ،
گۈللەرنىڭ تەستە بەرق شۇنچە ئاسان سولىدىغىنى.
ئىچىمنى ئىيتىشتۇرار ، مېنى دەردكە دۇچار قىلار ،
شېئىردىن كىيىن ھاياتنىڭ يەنە سەنسىزلىك بىلەن تولىدىغىنى .
پايانى ئىنىقسىز بىر جۇدالىقنىڭ ئىككى چىتىدىكى ،
جىلۋىدار نۇرلار ۋە شۇلىلار بىلەن تۈسلەنگەن رىئاللىقنىڭ ئىككى بېتىدىكى .
ئەڭ تونۇش ناتۇنۇشلارغا ئايلانغان ئىككى پىرسۇناژ بىز،
تەقدىر پىشانە دەپ ئاتىلىدىغان سىھىرلىك يازمىشنىڭ سىھرى خىتىدىكى .
تومانلىق ئوپۇق ، قىزغۇچ شۇلىلاردا سېنىڭ سۈرىتىڭ ،
سۈكۈتلىرىڭ بىلەن ماڭا زولۇم سېلىش يۈتمەس خىسلىتىڭ .
پەقەت مىسرالاردا ئاندىن ماڭا تەۋە بولسەن ،
قەلبىمدىن ، قەددىمگە قەدەر لىق مۇھەببىتىڭ .
مەيلى يىراقلاردا بول، مەيلى پىراقلاردا بۇلاي ،
مەيلى ئوپۇقلاردا بول ، مەيلى نائىلاجلىققا تۇلاي .
مەندىن كەتمە ، مېنى تەرك ئەتمە ، دېمە ئەلۋىدە ،
سەن بار مىسرالارنى دەپ ھاياتنى تۈگەل سەنسىىزلىككە سوناي ...
مەستخۇشلۇق
سۆيگۈنىڭ پۇرىقىدىن مەست بولدۇم ،
ھاياتنىڭ يۇرۇقىدىن مەست بولدۇم .
ھەممە بىر چەتتە قالدى ، ھەممە ھەۋەستە ،
ئۆزەمنىڭ تۇرقىدىن مەست بولدۇم .
كۈتۈش سەرپ بولغان مۇشۇ دەملەرنى ئولۇغلاپ ،
كەلدىڭ ، كەلدى بارچە ، تەلپۈنگەن ھەممىنى تولۇقلاپ .
ئەرزىدى كۈللى بىقارارلىق ، كۈللى ئىنتىزارلىقلار
كۆلدى پەرياد قىلدى ناۋا ئۆز غەلىبىسىنى قۇتلۇقلاپ .
خىياللارنىڭ ئاجايىپ سىھرىدىن مەست بولدۇم ،
قىياسلارنىڭ نۇرلۇق چىھرىدىن مەست بولدۇم .
مەستلىكتىن يېشىلسەم رىئاللىق يەنە سەنسىز پىتى ،
شۇندىمۇ مەست بولدۇم ، قىسمەت قەھرىدىن مەست بولدۇم .
مۇشۇ پىتى
ھايات مۇشۇ پىتى داۋاملىشىدۇ مۇشۇ پىتى ،
كەلمەيدۇ ھەرگىزمۇ ئۇ ھىكايىگە راۋاج نۆۋىتى .
ھىچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ ئۇھسىنىشلار سەۋر ۋە تاقەت ،
داۋام ئېتىلىدۇ ھەممە – بىقەدىرلىك ، زارلىق كۈلپىتى .
ناخشىلاردا قاناپ تۇرىمەن ، سەن تۇرىسەن مىسرالاردا چاقناپ ، چاقناپ ،
قىسمەت مېنى مەسخىرە ئېتىدۇ ، ئۆز مەغرۇرلىقىدا ياشناپ ، ياشناپ .
ھەممە ئالغا قاراپ كېتىۋىرىدۇ ، مەۋسۈملەر ئۆزىنى سەرپ ئېتىۋىرىدۇ ،
مەن ياشايمەن ، ئۇنتۇلاي دېگەن بىر رىشتىنى ھالسىز باغاشلاپ .
ھايات شۇ پېتى ، شۇ پىتى بىقارارلىقلار ،
شۇ پىتى تەقەززالىق ، شۇ پىتى ئىنتىزارلىقلار .
شۇ پىتى سەن ، شۇ پىتى مەن ، شۇ پىتى قىسمەت ،
ئاخىرى تۈزۈپ تۈگەيدۇ ھەممە – ئىنكار ، ئىزھار ، پەرۋاسىزلىقلار ..
كېچىدىن ئۈتۈۋاتامسەن
ئەڭ مەغرۇر قامىتىڭ ، ئەڭ چاقناق ھالىتىڭ بىلەن ،
كېچىنى كېچىۋاتامسەن ، كېچىدىن ئۆتۈۋاتامسەن .
ئەڭ نۇرلۇق نىگاھلىرىڭ ، ئەڭ ئاتەشلىك زىياھلىرىڭ بىلەن ،
كېچە سۈلكەتلىرىگە يەنە سۈلكەت تۈكۈۋاتامسەن.
مەيلى سىرتتا مەيوس دەرەخ ياكى مەغرۇر يولتۇزلارغا ھەمراھ بولغىن ،
مەيلى خالىساڭ ئۆينىڭ ئىچىدە چىراق سىرغىتىۋاتقان ھەسرەتلەرگە لىپلىق تولغىن
مەيلى خىيال كۈكلىرىگە پەرۋاز ئەت ، ئۆزەڭنى بىر شادىمان قۇشقا ئەنداز ئەت ،
مەيلى رىئاللىقنىڭ ۋەھىمە ۋە تەشۋىشلىرىدە سارغايغىن سولغىن .
بۇ ئالەمدە سېنىڭ بولغىغىنىڭغا نېمە يېتەتتى ،
مىسرالىرىمغا لىپلىق تولغىنىڭغا نېمە يېتەتتى .
ئەگەر سەن بار پىراقلار توپەيلى شېئىر چېچەكلىمىسە ،
كېچىنىڭ پايانى ۋە پەريات بايانى دەل جاندىن ئۆتەتتى.
كېچىدىن ئۆتۈۋاتامسەن ، ئۆتىۋەر ئۆتكىن ،
شېئىرغا كۈچۈۋاتامسەن ، كۈچىۋەر كۈچكىن .
لەبببەلەپ سىرغىپ چۈشۈپ بىر زەررە قاردەك ،
سارغايغان بۇ تەقدىر پىشانەمگە مىھىرلىك ئۆپكىن .
بەك كەچ ئۇخلاش
رەئىس ئەزالىرىمغا زىيانكەشلىك قىلماسلىقىم ،
ماڭا قاراپ ئېچىنىۋاتقان كېچىنىڭ باغرىنى تىلماسلىقىم ،
كىرەك ئىدى ، ھەقىقەتەن كىرەك ئىدى بۇندا شۈبھى يوق ،
ئۇخلىماستىن كېچىنى بەك كەچ قىلماسلىقىم .
نە ئىلاجىم سۆزلەر مېنى بۇندا ساقلاۋاتسا ،
پىراق ، سىغىنىش ۋە ئىستەك ئۆزىنى ماڭا تەڭلاۋاتسا ،
نە ئىلاجىم ئىزھار ئىنكار يىرىقلىرىدىن بىخ يېرىپ چىقىپ ،
قەھرىتان توسىدىكى ھاياتىمنى گۈلگۈن جىلۋىلەر دە رەڭلەۋاتسا .
جىگەر قاتارلىق رەئىس ئەزالىرىمغا زەرەر يەتمەكتە ،
ئۇلار زەھەر تازىلايدىغان ۋاقىت كەتمەكتە ، ئۇلارغا ئاشماي كەتمەكتە .
ئەمما يۈرەك تەسۋىرسىز بىر ئازادىلىك ۋە خۇشھاللىق بىلەن تولدى ،
ئۇنىڭ قىقاس چۇقانلىرى داغدۇغىسىز مىسرالار ئارقىلىق ناۋا ئەتمەكتە ...
مۇشۇ پەيتلەردە
ماڭا يەنە سېنى ئەسلىمەكتىن ئۆزگە ،
مەشغۇللۇق يوقتۇر مۇشۇ پەيتلەردە .
ھەيرانمەن تۇزىمىدىم ، سولمىدىم ياكى ،
قىسمەت سۇنغان،ئىنكارلاردا ، بارچە قەيتلەردە .
بىخ زورىيىپ ، غۇنچىلار گۈل بەرگىگە ئايلانماقتا ،
بارچە ھەسرەتلەر جۇغلىنىپ يۈرەك بىقارارلىقتا داغلانماقتا .
مۇشۇ پەيتلەردىكى مەن ، مۇشۇ پەيتلەردىكى سەن ، چەكسىز مۇساپە...
بارچە سۆزلەر سۈكۈت قەھرىتانلىرىدا مۇزغا ئايلانماقتا .
مۇشۇ پەيتلەر ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى كىيىنكىلىرى ،
مىسرالاردا ياشناۋاتقان ، چاقناۋاتقان قەلب زىلزىلىلىرى .
گۈيا يامغۇر كەبى تامچىلىماقتا بارچە ھەسرەت بارچە ئىبرەتلەر .
ئۇنىڭ جىلۋىلىرىدە سوس يالتىرىماقتا سەن بار سۆيگۈ جەزىرىلىرى .
ئاسان ئەمەس
ساڭا ئاسان ئەمەس ،
ماڭىمۇ ھەم ،
ھاياتقىمۇ ئاسان ئەمەس ،
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىمۇ نەم .
ئاسان بولمىغان ھايات ،
ئاسان بولمىغان بەربات .
شىئىرلارغىمۇ ئاسان ئەمەس ،
ئۇلاردىمۇ لىققىدە پەريات .
بارچە ئاسان بولماسلىقلارنىڭ ئىچىدە ،
ياشاۋاتىمىز شۇ قەدەر ئاسان ،
چىھرىمىزدە كۈلكە تەبەسسۇم ،
ئەمما
ئىستەك ۋە تەقەززالىقىمىز پايخاندۇر پايخان .
ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىدا
ئېيتىلسىلا ئەھمىيىتىنى يۇقىتىدىغان سۆزلەر ،
يىغلىسىلا ھەسرىتىنى يۇقىتىدىغان كۆزلەر .
ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىدا سوزۇلۇپ ياتار ،
ئۇنتۇلغان بىر كۈي ھەم تۇزىغان گۈللەر .
بارلىقىڭ بىلەن ماڭا شۇنچە ئەلەم قىلىسەن ،
سۈكۈت تاشلىرىڭ بىلەن ئۈمۈت مايسىلىرىمنى مىجىپ تاشلاپ .
يوقلۇقۇڭدا تىخى بۇ باغرىمنى ھارماي تىلىسەن ،
يىراق ھەم مەۋھۈملۇقۇڭدا تەلپۈنۈشۈمنى زارلىققا باشلاپ .
تاغ داۋانلار ، جەزىرىلەر ۋە مۇساپىدىن بۆلەك ،
ئىككى خىل ئىستەك ۋە ئۇرۇنۇشنى كۈيلەۋاتقان ئىككى يۈرەك ،
ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىنى ئىپادە قىلىشقا يېتىپ ئاشار ،
سەنسىزلىك دەردلىك مىسرالاردا ئاچقانچە پۈرەك
زىرىكىشلىك
تەشۋىشلەر ئۆگدەپ قالدى ،
خوشاللىقلار سولىشىپ قالدى .
پەيتى ئىمكان كەلگەنلىكى ئۈچۈن ،
زىرىكىش ھەممە يەرنى بىر ئالدى .
ھەمىشە جوشقۇن بولغىلى بولمايدۇ ،
ھەمىشە مىھنەتتىلا تورغىلى بولمايدۇ .
ھەر نەرسىنىڭ پەيتى ئىمكانى بار ،
پەيتى كەلمىسە ئىمكانى تولمايدۇ .
شونداق قىلىپ شونداق قىلىپ ،
ۋاقىت بەرگىلىرىنى سىيرىپ سىيرىپ
بىھودە ئۆزەمنى ئىسراپ قىلماقتىمەن ،
زىرىكىشكە ئورۇن بېرىپ .
بەلكىم ئەتە
ئەتە ئۇيغىنالىشىم مېنىڭ سائادىتىم ،
چۈنكى بارچە تەلپۈنۈشلەرگە ئىمكان بولىدۇ .
ئەمما ، ئەتەمگە سېڭالماسلىقىم ئۇ قاباھىتىم ،
ئەتەم يەنە ئەسلىمە پۆرەكلىرىگە ماكان بولىدۇ .
باشقىدىن باشلىغىلى بولمىسىمۇ باشقىچە باشلىغىلى ،
بولاتتى ئۇ بارچە يۈكلەرنى چۈرۈۋەتكىلى تاشلىغىلى .
بۇلاتتى ھەئە بۇلار ئىدى مۇتلەق، تامامەن ،
نوردەك چاقنىغىلى ، گۈلدەك كۈركەم ياشنىغىلى .
ئوپۇق سېزىقلىرى كۈكۈچ تۇمانلاردا بەرىبىر ئىدى ،
يىراق يىراقلاردىكى يار مەۋھۇم ھەم پىنھانلاردا بەرىبىر ئىدى .
بەرىبىر ئىدى ، خۈنۈكلەشكەن ، ئۆچكەن ئەسلىمە ،
ئارمان ئەسلا يەتكىلى بولمايدىغان ئىمكانلاردا بەرىبىر ئىدى .
بونىڭلىق بىلەن ھاياتنىڭ مەنىسىنى يۇتتۇرۇپ قۇيماسلىق ئۈچۈن ،
مېنى مازاقلاۋاتقان قىسمەتكە ئۇتتۇرۇپ قۇيماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمەن .
كەل قىياسلىرىمنىڭ ھازىرى ، پىراقلىرىمنىڭ ئاخىرى ئەتەم ،
سەن بىلەن ئېلىشىمەن ، ھەم ئاخىرى ساڭا ئىرىشىمەن .
يېڭى بىر كۈن باشلاندى
سۈبھى تېنىقلىرى نەقەدەر خوشبۇي ،
سۈبھى قەدەملىرى نەقەدەر لەرزان .
ئاخىرى ئۇنىڭ دىدارىغا مۇشەررەف بولدۇم ،
قاندى ۋوجۇدۇمدىكى بىر پارچە ئارمان .
قۇياش نۇرلىرىدەك بىباھا ، ئىللىق ،
ئوپۇق جىلۋىلىرىدەك گۈلگۈن يېقىملىق .
بۇ يەردە بىر ھەقىقەت يالتىرىماقتا ،
بۇ يەردە ئەكىس ئەتمەكتە ئەڭ چاقناق چىنلىق .
قۇشقاچلار ناۋا ئەتمەكتە ، دەرەخلەر جاكا ،
يېڭى بىر كۈن باشلاندى!يېڭى بىر كۈن باشلاندى !
ھايات ئىمكانلىرىنىڭ ئەڭ نورلۇق ، ئەڭ گۈزەل ،
بىر پارچىسى مانا ئالقىنىمىز غا تاشلاندى !
مەيلى تەقدىر پىشانىڭىز بەختكە تولسۇن ، چىھرىڭىز مەغرۇر ،
مەيلى دەردىڭىز ئالەمچە بولسۇن ، كۈلپىتىڭىز دەريادىن چوڭقۇر .
سىزگە بىر پارچە ئىمكان بېرىلدى ، بىر پارچە ئارمان ،
سىز ئۇنى قىلالامسىز ئالقىنىڭىزدىكى بىباھا لەئلى دور .
ئۇنى سەرپ ئېتىڭ ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ،
ئۇنى سەرپ ئېتىڭ سۆيگۈ -ئەڭ مېننەتسىز بېغىشلاش ئۈچۈن .
ئوندا تىنىمسىز ئەجىر ئېتىڭ ، ئاندىن ئۇندىن پەخىر ئېتىڭ،
،بۇ ھاياتنى ئۆزىڭىز كۈتكەن كەبى چىن ، شاد ياشاش ئۈچۈن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-31 13:07
|