كۆرۈش: 579|ئىنكاس: 0

يوپۇرغىدا خەتتاتلىق ۋە ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
            يوپۇرغا ناھىيەسىدە خەتتاتلىق ۋە ئىمزالىق    كىتاب سېتىش  پائالىيتى  ئۆتكۈزۈلدى
5 f. z# L" u# _: |7 I
/ N/ G+ K8 E; _/ R) W0 f
1-ئاينىڭ 30-كۈنى ھاۋا بىر ئاز سوغۇق،ئۇششاق قار ئۇچقۇنلاپ چۈشىۋاتقان بولسىمۇ،يوپۇرغا«ئاۋام كىتابخانا،كۈتۈپخانىسى»نىڭ ئالدى ئىنتايىن قاينام تاشقانلىققا تولغان بولۇپ،بۇ كۈنى بۇ يەردە يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ياش خەتتات،يازغۇچى مۇھەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگنىڭ ھۆسنىخەت شەكلىدە يېزىپ يېقىندا نەشىر قىلدۇرغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن «ئوغۇزنامە»،«نەسىھەت ئامما» ۋە «ئەتەبەتۇلھەقايىق»قاتارلىق ئۈچ كىتابنى ئىمزالىق سېتىش، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بويىچە نەقمەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيتى ۋە ئېتىبار باھالىق كىتاب سېتىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى.
( G  Q% F/ z/ y# l. H! r% Jبۇ قېتىمقى پائالىيەتنى يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى ھامۇتجان ھوشۇرنىڭ «ئاۋام كىتابخانا،كۈتۈپخانىسى» ئويۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە قەشقەر شەھىرى ۋە يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى داڭلىق خەتتات، يازغۇچى، شائىرلاردىن قۇربانجان روزى شەيدائى، غولامجان قادىرى قۇتبىلگ،كۈرەشجان ھۈسەيىن ۋە ئەسقەر ئابدۇكىرىم،ساھىت سادىق، ئابدۇناسىر يونۇس ياۋايى،ئابدۇقېيۇم تۇرادىن مەجنۇن،تۇرسۇن ئەكرەم قاتارلىقلار ھەم ھامۇتجان ھوشۇر،مۇھمەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگنىڭ دوست-بۇرادەرلىرى، «ئاۋام كىتابخانا، كۈتۈپخانىسى»نىڭ ھەر ساھەدىكى ئوقۇرمەنلىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.% F$ B8 |8 R( F2 L+ h0 B
پائالىيەت داۋامىدا،مۇھمەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگ،قۇربانجان روزى شەيدائى، غولامجان قادىرى قۇتبىلگ،تۇرسۇن ئەكرەم قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق خەتتات نەقمەيداندا ئۇيغۇر خەتتاتلىق ماھارەتلىرىنى كۆرسەتتى.ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھمەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگ ھۆسنىخەت شەكلىدە يېزىپ چىققان «ئوغۇزنامە»، «نەسىھەت ئامما»،«ئەتەبەتۇلھەقايىق» قاتارلىق ئۈچ كىلاسسىك كىتاب؛ قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ «خوتەن قەغىزى ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى»ناملىق كىتابى ۋە ئابدۇقېيۇم تۇرادىن مەجنۇننىڭ «ۋېناسقا مەكتۇپ»ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئىمزالىق سېتىش پائالىيتى ھەم مۇھمەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگ ھۆسنىخەت ئەسەرلىرىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىپ،نەقمەيداندا 250 يۈرۈشتىن ئارتۇق كىتاب سېتىلدى. ئۈچ پارچە ھۆسنىخەت 1200 يۈەندىن 2800 يۈەنگىچە باھا تالاشتۇرۇپ سېتىلدى.
2 ~, t* S+ M  `. M! Z5 L6 eمۇھەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگ 1979-يىلى يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ بايئاۋات يېزىسىدا توغۇلغان،ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە «ھۇنبەگ كىتابخانىسى»نى ئېچىۋاتقان بولۇپ،يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىگە يېقىن ھۆسنىخەت،شېئىر، ھېكايە، نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان. كۆپلىگەن ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى ئاپتونۇم رايۇنلۇق،مەملىكەتلىك گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلغان،بىر قىسىم ئەسەرلىرى چەتئەللەردە كۆرگەزمە قىلىنغان.ئۇ يېقىندا يەنە، «ئۇلۇغلار بىزگە نېمە دەيدۇ»ناملىق 9 يۈرۈش كىتابنى تۈزۈپ،ئۈچ خىل ھۆسنىخەت شەكلىدە يېزىپ نەشىرگە تاپشۇرغان. مۇھەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگ ئۇنىڭدىن باشقا ئۆز ئىجادىيتى بولغان «ئاتامنىڭ كېسىلى»(رومان)،«سەتەڭنىڭ ئۆيى»(پوۋېستلار توپلىمى)،«ئەگىز ھىدى»(ھېكايىلەر توپلىمى) قاتارلىق ئەسەرلىرىنى نەشىرگە تاپشۇرۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ،ئۇ ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەتتاتلار جەمىئىيتى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمىئىيتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ پىشقەدەم كادىرلار خەتتاتلىق-رەسساملىق ئىلمىي جەمىئىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
0 ]4 w! |1 }5 \, ?; Z2 Q/ q
1 Y, v  K2 s  a) T                                    پائالىيەتتىن   بىر قىسىم  كۆرۈنۈشلەر5 t: E, o5 Z* K" W8 k

9 y9 f- w( Z6 H) s6 b
  U0 ^) \: L$ W% N6 @9 {  o# y1 R( T. e3 a# A* ?; F
1.jpg

2 Z) @6 w0 t1 t, W
2.jpg
5 z( @# E& U+ |7 b" w# w2 b
5.jpg
$ P9 k7 z2 I: T6 _
4.jpg

, O- @2 K3 T! n; _0 `( H" d( H: k+ a; M
3-surat.jpg

+ {. S5 Y) W/ q' L* v/ [$ `
3.jpg
" j. p, A( K! R6 U" f
2 V' V+ ?0 `0 k7 r! H8 a/ j( w

# Y' ?5 R( R- e2 u) K$ n5 S. Z, M  e' ~, G  [1 n5 E% R# v
, p( V; V% |# o  U% Z* M$ d  q

1 g6 D4 z1 d: w6 Y' w! W+ S# s* p بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-31 14:40  
8 V$ X6 V$ l4 Z. L: u" X( F% @( }2 S+ M) N: ]9 w

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش