يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 345|ئىنكاس: 3

ئادىلجان ھەسەن: «كۆك قوچقار» نىڭ غوجايىنى(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                          «كۆك قوچقار» نىڭ غوجايىنى

                                 (ھېكايە)

                            ئادىلجان ھەسەن

       بۇ قېتىم شەھەرگە بارغىنىمدا،  ئىت قوغلىغاندەك ئۇياقتىن بېرىپ،  بۇياقتىن قايىتمىدىم.  بەلكى ۋاقتىمنى دىتلىۋېلىپ،  بۇرۇتۇم مايلانغىچە يەپ،  يۈرىكىم چىلاشقۇدەك ئويناپ بولۇپ،  يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا يانچۇقنى كولاپ، ھەميانغا قاراپ بېقىپ يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى. دېمەك خېلى پۇلنىڭ بېشىغا سۇ قۇيغان ئىدىم. گەرچە ئۆزۈمگە «ئەللىككە كىردىڭ بايقۇش، ئۆمرۈڭنىڭ تەڭدىن تولىسى تۈگىدى، ئەمدى يەنە قىسىپ، تاپقىنىڭنى گۆرۈڭگە ئېلىپ كېتەمتىڭ؟» دەپ تەسەللىي بەرگەن بولساممۇ، ئەمما يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشقىنى ئېچىشقان ئىدى.
      ئەمدى گەپ ئامال بار كۆز ئالدىمدا تۇرغان كىراسى قىممەت، كىچىك ماشىنىغا چۈشمەي، يىراق بولسىمۇ چوڭ ئاپتۇبۇسقا چۈشۈپ ئاستا ئۆيگە كېتىۋېلىش ئىدى. بىراق قولدىكى سومكىنى كۆتىرىپ چوڭ قاتناشقا پىيادە بارغۇلۇقمۇ ياكى بىرەر تونۇشنى ئۇچرىتىپ قالارمەنمۇ دېگەن خىيال،  مېنى دىلىغۇل قىلماقتا ئىدى. شۇنداق ئىككى تايىن بولۇپ قاتناشقا بىر مېتىر بولسىمۇ يېقىنلىشىش مەقسىدى-دە، ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋاتسام ھاجىتىم قىستىغىلى تۇردى، ئەتراپتىكى ھاجەتخانىلارغا كىرسەم بىھۇدە بىر سوم پۇلغا زىيان بولىدىغىنى ئېنىق ئىدى. شۇڭا ئەتراپىمغا بويۇنداپ قاراپ دوختۇرخانل ئىزدىدىم. تەلىيىمگە يېقىن ئەتراپتىلا دوختۇرخانا ئۇچراپ قېلىپ، بىر سومنىڭ كۆزىگە مىق تىقىلمىدى. ئەمدىلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ، پىيادىلەر يولىغا چىقىپ ئالدىمغا قاراپ مېڭىپ تۇرۇشۇمغا، يېنىمغا بىر ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت كېلىپ توختىدى.  موتۇنى ئاق يۈزلۈك، كىيىم-كېچىكى ئەبگاراق مەن دىمەتلىك بىر ئادەم ھەيدىگەن بولۇپ، كوزۇپتا بىر گاز تۇڭى تۇراتتى، مەن بۇ ئادەمنى تونىمىغاچقا كېتىۋەرمەكچى بولۇپ مېڭىۋىدىم.
      - بۇرادەر نەگە ماڭغانتىڭلار؟ قولدىكى سومكا ئېغىردەك تۇرىدۇ، ئىچىدە نىمە بارتى؟- دەپ سورىدى.
      -ھە، قاتناشقا ماڭغان، سومكىنىڭ ئىچىدە كىتاپ بار.- مەن كىچىك بالىدەك ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇردۇم.
      -قاتناش دىگەن نە ئۇ؟ چىقىڭلار بۇ موتۇغا مېنىڭمۇ قىلىدىغان ئىشىم بېكەت تەرەپتە، پاراڭلاشقاچ بىردەمدە بارىمىز دىدى ئۇ ئادەم. مەن يا چىقىشنى، يا رەت قىلىشنى بىلمەي تۇرغاندا ئۇ:
      -ئەنسىرىمەڭلار ئاداش «مەن كۆك قوچقار»نىڭ خوجايىنى، ئىسمىم ئالىم.- دەپ مېنى سەنلەپ تۇرۇپ ئۆزىنى تونۇشتۇردى. «بۇ قانداق گەپ بولدى؟ كۆك قوشقار باقىدىكەندە» دەپ ئويلۇدۇم. ئەمما بۇ موتسىكىلىتنىڭ قەيىرىگە چىقىشىمنى بىلمەي ئۇنىڭغا تەلمۈرگەندەك قارىدىم.
      -ھە، يېنىمغا چىقىۋەر، مانا ماۋۇ يەرگە.- دەپ ئۆزى ئولتۇرىدىغان جاينىڭ يېنىدىن مەن پاتقۇدەك ئورۇننى كۆرسۈتۈپ بەردى.  بۇ ئىشمۇ مەن ئۈچۈن. بەك بەلەن بىر ئىش بولغان ئىدى چۈنكى مەن ئەمدى كوچا ئاپتۇبۇسقا تۆلەيدىغان يەنە بىر كوي پۇلنىڭ كۆزىگە مىق قېقىشتىن ئامان قالغان ئىدىم. بىز يانمۇ يان ئولتۇرۇپ، ئارقا كوچىغا چىقتۇق، ئۇ ماڭا قارىۋەتكەندىن كېيىن:
      -  قارىسام ئاداش، تەڭ دىمەتلىك ئوخشايمىز، شەھەردىكى «كۆك قوچقار» دىگەن ئاشخانىنى بىلەمسەن؟ ھە مەن شۇ ئاشخانىنىڭ خوجايىنى.
        - راسىت ئاڭلىغان، ئۇ خېلىلا داڭقى بار ئاشخانا.
       -شۇنداق خېلىلا ئەمەس ئوبدانلا داڭقى بار ئاشخانا دىگىنە.
       -ھە شۇنداق، داڭلىق ئاشخانا.
     -ھە ماۋۇ گېپىڭ جايىدا بولدى.- دىدى ئۇ.  بىز بىر پەس جىمجىت ماڭدۇق. مەن ئىچىمدە «بەزى يەرلەردە داڭلىق كىشىلەر ئۆزلىرى تۇرخۇنلارنى تازىلايدىكەن، ئەۋرەز يوللىرىنى رىمۇنىت قىلىدىكەن. مانا بۇ ئادەممۇ ئۆزى شۇنچە نوچى ئاشخانىنىڭ خوجايىنى تۇرۇپ ئېسىل ماشىنا ھەيدەشتە يوق، ئاددىي موتۇ بىلەن گاز ئەكەلگىلى مېڭىپتۇ، بۇلارنىڭ ئالدىدا مەن نىمىتىم، شۇنچە بەدخەجلىك قىلىدىغان. » دەپ خىيال سۈردۈم. موتۇ نەلەردۇ بىر يوللار بىلەن ئىلگىرلەۋاتاتتى، بىر چاغدا ئۇ شەھەر سىرتىدىراق جايلاشقان بىر ئاشخانىنىڭ  ئالدىغا كېلىپ موتېسىكىلىتنى توختاتتى-دە، كوزۇپتىكى گاز تۇڭىنى چۈشۈردى. ئاندىن ماڭا قاراپ:
      -ئاداش مۇشۇ مېنىڭ ئاشخانام، ئالدىراشچىلىقتا سېنى قاتناشقىمۇ ئاپىرىپ قويالمىدىم، يولدا ھەمرا بولغىنىڭغا رەھمەت، بۇ يەرگە كوچا ئاپتوبۇسمۇ كەلمەيدۇ، تاكسى توسىساڭ ئونبەشكويغا ئۇدۇللا ئاپىرىپ قويىدۇ.-دىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئونبەشكويغا ئۆيۈمگە بېرىۋالاتتىم ئەمەسمۇ؟ مەن ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ھومايدىم، بىراق ھېچنىمە دىيەلمىدىم. چۈنكى ئۇنىڭ كەينىدىلا ئاددى پەنەركىگە يېزىلغان«كۆك قوچقار» تېز تاماقخانىسى دىگەن ۋىۋىسكا مېنى مەسخىرە قىلغاندەك قاراپ تۇراتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-31 13:13  


باھا سۆز

يېڭى ئىملا قائىدىسىدە «خوجايىن» ئەمەس، »غوجايىن»  ۋاقتى: 2016-1-31 01:14 PM
يائاللا ئاتۇشلۇقمۇ قويۇلۇپتۇ-دە .  ۋاقتى: 2016-1-30 11:36 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-30 22:34:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كۆك قوشقارنىڭ»خوجايىنى(كۆرۈنمە ماۋزۇغا مۇشۇنداق يېزىلىپ قاپتۇ) --«كۆك قوشقار» نىڭ خوجايىنى ناھايىتى ئىخچام،مۇۋاپپىقىيەتلىك يېزىلىپتۇ.ياخشى يېرى ئۇ قاتناشقا ئاپىرىۋىتىپ «ماڭا 15 كوي بېرىسەن» دەپ تۇرۋالماپتۇ.ھازىر جەميەتتە باشتا دىيىشمىگەن ئىشتىن چاتاق چېقىۋاتىدۇ.

باھا سۆز

قوچقار كۆك ئەمەس ئوخشايدۇ. ئەكسى مەنىدىكى سۆز-جۈملىلەرنى قوش تىرناققا ئالى  ۋاقتى: 2016-1-30 10:38 PM
ۋاقتى: 2016-1-30 23:57:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە قۇرۇلمىسى ئەپچىل ، يۇمۇرلۇق يېزىلىپتۇ . ھازىر جەمىيىتىمىزدە كاللىسىنى ئىشلەتمەي ئاۋارېچىلىققا ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ تۇرىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس .

ۋاقتى: 2016-2-2 19:44:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجان بۇ ھېكايەڭ ياخشى چىقىپتۇ،بىراق ‹‹كۆك قوشقار››نىڭ خوجايىنىغا سەن نىمە قىلغان بولغىيتتىڭ ئاداش....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش