تۇپراق بېشىدىكى پىغان
ئابدۇقادىر مۇھەممەتئىمىن سابا
بەش يىل بۇرۇن
ئوتى ئۆچكەن گۈلخاندەك،
ساقىپ چۈشكەن يۇلتۇزدەك،
بارلىق بىلەن يوقلۇققا تۇتىشىپ،
سۇمرۇغ كەتكەن قايتا تۈرەلمەسكە.
يىغا بىلەن كەلدى دەپ،
يىغا بىلەن ئۇزاتقان،
تاغلاردا كىيىك ھەسرەتتە ياش تۆكۈپ،
باغلاردا ئاغۇ يىغلىغان.
ئارغىماق يۈگەن ئۈزۈپ.
كارۋاندا تۈگە بوزلاپ،
كاككۇكلار مۇڭلۇق سايرىغان
ئامىن، ئاللاھۇ ئەكبەر بىلەن،
يەتتە كەتمەن توپا تاشلىنىپ،
يەتتە قەدەملىك رازىلىق بىلەن ،
كەلمەس سەپەرگە ئاتلانغان.
بەش يىلدىن كىيىن،
كاككۇك پىغاندا سايراپ،
ئاسمان قار بىلەن يىغلاپ،
بۇلبۇل ھەسرەتتە مۇڭلاپ،
مەرسىيە ئوقۇپ قەلب،
ئىزلەيدۇ سىنى يادلاپ:
ياش ئىدىڭ، يانماس ئىدىڭ،
ھەق يولدىن تايماس ئىدىڭ،
تىللاردا داستان بولۇپ،
يوللىرىڭ تاغدا قالدى،
ئىزلىرىڭ باغدا قالدى،
پاك روھىڭ ئامان بولسۇن،
جاۋابىڭ ئاسان بولسۇن،
سەن تۇتقان قەلەم سۇنماس،
جۈرئىتىڭ يىراق بولماس،
ھەممىگە ۋارىس بولۇپ
ياش تۆكۈپ سابا قالدى....
2016.1.28
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇقادىر. م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-30 15:49
|