يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 202|ئىنكاس: 0

پولات: كۆڭۈل (ھىكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 12:21 PM  

                       كۆڭۈل
                      (ھىكايە)
                 پولات ۋىلاخۇن ئىلى
   باھار ئايلىرى.ھاۋا ئوچۇق ھەم شۇنداق ئىللىق.بۇ كىچىككىنە مەھەللە باھار قۇشلىرى كىلىشى بىلەن ئۆزگىچە جانلىنىشقا باشلىغان ئىدى.
   ئۆز پارنىكىدا يېتىشتۈرگەن تۈنجى سەي-كۆكتاتلىرىنى ئۈچ چاقلىق موتۇسىكىلىتقا بېسىپ يېزىنىڭ ئاۋات بازىرىغا ئېلىپ ماڭغان قەلبىنۇر ھەدىنىڭ شادلىقى ئۆزگىچە ئىدى.ئۇنىڭ قەلبى قانداقتۇر بىر شادلىق،ئۈمۈد،ئىشەنچكە تولغان بولۇپ،ھەممە يەر ئۇنىڭغا ئىللىق كۆرۈنەتتى.
   ـــ ئەرەپخان،ھا...ي ئەرەپخان،بارمۇ سەن؟
   ـــ ھە،مانا-مانا...كېمدۇ بۇ،پەرىدە قورايمۇ نېمە...توۋۋا،ئەتى – گەنلا ئۇنى ئويلاپ قىلۋاتاتتىم،مەن ئويۇمنى تۈگەتمەيلا ئۇمۇ يېتىپ كەپتۇ... ھەقىچان مۇڭداشقاچ يەنە غەيۋەت قىلغىلى،پىتلاپ كەتكەن بېشىنى باقتۇرغىلى كەلدى تايىنلىق بۇ پىتلىق. ـــ بۇ ئويىدىن ئۆزىچە پىخىلداپ كۈلگەن ئەرەپخان ئېغاڭلاپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى ۋە ھويلىسىدا قولىنى كەينىگە تۇتۇپ،ئالدىغا سەل ئېگىلىپ تۇرغان ئورۇق،ئىنچىكە گەۋدىلىك پەرىدىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.
   ـــ بولدىلا دوستۇم ئىچىمنى پۇشۇرماي،ئۆيدە نېمە بار،ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا قاقلىنىپ مۇشۇ ھويلاڭدىلا ئولتۇرايلى.سەن بىلەن مۇڭداشمىغىلى خىلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ.بۈگۈن ئەتىگەندىلا مۇڭداشقىم كېلىپ بۇ يەرگە كېلىشىم.ئىشىڭمۇ تۈگىگەندۇ،مىسىلدى- ماي تۈگىمىگەن بولسا تاشلاپ قويۇپ بۇياققا چىققىنە،بىردەم ئولتۇرايلى.
   ـــ ماقۇل،تاپسىدىكى خىشلارنى ئۆزەمچە بۈگۈن يۇيۇپ باقايمۇ دېگەن.بولدىلا،مەنمۇ سېنى سېغىنىپ قاپتىكەنمەن،پاراڭلاشساق پاراڭلىشايلى.
   ـــ ئاستىمىزغا سالغۇدەك ئەسكى كىگىزلىرىڭ باردۇ،ئېلىپ چىققىنە.
   ـــ بار،نېمە تولا ئەسكى كىگىز تولا...
   ئۇلار شۇنداق قىلىپ كۈنگە راسا قاقلانغان بىر ئەپلىك يەرنى تېپىپ ئولتۇرۇشتى.ئۇلار پات-پات بىر-بىرىنىڭكىگە بېرىشىپ ئىچ مۇڭ قىلىشىپ تۇراتتى.بەزىدە بىرقاراشقا كېلىشەلمەي قالسا،بىر-بىرىگە ئاچچىقلىنىپ بىرنەچچە كۈن غۇم تۇتۇشۇپ يۈرەتتى.ئەمما بۇ غۇمى ئۇزاققا بارمايلا تۈگەپ ھىچ ئىش بولمىغاندەك بۇرۇنقىدەك ھال-مۇڭ
ئېتىشىپ يۈرىۋىرەتتى.
   ـــ بېشىم لۆمشۈپ،قولۇم چۈشمەيلا قىلۋاتىدۇ،پىت بولۇپ قالدىممۇ بىر بېقىپ قويغىنە ئەرەپخان،تولا كوتۇلدىماي.
   ـــ بېشىڭنىڭ سوغى ئېشىپ قالغاندۇ لۆمشۈگىنىگە قارىغاندا.قوي مېيىدا مايلاپ بەرسەڭ بولمامدۇ.
   ـــ نېمە دەيدىغانسەن ئىچىمنى ئىلەشتۈرۈپ،قوي مېيىنىڭ گېپىنى قىلۋىدىڭ كۆڭلۈم ئاينىۋاتىدۇ.مايلاش ئۇياقتا تۇرسۇن پۇرىقىنى پۇراپ قالساملا كۆڭلۈم ئېلىشىپ ھۆ قىلىپ كېتىمەن.قويغىنە ئۇنداق پەلچە-پەتەش گەپلىرىڭنى.پىت بولۇپ قالدىمىكىن دەيمەن،يۇمى- غىلى خلى ۋاقىت بولۇپ كەتتى.
   ـــ بېرىكەل،ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇرمامسەن،ھە شۇنداق ئولتۇر، بولدى،قولۇڭنى تارتقىنە كارتىلداتماي.ۋاي-ۋۇي،نېمە دېگەن چىگىشلىشىپ كەتكەن چاچ بۇ...قارا،پەرىدە،مەن ئويلاپ قالىمەن، ھازىر جاھاندا سېنىڭدىن باشقىسىدا پىتمۇ يوقتۇ دەپ.نېمىشقىكىن پىت-سىركىلەر ئۆزلىگىدىنلا يوقاپ كەتتى.لېكىن،خۇدايا-توۋۋا،بۇ پىتلار سېنىڭدىلا قالدى،مەن ھەيران...
   ـــ ھەي،مېنىڭ پىتىمدىلا قالدىڭغۇ،باشقا گەپ قىلغىنە.
   ـــ نېمە گەپ قىلىمەن؟
   ـــ مۇنۇ خوشناڭ توغۇرلۇق سۆزلىمەمسەن.
   ـــ خوشنام...قىززىقتە سەن،بۇ خوشنامنىڭ نېمىسى توغۇرلۇق سۆزلەيمەن؟ئۇنىڭ بىز بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرغىەك بىكار ۋاقتى بولمىسا.بۈگۈن دېسەم،شۇ،ئەتىگەن بازارغا ئۈچ چاقلىق موتوسى بىلەن سەي-كۆكتاتلىرىنى بېسىپ ئەكەتتى.
   ـــ ئۆزىنىڭ موتۇسىما؟!
   ـــ پىچەت ئالدى دېگىنە.
   ـــ كاساپەت...
   ـــ ئەرلەردەك يۈرۈكى بار خوتۇن بۇ،ھېچنىمىدىن قورۇقمايدۇ...
   ـــ ئايال كىشى ئۇنچىۋالا ئېشىپ كەتسىمۇ بولمايدۇ.
   ـــ شۇنى دە.
   ـــ ھە قانداق،ھېلىقى بىرنىمىسىدە سەي ئوخشاپتۇما؟...
   ـــ ۋايتاڭەي،كېم كۆرۈپتۇ دەيسەن ئۇنىڭ ئۇ بىرنىمىسىنى.
   ـــ بۇ نېمە دېگىنىڭ؟خوشناڭ تۇرۇپ سەن بىلمىسەڭ كېم بىلىدۇ ئەمىسە؟
   ـــ باشلىقلار بىلىدۇ-دە.
   ـــ باشلىقلار؟!...
   ـــ ھەئە،كەنتنىڭ كادىرلىرى دەمدۇ،گوڭزۇدۈي(بۇ يەردىكىلەر خىزمەت گۇرۇپپىسىنى شۇنداق دەپ ئاتايتتى) دەمدۇ ئىشقىلىپ ھەممىسى ئەشەدىلا يۈرىشىدۇ،شۇلار بىلمىسە،كۆرۈپ باقمىغان مەن
نەدىن بىلەي...
   ـــ ئۇلارغا كۈندە ئۇيەردە نېمە باركەن؟...
   ـــ قەبەشنىڭ دېيىشىچە، ـــ ئۇ بۇ خوشنىسىنىڭ ئىسمىنى باقىلارغا ئەنە شۇنداق ئاتاپ گەپ قىلاتتى، ـــ كادىرلار ئۇنى يوقلاپ كەپتىكەن،ئۇ كادىرلارغا بۇندىن كېيىن ماڭا ئۇن-ماي دېگەندەك نەرسىلەرنى ئەكەلمەڭلار،سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت،ئۆزۈمنىڭ ئۆزەمگە يېتىپ ئاشىدۇ،بۇلارنى مەندىنمۇ يامان قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە بېرىڭلار  مەن سىلەردىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلاي دەپتۇ.كادىرلار ھەيران بولۇشۇپ بۇ مەلىدە سىزدىن يامان قىيىنچىلىقى بار باشقا ئائىلە يوق،سىزنىڭ يەنە نېمە تەلىۋىڭىز بار ئىدى دەپ سوراپتۇ.قەبەش نېمە دەپتۇ دېمەمسەن،مەن بىر پارنىك ياساي دېگەن،لېكىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋىرىم بولمىغاچقا سىلەردىن تېخنىك ياردەم سورىماقچىدىم،ماڭا مۇشۇ جەھەتتىن ياردەم بەرگەن بولساڭلار دەپتۇ.بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىقى كادىرلار ناھايتى خۇش بولۇپ كېتىپتۇ ھەم چوقۇم ياردەم قىلىمىز خاتىرجەم بولۇڭ دەپ ئاز كۈن ئۆتمەيلا بىر تېخنىك بالىنى ئەۋەتىپتۇ.بۇ ئىش بىزنىڭ بۇ كەنتتە تۈنجى ئىش بولغاچقا كەنتتىكى بارلىق كادىرلار ئۇنىڭ پارنىكىنى ياسىشىپ بەردى.تېخى يېزىنىڭ باشلىقلىرىمۇ ئۆينىڭ،ئېتىزنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۆزى قىلغاننى ئاز دەپ ئاغرىق- جان يولدىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ،ئىككى بالىسىنى غىڭ قىلماي ئوقۇتىۋاتقان بۇنداق تىرىشچان،يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان ئانىغا ياردەم قىلىپلا قالماي،ئۇنىڭ بۇروھىنى پۈتۈن يېزىمىزدا تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك دەپتۇ...
   ـــ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەدەپلا كەتتى دېگىنە بۇ خوشناڭ.
   ـــ شۇنى دېمەمسەن،بىزگە قارايدىغان كۆزى قالمىدى،ھېلىقى تېخنىك بالا بىلەن بىرگە كۈندە دېگۈدەك سولياۋ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىۋىلىپ نېمىلەرنى قىلىدىكىن،كەچكىچە ئۇ يەردىن چىقمايدۇ.
   ـــ ئۇ ئىش شۇنچىلىك تەسمىكەن،تېخنىك بالا ئەكەلمىسىمۇ سولياۋنى يېپىپلا ئۆزى قىلسا بولىدىغۇ. ـــ دىدى پەرىدە قوراي ئۆزىچە مەڭسىتمەسلىك تەلەپپۇزدا.
   ـــ ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئوخشايدۇ.قەبەشنىڭ دېيىشىچە نۇرغۇن ياغاچ،تۆمۈر،سولياۋ يەنە نېمىلەرنى دىدى جىقلا نەرسىلەرغۇ،ئىش قىلىپ،ئۈچ مىڭسۇمدەك كەتتى،قالغىنىنى تەشكىل كۆتەردى دەمدۇ، ئۇ يەنە چوڭايتقىدەك. ـــ دىدى ئەرەپخانمۇ بىرخىل مەسخىرلىك تەلەپپۇزدا.
   ـــ ۋاي-ۋۇي،ئۇنداق قىلىپ سەي سېتىپ باي بولغىلى بولامدۇ،
ھۆكۈمەتنىڭ بەرگىنىنى موككىداڭ ئېلىپ،ئىسسىق ئۆيىدە ئېشىنى ئېتىپ،ئېرىغا قاراپ يۈرسىچۇ.بۇنداق ئىش دېگەننىچۇ ئەشۇ خەنزۇلار قىلىپ قالماشتۇرالايدۇ.نېمە لولىلىق ئۇنىڭغا...
   ـــ شۇنى دېمەمسەن،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ توسۇپ باققان،بارى – ڭىزغا شۈكۈر دەڭ،جامائەتمۇ قاراپ تۇرمايدۇ دېسە ئۇنىمىدى.
   ـــ ‹‹يامانغا ياغ ياراشماپتۇ››دېگەندەك ئۇنىڭغا ياخشىلىق ياراشمايدۇ دېگىنە.پىشانىسىدە تارتقۇلۇق باردۇ ئۇنىڭ.ھەي،ئۇنىڭ ئىككى بالىسى بارغۇ دەيمەن؟
   ـــ ھەئە،ئىككىلىسى ئوغۇل دېگىنە.
   ـــ بىرە قىز تۇغۇۋالماپتىكەندە بىچارە...
   ـــ شۇنى دە،قىزدىن بىرنى تۇغۇۋىلىڭ،قىز بالا دېگەن ئانىغا ئەسقاتىدۇ،كۆيۈمچان كېلىدۇ دېسەم،بولدىلا ھەدە،مۇشۇ ئىككى بالامنى ياخشى ئوقۇتۇپ چوڭ قىلۋالسام شۇنىسى غەنىمەت دەپ ئوپى- راتسىيە قىلدۇرۋەتتىغۇ.
   ـــ يولدىشىنىڭ كۆزى ئەشۇ ئاتتىن يېقىلغان بانا بىلەن كۆرمەس بولۇپ قالدى ھە،بىچارىنىڭ.ئىككى يىلدىن ئېشىپ قالدىغۇ دەيمەن.
   ـــ ھەئە،ئىككى يىلدىن ئېشىپ قالدى.
   ـــ ئۇ خوشناڭ كىيىملىرىنى شۇنچىلىك يارىشىملىق كىيىپ يۈرى – دىكەن.بولمىسىغۇ ئانچىمۇ قىممەت كىيىم ئەمەسكەن.
   ـــ ئۇنىسىنى بىر دېمە.ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىرسەڭ ھەيران قالىسەن مۇنداراق ئەرلىرىڭ بىكار قالسۇن ھە،ھەممە نەرسە جاي-جايىدا.تېخى كۆمۈرخانىسىگە كىرىپ قالساڭ خىجالەت بولۇپ قالىسەن...نېمىشقا دەمسەن،كۆمۈرنىڭ زارىنى(ئۇۋىقىنى) زېرىكمەي تاسقاپ توپىسىنى ئايرىپ،سەل يىرىكلىرىنى ئون تىيىنلىق سولياۋ خالتىلارغا قاچىلاپ رەتلىك تىزىپ قويغان،ئوتلۇق كۆمۈرلىرى بىرچەتتە،ھېلىقى توپىسىنى زايە قىلماي كالا پوقى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ،پومبىلاقلاپ قۇرۇتۇپ ئۇنى بىرچەتكە تىزىپ قويغان...ئىش قىلىپ ھەممە نەرسە شۇنچىلىك سەرەمجان، پاكىز.بىرەر نەرسىسىنى سوراپ كىرىشتىنمۇ خىجالەت بولىدۇ كىشى.
   ـــ ئۇنچىۋالا بولۇپ كەتسىمۇ ئادەم خالىماس بولۇپ قالىدۇ.بولدىغۇ نېمە كەپتۇ ئۇنچىۋالا قىلىپ،مۇۋاپىق بولغىنى ياخشىغۇ.
   ـــ شۇڭا ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرنەرسە سوراپ ئانچە كىرىپ كەتمەيمەن، بولمىسىغۇ ئېلىپ ئىشلىتىۋىرىڭ ھەدە دەپكىتىدۇ ئۇ بىچارە.
   ـــ سەيلىرىدىن بېرىپ تۇرۋاتا؟ ـــ كوچىلاپ گەپ ئالاتتى پەرىدە.
   ـــ ئىككى قېتىم ئۆزى ئەكىرىپتىكەن،كىرىپ ئېلىڭ خوشنا،بازار- دىن ئېلىپ يەپ پۇل توشىمايدۇ،سەيلەر قىممەت تۇرسا دەپ شۇنچە قىلىپ كېتىدۇ.بېراق كىرمىدىم.
   ـــ ئۇنداق گەپ قىلغان بولسا ياخشى دەپتۇغۇ،بىكارغا بېرىمەن دېگەندىكىن ئېلىپ يەۋەرمەمسەن.
   ـــ ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن خىجالەت بولىسەنكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئەرمۇ ئۇنىمايدۇ.باشقىلار ياردەم بېرىپ،بالىلىرىنى،ئېرىنى ئۇبدان باقسۇن،ئوقۇتسۇن،داۋالاتسۇن دەپ كۈچ چىقارسا،ئۆزلىرى بىكارغا ئىشلىشىپ بەردۇققۇ دېيىشمەي سەي-كۆكتاتلىرىنى نەق پۇلغا سېتىۋىلىۋاتسا،ئۇ بىرنىمە دېمىگەن بىلەن ماراپ تۇرغان كۆزلەر باردە...
   ــــ ئۇ دېگىنىڭمىغۇ راست،ئۈنىڭ كۈزىتىدىغان ئەرلىرى كۆپ دېگنىە...
   ـــ شۇ ئەمەسمۇ.
   ـــ ھەي ئەرەپخان،بۇ خوشناڭنى قايسى كۈنى كەنتتە مۇكاپاتلاپتۇ دەيدىغۇ،راستما؟
   ـــ ئۆتكەندە يېزىدا،ناھىيەدە مۇكاپاتلىغان.كەنتتە مۇكاپاتلىغى – نىنى بىلمەپتىمەن،نېمە دەپ مۇكاپاتلاپتۇ؟...
   ـــ ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا،مېيىپ ئېرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ،بالىلىرىنى مەكتەپتىن قالدۇرماي ياخشى ئوقۇتۇشتا،پىلانلىق تۇغۇتتا،ئىشقىلىپ جىقلىغۇ...
   ـــ مۇشۇنى مۇكاپاتلىماي كېمنى مۇكاپاتلايدۇ دەيسەن.كادىرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭ ئۆيىدىلا يۈرسە.
   ـــ كېم بىلىدۇ دە،ئېرىنىڭ كۆزى كۆرمىگەندىكىن نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپىراتسىيە قىلدۇرۋىتىپ خاتىرجەم بوپتۇ ئەنە...
   ـــ شۇ...شۇ...
   ـــ ھى...ھى...ھى...
   ـــ ھى...ھى...ھى...
   شۇ چاغدا ئىككى بارماقنىڭ ئارسىغا قىسىلغان يۇغان پىتنىڭ ‹‹تارس››قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ چاچرىغان قان ئەرەپجاننىڭ ھىجىيۋاتقان ئېغىزىغىلا كىرىپ كەتتى.
   ـــ ئە...خ تۈفى!پاسكىنا... ـــ دەپ كۆزلىرىنى يۇمۇپ،چىرايلى – رىنى پۈرۈشتۈرۈپ،پەرىدىنى ئىككى قولى بىلەن ئىتتەردى ئەرەپخان.
   ـــ نېمە بولدى؟!ـــ ھەيران بولغان پەرىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قەدىنىسىغا قارىدى.ئەرەپخاننىڭ يەنە بىر قېتىم گېلىنى قىرىپ كۆزىنى يۇمۇپ تۈكۈرگەن تۈكۈرىكى پەرىدە قوراينىڭ يۈزىگىلا چۈشتى. ـــ نېمە قىلغىنىڭ بۇ پاسكىنا،يۈزۈمگىلا تۈكۈردىڭغۇ!...
   ـــ نېرىراق ئولتۇرساڭ بولمامدۇ،ئالدىمدىلا ئولتۇرۋالغىچە.نېمە بولاتتى سەن پىتلىقنىڭ قېنى...پاسكىنا...
   ـــ ئۆزەڭمۇ چاغلىق،مەندىن قېلىشمايسەن...
   ـــ نېمە دەيدىغاندۇ مۇنۇ پىتلىق،مۇشۇ يەرگىلا كەلسە ياخشىلىق بىلەن كەتمەيدىغۇ بۇ پاسكىنا.
   ـــ تولا ئاغزىمنى ئاچما جۇمۇ،ئەرەپ،بىردەم-يېرىمدەم مۇڭدىشىپ ئىچ-پۇشىقىمنى چىقىرىپ كېلەي دېمىسەم بۇ گۆرۈڭدە نېمە بار ماڭا...
   ئۇلار شۇنداق گەپلەر بىلەن بىر-بىرىگە ئاچچىق قىلىشىپ ئايرىلىشتى.ئۇلارنىڭ بۇ ئاچچىقى قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ بۇنىسى ھازىرچە نامەلۇم.
     ئادرىس:ئىلى چاپچال ناھىيە قوغۇنچىيېزا مەركىزىي مەكتەپ
تىلىفۇن:18997596267        洪) 甫拉提。维拉 )
(«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»سەھىپىسىگە)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش