توزۇش
يۈسۈپجان ئابدۇشۈكۈر
چاچلىرى بويالغان رەڭدار ھاياتنى،
چاچلىرىم چۇۋۇق ياشاپ تۈگەتتىم.
قالدۇرۇپ دادنى، قويۇپ بەربادنى،
ئۆلۈمنىڭ قەدرىگە يەتتىم…
مېنى «ئۆلىۋالىغۇسى كەپتۇ» دېمەڭلار،
پەقەت مەن ئۆلسەم
كېلىدۇ ھەممە ماتىمىمگە.
كۆرۈشۈۋالار كۆرۈشەلمىگەنلەر،
بۇرۇن سۆزلىرىنى دېيىشەلمىگەنلەر،
دېيىشىۋالار، مۇڭدىشار…
مەن ئۆلسەم،
كەتكەنلەردەك قايتىپ كېلىدۇ،
نامىزىمغا ئۈلگۈرۈپ بەلكىم،
كەتكەن جانان.
سالغىلى پەرياد،
بولغىلى ۋەيران…
پەقەت مەن ئۆلمىگەچكىلا،
ئىزدىشەلمىدى ئادەملەر شۇڭا،
ياتسىراشتى ناتونۇشلاردەك.
تونۇشلارمۇ بولدى ناتونۇش،
كەتتى ئەمدى ھاياتلىقتىن خۇش،
ئېيتاي خوش……
مەن ئۆلسەم،
كولاپ يۈرمەڭلار ھەرگىز كېپەنلىكىمنى،
سوراپ يۈرمەڭلار قايسى ۋەتەنلىكىمنى.
ئېيتىپ بېرىدۇ سىلەرگە چوقۇم،
سىلەرگە قالدۇرغان ۋەسىيىتىمنى،
يىغلامسىرىغان مۇشۇ شېئىرلىرىم…
2016-يىل 11-يانۋار، تۇرپان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-29 23:23