يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 618|ئىنكاس: 13

چوغلۇق:مۇسا ئەھەد تىركەشنىڭ بەزى شېئىرلىرىدىكى خاسلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇسا ئەھەد تىركەشنىڭ بەزى شېئىرلىرىدىكى خاسلىق

مېھرىبان نىياز چوغلۇق


مۇسا ئەھەد شېئىرلىرىدىكى ماكان-زامان

مۇسا ئەھەد تىركەش شېئىرلىرىدا ماكان-زامان گىرەلەشمىلىكى كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، ماكان-زامان زامانسىز، ماكانسىز شېئىرلارنىمۇ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. زامانسىز دېگىنىمىز شائىر بۇ دەۋردە ياشايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئەجدادمۇ ئەجداد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت گېنى ساقلانغان. شائىر ئەجدادلارنىڭ گېنىدا ساقلانغان روھنى، مەدەنىيەتنى، مۇھەببەتنى، ئېتىقادنى، پەلسەپىۋى چۈشەنچىلەرنى، شېئىر بىلەن شائىر ئۆزى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى روھىي ۋەتەننى يازالايدۇ، بۇنداق شېئىرلار زامانسىز بولىدۇ، ئۇنىڭ زامانى ئېنىق ئەمەس، بەزى شېئىرلار ماكانسىز بولىدۇ، شېئىرىي تىلدا كونكرېت شېئىرىي مۇھىت يوق، لېكىن ئۇ كۈچلۈك زامانسىزلىققا تولغان ھەم ماكانسىز ھەم زامانسىز شېئىرلاردۇر، شائىر ئۆزىدىكى ئومۇمىي روھىي جوغلانمىنى تۇيغۇنىڭ قىستىشى بىلەن شېئىرغا سىڭدۈرىدۇ. بىز ئۇنىڭ «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان  «يۈسۈپ قىسسىسى» ناملىق شېئىرغا قاراپ باقايلى:
ۋاقىت مېنى قېرىتالماي ئۆزى قۇرۇپ كەتتى،
سۇلار ئېقىپ-ئېقىپ كۆزلىرىمدە توزۇپ كەتتى.
توزۇپ كەتتى قۇشلار ئۇچۇرغان ئاسمان،
تاپىنىم ئاستىدىن شاخلىغان يوللار،
كىرپىكىمگە ئېسىلغان بىر تېمىم ياشتا.
قۇرۇپ كەتتى
كەنئاندىكى يۈسۈپ تاشلانغان قۇدۇق،
ياقۇپنىڭ بارخان ئۈستىدىكى بىر قېتىملىق ئاھىدا.
قۇرۇپ كەتتى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كۆزى
ئاندىن ئورمان.
ۋاقىت كارىدورىدا بارخانلاشقان ئەسىرلەر،
يۈسۈپ قىسسىسىنى قېرىتالماي قۇرۇپ كەتتى،
قۇرۇپ كەتتى يۈسۈپ كەزگەن گۈلزارلار،
قۇرۇپ كەتتى يۈسۈپ ھىدىدىن مەست ئەركە شامال.
قۇرۇمىدى يۈسۈپ قىسسىسى.
ۋاقىتنىڭ شائىرنى قېرىتالماسلىقى ئەمەلىيەتتە ۋاقىتنىڭ يۈسۈپ قىسسىسىنى قېرىتالماسلىقىغا تەققاس قىلىنغان. ئىنساننىڭ يارالمىشىدىن باشلانغان ئەپسانىۋى تەپەككۇر كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ ئارقىلىق شائىرنىڭ روھىدا ئەكس ئەتكەن. شېئىرنىڭ بېشىدىكى ئىككى مىسرادىن ئىنساننىڭ زاھىرەن كۆرگىنى بىلەن مەڭگۈلۈكلىكى ئوتتۇرىسىدىكى دادىل يۈزلىنىشنى كۆرەلەيمىز. ئەمەلىيەتتە شائىر بۇ شېئىردا مەڭگۈلۈكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ۋاقىت بىلەن روبىرو تۇرۇپ، روھنىڭ مەڭگۈلۈكلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

مۇسا ئەھەد تىركەش شېئىرلىرىنىڭ رەسىمچانلىقى

«بەزى رەسىم گۈزەل بىر پارچە شېئىرغا ئوخشايدۇ، بەزى لىرىك شېئىردىن بىز گۈزەل بىر پارچە رەسىمنى كۆرىمىز...» دەپ ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە. ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرى گۈزەل رەسىمگە ئوخشايدۇ. بىز ئۇنىڭ  «بورتالا ئەدەبىياتى»نىڭ 2015-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان «سېغىنىپ قالدىم» ناملىق شېئىرىغا قاراپ باقايلى!
سېغىنىپ قالدىم
بەشىنچى قەۋەت ئۆي بالكونىدا،
كۈل رەڭ تۇمانلاردىن تېنى ھۆل بولغان
يۈرىكىمدىكى بىر پارچە ئوتنىڭ
كۆيۈۋاتقىنىنى پىنھان روجەكتە.
سېغىنىپ قالدىم
مەندىن يىراق چەت سەھرادىكى
بىر-بىرىگە تۇتاش ئۆيلەرنىڭ
بىر-بىرىگە يانداش ئۆگزىلەرنىڭ
بىر-بىرىگە سالام بەرگەن مورىلارنىڭ
كۆپكۈك ئىسلىرىنى
تۈرۈلۈپ-تۈرۈلۈپ كۆككە ئۆرلىگەن.
سېغىنىپ قالدىم
سەھەر بوشانغان ئالا سىيىرنىڭ
بوغۇق ئاۋازىنى
بوينىنى سوزۇپ ئەنسىز مۆرىگەن.
دەرمانى يىتكەن ئاقساقاللارنىڭ؛
كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلارنىڭ؛
مەڭزى شەپەق شوخ بالىلارنىڭ؛
ئۆزئارا سەنلىشىپ
مەشنى چۆرىدەپ كورت ئوينىغان،
ياكى قىزغىن پاراڭ سېلىشقان،
يەنە مەندەك بىر شەھەردىكى
قېرىندىشىنى ئەسكە ئېلىشقان،
قۇۋناق، ئىللىق بىر مەنزىرىنى.
سېغىنىپ قالدىم
نەم تۇمانلارنىڭ ساھىللاردىكى
ئۆرلىشىنى دەريادىن كۆككە.
ۋە سەدەپتەك سۈزۈك مۇزلارنىڭ
چىرىغان چاچلىرىغا ئېسىپ چاچ تەڭگە
ئورىغىنىنى ئاپئاق چۈمبەلگە.
بۇ يەردىكى ئاسمان تىنىق، كۆك،
باش ئۈستۈڭدە ساڭا سوزۇلار.
ئۇنىڭ يۈزىدىكى يورۇق يۇلتۇزلار
قار كۆمگەن دەرەخلەردىن ئاستا ساڭگىلاپ
ئۈزۈم تاللىرىنى ياتار باغاشلاپ.
بۇ يەردىكى كوچا-يوللارنىڭ
قىزىل-يېشىل چىراغلىرى يوق.
يول-يولغا
دوقمۇش-دوقمۇشقا
كوچا-كوچىغا قارىشىپ تۇرار،
ئىشىكلەر بىر-بىرىگە قۇچاق ئاچار.
ئاتلار كىشنەپ، ئېشەكلەر ھاڭراپ،
قويلار مەرەپ، كالىلار مۆرەپ،
قار توزۇتقان تۇياقلار
زىمىستاندىمۇ ئوت يالقۇن ئالار.
سېغىنىپ قالدىم
ئاشۇ سېغىنىش
پەيدا قىلدى يەنە بىر شېئىر.
...
بۇ شېئىردا شائىر سېغىنىش دەرياسىدا ئۆزىگە قايتىۋاتقان، ياتلاشقان تەبىئەتتىن تەبىئەتنىڭ يۈرىكىگە قايتىۋاتقان، ئاللىبۇرۇن ئېلاستىكلىقىنى يوقاتقان تۇرمۇشىدىن بالىلىق دۇنياسىغا قايتقان... شېئىرنىڭ بېشىدا شائىر يېتىلگەن بوۋاي سىياقىدا، شېئىرنىڭ ئاخىرىدا سەمىمىيەتلىككە ئەگىشىپ بالىلىق چاغلىرىغا قايتقان بالا سۈپىتىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ. شائىر شەھەردىكى شاۋقۇن-سۈرەندىن، غېرىبلىقتىن سەھرادىكى تەبىئىيلىككە، ياتلاشقان خاراكتېردىن سەبىي بالىلىقىغا قايتىدۇ... بۇ شېئىر بىر پارچە مۇكەممەل رەسىمگە ئوخشايدۇ، مىسرالار شۇ رەسىمنىڭ ھەربىر سىزىق-رەڭلىرىدە ھەرىكەتكە كېلىدۇ... ئۇ شەھەردىكى ياتلاشقان تەبىئەت، ياتلاشقان مۇھىت، ياتلاشقان ئىنسان تەبىئىتىدىن بىزار بولغان ھالدا ئەسلىگە، سەھراغا قايتىدۇ. بۇ يەردىكى ئەسلىگە قايتىش سەمىمىيلىككە، تەبىئىيلىككە قايتىشتۇر... شۇڭا شائىر شېئىرىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق چۈشۈرىدۇ:
ئاددىي ئادەملەردەك ياشاپ باقايلى،
بىنالاردىن شۇڭغۇپ سەھرا-قىشلاققا
ياشاپ باقايلى دېھقانلاردەك
چوپاندەك
ئۇرۇق-تۇغقان ئۈلپەتلەر بىلەن،
گۈلدەك قىزارغان مەشنى چۆرىدەپ
تاڭسۇق، قىزغىن سۆھبەتلەر بىلەن،
ئېچىپ بىر-بىرلەپ
ئۇنتۇلغان خاتىرىلەرنى
يۈرەكنى يۈرەككە قاقلاپ باقايلى.
گېزى كەلسە
ئايلىنايلى بالىغا
ياشاپ باقايلى گۆدەكلەردەك،
قانداق سۈزۈك گۆدەكلەرنىڭ دۇنياسى.
تۈز كۆڭۈللۈك، ساددىلىقىمىز
ئاتالسىمۇ ئەخمەق، گالۋاڭلىق.
ئوتتۇز يىل ئاۋۋالقى سۆيگۈ، قىزغىنلىق
بەرق ئۇرسۇن دۇنيايىمىزدا.
ياشاپ باقايلى
ھەر باھاردا، نورۇزدا
لەگلەك قىلىپ كۆڭلىمىزنى
تىنىق كۆكلەرگە قويۇپ بېرەيلى.
بىر كۈن بولسىمۇ بالىلاردەك
ھايات زوقىغا چۆمۈپ باقايلى.
غېرىبلىق باسقان، ياتلاشقان، ھەرخىل ئارىلاشما مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەھەرنىڭ يۈرىكىدىكى ئۆزىنى سېغىنىۋاتقان مىسرالار ماھىيەتتە شەھەر ئەدەبىياتىغا تەۋە بولغان يارقىن مىسرالاردۇر. شائىر ئاددىي ئادەملەردەك ياشاشنى، ھاياتنى ئۆز تەبىئىيلىكى بىلەن خۇشال ئۆتكۈزۈشنى ئىستىگەن... ئىنساننىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ يوقىتىپ قويۇۋاتقان ئەڭ سەبىي، ساپ تۇيغۇلىرىنى شائىر شېئىرغا، سەبىي بالىلىقىغا قايتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇيغۇلىرىنى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن... شائىردىكى بۇ سەمىمىيلىك ئۇنىڭ بۇ شېئىرىدىكى ئاخىرقى مىسرالاردا چاقناپ تۇرۇپتۇ. سېغىنىش ماھىيەتتە شەھەردىكى ئىنساننىڭ يوقىتىپ قويغان تەبىئىيلىكى، تەبىئەتكە يېقىن تۇيغۇلىرى ۋە ئاددىيلىق ئىچىدە يالتىراپ تۇرىدىغان بىر تامچە شەبنەم، كۆڭۈلنىڭ ئاددىيلىق ئىچىدىكى ئازادە تۇيغۇلىرىدىن ئىبارەت.
ئېكولوگىيە شېئىرشۇناسلىقى بۇ شېئىرنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولۇشى مۇمكىن... شائىر نېمە ئۈچۈن سەھرانى سېغىنىدۇ؟ سەھرادىكى زامانىۋى شەھەرگە يەتمەيدىغان، ھەرخىل قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغان شارائىت راستتىنلا شائىرنىڭ قەلىمىدىكىدەك شۇنچە گۈزەلمۇ؟ ئەمەلىيەتتە شەھەردىكى بۇزۇلغان ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق كىشىلەرنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇۋازىنىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن... ئىنسان قەلبىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەڭ تەبىئىي ۋە ئەڭ ياۋايى گۈزەللىكنى ئىزدەشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن شائىرنىڭ قـەلىمى تـەبىئىي ھالدا تەبئىيلىككە يېقىنلاشقان سەھراغا قاراپ تەۋرەشكە باشلىغان.
شائىر شەھەردىكى كۈل رەڭ تۇمانلارغا يەم بولۇپ كېتىۋاتقىلى ئاز قالغان تۇيغۇلىرىنىڭ بىر روجىكىدە سەمىمىيلىك، تەبىئىيلىككە بولغان بىر ئوتنىڭ يالقۇنجاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ... ئىلھام پەرىشتىسى شائىرنى قىستايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شائىرنىڭ خىيالىدا شەھەر، سەھرا، تەبىئەت، سېغىنىش، ئۆزىگە قايتىش گىرەلىشىپ كەتكەن بىر پارچە گۈزەل رەسىم پەيدا بولىدۇ. شائىر كۈچلۈك ئىلھام تۈرتكىسىدە تۇيغۇسىدىكى بۇ گۈزەل رەسىمنى ئوقۇرمەنگە سىزىپ بېرىدۇ... يىراق سەھرا، بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئۆيلەر، مورىدىن ئاستا ئۆرلەپ دەرەخلەرگە ئىلىشىپ قالغان ئىسلار... ئېغىلدىكى قوي-كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى، ئۇلارنىڭ كەچلەردە كۆشىشى، زىمىستان قاردىكى ئات-كالىلارنىڭ قار توزۇتۇپ چاپچىشلىرى... قىشنىڭ ئۇزۇن كۈنلىرىدە ئاقساقاللارنىڭ، بالىلارنىڭ، ياشلارنىڭ مەشنى چۆرىدەپ قىزغىن پاراڭغا چۈشكەنلىكى، يار-بۇرادەرلەرنى ئەسلەشكەنلىكى، ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناشقانلىقى... نەم تۇمانلارنىڭ كۆككە ئۆرلىگەنلىكى، مۇزلارنىڭ ھەرخىل يوپۇرماق، شاخلارنى ئۆزىگە ئېلىۋېلىپ، گۈزەل بىر خىرۇستال كەبى مەنزىرىنى پەيدا قىلغانلىقى، سەھرا ئاسمىنىدىكى يورۇق يولتۇزلارنىڭ دەرەخلەردىن ئاستا ساڭگىلاپ، زېمىننى باغاش ئېتىدىغانلىقى... سەھرانىڭ كۆپكۈك، تىنىق ئاسمىنى... ئوقۇرمەنلەر بۇ شېئىردىن يۇقىرىقىدەك ئىنتايىن ساپ ۋە گۈزەل، كىلاسسىك تۇيغۇغا ئايلىنىپ كەتكەن كىلاسسىك رەسىمنى كۆز ئالدىغا ئەينەن كەلتۈرەلەيدۇ... بۇ شېئىر شەھەر تېمىسىنى يورۇتقان، شەھەردىن سەھراغا قاراپ سىزىلغان بىر پارچە ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدۇ.
شائىرنىڭ يەنە «بىر ئەر كۆرۈنۈشى»، «شائىر ھۇجرىسى» قاتارلىق شېئىرلىرىغا قاراپ باقساقمۇ، بىز بۇ شېئىرلاردىن شائىرنىڭ كەچمىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر مەنزىرىنى كۆرگەندەك بولىمىز...

مۇسا ئەھەد شېئىرلىرىدىكى كۈندىلىك تىل بىلەن شېئىرىي تىل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت

ئادەتتە شېئىرىي تىل بىلەن كۈندىلىك تىل ئوخشىمايدۇ. شېئىرىي تىل ئۆز مەۋجۇتلۇقىدىن كەڭ بولغان مەنە سىغىمچانلىقىغا ئىگە. بىر پارچە شېئىردىكى شېئىرىي تىل ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ھەم شېئىرنى ھاياتلىققا ئىگە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىكى كۈندىلىك تىل شېئىرىي تىلدىن ئايرىلسا مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىدۇ، ئۇ شېئىرىي تىلغا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، شېئىري تىل كۈندىلىك تىلنىڭ مەنىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. بۇ ئادەتتە شەكىلچىلىك نۇقتىسىدىن شېئىرنى كۆزىتىش دېيىلىدۇ. بىز تۆۋەندە مۇسا ئەھەد تىركەشنىڭ بىر نەچچە پارچە شېئىرىغا قاراپ باقايلى!
ھەر كۈن
ھەر كىمگە ئەگىشەر
ئۆلۈمدەك ئاچ قالغان ئەرۋاھ
ئىچى قۇپقۇرۇق
ھەي...
يوللار ئاسمانغا ياماشتى
يوللارغا ئادەم
توزۇغان ماشىنا چېچەكلەيدۇ
ئادەم ۋاقىت قولىدىكى ئەتىرگۈل
چېچەكلىمەس
بىرلا توزۇسا.
− «ئادەم ۋاقىت قولىدىكى ئەتىرگۈل»دىن
بۇ شېئىرىي پارچىنىڭ ئۈستىدىكى مىسرالارغا قاراپ باقساق، ئۇ مىسرالار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى مەنە دائىرىسىدە مەنە ئىپادىلەيدۇ. «ئادەم ۋاقىت قولىدىكى ئەتىرگۈل، چېچەكلىمەس بىرلا توزۇسا» دېگەن ئەڭ ئاخىرقى مۇشۇ مىسرالار ئۆزىنىڭ مەنە دائىرىسىدىن ھالقىپ، ئۈستىدىكى بارلىق مىسرالارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. مۇشۇ مىسرالار بىر پۈتۈن شېئىرنىڭ جېنى، بۇ مۇشۇ شېئىردىكى كەم بولسا بولمايدىغان شېئىرىي تىل، ئۇ بۇ شېئىردىكى كۈندىلىك تىلدىن مەنە سىغىمچانلىقى، ئىماگ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى قاتارلىقلار بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. قالغان مىسرالار كۈندىلىك تىل ياكى كۈندىلىك تىلغا يېقىن، كۈندىلىك تىلنى پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىپ ئاۋۇ بىرلا مىسرانى شېئىر سۈپىتىدە ئېلىپ قالساقمۇ، بۇ مىسرا بىر پارچە شېئىر بولۇش سۈپىتىنى ھازىرلىيالايدۇ... ئەڭ ئاخىرقى بۇ مىسرالا بىر پۈتۈن شېئىرنى يۆلەپ تۇرغان...
يوللار تۈگىمەس، يوللار كۆكلەر، ئادەم ئىز،
ئوخشىمايدۇ قەدەم ۋەزنى، بەلگىلەر
ئىزلار ئۆچەر يۇلتۇزلاردەك تاڭدىكى،
ئىزلار ئۆچەر ئەمما تىرىك ئىز روھى
يول رەسىدە بولمايدىغان مەڭگۈ قىز.
− «ئىز روھى» ناملىق شېئىردىن
بۇ شېئىرنىڭ بېشىدىكى تۆت مىسرا كۈندىلىك تىل، ئاخىرقى «يول رەسىدە بولمايدىغان مەڭگۈ قىز» مىسراسى شېئىرىي تىل، بېشىدىكى كۈندىلىك تىل شېئىرىي تىل بىلەن بىرىكىپ كەلگەندە ئاندىن شېئىرىي مەنىگە ئىگە بولغان، ئەگەر ئۇ شېئىرىي تىلدىن ئايرىلىدىكەن مەنىسىنى يوقىتىپ قويغان بولاتتى.
موسا ئەھەد تىركەش شېئىرلىرىدا كۈندىلىك تىل بىلەن شېئىرىي تىلنىڭ ئايرىمىسى روشەن بولسىمۇ، لېكىن شېئىرنى ناتونۇشلاشتۇرۇش كۆرۈلمەيدۇ، كۈندىلىك تىل نورمىسىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان ئەھۋاللار يوق دېيەرلىك، يەنى شېئىرنىڭ ئوقۇلۇشىنى قەستەن قىيىنلاشتۇرىدىغان ئەھۋال ئۇچرىمايدۇ. شېئىرلار كۈچلۈك شېئىرىي تۇيغۇ ھەم شائىر روھىي كەچمىشلىرى بىلەن جىپسىلىشىپ، شېئىرنىڭ تىلى ناھايتى لىرىكىلىق ھەم مەزمۇنى پەلسەپىۋى مەزمۇنلارغا تويۇنغان. شېئىرلار يامغۇر يېغىۋاتقاندا ئەينەك سىرتنى غۇۋا كۆرسەتكەندەك ھەم ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەللىككە باشلىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

مۇسا ئەھەد تىركەش شېئىرلىرىدىكى ئىماگلار

موسا ئەھەد شېئىرلىرى رەڭدار ئىماگلارغا تويۇنغان، بۇ ئىماگلار شېئىرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقان ھەم شېئىرنىڭ تۇيغۇ قاتلىمىنى  ئوقۇرمەننىڭ تەپەككۇر بوشلۇقىغا باشلىغان.
(«ئىماگ» دېگەن سۆز بۇرۇنقى تەسىرات ياكى تۇيغۇدىكى تەجرىبىنىڭ قەلبتە قايتا ئايان بولۇشى ياكى ئەسلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ...ئۇ يەنە تۇيغۇدىن كېيىنكى تەسىراتنى كۆرسىتىدۇ...)①« كىشىلەر ئىماگنىڭ سېزىمچانلىقىغا ھەمىشە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئىماگنى ھەقىقىي ئىقتىدارغا ئىگە قىلىدىغىنى ئۇنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىر پىسخىكىلىق ھادىسە بىلەن سەزگۈ ئوتتۇرىسىدىكى ئاجايىپ بىر خىل غەلىتە بىرىكىش بولغانلىقى.»② شائىر ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى، تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى، قەلب يارىلىرىنى، مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى ئوبيېكتىپ تۇرمۇشتىكى مەلۇم ماس ماددا ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ، بۇ مەۋجۇت شەيئى شائىرنىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىنى ئوقۇرمەنلەرگە ھېس قىلدۇرىدۇ، نەتىجىدە بىر شېئىرىي ئوبراز بارلىققا كېلىدۇ، بۇ يەردىكى شېئىرىي ئوبراز بىز دائىم دەپ كېلىدىغان ئىماگدىن ئىبارەت.
شائىر تاشقى دۇنيادىن ئالغان ئىچكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى مەلۇم بىر نەرسىگە يۈكلەش ئارقىلىق شېئىرىي ئوبراز يارىتىدۇ. ئىماگ شائىرنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ئۇچرىشىشمىزدىكى بىر گۈزەل باغقا ئوخشايدۇ. بىر شائىرنىڭ شېئىرىدا كۆپلىگەن ئىماگلارنىڭ بولۇشى بۇ شائىرنىڭ ئىچكى تۇيغۇغا باي، تەجرىبىلىرىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى، خىيال بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى كېسىشمىسىدە مەلۇم بىر نەرسىنى ۋاسىتە قىلىپ ئۇچرىشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىماگلار ئادەتتە رەڭدار بولۇشى كېرەك، ئەگەر بىر شائىر بىر ئىماگنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتسە ئۇ سىمۋوللۇق ئىماگقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. شائىر شېئىرىي تىلنى بېيىتىشى، تەپەككۇرىنى ھەم بىلىم جۇغلانمىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا رەڭدار ئىماگلار ئۆكسۈمەيدۇ. قارا ئۆڭكۈر، گۈل، چوغ، جاراھەت، تۇغ، كۆرۈلمەس ئاپتاپ، بۇلۇت، غازاڭ پەسلى، جىمجىت سۇ، خەنجەر، مارجان، كۆز، يول قاتارلىقلار مۇسا ئەھەتنىڭ بىر يۈرۈش شېئىرلىرىدىكى ئىماگلار ھېسابلىنىدۇ.
سۇ ئاقمىسا جىمجىت تۇرىدۇ
جىمجىت سۇ بىخسىپ لەش باسار.
تۆكۈلمىسە ياش
ئىچىدىكى تاشقا ئايلىنار
يامغۇرغا ئايلاندۇر
كۆزۈڭدە بۇلۇتلارنى...
− «جىمجىت سۇ» ناملىق شېئىردىن
بۇ يەردە سۇ، بۇلۇت ئىماگى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ... سۇ مۇھەببەتنىڭ ئىماگى، مۇھەببەت ئىپادىلەنمىسە تۇنجۇقۇپ قالىدۇ. سۇ قىزغىن ھېسسىياتنىڭ سۇغا باغلىنىپ ئەكس ئېتىشى ھېسابلىنىدۇ. قەلب ئاسمىنىدىكى غەمكىنلىكنىڭ ئىنسان كۆزىدىكى سىيماسى بۇلۇتقا يۈكلەنگەن، بۇلۇت مۇھەببەت تەرەپكە ئۆتۈپ يامغۇرغا ئايلانغان ياكى غەمكىن پەسىلگە ئاشىق بولغان...
ئۈركۈپ قاچقان غازاڭلار
غازاڭ پەسلىدىكى خىلۋەت خانەمنى
خىيال گۈللىرىگە تولدۇرماس ئىدى.
− «مەن ئۇ كۈنلەرنى خىيال قىلمىدىم»دىن
بۇ پارچىدىكى «غازاڭ پەسلى» بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرغان غازاڭ پەسلى ئەمەس، ئۇ شائىرنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھىجراندىن كېيىنكى سارغايغان تۇيغۇلىرى ياكى شائىرنىڭ خىيال بىلەن بولۇپ ئۆتكۈزگەن ئۆمرىنىڭ ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى. «خىلۋەت خانە»مۇ شائىرنىڭ بىز كۆرەلەيدىغان خانىسى ئەمەس، بەلكى ھىجران دەشتلىرىگە كۆنگەن، رېئاللىقنىڭ يۈرىكىگە چىلىشىپ ياشاپ كېلىۋاتقان، تاشقى دۇنيانىڭ خاسلىقىنى تارتىۋالىدىغان شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن خالىي بولغان ئۆزىنىڭ قەلبىدۇر. شۇڭا بۇ يەردىكى «غازاڭ پەسلى»،«خىلۋەت خانە» شائىرنىڭ ئىچىكى تۇيغۇلىرىغا تەققاس قىلىنغان ئىماگدۇر. ئىماگنى يەنە كۆرۈش سەزگۈسى ئىماگى، تېتىش سەزگۈسى ئىماگى، ھەرىكەت ئىماگى، تۇيغۇ بىلەن ماددىي نەرسىنى بىرلەشتۈرگەن ئىماگ قاتارلىقلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، «غازاڭ پەسلى»كۆرۈش سەزگۈسى ئىماگىغا، «قەلب خانىسى» تۇيغۇ بىلەن ماددىي نەرسىنى بىرلەشتۈرگەن ئىماگىغا تەۋە بولىدۇ.
شائىرنىڭ يەنە «چېچەكلەشكە باشلىغان ئايال»ناملىق شېئىرىدا گۈل ئىماگى كۆزگە چېلىقىدۇ، شائىر گۈل ئىماگى ئارقىلىق ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئەر قەلبىنى خىيالغا باشلىغان ئايال گۈل سۈپىتىدە بىخلايدۇ، گۈلنىڭ چېچەكلىگىنى ئايالنىڭ ئەر قەلبىدە مۇھەببەت شەكلىدە ئويغانغانلىقىنىڭ باشلىنىشى. گۈل ئىماگى بۇ شېئىرغا باشتىن-ئاخىر سىڭىپ كەتكەن ھەم شېئىرنى ئۆزگىچە تەسەۋۋۇرغا ئىگە قىلغان.
مېنى ھەمىشە قارا باسىدۇ
تۈن چاچلىرىنى ئۈستۈمگە يايغان
بېشىدا مەۋھۇم بىر ئاسمان
ئاسمان شاخلىرىدا توپا رەڭ تۇمان
كۆرۈلمەس ھېچ نەرسە
بىر قارا ئۆڭكۈر
ئۆڭكۈر ئىچىدە پەقەت بىرلا مەن
مېنى ھەمىشە قارا باسىدۇ
ئىچىمدىكى قارا ئۆڭكۈردە
ئەتراپىم بىپايان يوقلۇق
يول يوق بۇ يەردە
قارا ئۆڭكۈردىكى تۇماندىن باشقا،
بېشىمدىكى ئاسماندىن باشقا...
− «قارا بېسىش»ناملىق شېئىر، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 5-سانىدىن.
شائىر قەلبىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى رېئاللىقتىكى توپا باسقان ئاسماننىڭ بىر قارا ئۆڭكۈرى ئارقىلىق يورۇتقان... «قارا ئۆڭكۈر» ئىماگ، ئۇ كۆرۈش سەزگۈسى ئىماگى بىلەن تۇيغۇنى بىرلەشتۈرۈۋەتكەن، يەنى ماددىي نەرسە بىلەن روھ بىرلەشتۈرۈلگەن ئىماگدىن ئىبارەت. بۇ «قارا ئۆڭكۈر» ئىماگى شائىرنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىگە سىمۋول قىلىنغان سىمۋوللۇق ئىماگدىن ئىبارەت...

مۇسا ئەھەد تىركەش شېئىرلىرىدىكى تېما

مۇسا ئەھەت شېئىرلىرىدا مەڭگۈلۈك تېمىلار بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، غېرىبلىق، ھىجران تېمىسى يېڭىچە ئۇسۇلدا، يېڭىچە تۇيغۇدا، يېڭىچە شېئىرىي تىلدا يېزىلغان. ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىمىزدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئانا تېما ھېسابلىندۇ، ئۇلار تەكرار-تەكرار ۋەتەن مەدھىيەسى تامچىپ تۇرىدىغان شىېئىرلارنى يازغان، ئۇلارنىڭ ئەكس ئەتتۈرگىنى ئاساسەن ئوخشاپ قالىدۇ... مۇسا ئەھەت ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدا غەزەل يازمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چاچما شېئىر شەكلىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە بولغان چىن ھېسسىياتىنى ئۆزىگە خاس يول بىلەن ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭدىكى شېئىرىي تۇيغۇلار ئۆزىنى قېلىپتىن قۇتۇلدۇرغان تۇيغۇلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىكى شېئىرىي مىسرالار ئىلگىرىكى شائىرلار قوللانغان كۈندىلىك تىلىدىن پەرقلىنىدۇ.
يەردىن ئېگىز كۆككە كۆتۈرۈپ
ۋەتەن ئىسمىڭنى
ئاي باغرىغا قاداپ قويغۇم بار.
يەنە
تېخى يېزىلمىغان قىيا تاشلارغا،
زاماننىڭ ئۈزۈلگەن ئاراشلىرىغا،
مەيلى ئورخۇن بويىدىكى ئاناساي،
مەيلى تەكلىماكان، كىروران،
شامال ئايىغى تەگمىگەن
قارا ساي بولسۇن
ۋەتەن ئىسمىڭنى ئويۇپ قويغۇم بار.
شۇ ئىسىم
شەرىپى ئۈچۈن
گېزى كەلسە
جېنىمنى جاڭگالدا قويۇپ قويغۇم بار.
شۇ ئىسىم بىزنى
ئەسىرلىك جاراھەتكە كۆمگەن ئىسىمدۇر.
بۇ تۇپراقتەك پاكىز بىر روھنىڭ
كۆكسىگە تۇغ بولۇپ قونغان ئىسىمدۇر.
− «ۋەتەن»ناملىق شېئىردىن
شائىر ۋەتەن سۆيگۈسىنى دىللاردىن ئېشىپ، ئايغا قاداپ قويغۇسى، قىيا تاشلارغا ئويۇپ قويغۇسى كېلىدۇ. ئۇ ۋەتەن مۇھەببىتىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا سىغدۇرۇپ بولالماي، مەيلى شامال ئايىغى تەگكەن، مەيلى شامال ئايىغى تەگمىگەن جايلار بولسۇن ئۇ جايلارغا ۋەتەن مۇھەببىتىنى چېچىۋېتىدۇ... شائىرنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ئورخۇن، تەكلىماكان، تارىم، تەڭرىتاغلارغا ئۆز ئاۋازىنى يەتكۈزىدۇ... شائىر تارىخ بىلەن بىرىكىپ كەتكەن سۆيگۈسىنى ئۆز قەلبىنىڭ قاتلاملىرىدا تۇغ كەبى ئاسرايدۇ... شائىرنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتتىكى«تۇپرىقىڭنى ئالتۇن بىلەي، باغلىرىڭنى بوستان، توپىلىرىڭنى تۇتىيا بىلەي» دېگەن ئەنئەنىۋى مىسرالار چەمبىرىكىدىن چىقىپ كەتكەن، شائىرنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى چاچما شەكلىدە يېزىلغان. شائىر ئەركىن تۇيغۇلىرىدا تارىخ بىلەن ۋەتەن سۆيگۈسىنى كېزىپ چىققان...
غېرىبلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان مەڭگۈلۈك تېما، بولۇپمۇ شېئىردا كۆپرەك ئەكىس ئېتىدۇ... مۇسا ئەھەد تىركەش شېئىرلىرىدىمۇ بىز غېرىبلىقنىڭ بىر يۈزىنى ئۇچرىتىپ قالىمىز، شائىر غېرىب تۇيغۇلىرىدا گۈزەل مىسرالارنى پۈتكەن:
ھەر ئەتىياز
ياز بىلەن كۈزنىڭ نۇرلۇق،
نۇرى قاچقان كۈنلەردە
تۇرنىلارمۇ باھار ئىزدەپ كەلگەندە
ئاي پارلىغان ئايدىڭ كېچە
ئايسىز زۇلمەت قانات يايغان كۈنلەردە
ھەمراھ ماڭا گۈل سىيمايىڭ، خىيالىڭ
سەنسىز ئۆتكەن، سەنسىز غېرىب ئۆمرۈمگە.
− «كۆڭلۈم ساڭا بىر ئۆي ئىدى»ناملىق شېئىرىدىن
شائىر بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە، ئاي پارلىغان، ئايسىز كېچىلەردە، شائىرنىڭ تۇيغۇ دۇنياسىغا گۈزەللىك ئاتا قىلىدىغان تەبىئەتنىڭ خاسىيەتلىك دەملىرىدە يەنىلا غېرىب، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسى ھامان قەلبىدىكى ھىجرانلىق دەمدىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ، لېكىن ئۇ گۈزەل ئەستىلىكلەرگە غەرق بولۇپ، ئۆزىنى غېرىبلىق كوچىسىدا ئۇچراتقان بولىدۇ...
ئېھتىمال ئارىدىن ئۆتۈپ كۆپ زامان
تۇپراققا ئايلانغان تېنىمدىن كۆكلەر
يېگانە بىر گىياھ، خۇش پۇراق يالپۇز.
ھىدىمگە مەپتۇنكار بىر غېرىب شائىر،
كېزەر ئەتراپىمنى بىر ئۆزى يالغۇز.
ئېھتىمال چاچلاردا دولقۇن ئوينىتىپ،
دىللارغا زوق بەرگەن ئەركە شوخ شامال
تۇپراققا ئايلانغان بىر قىز تېنىنىڭ
روھىدۇر زېمىننى كەزگەن بىمالال.
ئايلىنىپ قالسام گەر چىغىر يوللاردا،
كۆكۈچ رەڭ بەرق ئۇرغان بىر باغلام چىغقا
يۈرەرمۇ مەن كەبى خىيالچان بېقىپ،
روھىممۇ ئايلىنىپ كىچىك بىر قۇشقا.
«ئېھتىمال ئارىدىن ئۆتۈپ كۆپ زامان» ناملىق شېئىرىدىن
شائىر ئۆزىنىڭ ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىنكى غېرىب تۇيغۇلىرىنى يازىدۇ، ئۇ ئۆزى تاللىغان چىغىر يولدا ئۆزىنى بىر باغلام چىغقا ئايلانغان ھالدا تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، روھىمۇ خىيالچان قۇشقا ئايلىنىدۇ. قارىماققا بۇ شېئىر غېرىبلىق تۇيغۇسىنى يازمىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما شېئىرنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىدە غېرىبلىق تۈسى قويۇق. شائىرنىڭ ھاياتىغا باغلانغان تۇيغۇلىرىدا ئەكس ئەتكەن غېرىبلىق تۇيغۇسىدىن بىز تىراگېدىيەلىك گۈزەللىكنى ھېس قىلىمىز...
ئىزىم بېغىرلاپ ئۇچقان يول-يوللاردىكى
دىلى سۇنۇق قەغەزرەڭ خازان
دوقمۇشتىكى قاقشال بوۋاينىڭ
غېرىبلاشقان ئەرۋاھى ئىدى.
مېنىڭ سۈزۈك تەسەۋۋۇرۇمدىكى
ئاسمانغا ئوخشىمايدىغان
توپا ئۆرلەپ تۇرغان ئاسمانلار
شائىرنىڭ خىيالچان دەرگاھى ئىدى.
− «مېنى يېزىپ تۇرغان شېئىرلار» ناملىق شېئىرىدىن
شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا قاقشال بوۋاينىڭ غېرىبلاشقان ئەرۋاھى دىلى سۇنۇق غازاڭلارغا ئايلانغانىدى، شائىر ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل رېئاللىقتا غېرىبلىقنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى. شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى ئاسمان سۈزۈك ئىدى، لېكىن رېئاللىقتىكى ئاسمان شائىرنىڭ خىيال دەرگاھىغا سۈرگۈن ئىدى... شائىر بۇنىڭغا ئەگىشىپ غېرىبلىقنىڭ دەردىنى تارتاتتى، ئەمەلىيەتتە شائىرنىڭ بۇ تەنھالىقى، غېرىبلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىدىن ھالقىغان بىر قوۋمنىڭ، بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ تەنھالىقىغا ئوخشايتتى...

مۇسا ئەھەد تىركەش شېئىرلىرىدىكى ئەپسانىۋى ئاڭ

مۇسا ئەھەد شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇن قاتلىمىدا يەنە ئەپسانىۋى ئاڭمۇ خېلى چوڭقۇر دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن. بۇ يەردىكى ئەپسانىۋى ئاڭ يىلتىز ئىزدەش تېمىسىدا خېلى گەۋدىلىك نامايان بولىدۇ.
مېنى يېزىپ تۇرغان شېئىرلار
ئاتىللا كۆندۈرگەن قارام ئاتلارنىڭ
قىلىچتەك يارالغان تۇياقلىرىدىن
روھىمدا قېپقالغان بورانلار ئىدى.
بارخان ئۆركىشىنى
تەكلىماكاننىڭ
ئۇلاپ دۇنيانىڭ يىراق چېتىگە
جاھان كەزگەن غالىب كارۋانلار
يۇلغۇن كۆزىدىكى جەۋلانلار ئىدى.
مېنىڭ تامچە قېنىمدا ھەتتا
چاقماق قەھرىدىكى ياۋايى دولقۇن
قالدۇق يىلتىزلاردىكى چوغدانلار ئىدى.
تارىخ ئاراچلىرىدا يىرىڭدىغان يارىلار،
روھى ئۆلگەن
رەڭگى كەتكەن قەدىم ناخشىلار،
مېنى شېئىر قىلىپ يازاتتى.
− «مېنى يېزىپ تۇرغان شېئىرلار»دىن
شائىر ئاتىللا، بارخان، كارۋان، يۇلغۇن قاتارلىق تارىخىي ئەستىلىكلەرنى شېئىرىي تىلغا سىڭدۈرۈپ، شېئىرنىڭ تارىخ بىلەن تويۇنغان ئەپسانىۋى قاتلاملىرىنى قويۇقلاشتۇرغان. ئەمەلىيەتتە بۇ شۇ خىل ئەستىلىكلەر مۇھىتىدا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئېڭىغا يىلتىز تارتقان بولىدۇ. ئۇنىڭ يەنە «يۈسۈپ قىسسىسى» ناملىق شېئىرىمۇ بۇنىڭ بىر ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
قۇرۇپ كەتتى
كەنئاندىكى يۈسۈپ تاشلانغان قۇدۇق
ياقۇپنىڭ بارخان ئۈستىدىكى بىر قېتىملىق ئاھىدا.
قۇرۇپ كەتتى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كۆزى
ئاندىن ئورمان
ۋاقىت كارىدورىدا بارخانلاشقان ئەسىرلەر
يۈسۈپ قىسسىسىنى قېرىتالماي قۇرۇپ كەتتى.
...
بىر قېتىملىق ئاھىدا قۇدۇقنىڭ قۇرۇپ كېتىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ بىر قېتىملىق ئاھ ئازابنىڭ ئەڭ چوڭقۇر دەرىجىسى بولۇشى مۇمكىن، بۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەپسانىۋى تۈس ئالغان. يۈسۈپ قىسسىسى ۋاقىت بىلەن ئۆمۈر تالىشىدۇ، ئەسىرلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، گۈلزارلار قۇرۇپ كېتىدۇ، شاماللار قۇرۇپ كېتىدۇ، لېكىن يۈسۈپ قىسسىسى قۇرۇمايدۇ، ئۇ ۋاقىتنى يېڭىۋالىدۇ... بىز بۇ شېئىردىن ۋاقىتقا تۇتاشقان ئەپسانە ئېڭىنى، ئەپسانە قاتلاملىرىنى كۆرگەندەك بولىمىز...
مۇسا ئەھەد شېئىرلىرىدا يەنە ۋىسالىغا يېتەلمىگەن بىر ھەسرەتلىك مۇھەببەت چاقناپ تۇرىدۇ، شائىر غازاڭغا ئايلىنىپ كېتەي دېگەن پەسلىدە ئەسلىمىگە قايتىدۇ ۋە كۆل بويىدا ئاق ئەتىرگۈل تۇتۇپ تۇرغان قىزغا ئۇچرىشىدۇ... شائىرنىڭ مۇشۇ خىيالى ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. «مەن ئۇ كۈنلەرنى خىيال قىلمىدىم »دىن «چېچەكلەشكە باشلىغان ئايال»غا قاراپ كېتىۋاتقان بولىدۇ. شائىرنىڭ قەلبىدە ياشلىقتىن قېلىپ قالغان گۈزەل ھىجران ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆزگىچە رومانتىك گۈزەللىككە، شەبنەم كەبى يالتىراپ تۇرىدىغان مۇھەببەتكە باشلىغان...
مەن ئۇ كۈنلەرنى خىيال قىلمىدىم
خىيال قىلدۇردى شۇ باغ، يالغۇز ئورۇندۇق.
كۆزۈڭدىن خىيالچان تارالغان نۇرلار
قاراڭغۇ كېچەمگە شۇڭغۇغان يورۇق.
بەلكىم مەن شۇ شەھەردىكى
خىلۋەت كۆل بويىغا بارىدىغان بولسام
سۆگەت يېنىدىكى بوش ئورۇندۇقتا
ئاق ئەتىرگۈللەرنى كۆتۈرۈپ كۈلگەن كۆزلىرىڭنىڭ
قۇشلىرى يېنىمدىن ئۇچمىغان بولسا،
قەدەملىرىمنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى بېكىتى
بەلكىم بۇ باغدىن باشلانماس ئىدى.
سېنى تاپقان، يىتتۈرگەن بوش ئورۇندۇقتىن،
ئۆمرۈمنى توزۇتقان بوش ئورۇندۇقتىن
ئۈركۈپ قاچقان غازاڭلار
غازاڭ پەسلىدىكى خىلۋەت خانەمنى
خىيال گۈللىرىگە تولدۇرماس ئىدى.
− «مەن ئۇ كۈنلەرنى خىيال قىلمىدىم» ناملىق شېئىرىدىن
شائىر ئۇ كۈنلەرنى خىيال قىلمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن گۈزەل ئەستىلىك ئۇنى خىيال قىلدۇرىدۇ، شائىر گۈزەل ئازاپ قوينىدا ئۇ كۈنلەردىن چىقىدۇ-يۇ، لېكىن يەنە«چېچەكلەشكە باشلىغان ئايال»دا خىيال قاينىمىغا غەرق بولىدۇ، «چېچەكلەشكە باشلىغان ئايال» شائىرنىڭ خىيالىنى يەنە قاناتلاندۇرىدۇ.
ئۇ ئاخىرى خىيالىمدا بىخلاندى
كۆزلىرىمدە چېچەكلەپ
بىر چىرايلىق گۈلگە ئايلاندى،
ئاۋۋال كۆزى بىخ سۈرۈپ
ئاندىن ئىككى قېشى پورەكلەپ
لەۋلىرىنىڭ قات-قاتلىرى ئېچىلىپ
ئاۋازلىرى قاردەك سۈزۈلدى.
ئەمدى يول ماڭسام
خىيالىمغا قونۇپ ۋىچىرلار
بىر چۈشنىلا شىۋىرلار
ئىككىمىزگە مەنسۇپ بىر تىلدا.
شۇنداق بولىدۇ

ئەر خىيالىدا
چېچەكلەشكە باشلىغان ئايال.
2015-يىللىق «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ 5-سانىدىن.
شائىر ئۆز قەلبىدىكى ئايالنى تەسەۋۋۇرىدا چېچەكلىتىدۇ، شائىر بۇ ئايالنىڭ چېچەكلىرىگە ئەگىشىپ قەلبىدىكى ھىجراننىڭ ئوتىنى ئاستا-ئاستا پەسەيتىدۇ. گۈزەل تەسەۋۋۇر شائىرنىڭ قەلىمى ئاستىدا بىر ئايالنى يارىتىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، شائىر مۇسا ئەھەد ئۆز تۇيغۇسىغا سادىق، شېئىرىي تۇيغۇ ۋە شېئىرىي مۇھىتنىڭ جىپسىلىشىشىغا ئەھمىيەت بەرگەن، ئۆزىنى ئۈزۈكسىز قېزىۋاتقان شائىرىمىزدۇر. شائىر شېئىرلىرىنى قۇرۇق دەبدەبىدىن خالىي، چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن يازىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ماكان-زامان گىرەلەشمىلىكى كۈچلۈك، تارىخ بىلەن رېئاللىق مىسرالىرىدا ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، يەنە شېئىرلىرىنىڭ رەسىمچانلىقى ئادەمنى مەھلىيا قىلىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى كۈندىلىك تىل بىلەن شېئىرىي تىلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئايرىمىسى خېلى گەۋدىلىك. مۇسا ئەھەد شېئىرلىرىدا يەنە رەڭدار ئىماگلار ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى خاسلىققا ئىگە قىلغان، شېئىرلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقان، شائىرنىڭ تۇيغۇ قاتلىمىغا چوڭقۇرلىغان. شائىر يەنە ۋەتەنپەرۋەرلىك، غېرىبلىق، ھىجران تېمىلىرىنى ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتكە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا يېڭىچە ئىپادىلىگەن.
ــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھاتلار:
①رېنى ۋېلىك، ئوستىن ۋارىن: »ئەدەبىيات نەزەرىيەسى«، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2013-يىلى 6-ئاي، 449-بەت
②رېنى ۋېلىك، ئوستىن ۋارىن: »ئەدەبىيات نەزەرىيەسى«، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 2013-يىلى 6-ئاي، 450-بەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 21:50  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-30 00:47:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مېھرىبان نىيازنىڭ مەزكۇر ماقالسىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ئەسەردە مۇسا ئەھەد تىركەش شېئىرلىرىدىكى ماكان-زامان، رەسىمچانلقى ،كۈندۈلۈك تىل بىلەن شېئىر تىل ئوتتۇرسدىكى مۇناسىۋەت ،ئىماگ،ئەپسانۋى ئاڭ قاتارلقلار ھەقىدە ناھايىتى ئەتراپلىق ئىزدەنگەن ·تەھىلىل  ۋەئەملىي مىساللار ئارقلىق مۇسا ئەھەد تىركەش شېرلىردىكى خاسلىق ئىڭچكە كۈزۈتىلگەن ـماقاللا شائىر ھەققىدىكى دەببىلىك سۆز دۈۋسىدىن بىۋاستە شېئىرغا كۆچكەن ـبۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ· · ·


ۋاقتى: 2016-1-30 01:31:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسا ئەھەت ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىغا ناھايىتى ئىچكىن باھا بېرىلىپتۇ.ھەر ئىككى قەلەم ساھىبىغا ئۇتۇق ۋە نۇسرەتلەر نىسىپ بولغاي.


ۋاقتى: 2016-1-30 12:59:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىركەش ئەپەندىنىڭ شېئىرى توپلاملىرىنىڭ تېزرەك نەشردىن  چىقىشىغا تەشنامىز...

ۋاقتى: 2016-1-31 10:12:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1

ۋاقتى: 2016-1-31 11:16:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە، ھەر بىر بۆلەكتە « مۇسا ئەھەت شېئىرلىرى»نىڭ دېگەننى تەكرارلاشنىڭ بەك زۆرۈرىيىتى بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئاساسىي پىكىر شۇ ياقتا كېتىپ بارىدۇ.

ۋاقتى: 2016-1-31 12:59:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش  ئەتراپلىق، جانلىق ئېلىپ بېرىلىپتۇ، ئىزدەلگۈچى ، ئىزدەنگۈچىگە نۇسرەتلەر دەرۋازىسىنى كەڭ ئاچقاي...

ۋاقتى: 2016-1-31 20:52:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسا ئەخەت شېئىرنى ياخشى يازىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ناچۇق0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-31 20:54  


ۋاقتى: 2016-1-31 21:39:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
70-، 80- يىللىقلارنىڭ بىر مۇنچە ئوبزۇرغا لايىق ئەسەرلىرى تۇرسا، مۇشۇ كونىلارغا ئېسىلىۋىلىپ يېزىلغان ئوبزۇرلاردىن يېڭىلىقنىڭ ھىدى بار. ئەمما، جىسىمى يوق.

ھەشقاللا، خوشامەت ئەدەبىياتىدىن قاچانمۇ نېرى بولۇپ ساپ ئەدەبىيات مۇھىتىنى يارىتارمىز-ھە؟

ۋاقتى: 2016-2-1 12:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى چوڭقۇر ئىزدىنىپتۇ....

ۋاقتى: 2016-2-1 14:37:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەت.م.كۈيزار يوللىغان ۋاقتى  2016-1-31 21:39
70-، 80- يىللىقلارنىڭ بىر مۇنچە ئوبزۇرغا لايىق ئەسەرلىرى  ...

غەيرى بىرەسمىي ئادىمىگەرچىلىك ئوبزورى دەپ چۈشەنسىڭىزلا بولىدۇ كۈيزار ئىنىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-1 22:55:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
70-، 80- يىللىقلارنىڭ بىر مۇنچە ئوبزۇرغا لايىق ئەسەرلىرى تۇرسا، مۇشۇ كونىلارغا ئېسىلىۋىلىپ يېزىلغان ئوبزۇرلاردىن يېڭىلىقنىڭ ھىدى بار. ئەمما، جىسىمى يوق.

ھەشقاللا، خوشامەت ئەدەبىياتىدىن قاچانمۇ نېرى بولۇپ ساپ ئەدەبىيات مۇھىتىنى يارىتارمىز-ھە؟


كۈيزار ياخشى تۇرغانسىز ھە!

سىز كونىلار دەپ نېمە دېمەكچى؟ سىزنىڭچە يېشى چوڭ بولسىلا كونىلار ھېسابلىنىدۇ، يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى كونىچە ئۇسۇلدا ،شۇنداقمۇ؟ سىز مۇسا ئاكامنىڭ شېئىرلىرىنى تەپسىلىي ئۇقۇپ باقتىڭىزمۇ؟
خوشامەت ئەدەبىياتى دېگەن گىپىڭىز ماڭا پەقەت ماس كەلمەيدۇ، مەن بۇ ئوبزۇرنى بىرەر كىمگە خوشامەت قىلىش ئۈچۈن يازمىدىم، بۇ ئوبزورنى يېزىپ بىرەر كىمدىن بىرەر نەرسە ئېلىش تامايىممۇ يوق...مەن خوشامەت قىلمىساممۇ،  ئۆزۈمنىڭ يولىدا تۈپتۈز كىتىۋاتقان ئادەم...
مەن مۇسا ئاكامنىڭ شېئىرلىرىدا ئۆزىگە خاس ئاۋاز بارلىقىنى، تۇيغۇسىغا سەمىمىي ئىكەنلىكىنى، دەۋىرداشلىرىغا ياكى سىز كونا دەپ ئاتاۋاتقان شائىرلارغا ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا يازىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن شېئىرلىرى ھەققىدە  ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ باقاي دەپ، ئۆزۈم شېئىرلىرىنى سوراپ ئەكەلدۈرۈپ يازغان...ماڭا ھېچكىم شېئىرلىرىم ھەققىدە ماقالە يازسىڭىز دېمىگەن...

بىز مەسىللەرگە بىر تەرەپلىمە قارىمايلى، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيلى...يازغۇڭىز بولسا سىز يازسىڭىزمۇ بولىدىغۇ، سىزنىڭ قولىڭىزدىن ياشلارنىڭ شېئىرلىرىغا ئوبزور يېزىش كېلىدغۇ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-1 22:59:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرى بىرەسمىي ئادىمىگەرچىلىك ئوبزورى دەپ چۈشەنسىڭىزلا بولىدۇ كۈيزار ئىنىم.

سەرگەردان...ياخشى تۇرۇپسىز...

ئەگەر مەن ئادەمگەرچىلىك يۈزىسىدىن ئوبزور يازىدىغان ئىش بولسا ھازىرغىچە نۇرغۇن ئوبزۇر يىزىۋەتكەن بۇلاتتىم ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ئەسىرىگە...مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ تۇتقان يۇلۇم بار ئادەم...

ۋاقتى: 2016-3-11 13:49:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مۇسا ئەھەت ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرىغا ناھايىتىمۇ ئەتراپلىق ،  ئىچكىن باھا بېرىلىپتۇ. ئاپتور خىلى چوڭقۇر ئىزدىنىپتۇ....ھەر ئىككى قەلەم ساھىبىغا ئۇتۇق ۋە نۇسرەتلەر نىسىپ بولغاي .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش