بولماس
تەنسىز جان بولماس،
ئەجىرسىز نان بولماس.
★ ★ ★
ياغاچسىز شال بولماس،
ھارام نەرسە مال بولماس.
★ ★ ★
كۈچەتسىز باغ بولماس،
تاشسىز تاغ بولماس.
★ ★ ★
قېرىماي چال بولماس،
يىمەيدىغان گال بولماس.
★ ★ ★
سۇسىز شال بولماس ،
باراڭسىز تال بولماس.
★ ★ ★
كۈچەتسىز تىرەك بولماس ،
ئوقۇماي زىرەك بولماس.
★ ★ ★
چىتسىز باغ بولماس،
سەۋەپسىز داغ بولماس.
★ ★ ★
تاراچسىز ئېرىق بولماس،
سەۋەپسىز يېرىق بولماس.
★ ★ ★
سۇسىز يەر بولماس،
ۋىژدانسىز ئەر بولماس.
★ ★ ★
ياغاچسىز ئوتۇن بولماس ،
ئەخلاقسىز خوتۇن بولماس.
★ ★ ★
چاقمايدىغان پىت بولماس،
چىشلىمەيدىغان ئىت بولماس.
★ ★ ★
تەشمىسە تۈشۈك بولماس ،
بەز يىمەس مۈشۈك بولماس.
★ ★ ★
ۋەزنى يوق نەرسىدە ئېغىرلىق بولماس،
ماقال-تەمسىلسىزجۈملەمىغىزلىق بولماس.
بىلەن
ساماندىن بۇغداي ئېلىش ئارا بىلەن،
مۈشكۈلنى ئاسان قىلىش چارە بىلەن .
***
كەپتەرۋاز ھەپىلىشەر پەغەز بىلەن،
ساختىپەز ھەپىلشەر پەرداز بىلەن.
***
مۇزىكىنىڭ بېشى داپ بىلەن ،
ئالدامچىنىڭ كۈنى لاپ بىلەن .
***
ھارۋىكەشلىك يەل بىلەن ،
ئەمەلدارلىق ئەل بىلەن .
***
تام يىقلار يېرىقلىق بىلەن ،
ئەمەلدار يىقىلار چىرىكلىك بىلەن .
***
دەرەخ لىڭىشار شامال بىلەن ،
مۈشكۈل ھەل بۇلار ئامال بىلەن.
***
ھۆپۆپ ئۈتەر كاما بىلەن،
ئاچكۆز ئۆتەر تاما بىلەن.
***
يولدا ماڭ ئوڭ بىلەن ،
مەسلىھەتنى قىل چوڭ بىلەن .
***
دەريا بۈلىنەر تارام بىلەن ،
بىرلىك بۇزۇلار ھارام بىلەن .
***
مەشرەپ قىززار قالۇن بىلەن ،
جاھان تۇرار قانۇن بىلەن .
***
لەڭپۇڭ تەمى لازا بىلەن،
قانۇن كۈچى جازا بىلەن .
***
خۇشامەتچى ئۆتەر ماختاش بىلەن ،
ئادۇۋكات ئۆتەر ئاقلاش بىلەن.
تەييارلىغۇچى:
مەكىت ناھىيە شىھتدۆڭ ئوتتۇرا مەكتەپ
تۇرسۇن تۇرەك
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-29 21:53