يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 329|ئىنكاس: 7

ئەزىز ئەيسا:خەير-خوش «ئاتا »

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەير-خوش «ئاتا»
(ھېكايە)
ئەزىز ئەيسا

ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلى خاپىلىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ  «كاتتىلار» ئارامگاھىدىن ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئالى دەرىجىلىك كىرېسلوغا چۆكۈپ ئولتۇرغىنىچە «جۇڭخۇا» ماركىلىق پاپىرۇسنى يېنىشلاپ شوراپ تۇرۇپ ئىچىدە :« مەن بۈگۈن نېمە ئىشلارغا يولۇقتۇم، نېمە ئىشلارنى كۆردۈم، ئاھ ...تەڭرىم! ئەمدى ماڭا نە نومۇس! نە ئات! نېمە كۆرگۈلۈك ؟!...»دەپ نالە قىلاتتى، پۇچىلىناتتى.
ئۇنىڭ يۈرىكى شۇ دەمدە-قىزىل چوغقا قاقلىنىۋاتقان كاۋاپتەك پىژىلداپ كۆيەتتى. ئىچ-ئىچىدىن قورۇلۇپ ئېچىشاتتى. ئۇ ھەيرانلىق، نومۇس، پۇشايمان گىرەلىشىپ كەتكەن دەرد ھەسرىتىنى ئايالى گۈلشەن خانىم، ياكى بىرەر يېقىن يورۇقى ۋە ياكى ھەرقانداق بىر ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادىرىگە تىنالمايتتى.
ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلىنىڭ كۆز ئالدىدا ھېلىلا روي بەرگەن «كاتتىلار» ئارامگاھىدىكى ئىشلار بىر-بىرلەپ قايتا نامايان بولماقتا ئىدى .
                   *                  *           
ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلى بۈگۈن ئالدىن پىلانلانغان كۈندىلىك خىزمەتلەرنى ئالاقىدار بۆلۈمچىلەر مەسئۇللىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ تۈنۈگۈن شەھەرلىك پارتكومدىن چۈشۈرۈلگەن قىزىل تامغىلىق ھۆججەتنى كۆرۈپ ئولتۇراتتى. بىردىنلا يانفونى سايرىدى. تېلېفوندا ھېلىم بېدىكنىڭ خىرقىراق ئاۋازى ئاڭلاندى:
-سا جۈيجاڭ تېچلىقمۇ ئۆزلىرى ؟
-تىنچلىق .
-سۆزلىشىش قولايلىقمۇ ؟
سۆزلەۋېرىڭ .
-ھە…مۇنداق ئىش ئىدى. بۈگۈن كەچ، ھېلىقى كونا ماكانىمىز «كاتتىلار» مەيخانىسىدا    ئۈچ تۆت ئاغىنىلەر بىلەن يەنە ئازراق كۆڭۈل ئاچايلىمىكىن دېيىشكەن …شۇ... ئۆزلىرىنىڭ مەيلىنى سوراپ تېلېفون قىلىشىم ئىدى.
-ھە…. يەنە شۇ تۇمۇچۇقلار بار دېگىنە ؟
-ئەلۋەتتە شۇنداق بولمامدىغان. سا جۈيجاڭ ...!سىلى خوش بولىدىغانلىكى ئىش بولسا ئاسماندىكى ئاي بولسىمۇ ئۈزۈپ كېلىپ ئالدىلىرىدا تەييار قىلىمەن-دە؟! …
-ياخشى گەپ .-دېدى-ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلى، گۆشلۈك يۈزىگە سۇس كۈلكە يۈگۈرتۈپ:
-يەنە شۇ تۇمۇچۇقلار بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىش بولسا…مەيلى. لېكىن ئادەم كۆپ بولۇپ كەتمىسۇن. يەنە ئىس-بۇسى چىقمىسۇن.
-ئەلۋەتتە دېگەنلىرىدەك بولىدۇ …كەچ سائەت دەل يەتتىدە «كاتتىلار ئارامگاھى» نىڭ ھېلىقى «قوشماق ئۆردەك» ئايرىمخانىسىدا كۆرۈشەيلى ئەمىسە .
-بولىدۇ …
ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلى ئىدارىدىكى بىركۈنلۈك خىزمەتلەرنى تۈگىتىپ، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، شوپۇرىنى قايتۇرۇۋەتتى. ئۇ ئايالى گۈلشەن خانىمنىڭ ياردىمىدە كىيىم ئالماشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ «تۇلپار »(宝马) ماركىلىق ماشىنىسىنى ھەيدەپ ساتىراشخانىغا بېرىپ چاچ ساقاللىرىنى كۆڭۈل قۇيۇپ ياساتتى. ئاندىن ئۈستى بېشىغا ئالى دەرىجىلىك ئەتىر پۈركۈتۈپ دەل سائەت يەتتىدە تەكلىپ قىلىنغان ئارامگاھقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى
ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلى ئۈچۈن بۈگۈن كۆرۈشىدىغان ئەر مېھمانلار ئەلۋەتتە ناتونۇش ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا بىرەر ئىدارە، ئورگاننى مۇستەقىل سوراۋاتقان سەركىلەر ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا گېپى، مىجەز-خۇلقى بىر يەردىن چىقاتتى. بولۇپمۇ مۇشۇنداق سورۇندا چىرايلىق تۇمۇچۇقلاردىن ھۇزۇر ئېلىشتا خۇپىيانە ھالدا ھەمكارلىشاتتى. ئۆز ئارا قوللاپ قۇۋەتلىشەتتى.
ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلى ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايرىم خانىگە كىرىپ كەلگەندە-ئەركىن مۇدىر  ،قاسىم سېكرېتار يەنە ھېلىم بېدىكلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلى بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ ئامانلىق سوراشتى. يەنە ئەمدىلا 18-20لەر گە كىرگەن زامانغا لايىق مودا كىيىنگەن ئىككى نەپەر قىزمۇ ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلىغا تاتلىق تەبەسسۇملىرىنى قوشۇپ يېنىككىنە باش لىڭشىتقىنىچە ئەھۋال سورىغان بولدى. بۇ ئايرىمخانىدىكى 50ياشلار ئەتراپىدىكى تۆت نەپەر ئەرلەرنىڭ ھەممىسى تولۇپ سەمرىگەنلەر بولۇپ خۇددى تەڭ ھامىلىدار بولغان ئاياللاردەك ئۇلارنىڭ قورساقلىرى تومپىيىپ چىقىشقان ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تېخى ئېغىزىدىن ئانا سۈتىنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرغان زىلۋا بويلۇق قىزلار بولسا بىرلا قاراشتا بۇ سورۇندىكى ئەركەكلەرنىڭ قىزلىرىدەك ياكى سىڭلىسى دېمەتلىك كۆرۈنەتتى  .  
سادىر ئېلى قىزلارغا جاۋاب سالام قايتۇرۇپ تۇرۇپ تۈرلۈك مېۋە-چېۋىلەر تىزىلغان يۇمىلاق ئەينەك شىرە ئەتراپىغا قۇيۇلغان بوش ئورۇندۇققا كېلىپ ئورۇن ئالدى، ھەم پاپىرۇس تۇتاشتۇرۇش باھانىسىدە ئۆز يېنىدا ئولتۇرۇشقان ئىككى نەپەر قىزغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن نەزەر تاشلاشقا باشلىدى «ئىنچىكە ئەگىم قاشلار ئاستىدىكى بىرلا قارىغان كىشىنىڭ جېنىنى ئېلىپ يېنىدا قۇيىدىغان قاپ قارا سېھىرلىك بۇلاق كۆزلەر…خۇددى سۆيۈش ئۈچۈنلا يارالغاندەك قىزىل گۈل غۇنچىسى كەبى قىزىل لەۋلەر …بۇرۇن ئوينىغان ھەرقاندىقىدىن سەتەڭ ئوينىغۇچلار ئىكەنغۇ بۇلار؟ بۈگۈن ئاخشام … تازا پەيزى قىلىدىكەنمەن-دە...» -دەپ ئويلىدى سادىر ئېلى ئىچىدە .
شۇ ئەسنادا ھېلىم بېدىك ھىيلىگەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان قىزىل پىت كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپ خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلىدىن سورىدى .
-سا جۈيجاڭ، يەنە ئىككى نەپەر قىز مېھمىنىمىز ھازىرلا كەلمەكچى …شۇنىڭغىچە تاماق ۋە قورۇمىلارنى كەلتۈرۈشكە باشلىسۇنمۇ ؟
-دېگىنىڭىزدەك بولسۇن .
ھېلىم بېدىك شۇئان مېھمانلارغا چاي قۇيۇۋاتقان مۇلازىمغا قاراپ ؛
-ئېلىپ چىقىڭلار-دەپ بۇيرىدى.
مۇلازىملار مەززىلىك پۇراق تارقىتىپ تۇرغان تائاملار ۋە قۇرۇملارنى ئېلىپ چىقىپ بىر-بىرلەپ يۇمىلاق ئەينەك شىرە ئۈستىگە تىزىشقا باشلىدى. قورىمىلاركەلتۈرۈلۈپ ئارقىدىنلا شىرە ئۈستىگە تۈرلۈك سوغۇق ئىچىملىك ۋە «ماۋتەي» ماركىلىق ئالى ھاراق، شۇنداقلا يەرلىك مەھسۇلات بولغان ئاۋاتنىڭ مۇسەللەسلىرىمۇ بىر بىرلەپ كەلتۈرۈلدى. مۇلايىم سىلىق سۆزلىرى بىلەن خۇشامەتنى ھەق دادىغا يەتكۈزىدىغان ھېلىم بېدىكنىڭ قىزغىن ئەتراپلىق مۇلازىمىتى نەتىجىسىدە رومكىلار بېلىق كۆزى تولدۇرۇلۇپ، ئارقا ئارقىدىن سوقۇشتۇرۇلۇپ سورۇن تىزلا جانلىنىپ كەتتى ...بىرنەچچە رومكا كۈچلۈك ھاراق تەسىرىدىن قانلىرى قىزىپ ئولتۇرالماي قالغان سادىر ئېلى مۇڭلۇق ئىشقى مۇھەببەت كۈيىنىڭ غىدىقلىشى بىلەن بىرىنچى بولۇپ يانداش ئولتۇرغان قىزنى تانسىغا تارتتى ...
سادىر ئېلى كۆتۈرۈلۈپ چىققان قورسىقىنى قىزغا ئېھتىيات بىلەن مەھكەم چاپلاشقا تىرىشىپ غۇۋا رەڭلىك چىراغ نۇرىدا مۇڭلۇق ئېيتىلغان مۇھەببەت كۈيىگە تانسا ئوينىماقتا. تانسا ئويناۋېتىپ كۈچلۈك ھارارەت تەسىرىدىن شۇئان كۆڭۈل شەيتىنى تىزگىنىدىن بوشاپ قىزنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىماقچى بۇلاتتى ...سادىر ئېلى ھاياجان بىلەن :
-ئىسمىڭىزنى نېمە دەپ ئاتىسام بولىدۇ ؟-دەپ قىزنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلىدى  
-ئىسمىم ئادىلە .-جاۋاب بەردى قىز-گەرچە جىسمىنى سادىر ئېلىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرسىمۇ ئەمما نارازىلىق ئىپادىسىزلىق چىقىپ تۇرغان كۆزىنى سادىر ئېلىدىن ئېلىپ قېچىپ تۇرۇپ .
سادىر ئېلى ئۆزىگە چاپلىشىپ تۇرغان قىزنى ماختاشقا باشلىدى:
-ئادەمنى بىھوش قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەتىرگۈل پۇرايدىكەنسىز
-....
-قايسى ئىدارىدە ئىشلەيسىز ؟
-ئالدىنقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن، تېخى خىزمەت تاپالمىدىم  ...
-ياخشى ...مەن سىزنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيمەن
مۇشۇ سۆزلەرنى قىزنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلاۋاتقان دەقىقىدە سادىر ئېلىنىڭ كۈزى بىردىنلا ئىشىك ئېچىلىپ ئايرىمخانىغا كىرىپ كېلىۋاتقان بەكمۇ تونۇش بىر كۆز بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. سادىر ئېلى دەرھال ئەس ھوشىنى يىغىپ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان ئۇ كۆزگە يەنە بىرقېتىم قارىدى ...ئەمما سادىر ئېلىنىڭ كۈزى بىردىنلا نەق ئۆزىنىڭ ئامراق جان جىگەر قىزى نەركىزەنىڭ كۆزى بىلەن ئۇتتۇرمۇ- ئۇتتۇر دوقۇرۇشۇپ تۇرغانلىقىنى چۈچۈش ئىچىدە بىلىپ يەتتى  .دادا بىلەن قىزنىڭ كۆزى مۇشۇنداق خۇپىيانە ئايرىم خانىدا ئۆز دادىسىنىڭ ناتونۇش بىر قىز بىلەن چاپلىشىپ تۇرۇپ تانسا ئويناۋاتقان ھالەتتە ئۇچرىشىپ قالدى-يۇ ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلى شۇدەمدە ئۆزىنىڭ كۆزىنى، ياق بەلكى جىسمىنى قىزى نەركىزەنىڭ كۆزى ئالدىدا قەيەرگە يوشۇرۇشنى، قىزى نەركىزەگە نېمە دېيىشىنى، قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىنى بىلەلمەي ئۆز ئورنىدا قېتىپ تۇرۇپلا قالدى …نەركىزەنىڭ سوغۇق، نەپرەتلىك كۆزلىرى ئۆز دادىسى بولغۇچى سادىر ئېلىنىڭ ئەلەڭلەپ تۇرغان كۆزىگە مىختەك قادىلىپ تۇراتتى …
دادا بىلەن قىزى ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئازراقمۇ ئىلغا قىلالمىغان ھېلىم بېدىك دەرھال مۇزىكىنى توختىتىپ يېڭىدىن كىرىپ كەلگەن ئىككى نەپەر قىزنى قارشى ئالماقتا ئىدى .
-كېلىڭلار ئوماق قىزلار، كېلىڭلار. يولۇڭلارغا تۆت كۆز بىلەن قاراپ تۇرۇشقان ئىدۇق …بەھۇزۇر ئورۇن ئېلىڭلار …بەھۇزۇر…ساجۈيجاڭ، مانا كۈتكەن مېھمانلارمۇ ئاخىر كېلىپ بولۇشتى، ئەمدى …
چىرايى كونا گېزىت قەغىزىدەك تاتىرىپ، بۇتتەك قېتىپ ئۆز ئورنىدا تۇرۇپلا قالغان ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلى، ھېلىم بېدىكنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشىدىن دەر ھال ئەس ھوشىنى يىغىپ :
-ھە ...ئە…مىنىڭ شۇ… ئازراق ...ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى …سىلەر ئولتۇرۇۋېرىڭلار-دېدى-دە دەرھاللا ئاسقۇدىكى كىيىمىنى ئېلىپ، ئايرىم خاندىن چىقىپ كەتتى. زادى مۇشۇ مىنۇتلاردا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىنى ھېچ بىلەلمىگەن ھېلىم بېدىك شۇئانلا ئىدارە باشلىقىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ پەلەمپەيدىن چۈشۈۋېتىپ سۆزلەشكە باشلىدى ؛
-سا جۈيجاڭ…سا جۈيجاڭ بۇ…بۇ …قانداق بولغىنى؟ نېمە ئىشلاردىن خاپا بولۇپ قالدىلا زادى ؟!
سادىر ئېلى قەدىمىنى توختىتىپ كەينىدىن پالاقلىغىنىچە ئەگىشىپ چۈشۈۋاتقان ھېلىم بېدىككە غەزەپ بىلەن ھۇمۇيۇپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى:
-ئەمدى بۇ زىياپىتىڭگە يەتمىش پۇشتۇڭنى يىغىپ كېلىپ قاتناشتۇرىۋال! …يەنە كەينىمدىن ئەگەشمەي ئورنۇڭدا جىم تۇرۇۋال-بىلدىڭمۇ ؟
*             *                  *
گىرۋەكلىرىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ئاسما سائەت ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلىنىڭ ھەشەمەتلىك مېھمانخانىسىنىڭ تېمىدا كەچ سائەت ئون بىرنى كۆرسىتىپ، يېنىك چىكىلداپ كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزاتتى ...ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلىنىڭ ئازابلىق خىياللىرى، شۇ دەمدە مېھمانخانا ئىچىنى قاپلىغان قويۇق تاماكا ئىسىدەك بوشلۇقتا لەيلىمەكتە ئىدى .
-ھەي…ھەممىنى قىلغان شۇ ھېلىم بېدىك دېگەن نا ئەھلى …ئۇ قانداق بولۇپ نەركىزەنى شۇ رېستوران ئايرىمخانىسىغا باشلاپ كىرىدۇ؟ھەممىنى ئىشنى تېرىغان شۇ ئىتنىڭ كۈچىكى …ماڭىمۇ ئاز، ئۆزۈمنىڭ سۈپىتىنى بۇزۇپ، شۇنداق بىر نەچچە نائەھلىينىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغاندىكىن! ئۇلار:«ۋاي سا جۈيجاڭ، تۇمۇچۇقتەك چىرايلىق ئوينىغۇچلار ئىكەن، يىگىتلىكىمىزنىڭ بارىدا ...ئويناپ تۇرمايمىزمۇ »-دەپ كۈن ئارىلاپ زىياپەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ قىزلىرىمىز دېمەتلىك قىزلارنى ئالدىمىزغا تاشلاپ بەرسە نېمىشقا بىر ئېغىز «ياق! بولمايدۇ، ھېچ بولمىسا ئۇلارمۇ بىزنىڭ قىزلىرىمىز بىلەن دىمەتلىك ئىكەن.» دېيەلمەيمەن؟ شۇ ھېلىم بېدىك ۋە باشقا نائەھلىلەر ماڭا بەرگەن پۇل ماللىرى، سېلىپ بەرگەن داچىلىرى ئايدا ئىككى ئۈچ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن زىياپەت، تېپىپ بەرگەن قىزلىرى بەدىلىگە مېنىڭدىن پايدىلىنىپ شەھەرگە يۆتكىلەلمىگەننى يۆتكەپ، باشقىلارغا ۋاكالىتەن بېجىرەلمىگەن ئىشلىرىنى بېجىرىپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئارىدىن يەنە نەچچە ھەسسە پايدا ئېلىپ يانچۇقىنى توملاپ خۇددى گەندە يەپ ئېغىزىنى توپىغا سۈرىتىۋېتىپ ئۆچۈپ كېتىدىغان  قاغىغا ئوخشاش بەخىرامان ياشاۋېرىدۇ. ئەمدى ماڭىچۇ؟ ئاقىۋەت قانداق بولدى؟ مېنى قانداق قىسمەتكە دۇچار قىلدى؟ ئاخىر ئۆزۈمگە ياندى! ئەمدى قىزىم نەركىزەنىڭ ئالدىدا بۇ يۈزۈمنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرىمەن؟شۇ قىزىمنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نېمىشقىدۇر مەن بىلەن مۇڭداشمايدىغان، ماڭا سوغۇق سوئال نەزىرى بىلەن قارايدىغانلا بولۇپ قالغان بۇ قىزىمغا شۇ ئايرىم خانىدىكى ئىشنى يەنە نېمە دەپ چۈشەندۈرىمەن؟ ھەممىسى تۈگىدى! شۇ قىزىم ئالدىدىكى ئىززەت ئابرۇيۇم، دادىلىق ئىززەت-ھۆرمىتىم ھەممىسى يەر بىلەن يەكسان بولدى …ئەمدى قانداق قىلماق كېرەك ؟!
مۇھىم ئىش بولمىسا چىش يېرىپ ئاي-يىللاپ يولدىشى سادىر ئۇلىغا گەپ ئاچمايدىغان ئايالى گۈلشەن خانىم، خاس ياتالغۇسىدىن چىقىپ يولدىشى سادىر ئۇلىغا قاراپ سوغۇق تەلەپپۇزدا سۆزلىدى :
-كېچە سائەتمۇ ئون بىردىن ئاشتى …نەركىزەگە بۈگۈن نېمە بولدىكىن؟ بۇچاققىچە ئۆيگە قايتىپ كەلمىدى …تېلېفونى ئېتىككەن …ئۇرۇق تۇغقانلار، نەركىزەنىڭ مەن بىلگەن ساۋاقداشلىرى، دوستلىرىنىڭ ھەممىسىگە تېلېفون قىلىپ ئالاقىلەشتىم … كۆرمىدۇق ...كەلمىدى-دەيدۇ …
ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلى، ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ كىرېسلوغا چۆكۈپ ئولتۇرغىنىچە ئايالى گۈلشەن خانىمنىڭ سۆزىگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. شۇنداق! يەنە قانداق ئىنكاس قايتۇرسۇن؟ نېمە دېيەلىسۇن «نەركىزە ھېلىلا مەيخانىنىڭ ئايرىم خانىسىدا قالغان …» دېيەلىسۇنمۇ ؟
سادىر ئېلى بىلەن ئايالى شۇ كېچە تاڭ ئاتقۇچە تۈزۈككىنە كىرپىك قاقمىدى …ئۇرۇق تۇغقانلار نەركىزەنىڭ ساۋاقداش-دوست بۇرادەرلىرى بىلەن نەركىزەنىڭ دېرىكىنى قىلىپ تەكرار ئالاقىلەشتى. ئەمما نەركىزە شۇ كېچە ئۆيگە قايتىپ كەلمىدى .
بېشى ھازىرلا پارتلاپ كېتىدىغاندەك تىنماي لوقۇلداپ ئاغرىپ، پىكىر خىيالى توزغاقتەك توزۇپ تاشتەك ئېغىرلاشقان جىسمىنى نەگە قۇيۇشنى، قەيەرگە يوشۇرۇشنى بىلمەي قالغان سادىر ئېلى سىرتتا ساقلاۋاتقان خاس شوپۇرىنىڭ «يەنە ئازراق ساقلايمەنمۇ؟» دەپ دېرەكلەپ تېلېفون قىلىشى بىلەن ئەتىگەنلىك ئىشقا بارىدىغان ۋاقىتنىڭ ئاللاھ قاچان توشۇپ كەتكەنلىكى ئېسىگە كېلىپ، ناشتا قىلىشنى، ئۈستى بېشىنى تۈزەشتۈرۈشنىمۇ ئۇنتۇپ ئىشخانىسىغا يېتىپ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي كاتىپ قىز نەچچە كۈندىكى ئادىتى بۇيىچە «ئەتىگەندە مۇھىم تاپشۇرۇقلار بولۇپ قالسا» دېگەن مەقسەتتە ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئىدارە باشلىقىنىڭ بۈگۈنكى روھى ھالىتىنىڭ تولىمۇ چاغ ئەمەسلىكىنى پەملەپ، ئۈنسىز تۇرۇپ قالدى. ئىشخانىغا كاتىپ قىزنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن سادىر ئېلى:
-بۈگۈن مىجەزىم يوق! …ئىش بولسا مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنى ئىزدەڭ …. يەنە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ …كۈندىلىك ئىشلارنى بىرياقلىق قىلىپ تۇرسۇن .
كاتىپ قىز ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى …
كاتىپ قىز ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىپ تۇرۇشىغا سادىر ئېلىنىڭ يان تېلېفونى سايرىدى. سادىر ئېلى تېلېفوننى ئۇلىغان ئىدى. ئايالى گۈلشەن خانىمنىڭ پەس ئاۋازدا يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان «نەركىزە ئۆيگە خەت كىرگۈزۈپتۇ …دەرھال كەلسىلە …» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. سادىر ئېلى دەرھال شوپۇرىنى چاقىرتىپ تىزلا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى ۋە كىرېسلودا مىشىلداپ يىغلاپ ئولتۇرغان گۈلشەن خانىمنىڭ ئالدىدىكى ئەينەك شىرە ئۈستىدە تۇرغان خەتنى قۇلىغا ئالدى. خەتنىڭ بىرىنچى بېتىگە يېزىلغان خەتلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى قانداقتۇ سۇ تامچىسى بىلەن بويالغان بولۇپ، نەركىزە دادىسى بىلەن ئانىسىغا يازغان بۇ خېتىنى يىغلاپ تۇرۇپ يازغاندەك قىلاتتى. ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلى ئامراق قىزىنىڭ خېتىنى تەقەززالىق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدى. خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى .
مۇشۇ تۇرقۇمدا ئۆز دادام بولغۇچى كىشىنى «دادا» دەپ ئاتاشتىن تولىمۇ نومۇس قىلغان ھالدا ھەم «نېمىشقا شۇنداق ئازغۇن لاياقەتسىز دادىنىڭ بەختسىز قىزى بولۇپ قالغاندىمەن؟! »-دەپ يۈرىكىم يېرىلغۇدەك بولۇپ بۇ خېتىمنى يېزىۋاتىمەن .
دادا …سەن ئاخشامقى ئىشلارنى، يەنى بىر ئىدارە باشلىقى بولغان دادا بىلەن ئۇنىڭ ئەمدىلا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قىزىنىڭ، ئۆزۈڭنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «رەڭلىك ئولتۇرۇش»سورۇنىدا دوقۇرۇشۇپ قالغانلىقىمىزنى  ،قانداقتۇر بىرەر باھانە كۈنلىكى ئاستىغا ئېلىشنى ئويلاۋاتسىڭىز كېرەك …ئەمما ئەمدى ھەرگىز ئارتۇقچە ئورۇنۇشلاردا بولۇپ بىكار ئاۋارە بولما.
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن قىرائەتخانىدا كىتاب ئارىلاپ يۈرسەم ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم رەنا تېلېفون قىلىپ «خىزمەتكە چۈشۈپ بولغۇچە ئۆيۈڭدە زېرىكىپمۇ قالغانسەن. بۈگۈن كەچتە رېستورانغا بېرىپ راسا ئويناپ كېلەيلى. كۆزۈڭنى بىر ئېچىپ قۇياق، چوقۇم كەلگىن» دېدى. ئۆزۈڭ بىلىسەن، مىنىڭ ئەزەلدىن ئارتۇقچە زىياپەت، ئويۇن تاماشا بىلەن خۇشۇم بولمىغاچقا بارمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ چىرايلىقچە رەت قىلدىم. ئەمما رەنا يەنە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشكە باشلاپ مۇنداق دېدى ؛
«ھەي …ئەخمەق، بۇقېتىمقى سورۇندا كىم بىلەن ئولتۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلەمسەن؟ شەھەرلىك * * * ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سادىر جۈيجاڭ دېگەن كىشى بىلەن ئولتۇرىدىكەنمىز…ئۆزەڭغۇ <دادام قايسى بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى> دەۋاتاتتىڭ. شۇنداق بولسىمۇ پىچىقى كېسىدىغانراق بىرەر ئەمەلدار بىلەن تونۇشۇپ قويغاننىڭ زىيىنى يوققۇ؟ دەل بىز بۈگۈن بىرگە ئولتۇرىدىغان سا جۈيجاڭ دېگەن كىشىنىڭ پىچىقى بەك كىرەرمىش؟ ھەم ئۇ كىشى گەرچە سەل قېرى بولغىنى بىلەن ئولتۇرۇشلاردا بەك شوخ ئولتۇرارمىش ..يەنە كېلىپ تۆت جۈپلەر رەڭلىك ئولتۇرىدىكەنمىز! … تېخى شۇ سورۇندا ئۇ سا جۈيجاڭ دېگەن كىشىنىڭ بىرەرسىمىزگە كۈزى چۈشۈپ قالسا تەلەي بەختىمىز دىگەن شۇ …؟قالغان تەرىپىدىن ئارتۇقچە غەم قىلما. يەنە مەن ساڭا دەي-ئادەمدە چۇ ئەخلاق بىلەن قابىلىيەتمۇ بۇلىشى ئەڭ مۇھىمى مۇناسىۋەتمۇ بولۇش كېرەك! …زادى ئەخلاق ،بىلىم دېگەنلەرنىڭ قەدرىنى قىلىدىغان بىلىدىغان كىملەر بار؟ ھەممە ئىش پۇل ھوقۇق بىلەن ئوخشاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قابىلىيىتىم ئەخلاقىم بار دەپ ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ نېمە قىلىسەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ نەگە، نېمىشقا بارغانلىقىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ...» مەن رەنانىڭ تېتىقسىز گەپ-سۆزلىرىنى يەنە ئارتۇقچە ئاڭلاپ قالماي-دەپ تېلېفوننى دەرھال ئۈزۈپ تاتىۋەتتىم ..شۇ مىنۇتتىن باشلاپ قەلب يارىلىرىم قايتا تاتىلىنىپ يۈرەك باغرىم خۇددى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كۆزئالدىمدا سىنىڭ يەنى ئۆز دادام بولغۇچىنىڭ تۈتەك ئىچىدىكى خۇنۈك ئوبرازى قايتىدىن پەيدا بولۇپ پىكىر خىيالىم ئازاب ئوچىقىدا كۆيۈشكە باشلىدى.«ئاھ تەڭرىم …شۇ دەمدە مەن كىمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىدىم؟ يەنە شۇ دادامنىڭ ئىسمى! …دېمەك مەن شۇدەمدە دادام بىلەن بىر سورۇندا بولىدىغان رەڭلىك سورۇنغا تەكلىپ قىلىنماقتا ئىدىم …يەنە كېلىپ قايسى بىر ئايرىم خانىدىكى تۆت جۈپلەر ئولتۇرىدىغان …تېخى يېڭىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن قىزى دېمەتلىك يۈزى ئېچىلمىغان قىزلار بىلەن… ياق! ياق! مەن بەلكىم خاتالىشىۋاتقاندىمەن. بۇ شەھەردە سادىر ئىسىملىك باشقا ئىدارە باشلىقىنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىنغۇ؟ ئىلاھىم مەن ئۈچۈن شۇنداق بولغىيدى.»
ئەمما مەن شۇھامان نەۋرە ئاكامغا تېلېفون قىلىپ بۇ شەھەردە «سادىر» ئىسىملىك باشقا ئىدارە باشلىقىنىڭ بار يوقلىقىنى ئاتايىن سورىدىم. نەۋرە ئاكام ئېنىق جاۋاب بېرىپ ؛-بۇ شەھەردە «سادىر» ئىسىملىك ئىدارە باشلىقىدىن پەقەت بىرسىلا بارلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى
دېمەك مەن تەكلىپ قىلىنغان رەڭلىك ئولتۇرۇشتا سېنىڭمۇ بارىدىغانلىقىڭنى جەزملەشتۈردۈم … گۇمانىم قارار تاپقاندىن كىيىن بىردىنلا كۆڭلۈم قايتىدىن پەرىشان بولۇپ چۈشلۈك تاماققىمۇ ئۆيگە بارغۇم كەلمىدى. مەقسەتسىز كۇچا ئايلاندىم …باغچىدا ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ كەچ كىرگىچە خۇددى يۈرىكىنى بىرسى سۇغۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن مۇردىدەك بىر ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئويلاندىم، ئۆزۈمنىڭ بەختسىزلىكىمگە، بىچارە ئانامنىڭ شور پېشانىلىكىگە ئىچ ئىچىمدىن پۇچىلىنىپ يىغلىدىم …نېمىشقا مەندەك بىر بەختسىز قىزنى سەندەك لاياقەتسىز بۇزۇق چىرىك دادىغا بالا قىلغاندۇ؟- دەپ ياراتقان ئاللاھقا نالىلەر قىلدىم …
ئاخىرى …يەنىلا دەرھال ئەس-ھوشۇمنى يىغىپ، ئەمدى قانداق قىلىشىم ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم …كۆپ ئويلىنىشلاردىن كىيىن يەنە بىر قارارغا كەلدىم-دە، رەناغا تېلېفون قىلىپ بۈگۈنكى رەڭلىك ئولتۇرۇشقا ئەمدى بارىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم ؛يەنى سەن بار سورۇنغا بىر بېرىپ، سىنى شۇنداق رەڭلىك سورۇندا ئۇچرىتىپ سىنىڭ كۆزۈڭگە نەپرەت بىلەن بىر قارىۋېلىشنى قارار قىلدىم …دېمەك مەن ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ مەقسەتلىك ھالدا سەن بار شۇ سورۇنغا بارغان ئىدىم …
بەلكىم سەن شۇ دەمدە ئاخشام يۈز بەرگەن ئاچچىق مەسخىرىلىك، پاجىئەلىك ئاقىۋەتتىن ئازابلىنىپ پۇچىلىنىپ ئۆزۈڭنىڭ گۆشىنى ئۆزۈڭ يېگۈدەك بولۇپ ئولتۇرىدىغانسەن. ئەمەلىيەتتە ئانامنىڭ، بولۇپمۇ مىنىڭ دەرد ئازابىم بەختسىزلىكىم مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا باشلانغان.
مەن ئەقلىمنى بىلگۈدەك بولۇپ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا سەن ھەممە ئىشتا پاكىزلىقنى، ھالاللىقنى ئىستەيدىغان، ھەممە كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ياخشى بىر دادا ئىدىڭ. ماڭا، ئانامغا بولغان كۆيۈمچانلىقىڭ، كەمتەر، ئىشچان سەمىمىي، يۇمۇرىستىك، ئۇچۇق يورۇقلىقىڭ بىلەن مىنىڭ تولىمۇ ئامراقلىقىمنى، ئىززەت ھۆرمىتىمنى كەلتۈرەتتىڭ. شۇ چاغلاردا ساڭا ئوخشاش قاملاشقان سالاپەتلىك نەمۇنىلىك مېھرى ئىللىق دادام بولغانلىقىدىن مەن ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك قىز ھېسابلايتتىم …بىراق مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان يىلى سېنىڭمۇ ئۆزۈڭ ئىشلىگەن ئىدارىدە بىر بۆلۈمنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئۆسكەنلىكىڭنى ئۆز ئاغزىڭدىن ئاڭلاپ، بۇ خوش خەۋەرنى سىنىڭ ۋە ئائىلىمىزنىڭ تۇنجى مۇۋەپپەقىيىتى-دەپ بىلىپ دەسلىپىدە خېلى خۇشال بولغان ئىدۇق. ئەمما ئانچە ئۇزۇنغا قالماي كۈنسېرى سىنىڭ، مەن ۋە ئانامدىن تەدرىجىي يىراقلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىڭنى بۇرۇنقى مەن ھۆرمەتلەپ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆيۈملۈك دادامغا زادىلا ئوخشىماي قېلىۋاتقانلىقىڭنى ئازاب بىلەن ھېس قىلىشقا باشلىدىم. چۈنكى ئەمەل مەنسىپىڭ ئۆسكەندىن كېيىن ئىشتىن سىرتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ سىنىڭ ئۆيدە تۇرىدىغان، بىز بىلەن بىرگە تاماق يەيدىغان، مەن ۋە ئانام بىلەن سىردىشىدىغان ۋاقتىڭ كۈنسېرى ئازلاپ كېتىپ باراتتى. بىلىپ تۇراتتىمكى ھەركۈنى كەچتە قايسى بىر ئولتۇرۇش، ياكى زىياپەتلەرگە چاپاتتىڭ. يەنە ئارىلاپ ئۆيىمىزدە بولغان ۋاقتىڭدىمۇ ئانام بىلەن ماڭا كەمدىن كەم گەپ قىلىدىغان، گەپ قىلغاندىمۇ، نېمىشقىدۇر قاپىقىڭنى تۈرۈپ، چىرايىڭنى ئاچماي تۇرۇپ گەپ قىلاتتىڭ .
مېنى ئەڭ غەزەپلەندۈرىدىغىنى سىنىڭ ھەر ھېيت-بايرام يېتىپ كېلىش ھارپىسىدىكى يىرگىنىشلىك قىلمىشىڭ بولدى …
سەن بۆلۈم باشلىقىغا ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ھەر ھېيت-بايرامدا چوڭ دادام، چوڭ ئاناملار، ئۇرۇق تۇغقانلار، ئەل-ئاغىنىلىرىڭنى كەمدىن كەم يوقلايتتىڭ-يۇ، ئەمما ھەر ھېيت-بايرام يېتىپ كېلىش بىلەن قاسساپلارغا، ۋە تاللا بازىرىغا نۇرغۇن قىممەتلىك گۆش، بېلىق، ھاراق، تاماكا، چاي، ھۆل-قۇرۇق مېۋىلەر دېگەندەك بۇيرۇتمىلارنى بۇيرۇتۇپ مەخسۇس ماشىنىغا بېسىپ بىرباشتىن قايسى بىر ئىدارە باشلىقى، قايسى بىر شەھەر باشلىقىنىڭ يەنە قايسى بىر ئەمەلدارنىڭ ئۆيىنى پەتىلەپ مەخسۇس قىممەتلىك بۇيۇملار بىلەن ئۇلارنىڭ بايرام ھېيتىنى مۇبارەكلەشكە باشلايتتىڭ …ئۆيدىكى ھەممە ئەھۋالنى بىلىپ تۇراتتىم …ئۇ چاغلاردا ئۆيىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمۇ ئائىلىمىزنىڭ كۈندىلىك چىقىمىغا ئاران يېتىدىغان سېرىق تال كۈن ئېلىۋاتقان ئائىلە بولۇپ، ھەتتا سەن مەندەك بىر بويغا يېتىپ قالغان قىزىڭغىمۇ ھېيت بايراملاردا تۈزۈك بىرقۇر كىيىم ئېلىپ بەرمەيتتىڭ، ياكى ھەپتە ئون كۈندىمۇ خەجلەڭ-دەپ ئون يۈەن پۇل بەرمەيتتىڭ. ئەمما سەن مەخسۇس يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلارنى يوقلايدىغانغا سوغا سالام ئېلىش ئۈچۈن ئۆز يېنىڭدىكى پۇل يېتىشمەي قالغاندا باشقىلاردىن قەرز ئالاتتىڭ!...مېنى ئەڭ غەزەپلەندۈرىدىغىنى بىر باھار بايرىمى ھارپىسىدا سىنىڭ ئانام بىلەن قىلىشقان گېپىڭنى ياندىكى ئۆيدە ئاڭلاپ تۇردۇم. سەن ئانامنى ۋىلايەتتىكى قايسى بىرباشلىققا بىر سومكا پۇل ئاپىرىپ بېرىشكە زورلىدىڭ. ئانام:« مەن ئۇ كىشىنىڭ تىلىنى ئانچە ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان تۇرسام، يەنە كېلىپ مەن بىر ئايال تۇرسام. بۇ كېچىدە ئۇ باشلىقنىڭ ئايرىم ياتىقىغا بارسام قانداق بولىدۇ؟»-دەپ بارغىلى ئۇنىمىدى. ئانام بىلەن ئىككىڭلار خېلى كۆپ جېدەللەشتىڭلار. ئاخىرى بىچارە ئانام لېۋىنى چىڭ چىشلەپ قار-يامغۇر يىغلاپ تۇرۇپ سىنىڭ زورلۇشۇڭ بىلەن پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى…شۇ كۈنلەردىن باشلاپ سىنىڭ بىر ئادەملىك سىياقىدىن  بىراقلا ئۆزگىرىپ تونۇغۇسىز بىر غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىپ كېتىپ بارغانلىقىڭنى ھېس قىلىپ تۇردۇم. شۇ قېتىملىق ئانامدىن پۇل ئېۋەرتىپ بېرىپ يېرىم يىلغا قالماي سەن ھەقىقەتەن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولدۇڭ. شۇنىڭدىن باشلاپ يەنە سەن ھەر ھېيت-بايرامدا مەخسۇس سوۋغات تارتۇقلارنى تەييارلاپ، قايسى بىر ئەمەلدارنىڭ ئۆيلىرىگە يوللاۋەردىڭ. شۇنداقلا سىنىڭ ئەمىلىڭ ئۆسكەنچە بىزنىڭ ئۆيگىمۇ سوغا سالاملار بىر-بىرلەپ كىرىشكە باشلىدى…تىزلا ئائىلىمىزمۇ باياشاتلىشىپ كىيىدىغىنىمىز خەجلەيدىغىنىمىز، ئىشقىلىپ قايسى جەھەتتىكى لازىمەتلىكلىرىمىز بولسۇن ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدىغان بولدى ...مەن شۇنىڭغا ھەيران قالاتتىمكى:ناۋادا بىرەر ھېيت بايرام بولغۇدەك بولسا توڭلاتقۇ يەر ئاستى、ئىسكىلات ئۆيىمىز خۇددى گۆش سودىسى قىلىدىغان قاسساپ دۇكىنىغا ياكى تاللا بازىرىغا ئايلىنىپ قالغاندەك بۇلاتتى …ئازراقمۇ ئەجىر قىلماي، ھوقۇق قولايلىقتىن پايدىلىنىپ تاپقان تۇتام تۇتام پۇللار، تۈرلۈك تۈمەن سوۋغات بۇيۇملار ماڭا خۇددى ھارام كالىنىڭ گۆشىدەك يىرگىنىشلىك كۆرۈنسە، كىملەر تەرىپىدىندۇ سوۋغات ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن قىممەت باھالىق مودا كىيىم كېچەكلەر نېمىشقىدۇ بەدىنىمگە شۇنداق يىرىك ئۇرۇناتتى …ھېيت-بايرام، شەنبە يەكشەنبىدىكى ئالى دەرىجىلىك رېستورانلاردا خۇشامەت ئۈچۈن سېلىنغان داستىخاندىكى يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تېگىپ قالغاندا بولسا نېمىشقىدۇ ئۇ يېمەكلىكلەر بۇرۇن ئۆيىمىزدە يەيدىغان ئاددىي بىر ۋاقلىق سۇيۇق ئاشچىلىك لەززەتلىك تېتىمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى …
دادا سەن ئېيتىپ باقە؟ بۇ ھاياتتا ئادەم زادى قانداق ياشىمىقى لازىم؟يەنە سەندەك ئەلگە باش بولغانلار قانداق ئەل باشى بولمىقى لازىم؟…تۆت كۈنلۈك بۇ ھاياتتا ئادەم ئادەمدەك ھالال پاكىز ياشىمىقى، ئەل باشى بولغانلار تېخىمۇ باشقىلارغا ئۈلگە بولغۇدەك پاكىز ياخشى ياشىغاندىن باشقا ئەل بەرگەن شۇ ھوقۇقنى ئەل ئۈچۈن، خەلقنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن ئىشلەتمىكى لازىمغۇ؟ بىراق سەن شۇنداق قىلالىدىڭمۇ؟ ئەقەللىسى ئادەمدەك ياشىيالىدىڭمۇ؟ ياق! سەن ئەمەلدار بولغان شۇ كۈندىن باشلاپ كۆزۈڭ پايدا مەنپەئەتتىن باشقىنى تونۇمايدىغان، ئەمىلىڭ ئالدىدا ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئادىمىلىكتىن چىقىپ كەتكەن غەلىتە مەخلۇققا ئايلىنىپ قالغىلى تۇردۇڭ …مەن ھەمىشە شۇنداق ئويلايمەن …ئادەم بۈگۈنكىدەك مۇشۇ كەڭچىلىك زاماندا قەيەرگە بارسا ئاخىر بىر قاچا تاماقتا قۇرساق تويىدىغۇ؟ زادى پايدا مەنپەئەت ئالدىدا شۇنچە ئادەملىكتىن چىقىپ ھايۋان كەبى ئاچ كۆزلۈك، شۇنچە ھارامخورلۇق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمىدى؟ ئەمما سەن دەل شۇنداق قىلدىڭ. ئۆز ئادىمىلىكىڭنى يوقۇتۇپ تۇيۇق يولدا بەك ئۇزاپ كەتتىڭ .
بەلكىم سەن بۇ شەھەردىكى خەلقلەرنىڭ ساڭا:«سادىر ساقال» ،«سادىر گۈمبەز» ،«سادىر تەيجۈن» دېگەن ئاچچىق مەسخىرىلىك لەقەمنى قويۇشقانلىقىنى زادىلا بىلمىسەڭ كېرەك. ھەتتا مەن سەندەك دادامنىڭ بۇنداق مەسخىرىلىك لەقەملەرگە ئىگە بولغانلىقىڭغا زادىلا چىداپ تۇرالماي بۇ لەقەملەرنىڭ كېلىش تارىخىنىمۇ تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقتىم. بىلەمسەن؟ سەن ھەمىشە جەمئىيەت مۇقىملىققا باھانە قىلىپ دائىم كىشىلەرنىڭ ساقال-بۇرۇتى ئاياللارنىڭ باش كىيىمى بىلەن ئېتىشىدىكەنسەن. يەنى بۇرۇت قۇيۇپسەن-دەپ قايسى بىر ياش كادىرغا ئازار بېرىپ جەرىمانە قويىدىكەنسەن. ئۇزۇن ساقال قۇيۇپسەن-دەپ قايسى بىر تىجارەتچى دېھقاننى خالىغانچە تۇتۇپ سۇلاپ قويىدىكەنسەن. ياكى جەرىمانە قۇيۇپ جازالايدىكەنسەن. شۇنىڭ بىلەن ساڭا كىشىلەر «سادىر ساقال» دېگەن لەقەمنى قۇيۇشۇپتۇ. يەنە شەھەرنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى ئۈستى گۈمبەز شەكىللىك بىر مەكتەپ بىناسىنى «دىنى قىياپەتنى تەشۋىق قىلىپ شەھەر قىياپىتىگە يامان تەسىر كۆرسەتتى »-دەپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە كۆپتۈرۈپ دوكلات يېزىپ پاش قىلىپ چاقتۇرىۋېتىپسەن … شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ساڭا «سادىر گۈمبەز» دېگەن لەقەمنى قۇيۇشۇپتۇ. يەنە سەن تۆلەمگە رازى بولماي تېمىنى چېقىپ بەرمىگەن بىرنەچچە كىشىنىڭ تېمىنى قوراللىق ساقچى قىسىمنى چاقىرتىپ ئېلىپ كېلىپ مەجبۇرى چاقتۇرۋېتىپسەن. سىنىڭ خەلقنىڭ تېمىنى قوراللىق قىسىمنى باشلاپ چاقتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەن خەلق ئاممىسى ئەينى ۋاقىتتىكى ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقنى باستۇرغان ۋاقىتتىكى قەبىھ قىلمىشىغا ئوخشىتىپ سىنى «سادىر تەيجۈن» دەپ ئاتىشىپتۇ  .خەلق ئەنە شۇنداق لەنەت گەردى ئاچچىق مەسخىرىلىك لەقەملەرنى قۇيۇپ ئۆزىنىڭ ساڭا بولغان غەزەپ نەپرىتىنى بىلدۈرۈپتۇ …دېمەك سىنىڭ ياخشى ساۋابلىق ئىشتا نامىڭ چىقماي، نەپرەتلىك يىرگىنىشلىك نامىڭ چىقىپتۇ …. قارا خەلق نېمە دېگەن ئادىل باھا بەرگۈچى ھە؟دېمەك سەندەك بىر ئىدارە باشلىقىنىڭ بۇ شەھەر خەلق ئالدىدىكى ئوبرازىڭ شۇنچىلىك لەنەت گەردى، نەپرەتلىك بولماقتا …
بەلكىم سەن ئۆز قىزىڭ بولغان مېنى ۋە ئەتراپتىكى سىنى بىلىدىغان شەھەرخەلقىنى  ؛-قىلغان ئەتكىنىمنى، ماڭغان ھەربىر قەدەم يولۇمنى ھېچكىم  بىلمەيدۇ، بىلسىمۇ مەن باشلىق بولغاندىكىن ھېچنېمە دېيەلمەيدۇ، ئۈنسىز سۈكۈت قىلىدۇ-دەپ ئويلىغان بۇلىشىڭ مۇمكىن. ھەقىقەتەن مەن بىلەن ئانام سىنىڭ نۇرغۇن بولمىغۇر تاپتىن چىققان  ئىشىڭنى بىلىمىز. ھەتتا ئانامنى قان-قان يىغلىتىپ تۇرۇپ ئالدىنقى يىلىلا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تېخى ياتلىق بولمىغان خۇرشىدە بىلەن ئىدارەڭدىكى كىشىلەرنىڭ كۆزىچە قانداق ئىش پەش تارتىشىپ يۈرگەنلىكىڭنى بىلىمىز. ئەمما بۇلار ئۈچۈن بىچارە ئانام كۈن بۇيى يوشۇرۇن يىغلاپ يۈرۈپمۇ ساڭا قىلچە نارازىلىق بىلدۈرمىدى…مەنمۇ شۇ چاغلاردا سەندەك بۇزۇق شاللاق دادام بولغانلىقىڭغا غەزەپ نەپرىتىم ھەرقانچە قايناپ تاشسىمۇ …ھەممىنى ئىچىمگە يىتكەن ئىدىم …ئەمما سەن شۇ تۇيۇق يولدا ئۇزاپ كېتىۋېرىپ، بەكمۇ خاتا قىلغان ئىدىڭ. ئاخىرى سەن مېنى مانا شۇنداق ئىنكاس قايتۇرغۇزۇشقا مەجبۇر قىلدىڭ …ئاخىرى ئاخشامقى سىنىڭ رەڭلىك سورۇن ئورۇنلاشتۇرغان ئايرىم خانىغا مېنى بېرىشقا مەجبۇر قىلدىڭ …
ساڭا دەيدىغان يەنە نۇرغۇنلىغان سۆزلىرىم بار ئىدى …. ئەمما قايسى بىرسىنى دەي …بەرىبىر يەنە مىنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ ئازاپلىنىدىكەنمەن…شۇڭا سۆزۈمنى قىسقارتاي …
ئاتا، گەرچە ئېغىزىمدا سىنى شۇنداق دەپ ئاتىساممۇ ئەمدى ئەمەلىيەتتە سىنى ھەرگىز ئۆز دادام ئورنىدا ھىساپلىغۇم يوق. چۈنكى مىنىڭ قەلبىمدىكى سىنىڭ مۇقەددەس دادىلىق ئوبرازىڭ ئاللىقاچان غۇلاپ كۆكۈم تالقان بولۇپ بولغان …. مەيلى مەن سىنى قايسى تەرەپتىن ئويلاپ سىنىڭ دادام دېگۈدەك كىچىككىنە سالاھىيىتىڭ بارمىدۇ-دەپ ھەرقانچە ئىزدىسەممۇ ئەمما مەن ئەمدى سىنىڭ ۋۇجۇدۇڭدىن ئىزدىگەن نەرسەمنى ئازراقمۇ بولسا تاپالمىدىم. شۇڭا ساڭا مۇشۇ خېتىم ئارقىلىق شۇنداق باياناتىمنى بىلدۈرمەكچىمەنكى: ئەمدى سەن مېنىڭدەك بىر قىزىڭ بارلىقىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كەت! مەنمۇ ئەمدى سەن بار ئۆيگە ھەرگىز ئاياق باسمايمەن …سەن بۇ خەتنى ئوقۇۋاتقاندا بەلكىم مەن ئاللىقاچان يىراق بىريەرگە، سىنى كۈزۈم كۆرمەيدىغان سەن توغرۇلۇق ھېچقانداق مەسخىرىلىك ئاھانەتلىك گەپ سۆزلەرنى ئاڭلىمايدىغان يەرگە قاراپ يولغا چىققان بولىمەن …مېنى ھەرگىز ئۆيدىن چىقىپ كەتتى-دەپ خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىڭنى ئەسكەرتىشكە مەجبۇرمەن. چۈنكى ئەمدى ھالال ئەجىر بىلەن كەلمىگەن پاكىز بولمىغان، مەئىشەتلەر ئېشىپ تېشىپ تۇرىدىغان، ھەرخىل بۇزۇقچىلىق-چىرىكلىكلەر قۇتراپ تۇرغان ئائىلە مۇھىتىدا ياشاشقا ئامالسىزمەن .
مەن كەتتىم. بەلكى خىزمەت تېپىپ بولغۇچە تۇرمۇشۇم ۋاقىتلىق سەل جاپالىقراق بولسىمۇ ئۆز ئەجىرىم بىلەن كەلگەن ھالال، پاكىز ئاش-نان، پاكىز كىيىم-كېچەك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بار جايغا كەتتىم …
قەدىرلىك ئانا … «سەن بىر قىز بالا تۇرساڭ، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالساڭ قانداق قىلارسەن؟»- دەپ مېنىڭدىن ھەرگىز غەم قىلما. مەن ئاللىقاچان مەركىزى شەھەردە ئوقۇۋاتقاندا ئۆز ئۆگەنگەن بىلىمىم ئەقىل -پاراسىتىمنى جارى قىلدۇرىدىغان، ھالال ئەجىرىم بىلەن كۈن كۆچۈرىدىغان ھەم ئۆگەنگىنىم ئاساسىدا قول سېلىپ ئىشلەيدىغان مۇستەقىل قۇدرەت تاپىدىغان بىر يولنى تېپىپ قويغانمەن. ئەگەر قوشۇلساڭ سېنىمۇ پات يېقىندا ئېلىپ كېتىپ تۇرمۇشۇڭدىن ئۈزۈم بىرقوللۇق خەۋەر ئالىمەن .
خەير خوش ئانا مەندىن خاتىرجەم بولغىن. ئۆزۈڭنى ياخشى ئاسرىغىن .
سادىر ئېلى يىغلىماقتا …خۇددى كىچىك بالىدەك ئۈن سېلىپ يىغلىماقتا …. يىغلاپ تۇرۇپ سېمىز گۆشلۈك يۈزىنى كاچاتلىماقتا …ئۈنلۈك ئاۋازدا نالە قىلماقتا :
-مانا پارە بېرىپ ھوقۇق تۇتقانغا توي…! پارە ئالغانغا توي …! باشقىلارنى خۇشامەت قىلدۇرۇپ ئالدىڭدا تىزلاندۇرغانغا توي! بولۇشىچە ئەيشى ئىشرەت قوغلىغانغا، رەڭلىك سورۇنغا توي، قىز ئوينىغانغا توي،… توي … مانا گېلىڭغىچە توي !
ئاھ قىزىم نەركىزە …مېنى بۇنداق تاشلاپ كەتمە …. قىزىم مېنى بۇنداق تاشلاپ كەتمە …مېنى كەچۈر …. مېنى ئەپۇ قىل …. قىزىم نەركىزە !
ئاپتور :ئاقسۇ شەھەر 5-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-30 11:47  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-29 23:31:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش، ئەسەرنى ئۇياقتىن پۈتكۈزۈپلا بۇياقتىن ئالدىراپ يوللىمىغان بولساڭلا بوپتىكەن، مەن كىچىككىنە بىر ئۈزۈندىنى كۆرسىتپ قوياي، ئۆزۈڭلار تەپسىلى قاراپ باقساڭلا:
« قەدىرلىك ئانا … «سەن بىر قىز بالا تۇرساڭ، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالساڭ قانداق قىلارسەن؟»- دەپ مېنىڭدىن ھەرگىز غەم قىلما. مەن ئاللىقاچان مەركىزى شەھەردە ئوقۇۋاتقاندا ئۆز ئۆگەنگەن بىلىمىم ئەقىل -پاراسىتىڭنى جارى قىلدۇرىدىغان، ھالال ئەجىرىم بىلەن كۈن كۆچۈرىدىغان ھەم ئۆگەنگىنىم ئاساسىدا » بۇلا ئەمەس يەنە بار ......

ۋاقتى: 2016-1-29 23:37:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئىدارە باشلىقى سادىر ئېلى  » مۇشۇ بىر سۆزمۇ بەك جىق تەكرارلىنىپ قالغاندەكلا ...ئەسەر يېرىمىغا كەلگەندە

   «سادىق ساقال» ،«سادىق گۈمبەز» ،«سادىق تەيجۈن» بولۇپ قالدى ئەمدى. مەن سەل چۈشىنەلمەي قالدىممۇ يا؟
مېنىڭچە بولسا «سادىر ساقال، سادىر گۈمبەز، سادىر تەيجۈن » بولىشى كېرەك ئىدى. ياكى «سادىق» نى ئىتائەتچان ، غالچا دىگەننىڭ ئورنىغا قويغانمۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   S.M.Ramizan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-30 00:04  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-30 11:29:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمەت ئاداش    سالامەتچىلىكمۇ ؟ ئۈزەممۇ خىجىل  ،قاچانغىچە ئەسەرلىرىمنى سىلىگە باھالاتقىلى سالارمەن ؟ ھەر ئىككىلا خاتالىق  ئىملا تۈزەش جەريانىدىكى خاتا لىق بولسا كېرەك .ئەسلى شەخسنىڭ ئىسمى سادىر ئېلىتى  ...ئاپتۇماتىك ئىملا تۈزەش جەريانىدا  چارچىغاندا سادىرنى «سادىق،»دىسىە ھە -دىگەن ئوخشايمەن ،تۈزەش ئەمەس بۇزۇپتىمەندە  .
يەنە ماۋزۇسىدىمۇ  تەكلىۋىڭلارنى ئالغۇم  بار .ئەسلى بۇ ئەسەرنىڭ تىمىسى  «بۆھران »ئىدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-30 11:46  


ۋاقتى: 2016-1-31 17:15:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ ھېكايىنى ئاپتور خېلى ياخشى يېزىپتۇ. گەرچە ھېكايىدە سەمەت ئەپەندى كۆرسىتىپ ئۆتكەن خاتالىق ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاپتور تىرىشسىلا  تېخىمۇ ياخشى ھېكايىلەرنى يازالايدىكەن.  ئەزىز ئەيسا ئەپەندى مۇندىن كېيىنكى ھېكايە ئىجادىيىتىدە ئاپتور تىلى بىلەن پېروناژ تىلىنى ئايرىپ تۇرىدىغان سىزىق (__) بەلگىسىنى ۋە پەشنى توغرا قوللىنىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتسىلا ، ئاندىن بەزەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى دۇرۇس يازسىلا، مۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىدە ئوقۇرمەنلەر رازى بولغۇدەك ھېكايىلەرنى مۇنبەردىلا ئەمەس، مەتبۇئاتلىرىمىزدىمۇ كۆپلەپ ئېلان قىلالايدۇ.  مەن ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنى يېقىندىن قوللايمەن ۋە ئۈزۈكسىز تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-31 19:35:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇقارقى ئەسەردە ئېغىر ئىملا مەسىلىسىنى بىلگەندىن كىيىن «ھەرقانچە بولسىمۇ شۇنچە خاتالىققا يول قۇيارمەنمۇ ...»دەپ سەل ھەيران قالغان ئىدىم .كىيىن ئىملا تەكشۈرگىچىم ئىلگىرىكى ئىملاسىنى  تۈزەتكەن ئەسەرلىرىمدىمۇ مىنى ئالدىغانلىقىنى ،تۈزىدىم دەپ بۇزغانلىقىنى بىلدىم .يەنى ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش بىرقەدەر قۇلايلىق دەپ قۇيۇپ بىرىپتىمەن ...قاراپ تۇرسام ئۆزگەرتمىسىمۇ بۇلىدىغان سۆزلەرنى باشقا بىر سۆزگە ئالمۇشۇتۇرۇپ قۇيۇپ قاراپ تۇرىدۇ  ...ئۇيغۇر سوفىت ئىملا تەكشۈرگۈچ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن

ۋاقتى: 2016-1-31 19:44:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشقا خېلى چوڭقۇر چۆكۈپسىز....دىتاللار تەبىئىي، چىنلىق تۇيغۇسى بېرىدىكەن....

ۋاقتى: 2016-2-1 11:01:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئەزىز ئەيسا ئەپەندى توغرا دەيدۇ.  ھەقىقەتەن ئۇيغۇر سوفىت ئىملا تەكشۈرگۈچتە مەسىلە بار، مەن بۇنى «ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنىڭ سىرى ۋە ھۇزۇرى» ناملىق ماقالەمدىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. تورداشلار ۋە قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر سوفىت ئىملا تەكشۈرگۈچنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىشىنى ھەمدە مەزكۇر ئىملا لۇغىتىنى قايتا تۈزگەندە ئۇنى مۇكەممەل تۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھالبۇكى،  بەزىلەر  ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنى بىراقلا مۇكەممەل تۈزگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن. بۇنداق قاراش تامامەن خاتا. ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنى بىرلا قېتىمدا مۇكەممەل تۈزگىلى بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى لايىھەمىزمۇ پات ئارىدا ئېلان قىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنىڭ ھەۋەسكارلىرى بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى تورغا يوللاپ تۇرسا بوپتىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش