كېزەر دەشتىمنى بىر گۈلخان
نۇرشات ئەنۋەر قاينارى
غېرىبمەن ھەسرىتى چەندان،ۋىسالدىن ئايرىلىپ كەلدىم،
جېنىمغا تىغ بولۇپ پاتقان ئايالدىن ئايرىلىپ كەلدىم.
كۆيەر قەلبىمدە بىر دەھشەت قاراڭغۇ تەپتىدىن يال–يال،
چېكەمگە شولىسى تامغان زاۋالدىن ئايرىلىپ كەلدىم.
ھارارەت ئىزلىبان غايىب كېزەر دەشتىمنى بىر گۈلخان،
جاھاندىن جىلۋىسى پىنھان ئارالدىن ئايرىلىپ كەلدىم.
خازان بەرگىمگە پۈركۈپ كۈل،ئاقار نالەمدە بىر دەريا،
دىلىمنى ئۆرتىبان لەكمىڭ خىيالدىن ئايرىلىپ كەلدىم.
پۇرۇقلاپ تاش كەبى قايناپ باھار دەپ زارلىدىم كۈن–تۈن،
چېقىلغان ئاقىۋەت ئۇسسۇز ساپالدىن ئايرىلىپ كەلدىم.
2016–يىل،27–يانۋار.