يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 259|ئىنكاس: 1

شېرىنگۈل مۇھەممەت: نەسرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شېرىنگۈل مۇھەممەت
سېغىنىش

(نەسىر)


    تەڭ كىچە ،كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن يىراق ،ئەتراپقا قارايمەن ،تىمتاس قاراڭغۇلۇق ،قانداقتۇر غۇۋا كۆلەڭگۈلەر مەن تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ ،ئۇ  كۆلەڭگىدىن سىنىڭ سىمايىڭنى كۆرگەندەك بۇلىمەن ...ئۇ سىنىڭ كۇلەڭگەڭ بۇلۇپ قالسا ھە؟! توۋا ،بۇ مۇمكىنمۇ؟
    يەنە سىنى ئويلاپ قالدىم ،شۇ تاپتا تاتلىق ئۇخلاۋاتقانسەن ،بوستان چاچلىرىڭ ياستۇقنى بىر ئالغاندۇـ ھە!   چىرايلىق كۆزلىرىڭنى مەھكەم يۇمۇپ قانداق چۇشلەرنى كۇرىۋاتقانسەن ؟چۇشلىرىڭدە  مەن بارمۇدۇرمەن ؟
سېنى ئۇيقۇغا ئامراقمىكىن دەيمەن ،  چۇنكى چىرايىڭ ھەر ۋاقىت پارقىراپ نۇرلۇنۇپ تۇرىدۇ،كۆزلىرىڭمۇ ھەم شۇنچىلىك نۇرلۇق ،ئاجايىپ گۇزەل مىھىرلىك بىر كۆز .ئاشۇ كۆزلىرىڭ ۋۇجۇدۇڭدىكى سەمىمىيلىكنى، پاكلىقنى ،ساداقەت ۋە ھايانى  كىشىگە ھەر ۋاقىت ئەسلىتىپ تۇرغاچقىمۇ تېخىمۇ گۇزەل كۇرۇنىدۇ.سىنى ئۇيان ئويلاپ بۇ يان ئۇيلاپ  ھىچكىمگە ،ھىچنىمىگە ئوخشىتالمايمەن، چۇنكى ماڭا  ھىچكىم ۋە  ھىچنىمە سىنىڭدەك مۇكەممەل تۇيۇلمايدۇ.دۇنيادا ھەر قانداق ئادەم پەقەتلا بىر، ئۇنىڭغا ئوپمۇئوخشاش بىرى مەۋجۇت ئەمەس ،لىكىن سىنىڭدەك بىغۇبار ،پەرىشتىدەك ئىنساندىن قانچە كۆپ بولسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايتى دەيمەن .سەن بار يەردە خۇشاللىق بار ،سەن بار يەردە سەۋىر بار،سەن بار يەردە ئادىمىيلىك بار،سەن بار يەردە ساداقەت بار،سەن باريەردە ئۈمۇت بار ...  
     سەن  مىنى خالىمىدىڭ، لىكىن نىمىشقىكىن سەندىن ئاغرىنغۇم  كەلمەيدۇ...سىنىڭ سۇيشىڭگە ئىرىشەلمىگەن بولساممۇ سەندەك پەزىلەت سۇلتانىنى سۇيۇپ قالغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن .سەن مەڭگۇ قەلبىمنىڭ تۆرىدە ...سىنىڭ سۇيشىڭگە نائىل بۇلالىغان قەلىپ  بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئامەتلىك قەلىپ ...
بۇ كىچە تۇلىمۇ سۇرلۇك  تۇلىمۇ جىمجىت بىر كىچە...لىكىن تۇرۇپلا يەنە بىر يەرلەردىن سىنىڭ ئاۋازىڭ ئاڭلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇلاردا بۇلىۋاتىمەن ،كۆزلىرىمنى چوڭ ئېچىپ بىلىنەر –بىلىنمەس ئاڭلىنىۋاتقان ئۇ ئاۋازلارغا قۇلاق سالىمەن ...توۋا ،ئۇ ئاۋازلار يۇقاپ كەتتى ،خۇددى سىنىڭ سىمايىڭدەكلا ئاستا-ئاستا غايىپ بولدى . كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالدىم ،مەھكەم يۇمۇۋالدىم،  سىنىڭ ھېلىقى نۇرلۇق ،گۇزەل كۆزلۇرۇڭ كۆز ئالدىمدا يەنە زاھىر بولدى ،مەن ئۇ كۆزلەرگە ئۈمۇت بىلەن تىكىلدىم.
-ئارزۇ–ئۈمۇتلىرىڭىز ئۈچۇن كۇرەش قىلىڭ ،سىزنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان نۇرغۇن شان-شەرەپ ،بەخىت-سائادەت بار ...سىزگە ئىشىنىمەن،-دىدىڭ-دە، يەنە شۇنداق چىرايلىق كۇلۇمسىرەپ كىتىپ قالدىڭ ،  ئاھ... قېنى سەن ؟  نەگە كەتتىڭ؟   ...كۆزلىرىمنى ئاچتىم ،كۆزلىرىمنى چوڭ ئاچتىم ...قاراڭغۇلۇق ،كۇزۇمگە كۇرۇنگىنى چەكسىز بىر قاراڭغۇلۇق ...
ئى پەزىلەت سۇلتانى ! ۋۇجۇدۇمدا گۈلخان كەبى ئاشىقلىق ئوتىنى ياندۇرغان پەرى ! ـ مەن تىرىشىمەن ، سەن ئېيتقان ئاشۇ شان ـ شەرەپلەر ئۈچۈن  ھەم قەلىب تۆرىڭدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-30 18:08  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-29 22:47:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تىنىش بەلگە ۋە ئىملاغا يەنە دېھقەت قىپ قويۇڭ.
‹بىر يىگىت تىلىدىن› دەپ ئەسكەرتسىڭىز ئاندىن بۇ نەسىرنىڭ ئاپتۇرى سىز بولىسىز.

باھا سۆز

ئاپتور ئىسىمىنى بولسىمۇ ئوڭشاپ قويدۇم. قالغىنى ئۆزىگە.  ۋاقتى: 2016-1-30 06:09 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش