مۇھەممەت خېۋىر دېگەن مۇشۇ شۇ
(ئەسلىمىدىن پارچە )
ئابدۇلھەق ئابلېز
رەھمەتلىك ئۇستازىم بۈگۈن يەنە يادىمغا كېلىپ قالدى.يېقىندىن بۇيان نىمىشقىكىن تۇرۇپ–تۇرۇپ مۇشۇنداق يادىمغا كېلىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى. بەلكىم مەن سېغىنغاندەك ئۇنىڭ روھىمۇ مېنى سېغىنغاندۇ ؟! ئۇ ماڭا تۇلۇقسىز ئوتتىرا مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىدىن باشلاپ تونۇش .شۇ يىللىرى ئۇنىڭ شېئىر يازىدىغىنىنى بىلسەممۇ بىراق دىدارىنى كۆرۈپ باقمىغاندىىم .شۇندىن بۇيان ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئۇستاز –ئوقۇغىچىلىق مۇناسىۋىتىدىن باشقا يەنە بىر ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەببەت ئورتاقلىقى مۇناسىۋىتى شەكىللىنىپ ئىككىمىزنى بىر –بىرىمىزگە سىرداش قىلىپ قويغانىدى . كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئوتتىرىمىزىدكى مۇناسىۋەت چوڭقۇرلىشىپ ئۆيلەرگە بېرىپ مۇڭدىشىدىغان دەرىجىگە يەتتى.ئۇ 1998-يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ 4-كۈنى ئىدى . دەم ئېلىش بولغاچقا چوڭ كۆرۈكتىكى ئۆيدە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇراتتىم .ھويلا ئۈزۈم بارىڭىلىق ئىدى .سۇس توخۇڭ سىرلانغان قوشقۇۋۇق ئىشىك ئوچۇق ئىدى .دەل شۇ ۋاقىتتا ھويلىغا كىرىۋاتقان ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ كىتاپتىم بېشىمنى كۆتۈردۈم –دە ،ئورنۇمدىن لىككىدە تۇرۇپ كەتتىم .ھويلىغا كېلىشكەن ،چىرايىدىن كۈلكە ئۆكسىمەيدىغان سۆيۈملۈك ئۇستازىم مۇھەممەت خېۋىر سۆزلىگىنىچە كىرىپ كېلىۋاتاتتى .
-كىتاپ ئوقۇۋېتىپسەندە
-كېلىڭ ئۇستاز –دېدىم مەن ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ
-نىمە كىتاپ ئوقۇۋاتىسەن –سورىدى ئۇ
مەن ئوقۇۋاتقان تۈركىيە يازغۇچىسى ئەزىز نەسىننىڭ «مەن قانداق ئۆلۈۋالماقچى بولدۇم » ناملىق كىتابىنى ئۇنىڭغا سۇندۇم .
-بۇ بەك ياخشى كىتاپ ،كىتاپنى تاللاپ ئوقۇغۇلۇق –دېدى ئۇ
مەن قوشۇلدىغىنىمنى بىلدۈرۈپ بېشىمنى يىنىك لىڭشىتىپ ئۇنى كارۋاتقا باشلىدىم .
-شۇ ئىچىم پۇشۇپ كەلگەنىدىم –دېدى ئۇ كارۋاتتا ئولتۇرۇپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ
-قانداق غاچچىدە تەييارلىق قىلايمۇ –يا
-ياق ،ياق ئۇنى قىلمايلى قارت ئوينايلىمىكىن
ئۇستازىمنىڭ گېپى بىلەن يان خوشنام سەدرىنى چاقىردىم .ئۇ مەلۇم بىر يېزىلىك ئوتتىرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقىچىسى ئىدى ، شۇ ئارىدا يەنە بىر خوشنام ئۆيگە كىرىپ قالدى .
-بەللى كەپە ئۆي دىگەننىڭ ياخشى يېرى شۇ ،خۇلۇم –خوشنىلار مۇشۇنداق ئۆزئارا ئىزدىشىدۇ –دېدى مۇھەممەت خېۋىر
بىز تۆتىمىز قارت ئويناشقا كىرىشىپ كەتتۇق . سەدرى مۇھەممەت خېۋىر بىلەن شېرىك بولدى . بىردەمدىلا ئويۇنىمىز قىزىپ كەتتى .مۇڭدىشىپمۇ تۇردۇق .بىر چاغدا مۇھەممەت خېۋىر مەندىن :
-يېزىۋاتامسەن –دەپ سورىدى
-ئانچە مۇنچە –دېدىم مۇجىمەللا
-ئانچە –مۇنچە دىگىنىڭ نىمىسى ،بۇ ئىشنى ئانچە –مۇنچە دەپ باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ ،قەلىمىڭ توختاپ قالمىسۇن ، بولمىسا ئوتتىرىدا ئۈزۈكچىلىك بولۇپ قالمىسۇن ،يېزىقچىلىق كويىنى دىگەن نەچچە مىڭ ئادەمدىن بىرەرىنىڭ قەلبىگە سالىدۇ ، قىلىمەنلا دەپ قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس ..
شۇ ئارىدا سەدىرى ئۇستازنىڭ گېپىنى بۆلدى :
-ئاڭلىدىڭلارمۇ ،يېقىندا ئەگرىلىك بىر شائىر چىقىپتۇ ،شېئىر دىگەننى كارامەت يېزىپ قويۇدىكەن ، ئىسمىنى مۇھەممەت خېۋىر دەيدۇ ،تۆتىنچى سىنىپنى پۈتتۈرۈپتۇ.
مەن ئۇستازغا قارىدىم .ئۇ كۆزلىرىنى يۇمۇلاپ قويدى .شۇ چاغدا ئۇلارنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇپ قويمىغانلىقىم يادىمغا كەلدى. يەنە نىمە گەپلەر چىقاركىن دەپ سەدىرى مۇئەللىمگە قارىدىم .
-شېئىرلىرىنى ئوقۇپ باقتىڭمۇ –سورىدىم ئۇنىڭدىن
-ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ تۇرپان ژورنىلىنىڭ 1988-يىل 2-سانىدىكى «تاقىرباش تاغلار » ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى ئوقۇپ باقتىم .ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، ماختىغۇچىلىكى باركەن ،كېيىنچە ئۆمەر ھەييام ،ناۋايىلاردەك داڭلىق شائىر بولۇپ قالغىدەك جۇمۇ
-ھاي ،ھاي ئۇنچىلىك ئەمەستۇ
مۇھەممەت خېۋىر خۇددى چوغ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالغاندەك قىمىرلاپ قويۇپ گەپكە ئارىلاشتى .
-سىز ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىۋاتامسىز،بىز ئۇيغۇرلارغۇ زادى بىر بىرىمىزنى كۆرەيمەيمىز،ئۇنى ماختاپ قويسام چىدىماي قېلىۋاتقانلىقىڭىزدىن قارىغاندا ئۇنى تونۇيدىغان ئوخشىمامسىز ؟
سىەدىردىن مۇئەللىم مۇھەممەت خېۋىرگە ئالىيىپ قارىدى .
-ياق مەنغۇ تونۇمايمەن ،ئەمدى دەيمىنا
-ھەي ،مۇشۇنداق ھەسەتخور ئادەملەر بىلەن زادى خوشام يوق مېنىڭ ،ھەجەپ رايىم ياندى ،بولدى ئوينىمىدىم بۇنداق قارتنى –سەدىردىن مۇئەللىم قولىدىكى قارتنى تاشلاپ ئورنىدىن تۇرۇشىغا تەمشەلدى .ئەھۋال ناھايىتى جىددى ئىدى .مۇھەممەت خېۋىر گويا ھېچقانداق بىر ئىش يۈز بەرمىگەندەك يەنە شۇ تۇرۇقتا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇردى .ئاخىرى ئۇستازىمنىڭ كۆز يۇمۇلاشلىرىغا پەرۋا قىلماي سەدىردىن مۇئەللىمگە ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيىتتىم :
-مۇھەممەت خېۋىر دىگەن مۇشۇ –شۇ
-نى ،نىمە ،مەن
سەدىردىن مۇئەللىممۇ يەنە بىر خوشناممۇ بىردە ماڭا يەنە بىردە مۇھەممەت مۇئەللىمگە قاراپ بىر دەم تۇرۇپ قالدى –دە ،بىردىنلا ئېسىنى تاپقاندەك ئۇستاز شائىت مۇھەممەت خېۋىرنىڭ قوللىرىنى يېنىش –يېنىش تۇتۇپ سىلاپ كەتتى .
ھازىرنىڭ ئۆزىدە مەن :
-ئاشۇ ۋاقىتتا مەنمۇ نىمىشقا ئۇنىڭ قوللىرنى تۇتۇپ قويمىغاندىمەن–دەپ ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق بولدى .ئۇنىڭ شۇنچە يىللار قەلەم تۇتقان قوللىرى نەقەدەر يۇمشاق ھەم ئىللىق بولغىيدى –ھە ؟
تۇرۇپ –تۇرۇپ ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئىشلىرىنى ئويلاپ قالىمەن . ھەر قېتىم ئاشۇنداق ئىشلارنى ئويلىغىنىمدا تەمكىن ،خوشخۇي ،ئەپۇچان ئۇستازىمنىڭ ئەينى يىللىرىدكى دەرس مۇنبىرىدىكى ،دوستلار ھەم مەن بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلىرى ئىقتىيارسىز يادىمغا كېلىدۇ .
ئۇنى 2009-يىلى 1-ئاينىڭ29-كۈنى يەرلىكىگە قويغانىدۇق .شۇنچە يىللار بولدى .گەرچە ئۇنىڭ جىسمى توپراققا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما بۇ سۆيۈمۈلك ئۇستازىمنىڭ ئىسىل ئەخلاقى ۋە ئادىمىيلىك پەزىلىتى مېنى ھەر دائىم ياخشى ئادەم بولۇشقا ،ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ .
بۈگۈن دەل شۆھرەتلىك شائىرمىزنىڭ بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان كۈنى .ئەزىز قېرىنداشلار ئاددى ئەمما ئەدەبىياتقا بارلىقىن ىشەخسىيەتسىز ئاتىغان بۇ ئىنسانغا ياىشى تىلەكلىرىمىزنى تىلەيلى!
2016يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى