يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 331|ئىنكاس: 4

نۇرتېكىن: چۆچەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چۆچەك

نۇرتېكىن

(1)
ئالتۇن ئۆردەك
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا، ئەتىراپى تاغ بىلەن قورشالغان، ئوتتۇرىسى باغۇ- بوستانلىق، سۈيى ئەلۋەك، تۇپىرىقى مۇنبەر بىر ماكاندا بىر توپ خەلق ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ تۇمۇشى باياشات، كۈنلىرى خوشال-خورام ھەم خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتىدىكەن.
بۇ يۇرتۇتتا ھۆسنى جامالى ئاي بىلەن قۇياشنىمۇ لال قىلغۇدەك بىر ساھىبجاما قىز بولۇپ، قىز مۇشۇ يۇرتنىڭ يۇرت ئاقساقىلىنىڭ قىزى ئىكەن. قىزنىڭ گۈزەل رۇخسارىدىن يۇرتتىكى بارچە خەلق پەخرلىنىدىكەم ھەم سۆيىنىدىكەن. قىزنىڭ ھۆسىن-جامالى توغرىسدىكى ئىنسان ئەقلىنى لال قىلىدىغان ئاجايىپ خەۋەرلەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا، قولاقتىن- قولاققا تاراپ، باشقا يۇرتتىكى بارچە ئەركەكلەرنىڭ بۇ قىزنىڭ ھۆسىن- جامالنى بىر كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى قوزغۇلۇپتۇ.
شۇ كۈنلەرنىڭ بېرىدە قىزنىڭ ھۆسىن-جامالى توغرىسدا ئېيتىلغان خەۋەر بۇ يۇرتتىن تولىمۇ يىراق بىر ئۆڭكۈردە ياشايدىغان بىر دېۋىنىڭ قولىقىغا يىتىپ كەپتۇ. دېۋە بۇ خەۋەرنى ئاڭلغان كۈندىن باشلاپ ھىچ بىر ئارامى بولماي، شۇ قىزنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۋېلىشىنى ئويلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، دېۋە تولىمۇ كېلىشكەن بىر يىگتنىڭ سىياقغا ئۆزگىرىپ، قىز ياشايدىغان شۇ ماكانغا يىتىپ كەپتۇ.
دېۋە يۇرت ئاقساقىلىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆزىنى يىراق بىر ئەل پادىشاھنىڭ شاھزادىسى ئىكەنلىگىنى، قىزغا ئۆيلىنىش ئارزۇسى بارلىغىنى ئېيىتىپتۇ. ئاقساقال بۇ ئىشنى قىزىنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قويغانلىقىنى ئېيتىپ، قىزىنى چاقىرىپتۇ.
قىز چىرايلىقلار بولۇپ قالماستىن، تولىمۇ ئەقللىق ھەم چېچەن بولغاچقا، قىز دېۋىنىڭ بېشىغا بىر قاراپلا، ئۇنىڭ بېشى ئۈستىدىن بىر قارا تۈتۈننىڭ كۆتۈرلۈپ تۇرۋاتقانلىقنى بايقاپ قېلىپ، ئۇنىڭ شاھزادە ئەمەس بەلكى دېۋە ئىكەنلىگىنى بېلىپ قاپتۇ. لېكىن، قىز دېۋىگە بۇ سىرنى ئېيتماپتۇ. دېۋە قىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى بېلىپ قالسا بۇ يۇرتتىكىلەرگە زور بالايى- ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بېلىدىكەن.
قىز ئۆزىنىڭ بىر شەرتىنى ئورۇنداش بەدىلىگە دېۋىگە ياتلىق بولۇشقا رازىلىق بىلدۈرۈپ، شەرتىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ:
-بىزنىڭ بۇ يۇرت تولىمۇ گۈزەل، خەلق تولىمۇ باياشات ھەم خاتىرجەم. شۇڭا، مەن يۇرتۇمغا بېرەر كېلىشمەسلىكنىڭ بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن. ئەگەر ماڭا بۇدىن كېيىن بۇ يۇرتنى ھەرقانداق ئىنسان، جىن، دېۋىلەردنىڭمۇ خېيىم-خەتىردىن ساقلاپ قالغىلى بولىدىغان ئۇسۇلنى دەپ بەرسەڭ، مەنمۇ ساڭا ياتلىق بولۇشقا رازىلىق بېرىمەن دەپتۇ.
دېۋە قىزنىڭ پىراقىدا ھىچ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا يۇرتنى ھەرقانداق بالا- قازادىن ساقلىغىلى بولىدىغان ئۇسۇلنى ئېيتىپ بېرپتۇ:
-بۇ يۇرتنىڭ ئەتىراپى تاغلار بىلەن قورشالغان ئىكەن. ئەگەر بۇ يۇرتتىن بىرەيلەن مېنىڭ ئۆگۈتۈپ قويغان ئەپسۇنۇمنى ئوقسا، ئۇ چىرايلىق بىر ئالتۇن ئۆردەككە ئايلىنىدۇ. ئاندىن ئۇ مۇشۇ تاغنىڭ ئۈستىدە كېچە-كۈندۈز ئۇخلاپ قالماي، غاقىلداپ تۇرسىلا، ئۇنىڭ ئاۋازنىڭ ئەتىراپغا ھىچ قانداق نەرسە يېقىن كېلەلمەيدۇ، يېقىن كېلىپ قالسا جېنىدىن ئايرىلىدۇ،-دەپتۇ.
دېۋىدىن يۇرتىنى قوغداشنىڭ ئۇسۇلنى ئۆگۈنىۋالغان قىز يۇرتتىكىلەردىن خوشلۇشۇپ، دېۋە بىلەن بىرگە مېڭىپتۇ. قىز يۇرتتىن چىقىپلا دېۋە ئۆگۈتۈپ قويغىنى بويۇنچە ئەپسۇننى ئوقۇپ كۆزىنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە چىرايلىق بىر ئالتۇن ئۆردەككە ئايلىنىپتۇزە، دەرھاللا ئۇچۇپ تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. دېۋە بۇنى كۆرۈپ قاتتىق بىر غەزەپلىنىپ ئۆزنىڭ ئەسلىدىكى بەتبەشىرە ھالىتىگە قايتىپتۇ. ھەم قىزغا:
-سەن ئەپسۇننى ئوقۇپ ئالتۇن ئۆردەككە ئايلىنىۋالدىڭ. ئەمدى، مەڭگۈ ئۆردەك ھالىتىدە قالىسەن. ئەي قىز سەن ئۆزۈڭگىمۇ قىلدىڭ، ماڭىمۇ قىلدىڭ. مۇشۇ قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن يۇرتۇڭنى قانغا بويايمەن،-دەپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، شۇنداق بىر قارا قۇيۇن پۈركەي دەپ تۇرشىغا، ئالتۇن ئۆردەك شۇنداق قاغلداش بىلەن دېۋە جايىدىلا جان بېرىپتۇ.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئالتۇن ئۆردەككە ئايلانغان يۇرت ئاقساقىلىنىڭ قىزى تاغ باغرىدا كېچە-كۈندۈز كۆز يۇمماي، غاقىلداپ تۇرغاچقا بۇ يۇرتقا ئەلمىساقتىن تا بۈگۈنگىچە ھىچقانداق خېيىم-خەتەر كەلمەي، يۇرت باياشات، خەلق خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشاپتۇ.
بۇ يۇرتتىكى خەلقلەرمۇ شۇ كۈندىن باشلاپ ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات  ئۆزنى يۇرت ھەم خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن پىدا قىلغان ئالتۇن ئۆردەككە چۇڭقۇر ھۆرمىتى  بىلدۈرۈپ تاغنىڭ باغرىغا چوڭ بىر كۆل كولاپ بېرىپتۇ ھەم ئالتۇن ئۆردەكنىڭ بالىلىرىنى ئائىلىدە ئەتىۋارلاپ باقىدىغان ئۆي قۇشى قېلىپ بېقىشقا باشلاپتۇ.  


(2)
قارلىغاچ تاغ
بۇرۇن بىر يۇرت بولغان ئىكەن. ئىلگىرى شۇنچە گۈزەل، باغۇ- بوستانلىق بولسىمۇ، بۇ يۇرتتىكى كىشىلەر بىر-بىرىگە بولغان مېھىر- مۇھەببەت، ياخشلىقنى ئۇنتۇپ، شەخسىيەتچى، ئاچكۆزلۈكتە ئۇچىغا چىققان بولغاچقا، قۇياشنىڭ كۈلكىسى ئۆچۈپ، قاپىقىنى تۆرۈپ يۈرىيدىغان بولۇپ قاپتۇ. باھارىمۇ بۇ ئادەملەردىن بىزار بولۇپ ئۇلارنى تاشلاپ يىراقلارغا كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ يۇرتتا قىشى-ياز سوغۇق بولۇپ، قار يېغىپلا تۇردىغان، يۇرتتىكى ئېتىز-ئېرىقلاردىن تارتىپ، دەل-دەرەخلەرگىچە قار-مۇز قاپلاپ تۇردىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باھارنىڭ گۈزەللىكىدىن، تەبىئەتنىڭ يېشللىقىدىن ھوزۇر ئالالمايدىكەن. تېرىقچلىق قىلالمىغاچقا تۇرمۇشتىمۇ ر پەقەت ئوۋچىلققا تايىنىپلا ھايات كەچۈرۈپتۇ. شۇڭا ئۇلار باھارغا تولىمۇ ئىنتىزار ئىكەن ھەم ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىدىن تولىمۇ پۇشمان يەپتۇ.
يۇرتتىكىلەر قار-مۇزلارنى ئېرىتىپ، باھارىنى ئۆز يۇرتىغا باشلاپ كېلىش ئۈچۈن ھەرخىل ئۇسۇل-چارىلەرنى قوللۇنۇپ بېقىپتۇ. باھارىنى چىللاپ كېلىش ئۈچۈن خورازىنى چىللىتىپ بېقىپتۇ، قۇشقاچنى سايرتىپ بېقىپتۇ، قۇياشقىمۇ يالۋۇرۇپ بېقىپتۇ، لېكىن ھىچقانداق نەتىجىى بولماپتۇ.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بېرىدە بۇ يۇرتتىن بىر قارلىغاچ ئۇچۇپ ئۆتۈپ قاپتۇ. قارغۇدەك بولسا بۇ يۇرتنىڭ ھەممە يەرلىرى قار-مۇزلۇق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كەچۈرىشى تولىمۇ قىيىن كۈندە ئىكەن. قارلغاچنىڭ بۇ يۇرتتىكى كىشىلەرگە ئىچى ئاغرىپ قاپتۇ.
قارلىغاچ ئۇچۇپ، ئۆز ماكانىغا بارىغاندا، قارلغاچلار پادىشاھىغا ھېلىقى قار-مۇزلۇق يۇرتتا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. قارلىغاچلار تولىمۇ رەھمدىل، ئاقكۆڭۈل بولغاچقا، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بارچە قارلىغاچلار ئۇ يۇرتتىكى كىشلەرنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ كۆز يېشى قىپتۇ.
قارلغاچ شاھى كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا، بارچە قارلىغاچلارغا ئۆز ماكاندىكى رەڭدار گۈل-چېچەكلەرنى چىشلەپ ئاپىرىپ، ھېلىقى يۇرتقا تۆكۈشكە بۇيرۇپتۇ. قارلىغاچلار بۇيرۇق بويۇنچە قىرىق كېچە-كۈندۈز بۇ يۇرتنىڭ ئاسمىنىدىن گۈل-چېچەكلەرنى تۆكۈپتۇ.
راسىت دېگەندەك، پۈتۈن ئەتىراپ گۈل-چېچكلەرنىڭ خۇش ھېدلىرىغا تولۇپ، بۇ پۇراقتىن خۇدىنى يوقاتقان قۇياشنىڭ تۈرۈلگەم قاپىقى ئېچىلىپ، كۈلۈپ كېتىپتۇ. قارلىغاچلارنىڭ رەھمدىل، ئاقكۆڭۈللىكىدىن تەسىرلەنگەن باھارىمۇ قايتا يېنىپ كەپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، يۇرتتىكى قار-مۇزلار ئېرىپ، بۇ يۇرۇت قايتىدىن يېشىللققا پۈركىنىپتۇ. لېكىن قارلىغاچلار تولىمۇ يىراقتىن قىرىق كېچە-كۈندۈز  گۈل-چېچەك توشىغاچقا چارچاپ ھەممىسى مۇشۇ يۇرتتىكى بىر تاغنىڭ ئۈستىدە جان ئۈزۈپتۇ.
يۇرتتىكىلەر، ئۆز يۇرتىغا قايتا يېڭى ھاياتلىقنى، باھارىنى باشلاپ كەلگەن قارلىغاچلارغا چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، بۇ تاغنى قارلىغاچنىڭ نامى بىلەن «قارلىغاچ تاغ» دەپ ئاتاپتۇ. يۇرتتىكى ھەممە ئادەملەر شۇنىڭدىن باشلاپ بىر-بىرىگە مېھرىبان، ساداقەتمەن، ياخشىلىقنى كۆپ قىلىپ، يامانلىقتىن يىراق تۇردىغان بولۇپ ياشاپتۇ ھەم تاغنىڭ باغرىغا « مېھىر- مۇھەببەت بار جايىدا باياشاتلىق ھەم گۈزەللىك ئۈزۈلمەيدۇ» دېگەن سۆزىنى ئەۋلاتلىرىغا مىراس قالدۇرۇپ يېزىپ قويۇپتۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-29 23:23:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرتېكىن دوستۇم،سىز خېلى قەلىمى پىشقان يازارمەن. ئەڭ ئاۋال كۆرۈنمە ماۋزۇغىمۇ بىر ئەھمىيەت بېرىپ قويۇڭلا.ئاخىرى بولسا «بالىلار چۆچەكلىرى» بولمىسا «ئىككى چۆچەك» دەمسىز ئىشقىلىپ بىر نىمە دەڭچۇ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-1 09:51:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ، بۇ جەھەتتە كۆپىرەك دىققەت قىلاي.

ۋاقتى: 2016-2-1 11:58:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ چۆچەكلەرمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ، سىزنىڭ بالىلار ئەدەبىياتى تۈرىگە تەۋە ئەسەرلىرىڭىزمۇ خېلى بار ئىكەن. بۇ قېتىم بالىلار ئەسەرلىرىدىن تۈرلەر بويىچە  كوللىكتىپ توپلام تۈزۇپ نەشىر قىلىنماقچى ئىكەن. سىزمۇ ئەسەرلىرىڭىزنى تەۋسىيە قىلىپ باقسىڭىز قانداق ؟...كونكىرىتنى كىم بىلەن ئالاقىلىشىش توغرىسىدا سىزگە تۇرغۇن مىجىت ئاكىمىز ياردەم قىلىدۇ. قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك ، ئىجادىيىتىڭىز مول-ھوسۇللۇق بولغاي !...

ۋاقتى: 2016-2-1 16:19:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ئا.سەئىدى يوللىغان ۋاقتى  2016-2-1 11:58
بۇ چۆچەكلەرمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ، سىزنىڭ بالىلار ئەدەب ...
بىر بۈلۈك ئەسەرلىرىمنى تەۋسىيە قىلاي دېگەنتىم. لېكىن تۈزۈلىدىغان كىتاپ ئېلان قىلىنىپ بولۇنغان ئەسەرلەردىن تۈزۈلىدىكەن، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 16:19  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش