بالىلىقتىكى ئەسلىملەر
قەلبىنۇر جىلىل
ھەممە ئادەمنىڭ گۈزەل بالىلىقى بولىدۇ، مەن تۇغۇلۇپ ئېسىمنى بىلسەم بوۋام،موماملار بىلەن بىللە تۇردىكەنمىز، بوۋام شۇ ۋاقىتلاردا (80-يىللارنىڭ باشلىرى) داڭقى چىققان ماشىنچى (سەيپۇڭ) ئىكەن،ئۇندىن باشقا يەنە ھېيىت-ئايەم ،توي-تۆكۈنلەردە ناغرا چالىدىغان،چېلىش ئوينايدىغان ،ئوغلاققا چۈشىدىغان يۇرتنىڭ كۆزى ئىكەن، مومام بولسا بوۋامغا ياردەملىشىپ كىيىم تىكىشەتتى،ئۇندىن باشقا يەنە مەھەللىدە داڭلىق تۇغۇت ئانىسى ،تىۋىپ ئىدى،ئۆيىمىزدىن بوۋىقىنىڭ ئوتى تۇتۇپ قوقاغداپ قالغانلار،چارشەنبىدە بوۋىقىنىڭ بېشىنى تاڭدۇردىغانلار،يۇز-كۆز،بەدەنلىرىگە يارا-چىقان چىققانلار،گېلى ،كۆزى ئاغرىپ قالغانلار،پۇت-قولى سۇنغانلار(ھەتتا ئېڭىكى چۈشۈپ كېتىپ كەلگەنلەرنىمۇ كۆرگەنمەن) نىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى، ئىشقىلىپ ھويلىمىزنىڭ ئالدىدا قاچانلا قارىسا ئۇچ-تۆت ھارۋا،بەش-ئالتە ئات،ئېشەكلەر باغلاقلىق تۇراتتى.يوغان سۇپىدا مومام ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ئۇلارغا دورا قىلسا بوۋام مەخسۇس ئىش قىلىدىغان يوغان ئۆيدە شاگرىتلىرى بىلەن ئىش قىلاتتى، ئاجايىپ چىرايلىق ئاتلارنى مىنىشكەن يۇرت كاتتىلىرى كېلىپ ‹‹ئىش كۆپ بولسا مەيلى،ئالدىراتمايمىز قادىرىم، ساقلاپ تۇرايلى،يەنىلا سىزنىڭ قولىڭىزدىن چىققاي›› دېيىشىپ قايتىشاتتى، شۇ ۋاقىتلاردىكى يۇرت كاتتلىرى بوۋام قادىر ماشىنچى تىكىپ بەرگەن ئىگەر يوپۇقلىرى بىلەن ئاتلىرىنى بېزەپ، بوۋام تىككەن تون-پەشمەتلىرىنى كىيىشىپ مەغرۇر يۈرەتتىكەن،شوڭلاشقمىكىن رەھمەتلىك بوۋام كۈندۈزىلا ئەمەس،كېچىلىرىمۇ قارا چىراقنىڭ يورۇقىدا تىنىمسىز ئىش قىلاتتى،ئىش ھەققىگە بولسا ئىش ئىگىلىرى نىمە ئەكەلسە شۇنى ئالاتتى، يۇرت كاتتىلىرى،بوجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بايلار پۇل بېرىشەتتى، بەزىلىرى بولسا بىرەر ئىككى چارەك بۇغداي،قوناق،ھەتتا توخۇ-تۇخۇملارنىمۇ ئەكىلىشەتتى، موماممۇ چوڭراق سۇنۇقلاردىن نىمە بەرسە شۇنى ئالاتتى، كىچىكرەك باش تاڭدۇردىغانلار، گېلىنى دەسىتىپ( مومام نامازدىن قوپۇپ بولغۇچە ئىشىكىمىز ئالدىدا گېلى ئاغرىپ قالغان كىچىك بالىلاردىن باشقا چوڭلارمۇ كېلىپ بولاتتى، مومام ئۇلارنىڭ تاماقلىرىغا قازاننىڭ قارىسىنى سۈركەپ،كۆينىكىنىڭ ئېتىكى بىلەن گېلىنى ئېڭەك بىلەن قوشۇپ كۈچ بىلەن يۇقىرى كۆتىرەتتى،ئارقىدىنلا بوسۇغۇغا ياتقۇزۇپ مەسىسى بىلەن ئاللىقانداق ئايەتلەرنى ئوقۇپ دەسسەيتىى،دەرۋەقە ئۇلار كۆپ كەلسە ئۈچ كۈن بولمىسا بىر-ئىككى كۈن كېلىپلا گېلى ساقىيىپ قالاتتى)،كۆزىنىڭ چىرىقىنى چىقرىدىغانلار،يارا-شىراقلىرىغا دورا بويرۇتىدىغانلار دىن بولسا ئەگەر نان،تۇخۇم ئەكەلگەن بولسا ئالاتتى ۋە ئەكەلگەن نانلىرىنى ئۇشتۇپ ئۆزلىرىگە چاي قوياتتى،باشقا نەرسا ئەكەلسە ئۆزىرە ئېيتىپ قايتۇرۋىتەتتى، ئۆيدىكى ئۈچ نەۋرە (ئاكام،مەن،ئىنىم) تولاراق باش،سۇنۇق تاڭدۇردىغانلاردىن ئاشقان تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ تاماسىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ مومامغا ياردەملىشەتتۇق.كېچىلىرى ياغاچ دەرۋازا ئەنسىز ئۇرۇلدىمۇ بولدى،مەھەللىدە بىر بوۋاق دۇنياغا كەلمەكچى دىگەن گەپ ئىدى، مومام بىر چىقىپ كەتسە تاڭ بىلەن ھەتتا بەزىدە ئەتىسى قايتىپ كېلەتتى، قايتىپ كەلگەندىن كىيىنلا ئاندىن قەيەرگە بېرىپ كىمگە تۇغۇت ئانىسى بولغانلىقنى،بالىسىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇلغانلىقىنى دەپ بېرەتتى، بالدۇرلدا بولسا ‹‹تولغاق تارقاپ كتىدۇ ››دېيىشىپ قايەرگە ماڭغىنىنى دىمەيتتى. بوۋام.ئاتام،ئاپاملار بۇنىڭغا كۆنۈك ئىدى.ئىشقىلىپ بىز ئۈچ نەۋرە مۇشۇنداق بىر ئاۋات ئائىلىدە چوڭ بولغان ئىدۇق،بۇغداي نان تۈگۈل قوناق ناننىمۇ ئاسانلىقچە تاپقىلى بولمايدىغان ئاشۇ يىللاردا بىزنىڭ ئۆيدە سۇپىدا داستىخان يىغلمايتتى،داستىخاندا ھەرخىل زاغرا،جۆۋەن نان،ھەتتا بەزىدە بۇغداي ناننىڭ پارچىلىرى تۇراتتى.
بوۋامنى ‹قادىر تايلاق› دېيىشەتتى، ئۇلۇغ بوۋام ئۇستىخانلىق،ھەيۋەت ئادەم ئىكەنمىش،شوڭلاشقا كىشىلەر ئۇلۇغ بوۋامنى ‹ھاشىم تۆگە› دېيىشەتتىكەن، ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ ئۈچىلىسى سەيپۇڭلۇق ھۆنىرىدە كامالەتكە يەتكەن ئۇستىلاردىن ئىدى، ئۇلارنى بولسا‹قاسىم تايلاق›،‹قادىر تايلاق›،‹گايىت تايلاق› دېيىشەتتىكەن،ئىشقىلىپ ئاشۇ ھەممە ئادەمگە تونۇش بولغان ‹قادىر تايلاق› مىنىڭ بوۋام ئىدى، بوۋىلار سورىشاتتى-‹سەن كىمنىڭ بالسى بالام› ،-‹قادىر تايلاقنىڭ› دەپ جاۋاپ بېرەتتىم، ‹ئوھۇي،سەن ھېلىقى مۇئەللىم قىزىنىڭ بالىسىكەنسەندە، پاكىز ئۆتكەن ئادەمنىڭ بالا-ۋاقىلىرى مانا› شۇ چىرايلىق گەپلەرنى ئاڭلايتتىم، ، ئىشقىلىپ شۇ ۋاقىتلاردا بوۋامنى.مومامنى تونۇمايدىغانلار يوق ئىدى،ھېيت كۈنلىرى بوۋام ھەممە ئۇششاق بالىلار ھەۋەس قىلىپ كىرىپ باقىدىغان يېزىمىزدىكى بىردىنبىر ‹كاپراتىپنىڭ دۇكىنى› دەيدىغان ئىگىز دۇكان ئۇستىدە زوق-شوخ بىلەن چېلىنىدغان سۇنايغا تەڭكەش قىلىپ ناغرا چالاتتى،بەلكىم ئەل-جامائەت قىسىپ قويدىغان بولغىيتتى، دۇخاۋا بۆكىدە بەش كويلۇق،بىر-ئىككى كويلۇق،بەش مولۇق پۇللار قاتار قىسىلىپ كېتەتتى، بىز ئۈچ نەۋرە بوۋام موماملار تىكىپ بەرگەن يېڭى كىيىمنى كىيىشىپ مەھەللىدىكى ئوبدان ئۆتىدىغان بالىلار بېلەن قوشۇلۇپ پەستە زوق-شوخ بىلەن ئۇسۇل ئويناۋاتقانلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ ئۈگزىگە قارايتتۇق،تېزرەك پەدىىنىڭ ئاياقلىشىپ تۈگۈشىنى تەققازالىق بىلەن كۈتەتتۇق،بىر پەدە تۈگەپ يەنە بىر پەدە باشلىنىش ئارىلىقدا ئۈگزىدە بوۋاملارنىڭ قېىشدا پەرمۇدە سامسىلار پەيدا بولاتتى، ئەنە شۇ چاغدىلا مەن بىردىبىر قىز نەۋرىسى بار كۈچۈم بىلەن توۋلايتتىم-‹بوۋا،بىز كەلدۇق،بوۋا› بوۋام پەسكە قاراپ بىزگە قول ئىشارىسى قىلىپ سامسىلارنى تاشلايتتى، بىز يۈگرۈشۈپ يۈرۈپ تېرىپ بولغاندىن كيىن بەش مولۇق پۇللارنى بەزىدە بىر كويلۇق پۇللارنى تاشلايتتى، بىز لەيلەپ چۇشىۋاتقان پۇللارغا قاراپ خوشاللىقتىن سەكرەيتتۇق،پۇلنى تېرىۋىلىپ قانچە بالا بولساق تەڭ بۆلۈشۈپ خەجلەيتتۇق،بىر كۈنىمىز ئەنە شۇنداق جوشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى.مانا،ھازىر قىرىق ياشقا كىرگەن ئۇشۇ كۈنلەردە تەمىنى ھېچ نەرسىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان ئاشۇ كۈنلەرنى زوڭ-شوخ بىلەن ئەسلەيمەن،سۇنۇقتىن،باش تېڭىشتىن ئاشقان تۇخۇمنىڭ ئېقىنى پۇشۇرۇپ ئاكام ئىنىلىرىم بىلەن تالشىپ يىگەن ئاشۇ كۈنلەرنى سېغىنىمەن،
بالىلىقتىكى ئەسلىمىلىرىم بوۋام موماملار بىلەن گۈزەل، ئوقۇتقۇچىلىقتىن پىنسىيەگە چىققان ئاپام ھەر قېتىم مائاش ئالسا بىر قېتىم كۆزىگە ياش ئېلىپ ‹رەھمەتلىك ئاتام يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن يىپ ئۆتكۈزۈپ ئاشۇ ئېغىر كۈنلەردە مىنى ئوقۇتقان ،ئاپام مىنى كۆنەلمىدى دەپ ئوقۇشقا بارغاندا يېنىمدى ھەپتە تۇرغان › دەپ يىغلايدۇ.دىمىسىمۇ ئاشۇ 50-يىللاردا بوۋام موماملار ئاپامنى بىر بالا ،يېنىمىدا تۇرسۇن دىمەي تولۇق ئوتتۇردا كورلىدا ئوقۇتۇپتىكەن، ئاپام شۇ ۋاقىتلاردا مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى،نامى چىققان ۋاسكىتبولچى ئىكەن، ئەنسىز يىللاردا ئاپام ئوق ئاۋازلىرى ئىچىدە ئوقۇپتۇ، مەكتىپىدىن پايتەخىتكە بېرىپ رەئىس ماۋزىدوڭ بىلەن كۆرىشىدىغانغا بېرىلگەن بىر ساننى ئاپامغا تەقسىم قىلىشقاندا مومام ‹بارمايسەن، غايىپ ئوقتىن تېگىپ سەندىن ئايرىلسام باشقا بالام يوق› دەپ يىغلاپ قوشۇلمىغاندا بوۋام‹سەن نىمىنى بىلەتتىڭ؟نىمىشقا بارمايدۇ،بارىدۇ، جان ئاللانىڭ ئىلكىدە› دەپ ماڭدۇرۇپتۇ، مەلۇم سەۋپلەر بىلەن(شۇ چاغلاردا يىسى،ئەرسى دىگەن تەرەپلەر تۇتىشىۋاتقان چاغلاركەن) ئاپام پايتەخىتنىڭ بوسۇغىسىدىن قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ھازىرىچە شۇ چاغلارنى بىر دەم يىغلاپ،بىر دەم كۈلۈپ ھېكايە قىلىپ بېرىدۇ،كىيىن ئاپام ھەربىي سەپتىن قايتقان ئاتام بىلەن تونۇشۇپ توي قىلماقچى بولغاندە يەنە بۇ باشقا يۇرتلۇقكەن (ئاتام كۇچالىق ئىكەن،بوۋامدىن كىچىك قالغاندىن كىيىن ئاپىسى بىلەن بۈگۈر يېڭساردىكى تۇققانىرىنى پاناھ تارتىپ يۇرتتىن چىقىپ مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن) دىمەي ئاپامنىڭ رايى بىلەن ئىككىسىنىڭ تويىغا رازىلىق بېرىپتۇ، ئۇلار توي قىلغاندىن كىيىن ئاتام يەنە داۋاملىق ناھىيە دىكى بىر كوپراتىپتا ھەپتىدە بىر قايتىپ قاتناپ ئىشلەپتۇ،ئاپام بولسا بوۋام موماملار بىلەن بىللە تۇرۇپتۇ، بىز ئۈچ بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن ئاتام ئۇ يەردە ئىشلىمەي قايتىپ كەپتۇ، مەن بش ياشلارغا كىرگەن يىلى ئاندىن كونا بازاردىكى ئۆيدىن ھازىرىقى ئۆيىمىزگە شۇ چاغدىكى يڭى ئۆي قۇرۇلىشى قىلغان يەرگە ئۆي سېلىپ كۆچۈپ كەپتۇ،باشقا بالا بولمىغاچ بوۋام موماملارغىمۇ يەنە بىر ئائىلىلىك يەر خېتى كەستۈرۈپ بىر ھويلىدا ئولتۇرغان ئىكەنمىز.دىمىسىمۇ بوۋام موماملارنىڭ ئەڭ نەك رازىلىقىنى ئالغان شۇ ئاتاممىكىن دەيمەن، بىر ئۆمۈر ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بىلەن بىرگە تۇرۇش ھەممە ئەركەكلەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە، شۇ مەن ئېسىمنى بىلگەن ئۆيىمىز ئاۋات بولىدىغان شۇ كۈنلەردە ئاتام ھەپتىدە بر جاڭگالدىن ئوتۇن توشۇيتتى، قىش ۋاقتىلىرى كۆتەك كولاپ ئەكىلەتتى، 50-يىللاردا ھەربىيلىككە قاتناشقان ئاتام چىداملىق،سەۋىر-تاقەتلىك، كەڭ قوساق ئاتا ئىدى(ئاللاھ شۇ ئاتامغا ساغلاملىق.ئۇزۇن .ئۆمۈر ئاتا قىلسۇن)،كەنتىنىڭ بوغالتىرلىقىنى قىلغاچ بوۋام موماملارنىڭ مېھمانلىرىنى ئۇزىتاتتى، ئاپام ئەتىگىنى مەكتەپكە كەتسە چۈشتە قايتاتتى، مومام ئېتىپ تۇرغان تەييار تاماق ياكى چاينى ئىچىپ يەنە ئىشقا كەتسە كەچتە ئاران كېلىشەتتى، بىز ئۈچ بالا بولسا مەكتەپكە كىرگۈچە تا شۇنداق بوۋام موماملارنىڭ ئېتىكىدە يۈرەتتۇق،ھەتتا چوڭ بولۇپ خىزمەتكە چىققۇچە،ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ بالىلىق بولغۇچە بوۋام موماملارنىڭ ئېتىكىدىن ئايرىلمىدۇق،بوۋام ئاكام ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۈچ يىلدىن كىيىن مەن ئوقۇتقۇچى بولۇپ سەككىز ئايدىن كىيىن دەل ئونتۇققۇز ياشقا كىرگەننىڭ ھارپا كۈنىدە كۆز يۇمدى، مومام بولسا ئاكامنىڭ قىزىنى كۆردى،رەھمەتلىك ئاكامنىمۇ قان يىغلاپ ئۇزاتتى، مېنىڭ ئوغلۇمنى،ئىنىمنىڭ ئوغلىنى كۆردى، ئاتام ئاپاملار ئاكامنىڭ دەرىدە ساراڭ بولاي دىگەن شۇ يىللاردا ئۇلارغا مەدەت بەردى،ئۆزى تۇنجى نەۋرىسىنىڭ پىراقىدا كۆيۈپ تۇرسىمۇ چاندۇرماي تەسەللىي بەردى،كىيىن بەرداشلىق بېرەلمىدى،ئىنىمنىڭ ئايالى مومام قوشۇلۇپ چوڭلارنىڭ ھالىدىن شۇنچىلىك ياخشى خەۋەر ئالدىكى بۇ ياخشلىقنى ئىككى ئوغلىدىن كۆرۈشكە نېسىپ قىلغاي....
نىمىلەرنى يېزىپ كەتتىم،شۇنداق قىلىپ بالىلىقتىكى ئۇنتۇلماس گۈزەل دەقىقلەرنى يازماقچى ئىدىم، شۇنىڭغا مۇناسۋەتلىك باشقا بايانلارنىمۇ يېزىپ كېتىپتىمەن، ئىشقىلىپ بالىلىقىم شۇنچىلىك چىرايلىق ئۆتكەن، بوۋام مومام بىرگە بولغاچقا نۇرغۇنلىغان تاتلىق ئەسلىمىلرىم بولغان، ھازىرمۇ 60-70ياشلىق چوڭلار مەندىن سىز كىمنىڭ بالىسى دىسە شۇ ھامان ‹قادىر ماشىنچىنىڭ نەۋرىسى › دىسەملا ‹ھەي، ئېسىل،مەرت ،پاكىزە ئۆتكەن كىشىلەرتى،يۇرتنىڭ كۆزى ئىدى› دېيىشىدۇ، مەن كىچىكىمدىن ئاڭلايدىغان،ئەمدى مەنىسىگە يەتكەن‹ پاكىزە› دىگەن سۆزنىڭ ۋەزنىدىن پەخىرلىنىمەن، ئۆزۈممۇ شۇ چوڭلاردەك ‹ھالال،پاكىزە › بولۇشقا تېخىمۇ تىرىشىمەن،ئۇلارنە ئەينەك قىلىمەن،ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن.
ئەمدى تىما ئۆزىگە كەلسەك مىنىڭ بالىلىقتىكى ئەسلىمىلىرىم مۇشۇنداق بايان شەكلىدە كىچىك تېمىلارغا بۆلۈنۈپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلىدۇ.
(داۋامى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-30 21:45