يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 315|ئىنكاس: 6

دېھقانى: قۇياشنىڭ يۈزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرسۇنجان مۇھەممەت دېھقانى

(ھېكايە)

قۇياشنىڭ يۈزى


تۇرسۇنجان مۇھەممەت دېھقانى 1978-يىلى 10-ئاينىڭ 25- كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقيار كۈچۈرمە كەنىتتە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. 2004-يىلىدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايىسى مەتبۇئاتلاردا 100پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە، نەسىر، شېئىرلىرى ئىلان قىلىنغان.
ئۇھازىرئاقسۇ ۋېلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ  ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىئيىتىنىڭ ئەزاسى.


-ئىشتانغا چىقىرۋېتىپتىمەن.
ئۇ شۇنداق دېگەن چاغدا قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەنىدى.ئۇنىڭ ئۈنمىگەن چىغ تۈۋىدىن تۇغۇلمىغان توشقان قوپقاندەكلا تۇيۇقسىز ۋە قۇپال ئېيتىلغان بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئەخمەت بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەستىن  مېيىقىدا بىر كۈلۈپ قويدى-دە، ئۈچ چاقلىق توكسىلىتىنى ھەيدىگىنىچە كېتىپ قالدى. ئۇ ئەخمەتنىڭ قارسى يۈتكىچە ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى. ئەخمەتنىڭ قارسى يۈتىۋىدى، ئۇ يەنە ئەخمەتنىڭ كۈلكىسى توغۇرلۇق ئويلىنىپ قالدى. ئەخمەت مېنى مەسخىرە قىلۋاتامدىغاندۇ؟ ئىچ ئاغرىتىۋاتامدىغاندۇ؟ ئەخمەتنىڭ كۈلۈشىنىڭ سەۋەبى زادى نىمدۇ؟
ئۇ ئەخمەت توغۇرلۇق، ئەخمەتنىڭ كۈلكىسى تۇغۇرلوق خېلى ئويلاندى. ئەخمەتنىڭ كۈلكىسى مەسخىرگىمۇ، ئىچ ئاغرىتقانغىمۇ ئوخشىمايتتى.  ئۇ دەسلەپ ئەخمەت مىنى مەسخىرە قىلۋاتسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدى، ئارقىدىنلا بۇ خىيالىدىن تىزلا ۋاز كەچتى. چۈنكى، ئەخمەت باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدىغان ئادەملەردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ ئەخمەتتىن خېلى-خېلى ياخشىلىقلارنى كۆرگەنىدى. ئۇ ئەخمەت بىلەن تۇنۇشقان بەش يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ بىرەر قېتىم بىرەر ئادەمنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپ باققىنىنى بىلمەيتتى. ئۇ تۇرۇپلا ئۆزىنى خەقلەر ئېيتقاندەك »ساراڭ بۇلۇپ قالدىممۇ-نىمە» دەپمۇ ئويلاپ قالدى. چۈنكى، ئۇ ساراڭ بۇلۇپ قالمىغان بولسا، ئەخمەتكە نىمە ئۈچۈن بۇنداقدەيدۇ؟ بىكاردىن - بىكارلا ئۈزىنىڭ ئەيىبىنى ئۆزى ئېچىپ يۈرەمدۇ؟
دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىسىگە مەھەللىسىدىكى نېرىۋىسىدىن ئادىشىپ قالغان ئايال ھېپىزەم كىلىپ قالدى. ھېپىزەمنىڭ كۆزلىرى چوڭ-چوڭ، يۈزلىرى يوغان- يالپاق، ئۇستىخانلىق ئايال ئىدى. ئەگرى تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان سۇمبۇل چېچى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان يۇيۇپ،  تارالمىغاچقا بەكمۇ رەتسىز ھەم پاسكىنا كۆرۈنەتتى. بىرەر ئادەم يېنىغا كىلىپ قالسا پۈتۈن بەدىنىدىن ئاچچىق تەرنىڭ ھىددى كىلەتتى. ئۇچىسىغا كىيىۋالغان كۆك چاپىنى كىر ھەم كونىلىغىدىن ئەسلى رەڭگىنى يۇقاتقانىدى. پۇتىغا پۇتلىشىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كۆينىگى نەچچە يىرىدىن يىرتىلىپ ئەسكى پالازدەك سۆرۈلۈپ يۈرەتتى. كۅپىنچە ۋاقىتلاردا يالاڭئاياق يۈرگەچكە پۇتى يېرىلىپ ھەم قارىداپ كەتكەنىدى.  مەھەللىدىكى ئۇششاق بالىلار دائىم ھېپىزەمنىڭ ئارقىسىغا كىرۋالاتتى. ھېپىزەمنى قوشاققا قۇشاتتى. سەت تىللار بىلەن تىللاپ، ئارقىسىدىن تاش، چالما دېگەندەك نەرسىلەرنى ئاتاتتى.
ئۇنى ھېپىزەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاسمان-زىمىن پەرق بار ئىدى. ئۇنىڭ ساراڭلىقى ھېپىزەمنىڭ ساراڭلىقىغا ئوخشىمايتتى. ئۇ ھېپىزەمگە ئوخشاش كېيىمىنى يىرتىۋەتمەيتى. ئانىدىن تۇغۇلما بۇلۇۋېلىپ يۈگۈرۈپ يۈرمەيتتى. ئۆز-ئۈزىچە قاقاقلاپ كۈلمەيتتى. ئۈزى بىلەن ئۈزى پاراڭلاشمايتتى. كىملەرنىدۇ تېللىمايتتى. كىچىلىرى ئوخلىماستىن مەھەللىنى ئايلىنىپ ناخشا توۋلىمايتتى.
ئۇ تاماقتىن بۇرۇن قۇلىنى  پاكىز يۇياتتى. ئۇنىڭ يۈز-كۆز، قۇلىنى يۇيۇش ئادىتىنى خېلى-خېلى ئادەملەرمۇ دورىيالمايتتى. ئۇنىڭ بۇ ئادەتلىرنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى ئۇنى ساراڭ دىمەيتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ  بىلەن تۈزۈك ئالاقە باغلاپ، پاراڭلىشىپ باقمىغان ئادەم  ئۇنى ساراڭ ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتتى. ئۇ ساراڭ دىگەن بۇ سۆزنى باشقىلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ بىر قانچە قېتىم ئاڭلىغانىدى. دىمىسىمۇ ئۇ ساراڭدەك يۈرەتتى. يۈرۈش-تۇرۇشىغا، كىيىم-كىچەكلىرىگە پەقەت ئېتىبار بەرمەيتتى. ئاشپەزنىڭ قازان بېشىنى ئېيتىدىغان للۆڭگىسىدىن بەتتەر مەينەت بۇلۇپ كەتكەن شىمى، رەڭگىنىڭ قايسى رەڭدە ئىكەنلىگىنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدىغان، ئالدى خۇرۇمغا ئوخشاپ قالغان پاختىلىق چاپىنى، ياسالمىغىلى ۋە تارالمىغىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان چاچ-ساقىلى، ئاغزىغا كىرىپ كىتىۋاتقان ئۇزۇن-ئۇزۇن بۇرۇتلىرى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇنى ساراڭغا چىقىراتتى، ئەلۋەتتە.
ـ سەن ھېپىزەك ساراڭ بىلەن تەڭ-دەيتتى ئانىسى.
-ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوينىساڭ پاچىقىڭنى سۇندۇرۋىتىمەن،– دەيتتى دادىسى ئۇ كىچىك چاغلاردا.
ئۇ مەھەللىسىدىن چىقىپ كەتكىلى ناھايتى ئوزون بولغاندى. ئون يىل؟ياق، يىگىرمە يىل؟ بۇمۇ ئۇنىڭ ئىسىدە يوق ئىدى. بىر قارىسا ناھايتى ئۇزۇن بولغاندەك، يەنە بىر قارىسا مەھەللىسىدىن تېخى تۆنۆگۈن چىقىپ كەتكەندەك...
ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ دۇنيادا ئائىلىدىن ئۇلۇغ جاي، ئاتا-ئانىدىن ئولوغ ئادەم يۇق ئىدى. ئائىلىسىنى، ئاتا-ئانىسىنى پۈتكۈل مىھرى بىلەن سۆيىدىغان، چىن يۈرۈگىدىن تۈكۈلۈپ تۇرۇپ كۆيىدىغان ئۇنىڭدەك يەنە بىر ئىنسان يوق ئىدى. ئەمما ئۇنى ئۇچراتقان ھەر قانداق ئادەم تا ھازىرغىچە ئۇنى ئاتا-ئانىسى، ئائىلىسى بىلەن ئۇچۇرتۇپ باقمىغانىدى. ھەم ئائىلىسى بارلىقىغا، بۇ ئۆمرىدە ئائىلە قۇرۇپ باققانلىقىغا، خۇتۇن ئېلىپ باققانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. ئۇنى ئاتا-ئانىسىنى ، ئائىلىسىنى سۈيىدۇ دەپ خىيال قىلمايتتى. ئۇ يۇرتىدىن چىقىپ كەتكەندىن بۇيان بىرەر ئادەمگە ئائىلىسى، ئاتا-ئانىسى ۋە ئۆزى ھەققىدە بېرەر ئېغىز بىر نەرسە دەپ باقمىغانىدى ھەم سۆزلەشنىمۇ خالىمىغانىدى. باشقىلارمۇ ھەم ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى سۈرۈشتۆرمىگەنىدى. ئەسلى يۇرتىنىمۇ سوراپ ئولتۇرمىغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنە شۇ سۈيۈملۈك يۇرتىنى، ئىللىق ئائىلىسىنى، مىھىربان ئاتا-ئانىسىنى،  ئاكا-ئۇكىلىرىنى، ھەدە-سىڭلىلىرىنى ئىزتىراپ ئىچىدە ئەسلەيتتى.
-ئىسىت دادام،-دەيتتى ئۇ- سىز  ماڭاھەم بەخت ئاتا قىلدىڭىز،ھەم ئۈزىڭىز ئاتا قىلغان بەخىتنى يەنە ئۆز قۇلىڭىز بىلەن ۋەيران قىلدىڭىز.
ئۇ بۇ سۆزنى دادىسنى يىرگىنىش ئىچىدە ئەسلەپ تۇرۇپ ئېيتاتتى. ئىچ-ئىچىدىن ئىزىلىپ تۇرۇپ ئېيتاتتى.  ئۇ دادىسىنى ئەسلىمەيمەن، خىيال قىلمايمەن دەيتى-، يۇ يەنە ئۆزىچە ئەسلەپ قالاتتى.
ئۇنىڭ دادىسىمۇ جاپاكەش بىر ئادەم ئىدى.  قىش كۈنلىرى سايدىن ئۇتۇن ئېلىپ كىلىپ ئاشخانا، ناۋايخانىلارغا ساتسا، ياز كۈنلىرى بىكار تۇرماي مەھەللە بايلىرغا ئىشلەيتتى. شۇ ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. ئۇنىمۇ تۇلۇق ئۇتتۇرغىچە ئۇقۇتقانىدى. ئۇ تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىدا بەش پوڭغا گازىر، تۆت موغا لەغمەن كىلدىغان زامان ئىدى.  ئائىلىلەردە، ئاشخانا، ناۋايخانىلاردا  ھازىرقىدەك گاز، كۈمۈر، ئىشلەتمەيتتى. ئىشلەتمەيتى ئەمەس ئۇ نەرسىلەر تېخى ئۇنىڭ يۇرتىدا پەيدا بۇلمىغانىدى. ئۇنىڭ ئانىسىمۇ دادىسىدىن قېلىشمىغۇدەك ئىشچان ئايال ئىدى. ھېلى قارىسا تاماق ئىتىۋاتقان، كىر يۇيىۋاتقان، باللىرنىڭ كىيىمىنى ياماۋاتقان، قۇلىدىن كىلىشىچە كونا-يېڭىنى ئۇلاپ تىكىپ بىرىۋاتقان. ئۇ ئانىسىنىڭ بىكار تۇرغىنىنى پەقەت كۈرۈپ باقمىغانىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئائىلىسى نامرات بولسىمۇ بەخىتكە تۇيۇنغانىدى. ئۆي ئىچىدىن، ھويلىسىدىن، ئۇلار قالدۇرغان ھەر بىر ئىزلاردىن رەڭمۇرەڭ گۈللەر چىچەك ئاچقانىدى. ئېناقلىق گۈللىرىنىڭ خۇشبۇي ھىددى دىماققا گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.
دادىسى شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ قەلبىدە نۇرلۇق قۇياش ئىدى. ئۇ ئەنە شۇ دادىسىنى-نۇرلۇق قۇياشىنى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايتتى. پارلاپ تۇغان بۇ قۇياشنىڭ نۇرى ئۇنىڭ ئىنىچكە قىلدام تۇمۇرلىردىن تارتىپ، ھەر بىر ھۈجەيرىلىرىگىچە يىتىپ باراتتى. قۇياش يۇرۇتمىغان، قۇياشنىڭ نۇرى چۈشمىگەن بىرمۇ يىرى يوق ئىدى. نۇرلۇق قۇياش ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا ھەمراھ ئىدى. يول يۈرسە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭاتتى. ئولتورسا ئولتۇراتتى، قوپسا قۇپاتتى، ئۇ بىرەر ياخشى ئىشنى ئويلىسا قوللايتتى. يامان ئىشنى ئويلىسا ياكى شۇ يامان ئىشتىن بىرنى قىلماقچى بولسا دەرھال ئۇنىڭ ئالدىنى توسوپ، ئۇنىڭغا داغدام يولدىن بىرنى كۆرسىتىپ قۇياتتى. ئۇمۇ دادىسىنىڭ- ئاشۇ قۇياشىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنى مۇقەددەس قانۇندەك بىلىپ، بارچە سۆزلىرىنى بىرىلىپ تۇرۇپ ئاڭلايىتى. دادىسى بۇيرۇغان ئىش ھەر قانچە جاپا-مۇشەققەتلىك بولسىمۇ بويۇن تۇلغىمايتتى، يېنىغا قارىمايتتى.  پۈتۈن كۈچى، پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن  دادىسىنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمۈتلىرنى ئاقلاشقا تىرىشاتتى...
ئۇ ئۈشتۈمتۈتلا خىيالىغا كىلىپ قالغان مەھەللىسىدىكى ساراڭ ئايال ھېپىزەم، مىھىربان ئانىسى، ئېغىزىغا ئېلىشتىنمۇ سەسكىنىدىغان دادىسى يادىغا يىتىشى بىلەنلا، بىر نەرسىدىن قاتتىق چۈچىگەن ئادەمدەك ئىتتىك ئەتراپقا قارىدى. ئەتراپتا بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. پەقەت  سېسىق سۇ ئاقىدىغان ئۆستەڭ، جىن چىراقتەك ئاجىز پىلدىرلاۋاتقان قۇياشنىڭ نۇرى، تاشتەك قېتىپ كەتكەن يىلان باغرى يول، تۇرخۇنلاردىن كۈتۈرلىۋاتقان قاپقارا ئىس-تۈتەك ئۇنى مەسخىرە قىلۋاتقاندەك ھىجىيىپ تۇراتتى.
ئۇ ئۆستەڭنىڭ ئىچىگە تاشلىۋتىلگەن ئەسكى كىيىملەرگە، سولياۋ خالتىلارغا، ئەخلەت چاۋارلارغا، كۈمۈرنىڭ داشقال-كۈللىرىگە ئىرەنسىزلىك بىلەن قاراپ قۇيۇپ ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۆزىدىن بەش قەدەم نېرىدىكى يوغان تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇردى.
-دادا، دادا، قاراڭ، ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان ئاۋۇ نېمە؟.
-ئايرۇپىلان،
-ئۇ يەردە ماڭالامدۇ؟
-ياق، ئىنسانلار ئۇنى ئاسماندا ئۇچىدىغان قىلىپ ياساپ چىققان.
-مەنمۇ چوڭ بولغاندا ئايرىپىلان ياسايمەن.
-دىگىنىڭىز كەلسۇن بالام.
ئۇ يېشىنىڭ چۇڭىيىشىغا ئەگىشىپ  شۇچاغلىرىنى، شۇ ۋاقىتتىكى دادىسىنى تۇلا ئەسلەيدىغان بۇلۇپ قالغانىدى. ھەم مەڭگۈ چوڭ بولماي تۇرىۋەرگەن بولسام نىمە دىگەن ياخشى بۇلار ئىدى ھە؟-دىگەنلەرنى ئويلايتتى.
ئۇ ۋاقىتتىكى دادىسى ئۇنىڭ تەختى ئىدى.
ئۇ ۋاقىتتىكى دادسىسى ئۇنىڭ بەختى ئىدى.
ئۇ ۋاقىتتىكى دادسىسى ئۇنىڭ نۇرلۇق قۇياشى ئىدى.
ئۇ ئەنە شۇ كىچىك چاغلىرىنى، كىچىك ۋاقتىدىكى دادىسىنى مەڭگۅ ئۇنتالمايتتى، ھەم ھازىرغىچەمەڭگۇ چوڭ بولمىغان بولسام ـ ھە! دىگەنلەرنى ئارزو قىلاتتى.
ئاسماندا ئايرىپىلان ئۇچقان شۇ كۅن ھېلىمۇ ئۇنىڭ  غۇۋا ئىسىدە ئىدى. ئۇ كۈنى ھاۋا بەكمۇ ئۇچۇق ھەم ئىسسىق ئىدى. قۇياش ئۈزىنىڭ ئالتۇنرەك نۇرىنى زىمىنغا سېخىلىق بىلەن سىپىپ تۇراتتى. ئادەم بەدىنى ئىسسقتا كۈيۈپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ساي تەرەپتىن كىلىۋاتقان ئويناق شاماللار چاچلارنى، يۈزلەرنى، يەلكىلەرنى تاتلىق سۈيۈپ ئۈتۈش بىلەن بىرگە دىللارغا ئاجايىپ سالقىنلىق ۋە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. دادىسى ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ قەرىمدىكى شاللىقىغا سۇ باشلاش ئۈچۈن ئۆستەڭ بويىغا ئېلىپ چىققانىدى. ئۆستەڭ بۇيىغا چىقىش ئۈچۈن يېشىللىققا تۇلغان ئېتىز-قىرلاردىن، چىغىر يوللاردىن، ئۆستەڭ بويلاپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرمانلىقلاردىن توغرىسىغا كىسىپ ئۈتۈشكە توغرا كىلەتتى. بۇ ئۇرمانلىق ئىچىدە ئۈژمە، ئاق تىرەك، سۇۋادان تىرەك، جىگدە، قارياغاچ، سۅگەت، مەجنۇنتال  ...دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. كۆيچى قۇشلار تىرەكلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ تىنماي نەغمە-ناۋا قىلاتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا سۇ شۇنچىلىك كەڭىرمىكىن ياكى ئۇنىڭ مەھەللىسىدە سۇكۆپمىكىن، ئۇرمانلىق ئىچىدە قاچانلا قارسىڭىز شىرىلداپ زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك سۇلار ئېقىپ تۇراتتى. ئۇرمانلىق ئىچى باغچىلاردەك رەڭمۇ-رەڭ ئېچىلغان ياۋا گۈللەر بىلەن تولغانىدى. بۇ ئۇرمانلىقلارغا قەدىمى يەتكەن ھەر قانداق ئادەم ئۈزىنى ئەڭ گۈزەل باغچىلارنىڭ بىرىگە كىلىپ قالغاندەك ھىس قىلاتتى.
ئۇرمانلىقلاردا ئۇنىڭ بالىلىق خاتىرسى قالغان ئىدى. ئۇ كىچىك چاغلىردا ياز كۈنلىرى تەڭتۇشلىرعا قۇشۇلۇپ قەرىمدىكى شۇ ئۇرمانلىقتا، ئۅستەڭ بويلىردا قوي باقاتتى. قۇيلىرىغا سۅگەتنىڭ، تىرەكنىڭ شاحلىرىنى پۇتاپ بىرەتتى. بىر-بىرى بىلەن ھىكايە ئۇقۇشاتتى، لەتىپە سۆزلىشەتتى. چۆچەك ئېيتىشاتتى. سۇ چېچىشاتتى، كىچىك-كىچىك ئېرىقلارنى چېپىپ سۇ باشلاپ ئۇينايتتى. ئۇرمانلىقنىڭ يېنىدا بىر تاشلاندۇق ئۆي بار ئىدى، ھويلىدا ئۅجمە ناھايتى كۆپ ئىدى. ئۇ تەڭتۇشلىرى بىلەن قويلىرىنى ئورمانلىققا قۇيۇپ بىرىپ ئاشۇ ئۅژمىلىرىنىڭ ئۇچىعا چىقىۋالاتتى. يەنە بەزى كۈنلىرى توشقان قوغلايتتى. ئۇ قۇرداشلىرى بىلەن بىرەر توشقاننى كۈرۈپ قالدىمۇ بولدى، ئۇلار دۇلدۇلغا ئايلىناتتى. شامالدەك تىز چېپىپ ئەتىدىن-كەچكىچە شۇ توشقاننى قوغلايتتى. توشقاننى تۇتمىغىچە قويمايتتى. قىش كۈنلىرى دادىلىرى ياساپ بەرگەن چانىلىرىنى سۆرەپ موز تېيىلاتتى. مۇز ئۈستىدە نۇر چۆرگىلىتەتتى. مۈكۈ-مۈكۈلەڭ، چامغۇر يۇلۇش ئويىنى ئوينايتتى. ئۇلارنىڭ ئۇيۇنلىرى شۇنچىلىك قىزىپ كىتەتتىكى ئۇلار قۇرساقلىرىنىڭ ئاچقىنىنىمۇ تۇيىماي قالاتتى. مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتقاندا شۇ سەھرا، شۇ كىندىك قېنى تۈكۈلگەن ئىللىق ماكان ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جايى ئىدى...
»ئىنىلىرىم ھاياتمىدۇ؟ بۇ چاققىچە نەچچە بالىلىق بولغاندۇ؟» ئۇ بۇ سۇئالنى ئۈزىدىن تالاي قېتىم سورىغانىدى. تامىنڭ بۇلۇڭىدا، ئۇتى ئۆچكەن تۇنۇرنىڭ كولىڭدا، قىشنىڭ ئۇزۇن ھەم سوغوق كىچىلىرىدە توڭلاپ قالماسلىق ئۈچۈن شەھەر كوچىلىرىدا ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭغانلىرىدا، يالغۇز يول يۈرگەنلىرىدە، مۇڭسىرغاندا كىچىلىرى ئون تۆت كۈنلۈك تۇلۇنئايغا، بىر-بىرگە كۆز قىسىشىپ، جىمىرلاشقان سان-ساناقسىز يۇلتۇزلارغا، كۈندۈزلىرى يېڭى تۇيى بولغان ئەر-خۇتۇنلاردەك ئەركىلەپ ئۈتىدىغان ئويناق شاماللارغا قاراپ شۇ سۆزلەرنى دىسە، يەنە بەزىدە ئۆز-ئۈزىگە ئەنە شۇنداق سۇئالنى قۇياتتى. ئۈزى بىلەن ئۈزى شۇ توغرىسىدا سۆزلىشەتتى، پىكىرلىشەتتى. ئۇ بەزىدە يەنە ئەخمەتنى ئىنىسىغا ئوخشىتۇپمۇ قالاتتى. دىمىسىمۇ ئەخمەت خۇددى ئۇنىڭ بىر تۇققان قېرىندىشىدەك، ئۆز ئىنىسىدەك ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. مىھىربانلىق كۆرسىتەتتى. ئۇنىڭ غېمىنى يەيتى، ئۇنى ئىزدەپ كىلەتتى. ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلاتتى.  ئۇ مەھەللىسىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئۈيىدە ئىككى ئىنىسى قالغانىدى. چوڭى ئون ئالتە ياشلاردا، كىچىكى ئون بىر ياشلاردا ئىدى. بەزى-بەزىدە شۇ ئىنىلىرى چۈشىگە كىرىپ قالاتتى. ئەمما ئۇ ئۈيىدىن چىقىپ كەتكەندىن بۇيان ئىنىلىرىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئۇ ئىنىلىرىنى دائىم دادىسىدەك  ئىگىز، قاۋۇل ئادەم بۇلدى دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتى. ئەمما ئىنلىرى ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغاندىن چوڭمۇ، كىچىكمۇ، ئىگىزمو، پاكارمۇ، توي قىلدىمۇ، قىلمىدىمۇ، توي قىلغان بولسا نەچچە بالىسى  بار بۇنىمۇ بىلمەيىتى.  ئۇ قېرىنداشلىرنى، يۇرتىنى، دۇسلىرىنى، مەھەللە-كويلىرىنى سېغىنغانلىرىدا، ئادەم بارمايدىغان ئۆستەڭنىڭ قاپتاللىرىغا، تامنىڭ بۇلۇڭلىرىغا، دەرەخلىققە بېرىۋېلىپ ئۈنسىز ياش تۈكەتتى. ئۇلارنىڭ ئامانلىقىنى تىلەيتتى.
ئۇ ئەخمەت بىلەن ھەقىقى تۇنۇشقىلى ئىككى يىلچە بولغانىدى. ئۇ ئىلگىرى ئەخمەتنى تۇنۇمايتتى. ئەمما ئەخمەت ئۇنى تۇنۇيتى. بىر چاغلاردا ئەخمەت ئۇنىڭغا بەش يىل ئىلگىرى ئۇنىڭدىن شاپتول سېتىۋالغانلىقىنى، شاپتول سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭ بىر دانە ئەرەنچە ۋېلىسپىتى بار بۇلۇپ شۇ ۋېلىسپىتنىڭ ئارقىسىغا بىر يىشىك شاپتۇلنى قۇيىۋېلىپ، كۇچىمۇ-كۇچا، ئايلىنىپ يۈرۈپ شاپتول، ئالما، ئانار، ئۈزۈم ساتىدىغانلىقىنى، ئۇ بەش يىل ئىلگىرىمۇ مۇشۇ ھالدا يۈرۈيدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن كۈپۈنچە كىشىلەر ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ، ئۇنىڭ ساتقان نەرسىلىرنى ئالمايدىغانلىقىنى دىگەنىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئەخمەتنىڭ گىپىدىن ئۈزىچە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەنىدى. ئەخمەتمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۈلگەنىدى. ئەخمەت ئەمەس بەلكى ئەخمەتنىڭ خۇتۇن-بالىلىرى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى قاقاقلاپ كۈلگەنىدى.
ئۇ مەھەللىسىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى. ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ ئارىسىدا يەڭگىلىمۇ، ئېغىرىمۇ، پاكىزىمۇ، مەينىتىمۇ بار، ئۇ خىيال قوينىغا شۇڭغىغانلىرىدا گاھ ئۈزىنى يۈز ياشقا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلسا، گاھ تۆنۆگۈن تۇغۇلغان بوۋاقتەك ھىس قىلاتتى. گاھ شۇ خىياللىرىدىن شاھ ھۇزۇرىنى سۈرسە، گاھ ئاچچىق ھەسرەت ئىلىگىدە تولغىناتتى
توغرا! ئۇ مەھەللىسىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئۈزىنى تاشلىۋەتتى. ساقال-بۇرۇتلىرنى ئالمىدى، كىيىملىرىنى ۋاقتى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، يۇيۇنۇپ- تارىنىپ يۈرمىدى.  ئادەملەردىن قاچىدىغان، يالغۇز، يىگانە ھالدا يۈرۈيدىغان بولىۋالدى. ھەتتا تاما چىكىشنىمۇ ئۈگىنىۋالدى.  شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۈزىنىڭ ۋىجدانىغا يات كەلگۈدەك بىرەر ئىشنى قىلىپ باقمىدى. مەيلى ۋېلىسپىتنىڭ ئارقىسىغا يىشىك، سۈۋەتلەرنى قۇيۋېلىپ باققاللىق قىلسۇن، ياكى ھازىرقىدەك ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتنى سۆرىۋېلىپ ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى تىرىپ، يىغىپ ساتسۇن ھېچقاچان كۆرمىدى دەپ بىرەر ئادەمنىڭ يىڭنە چاغلىق نەرسىسىنى ئېلىۋالمىدى.  
-ئورنىڭىزدىن تۇرىڭە ئاكا.
ئۇنىڭ خىيالىنى يەنە شۇ ئەخمەت بۆلىۋەتتى.
-ئۆيگە بېرىپ تاماق يەپ كىلەيلى.
-ئادەم خىجل بولىدىكەن ئۇكا، ئۈزەڭ بېرىۋەر،
-نىمىگە خىجىل بۇلاتتىڭىز، مەن چاقىرغاندىن كىيىن ماڭمامسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رابىگۈل سىزنى بىر كىلىپ كەتسۇن دىگەن.
ئۇنىڭغا ئەخمەتنىڭ «رابىگۈل سىزنى بىر كىلىپ كەتسۇن دىگەن» سۆزى تىزلا تەسىر قىلدى.  ئەخمەتنىڭ ئايالى رابىگۈل بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۇنى تاماققا چاقىرغان چاغدا، ئۇنىڭغا ئەخمەت ئىككىسىنىڭ ئۇنى ئۆيلەپ قويماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقانىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ رابىگۈلنىڭ سۈزىگە ھەيران قالغانىدى. ھەيرانلىقتىن نىمە قىلىشنىمۇ بىلەلمەي قالغانىدى.   چۈنكى، ئۇ تا مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە يات بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمنى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۆيلەپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانىدى. شۇنداق بولغاچقا رابىگۈلنىڭ بۇ سۈزىگە ئۇ بىر تەرەپتىن ھەيران قالسا يەنە بىر تەرەپتىن بۇ سۆزنى چاقچاقتەك ھىس قىلىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ بۇ سۆزلەرگە ئىشىنەي دىسە تېخى، ئىشەنمەي دىسە تېخى...
شۇ ۋاقىتتا رابىگۈل يەنە ئۇنىڭغا ئانارخان توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگەنىدى. بۇ رابىگۈلنىڭ ئۇنىڭغا ئانارخان توغرىسىدا ئېيتقان تۇنجى گېپى ئەمەس ئىدى. بىر يىلدىن بۇيان رابىگۈل ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭغا شۇنداقراق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپراق كىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ كىلىۋاتاتتى. رابىگۈل بەزىدە ئۇنىڭغا شۇ سۆزلەرنى چاقچاققا ئارلاشتۇرۇپ ئېيتاتتى. يەنە بەزىدە قاپىقىنى تۈرگەن ھالدا ناھايتى ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ ئېيتاتتى. قەستەن ئۇنىڭ زىتىغا تىگەتتى. ئۇنى تىرىكتۈرەتتى. ئۇنى تىرىكتۈرۈپ بۇلۇپ ئارقىدىن كۈلۈپ كىتەتتى. ئەمما رابىگۈلنىڭ مەخسىتى ئۇنى تىرىكتۈرۈش ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا ئائىلىنىڭ، ئۆينىڭ، ئائىلە مىھرىنىڭ گىپىنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئۆزگەرتىش خىيالىغا كەلگەنىدى. شۇ سەۋەپتىن رابىگۈل ئۇنىڭغا ئۆي، ئائىلە، ئائىلە مىھرىنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقى تۇغرىسىدا بىر تالاي سۆزلەرنى قىلاتتى. مەيلى چاقچاق قىلسۇن، چېقىشسۇن، ئاچچىق سۆزلەرنى دىسۇن دائىم ئۇنىڭغا ئۈزىنى تۈزەپ يۈرۈش، كىيملىرنى پاكىز يۇيۇش، ۋاقتى-ۋاقتىدا كىيىم  ئالماشتۇرۇش، ساقال-بۇرۇتلىرنى ئېلىپ تۇرۇش تۇغرىسىدا ئۈزى كىچىك بولسىمۇ پەندى-نەسىھەت قىلاتتى. ئۇ رابىگۈلدىن ئەنە شۇنداق سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغدا «ماقول» دەپ قۇياتتى-يۇ، يەنە ئۈزى بىلگەنچە يۈرەتتى. كىيىم-كىچەكلىرى يەنىلا كىر، ساقال-بۇرۇتلىرى ئۈسۈپ كەتكەن، ئاق ئارلىغان چېچى سالۋاراپ قۇش چاڭگىسىغا ئوخشاپ قالغان...
ئۇ دەسلەپتە رابىگۈلنىڭ سۆزلىرىگە تىرىككەنمۇ بولدى. شۇ سەۋەپتىن ئەخمەت ئۇنى ئۈيىگە چاقىرغاندا بارماي قويدى. كۈنلەرنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇمۇ رابىگۈلنىڭ ئۇنى ئاكىسى ئورنىدا، ئۆز كۈرۈپ، يېقىن كۈرۈپ، گاھ شوخلۇق بىلەن، گاھ ئىچ ئاغىرتىپ ئېيتقان بۇ سۆزلىرىگە كۈنۈپ كەتتى. ھەم تېخى بەزى كۈنلىرى ئۈزىچە رابىگۈلنىڭ سۆزلىرىنى سېغىنىدىغان بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى. رابىگۈلنىڭ ئايال، ئائىلە، ئائىلە مىھرى، بالا توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە مايىل بۇلۇپ قېلۋاتقانلىقىنى ئۈزىچە ھىس قىلاتتى. كىچىلىرى ئاياللارنى خىيال قىلىپ قالاتتى. ئۆز-ئۈزىچە كۈلۈپ قۇياتتى. چۈشلىرىگىمۇ ئاياللار كىرىپ قىلۋاتاتتى. ئۇ بۇنداق چۈشلەرنى كۆرگەن چاغدا بىر قىسما بۇلۇپ قالاتتى. ئۈزىنى ياشىرىپ قېلۋاتقاندەك سىزەتتى. ئۈزىچە تېخى كىچىك بالىلاردەك شوخلۇقمۇ قىلىپ قۇياتتى. يەنە بەزىدە بالىلارنى، نەۋرە-چەۋرىلەرنى خىيالمۇ قىلىپ قالاتتى.
ئۇ نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، مەھەللىسىدىكى ۋاقىتتا تۇرمۇش قۇرغانىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۈزى قۇرغان بۇ تۇرمۇشتىن، ئائىلىدىن قاتتىق يىرگەنگەنىدى، ئۈمۈتسىزلەنگەنىدى. «ئەگەر تۇرمۇش، ئائىلە مانا مۇشۇنداق بۇلىدىغان بولسا مەڭگۇ خۇتۇن ئالماي تەنھا ياشايمەن» دەپ ئۆز-ئۈزىگە قەسەم بەرگەنىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، تۇرمۇشنىڭ، ئائىلىنىڭ گىپىنى ئاڭلىسا بېشى ئاغرىيدىغان. شۇنداق سۆزلەر بۇلۇۋاتقان يەردىن بەش كۈنلۈك يىراقلىققا قاچىدىغان بۇلۇپ قالغانىدى. بىرەر يەرگە ئۆيمۇ سالمىغانىدى. باشقىلارنىڭ بىرەر-ئىككى ئېغىزلىق ئۈيىنى ئىجارىگىمۇ ئېلىپ ئولتۇرمىغانىدى. ئۇ يۇرتىدىن يېنىپ چىققاندىن بۇيان نەدە كۈن كەچ بولسا شۇ يەردە يېتىپ، نەدە كۈن چىقسا شۇ يەردىن قۇپۇپ كىلىۋاتاتتى.  ياز كۈنلىرى ئۇرمانلىق، گۈللۈك ئۇنىڭ ئۇخلايدىغان، ئارام ئالىدىغان ياخشى ئارامگاھى بولسا، قىش كۈنلىرى تۇنۇر، ئاشپەزلەرنىڭ ئۇچىقى ئۇنىڭ ئىللىق ماكانى ئىدى. بەزى قىش كىچىسى توڭلاپ قالماسلىق ئۈچۈن تاڭ ئاتقۇچە كۇچىلاردا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ مۇشۇ كۈنگە قەدەر تۇرمۇش، ئائىلە توغرىسىدا ئويلىنىپ باقمىغانىدى. ئائىلە، ئائىلە مىھرىنىڭ قانداق بۇلدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. تاپقىنىنى ئۇدۇللۇق يەپ بىر تىيىنلىق ئىقتىسادمۇ يىغمىغانىدى. ئۇنىڭ بارلىق مۈلىكى ئىسسىق قېنى، ئەزىز جېنى ۋە ئازاپ ئۇچىقىدا پۇچۇلانغان پاك قەلبى ئىدى.
شۇنداق، ئەخمەت ئەر-ئايال ئۇنى بىر ئۆزگەرتىپ بېقىش خىيالىغا كەلگەنىدى. ئۇنىڭ پەلپەتىش يۇرىيدىغان، باشقىلارغا ساراڭدەك تۇيغۇ بىرىدىغان، چۈشكۈن، ھەممە ئىشقا بىپەرۋا قارايدىغان بۇ ھالىتىنى، زامانغا لايىق، جوشقۇن، كەلگۈسىگە ئۈمۈت بىلەن قارايدىغان بىر ئادەمگە ئۆزگەرتىش خىيالىغا كەلگەنىدى. ئۇنى ئادەمدەك ياشاشقا، ئاخىرقى ئۆمرىدە بولسىمۇ يېڭى ھاياتقا ئىرىشتۈرۈش خىيالىغا كەلگەنىدى.  چۈنكى ئەخمەت بىلەن رابىگۈل ئۇنى كۈزىتىۋاتقىلى ئۈچ-تۆت يىل بۇلۇپ قالغانىدى. ئۇ ئىككىسى ئۇنى بىرەر يىلدەك كۈزۈتۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ساراڭ ئەمەسلىگىنى بىلگەنىدى. ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىغانىدى. ھىسداشلىقى قوزغالغانىدى.
بولمىسا،ئۇ ئەخمەتئەر-خۇتۇنغىمۇ ئۆتمۈشىنى، تارىخىنى سۆزلەپ بەرمىگەنىدى. ئەمما ئەخمەت-ئەر-خۇتۇن زىرەك بولغاچقا ئۇنىڭ بېشىغا ئىنسان كۈتۈرۈپ قوپقۇسىز بىرەر ئىشنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن ھىس قىلىپ يەتكەنىدى. ئەخمەت-ئەر-خۇتۇن مەسلىھەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ياردەم قۇلىنى سۇنماقچى بولغانىدى. ئۇنىڭغا ياردەم قۇلىنى سۇنۇشنىڭ ئاقىلانە ئۇسۇلى ئۇنى ئۆيلەپ قۇيۇش، ئىللىق بىر ئائىلىگە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەنىدى. ئۇنىڭ كەچمىشلىرىنى ئۇنتۇلدۇرالايدىغان، كەلگۈسىگە ھاياتىغا يېڭى مەنا ئاتا قىلالايدىغان ياخشى بىر ئايال بولسىلا ئۇنىڭ ئۆزگىرىپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدىغانلىقىنى جەزىم قىلغانىدى.  ئەخمەت ئەر-خۇتۇن بۇلارنى ھىس قىلغاندىن كىيىن، كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ياردەم قۇلىنى سۇنۇپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇنى ئۆيلەپ قۇيۇشنى لايىق تاپقانىدى ھەم ئۇنىڭغا رابىگۈلنىڭ مەھەللىسىدىكى رابىگۈلگە شىرەمراق تۇققان كىلىدىغان تۇل ئايال ئانارخاننى لايىق كۆرگەنىدى.
توغرا، ئۇ مەھەللىسىدە، ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدىكى ۋاقىتتا بىر قېتىم ئۆيلەنگەنىدى. ئۇ شۇ  چاغلارنى، شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئويلىسا قەلبى ئازاپ ئىچىدە ئۆرتىنەتتى. قان-قان يىغلايتتى، ئاچچىقتىن نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى.
ئەنە شۇ چاغلاردا ئۇ ئەمدىلا يىگىرمە ياشنىڭ قارسىنى ئالغان ،    خېلى نوچىلىقى بار، مەن-مەن دىگەنلەرگىمۇ گەپ بەرمەيدىغان يىگىت ئىدى. پۈتكۈل ۋۇجۇدىدىن ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. يۈزىگە چىققان ساقال-بۇرۇتمۇ خېلى ئۈسۈپ ھەم قارداپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئايالى غۇنچە بوي، ئاق سۈزۈك قىز بۇلۇپ،  سەھرا گۈزەللەردىن ھىساپلانمىسىمۇ مىھرى ئىسسىق قىز ئىدى. بۇلاقتەك بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغان قوي كۆزلىرى، ئۇزۇن-ئۇزۇن كىرپىكلىرى، ئەگرى تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان قۇندۇزدەك قاپقارا چاچلىرى ھېلھەم ئۇنىڭ ئېسىدە.
ئۇ شۇ قىز-تۇنجى ئايالى بىلەن ئۈچ يىل ئۆي تۇتقانىدى. ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە، شۇ قىز بىلەن توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولغاندى. ئۇ ئايالىنى –شۇ قىزنى چىن يۈرىگىدىن سۈيەتتى. پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن سۈيەتتى. ئۇنىڭغا چىدىمايتتى، بىر-ئىككى كۈنلۈك بىر سەپەرگە چىقماقچى بولسىمۇ ئايالىنى بىرگە ئېلىۋالاتتى. توي-تۆكۈن، بازار-كويلارغا بېرىپلا قالسا ئايالى ئۈچۈن يانچۇقىنىڭ بىر بۇرجىگىدە  ھامان بىر نەرسە ساقلانغان بۇلاتتى. ئۇ شۇ ئايالى بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بىرگە ئۈتىمەنغۇ دەپ ئويلايتى.بەزى كۈنلىرى تېخى ۋۇجۇتقا كەلمىگەن بالىلىرىنى، نەۋرە-چەۋرىلىرىنى خىيال قىلاتتى. ئۇ شۇ كۈنلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغانلىرىدا، قەلبى سۈزۈك دولقۇندەك چاقناپ كېتەتتى. ۋۇجۇد-ۋۇجۇدىدىن بىرخىل خوشلۇق يامراپ چىقاتتى.
ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس. ئىشلار ئۈستۈن-ئاستۈن بۇلۇپ كەتتى. شىرىن ئارزۇ-ئارمانلىرىنى  قەدىرلىك دادىسىنىڭ، سۆيۈملۈك ئايالىنىڭ ئىنسان قەلبى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھايۋانى قىلمىشى كۆپۈككە ئايلاندۇردى. شۇنداق، ئۇ كۈنى ئۇ ئامراق ئايالى بىلەن ئۆزىقۇياشقا ئوخشىتىپ كەلگەن دادىسىنى بىر يوتقاندا كۆردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئاشۇ شىرىن خىياللىرىغا مىتە چۈشتى.
-شۇ بىر كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا ياكى شۇ كۈن كالىندارنىڭ ۋارىقىدىن يىرتىۋىتىلگەن بولسا...
ئۇ شۇ سۆزلەرنى تالاي قېتىم قىلدى، يېتىپمۇ، ئولتۇرۇپمۇ، يول يۈرۈپمۇ شۇ سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىدى.
ئۇ دادىسى بىلەن ئۆزى چىن يۈرىگىدىن سۆيگەن ئايالىنىڭ چېتىشلىقى بارلىقىنى ئاڭلىغىنىدا مىڭ ئۈلۈپ، مىڭ تىرىلدى. ئۆز-ئۆزىنى كاچاتلىدى. ياقىسىنى يىرتتى، چېچىنى يۇلدى، تېخى بۇ ئاز كەلگەندەك تامغىمۇ ئۆسۈپ باقتى. ئەمما نىمە ئامال. ئۇ ئاخىر بۇلالماي، بۇ ئەلەمگە چىدىماي يۇرتىنى، كىندىك قېنى تۈكۈلگەن ئەزىز يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى.
ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان سەرگەردان بۇلۇپ يۈردى. كۈنلىرى ئۆستەڭدىكى لاي سۇدەك ئېقىپ كەتتى. ئۇ ئۆمرىگە، ھاياتغا ئېچىنمايدۇ ئەمەس ئېچىنىدۇ، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدىغان، ھالىڭ نىچۈك دەيدىغان بىرەر ئىنسان چىقمىدى، مانا بۆگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ساراڭلاردەڭ كيىنىپ، جاھاندىن بىغەم ياشاۋاتقىنىدا،  ياخشى نىيەتلىك بىر ئەر-خۇتۇن ئۇنىڭ بېشىنى سىيلىماقچى، بەلكىم بۇمۇ تەغدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بولسا كىرەك، ئۇ بۇنىڭغا نىمىمۇ دىيەلىسۇن؟
ئۇ ئاخىرى ئويلانغىنى بويىچە، ئۆزىنى ھەقىقى بىر ئادەمدەك كۆرگەن، قېرىنداشلىرىدەك مۇئامىلە قىلىۋاتقان ئەخمەت ئەر-ئايالنىڭ سۆزىگە كىرىپ، ئىللىق بىر ئائىلە قۇرۇش، دادىسىنىڭ ئەكىسچە ھەممە ئالقىشلايدىغان ياخشى بىر دادا بۇلۇش، ئۆزىنىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك ۋەتىنىنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئارتۇقچە تارتىشمايلا ئەخمەت ھەيدەپ كەلگەن ئۈچ چاقلىق تۇكسىلىتقا چىقتى. ئەخمەتنىڭ ئۆزىنى نەگە ئاپىرىشىنى سورىمايلا ئەگەشتى .ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئاقكۆڭۈللىكى چىرايدىىنلا چىقىپ تۇرىدىغان ئەخمەت ئادەم ئالدىمايتتى. شۇڭا، ئۇ توكسكىلىتتا ئولتۇرۇپ قىزىپ كېتىۋاتقان بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدى. چىڭقى چۈشنىڭ قۇياشى ھەممە  - ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تۇراتتى. ئادەم سۆيۈشنى قۇياشتىن ئۆگەنسە توغرا بولاتتى. چۈنكى، سۆيۈش دەل مانا مۇشۇنداق بەدەلسىز كۆيۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلاتتى.
2015-3-16-كۈنى؛ شەھرى ئاقسۇ.
ئاپتۇر؛ئۇچتۇرپان ناھيە، ئاقيار يېزا كۈچۈرمە كەنىت 1-مەھەللىسىدىن؛
图尔荪麦麦提;乌什县阿合雅乡库曲麦村1组28号
تىلفۇن؛13899254270-13369871507



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 01:51  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-29 10:21:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن، نۇرانە پەللىلەر نېسىپ بولغاي!...

ۋاقتى: 2016-1-29 10:27:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچى قېتىم ئوقۇپ تولىمۇ سۆيۈندۈم، بەركەتلىك بولۇڭ

ۋاقتى: 2016-1-29 10:59:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىروزا ئىجادىيىتى سىزنىڭ ئىلگىرلەش نىشانىڭىز بولۇپ قالغۇسى. تىرىشىڭ!

ۋاقتى: 2016-1-29 12:25:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىڭىزنى مەن ئاقسۇ ئەدەبىياتىدا ئوقۇغان ئىدىم .   ماڭا بەك ياقتى . ئىزدىنشلىرىڭىزىگە ئامەت تىلەيمەن !! ئۇستاز

ۋاقتى: 2016-1-29 12:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىڭىزنى مەن ئاقسۇ ئەدەبىياتىدا ئوقۇغان ئىدىم .   ماڭا بەك ياقتى . ئىزدىنشلىرىڭىزىگە ئامەت تىلەيمەن !! ئۇستاز

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-29 23:32:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلارنىڭ سەمىمى تىلەكلىرىگە رەخمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش