كۆرۈش: 184|ئىنكاس: 2

ئۆمەرجان روزىھېيت:قەدىمكى خوتەندە ئەتلەسچىلىك ۋە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


قەدىمكى خوتەندە ئەتلەسچىلىك ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەتلەستە كىيىم كىيىش ئادىتى توغرىسىدا


ئۆمەرجان روزىھېيت



   ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىم-كىچەكلىرى ئىچىدە ئەتلەستىن تىكىلگەن كىيىم ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەتلەس يىپەكتىن توقۇلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل رەخت ھېسابلىنىدۇ. ئەتلەس ئۆزگىچە توقۇش ئۇسۇلى بىلەن دۇنيا يىپەك توقۇش ھۈنەر-سەنئىتىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە. ئۇ-ئېلىمىز ھەتتا دۇنيا ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدىمۇ يارقىن نۇر چېچىپ تۇرىدۇ.
    ئەتلەس-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېستېتىك تەپەككۇرىدا ئۆز يېرىنىڭ يەر تۈزۈلىشىنى، گۈزەل باغۇ-بوستانلىرىنى، يېشىل لېنتىدەك سۇزۇلۇپ ئاققان دەريالىرىنى نەپىس ۋە رەڭدار يىپەك بىلەن تەقلىدىي ئىپادە قىلغان سەنئەت خەرىتىسىدۇر.
ئەتلەسنىڭ نەقىشلىرى يەرلىك پۇراق، كۈچلۈك مىللىي خاسلىققا ئىگە بولۇپ، ‹‹رەڭ  چېگراسى ئېنىقسىز بولۇش ئۇسۇلى›› ئارقىلىق ئىجاد قىلىنغان تۇتۇق تەسۋىر ئۇسلۇبىدىكى سەنئەتتۇر. ئۇ ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە، ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكى مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ۋەكىل خاراكتىرىگە ئىگە نادىر سەنئەت بۇيۇمى. ئۇنىڭ گۈل نەقىشلىرى تەبىئىي مەۋجۇتلۇق ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ تەبىئەت قارشى، مۇھىت قارشى، گۈزەللىك قارشى، سۆيگۈ- مۇھەببەت قارشى، ئېتىقاد قارشى قاتارلىق ئىدىيەۋى ھېسسىياتىنى رەڭ، شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادىلەپ بىرىدۇ.①ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچىسىغا ئەتلەس كىيىم، بېشىغا ئەتلەس دوپپا كىيسە  شۇنداق يارىشىدۇ ھەم چىرايلىقلىشىپ كىتىدۇكى، ئۇلارنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى زوقلىنىپ ھەۋەس بىلەن قاراپلا قالىدۇ. شۇڭا ئەتلەس كىيىمنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مىللىي بەلگىسى دىيىشكە بولىدۇ.
     ئەتلەس خوتەن خەلقىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، مىللىي پۇرىقىنىڭ كۈچلۈكلىكى، توقۇلىشىنىڭ نەپىس ۋە چىداملىقلىقى، جۇلالىق-كۆركەملىكى، ھاۋا ئۆتكۈزۈش، نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن ئالاھىدە شۆھرەتكە ئىگە.  خوتەن بوستانلىقىنى سۈپسۈزۈك ئاسمانغا ئوخشاتساق، ئەتلەس بەئەينى ئاسماندىكى ھەسەن-ھۈسەندۇر؛ خوتەن گىلىمىنى بەھەيۋەت قۇرۇم تېغىغا ئوخشاتساق، ئەتلەس بەئەينى مەۋج ئۇرغان يۇرۇڭقاش دەرياسىدۇر. ئەتلەستىن قەدىمكى يىپەك يولىدا غىل-پال كۆرۈنۈپ تۇرغان كارۋانلارنىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى غۇۋا ياڭرايدۇ.
    ئەتلەس ئۇيغۇر تىلىدا‹‹رەڭگارەڭ›› دېگەن مەنىدە بولۇپ، دەل رەڭگارەڭ يىپەكنى كۆرسىتىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئەتلەسنى كىشىگە باھار ھىدى بېغىشلايدۇ، دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ‹‹كاككۇكنىڭ قانىتىدىكى گۈل›› دېگەن نامنى بەرگەن. ئەتلەس سۆزى ھىندى-ياۋرۇپا تىل سىسىتېمىسى ۋە تۈركىي تىللاردا كۆپ ئۇچرايدىغان سۆز بولۇپ ‹‹ئاتلاس›› دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەتلەس دەل ‹‹ئاتلاس››نىڭ تاۋۇش ئۆزگەرگەن شەكلىدۇر. ئەتلەس ئوخشىمىغان رايۇنلاردا ئوخشاش بولمىغان مەنىلەرگە ئىگە. قەدىمكى گىرتسىيەدە ‹‹ئاتلاس›› (Atlas) يەلكىسى بىلەن ئاسماننى تىرەپ تۇرىدىغان گىگانت ئىلاھنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىران، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ ‹‹ئەتلەس›› سۆزىنىڭ ئۆزىگە تۈشلۇق يەشمىسى بار. ئەتلەسنىڭ رەڭ ۋە نۇسخىسى جۇڭگو ۋە پارس ئۇسلۇبىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، مىللىي كىيىم-كىچەك مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بىر پارچە ئەتلەسنى يېيىپ كۆرسەك، خۇددى كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلمىسىنىڭ خەرىتىسىنى كۆرگەندەك بولىمىز. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئەتلەسكە ئائىت نۇرغۇن گۈزەل رىۋايەتلەر تارقالغان. بىرىنچى رىۋايەتتە مۇنداق دىيىلگەن: بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، قۇملۇقتىكى خەلقلەر سۇنى بىباھا گۆھەر ئورنىدا كۆرىدىكەن. بىر ئىشچان، ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر يىگىتى كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ سۇدىكى قۇياش نۇرى ۋە ئېگىز ئاق تېرەكنىڭ شولىسىنى كۆرۈپ، كۆلگە تاش ئېتىپتۇ، شۇ زامان كۆل يۈزىدە سۇ دولقۇنى پەيدا بۇپتۇ. بۇ مەنزىرە ئۇنىڭغا ناھايىتى گۈزەل كۆرۈنۈپتۇ. يىگىت بۇ مەنزىرىنى توقۇپ چىقىشقا بەل باغلاپ، ئۇنى سۆيگەن يارىغا سوۋغا قىلماقچى ۋە بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاشۇ گۈزەل گۈل نۇسخىلىق يىپەكتىن كىيىم كىيەلەيدىغان قىلماقچى بۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئاشۇ رەڭگارەڭ، جۇلالىق گۈل نۇسخىلىق يىپەكنى كىيىشكە باشلاپتۇ. ئىككىنچى رىۋايەتتە مۇنداق دىيىلگەن: بۇرۇن ناھايىتى گۈزەل بىر قىز بولغانىكەن، ئۇنىڭ ئىسمى ھەلىمە ئىكەن. ئۇ كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قالغاچقا، ئۇنىڭغا يىپەك توقۇشتىن تىرىكچىلىك يولى قالماپتۇ. كېيىن ھەلىمەنىڭ يىپەك توقۇش ھۈنىرى كامالەتكە يىتىپتۇ، توقۇغان يىپەكلىرى رەڭدار، يارقىن بولغاچقا بەكمۇ بازار تېپىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ ھەلىمەمۇ چوڭىيىپتۇ، بويىغا يەتكەنسېرى تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىپتۇ. بىر يىلى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ھېيت خۇشاللىقىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ باقمىغان ھەلىمە ئۆزگىچە بىر كۆڭلەك كىيمەكچى بۇپتۇ. ئۇ تاغقا چىقىپ شاپتۇل چېچىكى، ئانارگۈلى، خېنە ۋە باشقا نامسىز گۈللەرنى ئۆيىگە يىغىپ ئەكىلىپ، بىردىن-بىردىن تىزىپتۇ، ئاندىن گۈلنىڭ شەكلىگە ئاساسەن رەخت توقۇشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ ئىلھامىمۇ سۇدىكى دولقۇندىن كەلگەنىكەن. ھەلىمە ئاخىرى ھېيت كىلىشتىن بۇرۇن گۈلدەك گۈزەل، سۇ دولقۇنىدەك نەپس يىىپەكنى توقۇپ تاماملاپتۇ. لېكىن، ئۇ كىيىم تىكىشنى ئۇقمايدىكەن، شۇڭا، بۇ چىرايلىق يىپەكنى كىيىم تىككۈچى ئۇستا ئايشەمگە ئاپىرىپ بىرىپتۇ. ئايشەم يىپەكنى كۆرۈپلا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كىتىپتۇ ۋە ئەتىسىلا كۆڭلەكنى تىكىپ بولۇشقا ۋەدە بىرىپتۇ. ئەتىسى ھەلىمە ئايشەمنى ئىزدەپ كەلسە، دۇكان تاقاق تۇرغۇدەك. ئەسلىدە گۈزەل ۋە نەپىس يىپەكنى كۆرۈپ نىيىتىنى بۇزغان ئايشەم شۇ كۈنىلا ھەننىۋاسىنى يىغىشتۇرۇپ قېچىپ كەتكەنىكەن.ھەلىمە بەكمۇ ئازابلىنىپ، كونا كۆڭلىكىنى كىيىپ قۇربان ھېيتلىق مەشرەپكە قاتنىشىپتۇ. مەشرەپتە ئۇ ھەممە كىشىنىڭ بىر ئايالنى چۆرىدەپ ئۇسسۇلغا چۈشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەتتا، كېلىشكەن شاھزادە يۈسۈپنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرۈپتۇ. شۇنداق زەن سېلىپ قارىسا، ھەممە ئورىۋالغان ئايال دەل ئايشەم ئىكەن. ئايشەم ھەلىمەدىن ئوغرىلىۋالغان يىپەك رەختتىن چىرايلىق كۆڭلەك تىكىپ كىيگەندىن كېيىن بەكمۇ جەلىبكار بولۇپ كەتكەن ئىكەن. شاھزادە ‹‹قولى چىۋەر، ئۆزى پاك›› ئايشەمگە كۆڭلى چۈشۈپ قالغاچقا، ئۇنى نىكاھىغا ئالماقچى بۇپتۇ. ھەلىمە بۇنى كۆرۈپ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسلىدىكى يىپەكتىن يەنە بىرنى توقۇپ چىقماقچى بۇپتۇ. بىر كۈنى ئۇ بازارغا يىپ ئالغىلى بارغاندا يەنە ئايشەمنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. ئايشەم ھېلىقى كۆڭلەكنى كىيىۋالغان بولۇپ، يېنىدىكى شاھزادە بىلەن كۆلۈپ، چاقچاقلىشىپ كىتىۋاتقۇدەك. سەۋر قاچىسى توشقان ھەلىمە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئايشەمنىڭ ئالدىنى توسۇپ، ئۇنىڭدىن نېمىشقا كىيىم تىكىپ بىرىشكە بەرگەن يىپەكنى ئوغرىلاپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىپتۇ. بىشەم ئايشەم سەتلىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرەشتە يوق ئەكسىچە، ھەلىمەدىن: ‹‹قانداق ئىسپاتىڭ بار؟›› دەپ سوراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى چاچلىشىپ كىتىپتۇ. ياندا تۇرغان شاھزادە دەماللىققا ھەيران قالغان بولسىمۇ، تىزلا جىدەلنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ ئارىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ كىمنىڭ راست سۆزلىگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، بۇ ئىككەيلەنگە قايتىدىن شۇنىڭغا ئوخشاش يىپەكتىن بىرنى توقۇپ چىقىشنى بۇيرۇپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ھەلىمە ئاۋۋالقىغا ئوخشاش يىپەكتىن بىرنى توقۇپ چىقىپتۇ، ئايشەم بولسا ھېچنىمىنى توقۇيالماپتۇ. بۇنى كۆرگەن شاھزادە ئايشەمنىڭ ساختىپەز، كاززاپلىقىدىن يىرگىنىپتۇ. ئايدەك گۈزەل، قەلبى پاك، شىۇنداقلا قولى چېۋەر ھەلىمەگە شەيدا بولۇپ قاپتۇ. كېيىن شاھزادىنىڭ ئۈزۈكسىز مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى ئارقىسىدا، ھەلىمە شاھزادىنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىپتۇ. شاھزادە ئاشۇ چىرايلىق يىپەككە ‹‹ئەتلەس›› دەپ نام قويۇپتۇ. خەلق ئارىسىدا تارقالغان ئۈچىنچى رىۋايەت مۇنداق: ئەتلەسنى ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئەكەلگەنىكەن. ئۇ ئاغرىپ قېلىپ، پۈتۈن بەدىنىنى سان-ساناقسىز قۇرتلار قاپلاپ كېتىپتۇ. بۇ قۇرتلار ئۇنىڭ بەدىنىنى توختاۋسىز يەپ، ئاخىرى پۈتۈن بەدىنى تۈگەپتۇ. شۇ چاغدا، ئۇنىڭ بەدىنىدە ئىككى قۇرت قېلىپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرسى يەرگە چۈشۈپ، پىلە قۇرتىغا ئايلىنىپتۇ؛ يەنە بىرسى، دەرياغا چۈشۈپ بوياققا ئايلىنىپتۇ. كېيىن، كىشىلەر پىلە قۇرتىنى بېقىپ، پىلە غوزىكىدىن يىپ چىقىرىپتۇ. بوياق بىلەن يىپەككە رەڭ بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ يىپەكنى بوياپتۇ. بويالغان يىپەكلەرنىڭ رەڭگىنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل رەڭدىكى يىپەكنى بوياپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يىپەكنى ھەر خىل بوياپ، ئاخىرى رەڭگارەڭ ئەتلەسنى توقۇپ چىقىپتۇ.②
پىلە قۇرتى بېقىش ۋە ئۈژمە ئۆستۈرۈش غەربىي يۇرتقا(جۈملىدىن ئۇدۇنغا) قاچان، كىم تەرىپىدىن تارقالغانلىقى توغرىسىدا تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى تارىخنامىلەردە خاتىرە قالدۇرۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئىچىدە مۇنداق رىۋايەتمۇ ساقلانغان: ‹‹بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئۇدۇن ئېلىدە پىلە ئۇرۇقى يوق ئىكەن. شۇڭا، پادىشاھ پىلە ئۇرۇقى چىقىدىغان شەرق ئېلىگە پىلە ئۇرۇقى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن، شەرق ئېلىنىڭ پادىشاھى پىلە ئۇرۇقىنى ناھايىتى ئەزىزلىگەچكە، ئۇنى بېرىشكە ئۇنىماپتۇ ھەمدە پىلە ئۇرۇقىنىڭ باشقا ئەللەرگە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قاتتىق قانۇن چىقىرىپ، چېگرادا چازا قۇرۇپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپتۇ. پىلە ئۇرۇقىنى قانداق قولغا چۈشۈرۈش كېرەك؟ ئۇدۇن پادىشاھى بىر ياخشى چارىنى ئويلاپ تېپىپتۇ، ئۇ شەرق ئېلىگە قۇدىلىشىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ قىممەتلىك سوۋغاتلار بىلەن ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. شەرق ئېلىنىڭ پادىشاھىمۇ قۇدىلىشىشقا قوشۇلۇپتۇ. مەلىكىنى كۆچۈرۈپ ماڭىدىغان چاغدا، ئەلچى مەلىكىگە خۇپىيانە ھالدا ‹ئۇدۇندا پىلە ئۇرۇقى يوق، مەلىكەم مۇبادا يىپەك كىيىم كىيمەكچى بولسىلا، پىلە ئۇرۇقىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغايلا› دەپتۇ. مەلىكە پىلە ئۇرۇقىنى بۆكى ئىچىگە يۇشۇرىۋاپتۇ. چازىدىكىلەر مەلىكىنىڭ بۆكىنى تەكشۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پىلە ئۇرۇقى ئۇدۇنغا ئوڭۇشلۇق كەلتۈرۈلۈپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇدۇندىمۇ پىلە توقۇمىچىلىق كەسپى بارلىققا كەپتۇ.››③ رىۋايەتتىكى شەرق مەلىكىسىگە ئۆيلەنگەن پادىشاھ vijyajayaنىڭ ئالدىدىكى پادىشاھ مەشھۇر ساياھەتچى  فاشيەن بىلەن زامانداش ئىدى. فاشيەننىڭ ساياھىتى 4-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرى (مىلادى 399-يىلى) بولغان. ئۇنداقتا شەرق مەلىكىسىگە ئۆيلەنگەن رىۋايەتتىكى بۇ پادىشاھ مىلادى 5-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. لېكىن، جۇڭگونىڭ تارىخلىرىدا جۇڭگونىڭ شۇ ۋاقتىدا ئۇدۇن پادىشاھىغا مەلىكە ياتلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق خاتىرە يوق.④
      رىۋايەت دېگەن رىۋايەت. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز پىلە مەشۈتىدىن پايدىلىنىپ ئەتلەس توقۇشنى بىلگەن. ئەتلەسنىڭ توقۇلۇش، بوياش جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ، توقۇش ئەمگىكىنىڭ سىجىللىقى ئۇزۇن، بارلىق توقۇش تەرتىپى پۈتۈنلەي قول مەشغۇلاتى بىلەن تاماملىنىدۇ.
     ئەتلەس توقۇشتا، ئالدى بىلەن پىلە غوزىكى قاينىتىلىپ يىپەك تارتىلىدۇ، تارتىلغان يىپەك بىرىكتۈرۈلۈپ يىپ ئېگىرىلىدۇ، ئاندىن ئۆرۈش يىپى بىلەن باغلىنىپ تۈركۈمگە ئايرىلىپ بويىلىدۇ، گۈل نۇسخىسى لايىھەلىنىپ، چېگىلىپ، يىپ ئايرىلىپ ئۇرچۇقتا (يىپەك توقۇش ماشىنىسىدا) توقۇپ چىقىلىدۇ. ھازىرمۇ قىسمەن كىشىلەر زامانىۋى يىپەك توقۇش ماشىنىسىنى ئىشلەتمەي، ئەنئەنىۋى ئەتلەس توقۇش ھۈنىرى- نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى ئەجدادلارنىڭ قالتىس ھۈنىرىنى ساقلاپ قالماقتا. ئاشۇ ئەتلەسچىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆز قولىدا توقۇپ چىققان ئەتلەس ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى رەخت ئەمەس ئەمەس. بەلكى ھاياتلىقنىڭ ئەسلىي مەنىسى ۋە قەدىمىي مەدەنىيەتتۇر.
      ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدە ئەتلەس توقۇشنىڭ قاچان بارلىققا كەلگەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار.
ئالىملارنىڭ دەلىللىشىچە، شىنجاڭدا ئەتلەسنىڭ كەشىپ قىلىنىشى 2930يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن.(‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ 1998-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى سانى).
     گېرىك تارىخچىسى ئۇنېسكىردوس بىلەن نېئاركوس يازغان ‹‹قىرغاق بويلاپ دېڭىز ساياھىتى›› (تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 325-يىلى يېزىلغان) دە غەرب ئەللىرى ئىشلىتىدىغان يىپەك ۋە تۆمۈرلەر سىرتتىن كېلىدۇ، دىيىلگەن. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 400-يىللىرى توغۇلغان كىنفوسنىڭ ‹‹ئېتىرىيە›› دېگەن ئەسىرىدە ‹‹سېرىس›› دەپ يېزىلغان. شۇنىڭدەك ھومېرنىڭ ‹‹ئودېسسا›› داستانىدىمۇ، سېرىستىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار ئارىسىدا تۆمۈر ۋە كۆن قىرىملار بار دىيىلگەن. ئاندىن يەنە تۈرلۈك تۆمۈرلەر ئىچىدە سېرىسنىڭ تۆمۈرى بەك ئېسىل، سېرىسلىقلار ھەر خىل يىپەك ماللىرىغا قوشۇپ، كۆن-قىرىملارنىمۇ بىزگە ئىمپورت قىلىدۇ، دەپ قەيت قىلىنغان. قاسىم ئارش ئەپەندى ‹‹يىپەك ئېلى-خوتەن توغرىسىدا›› ناملىق ماقالىسىدە غەرب ئالىملىرىنىڭ ‹‹سېرىس››نىڭ ئورنى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن ‹‹رىم ۋە يۇنان ئالىملىرىنىڭ خاتىرىلىرىدىن شۇنى كۆرگىلى  بولىدۇكى، سېرىسنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭغا توغرا كېلىدۇ. بىزگە شۇ نەرسە مەلۇمكى، قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا ئەڭ بالدۇر پىلە-يىپەكچىلىك راۋاجلانغان يەر-خوتەندۇر. دېمەك، يۇنان رىم ئالىملىرى ئېيتقان يىپەك ئېلى-شىنجاڭ، يەنىمۇ ئوچۇقراق ئېيتساق، ئەنە شۇ خوتەن ئىكەنلىكىدە گۇمان بولمىسا كېرەك›› دەپ كۆرسىتىدۇ. ئېلىمىز ئالىمى جيەن بو چۇەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدىنىپ غەرب ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان سېرىس-يىپەك ئېلىنى ‹‹ھازىرقى شىنجاڭ، جۈملىدىن قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا خوتەن، يەركەننى كۆرسىتىدۇ›› دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى. ‹‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى›› ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، تەتقىقاتچى يىن چىڭ ئەپەندى قەدىمكى غەرب ئالىملىرى نەزەرىدىكى ‹‹سېرىس››، ‹‹سېرىندىيە›› (يىپەك ئېلى) ھەققىدە تەپسىلىي مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندىن كېيىن، رىملىقلارنىڭ تاكى مىلادىيە 7-ئەسىرلەرگىچە پىلە بېقىش، يىپەك چىقىرىشنى بىلمەيدىغانلىقى، يىپەكنى ‹‹سىرىندىيە››-غەربىي يۇرتقا جايلاشقان خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى دەرەخ غازاڭلىرىدىن چىقىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەنلىكى، كېيىن تارىم ۋادىسىدىن كەلگەن راھىبلاردىن يىپەك پىلە قۇرتىدىن چىقىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئاشۇ راھىبلارنى ئىشقا سېلىپ، پىلە ئۇرۇقىنى ئوغرىلىتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن رىم (غەربىي ئاسىيا) دا پىلە-يىپەكچىلىكنىڭ ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز مىلادىيەدىن خېلى ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن باشلاپلا يىپەك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
      ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا 18خىل يىپەك رەختنىڭ نامىنى ئاتاپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇ رەختلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىگە بېرىلگەن ئىزاھاتلاردىن قارىغاندا، ئۇنىڭ خېلى بىر قىسمى تارىم ۋادىسىدا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان رەختلەر ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا  بولىدۇ. ‹‹دىۋان››دا يىپەك رەخت، بۆز رەخت، گۈللۈك بۆز رەخت، يۇڭ رەختلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەندىن سىرت، ‹‹ياتۇق›› دەپ ئاتىلىدىغان ئۆرۈشى يۇڭ يىپ، ئارقىقى بۆز يىپتىن توقۇلىدىغان ئارىلاش توقۇلما رەخت ۋە يەنە بىر مۇنچە توقۇمىچىلىق سايمانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. ‹‹چەكىن›› دېگەن سۆزگە ‹‹يىپەك رەختكە زەر بېسىش››، ‹‹سۇۋلۇق ساچۇلادى›› دېگەن سۆزگە: لۆڭگە چۇچىلىدى (يەنى لۆڭگىگە چۇچا چىقاردى) دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. دېمەك، شۇ چاغلاردا زەرلىك يىپەك رەختلەر بارلىققا كەلگەن. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دۇنياغا كېلىشتىن سەل بۇرۇنقى، يەنى غەزنەۋى خانلىقى مىلادىيە 1050-1053-يىللاردا ئابدۇل ھەييە بىننى زەھھاك گەردىزى تەرىپىدىن يېزىلىپ، ھازىر ئوكسفورد ئونۋېرسىتېتىنىڭ كۈتۈبخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ‹‹زەينۇل-ئەخبار›› دېگەن ئەسەردە تارىم ۋادىسىنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى پىلە-يىپەكچىلىك ئىشلىرىغا ئائىت مۇنداق مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن: ‹‹خوتەن شەھىرىدە مېۋە-چېۋە بەك كۆپ، بۇغداي، ئارپا، كاۋا، كۇنجۇت، ئۈجمە، ئەنجۈر ئۆستۈرىلىدۇ. يىپەك ناھايىتى تولا، كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يىپەك كىيىم كىيىدۇ، ئۈجمە ناھايىتى كۆپ، بەزى ئادەملەرنىڭ 2000تۈپتىن ئارتۇق ئۈجمىسى بار. ئۇلارنىڭ دەرياسىدىن قاشتېشى چىقىدۇ، خوتەن رايۇنىنىڭ ھەممە يېرىدە تۈگمەن بار، ھەممە تۈگمەندە ئاستىنقى تاش چۆرگىلەيدۇ، ئۈستىدىكى چۆرگىلىمەي جىم تۇرىدۇ. تۈگمەندە يىپەكتىن ياسالغان ئەلگەك بار. ئۇن سۇ كۈچى بىلەن تاسقىلىدۇ، ئۇن ئاستىغا چۈشسە، كېپىكى ئۈستىدە قالىدۇ.››( مەمىتىمىن سابىر: ‹‹ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىك رىسالىسى-ئەتلەسچىلىك››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىل 11-ئاي نەشىرى، 8-9-19- 20-بەتلەرگە قاراڭ)
ھېجىرىيە 550-يىلى مەھجۇرى تەخەللۇسلۇق بىر شائىر تەرىپىدىن ئاقسۇ ئايكۆل يېزىسىدا نەزم شەكلىدە قايتا يېزىلغان ‹‹سۇلتان ئېلىف ئاتا تەزكىرىسى››(قوليازما)نىڭ مەزمۇنى بۇندىن مىڭ نەچچە يىل بۇرۇنقى قاراخانىيلار سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئۇدۇن قۇشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ ۋەقەلىكلىرىنى ئىپادىلەشكە بېغىشلانغان بولۇپ، تەزكىرىدىكى ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسى ئەتراپىدىكى بىر شەھەرگە بېكىنىۋالغان ئۇدۇن قوشۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھى كاي كاكىلغا قارشى ئۇرۇشتا ھىيلە ئىشلەتكەنلىكى بايان قىلىنغان قىسمىدا مۇنداق مىسرالار يېزىلغان:
بادىلدار سىياۋۇش قەلەندەردەك بولدىلار،
قارا ئەتلەس ئەڭلىدە، تولۇم سۇلتا قولىدا.⑤
......
     تەزكىرىدە مۇئەللىپ ئۇدۇنلۇقلار كىيگەن كىيىمنىڭ يىپەك رەختتىن تىكىلگەن ئەتلەس ئىكەنلىكىنى دىيىش بىلەن بىرگە، ‹‹قارا ئەتلەس›› دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئەتلەس رەڭگىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان.
تارىخىي خاتىرىلەردىن قارىغاندا، مىلادى 10-ئەسىردە ئۇدۇن بەگلىكى خوتەندە توقۇلغان ‹‹رەڭدار كىمخاب››، ‹‹دۇردۇن›› قاتارلىقلارنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئېلىپ بېرىپ ساتقان.⑥ ‹‹غەربىي رايۇن توغرىسىدا خاتىرىلەر›› دېگەن كىتابتا(2-جىلىد): ‹‹خوتەندە ياۋا پىلە ئىنتايىن كۆپ، ئۇنىڭدىن توقۇلغان شايى، ئەتلەس، چۇچۇنچىلەر ئىنتايىن پىششىق، پارقىراق ۋە ئېسىل بولىدۇ›› دىيىلگەن. ‹‹سۇڭ مۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى›› دېگەن كىتابتا يېزىلىشىچە: ‹‹ئۇيغۇرلار يىپەك چىقىرىدۇ، مەشۈت يىپ تارتىدۇ، رەڭدار يىپەك كىيىم كىيىدۇ، يەنە كالاۋتۇن ئىشلەشكىمۇ ماھىر بولغان. خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئەنە شۇ كالاۋتۇن بىلەن كىمخاب تۇقۇش سەنئىتىنى ئىجاد قىلىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ يىپەك توقۇمىچىلىق تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچقان ۋە ئەتراپىدىكى جايلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن...››⑦ چەرچەن زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن چىققان يىپەك رەخت پارچىسى، كۆنچى دەرياسىنىڭ تۈۋەن ساھىلىدىكى قەبرىستانلىقتىن چىققان يىپەك كۆڭلەك، يىپەك بوغما ئىشتان، يىپەك ياغلىق، يىپەك خالتا قاتارلىقلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپ...ئاپتونۇم رايۇنلۇق  ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى ئۇلارنىڭ دەۋرىنى بۇنىڭدىن 3000يىل بۇرۇنقى چاغلار دەپ ھېسابلىدى... دۆلەتنىڭ نوپۇزلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن بۇنىڭدىن 90±2265 يىل بۇرۇنقى دەۋرىدىن 95±1720 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن، لوپ ناھىيە سامپۇل قەبرىستانلىقىدىن كىمخاب، شايى بۇيۇملار، مەشۇت، شۇنداقلا جەسەتلەرنىڭ يۈزىگە، بېشىغا يۆگەلگەن مەشۇت ۋە شايىدىن تىكىلگەن يازلىق كىيىم-كىچەك قاتارلىق ھەمدەپنە بۇيۇملار تېپىلدى...مىلادىيە 3-ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرگە تەئەللۇق نىيە قەدىمكى خارابىسىدىن كىمخاب، دارايى قاتارلىق يىپەك توقۇلما بۇيۇملار تېپىلدى.⑧
      قىسقىسى، يەر ئاستىدىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، تارىم ئويمانلىقىدا پىلە- يىپەكچىلىكنىڭ تارىخى 2000يىلدىن ئاشىدۇ. تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن تەرەپلەر پىلىچىلىك-يىپەكچىلىكنىڭ ماكانى، شۇنداقلا، مەملىكىتىمىزدە يىپەك چىقىدىغان مەشھۇر جايلاردىن بېرى.
مىلادى 15-ئەسىردە مىرزا ئابابەكرى خوتەنگە ھۆكۈمىرانلىق قىلغاندا، خوتەننىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇستا ھۈنەرۋەنلىرىنى، بولۇپمۇ ئەتلەس توقۇيدىغان ئۇستا ھۈنەرۋەنلىرىنى زورلۇق بىلەن يەكەنگە يۆتكەپ بارغان، ئۇلار يەكەنلىكلەرگە ئەتلەس توقۇشنى ئوبدانلا ئۆگىتىپ قويغان. كروپاتكىن ‹‹قەشقەرىيە›› دېگەن ئەسىرىدە: ‹‹خوتەننىڭ يىپەك سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان، مەشۇتتىن باشقا ئۇلار يەنە ئەتلەس، بەقەسەم، شايى قاتارلىقلارنى توقۇيالايدۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئۆزى ئىشلەپچىقارغان يىپەك بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنىلا قاندۇرالايتتى ھەتتا ئۆزىگىمۇ يەتمەيتتى. پەقەت خوتەننىڭ يىپىكىلا ئىكىسپورت قىلىنىدۇ، 1876-يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغىلا 160تاي يىپەك ئىكىسپورت قىلىنغان›› دەپ بايان قىلىنغان.⑨ خوتەن ئەتلىسى ئاساسلىقى سېرىق رەڭنى ئاساس، ئاق رەڭنى قۇشۇمچە قىلىدۇ. بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرىلىشى مۇۋاپىق، نۇسخا گۈللىرى جۇلالىق، بۇيىقى رۇشەن ۋە ئىنىق بولۇپ، كۈپىنچە تەكتى قارا، گۈلى ئاق ياكى گۈلى قارا، تەكتى ئاق بولىدۇ. ئاق قىزىل، ئاق قارا، ئاق كۆك رەڭلەرنى ئاساس قىلىپ،سېرىق رەڭ،جۈزە رەڭ، ياقۇت رەڭ، مايسا رەڭلەرنى قوشۇمچە قىلىدۇ. تەبىئىيلىك خۇسۇسىيىتى يۇقىرى بولىدۇ. يەكەن ئەتلىسى ئاساسەن جەلىبكارلىقى كۈچلۈك، يېڭىلىق سىزىمى يۇقىرى رەڭلەرنى قوللانغان بولۇپ، يېشىل رەڭنى ئاساس قىلىدۇ. ئەتلەس يۈزىگە تەكشى، رەتلىك،كەڭ-تارلىقى ئوخشىمايدىغان يول چىقىرىش، بىر-بىرىگە مۇناسىپ يوللۇق گۈل نۇسخىلىرىنى قويۇش ۋە بىر-بېرى بىلەن رەڭ تالاشچانلىقى كۈچلۈك بولغان رەڭلەرنى كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق توقۇلىدۇ.⑩
     خوتەندىكى كۆپ قىسىم ناھىيەلەردە ئەتلەس توقۇلىدۇ. لېكىن ئاساسلىقى لوپ ناھىيەسىنىڭ جىيا يېزىسىغا مەركەزلەشكەن. جىيا يېزىسى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، پىلىچىلىك رايۇنى، شۇنداقلا شايى، ئەتلەس مەركىزى. بۇ يېزىدا ھەممە ئادەم ئەتلەس توقۇيالايدۇ. بۇ يەردە قىز-يىگىتلەر جۇرا تاللىغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئەتلەس توقۇشنى بىلىدىغان- بىلمەيدىغانلىقىنى، ھۈنىرىنىڭ قانداقلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەنئەنىسى ساقلىنىپ قالغان.⑪
ئەتلەسنىڭ ئاساس رەڭگىۋاسى بىر خىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا ئۇنىڭغا ھەر خىل رەڭلەرنى ماسلاشتۇرۇپ توقۇلىدۇ. قارا ئەتلەسنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، بۇ خىل ئەتلەستە كۆپ ھاللاردا ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ئاياللار كۆڭلەك كىيىدۇ. قىزىل ئەتلەسنىڭ گۈلى قىزىل، تېگى ئاق ياكى سېرىق بولىدۇ. رەڭگى شوخ بولۇپ، ياشلىق باھارىغا سىمىۋۇل قىلىنغان. ئۇنى قىز-چوكانلار ياخشى كۆرىدۇ. سېرىق ئەتلەسنىڭ گۈلى سېرىق كېلىدۇ، ئارىلاشما رەڭلىك ئەتلەسنىڭ تېگى ساددا، نەپىس. سېرىق ئەتلەس بىلەن ئارىلاشما رەڭلىك ئەتلەستە ياش-ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار كۆڭلەك تىكىپ كىيىشىگە ماس كېلىدۇ. ئۇندىن باشقا زەيتۇنە ئەتلەس، يېشىل ئەتلەسلەرمۇ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى قىزلارنىڭ كۆڭلەك تىكىپ كىيىشىگە ماس كېلىدۇ.⑿
      خوتەندە ئەتلەس ئۈرۈش بوياقچىلىقى ۋە ئەتلەس توقۇمىچىلىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى ھەرگىزمۇ تاساددىپى يۈز بەرگەن ئەمەس. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشىدە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۇڭ ۋە بۆز بوياقچىلىق ئۇسۇللىرى تېخنىكىلىق ئاساس يارىتىپ بەرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر خىل رەڭلەرنى ياخشى كۆرۈش پىسخىكىسى ئىدىيەۋى ئاساس يارىتىپ بەرگەن. ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن 3مىڭ يىللار بۇرۇن قايناتما بوياق تېخنىكىسىنى، 2 مىڭ يىللار بۇرۇن چىلىما بوياق(سوغۇق بوياق) تېخنىكىسىنى ۋە تەبىئىي ماددىلاردىن پايدىلىنىپ بوياق چەككىلەش تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، يەنى ھەر خىل رەڭدار يىپ ياكى رەختلەر قاينىتىپ بويالغان بولسا، ھەمزەك تېگى چىلىما بوياق ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەمزەك گۈلى بوياق چەككىلەش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىكى چەككىلىگۈچى بوياق ئارقىلىق بوياق چەككىلەش ئۇسۇلى كېيىنكى ۋاقىتتا ئەتلەس ئۈرۈشىگە چەگمەك چېگىش ئارقىلىق بوياق چەككىلەش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىغان چەگمە بوياق ئۇسۇلىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تېخنىكىلىق ئاساس يارىتىپ بەرگەن...مۇرەككەپ ئارىلاش بوياقچىلىق تېخنىكىسى (يەنى، ئەتلەس ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى) گەرچە ئاددىي ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇ دەۋرنىڭ بىر قەدەر قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىگە رۇشەن سېلىشتۇرما بولغان ھالدا، دەۋر ھالقىغان ئىلغار تېخنىكا ۋە يۇقىرى سەنئەت قىممىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان.⒀
      ئەتلەسنىڭ ئادەتتە كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر، ئوزۇنلىقى 6مېتىر 30 سانتىمېتىر بولۇپ مەيلى بەدىنى چوڭ ئاياللار بولسۇن ياكى قىز بالىلار بولسۇن، ئۇنىڭدىن پەقەت بىر كۆڭلەك تىكىشكىلا بولىدۇ. ئەگەر بىردىن ئارتۇق كۆينەك تىكىشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ گۈلى ماسلاشمايدۇ. ئەتلەسنىڭ گۈلى ئۇزۇن، بەزىسى ئىككى قاتار، بەزىسى ئۈچ قاتار كېلىدۇ. ئۇنىڭ رەڭگى ئىنتايىن شوخ بولۇپ، چەت ياقىدىكى قۇملۇق مەنزىرىسىگە قارىتا كۈچلۈك سېلىشتۇرما شەكىللەنگەن.
ئەتلەسنىڭ گۈل نۇسخىلىرى قارىماققا رومانتىك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كىلىش مەنبەسى يەنىلا تۇرمۇشتىن كەلگەن. مەسىلەن، شىنجاڭنىڭ داڭلىق بادام، ئانار، ئۈزۈم قاتارلىق مېۋە-چېۋە گۈل-چېچەكلىرى، دەل-دەرەخلەردىن تىلىنغان تاختايلارنىڭ يۈزىدىكى تەبىئىي ئىزلار؛ ئارا، تارغاق، سۈزگۈگە ئوخشاش دېھقانچىلىق ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ شەكىللىرى؛ شۇنىڭدەك ئاز سانلىق مىللەت چالغۇلىرىنىڭ نەقىشلىرى قاتارلىقلار.⒁ ئەتلەس گۈلىنىڭ ئۆرنەك ئوبىكىتلىرى مۇنداق بىر قانچە تۈرگە ئايرىلغان: بىرىنچى تۈرى، تەبىئەت جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل نەقىشلەر: ھىلال ئاي، يۇلتۇز، كەلكۈن، بۇلۇت، چاقماق شەكىل كۆرۈنۈشلىرى؛ ئىككىنچى تۈرى، ئۆسۈملۈك ئۆرنەك قىلىنغان گۈل نەقىشلەر: بادام، ئامۇت، ئالما گۈللۈك نەقىشلەر؛ ئۈچىنچى تۈرى، ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل نەقىشلەر: ئورغاق گۈل، مېۋە گۈل قاتارلىقلار.تۆتىنچى تۈرى، ھايۋانات ئەزالىرى ئۆرنەك قىلىنغان نەقىشلەر: قوقچىراقگۈل، بۆرەكگۈل، ئۇيكۆزى گۈل قاتارلىقلار؛ بەشىنچى تۈرى، چالغۇ ئەسۋابلار ئۆرنەك قىلىنغان گۈل نەقىشلەر: راۋاب، ناغرا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.⒂ بۇ نەقىشلەر خوتەن ۋە يەكەننىڭ كۈچلۈك يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۇ خوتەن خەلقى تۇرمۇشىنىڭ گۈزەل كىيىم-كىچەك سەنئىتىدە ئەكس ئېتىشىلا ئەمەس بەلكى، خوتەننىڭ مېۋە-چىۋە ماكانى، ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ.
      ئەتلەس سىپتا، يۇمشاق، يەڭگىل بولۇپ، ئۇڭايلىقچە رەڭگى ئۆڭۈپ كەتمەيدۇ، سوزۇلۇش، سۈركىلىشكە چىداملىق، يۇيۇش، تازىلاشقا ئەپلىك. تەر سۈمۈرىدۇ، ئىسسىق نەملىك شارائىتتىمۇ بەدەنگە راھەتبەخش ئىتىدۇ. نۇر قايتۇرۇپ كىشىگە سالقىنلىق بېغىشلايدۇ، ياز پەسلىدە ئۇنىڭدىن كىيىم تىكىپ كىيىشكە تازا باپ كىلىدۇ، يارىشىملىق بولۇپ، ئۇنى كىيگەن ئاياللارغا لاتاپەت ھەم ھۆسىن قوشىدۇ. ئەينى چاغدا، شايى-يىپەكچىلىك توغرىسىدا رىسالە پۈتۈلگەن بولۇپ، رىسالىدە شايى- يىپەكچىلىكنىڭ خوجا ئىسمايىل خوتەنى، خوجا سەلىم قەشقىرى، مۇقىيىم يەركەندى قاتارلىق 17 پىر-ئۇستازنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان. شايى- يىپەكچى ئۇستىلار مەشغۇلات داۋامىدا ھەر بىر ئىش ھالقىسدا بۇ پىر- ئۇستازلارنىڭ نامىنى زىكرى قىلىدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن ئاۋام خەلق يىپەك مەھسۇلاتلىرىنى  پاكلىق، ھالاللىقنىڭ سمۋۇلى؛ يىپەكتىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنى كۆز تىگىشتىن، كىسەللىكتىن ساقلايدۇ، ساغلاملىقنى ئاسراپ، بەدەنگە راھەت بېغىشلايدۇ، دەپ بىلىدۇ.  شۇڭا ئەينى چاغدا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەتلەس كىيىملەرنى ئەتىۋارلاپ كىيگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ شېئىر، داستان، ھېكايىلىرىدە كاتتا كىشىلەر، مەسىلەن: ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە باي- پومىشچىكلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئەتلەس كۆڭلەكلەرنى ئەتىۋارلاپ كىيىپ، ھەر خىل كاتتا سورۇنلارغا ياكى مەشرەپلەرگە قاتناشقانلىقى بايان قىلىنغان.
      ئەتلەس كىيىملەرنىڭ ئابرۇيى يۇقارقىدەك يۇقىرى بولسىمۇ لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنى كىيىدىغان ئاياللار بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى. بۇ خىل ئەھۋالغا ئاساسەن، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىللىيچە كىيىنىش ئاساسى تىما قىلىنغان خىلمۇ-خىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، مىللىي كىيىم- كىچەكلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ، ئەتلەستىن تىكىلگەن كىيىملەر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئەنئەنىۋىيلىكنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ھازىرقى زامانغا ماسلاشتۇرۇپ تېخىمۇ كۆركەم ھەم نەپىس قىلىپ تىكىلگەنلىكتىن، ئاياللارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ كىيىدىغان كىيىمى بولۇپ تاللاندى.

ئىزاھات:
①⒂ئابباس نىياز، ئەكبەرجان مامۇت:‹‹تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن تىل-ئەدەبىياتتىن ئومۇمىي تەكرار يىتەكچىسى›› (قوش تىللىق سىنىپلار ئۈچۈن)، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى،2011-يىل 12-ئاي نەشرى،10-11-بەتلەرگە قاراڭ.
②لا دىشېڭ باش تۈزگۈچىلىكىدىكى، خالىق ئاۋۇت قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان: ‹‹شىنجاڭ ھەققىدە ھېكايىلەر››(ئىككىنچى قىسىم)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2013-يىل 4-ئاي نەشىرى، 155-156- 157-158-بەتلەرگە قاراڭ.
③باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىقلارنىڭ يەرلىك دەرسلىكى ‹‹شىنجاڭ- ئۆچمەس تارىخ›› (1-قىسىم)، 13-بەتكە قاراڭ.
④⑦قاسىم ئارىش:‹‹يىپەك ئېلى-خوتەن توغرىسىدا››، شىنجاڭ داشۆ(ئونۋېرستېتى) ئىلمىي ژۇرنىلى ئىجتىمائىي پەن قىسمى)، 1982-يىل 2-سان 53-55-بەتكە قاراڭ.
⑤⑧⒀مۇھەتئىمىن سابىرنىڭ‹‹خوتەن يىپەكچىلىكى›› ناملىق ماقالىسىگە قاراڭ. ‹‹دۇنيادا بىرلا خوتەن بار›› ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابنىڭ ‹‹يىپەكچىلىق، قاشتېشى، گىلەمچىلىك››تۈرى، يەنى 4- قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىل 8-ئاي نەشرى. 6-51-138-بەتلەرگە قاراڭ.
⑥⑨⑪⑿‹‹گۆھەر زېمىن خوتەن››، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت، فوتو-سۈرەت نەشرىياتى، 1995-يىل 11-ئاي نەشرى، 267-268- بەتلەرگە قاراڭ.
⑩⒁ئابدۇرېشىت زۇنۇن قاتارلىقلار تۈزگەن: ‹‹ شىنجاڭنىڭ مىللىي كىيىم ۋە گۈل بىزەكلىرى›› ناملىق كىتاب، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2009-يىل 10-ئاي نەشىرى، 24-25-بەتلەرگە قاراڭ.

خىزمەت ئورنۇم: قاراقاش ناھىيە تۈۋەت يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 00:22  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-29 12:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپا بىلەن ئەتلەس ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كىچەك مەدەنىيىتىدە بەلگە ، سىمۇۋول خاراكتىرلىق ئىككى مۇھىم ئامىل سېسابلىنىدۇ.  مەزكۇر تېمىدا ئەتلەس ھەققىدە ئەتراپلىك توختۇلۇپسىز، ئىزدىنىشلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي، بۇ جەھەتتە يەنە قېزىشنى كۈتۈپ تۇرغان مەزمۇنلار ئاز ئەمەس.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-1 11:21:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش