يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 167|ئىنكاس: 0

پولات: تۇلپار ۋە تۇلپار ئۈستىدىكى چەۋەنداز (نەسىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇلپار ۋە تۇلپار ئۈستىدىكى چەۋەنداز
                          (نەسىر)
                     پولات ۋىلاخۇن ئىلى
   تۇلپار تولىمۇ جەلىپكار،چېچەن،ئۇچقۇر ئەلا نەسىللىك ئات قۇۋمىدىن. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئادەم باتۇر،ئەقىللىق چەۋەنداز ـــ باھادىر.تۇلپاردىن ئايرىلغان چەۋەندازنىڭ نە جېنى بولسۇن،چەۋەندازدىن ئايرىلغان تۇلپارنىڭمۇ نە كارامىتى بولسۇن...
   شېئىر ئۇچقۇر تۇلپارغا ئوخشايدۇ.شائىر ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان باھادىردۇر.تۇلپار ئۆز چەۋەندازىنىڭ ئۆزىنى خالىغانچە باشقۇرۇشىنى خالىمايدۇ.سەن ئۇنىڭ ئۈستىدە ھەقىقىي مەزمۇت ئولتۇرالىساڭلا ئۇ سېنى ئاجايىپ تىلسىملار قوينىغا باشلاپ بارالايدۇ.سېنى كۆيدۈرۈپ ھەم سۈيدۈرۈپ باشقىچىلا بىر ئادەم قىلىپ قويىدۇ.سەن ئۇ چاغدا يېنىڭدىكى رىئالنى ئادەمگە ئوخشىماي قالىسەن.ئۇ چاغدا سېنى باشقىلارھەيرانلىقتا كۈزىتىدۇ،سېنى چۈشۈنىشكە ئۇرۇنىپ باقىدۇ.بېراق‹‹ھادىسەڭ››گە قاراپ‹‹ساراڭ››دېيىشىدۇ.تۇلپار بىلەن سېنىڭ مۇناسىۋىتىڭنى ئات بىلەن ئات ئىگىسى ئوتتۇرسىدىكى ئادەتتىكى مۇناسىۋەت دەپ قارىشىدۇ. لېكىن ماھىيىتىڭنى كۆرگەنلەر سەن بىلەن تەڭ يىغلايدۇ،كۈلىدۇ...ئاراڭ لاردىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئادەتتىكىچە مۇناسىۋەت ئەمەسلىگىنى بىلىپ تولىمۇ سۆيىنىشىدۇ.ئىلھام ئېلىپ سىلەر بىلەن تەڭ ئۇچقۇسى كېلىدۇ. سىلەر ھاسىل قىلغان شامىلىڭلاردىن يېنىك نەپەس ئېلىپ ئۆزىنى تونىشىدۇ،مۇھاببەتلىك كۆزى بىلەن ئەتراپىغا باقىدۇ...
   مانا بۇ تۇلپار ۋە تۇلپار ئۈستىدىكى چەۋەندازنىڭ تەغدىرى... مانا بۇ شائىر بىلەن شېئىرنىڭ ھاياتى...

        ئادرىس:ئىلى چاپچال ناھىيە قوغۇنچى يېزا مەركىزىي مەكتەپ
         (甫拉提。维拉洪18997596267:تىلىفۇن)
      



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-28 19:05  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش