ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىمھاجى 1973-يىلى 1-ئايدا ئاتۇش شەھرىنىڭ ئازاق يېزىسى تېتىر كەنتىدە زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1989-يىلى «قىزىلسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «يىللار» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن.ھازىرغىچە «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى»،« ئىلى دەرياسى»،«تۇرپان»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«تەڭرىتاغ»،«كۈسەن مەدەنىيىتى»،«كىروران»،« ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ئون پارچە ھېكايە، ئون پارچىدىن ئارتۇق ماقالە - ئوبزور ئېلان قىلىنغان.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى.
شائىر، ژورنالىست ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېھىمھاجى «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، مەسئۇل مۇھەرىرىرى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.