نەسىرلەر
مەخەت ئابدۇرېھىم
ئارقا ئىشىكنى كىم ئاچقان
«ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ،ئارقا ئىشىكتىن پويوز قاتنايدۇ»دەيدىكەنمىز،ئەمما ئارقا ئىشىكنى كىم ئاچقان،ئۇنى كىم تاپقان،ئۇنۇڭغا پويوز قانداق پاتقان، دىگەن گەپنى دىمەيدىكەنمىز.كىمىكى ئارقا ئىشىكنى ئېچېشقا تاپالىسا يوچوق،شۇ كىشىنى قارشى ئېلىپ كىچە كۈندۈز تۇرىدىكەن ئارقا ئىشىك ئوچوق .ئارقا ئىشىك دەپ كىم قويغان ئۇنىڭ ئىسمىنى،كۆرگىلى بولمايدىكەن جىسمىنى.ئوڭ قولدا ئېچىلماي سول قولدا ئېچىلىدىكەن، بۇ بەلكىم ئارقا ئىشىكتىكى ماددى قىسمەتتۇر ياكى ئادەملەردىكى ئالى خىسلەتتۇر.
ئارقا ئىشىكنى كىم ئاچقان، ئوغرى مۈشۈك بىلەن تۇلۇم چاشقان،ئۇنىڭ مەخسەت پىلانى ئېنىقكى ياخشى كىشىلەرگە قۇرۇلغان سىھىرلىك تۆمۈر قاپقان.
قورقمايمەن
قورقمايمەن بۇرادەر، جىن-ئاۋاستىلارنىڭ بەت-بەشىرە سەت بەستىدىن،ياۋۇز يالماۋۇزدەك ھەيۋىسىدىن.
قورقىمەن پەقەتلا، سۈنئى كۈلۈۋاتقان ئادەمسىمان ئالۋاستىلارنىڭ خوشامەت نەپسىدىن،يوشۇرۇن ئالامەت قەستىدىن.پەرقلەندۈرمەك بەكمۇ تەس ئادەمسىمان ئالۋاستىلارنىڭ ئادىمىلىك ئالامەتلىرىنى،ئالۋاستىلىق كارامەتلىرىنى.
دىسە
پاقىنى پۈۋدەپ ئاسمان پەلەك ئۇچتى دىسە،كىرپىنى ماختاپ بەك ئوماق،پاختىدەك يۇمشاق دىسە،پاقا ئالالمايدىغان سانى كۆكتە پەرۋاز قىلىپ زەپەر قۇشتى دىسە،نورمال ئادەم دىگىلى بولامدۇ يالغان ماختاپ ئالدىغا قويسا كۆزىنى يۇمۇپ پوقنى يىسە،ئەلبەتتە ئەقىللىق ئادەملەر كەينىچە كۈلۈدۇ،قىلىچ تەڭلەپ ھازىلا چاپىمەن دىسە.
ھاجەت ئەمەس
باشقىلار دىگەننى قايتا-قايتا تەكرارلاش ھاجەت ئەمەس ھەر جايدا؛ئۇنىڭ تىپىك مىسالى قوياش چىققاندا ئۆگزىگە چىراق ياققانچىلىك پايدا.نە ھاجەت ئالتۇنغا زەر بىرىپ پاقىراتماق،ئالتۇن ھامان پاقىرايدۇ ئۇزۇن يىل ياتسىمۇ لايدا.ئالتۇن ياتىدۇ سايدا، ئەگەر ئۇنى بايقىساڭ ئەقىل كۆزۈڭدە، كىلىدۇ ساڭا ئالتۇندەك پايدا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-28 20:35