يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 234|ئىنكاس: 3

مۇھەممەدروزى ئابدۇقادىر: خاتىرىلەر (نەسرلەر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خاتىرىلەر
(نەسرلەر )
مۇھەممەدروزى ئابدۇقادىر   

                                                                     1
تەنھالىق قەلبىمدىكى بىر  رەنا، ئۇ شۇ قەدەر گۈزەل ھەم مەغرۇر، ئۇنىڭ مەغرۇرلىقى تاغلاردىن ھالقىغان،ئۇ سەھەر  يۈرىكىگە قەدىمى تۇيغۇلارنى تاشلاپ بۇ غېرىب شەھەرگە ئاستا ئىز سېلىپ كېلىدۇ. پاكلىقىنىڭ ۋەزنىدىن سايىلەر يىراق قاچىدۇ. ئۇ قىپقىزىل لىچىكىنى ئۇچۇرتۇپ يۈرۈپ، قىيسايغان لاي تاملىق ھويلىلارغا ھوسىن قوشىدۇ . چىڭقى چۈش باغرىدا، سۇلاشقان گۈللەرنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلايدۇ نېمە دېگەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايدۇ ،ئەمما گۈللەر شادىمانلىق ئىچىدە قايتىدىن ھاياتى كۈچكە تولىدۇ. ئۇيقۇچان سۇلار قەدەم تىۋىشىنى ئاڭلىغان ھامان   دىرىلداپ تىترەپ تۇرغان ھەيۋەتلىك شارقىراتمىلارغا ئايلىنىدۇ، تەنھالىق شۇ ھالدا ئايلىنىپ يۈرۈپ دۇنيانىڭ ئۈمىدلىرىنى توقۇپ چىقىدۇ.  كۆزلىرى قارىقاتتەك پىلدىرلاپ تۇرغان ئۆمۈچۈك قىزچاق ئۇنىڭغا ئاشىق، تۇر تۇقۇشلىرىدىكى مەخپىيەتلىكلىرىنى تەنھالىققا  ئاشكارىلايدۇ ، ئىككىسى بىرگە سەير ئېتىپ ۋادىلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ گۈزەل مەخپىيەتلىكلىرىنى سۈزۈپ ئېلىپ غېرىبسىنغان شائىر قەلبىگە ئۈن –تىنسىز قۇيىدۇ.
كېچە رەڭسىز شولىلارنىڭ جىلۋىسىدىن سىلكىنىپ مۇھەببەت ۋە ئۆلۈمنىڭ ھەقىقىتىنى يېزىپ چىقىدۇ، قەلبىدە تەنھالىق ھىسىسى بولمىغانلار ھاياتلىق لەززىتىنى تېتىيالمايدۇ. مەن شۇ كۈيلەر ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يېتىمەن ۋە   قەسرىمنى قۇرۇپ چىقىمەن،  بۇ مىنىڭ تەنھالىق ئىچىدىكى   شادىمانلىقىم.
                                                                          2
             قارا بۇ كۈنلەرنىڭ ئالدىراشچىلىقىنى، توزىغان گۈللەرنىڭ پۇرەكلىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ سىنى سېغىنىۋاتىمەن. بارا-بارا سىنىڭ بىر قەيسەر قىز ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلىۋاتىمەن. سەن ھاياتتىن رەنجىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى   ھېس قىلىپ يېتەلىگەن چېغىڭدا ئىنسان روھىنىڭ نۇر بىلەن يۇيۇلۇپ پۈتۈنلەنگەن بىر قەسىر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىكەنسەن. ئىشىنىمەن سىنى ھامان بىر كۈنى ئۈچرىتالايمەن. سەن ئۇ چاغدا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىسەن، مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولساڭمۇ، ئاشىقسىز  مەشۇق بولۇپ قالغان بولساممۇ ھېچقىسى يوق. ساڭا ئاتاپ تىككەن گۈللىرىم بېغىمدا كۆكلەپ باراقسانلاپ بارىدۇ.  بەلكىم نۇرغۇن نەرسىلەرنى تاشلىۋىتىشىم  مۇمكىن ئەمما، سىنىڭ تىنىقلىرىڭنى، تاڭدەك ئوماق قىلىقلىرىڭنى، كۆزۈمدىكى چېچەكلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالالمايمەن. ئېقىنلىرىمنى  مۇشۇ يەردە توختىتاي، سەپەردىن ھېرىپ كەلگەنلىرىڭدە ئېتىڭنى سۇغىرىپ ئۆتەرسەن. كۆلچەكلىرىم    قورۇماي كۈنسېرى لىقلىنىپ تورىدۇ.
                                                                            3               
قەيەردىسەن ئەي چىرايلىق قىز؟! گاھىدا سىنى سېغىنىپ قالىمەن، بەلكىم تەقدىر شۇنداقتۇ؟ بۇ دۇنيادا سۆيۈش ھەم سۆيۈلۈش كىمگە تولۇق نېسىپ بولغان دەيسەن. شۇنداقلا ئۇچرىشىپ قالغان ئىدۇق. مەن يىراقلاپ كېتىشىڭنى ئويلىمىغان، قاغجىرىغان كۆڭۈل بۇشلۇقلىرىمغا زەمزەڭلىرىڭنى تولدۇرۇپ، ئۇخلاپ ياتقان دالالىرىمنى تەبەسسۇمىڭ بىلەن ئويغىتىپ قۇيۇپ مېنى مۇھەببەت ۋادىسىغا باشلاپ قەيەرگىدۇ غايىب بولدۇڭ. شۇنچە توۋلىدىم، ئاۋازىم چىقمىدى. ماغدۇرسىزلانغان ھالدا ئولتۇرۇپ قالدىم. ئاخىرى ھەممىگە تەن بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئەمما قەلبىمدە لىق سۆيگۈ ئوتى بارلىقىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەي ياشاپ كەلدىم. ناھايەت شۇنداق بىر كۈنلەردە ئۇچرىشىپ قالساق، ساڭا يەنە گۈلدەستە تۇتۇتۇشقا تەييارمەن، ئۇنتۇغان بولساڭ ئىلاجىم يۇق. قەيسەرلەرچە ياشايمەن ، ئەمما ساڭا يېلىنمايمەن. ئۇنتۇپمۇ قالمايمەن.
                                                                  4
كۈز  خازانلىرى ئارىسىدىكى تەمكىن سىياقىڭ قەلبىمنى ئۈنسىز مالىمان قىلىپ كەلدى. يىراق ئۆتمۈش نېمىدېگەن گۈزەل-ھە! بالىلىق ئىزلىرىڭ چۈشكەن ئاشۇ كوچىغا ئىنتىلىپ، چىرايلىق قۇرۇ جاي سېلىپ دەم ئېلىشقا  چىققاندىن كېيىن شۇ  تىمتاس يېزىغا قايتىپ كەلدىڭ دادا، ئۇ سىنىڭ قەلبىڭدىكى مۇقەددەس بارلىق بولۇپ قالماستىن بەلكىم مىنىڭ قەلبىمىدىمۇ بىر گۈزەل يېزا. سەن ئۆتمۈشۈڭنى ئاشۇ بوز توپىلىق تار كوچىلاردىن ئىزدەيسەن،مەنمۇ ئاشۇ توپىلاردىن ئىزدەيمەن. بەلكىم روھىيىتىمىزدىكى سېغىنىش ئورتاق بولسا كېرەك . مەنمۇ ھامان قايتىمەن. ھەممىز قايقۇچىلارمىز. ئاشۇ ئايدەك ئەگىم كوچىلار، بۇك-باراقسان تېرەكلەر،گۇۋۇلداپ تۇرغان پاختەكلەر، گۈزەللىكنىڭ رەسىمنى سىزىپ يىراقلاردىن تەڭلەيدۇ. رەسىم ئارقىسىدىكى رېئاللىق تولىمۇ گۈزەل، ئەمما مەن تولا ھاللاردا بۇ رەسىمنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈشكە ئامالسىزمەن. تار ئېرىق باغرىدىكى پىلتىڭلاپ ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقىلارنىڭ چۈشلىرى ئارامىمنى بۇزۇپ تۇرىدۇ،قايتالىسام ئىدى شۇ جايلارغا ناگاھان.
                                                                  5      
-زېرىكىپ كەتتىڭىزمۇ،-  دەپ  سوراپ قالدىڭىز.
-نېمىشقا زېرىكەي، ئائىلىسىدىن زىرىككىچىلەرمۇ بارمىدۇ؟ ئائىلە ئۇ بىر مۇقەددەس قۇرغان، ئۆزىنىڭ سەبى باللىرىدىن، ۋاپادار ئايالىدىن، بىر ئۆمۈر توپلىغان روزىغارىدىن بىزىپ، شادلىق ئىزدىگەنلەر قەيەرلەرگە بارار؟! بەلكىم قارتا ئوينىشار، ئاياللارنىڭ كۆزىگە قارار، ھوقۇق كۈرەشلىرىدە، غەيۋەت سورۇنلىرىدا، دوقمۇشلار باغرىدا ئېزىقىپ يۈرەر، تاكى  قەلبىدىكى ئەكس سادانى تاپمىغۇچە، ئۆزىگە قايتالماس، ھاياتنىڭ مۇقەددەسلىكى  چىدام –جاسارەتتە، چىدامى يوقلارنىڭ بەختى ئۇچۇپ كەتكەي.
                                                                     6
ئەدەبىيات رەڭدارلىققا ئىگە بىر پەن، ئۇنىڭ ئىچى بىلەن تېشى  ئوخشىمايدۇ، ئىچكىرلەپ كىرگەنسىرىڭ باغدىكى گۈللەرنىڭ خۇشپۇراق، رەڭدار، سۈيىنىڭ شۇنچە تاتلىق ۋە سۈزۈكلۈكىنى ، قۇشلارنىڭ پەي تاراۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى، قىر بەرگىدىكى چىملارنىڭ بەرگىدە يالتىراپ تۇرغان شەبنەم تامچىلىللىرىنى،ئاسماننىڭ تىنچلىقىنى، شەپەقنىڭ باغرىدا كۆككە ئۆرلەۋاتقان كېپىنەكلەرنى، زېمىن قوينىدىكى يارقىن سادالارنى، ئاتلارنىڭ يېنىك پۇشقۇرۇشنى، دەريالار ئۆركىشىنىڭ تىنىمسىز ھالدا قەلبىڭگە ئۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسەن.سەن بۇ يەردە ئۆلۈم، ھاياتلىق،گۈزەللىك،تەقدىر، مۇھەببەت ۋە ئادەملەر ھەققىدە كەڭتاشا ئويلىنالايسەن. باغرىڭغا يىقىلىپ سىنى تەشۋىشلەندۇرۋاتقان شەيئىلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالايسەن. ئالدىڭدا بەزىدە   تەسۋى سىرىپ تۇرغان شەيخلەر، شوخ بالىلار، قەلبى خاتىرجەملىككە تولۇپ بېرىۋاتقان ئانىلار ئۆتۈپ قالىدۇ. بۇ يەردە ئۆچمەنلىك، ھەسەت، بىزار قىلغۇچى،كۆلەڭگۈلەر يوق.
سىرتى بولسا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن تولغان، تۇتامسىز سۆز-ئىبارىلەر كۆزۈڭنى تورلاشتۇرۇپ نەپسىڭنى سىقىپ بارىدۇ. سانسىزلىغان ئارغامچىلار ۋۇجۇدۇڭنى سىقىدۇ. قەدىمىڭ ئېغىر، ئىزىڭدىن ھالقىيالمايسەن. چىغىرىڭنى ئاچچىق دۈت ھەم پاتقاق قاپلاپ كەتكەن. ھاياسىزلارنىڭ غىلجىڭلاشلىرى، پاقىلارنىڭ كوركىراشلىرى،قاغىلارنىڭ مۇناجىتى، قىرلىرىڭنى شور قاپلاپ كەتكەن. ھۆرلۈكتىن ئەسەر يوق. مەدىھيىلەر قىممىتىنى يوقاتقان. مەيۈسلۈكتە كۈلبەڭگە قايتىسەن. قىرچىلغان ئۈمىدلەر كۆزۈڭگە ھالسىز باقىدۇ. قەلبىڭدە قۇدرەت بولمىسا ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرمىگىنىڭ خوپ.
                                                                    7
ھايات بىر گۈلگە ئوخشايدۇ. ئۇنى سۆيۈشكە ھەممىزنىڭ ھوقۇقى بار. سۆيۈشلەردىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيديغانلار مۇھەببەتسىز كىشىلەردۇر. ئايدىڭ كېچىلەردە چىغىر يولنى  بويلاپ كېتىۋاتقىنىڭدا ئېتىزلىقلار ئارىسىدىن ئاڭلانغان تورۇلغۇنىڭ شوخ سايرىشى سېنى ھاياجانغا سالالمىسا، بۇ قانداق كۆڭۈل بولسۇن. ئاشۇ سىدام كۈنلەردىن بىزگە قالىدىغىنى پەقەت ھېچنېمە. پەقەت قەلبىدە سۆيۈش شامىلى بار كىشىلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
بەزىدە شۇ سۆيۈشلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئازاب تېپىۋالىسەن. سۆيمىگۈچىلەر ئەڭ خۇشال كىشىلەردۇر. ئۇلار ھاياتنىڭ ئۇششاق تەرەپلىرىگە ئېسىلىپ ئوينايدۇ، ئاۋۇنچى كۆپ، ئېغىرلىق روھىدىن يىتكەن، بىشەملىك ئىچىدە شىلتىڭ ئېتىپ يورۇيدۇ.
سەن بىر قىزنى سۆيمەكچى بولساڭ ئەڭ ئاۋۋال روھىنى چۈشىنىشىڭ كېرەك . دېھقاننى سۆيۈشتىن ئاۋۋال تۇپراقنى بىلىشىڭ. تاغلارنى سۆيۈشتىن ئاۋۋال سۈكۈتنى بىلىشىڭ شەرت. ئاسماننىڭ ئاۋازى ھەممىدىن بۈيۈكتۇر. يۇلتۇزلار سۆيۈشنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن كۆكتە تۇرالايدۇ. يەڭگىلتەك سۆيگۈدىن كۆڭۈل كۈلمەيدۇ. باھارنىڭ سۆيۈشى بىلەن ئەمگەك قاينايدۇ.
بەزىدە ئۆزىنى سۆيۈشمۇ  بىر خىل گۈزەللىك. ئۆزىنى ھەقىقىي سۆيگەلىگەنلەر ئاندىن باشقىلارغىمۇ شادلىق ئاتا قىلالايدۇ. كۆڭۈلنىڭ شاھلىقى ھاياتنى ياشارتىدۇ. تالاي سۆيمىگۈچىلەر ئارىسىدا ئۆزۈمنى قىيناپ ئۆتكۈزگەن شۇ كۈنلىرىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن. باشقىلارنى سۆيمىگۈچىلەر ئۆزىنى تولىمۇ چوڭ تۇتىدۇ. شەخسىيەتچى ، تەكەببۇر كېلىدۇ ، ئاياغ ئاستىدىن ئۇچقان چاڭلار كۈنلەپ دىمىقىڭنى  قۇرۇتۇپ، نەپسىڭنى سىقىدۇ. ئادەمدە زېمىننىڭ سۆيگۈسى، قۇياشنىڭ سېخىيلىقى، سۇنىڭ زىللىقى بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ھايات پايانىغا يېتەلەيدۇ. كۈندۈزنىڭ سۆزلىرى پورەكلەپ تۇرسا ھەسرەتلىنىپ كېتىشنىڭ نە ھاجىتى؟!
                                                                                  8
   ھاياتنى ھەقىقىي مەنىسى بويىچە كۆزىتىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ماھارەت. ئادەم بولغان ئىكەنسەن، ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ياشاش، پىكىر قىلىش، ھەرىكەتلىنىش ، ئۆزۈڭگە خاس خاسلىقىڭنى بەرپا قىلىش، سېنىڭ ھوقۇقۇڭ، ئەمما شۇ ئادەملەر ئارىسىدا شۇنچە قىلىپمۇ چىقىشىپ كەتكىلى بولمايدىغان، تەكەببۇرلۇق، ياسالمىلىق  قىلىپ ئۆزىگە خاس ئىش تۇتمايدىغان   بەندىلەرمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى  ساڭا بىر ئۆمۈر چاپلىشىپ ئۆتىشى ئېنىق . چورىۋىتىشكە ئامالسىزسەن. يىراقلاپ كىتىشىڭگىمۇ بولمىغان. شۇلارنى دەپ ئازابلىنىش يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى. سەن قايغۇرساڭمۇ ۋاقىت بەرىبىر يەنە ئۆز يولى بىلەن ئۆتۈۋېرىدۇ.
-        بۇ بۇرادەر ئارامسىزلىنىپتۇ دەپ سېنىڭ شەخسى خاھىشىڭ بىلەن رېئاللىقنىڭ نېمە ئىشى. شۇڭا ھايات دەيمىز بۇنى. بەلكىم بۇ ھەقتە مەن بىلەن ئوخشاش تەسىراتىكىلەر باردۇر، بۇ خىل ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ  ياخشى چارىسى  نېمە؟ دېيىلگەندە شۇ مەخلۇقلارنىڭ ئەزۋەيلەشلىرىگە، تەكەببۇرلۇقلىرىغا پەرۋاسىز قاراش، ئۇلارنىڭ ئېڭىڭنىڭ سىرتىغا چىقىرۋېتىپ، ۋاقىتنىڭ قوينىغا كۈلۈپ كىرىش، ناھايەت بەزىدە ئۇلار سىنى  ھاقارەتلىمەكچى، يالغۇز بوزەك كۆرمەكچى، توپلىشۋېلىشى  مۇمكىن، شۇندىمۇ بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۆزۈڭنى غۇرۇر ۋە ھەقىقەت  ئىگىسى قىلىپ كۆرسىتىش، ھەرگىزمۇ ئۇلار بىلەن ئۆچەكىشىپ ئۆچ ئېلىش ئەمەس. قەلبىدە ھەققانىيەت ۋە ئادىللىق تۇيغۇسى بولمىغان ئادەمدىن مۇھەببەت ۋە شەپقەت كۈتۈش ئارتۇقچە.
                                                                        9
                            ھاياتنىڭ تۈرلۈك- تۈمەن دوقمۇشلىرىدا تالايلىغان ئىنسان تېپىرلاپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يۈزى مېھنەتتىن قىزارغان، گاھىلىرى كېسەل تۈشىكىدە، يەنە بەزىلىرى شۆھرەت-ھوقۇق تاماسىدا پالاقلاپ يۈرۈشىدۇ. دىللارنىڭ قېتىغا نېمىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. شەھەرلەرنىڭ باغرى تولىمۇ سوغۇق بولىدۇ، كەڭرى يېيىلغان كوچىلار  ئۇنىڭ قوللىرى  ئۇ باللىرىنىڭ  بېشىنى سىلىماقچى  بولىدۇ. ئەمما تۈرلۈك-تۈمەن تەشۋىش، ئەندىشىلەر، روھىنى چىرمىۋالغان بولغاچقا كۆپىنچە ھاللاردا تىنى دەرمانسىزلىق ئىلكىدە ياتىدۇ. سەھرادىكى ئانىلارنىڭ گۈزەللىكى، ئاتىلارنىڭ مەرتلىكىگە نېمە يەتسۇن. قوياش نورىدا پىشقان ۋۇجۇدلاردىن ھەقىقىي ئادىمىيلىك بالقىپ تورىدۇ.
ئادەمنىڭ ئۆزىنى سۆيمىكى مۈشكۈل. ئادەم يەنە سۆيۈشلەر ئىچىدىن نۇسرەت تاپىدۇ. سەن تۇرمۇشۇڭدا ھەرقانچە قىلساڭمۇ سۈيۈلمەيدىغان ھەم سۆيگىلى بولمايدىغان ئادەملەر ئۇچراپ تورىدۇ. بۇ تۈردىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتىنى تىزلەشتۈرىدۇ. ئۇلار ھەممىلا يەردە ئەلەڭلەپ يۈرۈشىدۇ. ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ. ئۆزى ھەققىدە ئويلانمايدۇ. كۈچلۈكلەر ئالدىدا كۈچۈكلىنىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن، ئاجىزلارغا كىبىرىنى  چېچىپلا تورىدۇ. قوللىرىنى تۇتماق بولۇپ تۇتالمايسەن، ئادىمىيلىك مىزانىنى كۆرەلمەيسەن ، بەجايىكى بىر قۇرتقا ئوخشىدۇ،  ئۇلاردىن بۇ ھالدا رەنجىش مۇمكىنمۇ؟ ھەممىنىڭ ھايات يولى باشقا.   ناھايەت قەلبىڭدىن بىر ئاچچىق بىر سادا ئۇرغۇپ چىقىدۇ ،دە ئۇنىڭ دەل سۈيۈلمەيدىغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىسەن. سەن ئۆز پايانىڭغا چۆككىنىڭدەئۇ تاشتىن قاتتىق باغرى ھەم ئەبجەق روھىيىتىنى سۆرەشتۈرۈپ ھايات غەۋغاسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ . ئۇ تۇرغان يەردىن شورلار ئۆرلەيدۇ، گۈللەر ئۈنمەيدۇ، قەلبى ناشۈكۈرلۈككە تولغان بولىدۇ.  سۇنۇلغان قوللارنى تۇتقانلار سۆيۈلىدۇ. باغرى يۇمشاقلارنىڭ كۆزىدە نۇر بولىدۇ. گۈزەللىك تېگىدىن ئالىيجاناپلىققا موھتاج . خەير سۆيۈلمەيديغان  ئادەم.
                                                                          10
كىشىلىك ھايات سەپىرى تولىمۇ ئوزون، گاھىدا ئۆزۈمنى بۇ يولدا تالجىقىپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن. قاپىقىمدا مۇزدەك بولاق سۆيى  بار. يوللار خىيابانلىققا تولغان. ئەتراپتىن ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تورىدۇ. ئالا- بۇلىماچ سايىلەر قەلبىمنى تىنىچلاندۇرماقچى بولىدۇ. شۇندىمۇ بېسىپ بولغۇسىز تەشنالىق ئىچىدە قىينىلىمەن. توختىماي بىر ئايالنى چاقىرىمەن. ئۇ دىلبەرنىڭ چاچلىرىنىڭ پۇرىقىدىن قاغجىرىغان قەلبىم تىنچلانسا،چاچ بىزەكلىرىدىن قۇياش خىجىلققا چۆمۈلسە، قەدەم ئىزلىرىدىن يوللار سۆيۈنسە، كۆزىدىن تارىغان نۇرلار دالىلارنى تەبەسسۇمغا چۈمدۈرسە، شاۋقۇنلۇق دەريا بويىغا كېلىپ ، دولقۇنلارنىڭ دىئالوگىغا قۇلاق سالساق. يانباغىردا پورەكلىگەن گۈللەردىن دەستە تىزىپ قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويسام، ۋىسال ئۇپۇقىدا گىرەلىشىپ كەتسەك، يەنە تاتلىق كۈلۈشلىرىڭنى ئاڭلىسام ، ئاسمان تاتلىق ئاۋازىڭدىن كۈيلىرىنى يۈزلىرىمىزگە تۆكسە، گۈزەللىك ئالىقان يېيىپ ئالدىمىزغا كەلسە، كەچمىشلىرىمىزنى سۆزلەپ ھارمىساق، كۈنلەرنىڭ مۇشەققىتى ئۇنتۇلۇپلا كېتەر ئىدى-ھە!؟
ساھىلدىكى ئاياغ ئىزىڭغا ئۇزاق تىكىلىپ تۇردۇم. بىردىنلا ئۇزاپ كەتكەن ئىدىڭ.  سۇلار قىرغاقنى يالاپ تۇرغان دەريا قاسنىقىغا بېرىپ ، ئۈنسىز جىلۋە قىلىپ تۇردۇڭ. ناھايەت ئىككىمىزگە كۆرۈشۈش ئەبەددى نېسىپ بولماسمۇ؟! مەنمۇ سەپىرىمنىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقنى،ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ بۇ مۇھەببەت دالىسىدا تاڭدەك ئېچىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ نېسىپ بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيمەن. بەلكىم مەرھەمىتىڭ ئارزۇلىرىمنى روياپقا چىقىرار، ئەي ساھىلدىكى سۆيۈملۈك ئايال. ئۆمۈر كوچىسىدا سەن بىلەن ئۇچرىشىپ، ھەقىقىي سىردىشىش   كامالىتىگە ئېرىشەلىسەم شۇندا ئاشىقلىق نۇرۇم چېچەك ئاچقان بولاتتى. تىۋىشىڭنى كۈتىمەن، جاۋابىڭنى شاماللاردىن سورايمەن، يولغا چىقىش ئالدىدىمەن دىلرەبا!
  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-28 19:08  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-29 11:30:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرلەر تەستىقىلىنىپتۇ، شۇغىنىسى مۇنبەردىكى تىملار تىزىملىكىدە يوق تۇرىدۇ،ئەجەپ.   بۇ تىما تۈنۈگۈن  تەستىقلىنىپتىكەن، ئۈچ كۈن ئالدىدىكى تىمىلارمۇ تورىدۇ مۇنبەرنىڭ كۈرۈنمە تىزىملىكىدە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   روزى2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 11:36  


ۋاقتى: 2016-1-29 11:53:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلب تارىمىزنى چىكىپ تۇرىدىغان گۈزەل خاتىرىلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دوستۇم!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-29 11:57:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەت.م.كۈيزار يوللىغان ۋاقتى  2016-1-29 11:53
قەلب تارىمىزنى چىكىپ تۇرىدىغان گۈزەل خاتىرىلەرنىڭ داۋ ...

رەھمەت دوستۇم، بىرلىكتە بۇ چىمەنزاردا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەيلى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش