يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 549|ئىنكاس: 8

بوۋاقى: شەپەق كۈيلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابلاجان بوۋاقى
غەزەللەر
1
مەيلى بۇدەم تەمبۇرۇڭنى ئىككى پەدە چال ئاداش،
كۈيلىرىڭ ئەۋجىگە چۆككەندە كۆڭۈلنى ئال ئاداش.
ئۆزلۈكۈڭ بولسۇن ئاداش، بەس، قىلما ئۆزگىنى بايان،
چاقنىسۇن ئىشقىي ھارارەتتە پايان-ئىقبال، ئاداش.
نەپ ئۈچۈن ناخۇلنى ئۇرما تارىغا، باق يارىغا،
چالمىغىن ئەغيارىغا، تىترەش نېمە غال-غال، ئاداش.
سەن دېگەن ئەل كۈيچىسى، تەمبۇرچىسى، دىل غۇنچىسى،
دېمە ئەلنىڭ بەرگىنى سۇ، ئۇ گويا زەم-بال، ئاداش!
روھىناتىڭ پاك يۈرەكنىڭ قات-قېتىدا نۇرلىنار،
ئىككى-تۆت تال ئاقچا بولماس تائەبەدلىك دال، ئاداش.
بۇلبۇلى سەۋدايىسەن، دەۋران ئارا غەۋغايىسەن،
بىر ئېسىل، ئۇز غايىسەن، تۆكمە يېشىڭ تال-تال، ئاداش.
ۋەجى دوستلۇقتىن بوۋاقى دىل سۆزىن داستان ئېتەر،
بىل ئۆزۈڭنىڭ قىممىتىنى، سەن ئەمەس بىر مال، ئاداش!...
2
مېنى چۆكتۈرمىگىن جىمجىتلىقىڭغا، بەك ئۈمىدۋارمەن،
پەلەك دەۋرانىسى ھېچكىم ئەمەس، بىلسەڭ، يېشىل تارمەن.
دىلىمدا ئېتىقادىم بار، شەبىستان ئىشقىغا چىن زار،
ئىرادەت ھۆكمىگە ئىقرار، غېرىبلار روھىغا پارمەن.
جاسارەتلىك قەدەملەرگە جاراھەتلىك دەرەم ھەمدەم،
ئىشىق مەيخانىسىدىن چىقمىدىم بىر رەت، ئەبەد بارمەن.
مۇغەننىي ئىلكىدە قالغانلىقىم سۈبھى غەنىمەتتۇر،
چىقارمەن قارنىدىن كۈينىڭ بولۇپ ئەنقا، غۇرۇر-ئارمەن.
كۆيۈش بار ئىپتىخارىمدا، يېنىش يوق ئىختىيارىمدا،
تىلەك-ئىستەكلىرىم قايناق، لاۋا چاقنايدىغان غارمەن.
پىغان دەشتى گىياھىمەن، پېقىرلارنىڭ نىگاھىمەن،
«ئەجەم»، « ئۇشاق»، « سىگاھ»ئىمەن، ئېرىپ كەتكەن سېرىق قارمەن.
بوۋاقى ئويلىماس زىنھار ئۆزىنىڭ بەختى-ئىقبالىن،
تىلەيدۇ يارىغا نۇسرەت ئۈمىد ئىلكىدە، غەمخارمەن!...
3
ھېچكىشىنىڭ مەن كەبىي مەستان بولارغا يارى يوق،
يارى بولغان بىرلە، دىلدا بەلكىي قايناق زارى يوق.
ئىختىيارىم ئولغا باغلانغان ئۇزاقلاردىن بېرى،
ئېتىقادىم مەركىزىدە ئۇ-قۇياش، ھېچ پارى يوق.
ئۇندا كۆيمەك ئۆزلۈكۈمنىڭ بەلگۈسى، نىشانىسى،
شۇ سەۋەب كەلگەن جاھانغا، ئەمدى كۆيمەي چارى يوق.
يوق ئۆكۈنمەكلىك كۆڭۈل تەختىدە زىنھار، يارەبا!
ھېچكىمىنىڭ ئۇندا كۆيگىدەكمۇ ئىقتىدارى يوق.
مەن كۆيەرمەن شادىمان، سەۋەر ئىرادەم ھەر زامان،
ھەرنە ئاشىق باغرى قان، بۇنداق كۆيۈككە دارى يوق.
مەي خۇمارىم يوق ئىدى، ئىچتىم شارابنى قانغۇچە،
كۆيمىسەم شۇ ئوتتا دەر ئەل:« باقىي غۇرۇر-ئارى يوق!...»
دىل خىتابىم:« ئەي بوۋاقى، ئارمىنىڭ كۆيمەك ئېرۇر،
بىل، جاھاندا ھېچكىشىنىڭ سەنچىلىك سەردارى يوق!...»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-26 11:22  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-26 13:29:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەليات بوستانىدا چاپتۇر ئېتىڭنى توختىماي ،
چۈنكى سەن ئۇشبۇ كۇچىغا ياراشقان بىر خال‹‹ئاداش›› .

ۋاقتى: 2016-1-26 13:43:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام ئابلاجان بوۋاقى يۇقارقى غەزەللىرىڭىزنى تەپسىلى ئەستايدىل ئوقوپ غەزەللىرىڭىزدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلاردىن بەكمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم،بولۇپمۇ ئاخىردىكى غەزەلدە ئىپادىلىگەن ئۆزلۈك توغرىسىدىكى مەزمۇنلار مىنىڭ تەپەككۇرىمنى ئويغاتتى. ئۆزلۈك توغرىسىدا دىگەنلىرىڭىز ھەقىتەن توغرا،ئادەمدە ئادەمگە خاس ئۆزلۈك ئىرادىسى،خارەكتىرى،ئىستىتىك تۇيغۇسى،ئىرسىيەت تەپەككۇرى بولىدۇ،ئادەم ئۆزلۈك مىجەز خارەكتىرى ئارقىلىق ئەمەلى ،جانلىق پىكىر قىلىدۇ.
شىئېرىڭىزدا يۇقارقىدەك مەزمۇنلار  ھەقىقىتەن شىئېرى ھېسيات ئارقىلىق ئىپادىلىنىپتۇ دەپ قارىدىم.
ئۆزلۈك تەپەككۇرىڭىزغا تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2016-1-26 13:48:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


          غەزەللەرنىڭ ئۈچىلىسى ياخشى چىقىپتۇ، قۇت بولسۇن!
         «دېمە ئەلنىڭ بەرگىنى سۇ، ئۇ گويا زەم-بال، ئاداش!» دېگەن مىسرادىكى «بال-زەم»نىڭ ئالدىدىكى «گويا»غا بىر «كى» نى قوشۇپ «گوياكى ياكى مىسالى بال» قىلىپ ئوڭشاش كېرەكتەك تۇرىدۇ.        
         
         «ھېچكىشىنىڭ مەن كەبىي مەستان بولارغا يارى يوق،» دېگەن مىسرادىكى «كەبىي» خاتا بولۇپ قاپتۇ. بۇ پەقەت بىر قوشۇمچە. «بالانىڭ» ئالدىدا كېلىپ ئېنىقلىغۇچى بولىدىغان «سەبىي» ئاشۇ شەكىلدە يېزىلىدىغان سۈپەتتۇر.
       ئارتۇق كەتكەن بولسا كەچۈرۈم سورايمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-26 13:52  


ۋاقتى: 2002-1-1 02:17:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم،قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن.
«ئۆزلۈكۈڭ بولسۇن ئاداش،بەس،قىلما ئۆزگىنى بايان» دېگەن مىسرانى «ئۆزلۈكۈڭ بولسۇن ئاداش،بەس،ئۆزگىنى قىلما بايان» دەپ ئوقۇپ باقتىم.

ۋاقتى: 2002-1-1 02:20:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ غەزەللەر ماڭا يەنە بىر قېتىملىق يېڭىلىنىشتەك تۇيۇلدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2002-1-1 13:46:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم مۇئەللىم، سىلىنىڭ بۇ پىكىرلىرىنى ھۆرمەت قىلىمەن ھەم قايتا-قايتا ئويلىنىپ كۆرۈپ ئاندىن بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىمەن. مۇشۇ يازمىلىرىمنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىققانلىرىغا تەشەككۈر  ئېيتىمەن. ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئەبەدىيلىك بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2002-1-1 17:41:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2016-1-26 13:48
غەزەللەرنىڭ ئۈچىلىسى ياخشى چىقىپتۇ، قۇت بولسۇن! ...

  ئابلاجان ئەپەندىنىڭ غەزەل ماھارىتىگە ئۇزۇندىن بېرى قايىلمەن. بولۇپمۇ شېئىرغا سۆز تاللاشتا بەكلا ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان ئىدى. بىراق،  

ماۋۇ غەزەللەرنى نەچچە قېتىم ئوقۇپ، تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

زەم-بال،
مەستان
چارى
يۇقىرىقى سۆزلەر بۇزۇپ ئىشلىتىلگەن.

ئېتىقادىم مەركىزىدە ئۇ-قۇياش، ھېچ پارى يوق.
........................................................
ماۋۇ مىسرادىكى «پارى» دېگەن سۆز  ئانچە مۇۋاپىق كەلمىگەن.

ھېچكىمىنىڭ ئۇندا كۆيگىدەكمۇ ئىقتىدارى يوق.
....................................................
ماۋۇ مىسرا شېئىرىي مىسرا بولماي قالغان. يەنى «ئىقتىدارى» دېگەن سۆز تېگىدىن ئېيتقاندا شېئىرىي سۆزگە ئايلىنالمىغان.
    ماۋۇ غەزەللەر ئارۇز ۋەزنىدە ئەمەس، بارماق ۋەزىندە يېزىلىپ قاپتۇ. يەنىلا غەزەلنى ئارۇز ۋەزىندە يېزىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن! ئاندىن ئالىراپلا يېزىلغان
  ئۇستازنىڭ ئالدىدا ئۇستاتلىق قىلغىنىمدىن ئەپۇ سورايمەن!

باھا سۆز

ئەستايىدىل ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرىلغانلىقىڭزغا تەشەككۈر، ئويلىشىمەن...  ۋاقتى: 2016-1-28 12:40 PM
ۋاقتى: 2016-1-28 21:45:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايۋەتچىگە ئارقان بەرسەڭ، قامچاساپ بېشىڭغا ئۇردۇ
-ئابدۇغوپۇر ئۆمەر مەرگەن


باھا سۆز

قالتىسكەن بۇ ماقالمۇ...  ۋاقتى: 2016-1-29 10:16 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش