يالغۇزلۇق ناخشىسى
نۇرشات ئەنۋەر قاينارى
يالغۇز ئېرۇرمەن كۈن–تۈنى،ھەمدەملىكىڭ،يار،قايدىكىن،
ھىجرىڭدە كۆكلەر دىل يارام،مەلھەملىكىڭ،يار،قايدىكىن.
قەلبىمگە لەرزىڭ لىقلىنىپ،قەھرىڭدە چۆل–دەشت يەكلىنىپ،
دەردىمگە ئاققان زوق ئىلە زەمزەملىكىڭ،يار،قايدىكىن.
ھەسرەتتە بوستانىم خازان،مەڭزىمدە سويلار قەھرىتان،
زۇلمەتكە خەنجەر تەپتىدىن،كۆكلەملىكىڭ،يار،قايدىكىن.
ھەر جايدا كۆڭلۈم غەشلىكى،كۆزلەردە كەلكۈن دەھشىتى،
بەرگىمگە قونغان سۈپسۈزۈك شەبنەملىكىڭ،يار،قايدىكىن.
ياتلارنى تارتماستىن زوقۇم،سولدى تالاي مەغرۇرلۇقۇم،
ئىقىلىمدا يەكتا ئەڭ لەزىز بىر تەملىكىڭ،يار،قايدىكىن.
يەتمەكنى ئىستەپ ۋەسلىڭا،كەلدىم ئۇزاقتىن مەن ساڭا،
قىسمەتكە لىق مەنزىل ئارا بەردەملىكىڭ،يار،قايدىكىن.
ئىشقى مۇھەببەتنىڭ غېمى،خار ئەتتى زەپ قاينارىنى،
مەڭگۈگە تا بىر مەن بىلەن جۇغ–جەملىكىڭ،يار،قايدىكىن.
2016–يىل،21–يانۋار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-26 01:21