يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 6

مەنزىرە تۇردى: سېغىنىشتىن پۈتكەن شېئىرلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سېغىنىشتىن پۈتكەن شېئىرلار

مەنزىرەتۇردى

سېنتەبىرنىڭ بىر كۈنى

سېنتەبىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى،
كۈزلىرىمنى باغلىغان ئىدىڭ،
ئەشۇ يولدىن ئۆتكىچە ئاستا،
بىر نىگاھنى تاشلىغان ئىدىڭ.

سېنتەبىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى
كېلىدۇ دەپ كۈتتۈم بويۇنداپ.
ئىزلىرىڭغا تاشلاندىم نەچچە،
سەن قايرىلغان شۇ يولغا قاراپ.

سېنتەبىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى،
بىر شېرىن چۈش كۆرىمەن يەنە.
تەشنا بولۇپ نىگاھىڭ تامان،
غەلۋە قىلار ئازاپ ئىچىمدە.

سېنتەبىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ،
كۈتۈش بىلەن ئاياغلىشار كۈن.
سەن كەلمەيسەن، ئەمما يۈرىكىم...
كۆيۈپ -كۆيۈپ بولىدۇ تۈتۈن.

سېغىنىش

بەك يىراق، بەك يىراق بىزدىكى ئارلىق،
تىرنىلاپ يىغلىغۇم كېلەر باغرىمنى.
تۇتالمايمەن شۇنچە تەلمۇرسەم،
ئاھ قولۇڭنى، غەمكىن جىسمىڭنى.

كۆزلىرىڭگە تىكىلىپ ئۇزاق،
ياق مەن بۇدەم ،ياق چىدالمايمەن.
يۈرىكىمدە قالغان ئەركىمگە،
مەن يەنىلا خوش دېيەلمەيمەن.

تىڭشاي دەپمۇ شۇ ئاۋازىڭنى،
كۆزلىرىڭگە يالۋۇرالمايمەن.
قوللىرىمنى كەرگەنچە تامان،
ئىزلىرىڭغا يىقىلالمايمەن.

ئوغۇرلاپسەن يۈرەك سىرىمنى،
قايتۇرشقا بارمايدۇ رايىڭ .
ئوتلىرىڭدا قىلغانچە بىھۇش
قانداق ئەستىن چىقسۇن سىمايىڭ.

سېغىنىمەن شۇنچە پەرىشان ،
سېغىنغاندەك ئەشۈ چاغلارنى.
ئۆتۈپ كەتتى يالاي-تالاي يىل،
قانداق ئۇنتۇي ھەممە –ھەممىنى.

سەن بىلەن باقىمەن ھەر بىر قۇرلارغا

سەن گويا قەلبىمدە شۇڭغىغان بىر قۇش ،
تىنمايسەن غىدىغلاپ ئىلھاملىرىمنى..
بىلمىدىم تەۋرەيدۇ توختىماي قەلەم.
يازىمەن قۇرلارغا مۇھەببىتىمنى.

بەزىدە سەن گويا قىممەتلىك سۈرەت،
شۇ يىللار توزانى قونغان جىسمىڭغا،
بەزىدە سەن باھار ياپيېشىل دالا،
بېرىسەن بىر يېڭى ئىلھام دىلىمغا.

بەزىدە سەن گويا چاقنىغان يۇلتۇز،
قاراڭغۇ كېچىدە جىمىرلاپ تۇرغان،
بەزىدە سەن گويا ئالەمچە قۇياش ،
ئىللىتىپ قەلبىمنى يالقۇنجاپ تۇرغان.

سەن بىلەن يېزىلار تالاي ئەستىلىك،
باغلانغان ھەسرەتلىك ھاياتىم ساڭا.
بولمىساڭ باھارىم بولىدۇ قاقشال،
سەن بىلەن باقىمەن ھەر بىر قۇرلارغا.

يۈرىكىمنى ئالدايسەن ھامان.

سىرغىپ كىرسەڭ قەلبىمگە بىر رەت
ئوت كېتىدۇ ئىچىمگە جىنىم .
يامغۇر كەبى چۈشسەڭ تامچىلاپ،
ئاستا- ئاستا ئېرىيدۇ تىنىم.

شامال بولۇپ چەكسەڭ قەلبىمنى،
شۇندا باسار مېنى ھاياجان.
بۇلبۇل بولۇپ سايرىساڭ گاھى ،
يۈرىكىمنى ئالدايسەن ھامان.

بىلىق كەبى ئۈزمەكچى بولساڭ،
قەلبىم ساڭا چەكسىز دېڭىزدۇر.
يايلىماقچى بولساڭ ۋە يەنە،
باغرىم ساڭا چەكسىز ئېتىزدۇر.

سەنمۇ بىر كۈن بىلىپ قالارسەن

گاھ، ئالىمەن قولۇمغا تېلېفون ،
تىنىقىڭنى ئاڭلىغىم كېلىپ.
سىرغىغانچە ئاتەشلىرىڭگە،
ھىدلىرىڭدىن زوقلانغۇم كېلىپ.

گاھ ئالىمەن قولۇمغا تېلېفون،
ئارىمىزنى تۇتاشتۇراي دەپ
ۋىسال تاپقان ئارمانلىرىمدىن ،
ئىلھاملىنىپ داستان يازاي دەپ
.
گاھ ئالىمەن قولۇمغا تېلېفون
چىن سۆيگۈمنى ئىزھار قىلاي دەپ
سېغىنىشتىن يالقۇنجاپ تۇرغان
يۈرىكىمنى سوۋغا قىلاي دەپ.

گاھ ئالىمەن قولۇمغا تېلېفون،
باسالمايمەن كۇنۇپكىلارنى.
سەنمۇ بىر كۈن بىلىپ قالارسەن ،
بىر ئوت بولۇپ كۈيۈشلىرىمنى.

ھەسرىتىڭ قالدى

شۇنچە جىمجىت بىر چاغدا،
ئايرىلغانتۇق ئىككىمىز.
تەلپۈنسىمۇ يۈرەكلەر،
ماي تارتىشىپ ئۆزىمىز.

نادانلارچە رەنجىشلەر ،
ئازاپلاپتۇ تالاي يىل.
بىلسەم ئەجەپ سېنىڭدىن ،
ئازار يەپتۇ نازۇك دىل.

ئەمدى بىلسەم چىن سۆيگۈ ،
كۆيدۈرۈپتۇ باغرىمنى.
سەندىن شېرىن رەنجىشلەر ،
دەپ قويۇپتۇ سىرىمنىى.

بىلمەي كەتتىڭ بەرىبىر،
قالدى مەندە ھەسرىتىڭ.
بەلكىم سەنمۇ بىلگەندە ،
يېرىلىدۇ يۈرىكىڭ.

كۆرۈشمىسەم بوپتىكەن ئەسلى

كۈرۈشمىسەم بوپتىكەن ئەسلى ،
ئۆچكەن ئوتلار ئۇلغايدى يەنە.
يۈرىكىمنى ئەزدى بىر ئازاپ،
نىگاھلىرىڭ قالدى كۆزۈمدە.

كۆرۈشمىسەم بوپتىكەن ئەسلى.
غېرىپ قالدىم سەندىن ئايرىلىپ
ئېلىپ كەتتىڭ روھىمنى بىللە،
ئەڭ ئاخىرقى يولدىن قايرىلىپ

كۆرۈشمىسەم بوپتىكەن ئەسلى ،
ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلىماس ئىدىم.
ھىجرانىڭدا قايتا بوغۇلۇپ،
سېنى يەنە ئويلىماس ئىدىم.

ئېھ، ئەشۇ كۈن ئەشۇ دەقىقە،
كۆرۈشمىسەم بوپتىكەن ئەسلى


ئايال دۇنياغا مۇھەببەت بەرگەن

شۇ ئايال دۇنيانى قىلغانمۇ چىمەن،
شۇ ئايال دۇنياغا مۇھەببەت بەرگەن
تىمسالى جەننەتنىڭ، ھەر ئىزى گۆھەر ،
شۇ ئۇلۇغ مىھرىدىن دىللارنى سۆيگەن.

ئايال كۆيمەكتە، كۆيمەكتە ھەر كۈن ،
بالا ئىشقىدا ئۇيقىسىز كېچە،
شۇ ئايال بېغىشلار پۈتكۈل ھاياتنى،
ئەۋلاد قەلبىگە نۇر بېرىپ شۇنچە .

ئۇ بەرگەن سۆيگۈنىڭ ۋەزنى پايانسىز،
ئۇ بەرگەن ھالال سۈت ھەققى پايانسىز.
شۇڭىمۇ ئۇلۇغلار تاغۇ ،تاش،دەريا،
ئۇ بەرگەن ھاياتنىڭ روھى پايانسىز.

شۇ ئايال ھالاللىق بەرگەن ئالەمگە،
شۇ ئايال ئەجرىدىن تۆككەن مەۋجۇدات.
ئۇنىڭسىز قۇياشمۇ باقمايتتى كۈلۈپ،
شۇ ئايال ھەقىقەت بەرگەن ھاياتقا.

ئايال قەلىبنىڭ نۇرلۇق تاڭلىرى،
مەڭگۈ لاۋۇلداپ كۆيىدۇ ھامان.
ياشارغان بۇ دىللار ئۇنىڭ قولىدا
ئايال ھاياتقا بىرەر ھەتتا جان...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-26 00:53  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-26 00:56:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تېما يوللىغاندا ئ‍ىسىم فامىلىڭىزنى كۆرۈنمە ماۋزۇغا قوشۇپ يوللاشقا ئ‍ادەتلىنىڭ!

ۋاقتى: 2002-1-1 02:29:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي ،تۆكۈلۈپلا كېتىپسىزغۇ خانىم! «قارا خاتىرە»دە  نۇرغۇن نەرسىلەر باردەك قېلىدۇ -ھە يەنە؟ تارتىنماڭ،بىزمۇ ئوقۇپ زېرىكمەيمىز دىسىلە...
ئۆتۈپ كەتتى يالاي-تالاي يىل --ئىملاغا دېھقەت قېلىڭ،سەت تۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2002-1-1 15:43:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.
كىچىككىنە تەكلىپ:
بەزى سۆزلەردە ئىملا خاتالىقى يۈز بېرىپتۇ، شۇنىڭىغا دىققەت قىلىپ كەتسىكەن ، دىگەن ئۈمۈدتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-28 23:59:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2002-1-1 02:29
ۋوي ،تۆكۈلۈپلا كېتىپسىزغۇ خانىم! «قارا خاتىرە»دە  نۇرغ ...

ھۆرمەتلىك ئۇكام:
سۆزلىرىڭىز ماڭا بەكلا قىرتاق تۇيۇلدى.
سىز مېنى تۆكۈلۈپلا كېتىپسىز،دەپ ئويلىغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز جۇمۇ.
مەن سىزنىڭ تەسەۋۇرىڭىزدىكىدەك دەرتمەن ئەمەس.پەقەت ئەتراپىمدىكى سانسىزلىغان قەلبلەرنىڭ ئىزھارلىرىنى مەردانىلىك بىلەن ئىپادىلەپ بەردىم دەپ ئويلايمەن،ئۆزۈمچە.
قانداقتۇر بىر قارا  خاتىرىنى گۇمانىڭىزدىن ساقىت قىلارسىز.دەرھەقىقەت ،ئوقۇرمەنلىرىمىز مۇھاببەت لىرىكىلىرىدىن زوق ئالالايدۇ .شۇڭا تارتىنىپ ئولتۇرماي يوللاپ قويدۇم..تورداشلارنىڭ  باشقىچە قاراشـا بولماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-1-29 16:10:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىنىش دەرتمەنلىك ئەمەستۇر.
بۇ مىسرالارمۇ ماڭا بەك يارىدى.
شۇ ئايال دۇنيانى قىلغانمۇ چىمەن،
شۇ ئايال دۇنياغا مۇھەببەت بەرگەن
تىمسالى جەننەتنىڭ، ھەر ئىزى گۆھەر ،
شۇ ئۇلۇغ مىھرىدىن دىللارنى سۆيگەن.

ۋاقتى: 2016-1-31 11:48:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پارچە شېئر ئۈچۈن قانچىلىك مەسئۇلىيەت ۋە قانچىلىك ئېنرگىيە كېتىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلسەك كېرەك.ھە!
مەن شېئىرلىرىڭىزنى تولىمۇ بەك ياقتۇردۇم.چۈشىنىش ھەممىدىن موھىم.شېئىرلىرىڭىزنى چۈشىنىپ ياقتۇردۇم.ئەسكەرتىش ‹‹داڭگال››نىڭ ئىنكاسىدا باشقىچە مەنا يوق.........

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش