يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 494|ئىنكاس: 9

نۇرتېكىن: پۇتىنى سىزدىم يىلاننىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پۇتىنى سىزدىم يىلاننىڭ

نۇرتېكىن

جان دادامنىڭ پەرۋىشى،
بۇغدايلارنى ئوخشاتتى.
ئوغرى چاشقان ئوغۇرلاپ،
بىزنى ئەجەپ قاقشاتتى.

باغلاپ قويسام مۈشۈكنى،
ئۇخلاپ قاپتۇ سايىدا.
ئوغرى چاشقان ئۇيالماي،
يۈرەر داننىڭ كويىدا.

ئېتىزدىكى چاشقانلار،
قورقار ئىكەن يىلاندىن.
كۇشىلدىسا سۈر بىلەن،
چىقماس ئىكەن كامادىن.

يىلان جاننىڭ پۇتى يوق،
لېكىن چاشقان بەك يۈگىرەك.
يىتىشەلمەي قالارمۇ،
ئامال تاپاي مەن تېزرەك.

پۇتىنى سىزىپ قويايچۇ،
يۈگۈرەپ تۇتسۇن چاشقاننى.
جان دادامغا ئېيتىم مەن،
تاپقان ئاشۇ ئامالنى.

كۈلۈپ تۇرۇپ جان دادام،
دېدى: ئەجەپ ئۇماقسەن.
ياخشى ئوقۇ كەلگۈسى،
ئەل-ۋەتەنگە يارايسەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-26 00:59  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-26 00:46:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا خاس ئۇماق يېزىلىپتۇ . رەسىم سىزىۋاتقان تاتلىق بىر بالىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
ئىملاغا ئازراق دىققەت قىلىپ قۇيسىڭىزكەن .

ۋاقتى: 2016-1-26 10:40:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« پۇتىنى سىزدىم يىلاننىڭ»نى « سىزدىم پۇتىنى يىلاننىڭ...» دەپ شېئىرىي ھالەتتە قويامسىزكەن-يا...ئامەت يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-1-26 12:12:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىمۇ قىلارتىڭىز يىلاننغا پۇت چىقىرىمە دەپ ئۇ دىگەن ئۆمىلىىگۈچى تۇرسا ..............ئەمما ئۈمىتلىرىڭىز قاناتلانسۇن، سىز زامانىۋىي يىلان ياساپ چىقامسىز تېخى ماڭالايدىغان پۇتى بارچۇ !!!!!!!!!!!

ۋاقتى: 2016-1-26 15:38:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى راۋان، بالىلارغا خاس چۈچۈك شېئىر بوپتۇ. ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2002-1-1 16:43:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر شىئېرنى نۇرتېكىننىڭ مەن مۇنبەردە كۆرگەن باشقا ئەسەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا راۋۇرۇس ئۇتۇقلۇق چىقىپتۇ دەپ قارىدىم.

ۋاقتى: 2016-1-28 13:20:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاشقاندىن قاقشىماڭ،ئۇنىڭدا شۇنداق خىسلەت بار.

چاشقانلار ئالسىمۇ خامانلىقتىن جاي،
داننى ئوغورلاپ قاچىدۇ  كاماغا.
قۇچقاچتا بولغاچقا ئىرادە قانات،
داننى يەپ بولوپلا ئۇچۇدۇ ساماغا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-28 13:21  


ۋاقتى: 2016-1-28 13:21:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاشقاندىن قاقشىماڭ،ئۇنىڭدا شۇنداق خىسلەت بار.

چاشقانلار ئالسىمۇ خامانلىقتىن جاي،
داننى ئوغورلاپ قاچىدۇ  كاماغا.
قۇچقاچتا بولغاچقا ئىرادە قانات،
داننى يەپ بولوپلا ئۇچۇدۇ ساماغا.

ۋاقتى: 2016-2-1 15:16:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ مېۋىسى بارغانسېرى تەمگە تويۇنۇپ بېرىۋاتىدۇ، يەنىمۇ تىرىشىڭ!

ۋاقتى: 2016-2-27 12:15:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا .  مانا بۇنى  بالىلار شىئىرى دەيمىز  رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش