ئابدۇللا ياقۇپ
ئىككى شېئىر
ئانام بار چاغدا
كۆچەت بولۇپ ئاينىغانتىم ئانام بار چاغدا،
بۇلاق بولۇپ قاينىغانتىم ئانام بار چاغدا.
سۆيۈنۈشتىن باسسا مېنى ئىللىق قوينىغا،
خۇشاللىقتىن يايرىغانتىم ئانام بار چاغدا.
ئۇنىڭ بىلەن ئەجەپ پەيزى ئۆتكەنتى كۈنلەر،
چۆچەك ئېيتىپ بەرسە خۇشخۇي كۈلگەنتى تۈنلەر.
گۈزەل مېھىر باغلىرىدا ئېچىلسا گۈللەر،
بۇلبۇل بولۇپ سايرىغانتىم ئانام بار چاغدا.
ئۇ بېشىمنى سىلىغاندا دىلىم خۇش بولۇپ،
قاناتلىنىپ ئۇچقان ئىدىم كۆكتە قۇش بولۇپ.
كۆرۈنەتتى چېھرى ماڭا خۇشبۇي گۈل بولۇپ،
دىدارىغا قانمىغانتىم ئانام بار چاغدا.
يۈرىكىمگە ئېلىپ ئاتەش ھارارىتىدىن،
چۈمۈلەتتىم ئىپتىخارغا جاسارىتىدىن.
لەززەتلىنىپ ئۇنىڭ تاتلىق شاپائىتىدىن،
گويا ناۋات چاينىغانتىم ئانام بار چاغدا.
بەخش ئېتىپ قۇدرىتىدىن ۋۇجۇدۇمغا جان،
ۋاپادارلىق روھى بولغان تومۇرۇمدا قان.
چەكسىز ھايات يايلىقىدا بولۇپ مەن پاقلان،
قىن-قېنىمغا پاتمىغانتىم ئانام بار چاغدا.
ھاياتىمغا سىڭگەن ئىدى قان تەرى-ئەجرى،
ئانام كېتىپ ماڭا زەپمۇ ئۆتۈلدى قەدرى.
گويا زۇمرەت ئاسمان ئىدى بىغۇبار قەلبى،
قۇياش بولۇپ چاقنىغانتىم ئانام بار چاغدا.
سەن بار يەردە
سەن بار يەرگە كەلمەيدۇ ھېچكىم،
بىر سورۇندا بولمايدۇ ئۈلپەت.
سەن بار يەردە يۇمىلار ئېغىز،
قىزىمايدۇ پاراڭ ۋە سۆھبەت.
سەن بار يەردە مۇجۇلغاچ يۈرەك،
سەندىن ھەر كىم قاچار نېرىغا.
سەن بار يەردە قىلىدۇ دىققەت،
ئوڭ سولىغا ماڭغان ئىزىغا.
سەن بار يەردە بولسا داستىخان،
بىللە لوقما يىمەيدۇ ھېچكىم.
تۇرسا سىرتىڭ ئادەم سۈپەتلىك،
سېنى ئادەم دېمەيدۇ ھېچكىم.
سەن بار يەردە باردۇر قەھرىتان،
كۆڭۈللەردە كۈلمەيدۇ باھار.
سەن بار يەردە يوچۇن بىر كۆز بار،
سۆۋىتىڭگە تېرىسەن چاۋار.
سەن بار يەردە بار پىتنە-پاسات،
غەيۋەت ساڭا تېتىيدۇ ناۋات.
سوقۇشتۇرۇپ تالاي كاللىنى،
گەپ توشۇيسەن چىقىرىپ قانات.
سەن بار يەردە قۇترايدۇ تۆھمەت،
ئۈندۈرىسەن تۇخۇمدىن تۈكنى.
پەيدا قىلساڭ نىزا-ئاداۋەت،
كۆككە خۇشال ئاتىسەن بۆكنى.
سەن بار يەردە تىرىلىپ چايان،
نىيىتىڭنى قىلىدۇ ماكان.
سەن بار يەردىن قاچقىنى ئەلنىڭ،
ساڭا كەلگەن ئۆلۈمدىن يامان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-25 16:20
|