يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 11856|ئىنكاس: 8

شەيدائىي: ئاھ، ئانا مېھرى (نەسىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاھ، ئانا مېھرى

ئىمىننىياز مەتنىياز شەيدائىي


    ئانا-ئۇ گۇيا ھىلال، شەبىستان باغرىغا سېھىر چىللاپ زۇلمەتكە پاتقان قاراڭغۇ كېچىلەرگە مېھرى-ۋاپا، مىننەتدارلىق تويغۇسىنى چېچىپ، غەپلەت ئۇيقۇسىغا جۆر بولغان تالايلىغان قەلىبلەرنى ئويغاتقان.
ئانا- ئۇ گۇيا تاڭدا پارلىغان نۇرلۇق قۇياش، مۇھەببەتكە سېزىك دىللارغا يېڭى تاڭنىڭ مۇبارەك جامالىدىن ۋىسال شەربىتى سۇنۇپ، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئەر-ئايال دەپ ئايرىماي، سېخى كارامەتلىرى بىلەن ھەممىگە ئورتاق كۈلۈپ باققان، تاغ-جىرا، باغۇ-بوستانلىق، قاقاس ئېدىر، سايلىق، تەسكەيلىك دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي ھەممە جاينى تەكشى يۇرۇتقان!
   خىيال قۇشلىرىم ھەر دائىم ئانا تەۋسىپىگە ئېيتىلغان يۇقارقى بايانلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلىشقا باشلىغىنىدا ئىختىيارسىز سېنى ئەسكە ئالىمەن، ئانا! بۈگۈنمۇ يەنە سېنى ئويلاپ چىقتىم. خىيالى تۇيغۇمدا سېنىڭ ئۆڭى ئاق، بوزغا مايىل چىرايىڭدىكى يىللار ئىز سالغان سان-ساناقسىز قورۇقلارغا، ۋاقتىسز ئاقرىىشقا باشلىغان چاچلىرىڭغا تويماي بېقىپ، جۈدەڭگۈ چىرايىڭغا مەڭزىمنى يېقىپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سىردىشىپ چىقتىم، ئانا!
    تۈن بەھرىگە چېچىلىپ ياتقان سان-ساناقسىز يۇلتۇزلار تاڭ سابانىڭ ئەركە شامىلىغا جۆر بولۇپ، باھار چېچەكلىرىدەك تۆكۈلۈشكە باشلىغان تاڭغا يانداش ئۇزاق تۈنلەردە ئۇيقۇدىن بىدار ئۆتتۈڭمۇ، ئانا! قەلبىڭدە ئەلەم، يۈرىكىڭدە دەرت، ۋاقىتىسز ئولتۇرۇشۇپ نۇرلىرى ئۆچۈشكە باشلىغان قوي كۆزلىرىڭدىن تۈكۈلىۋاتقان بولاق-بولاق ياشلىرىڭدا ئېقىپ، شاماللار ئۆركىشى ھەسرەتلىك نەرە تارتىپ ھوشقىيتىۋاتقان نۇرانە سەھەرلەرگە ئۈمىدلىك بېقىپ؛ يۈرىكىڭدە دەرت، قەلبىڭدە ھەسرەت، ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ تۇرۇپ، دەردىڭنى ئىچىڭگە يۇتۇپ، شۇ تاپتا ئىلىجالىق تىلەكلىرىڭدە ماڭا تىنىچ ئامانلىق، بەخت-سائادەت تىلەپ پىچىرلاۋاتقانسەن، ئانا!
     ئۇپۇق چىللاپ يېنىك شىۋىرلاۋاتقان ئەركە شاماللار دېرىزەڭنى چەككەندە ئىلتىجالىق تىلەكلىرىڭنى تېزلا تاماملاپ، ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئىز باققانسەن، سېغىنىشقا تولغان يۈرىكىڭنى قاماللاپ ئولتۇرۇپ يەنە مېنى ئەسكە ئالغانسەن. «بالام! قايدىسەن، شۇ تاپتىكى ئەھۋالىڭ قانراقراق؟» دەپ ئۈنسىز پىچىرلاپ، مەن بىلەن خىيالىي تۇيغۇڭدا غايىۋانە سىردىشىپ، ۋاقىتسىز جۇدالىقنىڭ پىراقىدا كۆيۈپ قىلدەك تولغانسەن، ئانا.
    شەرىق ئاسمىنىدىن ئۇپۇق يېرىپ كۆتۈرلىۋاتقان ھالرەڭ قۇياشنىڭ تال-تال نۇرلىرى مەڭزىڭگە يېنىك سۆيگەندە ۋاقىتىسز ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن قارىچۇقلىرىڭدىن تارام-تارام تۈكۈلۈپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ چىقتىڭمۇ، ئانا! ئاھ، ئانا!
    سەن شۇ قەدەر مېھرىبان، شۇ قەدەر كۆيۈمچان ئىدىڭ-ھە؟ ھەر دائىم قازان بېشىدا ئولتۇرۇپ تاماققا تۇتۇش قىلغىنىڭدا يەنە ئىختىيارسىز مېنى ئەسكە ئالغانسەن. يوللاردىن، ئېتىز باشلىرىدىن، مەن كەچكەن چىغىر يوللاردىن ئىزىمنى ئىزلەپ باققانسەن. ساڭا ئۈنسىز كۆز ياشلىرىم بىلەن خوش ئېيتىپ باغرىڭدىن ئۇزاپ كەتكەن يوللارغا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن باققانسەن، «بالام قايدىن كېلەر؟» دەپ تولىمۇ ئاستا ئۆتىۋاتقان ھەر بىر كۈنلەرنى ساناپ ئۆتكۈزگەنسەن. ئۆيمىزنىڭ يان باغرىدىكى كۈنگەيلىككە سوزۇلغان سالا ئېتىزنىڭ قىر بويلىرىدىكى كىملەرنىڭدۇ ئاياغ ئىزىنى مېنىڭ ئىزىمغا ئوخشىتىپ قالغانسەن، قىر بېشىدىكى بوز تۇپراققا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئىزلىرىمنى ھىدلىۋالماق بولغانسەن، شۇ ئارقىلىق قات-قات ئەلەم دەستىدە ئۆرتنىۋاتقان يۈرىكىڭگە تەسەللى ئىزدىمەكچى بولدۇڭ-ھە، ئانا!
    تۆنۈگۈن كېچە سېنى چۈشەپ قاپتىمەن. چۈشۈمدە «سېنى ئامراق دەپ لەغمەن ئەتتىم، كەل تويغۇدەك يەۋال!» دەپ ماڭا تاماق سۇنۇپ تۇرغۇدەكسەن. سېغىنىشنىڭ يالقۇنلۇق ئوتلىرى گۆرۈلدەپ كۆيىۋاتقان يۈرىكىمنىڭ قات-قېتىدىن سۈكۈلۈپ، سېنى قېنىپ بىر قۇچاقلىۋالماقچى بولۇپ، ئالدىڭغا يۈگرەپ بارغۇدەكمەن، پۇرىمىغىلى ئۇزاق بولغان ھىدلىرىڭنى پۇرىۋالماقچى، يالقۇنغا تەڭداش بىباھا مېھىرىڭدە قەلبىمنى ئىللىتماقچى بولۇپ يۈزلىرىڭنى يۈزۈمگە يېقىپتىمەن...
ــ مەن سېنى ئەجەپ سېغىندىم بالام، مېنى يالغۇز تاشلاپ نەلەردە يۈردۈڭ!؟-بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ چىقىۋاتقان ئاۋازىڭدىن تېنىم شۇررىدە ئېرىپ، ئايىغىڭغا باش قويماقچى، تىزلىنىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىماقچى، «كەچۈر ئانا!» دەپ بارلىق ئاۋازىم بىلەن ۋارقىرىماقچى بوپتىمەن. تولىمۇ ئەپسۇس، تاڭغا يانداش سەھەرگە يېقىن كۆرگەن چۈشلىرىمدىن ئويغانسام، يېنىمدا سەن يوق! خىيالچان قارىچۇقلىرىمدا پورەكلىگەن پىغانلىق ياشلىرىمغا قوشۇلۇپ دەرت قەسرىگە نۇردەك تاراملاپ ئېقىپتىمەن...
     توۋا، سەن شۇ قەدەر مېھرىبان ئىدىڭ، ئانا، «مەن ئاچ قالسام مەيلى، بالام يەۋالسۇن!» دەيىتتىڭ، «مەن كونىنى ياماپ كەيسەم مەيلى، بالام چىرايلىق كىيىنىپ يۈرسۇن!» دەيىتتىڭ. «مەن دەرت يۇتۇپ ياش تۆكسەم مەيلى، بالام خۇشال ئوينىۋالسۇن، قەلبى شادلىققا تولۇپ كۈلسۇن!» دەيىتتىڭ. سېنىڭ شۇ سېخىلىققا تولغان باغرىڭدىن نۇر ئېمىپ، تاڭغا يۈز ياققىنىم، مېھرىڭدە ئەللەيلىنىپ ئاسايىشلىققا تولغان ھاياتلىق ئالىمىنىڭ پايانى چەكسىز كەڭلىكىدە كېيىكتەك تاقلاپ چاپقىنىم، سېنىڭ رىغبەت، ئىلھام-مەدەتلىرىڭدىن كۈچ قۇۋەت ئېلىپ، تەڭرىتاغ كەبىي غەيرەت-جاسارەتكە تولۇپ، ئېگىز كۆك قەھرىدە ئەركىن پەرۋاز قىلغىنم ھېلىھەم يادىمدا، ئانا!
ھەر قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ سەپەرگە چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقىنىمدا، مەڭزىمگە يېنىك سۆيۈپ تۇرۇپ:
ــ ئۈمىدىم سەندە بالام. ياخشى ئادەم بول!-دەپ تەلىم بىرەتتىڭغۇ، ئانا.
ــ مەندىن ئەنسىرىمە ئانا، ئۈمىدىڭنى ئاقلايمەن!-دەپ ساڭا ئىشەنچ بىلەن ۋەدە بەرگەن بولساممۇ، لېكىن ھېسسىي تويغۇلىرىمنىڭ ئەقىلىم ئۈستىدىن غالىب كېلىشى نەتىجىسىدە سەن كۈتكەندەك، سەن ئارزۇلىغاندەك ئادەم بولالماي قالدىم. ئەلەملىك شېۋرىغان ھوشقۇيتىپ تۇرغان ھالاكەت جىلغىسىدىن كۆتۈرۈلگەن تەتۇر قويۇن مېنىڭ قۇياش پارلاپ تۇرغان نۇرانە بىر سەھەرگە قاراپ باسقان قەدەملىرىمنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. نەتىجىدە ھېسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ بارسا كەلمەس يولغا قەدەم باسقانلىقىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن! ئەسەبىيلەشكەن ھېسسىي تويغۇلىرىمغا ئەگىشىپ تاقىر قىيانىڭ ئەگمىسىدىكى جاھالەت جىلغىسىغا تۇتىشىدىغان چىغىر يولدا تولىمۇ ھارغىن قەدەملەر بىلەن ئاستا كېتىۋاتقىنىمدا كىملەردۇ ماڭا قاراپ قول ئىشارىسى قىلدى. مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىمەكچى بولدۇم. تولىمۇ ئەپسۇس، كۈلۈمسىرەشنىڭ دەل ئەكسىچە خۇنى ئۆچكەن چېھرىمدە ھەسرەت، نادامەت، پۇشايماندىن ئاققان كۆز ياشلىرىم قېتىپ قالدى... ئەتراپقا سېخىلىق بىلەن نۇر چېچىۋاتقان قۇياشقا قارىدىم. قۇياش نۇرلىرىنى مەندىن ئايىغاندەك ئۆزىنى قاپقارا بۇلۇتلار ئارىسىغا ئالدى. ئەتراپنى ئوراپ تۇرغان قات-قات تاغلارغا باقتىم. مەن ئەمدىلار سەپىرىمنى باشلىغاندا ماڭا ئاجايىپ قۇدرەتلىك كۈرۈنۈپ كەتكەن، روھىمغا ئىلھام مەدەت بەرگەن بۇ تاغلار ئەمدىلىكتە مېنىڭ تەقدىرىمدىن قايغۇرىۋاتقاندەك، خۇددى مەن ئاياغ باسقان بارسا كەلمەس چىغىر يولدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەقدىرىدىن ئۆكۈنىۋاتقاندەك غال-غال تىترەشكە باشلىدى...
كەينىمگە قارىدىم. قوللىرىدا تاش، توخماق، ياغاق كالتەك كۆتىرىۋالغان بىر توپ كىشىلەر ماڭا قاراپ ئېتىلىپ كەلدى. ئۇلار ۋارقىرىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن تاغلار تەۋرەپ، سۇلار تاشتىن-تاشقا ئۇرۇلۇپ، ھەسرەت تارتىپ تارتىپ شاۋقۇنلىدى...
ــ ئەسبىيلەشكەن ئۇنسۇر، ئۇچچىغا چىققان مۇناپىق!-ئۇلار ماڭا قاراپ ئېتىلىپ كەلمەكتە ئىدى. دەرۋەقە مەن بارسا كەلمەس يولدا ئېزىپ، چېكىگە كۆز يەتكۈسىز چوڭقۇر ھاڭ ئېغىزىغا كېلىپ قالغان ئىدىم.
ــ ياق، ئۇ مېنىڭ بالام! ئ‍ۇ مېنىڭ بارلىقىم، ئ‍ۇ مېنىڭ ھاياتىم!!!سەن شۇنداق دەپلا مېنى ھاڭ ئېغىزىدىن تارتىۋالدىڭ ئانا! گەرچە كىشىلەر مېنى ئەسەبىيلىكتە ئەيبلەپ ئارىغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەن پاك مېھرىڭ بىلەن مۇھەببەتكە تولغان قەلبىڭدىن ماڭا كەڭرى ئورۇن بەردىڭ! نېمقوق، ئ‍ازمايدىغان كىم بار بالام، خاتالىقىڭنى تونۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن قەدەمنى توغرا باسساڭ، جەمئ‍ىيەتكە، ئ‍ەل-يۇرتقا ياراملىق ئ‍ادەم بولساڭ مەن شۇنىڭدىن رازى دەپ مېنى ئ‍اسانلا كەچۈرىۋەتتىڭ، ئ‍انا! مەن سېنىڭ پەرىشتە كەبىي بىغۇبار، كۆيۈمىڭ ئ‍الدىدا ساڭا بىر ئ‍ۆمۈر قەرزدارمەن، مېنى كەچۈر ئانا!
     ئاھ، ئانا مېھرى! ئۇ-ئۆمۈر بويى بەدەل تۆلەپمۇ ئانىنىڭ ئەجرىگە يارىشىا لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان قەرز!  ئانا مېھرى-ئۇ پەرزەنىتلەر رىشتىگە چېتىلغان، «بالام، دەپ بىر ئۆمۈر كۆيسىمۇ، بالام، دەپ بىر ئ‍ۆمۈر سۆيسىمۇ، بالام دەپ بىر ئۆمۈر پايپېتەك بولۇپ پانىيدىن باقىيغا سەپەر قىلغۇچە بولغان بىر پۈتۈن ھاياتىدىكى بارلىقىنى پەرزەنتىلەر بەختىگە ئاتىسىمۇ يەنە ئادا قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان پەرز!  
   ئاھ، ئانا مېھرى!!! ...     


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يانغىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-28 21:52

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-25 15:43:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام شەيدائىي ! ياخشى تۇرۇپسىز ؟ ئانا مېھرىنى سۈزۈك ھەم قۇۋەتلىك يۈرۈتۈپ بەرگەن قەلىمىڭىزگە كۆپتىن كۆپ بەركەت  تىلەيمەن. شۇنداقلا تېنىڭزىنىڭ سالامەت بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. بەلكى، دۇنيادىكى بارچە مۇھەببەت ئانىدىن كەلگەن بولسا كېرەك...............

ۋاقتى: 2016-1-25 17:09:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ-ئۆمۈر بويى بەدەل تۆلەپمۇ ئانىنىڭ ئەجرىگە يارىشىا لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان قەرز، ئاھ، ئانا مېھرى!


ئانا مېھرىنى ھەقىقەتەن ئۆز ئۇسۇلىڭىز بويىچە ئوبدان ئىپادىلەپسىز.

ۋاقتى: 2016-1-25 20:53:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا دېسەم يۇكۈندى تاغلار،
ئانا دېسەم سىرغىدى جانلار.

بۇ نەسىر بەك ياخشى چىقىپتۇ ،تىلى ئاددىي ،چۈشىنىشلىق ، مەرھۇم يازغۇچى ئەنەيتۇللا ئاكىمىزمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئېسىل ئەسەرلەرنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ،ئىشقىلىپ نېملا دېمەي بۇ ئەسەر ئەتىكى كۈن ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سوۋغا

ۋاقتى: 2016-1-26 00:39:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلىمۇ پاساھەتلىك تىللار بىلەن يېزىلغان بۇ نەسىرىڭىزنى سۈينىش ئىلكىدە ئۇقۇپ چىقتىم . ھەم بەك تەسىرلەندىم . ئۈزىمنىڭمۇ ئاشۇنداق بىر مىھرىبان ئانا بولغانلقىمدىن پەخىرلەندىم .
قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزغا بەركەتلەر ياغقاي . ھارمىغايسىز .

ۋاقتى: 2016-1-26 12:21:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا مېھرىنى تولىمۇ ئوبرازلىق تىل بىلەن، يارقىن ئىپادىلەپسىز، سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئىزدىنىشلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي.

ۋاقتى: 2016-3-2 10:13:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىغا بولغان ئوتلۇق مېھىر بەك ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-3-14 23:04:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەسىر  بەك ياخشى چىقىپتۇ داۋاملىق تىرىشىڭ
\

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-2 11:38:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سازام يوللىغان ۋاقتى  2016-1-25 03:43 PM
سالام شەيدائىي ! ياخشى تۇرۇپسىز ؟ ئانا مېھرىنى سۈزۈك ھە ...

رەھمەت سىزگە!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش