قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 8- قېتىملىق سۆي كىتاب سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 8- قېتىملىق سۆي كىتاب سۆھبىتى «گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنى ھەمكارلىشىپ ئوقۇشقا سەپەرۋەر قىلىش پائالىيىتى 2016- يىل 1- ئاينىڭ 23- كۈنى، شەنبە، چۈشتىن بۇرۇن شامالباغ بازار تۇرغاي لەڭگەر 8- كەنت مەدەنىيەت پونكىتى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ھەر ساھە زاتلىرى بولۇپ 200دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
پائالىيەتكە ئەدىپ ئابلەت جۈمە تۇپراق ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئالدى بىلەنئوقۇمۇشلۇق زىيالى، شۇنداقلا پاراسەتلىك رەھبەر، يۇپۇرغا ناھىيەسىدە مۇئاۋىن ھاكىم، يېڭىسار ناھىيەسىدە باش ھاكىم بولغان، كېيىن ۋىلايەتلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىدا شۇجى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولۇپ دەم ئېلىشقا چىققان، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ياسىن تۇرسۇن ئاكا «ئەرلەر ھەققىدە پاراڭ » ناملىق كىتابتىن ئالغان تەسىراتىنى ناھايىتى جانلىق ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرغا قويدى.ئاندىن سۆي كىتاب سۆھبىتى 11-گۇرۇپپىسىدىن ئابدۇزاھىر ئابدۇقادىر نەشتەر ئەپەندى «ئەردەك ياشاڭ» دېگەن تېمىدا بىر سائەت ئەتراپىدا لىكسىيە سۆزلىدى. چاۋاكلار توختىماي چېلىنىپ تۇردى.
ئابدۇزاھىرنىڭ نۇتقىدىن كىيىن،قەشقەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى «سۆي كىتاب سۆھبىتى»نىڭ يېتەكچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بۇلبۇل ئەكرەم مۇئەللىم «گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە» يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنى ھەمكارلىشىپ ئوقۇش ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ئاخىردا، سۆي كىتاپ جەميىتى ئەزالىرى بىلەن ھەرقايسى يېزا كوچا باشقارما ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملار ئوتتۇرىسىدا قەشقەر شەھرىدىكى ئاياللار ئارىسىدا كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا ھەمكارلىق توختامنامىسى ئىمزالىدى.
* I( x' x5 e$ N6 A بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-25 13:49 " _4 ~' q" D8 d- z+ c
3 b& T! U( v! x% X) }7 R2 o! \5 O