يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 418|ئىنكاس: 8

نۇرتېكىن (ئ‍ىزگۈگە): پاكىز روھ(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئ‍ىزگۈ تور ئ‍ەدەبىياتى مۇكاپاتلىق سەھىپىسىگە يوللانغا ئ‍ەسەر

پاكىز روھ

(ھېكايە)

ئابدۇسالام ھوشۇر نۇرتېكىن

-دادا، مەن ئوقۇمايچۇ؟ سەن مېيىپ تۇرساڭ، كۈنىمىز تېخى مۇشۇنداق تۇرسا، مەن ھۆنەر ئۆگەنگەچ سېنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئالاي، ھۆنەر ئۆگىنىپ بولغاندا بىر دۇكان ئاچسام، كۆپ پۇل تاپالايمەن. پۇل تېپپ ئالدى بىلەن سېنىڭ پۇتۇڭنى داۋالىتايلى، شۇ چاغدا ئىككىمىز قول تۇتۇشۇپ يوللاردا، باغچىلاردا بىرگە ماڭالايمىز. مومامنىمۇ چىرايلىق ياساندۇرۇپ، چوڭ شەھەرلەرگە ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرۇپ كېلەلەيمىز،-تولۇقسىز ئوتتۇرا ماكتەپنى پۈتتۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىدىغان يىلى، دادامنىڭ قاداق بېسىپ كەتكەن ئەتسىز قوللىرىنى سىقىپ تۇرۇپ شۇنداق دېگىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە. شۇ چاغدا دادام چاقلىق غالتىكنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىتتىرىپ ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياق- بۇياققا بىرنەچچىنى ئايلاندۇرۇپ ماڭغاندىن كېيىن:
-مەن قانداقكەنمەن؟ مانا، ئۆزۈم چاقلىق ئورۇندۇق ئۈستىدە بولغىنىم بىلەن، ھەركىتىم شۇنداق چاققان تۇرمامدۇ؟ ئون نەچچە يىلدىن بويان ئۆينىڭ ھەم سىرتنىڭ ئىشلىرىنى جايىدا قىلىپ، سېنى ئۆمىلەپ يۈرگەن ھالىتىڭدىن بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلتۈرگەن داداڭ، ھازىرلا ئىشلارنىڭ ھۆددىسدىن چىقالماس، سېنى باقالماس، ئوقۇتالماس ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنى يوق. سەن ياخشى ئوقۇشنى بىلسەڭلا بولدى. سەن ياخشى ئوقۇپ، ياراملىق ئادەم بولساڭ، ئۆزۈمنى داغدام يوللاردا مەغرۇر قەدەم تاشلاپ ماڭغاندەك، باغچىلاردا ھوزۇر سۈرۋاتقاندەك بولىمەن. ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بېجىرىم ئاتىدەك بەختلىك ھېىس قىلىمەن.ـــ دېدى دادام ھاياجانلىق كەيپىياتتا يەنە
- ئادەم بىر ئىشقا ئەجىر قىلسا  ئەجىرىدىن بەركەت  ياغىدۇ. ئادەم ئۈچۈن ئىرادىسزلىك، ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلىك ئەڭ چوڭ مېيپلىك ھەم نامراتلىق ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا مەن ھېچقاچان ئۆزۈمنى مېيىپ ھەم نامرات ھىساپلاپ باقمدىم. گېپىمنى چۈشەندىڭمۇ. مېنى خاتىرجەم قىلاي، خۇشال قىلاي دېسەڭ ياخشى ئوقۇ ئوغلۇم، - دادامنىڭ ئاشۇنداق جاپالىق، قېيىن شارائىتتمۇ ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋارلىق بىلەن كۆڭلۈمنى ئۆستۈرۈپ، ماڭا مەدەت، ئىلھام بېرىپ كەلگەن ھەر بىر سۆزلىرى قەلبىمدە ئوقۇش ئىستىكىنىڭ يالقۇنلىرىنى، ھاياتنىڭ ئۈمىدلەرگە تولغان ئارمانلىرىنى يالقۇنجىتىپ كەلگەنلىكىمۇ تاشقا بېسىلغان مۆھۆردەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.
دادامنىڭ ئاشۇ سۆزلىرى بىلەن كۈنلەرئايلارنى قوغلۇشۇپ، ئايلار يىللارغا ئۇلۇشۇپ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىنىمۇ تاماملاپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىنىمۇ بەردىم. ئىمتاھان نەتىجىسىمۇ چىقتى. ئانىسدىن كىچىكلا ئايرىلىپ، مېيىپ بىر دادىنىڭ جاپالىق ئەجرىدە، ناھىيە بازىرنىڭ چەتىرەك كوچىسىدىكى بوراندا سۇۋاقلىرى چۈشۈپ تۇرىدىغان كونا بىر ئۆيدە چوڭ بولغان مەندەك بىر ئوغۇلنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان نەتىجىسى دادامغا ئالەمچە شادلىق بېغىشلاپلا قالماي، ناھىيە ھەتتا ۋىلايەتتىكلەرنىمۇ ھەيران قالدۇرغان ئىدى. ئاپتونۇم رايۇن بويىنچە ئەڭ يۇقىرى نومۇرنى مەن ئالغانىدىم. ئارزۇيۇم بويىچە تاللىغان مەكتەپتىنمۇ چاقىرىق كەلدى. لېكىن قايسى پۇلغا ئوقۇش، قانداق ئوقۇش ھامان يۈرىكىمنى ئازابلاپ، ئوقۇش بىلەن ئوقۇماسلىق ئوتتۇرسدىكى تەگسىز خىياللار قوينىغا تاشلايتتى. كەلگۈسىدىكى ئارزۇ- ئارمانلارنىڭ نۇرانە پەللىسى، دادامنىڭ ھەر ۋاقىت تەكرارلاپ تۇرىدىغان «ياخشى ئوقۇساڭ، ھاردۇقۇم چىقىدۇ» دېگەن سۆزلىرى ئوقۇش ئىستىكىمنى قوزغاپ، مېنى ئۈمىدۋار قىلسا، دادامنىڭ مەن ئۈچۈن داۋاملىق جاپا تارتىشنى بىر ئوغۇل بالىلىق، پەرزەنتلىك غورورۇم بىلەن كۆتىرەلمەيتتىم. ئائىلىدىكى قىيىنچىلىقلار مېنى ئوقۇش قىزغىنلىقىدىن ۋاز كېچىشكە ئۈندەيتتى.  كۆز ئالدىمغا كوچىلارنىڭ ئەڭ مەينەت، سېسقچىلىق قاپلاپ كەتكەن جايلىرىدا چاقلىق ئورۇندۇق ئۈستىدىن تەسلىكتە سوزۇلۇپ، ئىچىملىكلەرنىڭ قۇتىسى، قەغەز يەشىكلەرنى تېرىۋاتقان دادامنىڭ ئەتسىز، ۋىجىك گەۋدىسى، قورۇق بېسىپ كەتكەن تاتىراڭغۇ چىرايى، دادامنڭ بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ئازاپلىق كۈنلىرى كۆز ئالدىمغا كەلسىلا، يۈرىكىمنى سانسىز پىچاقتا تىلغاندەك ئازاپلايتتى. ئۆزۈمنى دەپ دادامنى يەنە جاپا تارتقۇزىۋېرىشكە كۆڭلۈم قويمايتتى. ئانا مېھرىدىن بالدۇرلا ئايرىلىپ قېلىپ، دادامدىن  ھەم ئاتىلىق ھەم ئانىلىق مېھرىنى ئالغان مەندەك بىر يېتىم ئوغۇلنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قېلىشتىن بەكمۇ قورقاتتىم.
دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە، مەن توغۇلۇپ يېشىمغا توشمىغاندا ئانام قوي- كالىلارغا يەم بېرىۋىتىپ تۇيقۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئاپىرىشقا ئۈلگۈرمىگەنلىكى سەۋەپلىك داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىپتكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئائىلە ئۈچۈن دادام ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ كەلدى. كۈندۈزلىرى ناھىيە بازىرىدا سەي- كۆكتا ساتسا، كەچلىرىدە كەچلىك بازارغا گازىر ھەم ھۆل يېمىشلەرنى ئېپچىقىپ ساتاتتى. ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭغىچە مېنى ئاساسەن مومام بېقىپ چوڭ قىلدى. كىچىك چاغلاردا مېنىڭ دادام بىلەن بىرگە بولىدىغان ۋاقتىم بەكمۇ ئاز ئىدى. دادام كەچلىرى سۇلياۋ خالتىلارغا ئوراپ  يانچۇقلىرىغا مېۋە- چېۋە، كاۋاپ، سامسىلارنى سالغاچ كېلىپ، ماڭا بېرىۋېتىپ، ئۇزاق تۇرمايلا يەنە ئۆز ئىشلىرى ئۈچۈن كېتىپ قالاتتى. كوچىلاردا مەن بىلەن تەڭتۇش بالىلارنىڭ دادىلىرى بىلەن بىرگە يۈرگىنىنى كۆرسەم ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، كۆزلىرىمگە مۆللىدە ياش كېلەتتى-دە، مومامدىن:
-دادام مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن؟ مەنمۇ دادامغا ئۆچ بولۇپ قالدىم،-دەپ يىغلاپ تۇرۇپ سورىسام، مومام يىرىك ئالقانلىرى بىلەن يېشىمنى سۈرتۈپ، پىشانەمگە سۈيۈپ تۇرۇپ:
-ئۇنداق دېمە، داداڭ سېنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ دۇنيادا داداڭدەك سېنى ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىر ئادەم يوق بالام،-دەپ تەسەللىي بېرەتتى.
-ئەمسە، باشقا بالىلارنىڭ دادىسىدەك داداممۇ مېنى باغچىلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ كەلمەيدىغۇ؟ جىق ئويۇنچۇق ئېلىپ بەرمەيدىغۇ؟ چىرايلىق كىيم ئېلىپ بەرمەيدىغۇ؟-دەپ سورايتتىم مومامدىن بالىلارچە ساددىلىق بىلەن.
-داداڭ ئۆينىڭ، سېنىڭ غېمىڭنى دەپ كېچە- كۈندۈز ئىشلەۋاتىدۇ، جىق پۇل تېپپ سېنى ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ، قوزام. داداڭ سەن ئۈچۈن ئوتتىمۇ كۆيۈۋاتىدۇ، سۇدىمۇ ئېقىۋاتىدۇ. چوڭ بولغاندا سەنمۇ ياخشى ئوقۇپ، جىق پۇل تېپپ داداڭنى ياخشى بېقىپ ئۇنىڭ ساڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرغىن،-مومام كىچىكىمدىن باشلاپ دادام توغرىسىدا ئەنە شۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ، يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا دادامغا بولغان مېھرى- مۇھەببەتنىڭ، ھۆرمەت-ئىپتىخارلىنىشنىڭ ئورۇقىنى يىلتىز تارتقۇزاتتى.
تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىش ئالدىدا تۇرغان چاغلىرىم. قۇياشنىڭ قىزىللىقى يوقالماي تۇرۇپلا تاغ تەرەپتىن تۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان قارا بولۇتلارنىڭ تەسىرىدە تاراسلاپ يامغۇر تۆكۈلۈشكە باشلدى. يامغۇرغا ئەگىشىپ چىقىۋاتقان ئاچچىق شامال بارغانچە كۈچىيىپ، ھويلا ئىچىدىكى بىرنەچچە تۈپ ئۈرۈك، ئالما كۈچەتلىرنىڭ شاخلىرىنى ھۇشقۇيتىپ، كېچنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا تېخمۇ سۈرلۈك تۈس كىرگۈزۈپ تۇراتتى. ھەممە ئەتراپتىن بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىدەك قورقۇنچلىق ئاۋاز چىقىۋاتقاندەك تۇيىلاتتى.
ئۆيدە مومام بىلەن يوتقانغا يۆگۈنىپ ئولتۇرۇپ، دادامنىڭ قايىتپ كېلىشنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتەتتۇق.
-دادام تېخىچە كەلمەيدىغۇ موما؟
-بازارغا ئېپچىققان نەرسىلىرنى ئازىراق بولسىمۇ  سېتىلىپ قالارمىكىن دەپ يۈرەمدىكىن، جاپاكەش داداڭ. كەپ قالا، سەن ئۇخلاۋەرگىن قوزام.
-دادامنى ساقلايمەن. دادام كەلسە، يۈز-كۆزلىرىنى سۈرتۈپ، ئالدىغا بىرپىيالە ئىسسق چاي ئەكەپ بېرىپ ئاندىن ئۇخلايمەن موما.
-ۋاي ئەقىللىق قوزام، ئىنسابىڭغا رەھمەت! ـ مومام مىھرىبانلىق بىلەن پىشانەمگە سۆيۈپ قويدى.
ئىسسىق يوتقان ئىچىدە، مومامنىڭ بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ ئېيىتۋاتقان « بوۋاينىڭ ئوغلى» دېگەن چۆچىكىنى ئاڭلاپ يېتىپ كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ ياماشتى. ئويلاپ باقسام، تاكى مومام بىزدىن ۋاقتىسز ئايرىلغانغا قەدەر مومامنىڭ چۆچەكلىرىنى ئاڭلاپ ياتاتتىم. بۇ چۆچكەكلەردىن ئۆزۈمگە بىر خىل خوشاللىق تاپاتتىم. بۈگۈنمۇ ئاشۇ چۆچەكلەر قوينىدا يېڭى تۇغۇلغان قوزىچاقتەك پۇشۇلداپ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر مەزگىلدە ئىشىكنىڭ قاتتىق چېكىلگەن ئاۋازى، مومامنى كىمنىڭدۇر بىرىنىڭ ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ ئەنسىز ۋارقىراپ چاقىرغان ئاۋازى مېنىمۇ ئويغىتىۋەتتى. يوتقاندىن سۇغۇرلۇپ سىرتقا قاراپ ماڭغان مومامنىڭ كەيندىن ئەگشىپ بىرگە چىقتىم. يامغۇر سەل پەسەيگەن بولسىمۇ، تېخى توختىمىغان ئىدى. مومام ئىشىكنى ئېچىپ، يامغۇردا ئۈستىبېشى ھۆل بولۇپ كەتكەن ناتونۇش ئادەمنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ سورىدى.
-كىم بولىسىز؟
-مەن ئوغلىڭىز مۇراتنىڭ كەچلىك بازاردا بىرگە تىجارەت قىلىدىغان تونۇشى. مۇرات ئۇ، ھازىر دوختۇرخانىدا قالدى. شۇڭا، سىلەرگە خەۋەر قىلىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇدۇل دوختۇرخانىدىن كېلىشىم، ــ ئۇئادەمنىڭ گەپلىرىدىن تولىمۇ جددىيلىك، ئەنسىزلىك چىقىپ تۇراتتى.
-نېمە دەيدىغانسىز؟ مۇراتجان قانداق بولۇپ دوختۇرخانىدا بولۇپ قالىدۇ؟ خۇدايا توۋا دەڭا بالا،-مومامنىڭ ئاۋازى يىغلامسىراپ چىقاتتى.
-مەن ھازىر دوختۇرخانىدىن، مۇراتنىڭ يېنىدىن كېلىشىم، موما. بولغان ئىشلارنى يولدا ماڭغاچ دەپ بېرەي، ھازىر دوختۇرخانىغا بارايلى. دوختۇرخانىغا تۆلەشكە ئازىراق پۇل ئېلىۋالسىلا،-دادامنىڭ تونۇشى مۇمامنى تېزرەك بولۇشقا ئالدىرىتاتتى.
مومام پۇتىدىكى كونا كالىچىنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغىمۇ قارىماي ئۆيگە كىرىپلا چاپىنىنى يېپىچاقلاپ، دادام ساقلاپ قويۇشقا بەرگەن پۇللارنى ياغلىققا تۈگۈپ تېزلا ئىشك ئالدىغا چىقىتى. مومام بىلەن ئىككىمىز دادامنىڭ تۇنۇشى ھەيدەپ كەلگەن ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتگە چىقىپ دوختۇرخانىغا باردۇق. دوختۇرخانا ئۆيىمىزدىن يېرىم سائەتلىك يول ئىدى. دوختۇرخانىغا بېرىپ بولغىچە بۇ يېرىم سائەت ماڭا يېرىم كۈندەك تۇيۇلۇپ، ئىچىمنى مۈشۈك تاتىلاۋاتقاندەك بىئاراملىق چۇلغىۋالدى. دادامنىڭ كېسەل كارۋىتىدىكى ھەرخىل ھالەتلىرىنى خىيال قىلىپ كۆزۈمگە يىغا يامىشاتتى. كۆز ئالدىمغا قاراڭغۇلۇق تىقىلىۋاتقاندەك ئازابلىق تۇيغۇدا تولغىناتتىم.
قايغۇرۇش، ئازاپ، بىئارام بولۇش ھەم ئۈمىدۋارلىق ئارىلىشىپ كەتكەن ھېسسىياتلار ئىچىدە دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدۇق. دادامنىڭ تۇنۇشنىڭ يول باشلىشى بىلەن، دورا- ئوكۇللارنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كارىدورلاردىن ئۆتۈپ، لىفىت ئارقىلىق 3-قەۋەتنىڭ ئوڭ تەرەپ بولۇڭىغا جايلاشقان ياتاققا كىردۇق. كېسەل كارۋىتىدا دادام بېشى داكا بىلەن تېڭىلغان، بۇرنىغا ئوكسىگېن نەيچىسى سېلىنغان ھالدا ھۇشسىز ياتاتتى. دادامنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئىچىمدىن قاپساپ كېلىۋاتقان يىغىنى تۇتالماي پاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم. ئۆزۈمنى دادامدىن ئايرىلپ قېلىۋاتقاندەك، بۇ دۇنيادا ئىگە- چاقىسىز قارا يېتىم بولۇپ قېلىۋاتقاندەك قورقۇنچلۇق بىر تۇيغۇ روھىمنى چىرماپ ئالغانىدى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى كېچە قاراڭغۇلۇقىدىكى شامالدا نىشانسىز ئۇچۇپ يۈرگەن ياپراقتەك تىترەك باساتتى. ھەممە نەرسە ھەرىكەتتىن توختاپ قالغاندەك تۇيىلاتتى. دادامنىڭ بېشىدا بىردەم ئۈنسىز قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، كارىدورغا چىقتۇق. باياتىندىن بېرى ئەلەملىك كۆز ياشلىرىنى توختىتالمايۋاتقان مومام دادامغا ئۈنسىز ھالىتىنى كۆرۈپ، سىرتقا چىقپلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.
-ۋاي بالام، جېنىم بالام، ئۆينىڭ چاقىنى چۆگىلتىۋاتقان چىداملىق بالام، كۆز تەگىدىمۇ ساڭا بالام، سەن بولمىساڭ نەۋرەم ئىككىمىز قانداق قىلىمىز بالام؟-مومامنىڭ قوشاق قېتىپ تۇرۇپ يىغلاشلىرى كارىدورنى بىر ئالدى. مومامنىڭ تۇرقىغا قاراپ كۆزۈمنىڭ گىرۋەكلىرىدە لىغىرلاپ تۇرۇپ قالغان ياش يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىشكە باشلىدى.
-نېمە ۋاراڭ- چۇرۇڭ، بۇ دېگەن دوختۇرخانا، كېسەللەرنىڭ ئارام ئېلىشغا تەسىر يەتكۈزمەي، يىغلايدىغان ئىشىڭلار بولسا سىرتقا چىقىپ يىغلاڭلار،- سېسترا قىزنىڭ قوپاللىق بىلەن ئېيتىلغان سۆزلىرى مومام ئىككىمىزنى يىغىدىن توختاتتى. ئالدىمىزدا بىزگە تىكىلپ تۇرغان سېستىرا قىزنىڭ كۆزلىرىگە ئالىيىپ تۇرۇپ تىكىلدىم. كۆڭلۈمدە سېستىرانىڭ بۇ قىلغىنىغا نارازى بولۇپ غودۇرايتيىم.
-خاپا بولمىسىلا قىزىم، تاغدەك مەزمۇت بالامنىڭ كارۋاتتىكى نىمجان ھالىتىگە قاراپ چىدىماي قالدىم. جان بالام ساقىيىپ كېتەمۇ خان قىزىم؟-مومام مۇز چىراي سېستىرا قىزنىڭ كۆزلىرىگە ئۈمىد بىلەن تىكىلدى.
-مەن ئۇقمايمەن، كىرىپ مەسئۇل دوختۇردىن سوراڭلار، ئىشخانسى ئەنە، ئاۋۇ ئىشىكىنىڭ بىر قانىتى ئېچىق تۇرغان ئىشخانا،- ئۇ پەرۋاسىزلىق بىلەن دادامنى داۋالاشقا مەسئۇل دوختۇرنىڭ ئىشخانىسنى كۆرسىتىپ قويۇپلا ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى. بىز دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا كىردۇق. ئىشخانىدا كۆزئەينەك تاقىۋالغان، چاچلىرىغا ئاق سانجىلىشقا باشلىغان بىر خەنزۇ دوختۇر ئالدىدىكى قەغەزلەرگە بىرنېمىلەرنى كىتىرلىتىپ يېزىپ ئولتۇراتتى.
-ئەسسالام، دوختۇر بالام، مۇرادىلجان بالامنىڭ ھالىنى بىلەيلى دەپ كىرگەنىدۇق،-مومامنىڭ ئاۋازى شۇنچە مۇلايىم، شۇنچە پەس چىقاتتى. « ھېلىقى غورا قاپاق سېستىرا قىز  مومامنى قورقىتىۋەتكەن چېغى»دەپ ئويلىدىم  ئىچىمدە. دوختۇر مومامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قولىدىكى قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپلا، ئورندىن تۇرۇپ، مومامنى ئىشىكتىن كىرگەندىكى ئۇدۇلغا تىزىلغان ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇشنى ئىشارەت قىلىپ، ئۆزى چەتتىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپ سۆز باشلىدى:
-موما دېمىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ، جېددىلەشمەي تۇرۇپ گەپلىرىمنى ئاڭلاڭ،-خەنزۇ دوختۇر ئۇيغۇرچىنى شۇنداق راۋان سۆزلەيتتى،-دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسگە قارىغاندا ئوغلىڭىز مۇرادىلنىڭ ھازىرىقى كېسەللىك ئەھۋالدا ئىچىكى ئەزالاردا زەخمە ئېغىر ئەمەس، بېسىپ داۋالاش ئېلىپ بارساق تىزلا ئەسلىگە كېلىدۇ. لېكىن...-دوختۇر بۇرنىنىڭ ئۇچىغا چۈشۈپ قالغان كۆزئەينىكىنى سەل كۆتۈرۈپ قويغاچ، بىزگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن سۆزنى داۋام قىلىدى،- ئىككى پۇتىنىڭ سۆڭەكلىرى ئېغىر زەخمىگە ئۇچرىغان، بۇرۇنقىدەك ئورنىدىن تۇرالماسلىقى مۇمكىن، بەلكىم بىر ئۆمۈر چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
-نېمە دەيدىغانلا؟ ئاشۇ ئىككى پۇتىغا تايىنپ ئۆيىمىزنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان جان بالام ئەمەسمۇ ئۇ. سىلىدىن خوش بوپ كېتەي، مۇشۇ ئالدىمدا تۇرغان نەۋرە بالامنىڭ ھەق- ھۆرمىتى ئۈچۈن بولىسمۇ، ئاشۇ بالامنى داۋالاپ ساقايىتپ بەرگەن بولسىلا، سىلىدىن ئۇ دۇنيا، بۇدۇنيا رازى بوپ كېتەتتىم،- مومام دوختۇرغا يالۋۇرۇپ سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىقوۋۇللۇق بىلەن  ئۈمىد ئارىلىشىپ كەتكەن سۇس بىر كۆلەڭگە ئەگىپ تۇراتتى.
-ئەلبەتتە، قولىمىزدىن كېلىشىچە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھەم ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ داۋالاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. بىراق، ھەرھالدا سىلەرمۇ ئىدىيەدە تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭلار،- دوختۇر تولىمۇ مۇلايىملىق ھەم سەۋرىچانلىق بىلەن دادامنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا بىزگە چۈشەندۈرۈش بېرەتتى. كۆز ئالدىمدىن ھېلىقى مۇز چىراي سېستىرا قىز بىلەن ئالدىمدىكى دوختۇرنىڭ سېلشتۇرمىسى چاقماق تېزلىكىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. «توۋا، ئادەم قانچە بىلىملىك بولسا، شۇنچە ئىلمىي بولىدىكەندە؟ مەنمۇ چوڭ بولسام چوقۇم كۆپ بىلىم ئىگىلەپ، مۇشۇ دوختۇردەك ئىلمىي، ياخشى ئادەم بولىمەن»دەپ ئۆز- ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم ئىچىمدە.
ئەسلىدە، دادام يامغۇر سەل پەسلىگەن چاغدا ماللىرىنى يىغىشتۇرۇپ، غالتىكىنى سۆرەپ ئۆيگە ماڭغاندا، چوڭ كوچىدىن تاركوچىغا قايرىلىدىغان دوقمۇشتا، تاركوچىدىن تۇيۇقسىز تېز سۈرئەتتە چىققان تاكسى ماشىنا بىلەم سوقۇشۇپ كېتىپ زەخمىلەنگەن ئىكەن. دادامنىڭ تونۇشىمۇ ئارقىدىنلا كېلىۋاتقان بولۇپ، تاكسى شوپۇرى بىلەن دادامنى قانغا مىلىنىپ ياتقان يېرىدىن يۆلەشتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئەكەپتۇ. دەسلەپتىكى داۋالنىش ئۈچۈن شوپۇر بەش مىڭ يۈەن تاپشۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قاپتۇ. دادامنىڭ تونۇشى دادام بىلەن بولۇپ كېتىپ، شوپۇرنىڭ ئىسىم- فاملىسى ياكى ئادرېسىنى سورىۋالماپتۇ. ياكى تاكسى نۇمۇرنى خاتىرلىۋالماپتۇ. تاكسى شوپۇرى پۇلنى تاپشۇرۇپ دوختۇرخانىدىن غىپپىدە چىقىپ كەتكەنچە، قارىسىنمۇ كۆرسەتمىدى. قاتناش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىپمۇ تاكسى شوپۇرى توغرىسدا ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىدۇق. ئامالسىز، ھەممىنى ئىچىمىزگە يۇتۇپ بارچە دەرد- ئەلەمنى، جاپانى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇق.
دادام بالنستا ياتقان شۇ كۈندىن باشلاپ، مومام ئۆي بىلەن دوختۇرخانا ئارلىقىدا دېگۈدەك ئالدىراش ئۆتتى. مەنمۇ مەكتەپتىن قايتىپلا ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بېرىپ، دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم. لۆڭگىنى ئىلمان سۇغا بېسىپ دادامنىڭ يۈز- كۆزلىرىنى سۈرتۈپ قوياتتىم. مومام ئەكەلگەن تاماقنى تالىشىپ تۇرۇپ دادامغا ئۆزۈم يىگۈزۈپ قۇياتتىم. ھۇشىغا كېلىپ خېلىلا ساقىيپ قالغان دادام مېنى ئۆيگە قايتىشقا زورلايتتى. موماممۇ دادامنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ، ئۆيگە قايتىپ تاپشۇرۇق ئىشلىشىمگە دەۋەت قىلاتتى. سىنىپتا مۇئەللىملەر تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر دۆۋە تاپشۇرۇق مېنىڭ ئىشلىشمنى كۈتۈپ تۇرغاچقا، مەنمۇ ئىلاجىسىز ئۆيگە قايتىشقا مەجبۇر بولاتتىم. تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بولۇپ، ئۆينىڭ ئىشىك-دەرىزىلىرىنى مەھكەم تاقىۋېتىپ ئۇيقۇغا كېتەتتىم.
ئىككى ئاي ئالدىراشچلىق ئىچىدە تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. دادامنىڭ پۇتىدىن باشقا ھەممە يېرى ساقىيپ، رەڭگى- روھىمۇ ئەسلىگە كەلدى. لېكىن، بورۇنقىدەك ئىككى پۇتى بىلەن ئالدىمدا تىك تۇرۇپ، «بالام، مەن بازارغا ماڭدىم-ھە!»دەپ ھارۋىسىنى سۆرەپ ماڭالمايدىغان، مەن زۇكامداپ قالغاندا ئىلگىرىكىدەك «ماشنا ساقلاپ بولغىچە، كۆتۈرۈپلا ئاپارسام دوختۇرخانىغا بىردەمدىلا بېرىپ بولىمەن» دەپ، مېنى كۆتۈرگەنچە دوختۇرخانىغا قاراپ تېز-تېز ماڭالمايدىغان بولدى. بۇنىڭدىن دادامنىڭمۇ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولغان، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئازاپلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، دادام بىزگە پەقەت بىلدۈرمەيتتى. ئەكسىچە، بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە تەسەللى بېرىپ «كېرەك يوق، ئىككى پۇتۇم بولمىسىمۇ سىلەرنى يەنىلا گۈلدەك باقالايمەن. بالامنى يەنلا داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقالايمەن» دەپ تۇراتتى. دادامنىڭ بۇخىل ئۈمىدۋارلىققا تولغان گەپ- سۆزلىرى مۇمام بىلەن ئىككىمزنىڭ قەلبىگە ئازىراق بولسىمۇ تەسەللىي بەرگەن بىلەن، دادام ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى دەرت- ئەلەملىرىگە قانداق تەسەللىي تېپىۋاتقانلىقنى بىلمەيتتىم. بەزىدە دادام يالغۇز قالغان چاغلاردا ئىشكتىن كىرىپلا دادامنىڭ چۆرىسى قارىداپ سەل ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزىدىن ياش يۇقىنى كۆرۈپ قالاتتىم. دادام چاندۇرماي «كۆزۈم سەل ئېچىشىپ كېتىۋاتىدۇ-دېسە» دەپ قوياتتى. ئەسلىدە دادام بىزگە تەسەللىي بەرگەن بىلەن ئۆزى يالغۇز قالغاندا ياش تۆكىدىكەن. ئۆزىنىڭ مېيىپ بولۇپ قالغىنىدىن ئاھ ئۇرىدىكەن. دادا! سەن قانچە قېتىملاپ ئۆزۈڭ يالغۇز ئولتۇرۇپ يىغلىغان بولغىيتتىڭ-ھە!
مەسئۇل دوختۇر دادامنى دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىكەتسەڭلا بولىدۇ دېگەندىن كېيىن، دادامنى دوختۇرخانىدىن ياندۇرۇپ چىقتۇق. ئۆيدە بىرمەزگىل كۈتۈنۈپ ئوبدانلا بولۇپ قالدى. بىر كۈنى چۈشتە مەكتەپتىن قايتىپ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ، دادام بىلەن مومامنڭ ئۆي ئىچىدىكى پارىڭى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى.
-ئانا، سىلىگە جاپا سېلىپ قويدۇم، پاراكەندە قىلىپ قويدۇم،-دېدى دادام گۇناھكارلاردەك بىر خىل قىياپەتتە. مومام تولىمۇ مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىنى دادامنىڭ سەل ياداپ قالغان تۇرقىغا تىكىپ تۇرۇپ:
-ئۇنداق دېمەڭ. قولىمىزنىڭ قىسقىلىقىدىن سىزنى ياخشى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالىتالماي قالدۇق. ئالدىڭىزدا خىجىلمەن بالام. ھېلىمۇ ئىلگىرى ئارماننىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن دەپ پۇل يىغىپ قويۇپتىكەنسىز، شۇ پۇللار بولمىغان بولسا كىملەرنىڭ ئالدىدا يېلىنىپ يۈرگەن بولاتتۇقكىن تاڭ.
دەرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ ئەينەكنىڭ بىر بۇرجىكىدىن بويۇنداپ قارىغاچ دادام بىلەن مومانىڭ قىلىشقان پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. «دادام ئەسلىدە مېنىڭ ئوقۇشۇم ئۈچۈن پۇل يىغىپتىكەن-دە؟! بۇ پۇل تازا ياخشى ۋاقىتتا ئەسقاتتى»دەپ ئىچىمدە دادامدىن پەخىرلىنىش، سۆيۈنۈش تۇيغۇسىغا چۆمدۈم.
-مېنىڭ مۇشۇ نەسلىكىمنى قارىمامدىغان، بالام ئۈچۈن يىغىلغان پۇللارنىمۇ تۈگىتىۋەتتىم،-دادام ئۆزىنى ئەيبلەۋاتاتتى. ئۆزىدىن ئاغرىنىپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى.
-كونىلار «ئاش بولسا قازان، جان بولسا جاھان» دەپتىكەن. سىزمۇ ساقايدىڭىز، ئارمانمۇ چوڭ بولۇپ ئەقىل تاپتى. بىز بولغاندىكىن بىر ئىش قىلارمىز. ئارتۇق غەم قىلماڭ.
-بىرەر ئىش قىلغۇدەك دەسمىمۇ قالمىدى. مېنڭ تۇرقۇم مانا مۇشۇنداق تۇرسا، قانداقمۇ قالارمىز ئەمدى؟
-ئارماننىڭ ئانسىدىن قالغان ئازىراق زىبۇ- زىننەتلەر بار ئىدى. ئارمان چوڭ بولغاندا ئەسقىتىپ قالار دەپ ساقلاپ قويغاندىم. مېنڭمۇ مومامدىن قالغان ئىككى تال كۆمۈش بىلەيزۈكىم بولىدىغان، شۇلارنى پۇل قىلىپ، شۇ پۇللارنى دەسمىي قىلىپ كىچكىرەك بولسىمۇ بىرەر ئىش قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈپ تۇرايلى. كېيىنچە ھەممە ئىشلار ياخشلىنىپ كېتەر،-مومام شۇنداق دەپ، ئىچكىرىكى ئۆيدىن رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن بىر لاتا سومكىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ئاغزىنى ئېچىپ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ دادامنىڭ ئالدىغا قويدى. دادام دەرىزىدىن كىرىۋاتقان ئاخىرقى قۇياش نۇرىدا سۇس چاقناپ تۇرغان زىبۇ-زىننەتلەرنى كۆرۈپ بىرنەرسە دېيىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللەپ تۇرۇپ قالدى.
-ھېچنېمە دېمەڭ، شۇنداق قىلايلى بالام. كۈنلەر ياخشىلانغاندا ھەممە نەرسىنى تۇلۇقلىۋالغلى بولىدۇ. ئارمان ئۈچۈن يەنە پۇل يىغمىساق بولمايدۇ.
-دادا، مەن ئوقۇمايچۇ؟ ھۈنەر ئۈگەنگەچ سېنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئالاي، كۆپ پۇل تېپپ، سېنىڭ پۇتۇڭنى داۋالىتاي،-ئىشكتىن ئېتىلىپ كىرىپلا تۇيۇقسىز ئېيتىلغان سۆزلىرىمدىن دادام بىلەن مومام داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى.
-مەن قانداقكەنمەن؟ مانا، ئۆزۈم چاقلىق ئورۇندۇق ئۈستىدە بولغىنىم بىلەن، ھەركىتىم شۇنداق چاققان تۇرمامدۇ؟-دادام چاقلىق غالتەكنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىتتىرىپ ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياق- بۇياققا بىرنەچچىنى ئايلاندۇرغاندىن كېيىن،-سەن ئوقۇيسەن، مەن  ھاياتلا بولسام چوقۇم ئوقۇيسەن. ئەخلەت تېرىپ بولسىمۇ سېنى ئوقۇتۇپ، ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقالىساملا تارتقان جاپا- مۇشەققەتلىرىم كۆزۈمگە كۆرۈنمەيدۇ. شۇڭا ھەرقانداق بىر ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئوقۇيسەن!...-دادامنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن قەئىي نىيەتكە كەلگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
موماممۇ دادامنىڭ پىكىرىنى قوللايتتى. مېنى ئوقۇتۇپ، كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالىمنى تېپشىم ئۈچۈن ھەرقانداق جاپا- مۇشەققەتلەردىنمۇ باش تارتمايدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىككى جۈپ ئۈمىدلىك كۆزدىن تارالغان مېھرى- مۇھەببەت، ئىلھام- مەدەتنىڭ ئۆتكۈر نۇرلىرى يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۆچمەس بىر ئوتنىڭ يالقۇنىنى يېلىنجىداتتى.
مومام بىلەن دادامنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرى، زور بەدەللەرنى تۆلىشى نەتىجىسدە تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ تاماملاپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتھانىدا ئەڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان تىببىي مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەنىدى. «ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ پۈتتۈردۈم. ئالىي مەكتەپتە قايسى پۇل بىلەن ئوقۇيمەن؟ دادامنىڭ چاقلىق غالتەكتە ئولتۇرىۋېلىپ ئۇششاق تۇرمۇش بويۇملىرىنى سېتىپ قىلغان كىرىمى ئۆينىڭ دەردىگە دەرمان بولالمايۋاتسا؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مومام ياشىنىپ ئاغرىقچان بولۇپ قالغان تۇرسا؟ يەنىلا ئوقۇماي، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن بىرەر يەردە ئىشلەپ بولسىمۇ ئۆينىڭ يۈكىنى ئۈستىمگە ئالاي. شۇنداق قىلاي. لېكىن، دادام بىلەن مومام قوشۇلامدۇ؟ قانداق قىلاي؟ كىمدىن ياردەم سوراي؟...» ئايىقى چىقماس گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە پۇچىلىناتتىم، چوغ ئۈستىگە تاشلانغان قىلدەك تولغىناتتىم.
ئوقۇش بىلەن ئوقۇماسلىق ئۈستىدە ئېنىق بىر قارارغا كېلىپ بولالماي، ئالىي مەكتەپتىن كەلگەن چاقىرىق قەغىزىنى ئۆيدىكلەرگە خېلى بىر ۋاقتقىچە كۆرسەتمىدىم. دادام بىلەن مومام پات- پات:
-سەن بىلەن بىرگە ئىمتھان بەرگەن بەزى ساۋاقداشلىرىڭغا چاقىرىق كەپتىمىش، ساڭا تېخىچە كەلمىدىما؟ ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان ئەليول ئەلاغا ھازىرغىچە چاقىرىق كەلمىگنى نېمىسى؟ ئوبدانراق سۈرۈشتۈرۈپ باقمىدىڭمۇ-يا؟-دەپ سوراپ تۇراتتى. مەن ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا:
-بىلمىدىم، بولمىسا سۈرۈشتە قىلىپ تۇرۋاتىمەن. كەپ قالار، نېمىگە ئالدىرايتتىم،-دەپ پەرۋاسىزلا جاۋاپ قايتۇراتتىم.
پاختنىڭ ئىچىدە چوغ ساقلىغىلى بولمىغاندەك، يۇشۇرۇپ كەلگەن سىر ئاخىرى ئاشكارىلاندى. بىر كۈنى سەھەردىلا ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى، ناھىيەلىك مائارىپ تارماقلىرىدىن بولۇپ بىر نەچچە ئادەم ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان  بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پولى تارقىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ بار- يوقلىقىنى ئارقا تەكشۈرۈش قىلىپ كەلگەن ئىكەن. قولۇمغا مۇكاپات ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن 10مىڭ يۈەننى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ:
-سىزنىڭ ئائىلە شارائىتىڭىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. سىز خاتىرجەم ئوقۇڭ، سىزنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بولغان ۋاقىتتىكى ئوقۇش پۇلىڭىزنى بىز يۇقىرى دەرىجلىك رەھبەرلەرگە دوكلات قىلىپ، بۇ قىينچىلىقىڭزنى ھەل قىلىمىز،-دېدى ــ ئارىدىن ئېغىر بېسىق، تولىمۇ سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر باشلىق.
شۇنداق قىلىپ نەچچە ۋاقتتىن بېرى يوشۇرۇپ كەلگەن سىر ئېچىلىش بىلەن بىرگە، ئالدىمنى تاغدەك توسۇپ تۇرغان قىينچىلىقمۇ ھەل بولۇپ، ئۈستۈمدىن ئېغىر يۈكنى چۆرۈپ تاشلىغاندەك يېنىكلەپ، ئەركىن نەپەس ئالدىم. ساخاۋەت بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىلا بىزنى ئايلىنىپ يۈرىيدىكەن، ۋاقتى كەلگەندە ساخاۋەتلىك قوللار بىزنىڭ مۈشكۈلىمىز ئۈچۈن سونۇلۇپ، ئازابىمىزنى يېنىكلىتىدىكەن. مانا مۇشۇنداق ساخاۋەتلىك قوللارنىڭ بەركىتىدە ھاياتلىق تېخمۇ گۈزەل، تېخمۇ قىممەتلىك بىلىنىسە كېرەك!
دادام بىلەن مومام كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ، نۇرغۇنلىغان ئارزۇ- ئۈمىد ھەم تىلەكلەر بىلەن مېنى ئالىي مەكتەپكە ئوزۇتۇپ قويدى. ئالىي مەكتەپ  بوسۇغىسدىن قەدەم تاشلىغان ئاشۇ كۈن مەن دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ھەم پەخىرلىك تۇيغۇلارغا چۈمگەن كۈنۈم بولدى. بۇ بەخت ھەم پەخرلىنىشنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ مەن ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ تىنىمىسز شاۋقۇنلىرىغا ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان دادام، ئاخىرقى كۈچ قۇۋۋىتىنىمۇ مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن ئاتا قىلىپ كەلگەن مومام، يەنە مېنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشۇمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ بەرگەن ئاشۇ ئاقكۆڭۈل، ئەلسۆيەر كىشىلەر ئاتا قىلغان، ئەلۋەتتە.
بىر خوشاللىقنىڭ بىر قايغۇسى بار دەپ، ئالىي مەكتەپكە بارغان تۇنجى ئوقۇش يىلى كەچكۈزدە پەرىشتىدەك مومامدىن ئايرلىدىم. يۈرەك باغرىم سېغىنىش ئوتلىرىدا ئۆرتەندى. كۆزلىرىم ئازاپ ياشلىرى بىلەن تولدى. «موما، مەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغچە تىرمىشىپ كەلگەن جېنىم موما، نەۋرەڭنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئالدىڭغا خوشال قايتىپ كەلگەنلىكىنى، خىزمەتكە چىقىپ ئالغان تۇنجى مۇئاشىنى ئالدىڭغا كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بىر كۆرگەن بولساڭ ئىدىڭ كاشكى. ئاھ! رەھىمسىز تەقدىر، مېنى ھاپاش قىلىپ كۆتۈرگەن ئاجىز تەننى بىر قېتىم بولسىمۇ ھاپاش قىلىپ كۆتۈرۋالغان بولسام ، پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ بەخت تىلگەن قوللارنى يۈزلىرىمگە سۈرتىۋالغان بولسام ئىدىم-ھە؟ يۈرىكىمنى پۇچىلاۋاتقان پۇشايمان ئوتلىرى ئازىراق بولسىمۇ بېسىقار ئىدى موما. خەير، ئەلۋىدا موما، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاشۇ ئۆيلىرىڭدە قالغان ھىدىلىرىڭنى، ئىزلىرىڭنى، ھەر دائىم پەرۋىش قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئالما كۆچىتىڭنى ئۆزۈم ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تەۋەرۈك قىلىپ ساقلايمەن» دەپ ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۆز- ئۆزۈمنى بەزلىدىم.
مومام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، دادام يالغۇز قالدى. پات- پات تېلىفۇن ئارقىلىق كۆرشۈپ تۇرساقمۇ، يەنىلا دادامدىن ئەنسىرەيتتىم. دادام بولسا ئۆزىدىن ئەمەس مېنىڭدىن ئەنسىرەيتتى، مېنى ئويلايتتى، مېنىڭ غېممنى يەيتتى. ھەر قېتىم تېلىفۇندا پاراڭلاشقاندا، دادام:
- خاتىرجەم بول، مەن ناھايىتى ياخشى تۇردۇم. قوشنىلارمۇ كۈندە نەچچە ۋاق يوقلاپ تۇرىۋاتىدۇ. ئىش- ئوقەتلىرىممۇ ياخشى. سەن ئۆزۈڭ قانداق تۇرۋاتىسەن؟ سالامەت تۇرۋاتامسەن؟ ئۆگۈنىشلىرىڭچۇ؟ ياخشى ئوقۇ بالام. پۇل ئېۋەتسەم قايتۇرۋېتىپسەن. بىرتەرەپتىن ئىشلەپ، بىرتەرەپتىن ئوقۇساڭ ئۆگۈنىشىڭ، سالامەتلىكىڭگە تەسىر يىتىپ قالىدۇ. مەندىن ئەنسىرىمە،-دەيتتى.
ئاتىلارنىڭ باغىرىمۇ ئانىلارنىڭ باغرىدەك چەكسىز مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان ئىكەن. ئۇلارمۇ ئۆز پەرزەنتىنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب-ئوقىبەتلەرنىڭ ئوتىدا كۆيۈشكە، سۈيىدە ئېقىشقا ھەر دائىم تەييار ئىكەن.  مېنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان دادام ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ بىر دادا، مەنلا ئەمەس، دۇنيا بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان دادا.
-تەسىر يەتمەيدۇ. سالامەتلىكىممۇ شۇنداق ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپتىن تاماق ياردەم پۇلى بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇيىللىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغىمۇ چوقۇم ئېرىشىمەن. مۇكاپات پۇلىنى ئالساملا ساڭا ئېۋەتىپ بېرىمەن. شۇنداق بولسۇن، مەندىن ئەنسىرىمەي ئۆزۈڭنى ياخشى كۈتكىن دادا،- پاراڭلىرىمىز ئەنە شۇنداق بىر- بىرىمىزدىن ئەنسىرەش، غەم يېيىش، ئىلھام- مەدەت بېرىش، ياخشى تىلەكلەرنى تىلەش بىلەن داۋام ئېتەتتى.
تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ بارغاندا بىرتەرەپتىن قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆپرەك ۋاقىت ئاجىرتىپ دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتىم. دادامنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئايلاندۇرۇراتتىم، باغچىلارغا ئاپىراتتىم. كەچلىرىدە ئالىي مەكتەپتىكى ئىشلىرىم توغرىسىدا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتەتتۇق. بەزىدە دادام مېھرى- مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرۇپ:
-چوڭ بوپسەن، سېنىڭ بۇ ھالىتىڭنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدۇم، سەندىن پەخىرلەندىم، ئوغلۇم.  رەھمەتلىك ئاناڭ، موماڭنىڭ روھىمۇ سەندىن خۇش بولىۋاتىدۇ. بۇ دۇنيالىقتا ئەمدى مېنىڭ باشقا ئارمانلىرىم قالمىدى،-دەيتتى ئىپتىخارلىق، پەخىرلىنىش ئىلىكىدە.
تەتىل ۋاقتى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك، خۇشاللىق ئىچىدە تېزلا توشۇپ كەتتى. دادام بىلەن يەنە خوشلۇشۇپ مەكتەپكە يول ئالدىم. دادام يەنىلا ماڭا بەخت تىلەپ ئارقامدىن قارىغانچە يالغۇز قالدى. ئۆزۈم كاتتا شەھەردىكى كاتتا بىلىم يۇرتىغا ماڭغان بىلەن قەلبىم يەنىلا بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ جاپا- مۇشەققەتلەر ئىچىدىن ئېرىشىپ كەلگەن خۇشاللىق ھېسلىرىگە تولغان كونا ئۆيدە، دادامنىڭ  دائىم ئىتتىرىپ ماڭدىغان چاقلىق ئورۇندۇقلىرىنىڭ تىنىمسىز ئىزلىرىدا قالدى.
دادام بىلەن رەھمەتلىك مومامنىڭ ھەر ۋاقىت مەدەت، ئىلھام بېرىپ تۇرغان ھالەتتىكى سىيماسى ماڭا روھى ئوزۇق بېرىپ تۇراتتى. ياخشى نەتىجلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالغا ئىنتىلدۈرۈپ تۇراتتى. ئەنە شۇ ئۇلۇغ بىر روھنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆگەندىم، تىرىشىپ ئۆگەندىم. دەرستىن سىرتقى كۇرسلارغا قاتنىشىپ تىل، كومپيوتېر بىلىملىرىنمۇ ياخشى ئىگەللەپ ماڭدىم. تىرىشچانلىقىمنىڭ تۇنجى نەتىجىسىنى كۆردۈم. ئىككنچى ئوقۇش يىلى باشلىنىپ ھەپتە ئۆتمەي مەكتەپنىڭ يىغىن زالىدا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدىم. مۇكاپات پۇلىنى سىقمداپ تۇتقان قوللىرىم بىرخىل ھاياجان ئىلىكىدە تىترەيتتى. پۇلنى تۇتۇپ تۇرۇپ يىراقتا قالغان دادامنىڭ سىيماسى كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرغاندەك، «يارايسەن بالام، مەن سەندىن رازى بولدۇم، ئۆزۈمنىڭ ئاتىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالىغانلىقىمدىن خۇش بولدۇم. سەن ماڭا ئۇلۇغ بىر ئاتىنىڭ ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى ئاتا قىلدىڭ»دەۋاتقاندەك تۇيۇلدى. كۆزۈمدىن سىرغىپ چىققان ئىككى تامچە ياش قولۇمدىكى پۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە ئۆزۈمگە قايتىپ كەلدىم. تۆۋەندە ئولتۇرغان مىڭلىغان ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالقىش سادالىرى زالنىڭ ئىچىنى بىر ئالغانىدى. بۇ ئالقىش سادالىرىدىن « ئارمان، سېنى تەربىيەلگەن داداڭغا بارىكاللا»دېگەن ئەكىس سادا ياڭراۋاتقاندەك تۇيىلاتتى.
مۇكاپات پۇلىنى ئۆز قولۇم بىلەن دادامغا بېرىش ئۈچۈن ئالدىمىزدا نەچچە كۈن ئارام ئېلىشقا قويۇپ بېرىدىغان بايرامنى ساقلاپ كۈنلىرىم كۈتۈش، سېغىنىش تۇيغۇلىرى ئىچىدە كۈن ساناپ ئۆتتى. ئادەم بىر نەرسىگە تەقەززار بولغاندا شۇ نەرسە ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ قىممەتلىك بىلىنىدىكەن، ھەرۋاقىت كۆڭلى شۇ نەرسە ئۈچۈن ئىنتىلىدىكەن.
بايرام ۋاقتى كەلدى. دادامغا يېڭى چاقلىق ئورۇندۇقتىن بىرنى سېتىۋېلىپ، قالغان پۇللارنى يۈرىكىمگە تاڭغاندەك چىڭ تۇتۇپ يۇرتقا قاراپ ماڭدىم. ماشنا ھەيۋەتلىك ئېگىز تاغلارنى، قاقاس-سايلىقلارنى، كۆجۈم يېزا - مەھەللىلەرنى ئارقىسدا قالدۇرۇپ ئۇچقاندەك ماڭماقتا. يۈرىكىممۇ ماشىنىغا ئەگىشىپ تار كوچىلار ئارىسىدىكى كونا ئۆينىڭ ئالدىدا مېنى ساقلاپ ئولتۇرغان دادامنى ئەسلەپ، سېغىنىش ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلماقتا. ماشىنا ئىچىدىكى ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، پەقەت مەنلا شوپۇرغا ھەمرا بولىۋاتقاندەك ئۇيقۇسىز، كۆزۈم ماشنا دېرىزىسدىن يىراق- يىراقلارغا تىكىلمەكتە ئىدى. ئاۋۇ تاغلار كەيندىن ئۆتسەكلا يۇرتقا بارىمەن، دادامنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بارغانچە: «دادا، ئەجرىڭنىڭ تۇنجى مېۋىسنى ساڭا ئېلىپ كەلدىم»دەپ ئوقۇش موكاپات پۇلىنى دادامنىڭ قولىغا تۇتقۇزىمەن. ئاشۇ پۇللارغا دادامغا يارىشىملىق بىر قۇر كىيىم ئالىمىز، كاتتا ئاشخانىلارغا كىرىپ، ئېسىل قورىمىلارنى بۇيرۇتۇپ دادام بىلەن قارىشىپ ئولتۇرۇپ بىرگە يەيمىز، يەنە... ئىشقىلىپ، جىق ئىشلارنى قىلىمىز. دادا، ھازىر مۇشۇ تاپتا ھاياجاندىن يۈرىكىم يۈرەك قەپىسىمگە پاتمايۋاتقاندەك تېپچەكلىمەكتە. كۆزلىرىم يۇرتىمىزنى ئايرىپ تۇرغان تاغلارنى تېشىپ ئۈتۈپ، مەن ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بەدەللەرنىڭ قۇربانى بولغان دادامنى ئىزدەۋاتقاندەك يىراقلارغا تەلمۈرمەكتە. مانا، ئازلا قالدى، ئۆز نەتىجەم ئارقىلىق ئېرىشكەن تۇنجى خۇشاللىقنىڭ لەززىتىنى دادام بىلەن بىرگە سۈرۈشكە ئازلا ئارىلىق، ئازلا ۋاقىت قالدى.
ئەنە، شۇنداق ھاياجان، خۇشاللىق ئىچىدە بېكەتتىن كىچىك كىرا ماشىنىسى ئارقىلىق ئۇدۇل ئۆيگە چاپتىم. ئۆي ئالدىغا بېرىپ، ئىشككە سېلىنغان داتلىشىپ كەتكەن يوغان قولۇپنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. «دادام نەگە كەتكەندۇ؟ ئون نەچچە كۈن بورۇنلا دادامغا بۈگۈنكى كۈندە قايىتپ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرۇپ قويغان ئىدىمغۇ. ئەجابا، دادام ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ ياكى مېنىڭ ئالدىمغا بازارغا كەتكەنمدۇ؟...» شۇ خىيال بىلەن تام قوشنىمىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكنى چەكتىم. ئۆيدىن قوشنىمىز زورىخان ئانا چىقىپ كەلدى. زورىخان ئانا بېشىغا ئاق داكا ياغلىق چىگىۋالغان بولۇپ، قارىماققا مۇسىبەتلىك بولۇپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. دادامنى سوراشتىن ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم.
-كەلدىڭمۇ بالام، يۈر، ئۆيگە كىرى،-دېدى زورىخان ئانا بىر خىل ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن كۆزلىرىمگە قاراپ.
-بولدى، كېينچە كېرەرمەن زورىخان ئانا، دادام نەگە كەتكەندۇ؟ ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىم بىلەن دادامنى بىر خوش قىلىۋېتەي دېگەنىدىم،-دېدىم دادام بىلەن تېزراق يۈز كۆرۈشۈشكە ئالدىراپ.
-ئەمسە سېنىڭ ئۆيۈڭگە كىرەيلى،-زورىخان ئانا مېنى باشلاپ ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغا كەلدى، يېنىدىن ئاچىقۇچنى چىقىرىپ، قولۇپنى ئېچىپ ئۆينىڭ ئىچىگە ماڭدى. مەنمۇ كەينىدىن ئەگشىپ ماڭدىم. « بىزنىڭ ئۆينىڭ ئاچىقۇچى زورىخان ئانامدا نېمە قىلىدىغاندۇ؟ دادام بىرەر يەرگە ئالدىراش كېتىپ قالغان بولسا، مېنى تالادا ساقلاپ قالمىسۇن دەپ، بېرىپ قويغانمىدۇ-يا؟»دېگەن خىياللار بىلەن ئۆيگە كىرىپ قالغانلىقىمنىمۇ سەزمەيلا قاپتىمەن.
-داداڭ بۇ ئۆيدىن ئاخىرقى قېتىم چىققاندا سەن يېنىدا بولماي قالدىڭ. ئۇ سېنىڭ بايرامدا كېلىشىڭنى كۈتكەنىدى. ئۆمرى يار بەرمىدى. داداڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىپ جان ئۈزدى،-زورىخان ئانىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك، لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ئوتقا تاشلانغاندەك بولدۇم. كەلكۈن سۈيىدەك يامىراپ كېلۋاتقان دەرد- ھەسرەتلىرىمنى، ئازابىلىرىمنى ياشلىرىم ئارقىلىق پەسەيتمەكچى بولغاندەك ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ ھۆڭرەپ يىغلدىم. مېنىڭ پىغانلىق ئاھۇ- زارىمغا چىدىمايۋاتقاندەك ئۆينىڭ تام-تورۇسلىرى، ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە تىترەۋاتقاندەك قىلاتتى. يۈرىكىم نالە قىلاتتى. ئايرىلىش ئازابى پەرياد ئۇراتتى. «ئاھ، نە قىلاي، پەرزەنتنىڭ تۇنجى خۇشاللىقىدىن بىرگە بەھرىمان بولۇشقىمۇ نېسىپ بولالمغان دادامنى نەدىن ئىزدەپ تاپاي، نەدىن چاقىراي. ئەي تەقدىر، بىزگە نېمانچە رەھىمسىزدۇرسەن...؟ » دەپ نالە قىلاتتىم.
-سەۋرى قىل بالا، ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار، ھېچكىم بۇ قىسمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس، بەزىمىز بەزىمىزدىن بالدۇر كېتىدىكەنمىز. داداڭ تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، نىيىتى دۇرۇست، تىرىشچان ئادەم ئىدى. ئۇ بۇ ئۆمرىدە سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈنلا ياشاپ كەلدى،-دېدى زورىخان ئانا ماڭا تەسەللىي بېرىپ.
-دادام قاچان؟ قانداق بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى؟- مۇشۇ گەپلەرنى ئاغزىمدىن ئاران چىقىرالىدىم.
-سەن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كېتىپ، ئۇزاق ئۆتمەي كۈندۈزلىرى بازارغا ئېلىپ چىققان سەرەڭگە- سوپۇنلىرنى يىغىشتۇرۇپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئىدارە- ئورگانلار قورۇسى ۋە كوچىلاردىكى ئەخلەت تۇڭلىرىدىن ئىچىملىك قۇتىسى، قەغەز يەشىكلەرنى تېرىپ، كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغىۋالدىغان يەرگە ئاپىرىپ سېتىپ يۈردى. نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىساق، ئارمانمۇ چوڭ بولۇپ قالدى، ئالىي مەكتەپ دېگەنگە پۇل جىق كېتىدۇ. ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالسا بولمايدۇ، شۇڭا كۆپراق پۇل ئېۋەتىپ بەرمىسەم بولمايدۇ. ئېشىپ قالسا يىغىپ قويسام، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلسە، بېشنى ئوڭلايدىغانغىمۇ پۇل لازىم بولىدۇ، دەپ جاۋاپ بەردى ھەم مەھەللىدىكلەردىن بۇ ئىشلارنى سەندىن مەخپى تۇتۇشنى ئۆتۈندى. سەن تەتىلگە كەلگەندە ۋاقتىنچە بۇ ئىشلارنى قىلمىدى. سەن كەتكەندە يەنە ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئالدىنقى ھەپتە شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ئەخلەت مەيدانىغا بېرىپ، قايتاشىدا غالتەككە تېڭىۋالغان قۇتا، قەغەز يەشىكلەر بىر تەرەپكە سۆرەپ كېتىپ، يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يارداڭلىققا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىز داداڭنىڭ خەۋىرنى ئۇققاندا دوختۇرخانىنىڭ جېددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ئىكەن. بىر چاغدا مەسئۇل دوختۇر كۆرۈشىۋېلىشىمىزنى ئېيتتى. قوشنىلاردىن بىر نەچچەيلەن كىرىپ، داداڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈپ چىقتۇق. ئوقۇشۇڭغا تەسىر يىتپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ داداڭ بىزگە ھازىرچە ساڭا خەۋەر قىلماسلىقنى ئۆتۈنگەچكە خەۋەر قىلالمىدۇق. داداڭ بۇ دۇنيادا پاكىز ياشاپ، پاكىز كەتتى. ئۇ ئالەمدە روھىمۇ پاكىز نۇر ئىچىدە بولىدۇ.....
ئىچ- باغرىمنى كۆيدۈرىۋاتقان ئازاپ،  سېغىنىش تۇيغۇسى بىراقلا دەۋرەپ كەلدى. «دادا، مەن ئۈچۈن شۇنچە قۇربانلىقلارنى بەرگەن ئىدىڭىز، مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىزنىڭ بىرنى قايتۇرۇش نىسىپ بولماي تۇرۇپ، يەنلا مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن ھاياتىڭىزنى بەدەل قىلدىڭىز. سىزنىڭ مەن ئۈچۈن تۆككەن ئاشۇ ئەجىر- مېھنەتلىرىڭىزنى ئەمدى قانداق قىلىپ قايتۇراي، پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى قانداق ئادا قىلاي. دادا! سىزنى چاقلىق ئورۇندۇقىڭىزدىن بىرەر قېتىم بولسىمۇ دەس كۆتۈرۈپ كىچىكلىكمدە سىز مېنى كۆتۈرگەندەك، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ پۇتلىرىڭىزنى ساقايتىشقا نېسپ بولماي تۇرۇپلا كېتىپ قاپسىز. سىز بىلەن يوللاردا، باغچىلاردا قول تۇتۇشۇپ بىرگە مېڭىشقا نېسىپ بولماي كېتىپ قالدىڭىز. يۈرىكىمنى ئۆرتەۋاتقان پۇشايمان، ئازابلارنىڭ قوينىدا قاقسەنەم بولۇپ قاقشاپ ئۆتەيمۇ، دادا!...»
ھالسىز پۇتلىرىمنى سۆرەپ، زومچەك- زومچەك قەبرىلەر ئارىسىدىن تاغنىڭ يان باغرىغا جايلاشقان، توپىلىرى تېخى قېتىشمىغان پاكار قەبرە ئالدىغا بېرىپ يۈكۈنىپ ئولتۇرۇپ، دادامنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدىم. نەم توپا ئۈستىگە ياشلىرىم تىنىمسىز تۆكۈلمەكتە. يۈرەك باغرىم سېغىنىش، پۇشايمان ئىچىدە ئۆرتەنمەكتە. تۇپراق بېشىدا قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. شۇ چاغدا پۈتۈن ئەسيادىمنى چۇلغىۋالغان ئازابلىق ھالىتىمنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم. تېنىم ماغدۇرسىزلىنىپ، روھىم مەڭگۈ دادام بىلەن بىللە كەتكەندەكلا تۇيىلاتتى. دادامنىڭ روھى ئاشۇ پاكىز نۇرلار ئىلكىدە، مېنى بىر نۇرانە پەللىگە يېتىلەپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى....
قەبرە بېشىدىن يېنىپ، دادام قازا قىلغان شەھەر سىرتىدىكى ئەخلەت مەيدانىغا باردىم. سېسىپ كەتكەن ئەخلەتلەرنىڭ ئاچچىق پۇراقلىرى دىماقنى ئېچشتۇراتتى. شامالدا كېرەكسىز قەغەز پارچىلىرى، سۇلياۋ خالتىلار ئۇياقتىن- بۇياققا ئۇچۇپ، كۆتۈرلىۋاتقان ئاچچىق توپا يۈز- كۆزگە نەشتەردەك ئۇرۇلاتتى. قەدەملىرىم شۇقەدەر ئېغىر. شۇ تاپتا بۇ يەر ماڭا نە مەينەتچلىك، نە سېسقچىلىق بىلىنمەيدۇ. ئەتراپتىن دادامنى ئىزدەۋاتقان كۆزلىرىم ھەرتەرەپكە تەلمۈرۈپ قارايدۇ. كۆزئالدىمدا تۇيۇقسىزلا بىر نۇر ھاسىل بولدى. دۆۋە- دۆۋە ئەخلەتلەر ئارىسىدىن ئىللىق كۈلۈمسىرىگەن بىر تونۇش چىراي كۆرۈنگەندەك قىلدى. بۇ دادامنىڭ روھىدەك قىلاتتى. بىر نۇر، ئىككى نۇر.....ئەڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان پاكىز روھنىڭ كەينىدىن سانسىزلغان پاكىز روھىلار كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۆزۈمنى قۇيىۋېتىپ، غۇلىچىمنى يېيىپ «ئاھ مېھرىبان دادام..!...» دەپ چۇقان سالغانچە، ئاشۇ روھلارغا تەلپۈنۈپ يۈگۈردۈم.  




«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى»مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-25 20:54  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-25 22:41:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شېرىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 05:31 PM  

ناھايىتى تەسىرلىك يېزىلىپتۇ .بالىسى ئۈچۈن قايتا تۇرمۇشلۇق بولماي  يىگانە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئ‍اتىلاردىن نەچچىسى باردۇ ھە

ۋاقتى: 2002-1-1 03:55:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىدىكى ‹‹ سەي-كۆكتات ›› بىر سۆز بولغاچقا ‹‹ كۆكتات ›› دەپ ، ‹‹سۇلياۋ ›› نى يالتىراق خالتا دەپ يېزىش كېرەك ئىدى .  ھىكايىنىڭ ئاخىردىكى بايانلار يەنى چاقىلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئادەم ئەخلەت ساندۇقىدىن كېرەكسىز نەرسېلەرنى يىغىپ بازارغا سۆرەپ ئاپىرىپ ساتالىسۇن . ھېكايە ۋەقەلىكى چىنلىقتىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق؟ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2002-1-1 13:44:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىئاللىق ھىچقاچان ئىنساننىڭ ئويلىغىندەك بولۇپ باقمىغان، ھاياتىمىزدا بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلار، قۇبۇل قلالمايدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
بۇ ھېكايە ئەمىلىيەت ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ يېزىلغان بىر تېما.

ۋاقتى: 2002-1-1 15:12:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھېكايە تەسىرلىك يېزىلىپتۇ. بىر تىنىقتا ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئەمما، ئىملا خاتالىقى كۆپ كۆرۈلۈپتۇ. مەسىلەن: بۇنىڭ ئىپادىسىنى ماۋزۇدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. پاكىز روھ ئەمەس، پاكىزە روھ دەپ يېزىلسا توغرا بولاتتى. ئىنىم ئابدۇسالامنىڭ بۇ جەھەتتە كۆپراق دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-1-28 23:26:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم ئابدۇسالام  ھىكايىنى قىزىقىش ۋە ھاياجان ئىچىدە تەپسىلىي ئۇقۇپ چىقتىم . ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، يەنىمۇ تىرىشىڭ . مۇۋەپپىقىيەت سىزگە يار بولسۇن .

ۋاقتى: 2016-1-29 14:39:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىروزا ژانېرىدىمۇ يېڭى-يېڭى بەدىئىي پەللىلەرگە يىتىشىڭىزگە تىلەكداشمەن، ئىنىم.
شېئىرنى تاشلاپ پىروزىغا كۆچۈۋالماسسىز-ھە؟...

ۋاقتى: 2016-1-29 15:38:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇسرەت تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2016-3-29 16:30:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىمۇ تىرىشىڭ، ئۇتۇق تىلەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش