ئەسلىمە يىغىپ ساقلىغۇچى
ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار
تال چىۋىق سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ يۈرەك پارچىلىرىنى تەرمەكتە ئارمان،
تەرمەكتە يەنە قىزغىن خىياللارنىڭ چوغدەك ئىنتىلىشلىرىنى.
تۇرنىلارنىڭ سەپ تۈزۈشىدە كەلسە نەۋباھار،
يۇمران شاخلارنىڭ ئاراچلىرىدا ھېكايىلەر بار.
ئات تۇياقلىرىدا قوۋۇرغىسى سۇنغان ساي،
يۇلغۇن قىزارغان دالىدا تارىخنىڭ ساداسى تولۇنئاي.
گۈلزارىستاندا جان غۇنچىلىرى مەنىلىك ئۆلۈم بىلەن ئېچىلغان
دەريا شاۋقۇنى ئاقتۇرۇپ كەتكەندە ئەتىنىڭ ئىستەكلىرىنى...
يەر قاتلىمىدا قاننىڭ ھىدى گۆپۈلدەپ تۇرىدۇ،
يوللار ئېتىكىدە بىقەدىر چېچىلىپ ياتقان تەكرار ئېسىتنامە.
ئۆينىڭ ئۇلى تاش بىلەن قوپۇرۇلغاندەك،
قۇدرەتلىك ۋەتەننىڭ ئۇلى تالاي جان بېرىشلەردىن پۈتكەن.
قۇم باسقان قەبرىلەرنىڭ مىڭ يىللاردىن كېيىن ئارخىلوگىيلىك ئىزدېرىكى بولغاندەك،
ئەسلىمە يىغىپ ساقلىغۇچىنىڭ يۈرىكى پىغان بىلەن ئۆكسۈپ ئاقىدۇ،
ۋەھىمە قۇشلىرى چوقۇشۇپ، چۇرۇقلىشىپ بىر- بىرىنى قىلغاندا پارە- پارە...
يېشىل دەرەخلەر يۈرەك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا،
شاماللار شۈكۈر بىلەن شىپالىق تىلەر بىغۇبار.
كۆپكۆك بۇلۇتلار ئىشەنچكە تولۇپ كۈلۈمسرەيدۇ،
قىزىل تۇغلاردىن پارلىغاندا بىپايان ئاپتاپ.
مېھىر دولقۇنى كۆڭۈل قاقاسلىرىنى باغرىدا ياشنىتار،
ئىسسىق تېنىقلار تويماي بېقىپ دىلبەر ھاياتقا،
ئەسلىمە يىغىپ ساقلىغۇچىنىڭ ھويلىسىنى ئەقىدە بىلەن كېزىدۇ.
2016-1-18
دىئاگۇنۇز
ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار
پاشىغا زۇلۇم قىلمايدىغان يۈرەك چوڭىۋاپتۇ،
ھويلىمىزنىڭ گۈزەل ئاپتىپى ئۆچمەكتە ئاستا- ئاستا.
زەھەرخەندە ئاغرىق جانغا پىچاق سالغان بىكۆيۈم،
مېھىرلىك كۆزلەر ئولتۇرۇشقان ھاياتقا قېيماستىنلا.
قان شىدىرلاپ بىمالال ئاقمايدۇ،
شۇنچە چىپىلغان ئېرىقلارغا لاي- لاتقا توغان سالغاندەك.
ئۈمىد زىيالىرى جىمىرلايدۇ،
ئۆمۈر ھارۋىسىنىڭ چاقى سۇنسىمۇ،
جان ماڭار تاشلارغا ئامالىسز دەسسەپ پىيادە،
ياشاش- قۇرۇق ھۆتەل لەشكەلىرى بىلەن غەليان قىلماقتا.
كۆك ھىدى تىلغا تېتىماي زىنھار- زىنھار،
كەپتەر بۇقۇلدىماقتا پۇچۇلىنىپ مىڭ دانە...
قورقۇنچ تۇمانلىرى قاپلىغان يۈرەك چوڭىۋاپتۇ،
گۇگۇم قورشىماقتا جان يىلتىزلىرىنى گال پالتىدا بىر تال- بىر تالدىن كەسلەپ.
قىزغىن چىراي خېرەلەشمەكتە كوچا چىرىغىدەك،
قېيماسلىق گۈلى سىم- سىم تۆكۈلمەكتە،
سۈزۈك يوللارنى قاراڭغۇ ئىلكىگە ئالغان كەبى دۆشكىلەپ.
يۈرەك چوڭىماقتا،
نەپەسلەر ئېغىرلاشماقتا ئۆپكىنى تاغ ئىككى تەرەپتىن قېستىغاندەك،
قان تومۇرلار دەمېسىرى توسۇلماقتا.
ئۇكۇل ماڭماقتا تومۇرنى ئاچىمەن دەپ،
دورا ئېچىلمكتە يۈرەكنى ياشارتىمەن دەپ.
قىش قار كەبى مۇزلۇق ياغماقتا،
كۆزلەر كۈننىڭ سېرىقىغا ۋۇجۇدىدىن تېۋىنماقتا
بېخلار چۆل، گىياھ،
نەۋباھارنى ھىدلايدۇ قىيا،
سىز بىر قۇياش، پارلايسىز ئانا!
2016-1-17
|