نۇرانە ( 1 )
ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار
تاڭ سەھەردە سابا نۇرانە.
قۇياش كۆتۈرۈلگەن تەرەپتىن ئۈمىد تەبەسسۇم بىلەن پارلىغاندا، ئىشەنچ ئاسماندەك سۈپسۈزۈك تولۇپ تاشقان. جاسارەت، مەردانە قەدەملەر بىلەن ھەركۈندىكى كېچە- كۈندۈز تامان گۈزەل مەنزىلگە ئات سالغاندا. ئىزلار يۇلغۇندەك چېچەكلەيدۇ. دالا گۈللەيدۇ.
ھايات پەسىلدە ياشلىق نۇرانە.
زۇمرەت ئېقىندا شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان قاراكۆزلەرنىڭ ئىسسىق تەلپۈنۈش، چوغدەك يېلىنجاشلىرى قەلبىڭدىكى يۇلتۇزغا ئايلانغان.
تويماي بېقىشقان مەسىتخۇش دەملەردە باھار ھىدى گۆپۈلدەپ تۇرىدۇ. قەلبىڭ لەزىز.
كۈنلەر پايانىدا ياشلىقتا بېسىپ ئۆتكەن قەدەملەرنىڭ نادامەتلىك ۋە مەنالىق يارقىن يالدامىلىرى بار.
ياشلىق- دولقۇن! ئۆمۈر ئەلبۇملىرىدىن باھار قېيماي تۆكۈلگەندە، كۈز خازانلىرى سېنى سېرىقتال باغرىغا باسىدۇ. ياشلىق جەريانلىرىغا چۆكىسەن!
كېچىلەردە ئايدىڭ نۇرانە.
كېچە- كۆزنىڭ قارىسى. ئايدىڭ- سېغىنىش لاۋۇلدىغان يۈرەكنىڭ خېرە ساھىلى.
ۋاپادارلىق بەخىت تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. دىدار پەسلىنىڭ گۈزەللىكى يۈرەكنى ياشارتىدۇ. سىردىشىش يۈرەكلەرنىڭ رىشتىنى تۇتاشتۇرىدۇ. سۆيگۈ دەرياسىدىكى ھالال ۋە ساداقەت بىلەن قىزغىن چۈمۈلۈش جەريانلىرى يۈرەك سوقۇشىدەك چىن ۋە پىنھان.
2016-1-21
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابلەت.م.كۈيزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-24 15:26
|