پەرىشتە
(ھېكايە)
لاۋرا. E . لىچاز (ئامېرىكا)
-ئاپا، دېدى بالا،-راستىنلا پەرىشتە بارمۇ؟
-ئىنجىلدا بار دېيىلگەن،-دېدى ئاپىسى.
-شۇنداق،-دېدى بالا،- مەن پەرىشتىنىڭ رەسىمىنى كۆرگەن، بىراق، ئاپا، سىزنىڭ كۆرگەنلىكىڭىز راستمۇ؟
-مەن راست كۆردۈم دەپ ئېيتالمايمەن،-دېدى ئاپىسى،-بىراق ئۇنىڭ كىيىمى رەسىمدىكىسى بىلەن ئوخشاش ئەمەسكەن.
-مەن پەرىشتىدىن بىرنى چوقۇم ئىزدەپ تاپىمەن،-دېدى بالا،-مۇشۇ يولنى بويلاپ توختىماي يۈگۈرىمەن، پەرىشتىنى تاپمىغىچە ھەرگىز بولدى قىلمايمەن.
-بۇ ياخشى چارە ئىكەن،-دېدى ئاپىسى،-مەنمۇ سەنمۇ بىلەن بىرگە بارىمەن، چۈنكى سەن تېخى كىچىك، سېنى يالغۇز يولغا سالالمايمەن.
-مەن ھازىر كىچىك بالا ئەمەس!-دېدى بالا،-ئاللىقاچان ئىشتان كىيگۈدەك بولۇپ قالدىم، مەن چوڭ بولدۇم، ئاپا.
-راست، سەن چوڭ بولدۇڭ،-دېدى ئاپىسى،-بۇنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بۈگۈن ھاۋا ياخشىدەك قىلىدۇ، ماڭغۇم كېلىۋاتىدۇ.
-ئەمما، سىز بەك ئاستا ماڭىسىز، ئاپا، پۇتىڭىز قاپىرىپ كېتىدۇ.
-مەن سەن ئويلىغاندىنمۇ تېزرەك ماڭالايمەن،-دېدى ئاپىسى.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يولغا چىقتى. بالا ئالدىدا يۈگۈرۈپ-تاقىلاپ ماڭدى، ئاپىسى قەدەملىرىگە غەيرەت بېرىپ تېخىمۇ ئىلدام مېڭىشقا تىرىشتى. لېكىن، بالا ئاپىسىنىڭ پۇتىنىڭ ئاللىقاچان قاپىرىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقمىدى.
بالا ئالدىدا ھەدەپ سەكرەپ-تاقىلاپ كېتىۋاتاتتى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇدۇلدىن بىر پەيتۇن كۆرۈندى. ئاق بوز ئات پەيتۇننى ئويناقشىپ تۇرۇپ سۆرىمەكتە ئىدى. پەيتۇندا ئاپئاق مامۇق يۇڭدىن تىكىلگەن پەلتۇ كىيىۋالغان نازاكەتلىك بىر خانىم بار ئىدى. ئاپئاق مامۇق يۇڭ ئۇنىڭ قۇندۇزدەك قاپقارا چاچلىرىنى سۆيۈپ تۇراتتى. پەيتۇن ھەر قېتىم چايقالغاندا، خانىمنىڭ ئۈست-باشلىرىدىكى ئۈنچە-مەرۋايىتلار ۋالىلىداپ چاقنايتتى، لېكىن شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخىمۇ بەك جەلپكار ئىدى.
-سىز پەرىشتىمۇ؟-دەپ سورىدى بالا پەيتۇنغا ئەگىشىپ يۈگۈرگەچ.
ھېلىقى خانىم جاۋاب بەرمىدى. سوغۇق نەزەر بىلەن بالىغا تىكىلدى، ئاندىن پەيتۇنكەشكە ئاللىنېمىلەرنى دېۋىدى، پەيتۇنكەش قامچىسىنى ئوينىتىپ ئېتىنى تېز چاپتۇرۇپ، توپا-چاڭ توزىتىپ بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى.
بالىنىڭ كۆزىگە، ئاغزىغا توپا-چاڭ كىرىپ، نەپەسلىرى قىسىلىپ، بۇرنى ئېچىشىپ كەتتى. ئۇ ھاسىرىغىنىچە كۆزلىرىنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى. شۇ چاغدا، ھاسىراپ-ھۆمىدەپ يېتىپ كەلگەن ئاپىسى پەرقۇتىنىڭ بىر بۇرجىكى بىلەن بالىنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى سۈرتۈپ قويدى.
-ئۇ پەرىشتە ئەمەسكەن،-دېدى بالا.
-شۇنداق، ئۇ پەرىشتە ئەمەس،-دېدى ئاپىسى،-ئۇ پەرىشتىگە ئازراقمۇ ئوخشىمايدىكەن.
بالا يەنە ئاپسىنىڭ ئالدىدا ئويناقشىپ مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ بىردەم يولىنىڭ بۇ چېتىگە ئۆتسە، بىردەم ئۇ چېتىگە ئۆتەتتى. ئاپىسى ئامالنىڭ بېرىچە ئۇنىڭغا ئەگىشەتتى.
بىردەمدىن كېيىن، بالا ئىنتايىن گۈزەل بىر قىزچاقنى ئۇچرىتىپ قالدى. قىزچاق ئاپئاق كۆڭلەك كىيىۋالغانىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى يۇلتۇزغا ئوخشايتتى. پۈتۈن رۇخسارىدىن بىرخىل گۈزەللىك، نازاكەت ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
-سىز چوقۇم پەرىشتە!-دېدى بالا ھاياجان بىلەن،- مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.
قىزچاقنىڭ يۈزى شەلپەردەك قىزىرىپ بايىقىدىنمۇ چىرايلىقلىشىپ كەتتى.
-سىز چوقۇم پەرىشتە!-دېدى بالا.
قىزچاق ھاياجان بىلەن بالىنى باغرىغا بېسىپ، ئۇنى سۆيۈپ قويدى.
-سىز مەن ئۇچراتقان ئەڭ سۆيۈملۈك ئىنسان!-دېدى قىزچاق بالىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ،-قېنى ئېيتىڭا، نېمىشقا شۇنداق ئويلايسىز؟
ئەمما تۇيۇقسىزلا، قىزچاقنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى.
-ھەي! ئۇ ئاۋۇ يەردىكەن، مېنى كۆرگىلى كەپتۇ!-دېدى قىزچاق ھاياجان بىلەن توۋلاپ،-قاراڭ، توپا-چاڭغا مىلىنىپ كەتكەن ئايىغىڭىز كۆينىكىمنى مەينەت قىلىۋەتتى، چاچلىرىممۇ قالايمىقان بولۇپ كەتتى. تېزرەك ئۆيىڭىزگە كېتىڭ، ئاپىڭىزنىڭ يېنىغا كېتىڭ!
گەرچە قەستەن قىلمىغان بولسىمۇ، بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەنلىكتىن، قىزچاق بالىنى ئاستا يەرگە قويغان بولسىمۇ، لېكىن بالا يىقىلىپ كەتتى. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، سۆيگۈنى ساقلاپ تۇرغان تەرەپكە قاراپ ئوقتەك يۈگۈردى.
بالا توپا-چاڭ بىلەن تولغان يولدا يىغلاپ ياتاتتى، ئاپىسى ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يېتىپ كېلىپ، ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى، ئاندىن پەرتۇقىنىڭ بىر بۇرجىكى بىلەن ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتۈپ قويدى.
-راستىمنى ئېيتسام، ئۇمۇ پەرىشتە ئەمەسكەن،-دېدى بالا.
ئەمەس!-دېدى ئاپىسى،-لېكىن ئۇ ھامان بىر كۈنى پەرىشتىگە ئايلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ تېخى كىچىك.
-مەن بەك ھېرىپ كەتتىم!-دېدى بالا،-ئاپا، مېنى ئۆيگە ئەكىتىڭ بولامدۇ؟
-ماقۇل!-دېدى ئاپىسى،-شۇڭا كەلدىم مانا.
بالا ئاپسىنىڭ بوينىنى چىڭ قۇچاقلىدى، ئاپسى ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ناھايىتى تەستە قەدەم ئېلىپ، بالىسى ياخشى كۆرىدىغان ناخشىنى ئېيتقىنىچە يولىنى داۋام ئەتتى.
بالا بىردىنلا ئاپىسىنىڭ چىرايىغا تىكىلدى.
-ئاپا، مېنىڭچە، سىز چوقۇم پەرىشتە، شۇنداقمۇ؟-دېدى.
-ھەي، ئوماق بالام،-دېدى ئاپىسى،-پەرىشتىنىڭ پەرتۇق چىگىدىغانلىقىنى كىم ئاڭلاپتىكەن؟
ئۇ ناخشىسىنى داۋاملاشتۇرغاچ، قاپارغان پۇتلىرىنى غەيرەت بىلەن ئالدىغا چامدايتتى، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ مەجرۇھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.
خەنزۇچە «چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 12-سانىدىن ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمە قىلدى
مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» نىڭ 2015-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى سانى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-25 16:37