يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 290|ئىنكاس: 1

ئېلى ھۇشۇر: ئاھ،گۈلچىمەن (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاھ، گۈلچىمەن

(ھېكايە )

  ئېلى ھوشۇر

    ياشلار باغچىسىنىڭ بۆك-باراقسان قارىغايلىق ،يېشىل چىملىق خۇش ھاۋالىق خالىي جايى. شىلدىرلاپ سۈزۈك سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان كىچىك سىمونت ئېرىق بۇيىدىكى ياپ-يېشىل چىم ئۈستىدە ،رۇستەم ئۆزى يالغۇز ئولتۇرىدۇ.ئۇ بۇرۇن بۇ بۇ جايغا بىر نەچچە قېتىم كەلگەن ئىدى.
ئۇ شىمىنىڭ يانچۇقىغا  قولىنى سېلىۋىدى،قولىغا بىر قەغەز باغاقچە ئۇرۇندى ،ئېچىپ قارىۋىدى،تۆۋەندىكى قۇرلارغا كۆزى چۈشتى:
       << قىممەتلىك دوستلىرىم رۇستەم ۋە گۈلچىمەن:
مىنىڭ ئەرزىمەس بۇ خېتىمنى كۆرۈشتىن ئاۋۋال مىنى كەچۈرۈشىڭلارنى سورايمەن.چۈنكى سىلەر ياشلار باغچىسىدا سۆھبەتلەشكەن كۈنى ،سىلەردىن يىراق بولمىغان جايدا، سىلەرنىڭ گەپ –سۆزلىرىڭلارنى يوشۇرۇن تىڭشاپ تۇرغان ئىدىم.ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن بەندە ئەمەسمۇ؟ راست!شۇ كۈنى سىلەرنىڭ گەپ –سۆزلىرىڭلارنى يوشۇرۇن ئاڭلىدىم. چۈنكى بۇ كۈنى مىنىڭ كۆڭۈل سىرلىرىم ئۇزۇن يىل كۆيگەن ئادىمىمگە يەتكۈزۈلىدىغان كۈن.ۋىسالنىڭ دەككە –دۈككىسى مىنى مۇشۇ جايغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
مەن شۇ كۈنى سىلەرنىڭ گەپ  سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇردۇم...ئاھ خۇدا ،قانداق ھاياجانلىق ۋە ئازابلىق كۆرۈنۈشلەر –ھە!
        شۇ كۈندىن باشلاپ،گۈلباھار تالا –تۈزدە تۈزۈك كۆرۈنمىدى.بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە ،ئۇنىڭ بىلەن يولدا كۆرۈشۈپ قالدىم.ئۇ سۇس كۈلۈمسىرەپ سالام قىلدى،ئاندىن:
        - بىزنىڭ ئۆيگە تىز ئەلچى كىرگۈزۈڭ،-دېدى ۋە مېنىڭ ھەيران بولۇپ قاراپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ،- ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭ.
        ئۇ شۇ گەپنى دەپلا،تېز-تېز مېڭىپ كەتتى.مەن ئادەمنى چەكسىز بەختلىك  قىلىدىغان بۇ گەپنى ئاڭلاپ،قاتتىق ھاياجانلاندىم.شۇنداقلا يەنە بەكلا ئازابلاندىم.چۈنكى گۈلباھارنىڭ بۇرۇنقى مەغرۇرلۇق،ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جەلپكار تۇرقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان؛چىرايى ئۇزۇن كېسەل ئازابى تارتقان ئادەمدەك سارغايغان،روھسىز ھالەتتە ئىدى.مەن ھېلىقى كۈندىكى ئىككىڭلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ۋە كۆرۈنۈشنى ئەسلىدىم.
        دوستۇم رۇستەم! سەن بۇلاپكىنى ئېچىپ <<ئاھ،گۈلباھار>>،دەپ توۋلىۋەتتىڭ.گۈلباھارمۇ ئانچە يىراققا بارمىغان ئىدى .سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ،جايىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى،ئاندىن بىردىنلا يەرگە تىزلىنىپ:
       -رۇستەم ئاكا، مەن سىزنى ئۆلگۈدەك سۆيىمەن،مېنى دۇزاققا تاشلىدىڭىز،-دەپ نالە قىلىپ،قان-يامغۇر يىغلاپ كەتتى.ئەزەلدىن جاپا،ئازاب دېگەنلەرنى كۆرۈپ باقمىغان،باياشاتلىق ئىچىدە چوڭ بولغان،پەزىلەتلىك بۇ گۈزەلنىڭ شۇ تۇرقى مېنى قاتتىق ئازابلىدى. بۇرۇن ئۇ دائىم شۇنداق دەيتتى<< مەن ئۆمرۈمدە بىرلا ئادەمگە كۆڭۈل بىرىمەن،بىر ئۆمۈر بىر ئادەمگىلا مەنسۇپ بولىمەن >> دەيتتى.   
       بەس!گەپنى ئاز يازاي.مەن شۇ  كۈنى دوستلۇق ،مۇھەببەت ھەققىدە يىپ -يېڭى چۈشەنچە ۋە قاراشلارغا ئىگە بولدۇم. ھەم دوستى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك سۆيگۈسىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان چىن دوستلۇق ۋە دوستنىڭ بارلىقىنى بىلىپ يەتتىم.شۇنداقلا سۆيۈش-سۆيۈلۈشنىڭ قانداق بولىشى كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىم.
     ئاخىرىدا سىلەرنىڭ بەختلىك بولۇشىڭلارنى چىن دىلىدىن تىلەيمەن. كېرەملىك ئاللاھ ھەر بەندىسىنى ئۆز تىلىكىگە يەتكۈزگەي.
    دوستۇڭلار رىشاتتىن“.
*            *              *
     ياشلار باغچىسىنىڭ بۆك-باراقسان قارىغايلىق ،يېشىل چىملىق خالىي جايى،شىلدىرلاپ سۈزۈك سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان كىچىك سىمونت ئېرىق  بۇيىدىكى ياپ-يېشىل چىم ئۈستىدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرغان رۇستەم سائىتىگە قارىدى ،دېيىشىپ قويغان ۋاقىتقا يەنە يېرىم سائەتتەك ۋاقىت بار ئىدى.
*            *              *
     ــــ دوستۇم ،سەن ماڭا ئىشەن ،مەن چوقۇم ئۇنى ساڭا ماقۇل كەلتۈرىمەن.سېنىڭ بۇ تۇرقىڭنى كۆرۈپ، زادى چىدىمىدىم.
      ـــ راس دەۋاتامسەن رۇستەم؟
        ـــ مەن ۋەدە قىلىمەن.ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى ھەممە گەپنى گۈلچىمەنگە ئېيتىمەن.سەن خۇش- خەۋەر كۈتكىن.
        بۇ خېلى كەچ بولۇپ قالغان ۋاقىت بولۇپ ،رىشىت كۆزىدىن ئازاب ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ،ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن،ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق دىل سىرىنى يېقىن  دوستىغا ئاشكارىلىۋەتكەن ئىدى.رىشات  سەل تەڭشىلىپ قالغان بولۇپ، رىشات رۇستەمگە ئېسىلىپ:
          ـــ رەھمەت دوستۇم،ئەمىسە بىز قايتايلى، ـــ دېدى ۋە ناخشا توۋلىدى :
ھاراق ئىچىدۇ،دەيدۇ،
تاماكا چېكىدۇ، دەيدۇ،
ھەركىم ھەرنېمە ،دەيدۇ،
دەرد كەلمىسە بىلمەيدۇ.
*            *              *
       _ رۇستەم ئاكا ،بۈگۈنمۇ ئىشخانىنى بالدۇر تازىلاپ بولۇپسىز_دە،بەك خىجىل بولىۋاتىمەن.
   _ نېمە ئامال ؟سىز  دېگەن مەلىكە ،سىزنى   تازىلىققا سالغىلى مېنىڭ بېشىم ئۇن ئەمەس دەڭە.
     _ ئۇنداق دەپ كەتمەڭ رۇستەم ئاكا ،ماڭا يا ئىش قويمىسىڭىز؟
      _ سىزنىڭ مۇبارەك قاپىقىڭىزدىن قورقۇپ،دائىم بالدۇر كېلىپ تازىلىق قىلىمەن.
      - بولدى رۇستەم ئاكا،نېمە گىپىڭىز بولسا  ئوچۇق دەڭ،خىزمىتىڭىزگە تەييارمەن.
        _ سىزگە دەيدىغان مۇھىم بىر گىپىم بار ئىدى،يەكشەنبە كۈنى ۋاقتىڭىز بارمىكىن؟
       _ مۇھىم ئىشىممۇ يوق...،بولدى شۇ كۈننى سىزگە ئاتىدىم.
      _ ئەمىسە   ياشلار باغچىسىدا سىزنى ساقلايمەن.
*            *              *
           ـــ سالام رۇستەم ئاكا،تېچلىقمۇ ؟
       ئالتۇن قوڭغۇراقتەك زىل ئاۋاز ،رۇستەمنى خىيال قاينىمىدىن تارتىپ چىقاردى.
        ـــ تېچلىقمۇ؟ خۇش كەپسىز،ـــ دېدى رۇستەم.ئالدىدا قىپ-قىزىل ئۇزۇن كۆينەك كىيىپ ،پارقىراق ۋە قاپقارا چېچىنى چىرايلىق تاراپ ،ئەپچىل بوغۇۋالغان،سۇس گىرىمى بىلەن بىر دەستە قىزىل گۈلگە ئوخشاپ قالغان گۈلچىمەنگە قارىدى ۋە  ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى  ،ـــ قىنى مەرھەمەت.
       گۈلچىمەن ئىللىق كۈلۈپ، كۆپ-كۆك چىم ئۈستىگە سېلىنغان ،قوش ئۆردەك رەسىمى چۈشۈرۈلگەن پاكىز ئەدىيالنىڭ بىر بۇرجىكىگە ئولتۇردى.رۇستەم قەغەز خالتىدىن كۆركەم ئورالغان مۇز قايماقنى ئېلىپ، گۈلچىمەنگە تۇتتى.
       ــــ رەھمەت، مىنىڭ كۆڭلۈمنى بەك چۈشىنىسىز ، سەل كېچىكىپ قالدىمغۇ  ،دەيمەن،ـــ دېدى گۈلچىمەن .
       ـــ سىز رازى بولسىڭىزلا خۇشالمەن،سىزدىن شۇنچىلىك قورقۇمەنكى،بالدۇر كېلىپ ساقلاپ تۇردۇم،ـــ دېدى رۇستەم چاقچاق قىلىپ.
گۈلچىمەن رۇستەمنىڭ ئۆزى ئامراق كەمپۈت ،يەل –يېمىش ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئاپئاق داستۇرخانغا تىزىشىغا زوقلىنىپ قاراپ:
      ـــ مىنىڭ چىشىمغا تەگمىسىڭىز كۈنىڭىز خۇشال ئۆتمەيدۇ،سىز بىلەن تەڭ بولماي،ـــ دېدى .
ـــ قېنى ئاددىي بولسىمۇ ئالغاچ ئولتۇرۇڭ،سىزدەك مەلىكىنى كۈتمەك ئاسان ئەمەس،ـــ دېدى  رۇستەم.
     گۈلچىمەن كۈلۈپ قويدى.ئۇلار تاغدىن- باغدىن سۆزلىشىپ ئولتۇردى .گۈلچىمەن دىمىغىدا بىر كۈيگە غىڭشىپ،ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋاتاتتى.
        بۆك-باراقسان دەل- دەرەخلىك،يېشىل چىم،سۈزۈك سۇ...
       رۇستەم گۈلچىمەنگە قاراپ ،ئىچىدە:«ياپىرىم،بۇ قىز نېمە دېگەن گۈزەل! ...،توۋا! مەن نېمىلەرنى خىيال قىلىپ كەتتىم؟ ...»دەپ ئويلىدى.
      گۈلچىمەن رۇستەمنىڭ ئۆزىنى كۈزىتىۋاتقانلىغىنى سىزىپ تۇردى ۋە ئۇنىڭغا قارىماي تۇرۇپ:
       ـــ مىنى باھالاۋاتىسىزغۇ دەيمەن،باھايىڭىزنى دەپ باقمامسىز،ـــ دېدى .رۇستەم بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى.
      ـــ راس گەپنى دېسەم،سىز بەك گۈزەل،شۇنداق مەغرۇر،بىر ئوبدان خىزمىتىڭىز بار،ھېچقانداق ئىش قولىڭىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ،ـــ دېدى رۇستەم ۋە  گېپىنىڭ ئاخىرىنى توختىتىۋالدى.
      ـــ رەھمەت،سىزنىڭ بۇنچىلىك ياخشى باھايىڭىزغا ئېرىشىمەن،دەپ ئويلىمىغان ئىدىم.گېپىڭىزنى ئايىغىنى دەۋىرىڭ ،ـــ دېدى گۈلچىمەن.
      _ سىزگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەيمۇ؟
     _ مۇھىم گىپىم بار، دەۋاتاتتىڭىزغۇ؟
     _ ئاۋال ھېكايەمنى ئاڭلاڭ ، مۇھىم گېپىمنى شۇنىڭدىن بىلىسىز.
         _ ئەمىسە قۇلۇقۇم  سىزدە.
         _ بۇرۇن دېسەك بۇرۇن،ھازىر دېسەك ھازىر ،يېقىن دېسەك يېقىندا،يىراق دېسەك يىراقتا، ھاياتلىق ئالىمىنىڭ چىمەنلىك بىر گۈزەل بېغىدا،  ئايدەك بىر گۈزەل پەرى بولغان ئىكەن. بۇ پەرى شۇنداق لاتاپەتلىك،ئەقىللىق ،ئاتا- ئاناسىنىڭ ئەتىۋارلىقى ئىكەنكى،ئەتراپىدىكى يېقىنلىرى  ئۇنى كۆز  قارچۇقىدەك  ئاسرايدىكەن. بۇ گۈزەلنىڭ ئالدىدا شىر يۈرەك يىگىتلەرنىڭ ئەقلى لال بولۇپ، ئىشقىنىڭ  قۇلىغا  ئايلىنىدىكەن.
          ئۇ پەرىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھەمساۋاق ،يېقىن ئۆتىدىغان بىر ئوغۇل دوستى بار ئىكەن. بۇ نەۋقىران ئۇ پەرىگە شۇنچىلىك كۆيۈپتىكى،ئۇنىڭسىز ياشاشنى تەسەۋۇر قىلالمايدىكەن. ئۇ پەرىنىڭ ئىشقىدا كېچە –كۈندۈز ئاھ ئۇرۇپ ، ياش تۈكىدىكەن.ئەقىدىسى شۇنچىلىك كۈچلۈككى، ھازىرغىچە بىرەر قىز  بىلەن يېقىن ئۆتۈپ باقماپتۇ. " بۇ قېرى يىگىت كارغا كەلمەسكەن.بىرەر ئايال زاتىغا قىزىقمايدىكەن" دېگەندەك مەسخىرىگە قالسىمۇ،مەشىقىگە بولغان ساداقىتى قىلچىمۇ سۇسلاشماپتۇ.ئۇ ئاي يۈزلۈككە  كۆڭۈل سىرىنى بىۋاستە ئېيتىشتىن بەك قورقىدىكەن. چۈنكى ئۇ پەرىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى قوبۇل قىلماسلىغىدىن،دوستلىغىنىڭ بۇزۇلىشىدىن بەك ئەنسىرەيدىكەن. ئازاب دەشتىدە نىمجان بۇ دوستىنىڭ ئازابىنى كۆرگەن بىر دوستى،ئۇنىڭ كۆڭۈل سىرىنى ئۇ پەرىگە يەتكۈزۈپ،كۆڭۈل ئەلچىسى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئەلچى دوستى شۇنداق ئويلايدىكەن<<ئۇ پەرىنىڭ شۇ ئاشىق بىتاپقا كۆڭلى بارمىدۇ؟ ياكى ئۇ پەرىنىڭ   كۆڭلىگە پۈككەن بىرەر بەختلىك نەۋقىرانى بارمىدۇ >>،_دەپ ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇردى رۇستەم،_ مەندە ئۇلارنىڭ سۈرىتى بار. كۆرۈپ باقامسىز؟
         گۈلچىمەن سەل ھەيران بولۇپ،<< بولىدۇ >> دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى.رۇستەم قىزىل رەڭلىڭ ،نەپىس نەقىشلىق ،  يۇمۇلاق  بىر كىچىك قۇتىنى ئۇنىڭغا سۇندى.گۈلچىمەن ئېچىپ قارىۋىدى ،قۇتىنىڭ بىر  تەرىپىدە ،ئۆزىگە تونۇش يېقىن دوستى رىشاتنىڭ سۈرىتى،بىر تەرىپىدە ئۆزنىڭ سەل ھەيرنلىق چىقىپ تۇرغان گۈزەل چىرايى تۇراتتى.
          رۇستەم گۈلچىمەننىڭ كەيپىياتىنى كۈزۈتىپ،كۈلۈمسىرىگىنىچە  قاراپ تۇراتتى. گۈلچىمەننىڭ ھەيرانلىقتا چەكچەيگەن كۆزلىرى ئۇنىڭغا سوئاللىق تىكىلدى.ئەپسۇس،دىل سىرى رۇستەمنىڭ بولماي باشقا بىرىنىڭ بولۇپ، باشقىلارغا دىل ئەلچىسى بولغان  ئىدى.
       رۇستەم گۈلچىمەننىڭ سوئاللىق قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي،يەرگە قارىغىنىچە :
         _ ھېكايەم تەسىرلىكمىكەن.بەختلىك شۇ پەرىنىڭ كۆڭلىدە كىم باردۇ؟ سىزچە بۇ ھېكاينىڭ يىشىمى قانداق بولار،-دېدى.
      ئارىنى دەقىقە جىمجىتلىق قاپلىدى.بىر ئازدىن كېيىن ،گۈلچىمەن بۇ جىمجىتلىقنى بۇزدى.
      _ سىزنىڭ ئاشىق- مەشۇقلەر توغرىسىدىكى ھېكايىڭىز مېنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.دىلىمنى لەرزىگە كەلتۈردى.سىز ھېكايە قىلغان شۇ پەرى قىز توغرىلىق مەنمۇ بىر ھېكايە ئاڭلىغان ئىدىم.ئۇ پەرى قىز ئۆزىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ۋە لاتاپەتلىك ئىكەنكى، شىر يۈرەك ئەزىمەتلەرنىمۇ ئەيمەندۈرۈپ،گەپ ئېتىشقا تەمشەلگەن جۈرئەتلىك ئېغىزلارنىمۇ  ئىتىۋىتەلەيدىكەن.
        ئۇ پەرىنىڭ ھەقىقەتەن ئەڭ يېقىن ئۆتىدىغان ھەمساۋاق دوستى بولغان ئىكەن،ھەم   ئۇ ئاشىقنىڭ يىگىتلەرنىڭ سەرخىلى ،يۇرتىنىڭ نەۋقىرانلىرىدىن ئىكەنلىگىنى ،نۇرغۇن ئاي يۈزلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار بولغانلىقىنى ،شۇ نەۋقىراننىڭ ئوتىدا كۈل بولۇپ،"بىر سۆيۈپ قويسىمۇ ،جان بىرىشكە ئەرزىيدۇ" دەپ ،كۆيۈك ئوتىدا پۇچىلىنىۋاتقانلىغىنى  كۆرگەن ئىكەن.ئۇ پەرىمۇ ،ئۆزىنىڭ ئۇ نەۋقىرانغا ئۆزىنىڭ كۆڭلى بار –يوقلىغىنى،مۇناسىۋىتىنىڭ  دوستلۇق ياكى مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن،ھەم ئۆزىگە تالاي قېتىم سوئال قويغان ئىكەن.ئەشۇنداق ئارسالدىلىق باياۋانلىرىدا تەمتىرەپ   يۈرگەندە،ئۇنىڭ ئالدىدا بىر ئاق ئاتلىق شاھزادە پەيدا بولۇپ، كۆڭۈل ئاسمىنىدا چاقماق چېقىلىپ،دىل ئارامى بۇزۇلۇپتۇ،ھەم ئاشىقلىق كوچىسىدا سەرسان بولۇپ، ئاق ئاتلىق شاھزادىگە سەۋدايىلارچە ئاشىق بوپتۇ.ئۇ ئاق ئاتلىق شاھزادە يارىشىملىق كىيىنىپ،ئىشەنچكە تولغان مەغرۇر قەدىمى بىلەن بىلەن ھەرقانداق ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدىغان پەزىلىتى ھەممە كىشىنى قايىل قىلىدىكەن. ئۆزىنىڭ تەمكىنلىگى،بىلىملىگى،چىۋەرلىگى بىلەن ئۆزىنى تۇغما ئەقللىق چاغلايدىغان پەرىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىكەن.ئۇ ئاق ئاتلىق شاھزادە ،يىراقنى كۆرەلمەيدىغان،چۈشكىن ۋە ئۈمۈتسىز ،ئەنئەنە بىلەن چەكلىنىپ،زاماندىن زارلىنىپ يۈرىدىغان زامانداشلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن...ئۇ پەرى ھىس-تۇيغۇ كوچىلىرىدا سوئاللىق سەرسانلىقىدا يۈرگەندە ،ئاخىرى ئۆزىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تېپىپتۇ:ئۇ نەۋقىرانغا بولغان ھېسىياتى دوستلۇق ئىكەن. ئاق ئاتلىق شاھزادە كۆڭۈل تۆرىنىڭ ھەقىقى شاھزادىسى ئىكەن.كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى شىر يۈرەكلەرنى باش ئەگدۈرگەن پەرىمۇ،ئاق ئاتلىق شاھزادە ئالدىدا ئىشقنىڭ قۇلى بولۇپ باش ئىگىدىكەن.ئۇ ئاي يۈزلۈك پەرىمۇ كۆڭلىدە دائىم<< شۇ ئاق ئاتلىق شاھزادىنىڭ دىل قەسىرىنى ئىگەللىگەن بىرەر ئاي يۈزلىكى بارمىدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئىشقىدا كۈل بولىۋاتقان پەرى،ئۇنىڭ دىل خانىسىدە قانداق ئورۇن تۇتىدىغاندۇ >>دەپ ئويلاپ، سەكپارە  بولىدىكەن.
        گۈلچىمەننىڭ ھېكايىسى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە،ئۇنىڭ ئاھۇ كۆزلىرىدىن مارجانلار سىرغىدى.مۇرەككەپ بىر ھېسىيات دەرياسىدا ئۈزىۋاتقان رۇستەم،ھاياجېنىنى بېسىپ،ئاپپاق قول ياغلىقىنى گۈلچىمەنگە سۇندى. گۈلچىمەن دىل سىرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەن نومۇسچان قىزلارغا خاس ئوت ئېلىپ كەتكەن يۈزىنى ،قولياغلىق بىلەن توسىدى.
    ئارىنى بىر نەچچە مىنۇت سۈكۈت تاشلىرى باستى.سۈكۈت تاشلىرىنى يەنە رۇستەم ئىرغىتتى.
    _ سىزنىڭ ھېكايىڭىز ھەقىقەتەن  ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىكەن.ئۇ پەرىنىڭ سۆيىشىگە مۇيەسسەر بولغان ئاق ئاتلىق شاھزادە نېمە دېگەن بەختلىك_ھە؟
     _ سىزچە ئۇلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولار؟
     _ بۇنى ئوبدان سورىدىڭىز .ئۇلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولار؟سىزگىمۇ ئايان،تەقدىرنىڭ يازمىشى بولغان بۇ ھېكايىدە،ئۇ نەۋقىران ئاي يۈزلۈك پەرىگە ئاشقكەن.ئۇ ئاي يۈزلۈك پەرىشتە ئاق ئاتلىق شاھزادىگە ئاشقكەن. ئاھ تەڭرىم!بۇ ھېكايە راستىنلا سەبىلەرنىڭ ناخشىلىرىدەك تەسىرلىك،مۇھەببەت داستانلىرىىدەك  سوئاللىق ئىكەن!
         رۇستەم بىرخىل ھەسرەتلىك  ئاھاڭدا ھېكايىسىنى ئاياغلاشتۇردى.گۈلچىمەن  ئازابلىق تىترەۋاتقان نازۇك قەلبىنى ھايا ۋە مەغرۇرلۇق تاشلىرىدا باستۇرۇپ ،دېدى:
        _بۇ ھېكايە راستىنلا تەسىرلىك،قىيىن سوئاللىق ئىكەن.ئەمەلىيەتتە ،شىر يۈرەك يىگىتلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلىپ،ئۆزىگە رام قىلغان ئاي يۈزلۈك پەرىنىڭ ھالىمۇ خاراب ئىكەن.ئۇنىڭ شۇنچە گۈزەللىگى،مەغرۇرلىقى،ئاشىقلىق ئوتلىرى يېنىپ تۇرغان ئوتلۇق قاراشلىرى ئاق ئاتلىق شاھزادىنى تەسىرلەندۈرەلمەپتۇ . ئۇنىڭغا سۆيگۈ ئوتلىرىنى ياقالماپتۇ. ئۆزىنى تەڭداشسىز چاغلايدىغان ،يىگىتلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلىپ، كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتەلەيدىغان   ئاي يۈزلۈك پەرى نېمە  دېگەن بىچارە.كۆيۈك ئوتىدا قىلدەك تولغۇنۇۋاتقان ئو پەرى ،ئاشقلىق ئوتىدا كۈل بولىۋاتقان نەۋقىراننىڭ ھالىنى بىلىپ يەتسە،ئۇنى ۋىسال دەريالىرىدا ئۈزدۈرۈپ، بەخت شارابى تۇتسا،ئاق ئاتلىق شاھزادىمۇ خۇشال بولار . سىزنىڭچە شۇنداقمۇ؟
   گۈلچىمەن ئۆزىنىڭ مەغرۇر،گۈزەللەرگە خاس لاتاپىتىگە قايتتى.گۈلچىمەننىڭ مەغرۇر  تۇرقى ۋە سوئاللىق نەزىرى ئالدىدا،رۇستەم خۇددى ئۆز پىكرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالمىغان ئىچ مىجەز ئۇقۇغۇچىدەك،يەرگە قارىدى.
    _ راستىنى دېسەم،بۇ بەكمۇ قىيىن يېشىملىك ھېكايە ئىكەن. پەقەت ئاللاھدىن ھەر بەندىسىنى ئۆز مۇرات –مەقسەتلىرىگە يەتكۈزۈشنى تىلىمەكتىن باشقا نە چارە بار ؟كېرىملىك ئاللاھ ئولارنى ئۆز مۇرات –مەقسەتلىرىگە يەتكۈزگەي.
        _ رۇستەم ئاكا ،بۈگۈن سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ،مۇشۇنداق  ساپ ھاۋالىق باغچىدا،تەسىرلىك ھېكايە سۆزلەپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت.قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللاھ  ھەر بەندىسىنى ئۆز تىلىكىگە يەتكۈزگەي!،_ دېدى گۈلچىمەن دولقۇنلاپ تۇرغان ھېسىيانى بېسىۋېلىپ،-مەنمۇ سىزگە بىر سۇغا بېرەي.ئاق ئاتلىق شاھزادە بىلەن ئاي يۈزلۈك پەرىنىڭ ھېكايىسىگە يادىكار بولۇپ قالار.
      گۈلچىمەن ئاپپاق بوينىغا ئېسىۋالغان ،يۈرەك شەكىللىك،باش بارماق چوڭلۇقتا   بۇلاپكىسى بار ئىنچىكە ئالتۇن زەنجىرنى ئېلىپ،رۇستەمنىڭ تىترەپ تۇرغان قولىغا تۇتقۇزدى -دە،  تاراملاپ ياش ئېقىپ تۇرغان يۈزنى ئالقىنى بىلەن تۇتقىنىچە، يۈگرەپ كېتىپ قالدى.
سەل ھەيران بولغان رۇستەم،گۈلچىمەن دائىم  بوينىدىن ئايرىماي ئېسىپ يۈرىدىغان  بۇلاپكىنى ئېچىپ قارىۋىدى،بىر تەرەپتە ئۆزىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كىچىك سۈرىتى،بىر تەرىپىدە گۈلچىمەننىڭ تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان كىچىك سۈرىتى تۇراتتى.رۇستەم ئۆزىنى بېسىۋالالماي توۋلىۋەتتى:
         _ ئاھ ،گۈلچىمەن!
*                          *                              *

              بۇ سۆزلەرنى ۋە كۆرۈنۈشنى يوشۇرۇن ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغان  رىشات قاتتىق ھاياجانلاندى،ھەم ئىچىدە شۇنداق دېدى:«قەدىردان دوستلىرىم ،مەن سىلەرگە چىن دىلىمدىن بەخت تىلەيمەن.مەنمۇ ئاللاھدىن شۇنى تىلەيمەنكى...».




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-25 13:15  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-29 00:40:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە تەسىرلىك يىزىلىپتۇ ، ئاق كۆڭۈللۈك ، مەردانېلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان دوسىتلىق ۋە چىن مۇھەببەت تەسۋېرلىنىپتۇ . ھىكايىدىن تەسىرلەندىم ، ئىجادىيەتلىرگە مۇۋەپپىقىيەت يار بولسۇن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش