يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 431|ئىنكاس: 13

ئا. جۇدۇن: ئۇلۇغ ئىستەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
        ئا. جۇدۇن

                                            ئۇلۇغ ئىستەك

                                          [ نەسرى شېئىر ]

                                توخۇ دان دەپ ياشايدىكەن،
                                ئادەملەر نان دەپ.
                                جەمىئىيەت ياشايدىكەن ئادەم دەپ!
               تاڭ خورىزى چىللايدۇ، ئىنسانىيەتنى ئويغىتىپ، دەۋەت قىلىدۇ كىشىلەرنى يېڭى بىر كۈنلىك ھەرىكەتكە!  ئاشۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئىنسانلار قۇچاق ئاچار -بەرىكەتكە!!
              ئەنە شۇ چاغدا، مەغرىپ تەرەپتىن كېلەر ‹‹ يىگانە دەردلىك  بىر سادا ›› ئويغانغان شۇ كىشىلەرنى تارتىپ قولىدىن، ياندۇرۇپ ماڭغان يولىدىن،  قايتىدىن غەبلەت ئۇيقىسىغا بۆلەپ، تاكى پېشانىسى يېغىر بولغىچە، ئولتۇغۇزۇپ قويار سەجدىگە! شۇنىڭ بىلەن، ئائىلىنىڭ، جەمئىيەتىنىڭ، پۈتۈن ھاياتنىڭ يۈكى چۈشەر گەجگىگە!
              ئاتام زاماندىن تارتىپ، مۇشەققەت يۈكىنى ئارتىپ، كېلەر ئىنسانلار جەمئىيەت ئۈچۈن بولىشىپ يەمچۈك!  لېكىن، بەزىلەر تارىخ توقىشىپ، ئۆتتى بەزىلەر ‹‹ دۇرۇت ›› ئوقىشىپ، بىراق، يەنىلا ئىنسان دېگەننىڭ قىلمىشى كەمتۈك!!
            تا، ئەزەلدىن چاك  باستۇرۇپ  قىلالماستىن ئىشىمىزنى، يەر شارىدا  كۆتىرىپ يۈرەلمەستىن
بېشىمىزنى، ئۆزىمىزگە ‹‹ ھاي ! ›› بېرىپ كەلدۇق: - ‹‹ ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن! ›› دەپ.
           بۇ - قۇرۇق گەپ!!!
           ئۇلۇغ ئانىنىڭ بەرگەن ئاق سۈتى - ئانا تېنىنىڭ ھالاللىق كۈچى. ئانا  كۆكسىدە پىشىپ
يېتىلگەن ئەۋلادلارنى يېتىلدۈرگۈچى!!!
           ئورتاق يېپىلغان ئاسمان گۈمبىزى، لېكىن، ئوخشىماس ئىنسانلار ئىزى.
           بەزىلە،  ئالغا ماڭار چېپىشىپ ۋە بەزىلەر قالار يەرگە يېپىشىپ. بەزىلەرنىڭ نەزەرى چۈشكەن ساماغا، بەزىلەرنىڭ كۆزى- نەپسى تەمادا.
          بەزىلەر كەتتى ئالغا، بەزىلەردىن ئېشىپ ئەسىرلەپ، بەزىلەر  قالدى پەستە، بەزىلەردىن ئېشىپ كەسىرلەپ!
         ‹‹ خام سۈت ئەمگەن ›› مەخلۇقاتلار ياقىنى تۇتۇپ، ھەر ئاخشىمى كۆرگەن چۈشىدە خىيالى ئۇتۇپ:
‹‹ بۇ دۇنيالىق بىزنىڭ ئەمەس - پانىي ئالەمدە، - دىيىشىدۇ  بەختىمىز بار باقىي ئالەمدە! ››
         يالغان ھەقىقەت!!!
         ئانىسىنى تونىمىغان شۇ ماخلۇقاتلار  چوڭ بوپتىكەن ‹‹ ئانىسى ›› نىڭ يالغان سۈتىدە !
         يېتىلمەكتە كۆزىنى ئېچىپ يېڭى بىر ئەۋلاد، ئۇلۇق ئانىنىڭ پىشقان سۈتىدە !!  مۇشۇ بىر ئەۋلاد ھامان بىر كۈنى شۇ ‹‹ ھەقىقەت ›› نىڭ تېپەر كەينىگە!  يورۇق دۇنيانىڭ سائادىتىدە !!
        يورۇق دۇنيانىڭ سائادىتىدە تۈزۈلدى بۈگۈن يېپيېىڭى بىر سەپ!
        بۇ - ئەجەب؟!
        بۇ - قانۇنىيەت !!!
        مۇئەللىم- ئۇستاز، شان -شەرىپىڭ ئاز، لېكىن، ئانىدەك سۈت بەرگېنىڭ ساز !
                                سېنىڭ مېھنىتىڭ  مىننەتسىز  مېھنەت،
                               ئەل ئۈچۈن بەرگەن باھاسىز ھىممەت.
                               ۋۇجۇدىڭدا  بار بىر ئۇلۇغ ئىستەك -
                               ‹‹ تۈرمە ئازىيار- كۆپەيسە مەكتەب›› !
      ئويلاۋاتىسەن، شاگىرتلىرىڭنىڭ  ‹‹ بەڭباش ›› لىقىنى، ئويلاۋاتىسەن، زامانىمىزغا تەڭداشلىقىنى، كېچىلىرى كىرپىك  قاقماي،  ئۇيقۇ  لەشكىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا پىسەنت باقماي، ئويلاۋاتىسەن!
       ئويلاۋاتىسەن، مەمەدانلارنىڭ  قۇرۇق قەغەزدىكى نوتۇقلىرىنى، يوچۇقلىرىنى، ئويلاۋاتىسەن، غالىبلارنىڭ ئۇتۇقلىرىنى !
       ئويلاۋاتىسەن، ئويلاۋاتىسەن، بۇ - راست گەپ !
       ئۆتەر مۇئەللىم جەمىئىيەتنىڭ غېمىنىلا يەپ :
       ‹‹ بولسىكەن زېمىن - بىر ئۇلۇغ مەكتەب ›› !!!

                                 ‹‹ ئىزدىيار لىرىكىسى ››  توپلىمىدىن ئېلىندى
               
                                                 قاراماي
   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-25 13:24  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-26 01:48:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇڭقۇر مەنىلىك ياخشى بىر تېما ئىكەن . مۇشۇنداق تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز .

ۋاقتى: 2016-1-26 13:39:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئۇلۇغ ئىستەك ›› لىرىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن .

ۋاقتى: 2002-1-1 15:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يازمىكەن .مەنىسى چوڭقۇر ،بەدىئىلىگى يۇقىرى .رەھمەت ئۇستازىم .

ۋاقتى: 2016-1-28 13:46:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم بىلەن گۈزەلدۇر ئالەم.
مەكتەپ بىلەن گۈزەلدۇر ئادەم.
بىر بىرى بىلەن ئىناق ئۆتمىسە،
بۇ ھايات شۇ ئادەمگە ماتەم.

ۋاقتى: 2016-1-29 00:50:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مەزمۇنى چوڭقۇر ، ئوقۇرمەننى ئويلاندۇردىغان نەسېرىي شئېر ئىكەن ، تەسىرلەندىم ئىجادىيەتلىرىگە مۇۋۋەپپىقىيەت يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-1-29 16:30:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇۋايىت ئاكا ،‹‹ئۇلۇغ ئىستەك ››لەرنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر ئىكەن.ھارماڭ ئاكا .

ۋاقتى: 2016-1-29 23:24:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئىستەكلەر يوللىرىدا چارچىماڭ ئاكا....

ۋاقتى: 2016-1-31 01:25:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى تېمىنى كۆرۈپ   مەيۈسلەنگەن بولسام ئىنكاسلارنى تولۇق كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن
«پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى»نى ئوقۇغاندەك كۈلۈپ كەتتىم.ھېلىمۇ تاس قاپتۇ «دۇنيادىكى
ئەڭ  ئۇلۇغ ئەسەر بوپتۇ» دەپ  باھا بېرىلگىلى.


ئا  جۇدۇن   رەنجىمەي تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ئويلىشىپ باقسا :
1: جەمئىيەت ياشايدىكەن ئادەم دەپ!

  بىزگە مەلۇم ياشاش ئادەملەرگە خاس،ھايات كەچۈرۈش جانلىقلارغا خاس،مەۋجۇت بولۇش ماددى نەرسىلەرگە ۋە جەمئىيەتكە خاس بولغان ئاتالغۇدۇر.ياشاشنى جەمئىيەتكە قارىتىش مۇۋاپىقمۇ؟
  ئۇنىڭدىن باشقا يۇقۇرىقى جۈملە ئەدەبىي جۈملەــ ئوبرازلىق جۈملە- شېئىرىي جۈملە بولالامدۇ؟ يۇقۇرىقى كۆڭۈل قويۇپ ماختىغان تورداشلار يۇقۇرىقى جۈملىنىڭ ئەدەبىي جۈملە ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا دېيەلمەيدۇ؟ ئەكسىچە  بىر-بىرىگە ئەگىشىپ ماختايدۇ؟ يا ئا جۇدۇندىن قورقامدۇ؟ ياكى ئا جۇدۇنغا  يەل بەرگىنىمۇ ؟
2: تاكى پېشانىسى يېغىر  بولغىچە ،ئولتۇرغۇزۇپ قويار سەجدىگە

يۇقۇرىقى جۈملە مەزمۇن جەھەتتە چەكتىن ئىنتايىن ئېشىپ كەتكەن.بىرىنچى: ئېتقادچى ئامما ئۆزلىرى ئىختىيارلىقى بىلەن ئېتقاد يولىنى تاللىغان.«پېشانىسى يېغىر بولغىچە» دېگەن سۆز رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس ئەقىلگىمۇ ئۇيغۇنئەمەس.ئىككىنچىدىن نورمال دىننىي ئېتقادقانۇن تەرپىدىن ۋە دىن باشقۇرۇش سىياسىتى خىزمىتى تەرىپىدىن قەتئى قوغدىلىدۇ.ۋەتەنپەرۋەرۋەرلىك بىرلىكى،كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ھەربىر پۇقرا نورمال دىننىي ئېتقاد بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكىگە ۋە دىننىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش،يوقۇتۇش مەجبۇريىتىگە ئىگە.ئۈچۈنچى :ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى 4 مىڭ يىل بۇرۇنلا
شامان دىنغا ئېتقاد قىلغان مەزگىلدىن باشلاپ يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلىشقا باشلىغان.كۆپ قېتىم دىن،يېزىق،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ كەلگەن ئەزەل-ئەزەلدىن ئېتقادلىق مىللەت بولسىمۇ سەجدە قىلغاندا پېشانىسى يېغىر بولغانلىق مەلۇمات كىتاپلاردا،مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدە ،ھەم قىيا تاش سۈرئەتلىرىدە يوق.

3: بىر مەكتەپ كۆپەيسە بىر تۈرمە ئازىيىدۇ
يۇقۇرىقى جۈملە  قايسىدۇر بىر مەشھۇر  شەخسنىڭ  20-ئەسىردە ئېيتقان سۆزى.

    شۇ سۆز توغرا ئىدى. شۇنداقمۇ بولغان ئىدى.

لېكىن 21-ئەسىر كىرگەندىن كېيىن تۈرمىلەرنىڭ ئازىيىشىنى مەكتەپلەرنى كۆپەيتىش بىلەن
لا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى....قىسقىسى  ئۇ  گەپ  ناھايىتى كونىراپ كەتتى......
4:  «ئۇلۇغ ئىستەك» نىڭ كونكرېتلىقىنى يۇقۇرىقى ئەسەردىن تاپقىلى بولمايدۇ.نەسرى شېئىردا ئوتتۇرغا قويۇلغان «ئۇلۇغ ئىستەك» پۈتكۈل دۆلىتىمىزنىڭ ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىستىكىدۇر.ئۇنداقتا «مەن»نىڭ يەنى ئاپتورنىڭ ئۇلۇغ ئىستىكىنىڭ نېمىلىكى ئېيتىلمىغان.
5: نەسرىي شېئىردا «مەن»گە تەۋە  خاس ھېسسىيات يوق.ئاپتور  يۈز مىڭ كىشىلىك خور ئېيتىۋاتقاندەك كەيپىياتتا ئەسەرنى تاماملىغان يۇ ئۆزىنىڭ كونكرېت ھېسسىياتىنى ئەسەردە ئىپادىلەشتىن  ئاياپ  قالغان.

ناۋادا  يۇقۇرىقى پىكىرلىرىمدىن ئا جۇدۇن رەنجىسە مەن ھېچنېمە دېمىگەن بولاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-31 01:55  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-31 21:45:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2016-1-31 01:25
يۇقۇرقى تېمىنى كۆرۈپ   مەيۈسلەنگەن بولسام ئىنكاسلارنى  ...

        ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ھېيت،  راست دەپسىز .بۇ تېمىنى سىزدىن ئاۋالىراق كۆرگەنلەر ‹‹ پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى ›› نى كۆرمىگەنلەر ئوخشايدۇ.سىزنىڭ بۇ ‹‹ تەپسىلى ئىنكاسىڭىز›› نى كۆرۈپ مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم.بەش-ئون ئادەم ماختاپ قويسىلا، ‹‹ ئۇلۇغ ئەسەر ›› بولۇپ قالىدىغان ئىش دۇنيانىڭ نەرىدىمۇ باردۇر؟
      مېنىڭ پەلىپەتىش پاراڭلاردىن باتناپ قالىدىغان ۋاقتىم ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى.يېقىن ھېسابلايدىغانلار بىلەن ئۈچ مېتىر، مەن ياقتۇرمايدىغانلار ۋە مېنىمۇ ياقتۇرمايدىغانلار بىلەن 30 مېتىرچەئارىلىق ساقلاپ قېلىشنى ياشاش مىزانىم قىلىپ كېلىۋاتقان ئادەممەن .
     1. سىزگىمۇ مەلۇم، يەر شارىنىڭ يېشى قانچىلىكتۇ ؟ شۇ ‹‹ پېشقەدەم يەر شارى›› نىڭ قوينىداياشاپ
كېلىۋاتقان جانلىق ۋە جانسىز توپلارنىڭ ماكان، زامانىنى نېمە دېسەك مۇۋاپىق بولار ؟ ‹‹ ئۇلۇغ ئىستەك ››تىكى  ھەر سۆز، ھەر جۈملە شېئىرى پۇراقتا بولىشى ناتايىندۇر . بۇنى سىز بىلگەن يەردە، باشقا ئوقۇرمەنلەرمۇ بىلەلەيدۇ، ھەقىچان. مۇنبەردىكى ئوقۇرمەن ھەم ئىپادە بىلدۈرىدىغان دوستلار بىلەن
مېنىڭ ھېچقانداق ئېلىم- بېرىشىم يوق. پەقەتلا، ھېسسىيات قەرزىمىز بار، دەپ قارايمەن.شۇ...
     2. ‹‹ تاكى پېشانىسى يېغىر بولغېچە، ئولتۇرغۇزۇپ قويار سەجدىگە ›› دېگەن ئەدەبىيلىكى تۆۋەن،  بۇ بىر  قوپال جۈملە سىز ئويلىغاندەك، ھەقىقى تەقۋادارلارغا قارىتىلمىغان، ئەكسىچە، ھەقىقىي دىن ھەم ھەقىيقى ئىماننى تەرك ئېتىۋاتقان ‹‹ قارىۋاي ›› لارغا مەنسۈپتۇر !
    3. ‹‹ بىر مەكتەب كۆپەيسە، بىر تۈرمە ئازىيار ›› دېگەن بۇ ‹‹ كونا گەپ ›› سىزگە ياقماي قاپتۇ.
‹‹ مەكتەب ›› - پارتا ، ئورۇندۇقنىڭلا ئىشىما، سىزنىڭ ئاقىلانە تەپەككۈرگە ئېرىشكەن چوققىڭىز نەدە يېتىلگەندۇر ؟
    4. ‹‹ ئۇلۇغ ئىستەك ›تىكى سىز چۈشىنەلمىگەن، باشقىلار چۈشەنگەن ‹‹ مەزمۇنلار ›› دەل ‹‹ مەن ›› نىڭ ئۇلۇغ ئىستىكىدۇر!
    5. بۇ نەسرى شېئىردىكى ھېسسىيات- ئاپتۇرنىڭ مىليونلىغان زامانداشلار ياشاۋاتقان دەۋردىكى مىلودىيە كۈيىدۇر،  دىرىژورى- ئاپتۇ دەل ئۆزىدۇر!
                                                                      كۆڭۈل بۆلگېنىڭىزگە رەھمەت كۈن !

باھا سۆز

ئاپتۇر .  ۋاقتى: 2016-1-31 09:48 PM
ۋاقتى: 2016-1-31 21:47:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇن گۈزەللىكىدە پارلىغان ئېخچام جۈمىلىلەردىن بەدىئي زوق ئالدىم، ئۇستاز.

ۋاقتى: 2016-2-1 15:00:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئا جۇدۇن   سىزنىڭ تەنقىدكە  تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىز قايىل قىلارلىق ئىكەن.

سىزگە ئوخشاش تەنقىدكە  توغرا  مۇئامىلە قىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس.يەنە كېلىپ سىز يۇقۇرىقى
نەسرى شېبئىرنى  ناھايىتى بۇرۇن يازغان ئىدىم دەپ باھانە كۆرسەتمىدىڭىز.

ئەسەرىڭىزنىڭ قانداق بولۇشى ھەرخىل ئوقۇرمەنلەر نەزىرىدە ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن.
مېنىڭ  تەنقىدىي نەزەردە قارىغان يېرىم بار.چۈنكى بىر ئەسەرنى ھەممە  ئادەم ماختاپ كەتسە
ياخشى ئىش ئەمەس.
مۇشۇ مۇنبەردە ئاپتورلارغا ھەقىقىي پايدىلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتقاندا،ئاپتورلارنىڭ ئۆزىدىن
ھالقىشنى ئۈمىد قىلغاندا توغرا ئۇسۇل يەنىلا  ماختاشنى ئاز،تەنقىدىي پىكىرنى كۆپەرەك بېرىش ئاساسى سالماقنى  ئىگىلسە ياخشى بولاتى.
ئا  جۇدۇنغا سالامەتلىك،ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 15:08  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-1 19:15:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2016-2-1 15:00
ھۆرمەتلىك ئا جۇدۇن   سىزنىڭ تەنقىدكە  تۇتقان پوزىتسىيە ...

       ئەزىز ھېيت ئەپەندى، بۇ سۆزلىرىڭىز ئورۇنلۇق.

                      ‹‹  سەندە يوق ئۇتۇق بىلەن ماختىغان كىشى،
                           سەندە يوق ئەيب بىلەن چېقىۋالىدۇ ›› .
                                                                              
     ھەر قانداق ئادەم مۇكەممەللىكتىن خالىدۇر. مۇشۇ ۋەجىدىن ، ھەممىمىز بىر- بىرىمىزگە  ‹‹ ئەينەك›› تۇرمىز. مۇنبەردىكى ئورنىڭىز ھەم  قەلەمدىكى رولىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن،  ئامان بولايلى !

ۋاقتى: 2016-2-1 22:02:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپلىرىڭىز ئورۇنلۇق.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش