تېترەڭگۈ كېچىنى يىرتىۋەت ئەمدى
قۇربانجان توختى ئازىق
سېنى بار دەپ ياشاپ كەلدىم غەم-غۇسسىز،
غېرىبلىقنى يولاتمىدىم يۈرەككە.
قاراپ قالدىم زوقۇم كېلىپ بەك ئۇزاق
سېنىڭ بىلەن يانداش چۈشكەن سۈرەتكە.
ئامالسىز يېنىڭدا تۇرۇشقا ھەرۋاق،
تۆكمىگىن يېشىڭنى مەنسىز كېچىدە.
مۈشكۈلدۇر سەن ئۈچۈن مەشۇقۇم بولماق،
بەئەينى كۈپۈكتەك كۈتۈش ئىچىدە.
تەلپۈنۈش ئىچىدە ياشىدىم چىداپ،
مىسكىنلىك چاقىرىپ تۇرىسىمۇ ھەركۈن.
شېۋىرلاپ پاناھسىز كۈيلەر،بىر سېنى-
قىلماقچى بولدىغۇ باغرىمدىن سۈرگۈن.
ھەرقېتىم سېغىنىش ئاراچلىرىدا
ئۇۋالىڭ قىينايدۇ مېنى شۇقەدەر.
قىيالماي،كېچەلمەي يۈردۈم سېنىڭدىن،
سۇنساڭمۇ ئازابقا چىلانغان زەھەر.
يىغلىغۇڭ كەلدىمۇ؟ يىغلىۋال جېنىم،
ئۆڭىسۇن كۆڭۈلنىڭ زىرىكىش رەڭگى.
مەن ساڭا دۇنيادىن بىرەي بىر خېلۋەت
تېترەڭگۈ كېچىنى يىرتىۋەت ئەمدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-25 13:29