ئۇيغۇر قىزى
ئەھەدى
سەھەر گۈلشەن ئارا گۈلدەك سېنىڭ ھۆسنى سىياقىڭ ئۇز ،
خوتەن ئاھۇسىدەك نۇرلۇق، مۇلايىم جۈپ قاراقىڭ ئۇز .
كېچە زۇلفۇڭغا بائىسدۇر، يورۇق ئاپتاپ - جامالىڭغا ،
ھىلال ئايدەك قارا قاشىڭ بىلەن بەرگى قىياقىڭ ئۇز.
ۋاپا ئوكيانىدۇر نەسلىڭ، ھايا بوستانىدۇر ئەسلىڭ ،
ئىپارنىڭ كانىدۇر جىسمىڭ، شىپالىق ھىد - پۇراقىڭ ئۇز
.
شېرىن لەۋزىڭگە بال ھەيران، زىبا قەددىڭگە مەجنۇنتال ،
ئوماق مەڭزىڭدە چوغلانغان جۇلالىق خال - زىناقىڭ ئۇز.
سېنى كۆيلەپ بېيت يازماق ئۈچۈن ئاۋارىدۇر كۆڭلۈم ،
ئۆزۇڭ تاتلىق شېئىرسەنكىم رېتىم، ۋەزىن، تۇراقىڭ ئۇز .
جانان ئۇيغۇر قىزى قەلبىم كۆكىنىڭ ماھى چولپانى ،
سېنىڭ ۋەسلى پىراقىڭ ئۇز، مۇھەببەت ئىشتىياقىڭ ئۇز.
ئۇكۇنمە، ئەھەدى مۇنچە يېتەلمەي ۋەسلى دىدارغا ،
سېنىڭمۇ ياشقا لىق تولغان ئازابلىق كۆز چاناقىڭ ئۇز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-23 14:21