قوزىچاق بىلەن ھەسەل ھەرىسى
( چۆچەك)
ياسىنجان توخنىياز توغراق
ئىيۇن ئايلىرىنىڭ كېلىشى بىلەن ئەتىراپ تونۇردەك قىزىپ، باغلاردىكى بېدىلەر چېچەكلەپ، بېدىنىڭ گۈل چاڭلىرىغا تەرەپ-تەرەپتىن ھەسەل ھەرىلىرى قۇنۇشقا باشلىدى. ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ كۆپىيىشى باغدىكى يۇمىران بېدىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىۋاتقان قوزىچاقنىڭ كۆڭلىگە تازا ياقمىدى. قوزىچاق ھەسەل ھەرىسىدىن بېدىنى قىزغىنىپ قالدى.
بىر كۈنىسى دەردىنى ئىچىگە يۇشۇرالمىغان قوزىچاق، گۈل چېڭىغا قونىۋالغان ھەسەل ھەرىلىرىگە قاراپ:
- ھەي تەييارتاپ ھەرىلەر، بۇ بېدىلىكتە ھەرقايسىڭلارنىڭ ھەققى يوق، بىرقانچە كۈن بۇ يەردە تۇرۋېلىشىڭلارغا روخسەت قىلدىم، دەرھال كۆزدىن يوقىلىڭلار،-دەپتۇ.
ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئاقساقىلى قوزىچاقنىڭ ئالدىغا ئۇچۇپ بېرىپ، مۇلايىملىق بىلەن سالام قىلغاندىن كېيىن:
- قوزىچاق ئاكا، بۇنداق كايىپ كەتمىسىلە. بىزنىڭ بۇ بېدىلەرگە قونىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئازغىنا مەنپەتىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، سېلىنىڭ كېيىنكى مەنپەتلىرى ئۈچۈن ئەمەسمۇ،-دەپتۇ.
قوزىچاق ھەسەل ھەرىسىىنىڭ ئاقساقىلىنىڭ سۆزىنى چۈشەنمەي، ئۇنى ئاغىزىغا كەلگەننى بىلجىرلاۋاتىدۇ دەپ قاراپ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشكە باشلاپتۇ.
بۇ مۇنداق گەپ، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىسىلا قوزىچاق ئاكا،-دەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلاپتۇ ھەسەل ھەرىسىىنىڭ ئاقساقىلى :
- مېتال ئېلېمېنتلار ئائىلىسىدە بىر ئەزا بولۇپ، ئۇ تانتال دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئاز ئۇچىرايدىغان مېتالغا تەۋە، ئۇنى ئايرىۋالماق تەس، شۇڭا باھاسىمۇ ناھايتى قىممەت. ئىلگىرى ئىنسانلار تانتالنى تەجىبىخانىدىلا ئازراق ئايرىۋېلىپ مۇھىم تەتقىقات ماتىرىيالى قىلىپ ئىشلىتەتتى. كېيىن، تانتالنى سۈمۈرىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك، يەنى سەن بىز بىلەن تالىشىپ قالغان بۇ بېدىنى بايقىدى. پەقت بېدىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىقلا تانتال ئېلىناتتى.
لېكىن، ئىنسانلار ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچىرىدى. چۈنكى، بېدە ساڭا ئوخشاش قوزىچاقلارنىڭ ياخشى چارۋىچىلىق ئوت-چۆپى ھېساپلىناتتى. ئەگەر ئۇنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرۇپ كۈل تەركىبىدىكى تانتالنى ئايرىۋالسا، زور مىقتاردىكى ئوت-چۆپلەر ئىسراپ بولۇپ كېتىپ، سەن ۋە سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتەتتىڭ. بۇ زېدىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىنسان ئالىملىرى تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بېدىنىڭ گۈل چېڭى تەركىبىدىكى تانتالنىڭ مىقتارى ئالاھىدە كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، بېدىلىكتە زور تۈركۈمدە بىزدەك ھەسەل ھەرىسىنى بېقىپ، تانتالنى ئايرىۋېلىشىمىزدىكى ۋاستىلىك رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. يەنە مۇشۇنداق كۆك گۈللۈك بېدىگە تۇپراق تەركىبىدىكى تانتالنى سۈمۈرۈش ۋەزىپىسىنى، بىزلەرگە گۈل چېڭى يىغىش ۋە ھەسەل ياساش ۋەزىپىسىنى يۈكلەپ، ئەڭ ئاخىرىسىدا ئىنسانلار ھەسەل تەركىبىدىن قىممەتلىك تانتالنى ئايرىۋالغان.
قوزىچاق ھەسەل ھەرىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بېدىگە قونىشىنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن زورىغا قۇسۇر تاپقانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈپ:
- ھەسەل ھەرىلىرى، سىلەر باشقىلار ئۈچۈن تىنىمسىز ئىشلەيدىغان، ئۆزىنىڭ ھايات بەدىلىگە باشقىلارنى خوش قىلىدىغان مېھنەتسىز قەھرىمانلار ئىكەنسىلەر، سىلەردىن ئورۇنسىز قۇسۇر تېپىپتىمەن، مېنى كەچۈرۈڭلار، -دېدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-23 18:46