كۆرۈش: 569|ئىنكاس: 0

ياسىنجان توختىنىياز توغراقننى زىيارەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار باغۋەن ياسىنجان توختىنىيازنى زىيارەت
    مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
0 ]* k% `4 \; i7 P  C( K
QQ图片20160122223642.jpg
- C5 W* C( B/ w: K; o
  ئۇ كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش ئىقتىدارلىق شائىر ۋە يازغۇچى،مائارىپ پەنلىرى تەتقىقاتچىسى، كۆپكە ماھىر ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار باغۋەن ياسىنجان توختىنىياز توغراق. ئۇ ھەم  «ئورۇقلىتىش كۇلۇبى»، «بارۇ بىلەن كارۇ»،  «ياسانچۇق تەخەي»، «توخۇ بىلەن كەپتەر»، «قايتىپ كەلگە نخەت»، «ئاق قوچقارنىڭ كارامىتى»، «باھارىستاندا قۇشلار نەۋرۇزى» قاتارلىق 300پارچىدىن ئارتۇق  تەربىيەۋىيئەھمىيتى زور، پەلسەپىۋىي پىكىرگە تويۇنغان بالىلار شېئرى، ھېكايلىرى، چۆچەكلىرى،مەسەللىرى، سۆز ئويۇنلىرى، تېپىشماقلىرى، 50پارچىدىن ئارتۇق مائارىپ تەتقىقاتىغادائىر ماقالىلىرى بىلەن بالىلارنىڭ قەلىب تۆردە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقانبالىلار يازغۇچىسىدۇر.
]DIJD}K422V)Q81USED81X3.png
6 v% a2 [  t9 n, a
ياسىنجان توختىنىياز توغراق 1972- يىلى 8- ئاينىڭ  10-كۈنى ئونسۇ ناھىيەسى قىزىل بازىرنىڭ چېكىت كەنتىدەئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆز كەنتىدە باشلانغۇچ مەكتەپنى  تاماملىغاندىن كېيىن، دادىسنىڭ خىزمىتىنىڭ يۆتكىلىش سەۋەبىبىلەن  تولۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپنى ئونسۇ ناھىيە تاغلاق چارۋىچىلىق فېرما ئوتتۇرا مەكتىپىدەئوقۇغان، 1990 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەنپۈتكۈزۈپ، ئونسۇ ناھيە تاغلاق چارۋىچىلىق فېرما ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىمقىلىنغان.  ئۇنىڭئىجادىي ھاياتى   1996 – يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «مەكتىپىم›» ناملىقشېئىرى بىلەن باشلانغان.6 m" w5 H* L2 r2 C
ياسىنجان توختىنىياز توغراق بالىلار ئەدەبىياتى بىلەنشۇغۇللىنىپلا قالماستىن، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ مائارىپ پەنتەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر يۈرۈشماقالىلىرى بىلەن جەمىئيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. «ماتېماتكا ئوقۇتۇشىنىسەرخىلاشتۇرۇش توغرىسىدا»، «تىل-ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇلىدىغان بىرقانچەخىل تەلەپ» دېگەن ئىلمىي ماقالىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مائارىپئىلمىي جەمئيىتى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسى ھەم مائارىپ نەشىرىياتى تەرىپىدىنئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇجەھەتتىكى تەتقىقاتىغا ئاساس سېلىش ئۈچۈن، 2004-يىلدىن 2006 - يىلغىچە شىنجاڭمائارىپ ئىنىستىتۇتىدا مائارىپ پەنلىرى بويىچە تولۇق كۈرسنى پۈتتۈردى. ياسىنجانتوختىنىياز توغراق «مەرۋايىت چېچەكلىرى» ناملىق مەكتەپ گېزىتى ئىشلەپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ماقالە، گۈزەل - سەنئەت، تەرجىمە ئەسەرلىرنى ئېلان قىلىشبىلەن بىرلىكتە مەكتەپتە تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك ئەدەبىي يىغىلىش، ئەدەبىيپائالىيەتلەرنى ئۇيۈشتۈرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان قىزغىنلىقىنىيۇقىرى كۆتۇرۇش، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنىئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى. 30دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ50تىن ئارتۇق ھەرخىل تېمىدىكىئەسەرلىرى «شىنجاڭ ئۆسمۇرلىرى گېزىتى»، «تەربىيەچى»، «پەرۋاز» ژورناللىرىدا ئېلانقىلىندى، 10پارچە ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مەكتەپنىڭ يەرلىك دەرسلىكى «گۈرۈچماكانىدىكى توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپى»نى مۇستەقىل تۈزۈپ چىقىپ، ئونسۇناھىيەسى بويىچە مەكتەپ دەرسلىكى تۈزۈشنىڭ مىلودىيەسىنى ياڭراتتى. ئۇ 1998-يىلىدىنباشلاپ ئەدەبىي ئاخبارات بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ  200پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات خەۋەرلىرى تۈرلۇك گېزىت -ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ كۆپ قېتىم ناھيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىنمۇكاپاتلاندى،  2012-يىلى5 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىزبويچە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش بالىلار يازغۇچى، شائىرلىرى قاتارىدا سىمنارىيەگەقاتناشتى. ھازىر ياسىنجان توختىنىياز توغراق بالىلار ئۇچۇن مەخسۇس ئاتاپ يازغان«باھار ئىستاندا قۇشلار نەۋرۇزى» ناملىق بالىلار شېئىر توپلىمى، «قايتىپ كەلگەن خەت» ناملىق بالىلار ھېكايىلەر توپلىمى، «پولات پوچىنىڭ سەرگۇزەشتىسى»، «شىرپادىشاھنىڭ قىياتاش ئايمىقىدىكى زىيارتى»، «گۇللۇك خېنىم بىلەن سېسىق خانىش»ناملىق بالىلار چۆچەكلەر توپلىمى، بالىلار تەربىيەسىگە دائىر «گۈزەللىك يارىتىشتىنيارىلىدۇ›› ناملىق تەتقىقات ماقالىلىرى كىتابى نەشىر قىلىنىپ بازار تاپتى،ياسىنجان توختىنىياز توغراق ھازىر  جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىئىيتىنىڭ ئەزاسى، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»، «تەربىيەچى»،«پەرۋاز» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى، بالىلارنىڭ سۆيۇملۇك ئۇستازى.
  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇنىردىن تۇنىياز خەۋىرى، فوتوسى1 @1 x/ Q- m5 O4 q* [
مەسئۇل مۇھەررىر: شېرىنئاي يۈسۈپ
% z6 Q' G( g( j

]DIJD}K422V)Q81USED81X3.png
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش