گۈلۈم سىنى سۆيۈپ قاپتىمەن
ھەسەنجان تىلۋالدى
باھار ھېدى كەلدى يىراقتىن ،
مەن چۈشۈڭگە كىرىپ قاپتىىمەن.
سەنمۇ ماڭا كۆنگەن ئوخشايسەن،
فۈلۈم سىنى سۆيۈپ قاپتىمەن .
شۇنچە ئىللىق بىلىنەر سۆزۈڭ ،
گويا ئايدەك خۇش كۈلەر يۈزۈڭ،
دىلغا سۆيگۈ قالدۇردۇڭ ئۆزۈڭ ،
گۈلۈم سىنى سۆيۈپ قاپتىمەن .
غەمكىن كۆڭلۈم بەخىتكە چۈمدى ،
يۈزلىرىمگە تەبەسسۇم قوندى،
بۇ ھاياتىم شادلىققا تولدى،
گۈلۈم سىنى سۆيۈپ قاپتىمەن.
ئارمانلىرىم قۇش بولدى گويا ،
بەكمۇ گۈزەل تۇيۇلدى دۇنيا،
قىزغانماقتا تاڭدىكى سابا،
گۈلۈم سىنى سۆيۈپ قاپتىمەن.
2016-يىل 28-مارت
بۇ شېئىرىم ياش مۇزىكانت ئابدۇراخمان ئابلەتكە بىرىلدى .