مەن سېنى ياد ئەيلىسەم
نۇرشات ئەنۋەر قاينارى
ئوخچۇدى قەلبىمدە ھەسرەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم،
ياغدى ئاۋازىمغا زۇلمەت مەن سېنى ياد ئەيلىسەم.
بولدىكى ئىشقىڭ ماڭا ئەپسۇنغا لىقلانغان قاپاق،
سۆيگۈگە ئالماشتى نەپرەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم.
قوغلىنىپ باغىم باھاردىن نەچچە مىڭ يىللىق يىراق،
مىندى بۇلبۇل دەردىگە دەرد،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم.
ئىككى دۇنيانىڭ غېمى ئارتىلدى يەلكەمگە تامام،
توشتى بىغەملىككە مۆھلەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم.
بىپايان باغرىمدىكى توزۇپ باياۋان چۈشلىرى،
لەرزى تۈن ئۇلغايدى دەھشەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم.
ساقىغان تامچە چوغۇڭدىن ئوت ئېلىپ نىمجان ۋۇجۇد،
كۆيدى روھىمدا سۈزۈك خەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم.
بولدى قاينارى جۇنۇنلۇق چۆللىرىدە خامتالاش،
يەت جانان ھالىمغا بىر رەت،مەن سېنى ياد ئەيلىسەم...
2015–يىل،14–ئاۋغۇست.