يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 331|ئىنكاس: 7

رەيھانگۇل: خاتا ئۇرۇلغان تىلفۇن (مىكرۇ فىلىم سىناريەسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  خاتا ئۇرۇلغان تىلفۇن
    سىنارسىت: رەيھانگۇل مۇتەللىپ
قاتناشقۇچىلار:
1.يىگىت ............... ئوقۇتقۇچى(30ياشلاردا)
2. كىچىك قىز...................( 5-6 ياشلاردا)
3. قىزنىڭ ئانىسى.................(30 ياشلاردا)
4. دوختۇر ئايال..................(35 ياشلاردا)


1 .دوختۇرخانا .
يىگىت دوختۇرخانا ئىچىدە كملەرنىدۇر ئىزدىگىنىچە يۇگۇرمەكتە.
2..مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى ئالدى، كۇندۇز(چىكىنمە بايان ھالەتتە )
ئكراندا فلىمنىڭ 1. قىسمىدىكى قىزنىڭ  ئانىسىنىڭ يىگتگە  تىلفۇندا قىلغان سۆزلىرى يىگىتنىڭ ياش تۆككەن يىرى كۆرۇنىدۇ.
يىگىتنىڭ تىلفۇننى  قۇيۋىتەي دىيشىگە  قارشى تەرەپتىن < قىزىم ، قىزىم > دىگەن ئاۋاز ئاڭلىندۇ.

3 .ئوقۇتۇش بىناسى ئالدى، كۇندۇز  
يىگىت كۆز يىشىنى سۇرۇتكىەندىن كىيىن يۈگۈرگىنىچە مەكتەپتىن چىقىپ  كىتدۇ.
4.  دوختۇرخانا، كۇندۇز.

يىگىت دوختۇرخانىغا ئۇچقاندەك يۇگىرەپ كىرىدۇ دە، مەلۇم بالىنىستقا كىرىپ كىتىدۇ. بۇ چاغدا كارۋاتتا ئەمدىلا جان ئۈزگەن قىز خۇددى شىرىن ئۇيقۇغا كەتكەن ئادەمدەك كۆزلىرىدىن سۇس تەبەسسۇم  پارلىغان ھالدا ياتققان بولوپ قىزنىڭ ئانىسى ئازاپلانغان ھالدا يىغلاۋاتاتتى. يىگىت بۇ مەنزىرگە ئازاپلانغىنىچە قاراپ قالىدۇ. يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئانىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇچۇرشىدۇ.

5.  دوختۇرخانا زالى، كۇندۇز.
يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئانىسى دوختۇرخاننىڭ زالىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغىنىچە پاراڭلاشماقتا.
يىگىت : كەچۈرۈڭ مەن تولىمۇ بەك  بىخەستەلىك قىلىپتىمەن   ، مەن بۇئىشلارنى بۇرۇنلام  ھېس قىلىپ يىتىشىم كېرەك ئىدى.
قىز نىڭ ئاپىسى :  سىز بۇنداق دىمەڭ بۇمەندىكى خاتالىق مەن قىزىمنىڭ كىسەل كارۋىتىدا قىينىلشىغا  پەقەت  چىدىيالمىدىم , شۇنىڭ بىلەن كاللامگا كەلگەن مەلۇم نۇمۇرنى بىسىپ قىزىمغائازراق بولسىمۇ روھى جەھەتتىن تەسسەللىي بىرىشنى تالىىدىم   
قىزىم ھەر قىتتىم سىزگە تىلفۇن قىلغاندا مەنمۇ ناھايىتتى ئازاپلاندىم،،،،،، ئەسلمە كۆرۇنىشى بىرىلدۇ.
6 . ئەسلمە، بالىنىست، كۇندۇز.
قىزنىڭ ئانىسى ئالما ئاقلىماقتا،
قىز كىسەل كىيمى كەيگەن ، چىرايى سارغايغان. لەۋلىرى گەز باغلىغان ھالەتتە تىلفۇندا سۈرەت كۆرمەكتە  تىلفۇندا  ئاۋال  قىزچاق يالغۇز چۈشكەن سۈرەتلىرى كۆنمەكتە تۇيۇقسىز بىر ئائىلە كىشىلىرنىڭ چۈشكەن سۈرەتلىرى
تىلفۇن ئىكراندا كۆرۈندۇ ھەمدە بىر ئاز سۈرەتكە تىكلىپ قاراپ كۆڭلى بۇزۇلغان ھالەتتە ئاپسىغا قاراپ:
قىز : ئاپا
ئانىسى قىزىغا قارايدۇ)
ئانىسى: ھە ئاپپاق  قىزىم؟  
قىز: دادام مىنى قاچان كۆگىلى كۆرگىلى كىلدۇ ؟دادامنى بەكلام سېغىندىم.
ئانابىئارام بولغان ھالدا خىيالغا چۆكىدۇ ھەم تېزلام قىزغا جاۋاپ قايتۇردۇ.
ئانسى : قىزىم دادىڭىز بەك ئالدىراش ئىشلىرنى تۈگۈتۇپ  سىزنى چۇقۇم كۆگىلى كىلىدۇ .
قىز : ئاپا دادامغا تىلفۇن قىساقچۇ ؟(ىتلفۇننى ئانسغا تەڭلەيدۇ)
ئانىسى بىرنەرسىلەرنى خىيال قىلغان ئاساستا خالغان نۇمۇرنى بىسىپ قىزىغا تەڭلەيدۇ
قىز ئازاپلانغان ھالدا ياتقىنىچە قول تىلفۇندا تىلفۇن قىلىدۇ، بىر ئاز تۇرغاندىن كىيىن «ۋەي، دادا» دەيدۇ، بىراق شۇھامان چىرايى تۇتۇلۇپ كۆڭلى يىرىم
بولغان ھالدا تىلفۇننى قويىدۇ دە، يىنىدا تۇرغان ئانىسىغا دەيدۇ:
-ئانا، دادام مىنى تونۇمىدى.
7 . زال، كۇندۇز
قىزنىڭ ئانىسى: قىزىم شۇنداقتىمۇ ئۇمۇدسىزلەنمەي يەنە تىلفۇن قىلىدى، بىراق بۇ قىتتىم بەكمۇ ئازاپلاندى،،،،،،،
8 . بالنىسىت، كۇندۇز
بالىنىستتا قىز يالغۇز  ياتققان بولوپ يىنىدا ئانىسى يوق ئىدى، قىز نىمىلەرنىدۇر ئويلاپ ياتققاندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ كىچىكىنە ئۇستەلگە قويۇقلۇق قول تىلفۇننى ئىلىپ تىلفۇن قىلىدۇ، (بىراق تىلفۇن بىسۋىتىلىدۇ) قىز ئازاپلانغان ھالدا تۇرۇپ قالىدۇ.
      9 . زال، كۇندۇز
قىزمنىڭ ئەھۋالى بارغانسىرى ناچارلىشىپ مىنى تولىمۇ ئازاپلىدى، قىزىم شۇ ھادا تۇرۇپمۇ دادىسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى قىزىمنىڭ ئازابىغا پەقەت ئاتىلىق مىھرلا تەسەللى بولاتتى قىزىمنىڭ شىپالىق دورىسىمۇ شۇ ئىدى، قىزىم ئاتىلىق مىھرگە تولىمۇ تەشنا ئىدى.
                                                10 . بالىنىست، كۇندۇز
قىز كارۋاتتا ياتقىنىچە ئانىسىغا پىچىرلاپ گەپ قىلماقتتا، دوختۇر كىرىپ كىلىدۇ دە، قىزنىڭ چىرايىغا تەپسىلى قارىغاندىن كىيىن قىزنىڭ كۆزىنى سەل ئىچىپ قاراپ «تىلڭىزنى چىقىرىڭ» دەيدۇ، قىز تىلىنى چىقىرىدۇ دوختۇر بۇينىدىكى ئەسۋاپتا قىزنىڭ يۇرەك سوقۇشىنى ئاڭلايدۇ.
قىزنىڭ ئانىسى: )دوختۇر قىزىمنىڭ ئەھۋالى قانداق؟
دوختۇر ئۇمۇدسىزلەنگەن ھالدا بىشىنى چايقايدۇ) قىزنىڭ ئانىسى: دوختۇر قىزىمنى ئۆزۇم يالغۇز داۋالىتىۋاتىمەن قانچە جاپا چەكسەممۇ مەيلى قىزىمنى ساقايتساق،،،،،،
دوختۇر: بىز دوختۇرلار كۇچىمىزنىڭ بىرىچە داۋالايمىز، بىز دوختۇر قولىمىزدىن پەقەت تىرىشچانلقلا كىلىدۇ قالغىننى ياراتقۇچىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولىدۇ.(قىزغا قاراپ) قىزىم قولىڭىزدىكى تىلفۇن ھەجەپ چىرايلقكىنا كىمگە تىلفۇن قىلماقچىسىز؟
قىز: دادام ئىلىپ بەرگەن دادامغا تىلفۇن قىلىۋاتىمەن، بىراق دادام تىلفۇننى ئالمىدى.
دوختۇر: بىزگە ماسلىشىپ ياخشى داۋالانسىڭىز، ياخشى بالا بولسىڭىز دادىڭىز سىزگە تىلفۇن قىلىدۇ.
11. زال، كۇندۇز.
قىزىم سەكرات ئازابىنى تارتىۋاتققان شۇ دەقىقىلەردىمۇ  يەنىلا دادىسىنى ئىغزىدىن چۇشۇرمىدى، شۇ ۋاقىتتىكى ئازاپلىرىمنى تەسرلەپ بىرەلمەيمەن.
                                 11. بالنىست، كۇندۇز.
قىز بەدىنى ئاجىزلىشىپ بىر تەن بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ھالەتتە ئڭىراپ ياتماقتا،  
قىز  قول تىلفۇنىدا تىلفۇن ئۇرىدۇ، بۇ قىتىممۇ ئوخشاشلا تىلفۇن بىسۋىتىلىدۇ. قىز بىر قانچە قىتتىم تىلفۇن ئۇرغاندىن كىيىن تىلفۇن ئىلىنىدۇ.
قىز: ( قىينالغان ھالدا) دادا، سىنى بەكمۇ سىغىندىم، تىزراق قايتىپ كەلگىن ئاپامنىڭ دىيىشىچە بۇ سىنىڭ تىلفۇن  نۇمۇرۇڭ ئكەن،،،،،، ھەرگىز خاتا ئەمەس دەيدۇ،،،، دادا مەن بەكلا قىينىلىپ كەتتىم،،،،،، سىنى بەكلا سىغىندىم،،،، ئاپام سىنى بەك ئالدىراش دەيدۇ، ئۆزى ماڭا كىچە كۇندۇز قاراپ بەك ھىرىپ كەتتى،دادا مەن سىنىڭ بىزنى باقىمەن دەپ بەك جاپالىق ئىشلەۋاتقىنىڭنى بىلىمەن ئەگەر مىنى كۆرگىلى كىلەلمسەڭ مىنى تىلفۇندا بولسىمۇ بىر قىتتىم سۆيۇپ قويساڭلا بولدى،،،،،دادا،،،، بولامدۇ؟،،،،،،(سۆيگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ قىز خۇشال ھالدا) رەخمەت دادا،،،،، مەن ،،،، بەك خوش بولدۇم،،،،،،،مەن،،،، بەك بەختلىك،،،،،،،(قىز كۇلۇمسىرگەن ھالدا جان ئۇزىدۇ،ۋە قولىدىن تىلفۇن سېرىلىپ يەرگە چۈشدۇ.
ئانا ئازاپلىنىپ يىغلايدۇ))
  12.دوختۇرخانا زالى، كۇندۇز.
قىزنىڭ ئانىسى: سىزنى بەكلا ئاۋارە قىلدۇق، رەخمەت سىزگە.
يىگىت: ئەرزىمەيدۇ،نامسىز تېلفۇننىڭ ئارقىسدا بۇنداق ھىكايىنىڭ بارلىقىنى پەقەتلام ئويلىماپتىمەن كەچۈرۈڭ  (كۆزىگەن ياش ئالىدۇ) قىزچاققا يۇرەك سۆزۇمنى ئىيتىۋالسام قانداق؟
قىزنىڭ ئانىسى باش لىڭىشىتىدۇ.

                                       13.بالنىست، كۇندۇز.
قىزچاقنىڭ جەسىتىگە ئاق رەخت يىپىپ قويۇلغان بولوپ كارۋاتتا شۇ ھالەتتە ياتاتتى، يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئانىسى جەسەت ئالدىدا ھەسرەتلىك ياشلىرىنى تۆكۇشىدۇ.
يىگىت: قىزىم مىنى كەچۇرۇڭ، مەن بىلمەيلا سىزگە قوپال مۇئامىلە قىلىپتىمەن، قىزىم سىز يىتىم ئەمەس گەرچە دادىڭىزدىن ئايرىلغان بولسىڭىزمۇ ئاتىلىق مىھىر مۇھەببەتتىن ئايرىلمىدىڭىز، سىزنى ئانىڭىز شۇنداقلا ئەتراپىڭىزدىكى بارلىق .ئادەملار  ياخشى كۆررىدۇ ھەممىلا  يەردە مىھىر-مۇھەببەت بار ، مىھىر -مۇھەببەتتىن ھەرگىزمۇ ئايرىلمايسىز ، قىزىم خاتىرجەم كىتىڭ، بىز جەننەتتە كۆرۇشەيلى.
يۇقۇرقى بايانلار يىگىتنىڭ دوختۇرخانا زالىدىن چىقىۋاتقان كۆرنىشگە توغرلاپ دىيىلىدۇ
يىگىت زالنىڭ ئوتۇرىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز تىلفۇن تىلفۇن كىلىدۇ،بۇ قىتىممىۇ ناتۇنۇش نۇمۇر ئىدى ،بۇ قىتىم يىگىت بىر ئاز ئويلۇنۇپلا ئەڭ تېز سۈرەتتە تىلفۇننى ئالىدۇ  ۋە چىرايى  بىرخىل تەبەسسۇم ھالىتىگە كىلىدۇ  .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەيھانگۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-22 17:15  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-22 16:33:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىش بەلگىلەرنى ئوڭشىمىسىڭىز، بۇ تېمىڭىز ئۆچۈرۈلىدۇ.

باھا سۆز

ئوڭشىدىم ئاكا.  ۋاقتى: 2016-1-22 05:00 PM
ۋاقتى: 2016-1-24 10:37:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقىشىڭىزغا ۋە تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىل بولدۇم،سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن،ئەمما سەمىمىي گەپنى قىلسام بۇ يازغىنىڭىز بۇرۇنقى يازغانلىرىڭىزىن قىلچىلىك پەرقى يوق،زورۇقۇپ يېزىلغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ،شۇنچە زورلاپ ئوقۇپ باقساممۇ ئېستىتىك زوقۇمنى تارتالمىدى،سىزنى ئالدداپ يالغان ماختاشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن،تىرىشچانلىقىڭىزغىلا ئاپىرىن،سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن!

باھا سۆز

بۇندىن كىيىن چوقوم تىخمۇ تىرىشىمەن ئەسەر سۇپىتىگە ئەھمىيەت بىرىمەن.  ۋاقتى: 2016-1-24 11:22 AM
رەھمەت، بۇندىن كىيىن بەزى ئەسەرنى ۋەزىپە دەپ چۇشەنمەي يازاي.  ۋاقتى: 2016-1-24 11:21 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2002-1-1 16:48:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەممىي تەكلىپ پكىرلەر كۆپرەك بولسىكەن، كەمچىلكنى بىلسەم.

ۋاقتى: 2016-1-31 21:58:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى يېزىپسىز، ئۈندىداردا مۇشۇنداق مەزمۇندىكى بىر كىنونى كۆرگەنىدىم،

ۋاقتى: 2016-1-31 21:59:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   راسىت مەنمۇ كۆرگەن ئۇ فىلىم بەك تەسىرلىك چىقىپتىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-5 16:11:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلمان يوللىغان ۋاقتى  2016-1-31 21:59
راسىت مەنمۇ كۆرگەن ئۇ فىلىم بەك تەسىرلىك چىقىپتىكەن.

بۇ سىناريە شۇ فلىمنىڭ داۋامى قىلىنىپ يىزىلدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-5 16:13:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلمان يوللىغان ۋاقتى  2016-1-31 21:59
راسىت مەنمۇ كۆرگەن ئۇ فىلىم بەك تەسىرلىك چىقىپتىكەن.

بۇ سىناريە شۇ فلىمنىڭ داۋامى قىلىنىپ يىزىلدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش