يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ت.م.مارشال

باۋۇدۇن ھەسەن: «يۈز يىل غېرىبلىق» تىن « غېرىبانە يۈز يىل» غىچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2002-1-1 01:16:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2016-1-26 13:31
《好家伙》  بۇ يەردىكى 家伙 ئادەتتە نەرسىلەرگە، قورال-ياراغقا ...

ئېسىمدە قالغىنى بويىچە تەھلىل قىلىپ باقسام، مەزكۇر روماندا ماكوندو كەنتىدىن كىچىگىلا چىقىپ كېتىپ جاھان كېزىپ كەلگەن ئۇرسۇلا جەمەتىنىڭ بىر نوچىسى بار. ئۇنىڭ ئەرلىكى ئالاھىدە تەرەققى قىلغان بولۇپ ، ماكوندوغا قايتىپ كەلگەندە ئەرلىكىگە چەكمە چەكتۈرۈپ، بازارنىڭ ئاۋات يېرىدە ئەرلىكىنى چىقىرىپ ھەممە ئادەمگە كۆز ـكۆز قىلىدۇ.
مېنىڭچە ئاۋۇ جۈملە ئاشۇ نوچىنىڭ ئىشلىرى بولسا كېرەك.
ئەگەر ئەختەم ئۆمەردەك يەرلىك تىل ئۇستىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا ئاۋۇ جۈملىنى:
ـ ۋاي نوغۇچۇم،، بوشراق، تېشىغا ئۆرۈۋەتتىڭ، دەپلا ئالغان بولاتتى.
ئەدەبىيات ئىشىكەن، تۈزۈت قىلالـمىدىم،يۈزى تۆۋەنلەر يۈزۈڭلەرنى ئېتىۋېلىپ كۆرمىسەڭلەرمۇ بولىدۇ.

ۋاقتى: 2002-1-1 01:20:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەختەم ئۆمەرنىڭ «ئاشتاختامنىڭ نوغىچىكەنلا، بوشراق....» دېگەن جۈملىلىرىدىن ئىلھام ئالسا بولىدۇ.

ۋاقتى: 2002-1-1 02:00:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2016-1-26 13:31
《好家伙》  بۇ يەردىكى 家伙 ئادەتتە نەرسىلەرگە، قورال-ياراغقا ...

بىر جۈملىنىڭ نەچچە خىل تەرجىمىسى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2002-1-1 02:39  


ۋاقتى: 2002-1-1 02:04:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2016-1-26 13:31
《好家伙》  بۇ يەردىكى 家伙 ئادەتتە نەرسىلەرگە، قورال-ياراغقا ...

مەنچە بۇخىل ئىپادىلەش ئەڭ جايىغا چۈشۈپتۇ. تەرجىمىنىڭ پاساھىتى، تەرجىماننىڭ ماھارىتىمۇ دەل مۇشۇنداق ئىككىنچى تىلغا ئەڭ يېقىنلاشتۇرۇپ سىلىق، راۋان، ئاددىي ھەم  چۈشىنىشلىك ئىپەدىلەشتە گەۋدىلەنسە كېرەك.

ۋاقتى: 2002-1-1 02:15:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2002-1-1 01:16
ئېسىمدە قالغىنى بويىچە تەھلىل قىلىپ باقسام، مەزكۇر ر ...

ئەسەردە ئىپادىلىنىۋاتقان مۇھىتقا قارىغاندا مۇشۇنداق ئېلىشمۇ ئارتۇق كەتمەمدۇ نېمە؟

ۋاقتى: 2002-1-1 02:15:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2002-1-1 01:16
ئېسىمدە قالغىنى بويىچە تەھلىل قىلىپ باقسام، مەزكۇر ر ...

ئەختەم ئۆمەر جانلىق تىلنى ئاجايىپ جانلىق ئىشلىتەتتى-ھە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2002-1-1 02:40  


ۋاقتى: 2002-1-1 02:16:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2002-1-1 01:16
ئېسىمدە قالغىنى بويىچە تەھلىل قىلىپ باقسام، مەزكۇر ر ...

قارىغاندا تەرجىمانلارنىڭ ئۆگىنىدىغىنىمۇ، مېنىڭ تەرجىمانلاردىن ئۆگىنىدىغىنىممۇ ئاز ئەمەسكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2002-1-1 02:42  


ۋاقتى: 2002-1-2 03:22:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇناسىۋەتلىك كىشى دېگىنى ئاشۇ غاپبولاڭ دەرياسىدا ئۈزۈپ يۈرگەن نازىنىنلارنى دەيمىز.  بىزدە ھەممە ئىشتا دەل ئىشنى تاپالمىسا ياكى دىيىش بىئەپ بولۇپ قالسا مۇناسىۋەتلىك كىشى،  مۇناسىۋەتلىك ئورۇن دەيدىغان گەپ بار.  

ۋاقتى: 2016-2-11 23:52:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تېكىستتىكى تەرجىمە ئىشلېرىدا سۆز جۈملىلەر تېخىمۇ راۋانلىشىپتۇ ، « غېرىبانە يۈز يىل » نىمۇ چوقۇم كۆرۈپ چىقىمەن . « يۈز يىل غېرىپلىق » رومانى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا « كەچمىش » ۋە « قۇم باسقان شەھەر » قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان ئىدى . شۇڭا « يۈز يىل غېرىپلىق » دېگەن ئىسىم خۇددى بىرەر ئەدەبىي كەسپىي ئاتالغۇدەك بىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىگە چىڭ ئورناپ كەتكەنىدى . تەرجىماننىڭ كىتابنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشتە كۆرسەتكەن ئىلمىي پاكىتلېرى كىشىنى قايىل قىلارلىق بولسىمۇ مېنىڭچە كىتاب ئىسمىنى ئۆزگەرتىشتەك قىلمىشى يەنىلا ئارتۇقچىدەك بىلىندى . ئۇيغۇرچىدا ” يەتتە يىل قەھەتچىلىك “ تەك ئىپادىلەش ئادەتلېرىمۇ يوق ئەمەس . ئەسلى كىشىلەر ئورنىغا ئورناپ بولغان كىتابنىڭ ئىسمىنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىلىشى خۇددى ئەسلى ئامما قەلبىگە ئورناپ يادا بولۇپ كەتكەن كەسپىي ئاتالغۇنىڭ ئۆزگىرىشىدەك ئېلىپ كەلگەن ئاۋارچىلىق چوقۇم قولايلىقلاردىن كۆپ . بىزنىڭ ئەسەرلېرىمىزدە مۇتەپپەككۇر 柏拉图 نىڭ ئىسمى بەزىدە پلاتون دەپ ئېلىنسا بەزىدە ئەپلاتون دەپ ئېلىنىپ ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت .

ئوخشاش بىر روماننىڭ باشقا تىلغا ئوخشىمىغان تەرجىمانلارنىڭ تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى خەنزۇچىدا كۆپ ئۇچرايدۇ . بالزاكنىڭ ئەسەرلېرىنى ئېلىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان تەرجىمانلار تەرجىمە قىلىپ كۆردى . پەقەت « يېۋگىنى گىراندىت » نىڭلا ئۈچ خىل خەنزۇچە ئوخشىمىغان تەرجىمە نۇسخىسىنى ئوقۇپ باقتىم . ماڭا ئەڭ ياققىنى يەنىلا فۇلېي ( 傅雷 ) ئەپەندىنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش