يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ت.م.مارشال

باۋۇدۇن ھەسەن: «يۈز يىل غېرىبلىق» تىن « غېرىبانە يۈز يىل» غىچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-1-22 17:59:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا تىلنى بىلمەيدىغانلىرىمىز  بىرخىل تەرجىمىنىلا كۆرسەك ئەسلى ئەسەر شۇ ئوخشايدۇ دەيمىز، بۇنداق سېلىشتۇرۇپ بېقىش ئىمكانىيىتى بولسا ئكگىنىۋالالايدىغانلىرىمىز تېخىمۇ كۆپىيىدۇ ئەلۋەتتە. قايسىخىل تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ئوبدان چىققانلىقى ھامان ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-22 18:02  


ۋاقتى: 2016-1-22 18:05:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركزات مۇئەللىم بۇ ماقالە مۇنبەرگە تامامەن ماس كىلىدۇ. پەقەت تەرجىمە تەتقىقاتى دېگەن سەھىپىگە يۆتكەپ قويۇلسىلا بولدى.
مەن ئىككى كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەپسىلى كۆرۈپ چىققان ئىدىم. شۇڭا ئىككى ئېغىز سۆز قىلاي.
  1-ئىلگىركى تەرجىمىنىڭ تەرجىمە ئاپتۇرى غوپۇر نۇردۇن ئەفەندىم .  قەيت قىلىنىشىمىزچە نەچچە خىل تىل ئاغدۇرمىسىدىن ئۆتكەن خەنزۇچە نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلغان بولغاچ  بەزى يىتىشسىزلىكلەردىن خالى بولالمىغان. شۇڭا ئىمكانىيەت يۈز بەرگەن ئەھۋالدا ئەسلى تىلدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغىنى تۈزۈك. بۇنداق بولغاندا ئەسەردىكى تىل مۇھىتى ۋە ئىپادىلەش سەنئىتى جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىك خوراپ كەتمىگەن بولىدۇ.
2-ئىككى خىل تەرجىمىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرىدە ئىلگىركى نۇسخىسىدا  سۈررىيالىزىملىق ئىپادىلەش ئۇسلۇبى پۇرىقى بىرقەدەر گەۋدىلەنگەن. بۇ كونا نۇسخىسىنى ئىشلەش جەرىيانىدا پايدىلانغان خەنزۇچە نۇسخىسىنىڭ تەرجىمەسىدە  ئەسلى ئەسەرنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە ئىشلىگەندە غوپۇر نۇرىدىن ئەفەندىم بۇ نۇقتىدا چىڭ تۇرغان.  باھاۋۇددىن ئەفەندىم ئىشلىگەن ھازىرقى نۇسخىسىدا ئەسلى تىلغا ئەڭ يېقىن خەنزۇچە نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. ئىككىنچى تەرجىمىسىنىڭ بەرگەن تەسىرىدە تىلى نەپىس ۋە چۈشۈنىشلىك، جۈملىلەرنىڭ باشلىنىشى ۋە سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى جەھەتتە ئادەمگە سۈرۈك تۇيغۇ بىرىدۇ. ئەسلىگە بەكرەك سادىق بولۇش بىر قەدەر ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. تەرجىمە ئەسلىگە سادىق بولۇش ئاساسىدىكى قايتا ئىجادىيەت. ھەرگىزمۇ ئەسلى ئەسەرنىڭ ئۆزى ئەمەس. تەرجىمىدە ئەڭ دىققەت قىلىدىغان ئىش---تىلنى قانداق ئىشلىتىپ قانداق باشلاش. تىلنىڭ ئورانى قانداق ماڭسا باشتىن ئاخىرى شۇخىل يۈكسەكلىكتە بولۇشى كىرەك.  ئىككىنچىدىن ئەسلى ئەسەر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت كۆچۈرمىشلىرى بىلەن ئىمكانقەدەر تونۇشۇپ چىقىشى كىرەك. ئەسلى ئەسەر مىللىتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قىلىنغان تەرجىمە خۇددى ئالمىخان ناخشىسىنى باشقا مىللەت ئېيتقاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ. ئۈچنچىدىن يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى چوقۇم گەۋدىلىنىشى كىرەك. قالغان مەسىلىلەرگە قارىتا  ئەسلىگە چوقۇم سادىق بولۇشنى ھەددىدىن زىيادە بەك تەكىتلەشنىڭمۇ  ئورنى يوق.  بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئىلگىركى تەرجىمىسىدە ئەسەرنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ۋە پۇرىقى ئۆز ئىپادىسىنى بەكرەك تاپقان.  ئىككىنچى تەرجىمىدە تەرجىمە ماھارىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بىرىلگەن. سۆزلەر راۋان، تىلنىڭ دەللىك دەرىجىسى يېقىن بولغان. ئۈچىنچىدىن. ئىككى خىل تەرجىمىنىڭ يۇقارقى ماقالىدە  ئارتۇقچە  ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى مەسىلىلەرنى  دىيىلىشكە تامامەن يارىمايتتى. تەرجىمىدە كۆپ نۇسخىغا ئارتۇقچە قارىۋېلىش سۆزلەرنىڭ ئىزچىللىقى ۋە ئەبجەشلىكىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا مەيلى ئۆزبېكچە ياكى تۈركچە، ئەزەربەيجانچە بولسۇن سىز نىڭ تەرجىمىڭىز ھەرگىزمۇ ئەڭ ئاخىرقى ئاكادېمىيە تەرجىمە بولۇشى ناتايىن . شۇڭا ئۆزىگە ئەڭ ئىشەنچ قىلغان بىرلا نۇسخا بولسىلا كۇپايە.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا ئىككى خىل تەرجىمىنى بىرسىنى قاقلىغان كاۋاپقا ، بىرسىنى قاينىتىلغان شورپىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. ئىجادىيەت ئۇسلۇبى قوغلىشىدىغانلار ئىلگىركى تەرجىمىسىنى، تەرجىمە ماھارىتى قوغلىشىدىغانلار كىيىنكى نۇسخىسىغا قارىسا تامامەن مۇمكىن . يۇقارقى ماقالىدە دىيىلگەندەك ئىلگىركى تەرجىمىدىكى بەزى مەسىلىلەر  بەك جوراپ كەتكۈدەك مەسىلىلەرمۇ ئەمەس بەلكى يوقنىڭ ئورنىدا. ھىس قىلىشىمچە يېڭى تەرجىمىدە كەتكۈزۈپ قويۇلغان مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس.  ئوخشاش بىر سۆزنى نازۇك بىر سۆز بىلەن تەرجىمە قىلىشقىمۇ، سۈر رىيالىزىملىق ئىپادىلەش ئۇسلۇبىغا ماسلاشقان گۇمباڭ سۆز بىلەن تەرجىمە قىلىشقىمۇ تامامەن بولىدۇ. ئەسەرنىڭ تەرجىمە تەقەززاسى قايسىغا تارتسا سۆزنىڭ ئەركىكى ۋە چىشىسىنى تاللاپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلساق نىمىشقا بولمايدىكەن.  ماقالىدىكى بەزى مەسىلىلەرگە مەن ئانچە قوشۇلالمايمەن.
   ھەر ئىككى تەرجىمە ياخشى چىققان. ئىككى تەرجىمانمۇ كۆپ جاپالارنى تارتقان. ئىككى خىل خەنزۇچە تەرجىمىدىكى سەۋەنلىكلەرمۇ ئۇيغۇرچەدە ئۆز ئىپادىسىنى تارتقان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-22 22:10  


باھا سۆز

ئېسىل ئىنكاس!  ۋاقتى: 2016-1-22 06:07 PM
ۋاقتى: 2016-1-22 18:06:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن «يۈز يىل غېرىبلىق» نەشر قىلىنىشى بىلەنلا ئارقا- ئارقىدىن  ئىككى-ئۈچ قېتىمدەك ئوقۇغان ئىدىم. شۇ چاغدىكى تەسىراتلىرىممۇ ھېلىھەم كاللامدا غۇۋا بار.
  بۇ قېتىمقى يېڭى تەرجىمىسىنى ئالدىميۇ، ئەمما ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمەن.
  گەرچە ئىككى خىل تەرجىمە قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر خىل ئەسەرنى ئوخشىمىغان ياش باسقۇچىدا ئوقۇسا، ئوخشىمىغان قاراشقا كېلىدىكەن كىشى...
  دوستويىۋېسكىينىڭ «جىنايەت ۋە جازا» ناملىق رومانىنى  ئون قېتىمدەك ئوقۇغاندىمەن. ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا كاللامدا ئوخشىمىغان ئىنكاس ۋە ھۇزۇر شەكىللىنىدۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-24 18:06  


ۋاقتى: 2016-1-22 18:24:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىلگىرىكىسىنى ئوقۇپتىكەنمەن.

ۋاقتى: 2016-1-22 19:53:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى (ھازىر مۇنبەر باشلىقى ئىكەن) تۇرۇقلۇق، باشقىلار پىكىر بېرىپ تۇرسىمۇ ئاۋۇ تىرناق ئىچىدىكى ئىزاھاتنى ئۆزگەرتمەپتۇ. مىسرانىم مۇنبىرىدىمۇ ئوخشاشلا شۇ پېتى تۇرۇپتۇ.
------------
كولۇمبىيە يازغۇچىسى گارسىيە ماركوزنىڭ«غېرىبانە يۈز يىل (بۇرۇنقى ئۇيغۇچە تەرجىمىسى « غېرىبانە يۈز يىل»)»
----------------------------
مىسرانىم مۇنبىرىدە «بۇ ماقالە ئاپتۇرنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاندى.» دەپ ئەسكەرتىش بېرىپتۇ يۇ، بۇ يەردە ئەسكەرتىش بەرمەپتۇ. تېما ئىگىسى ئاپتورنىڭ ماقۇللىقىنى ئالدىم دېگىنى بىلەن ماقالىنىڭ ھەقىقىي مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپتۇ.
بۇ ماقالە «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 4- سانىغا بېسىلغان. ژۇرنالدىمۇ ئوخشاشلا گارسىيە ماركوسنىڭ دۆلىتىنى ئارگىنتىنا دەپ ئالغان. تېما ئىگىسىمۇ شۇ پېتى كۆچۈرۈپلا قويۇپتۇ.ژۇرنال قولۇمغا تىگىپ ئالدى بىلەن مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇپ بېشىدىكى مۇشۇ خاتالىقنى كۆرۈپلا باشقىچە بولۇپ قالغان ئىدىم.
دېمەكچىمەنكى مەزكۇر ماقالە سەۋەبلىك قايتا - قايتا، قاتلاممۇ - قاتلام مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىنغان. ھەر ئىش قىلساق ئەستايىدىل بولايلى.

ۋاقتى: 2016-1-22 21:22:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچقانداق ئەسەر نوبىل مۇكاپاتىغا تاسادىبىي ئىرىشىپ قالمايدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن ئىسىل ئەسەر، يەنە كېلىپ زەينۇللا بۇرادەرنىڭ ئىنكاسى ۋە تەھلىلىگە قارىغاندا ھەر ئىككى تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى باركەن، قايسىنى تاللاپ وقۇشنى ھەركىم ئۆزى تاللايدۇ.

ۋاقتى: 2016-1-22 22:39:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يېڭى تەرجىمىسىدە كەتكۈزۈپ قويغان ئەمما ماقالە ئاپتۇرى مىسال ئورنىدا ئالغان بىرلا تېكىستنى چاپلاپ قويماقچى. چۈنكى يېڭى تەرجىمىسىنى قىلغان تەرجىمان بۇ جۈملىنى ئۆزىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغان.

---------------------------------
(4) ① شەھۋانىيلىق يۇقىرى پەللىگە چىققان چاغلاردا ئۇلار ② «ئاھخۇدا» دەپ ۋارقىراپ، ③تۇرۇسنىڭ قانداق ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ ياتاتتى. («يۈز يىل غېرىبلىق»572-، 573 -بەتلەر)

   بۇ مىسالدا ① سۆز ئورۇنلۇق قوللىنىلمىغاچقائۇقۇم مۇجىمەل بولۇپ قالغان؛   ② ئىسلامى سۆز بولۇپ قالغان؛ ③ جۈملىدىكى مەزمۇن ئاپتورنىڭ بايانى بولۇپ قالغان ھەمدە مەنا باشقا بولۇپ قالغان. ئەسلىمەنىسىدە تۇرۇس ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ، پەقەت نىگروامانتا ئاتلىق پاھىشە قىز نازلىنىپ كۆپتۈرمە ئۇسۇلدا شۇنداق دەپ قويىدۇ.



ئۇيغۇرچە يېڭى تەرجىمىسى:

كۆڭۈل خۇشى پەللىسىگە يەتكەندە «ياپىر،ئۆگزىمۇ گۆمۈرۈلۈپ چۈشىدىغان بولدى» دەپ چىراقىراپ قوياتتى. («غېرىبانە يۈز يىل»483-بەت).



خەنزۇچە يېڭى تەرجىمىسى:

在爱情的高潮则大声惊呼“好家伙,你看房顶都要塌了。”(范译《百年孤独》第335

------------------
يا پىر دېگەن سۆز سوپىزىم ئاتالغۇسى. يەنە كىلىپ ئىسلامى سۆز. 好家伙دېگەن بۇ سۆز  پەقەت ئىنتىناتسىيەنى ئىپادىلەش رولىنىلا ئۆتەيدۇ. بۇ يەردە ياپىر دېسە قەتئىي چۈشمەيدۇ.
.................
يەنە باشقا تەرەپلەرمۇ بار ئەلبەتتە .  مەسىلەن: García Márquez  دېگەن بۇ ئىسىم ئېسپان تىلىدىكى تەلەففۇزى گارسىيا ماركېز ، ھەرگىزمۇ گارسىيە ماركوس ئەمەس.  بۇنى خەنزۇچەدىن پايدىلانغان تەقدىردىمۇ چەتئەل ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىش پىرىنسېپى بويىچە تەلەففۇزدىكىسى ئاساس قىلىنىشى كىرەك ئىدى.  بۇ جەھەتتە ھازىرغىچە بارلىق ئۇيغۇر مەدبۇئاتلىرى خاتا تەلەففۇز قىلىنىپ كىلىۋاتىدۇ . ئەگەر ئاڭلىماق بولسىڭىز مۇنۇ  ئۇلانمىغا كىرىپ ئوقۇتۇپ باقسىڭىز بولىدۇ
http://www.bing.com/translator/?ref=SALL&mkt=zh-CN     ئىسىم مانا مۇنداق
Gabriel José de la Concordia García Márquez
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-22 23:29  


ۋاقتى: 2016-1-22 22:48:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئەمەس، ئارتتېكىننىڭ تەھلىلى ئىدى

ۋاقتى: 2016-1-22 23:22:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەينۇللا يوللىغان ۋاقتى  2016-1-22 22:48
مېنىڭ ئەمەس، ئارتتېكىننىڭ تەھلىلى ئىدى

كەچۈرۈڭلار بۇرادەرلەر، ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن.

ۋاقتى: 2016-1-24 00:48:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېلىشتۇرمىللىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.  قەلىمىڭىزگە   بەرىكەت  تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-1-24 18:22:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(4) ① شەھۋانىيلىق يۇقىرى پەللىگە چىققان چاغلاردا ئۇلار ② «ئاھخۇدا» دەپ ۋارقىراپ، ③تۇرۇسنىڭ قانداق ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ ياتاتتى. («يۈز يىل غېرىبلىق»572-، 573 -بەتلەر)

   بۇ مىسالدا ① سۆز ئورۇنلۇق قوللىنىلمىغاچقائۇقۇم مۇجىمەل بولۇپ قالغان؛   ② ئىسلامى سۆز بولۇپ قالغان؛ ③ جۈملىدىكى مەزمۇن ئاپتورنىڭ بايانى بولۇپ قالغان ھەمدە مەنا باشقا بولۇپ قالغان. ئەسلىمەنىسىدە تۇرۇس ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ، پەقەت نىگروامانتا ئاتلىق پاھىشە قىز نازلىنىپ كۆپتۈرمە ئۇسۇلدا شۇنداق دەپ قويىدۇ.



ئۇيغۇرچە يېڭى تەرجىمىسى:

كۆڭۈل خۇشى پەللىسىگە يەتكەندە «ياپىر،ئۆگزىمۇ گۆمۈرۈلۈپ چۈشىدىغان بولدى» دەپ چىراقىراپ قوياتتى. («غېرىبانە يۈز يىل»483-بەت).

_________________________________________
بۇرۇنقى نۇسخىسىنىڭ ئەسلى خەنزۇچە نۇسخىسىدا شۇنداق ئېلىنغان بولغىيمىتى؟ خاتالىق پەرقى بەكمۇ زور بولۇپ كېتىپتۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-24 18:23  


ۋاقتى: 2016-1-24 20:30:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپنى قەتئىي جايىغا چۈشۈرگىلى بولماسمۇ؟ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن سورىسا بولمىدىمۇ!
ئىشقىلىپ مەن بىلمەيمەن.

ۋاقتى: 2016-1-26 13:31:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
《好家伙》  بۇ يەردىكى 家伙 ئادەتتە نەرسىلەرگە، قورال-ياراغقا قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. ئۇ ئادەمگە قارىتىلغاندا كەمسۇندۇرۇش ياكى ئەركىلىتىش مەنىسىنىمۇ بېرىدۇ. ئەمدى  《好家伙》 غا كەلسەك ئۇ تامامان قايىللىق، چوڭ بىلىش، ئەركىلىتىش قاتارلىق مەنىلىرىدە كېلىدۇ. 好家伙,你看房顶都要塌了 بۇ يەردە گەپ ئىشقىۋازلىق ھەققىدە بولىۋاتقاندىن كېيىن، ئۇنى  《بەك يامان نىمىكەنسەن، قارا تورۇسنىمۇ ئۆرىۋېتەي دىدىڭ!》 دەپ ئالغان بولسا، سەل مۇۋاپىق بولۇشى مۈمكىنمىكىن دەپ قارىدىم.

باھا سۆز

ئالىلىرى دانادۇر  ۋاقتى: 2002-1-1 03:12 AM
ۋاقتى: 2016-1-26 14:07:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىلگىرىكى تەرجىمە يەنى "يۈز يىل غېرىپلىق " ئ‍ەينى يىللىرى مەن ئوقۇغان ئ‍ەڭ ياخشى تەرجىمە ئ‍ەسەرلەرنىڭ بىرى ئ‍ىدى ...

ۋاقتى: 2002-1-1 00:33:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2016-1-26 13:31
《好家伙》  بۇ يەردىكى 家伙 ئادەتتە نەرسىلەرگە، قورال-ياراغقا ...

بۇنداق ئالسا جۈملە باشقىچە راۋانلىشىپ كېتىدىكەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2002-1-1 02:38  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش