يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 465|ئىنكاس: 14

ئەزىز ئەيسا:غەلىتە توختام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
غەلىتە توختام
(ھېكايە )
ئەزىز ئەيسا
(1)
-ھەي...ھەي ...ئەزىمەت ماڭا قارا، نېمە بولدى ساڭا؟ كارىۋىتىمغا چىقىپلا ماڭا دۈمبەڭنى قىلىپ ياتماي، ئەر كىشىدەك ماڭا، ئۆز خوتۇنۇڭغا قاراپ ياتقىنە، ھە ماڭا قاراپ ...
-مانا ساڭا قارىدىمغۇ؟ نېمە گېپىڭ بار ئىدى، كەچكىچە كوتۇلداپ ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى ھارام قىلىپ …
-بۈگۈن ئاخشام مەن ساڭا ئاتايىن تېلېفون قىلىپ:" ئۆيگە كەلسىڭىز"-دەپ چاقىرتمىسام بۇ ئۆز ئۆيۈڭگە يەنە كەلمەمتىڭ ؟
-ئۆيگە كەلگۈدەك ۋاقىت بولسا، تۈگىمەس ئىشلاردىن قۇلۇم بوشىسا ئاندىن ئۆيگە كېلىدىغان گەپتۇ؟ ئۆزۈڭ كۆرۈۋاتىسەنغۇ ئەنە، كۈن بۇيى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئالدىراش تۇرسام .
-كۈندۈزلىرىغۇ ئىشلىرىڭنىڭ كۆپلۈكىنى، ئالدىراشلىقىڭنى بىلىمەن. ئەمما كەچ بولۇپ، ھەممە ئادەم ئىشتىن چۈشكەندە شىركەتتە يەنە قىلىدىغان نېمە ئىش بۇلاتتى؟ بۇلارنى مەن زادىلا بىلمەيمەنما؟ تۇرۇپلا ھەركۈنى كەچتە ئۆز ئۆيۈڭگە كەلمەس بولۇپ قالغانلىقىڭنىڭ سەۋەبىنى مەن زادى بىلمەي قالارمەنمۇ   ؟تايىنلىق، ھەر ئاخشىمى شۇ راھىلە دېگەن قوتۇر قانجۇقۇڭ بىلەن كۆڭۈل ئاچقىلى بارىدىغانسەن شۇ ؟!
-بۇگەپلەرنى ئۈزۈڭ دېدىڭ جۇمۇ؟ ئەتىسى ئاخشىمى نەگە بارىدىغانلىقىمنى... ھەممىنى بىلىپسەنغۇ ئەنە. ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئادەمنى سوراقلاپ نېمە تەتۈر قىينايسەن ؟
-ماڭا قارا ئەزىمەت، سەن بۇنىڭدىن كىيىن شۇ راھىلە دېگەن قوتۇر قانجۇقۇڭدىن زادىلا ئۈمىد ئۈزەلمەمسەن ؟
-بۇ گەپنى ئەسلى مەن ساڭا ئۇچۇق ئېيتاي-دەپ تۇراتتىم، مانا ئەمدى مەن ساڭا دەپ بولغىچە سەن ئالدىن مەندىن سوراپ بەك ياخشى قىلدىڭ، راست! مەن ساڭا راستچىللىق بىلەن گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتاي :- مەن ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن كاتىپ راھىلەدىن زادىلا ئايرىلالمايمەن، بەلكى بۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەركۈنى بىر ئۆيدە بىرگە ئۆتەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن .
-ئۇ قوتۇر قانجۇقۇڭنى كۆرگەندە ياشلىق قىلىپ، بىرەر ئىككى قېتىم ئۆزۈڭنى تۇتالماي، ئېزىپ قالساڭغۇ مەيلى-مۇ دەپ تۇراي، ئەمما مۇشۇ قىرىق ياشتىن ئاشقاندا مەندەك ھەقلەپ، نىكاھلاپ ئالغان بىر ئايالىڭ، ئۈزۈڭ بىلەن تەڭ چوڭ بولۇۋاتقان ئۈچ بالاڭ بىر ئوبدان باي-باياشات، ئىللىق ئائىلەڭ تۇرۇپ يولدىن چىقىپ يەنە شۇ بۇزۇق بىلەن ئىش پەش تارتىشىپ، شۇ بۇزۇق بىلەن بىرگە ياشاش نىيىتىگە كېلىشىڭ-قائىدە يوسۇنغىمۇ  ،قانۇنغىمۇ توغرا كەلمەيدىغان ئىش بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزۈڭ ئۈچۈنمۇ ئۇيات، نومۇس ئىش ئەمەسما ؟!قوشنا قولۇم، خەلق ئالەم بىلسە نېمە دەيدۇ ؟
-نېمە ئۇ، ئۇيات، نومۇس دېگەن! مەنمۇ شۇ باشقىلار پەقەتلا قىلىپ باقمىغان ئىشنى قىلمىدىم. ھەرقانداق ئەركەك بەزىدە ئايالىنى تاشلاپ سىرتتىن كۆڭۈل تارتقان بىرى بىلەن ئويناپمۇ قالىدۇغۇ؟! بۇنداق ئىشلار دېگەن ھازىرقى زاماندا ساماندەك ... بولۇپمۇ مەن ئەمدى ساڭا راست گەپنى قىلسام، بۇ ئۆمرۈمدە تاپسام بۇلاتتى-دەپ ئارزۇلىغان پۇل-پۇچەكنىمۇ تېپىپ بايمۇ بولدۇم. ئەڭ قىممەت باھالىق، چىرايلىق ماشىنىمۇ ئېلىپ ھەيدەپمۇ باقتىم. چەتئەللەر ۋە ئىچكىرىدىكى گۈزەل ياخشى جايلارغا بېرىپ تاشقى دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەتمۇ قىلىپ كەلدىم. ئىشقىلىپ جاھاندىكى ئېرىشىمەنلا دېگەن ھەممە نەرسىگە ئېرىشىپ، بۇ تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇر ھالاۋىتىنى قانغۇچە كۆرۈپ بېقىپتىمەن. ئەمما مۇشۇ ياشقا كەلگەندە كاتىپ بولغان راھىلەگە بۇنچە قاتتىق مەپتۇن بولۇپ كۈيۈپ قالارمەن دەپ زادى ئويلىمىغان ئىدىم. ئەمدى بولغاندا :«ئۇنىڭدىن ئۈمىدىڭنى ئۈز، ئۇنىڭدىن ئايرىلغىن!» دېسەڭ بۇ مەن ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بۇلارمىكىن ؟!
-ئەمىسە مېنى، بالىلارنى، ئائىلىنى قانداق قىلاي دەيسەن ؟
-سەن ئەزەلدىن خېلى يوللۇق ياخشى ئايالغۇ؟ ئەگەر قوشۇلساڭ دەرھال ئاجرىشايلى. شۇ...بىز دەرھال نىكاھتىن ئاجرىشىپ كاتىپ راھىلەنى ئۆز نىكاھىمغا ئالىمەن،...ئەگەر سەن ئاجرىشىشقا قوشۇلساڭلا، يەنى مېنى راھىلەگە ئۆيلىنىش مەقسىتىمگە يەتكىلى قويساڭلا، مەيلى سەن قانداق شەرتنى ئوتتۇرىغا قويساڭ، مەن شەرتسىز ماقۇل دەيمەن. ئۆزۈڭنىڭ كېلەچەكتىكى تۇرمۇشىدىن، بالىلارنى كېيىنلىكتە ئوقۇتىدىغان. باقىدىغان ئىشتىن ھەرگىز غەم قىلما، يېتەرلىك پۇل پېچەك، مال مۈلۈك بۆلۈپ بىرىمەن .
-نېمە؟!كۈپ كۈندۈزدە ئۇخلاپ چۈش كۆرۈپسەن! مەن سەندىن ئاجرىشىشقا ھەرگىزقوشۇلمايمەن !   
-قوشۇلمىساڭ مەنمۇ شۇ كاتىپ راھىلە بىلەن بىرگە خۇپىيانە ئۆتىۋېرىمەن
-ئەمدى مەنمۇ ساڭا شۇنى دەپ قوياي. ئەگەر يەنە بالىلىرىڭنى، ئائىلىنى تاشلاپ قۇيۇپ مۇشۇنداق سىرتقا قاراپ، مىنىڭ كۆزۈمچە ئاشنا ئويناپ مېنى كۈندە نەچچە قېتىم قان يىرىڭ يۈتكۈزۈپ يۈرىۋېرىدىغان بولساڭ "مېنى يۈز خاتىرە قىلمىدى"-دەپ قالما، قۇلۇمدا ئالدىن ئالا تەييارلاپ قويغان ئاشناڭ بىلەن ئىككىڭنىڭ بۇزۇقچىلىقى ھەققىدىكى ئىشەنچلىك دەلىل ئىسپات، پاكىتلار بار. شۇ پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىپ، پۈتۈن يۇرتقا ئاشكارىلاپ، سىنىڭ ۋە ھېلىقى قانجۇقۇڭنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ سولىتىۋېتىمەن. جازاغا تارتقۇزىمەن تازا!
-ھاي. ھاي...ھاي...ئەمدى دەپ قويسا، سەنمۇ دەرھاللا جۇۋاڭنى تەتۈر كىيىپ كۆكەمىلىك قىلغىلى تۇردۇڭغۇ ؟
-راست دەۋاتىمەن! نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىككىڭ كۈزۈمگە كۆرسىتىشىپ تۇرۇشۇپ مۇھەببەتلىشىپ، ئوينىشىپ يۈردۈڭ، "بولۇپتۇ! ئۈچ بالامنىڭ ئاتىسىكەن. نېمىلا بولمىسۇن ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتقان قەدىناسكەنمىز…"-دەپ ئاياپ يۈز قارىدىم. ئەمدى سىنىڭ قىلغان بۇ ئەسكىلىكلىرىڭگە، بۇزۇقچىلىقىڭغا قارىتا مېنى ھەر گىز سۈكۈت قىلىپ يول قۇيىدۇ-دەپ خام-خىيال قىلىپ قالما !
-بىلىمەن، بىلىمەن. سەن ئەزەلدىن جىگدىسىنى قاغا چوقۇۋالسا "ئۇشت! " دېيىشنى بىلمەيدىغان ئۇنداق تېگى بوش خوتۇنلاردىن ئەمەس. خۇددى بىر تېمىم ئىچىپ قالسا جاننى ئالىدىغان زەھەردەك قەھرىڭمۇ بار. بىر قوشۇق ئىچىپ قويسا ئادەمگە كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان شېرىن ھەسەلدەك تاتلىقىڭ مېھرىڭمۇ بار خوتۇنسەن. قۇلۇڭدىن ھەرقانداق ياخشىلىق ھەم يامانلىق كېلىدۇ. ئەمما...ئەستا ماڭا قارا جېنىم خاسىيەت، بەلەن خوتۇن. سەن ئەزەلدىن مىنىڭ رايىمغا باقىسەن، مىنىڭ سۆزۈمنى يىرمايسەنغۇ؟ ئەمدى ..مىنىڭ بېشىمغا مۇشۇ قىرىق ياشقا بارغاندا بىر كۈيۈك بالاسى كېلىپ قالدى  .مۇشۇنى زادى بىر توغرا چۈشىنەلمەسسەنمۇ ؟
-نېمە دېمەكچى سەن؟ گېپىڭنى تولا ئەگىتىپ يۈرمەي ھەرقانداق گېپىڭ بولسا ئۇچۇق ئېيت؟!
-ئەگەر سەن ئاجرىشىشقا قوشۇلمىساڭ، ئەمىسە بىزمۇ ئاجراشمايلى، بىراق...بىراق شۇ كاتىپ راھىلە بىلەن ئىككىمىزنىڭ نىكاھىنى خۇپىيانە...ئوقۇتۇپ قويساڭ بولمىدىمۇ؟ ماڭا مۇشۇ ئىشتا بىر قېتىم يول قويساڭ نېمە بولغۇدەك؟ راھىلەمۇ شىركەتتە "كاتىپ"نامى بىلەن، ئويدە "خىزمەتچى" نامى بىلەن يۈرۈۋەرسە. بىزمۇ ... يەنە ئەر خوتۇن بولۇپ يۈرۈۋەرسەك ...بولمىدىمۇ؟
-بۇرۇنقى زاماندىكى خان پادىشاھدەك توقال ئالىتىم دېمەكچىمۇ سەن  ؟
-ئىشقىلىپ ...قانداق چۈشەنسەڭ، نېمە دېسەڭ مەيلى .
-"گوداڭدا بىر قېتىم قان يالاپ قالغان لالما ئىت، مەڭگۈ شۇ قان ھىدىدىن كېچەلمەيدۇ! "-دېگەن گەپ بار. ماقۇل سىنىڭ تاپقان ئەقلىڭنى مەن ئوبدانراق بىر ئويلاپ باقاي ...بۇلامدۇ-بولمامدۇ ؟...ئەگەر مەن سىنىڭ مۇشۇ تەلىپىڭگە قوشۇلسام، مېنىڭمۇ ساڭا قۇيىدىغان ئېغىر شەرتلىرىم بار. شۇ شەرتلەرگە ماقۇل بۇلىشىڭ لازىم  ،ئەمىسە!
-بۇ گەپنى بەك ياخشى قىلدىڭ خوتۇن، ئەگەر مەن كاتىپ راھىلە بىلەن مۇرات مەقسىتىمگە يىتەلەيدىغانلىكى ئىش بولسا، سىنىڭ ھەرقانداق شەرتىڭ بولسا مەن دەرھال شەرتسىز ماقۇل دەيمەن. مەن دېگەن ئەركەك. قىلغان گېپىمدە تۇرىمەن. بۇ راست گېپىم خوتۇن .
-ھەرقانداق شەرتىم بولسا ماقۇل دەيسەن ھە؟!ئەمىسە شەرتىمنى ئېيتايمۇ ؟
-ئەلۋەتتە ماقۇل دەيمەن، قېنى شەرتىڭنى ئېيتقىنە .
-ئۈزۈڭ دېگەندەك سەن راھىلەرىڭگە ئېرىشىسەن، ئىنسى-جىنغا ئۇقتۇرماي موللام چاقىرىپ ئىككىڭنىڭ يوشۇرۇن نىكاھىنى ئوقۇتۇپ قۇيىمەن. راھىلە دېگەن قوتۇر قانجۇقۇڭ، نامدا ئاۋۋالقىدەك شىركەتتە ئوخشاش كاتىپ، بۇ ئۆيدە قوشۇمچە خىزمەتچى بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ. كېچىسى ئۇ قوتۇر قانجۇقۇڭ بىزنىڭ ياتالغۇ ئويىمىزنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە ياتىدۇ. سەن ئۈزۈڭ خالىغاندا بالىلار ئۇخلاپ قالغاندا ئاندىن ئۇ قوتۇر قانجۇقۇڭنىڭ يېنىغا چىقىسەن. بىراق ئۇنىڭ بەدىلىگە سەن مەن بىلەن ئاجرىشىش تەلىپىنى ئىككىنچىلەپ زادىلا ئېغىزىڭدىن چىقارمايسەن… راست گەپنى قىلسام مېنىڭمۇ ئۇچ بالامنى قارا يېتىم قىلغۇم يوق. بۇ شەرتىمنىڭ بىرىنچىسى. شەرتىمنىڭ ئىككىنچىسى-شىركىتىمىزنىڭ بارلىق قانۇنى ھوقۇقىنى، يەنى باش دىرېكتورلۇقىنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بىرىسەن. بۇ پىكىرىمگە قوشۇلۇپ قالساڭ، ئەتىلا بېرىپ شىركەتنىڭ بارلىق كىنىشكىلىرىنى روھى خەتنى ئۆزۈمنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىمەن. شەرتىمنىڭ ئۈچىنچىسى-بارلىق نەق پۇل، مۇقىم مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى مىنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇرىسەن، ھەتتا ئۆزۈڭگە كېرەكلىك ئايلىق خەج-خىراجىتىڭنى مەن بىرىمەن. ئەڭ ئاخىرقى يەنە بىرگەپ، سەن شىركەتكە كەسپى جەھەتتىن بۇرۇن قانداق يېتەكچىلىك قىلغان بولساڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق يېتەكچىلىك قىلىسەن. دۇكىنىمىزدىكى بالىلارنى باشقۇرۇشتىن تارتىپ، دۇكىنىمىزغا مال كىرگۈزۈش، سېتىپ چىقىرىشقىچە ھەممە ئىشقا ئۈزۈڭ بىر قوللۇق مەسئۇل بولىسەن. مىنىڭ دەيدىغانلىرىم مانا شۇ… قانداق قوشىلامدىكەنسەن ؟!
-توختا…توختاپتۇر،..توختاپتۇر، سەن ھازىر "شىركەتنىڭ بارلىق قانۇنى ھوقۇقىنى يەنى باش دىرېكتورلۇقنى ماڭا تاپشۇرىسەن "دېدىڭما ؟!ھەي... "قۇشقاچنى قار ياققاندا تۇت" دەپ ئەجەب چىڭ يەردىن تۇتتۇڭغۇ مېنى ،..بولدى مەن دېگەن ئەركەكقۇ؟"يولۋاس ئىزىدىن، يىگىت سۆزىدىن يانماپتۇ دېگەن گەپ بارغۇ؟ بولدى "جاندىن كەچمىگىچە، جانانغا يەتكىلى بولماپتۇ! " دەپتىكەن  ،قوشۇلدۇم ،!قوشۇلدۇم ...!بولدى قوشۇلدۇم  ،راست گەپنى دىسىەم ماڭا ھازىر شىركەت، دىرېكتورلۇق، پۇل بايلىق...ھەممىسى كېرەك ئەمەس. پەقەتلا راھىلە بولسىلا بولىدۇ ...قوشۇلدۇم. ئۆزۈڭمۇ بەك يامان خوتۇن-دە سەن. يەنىلا زىيان تارتمىدىڭ شۇنداقمۇ؟ بولدى سىنىڭ دېگىنىڭ ھېساب! بارلىق شەرتلىرىڭگە قوشۇلدۇم، شۇنداق كېلىشتۇق. بىراق يەنە بىر گەپ ...كاتىپ راھىلە بىلەن مەن نىكاھ قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق بىزنىڭ بۇ چوڭ ئۆيدە تۇرىۋەرسەڭ قولايسىز بولۇپ قالماسمۇ؟ بولۇپمۇ كېچە-ئەتىدە ئۈزۈمىز بىلەن تەڭ بولۇپ قالغان بالىلار بىلەن مۇنچا تالىشىپ يۈرسەك ...ياكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالىلار مىنىڭ ئۇ ياتقان ئۆيگە كىرىپ چىققىنىمنى تاسادىپىي كۆرۈپ قالسا …سەت بۇلارمىكىن دەيمەن ...
-يەنە نېمە دېمەكچى سەن ؟
-پۇل دېسە بىزدە يېتەرلىك بولغاندىكىن، يېقىن ئەتراپتىن بىر يۈرۈش يېڭى بىنا ئۆي ئېلىپ، راھىلەنى شۇ ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ قويساق، مەن ...ئىككى ئۆي ئارىسىدا كىرىپ چىقىپ يۈرسەم ...
-يېڭىدىن يوشۇرۇن خوتۇن ئېلىپ بەرگەندىكىن، يەنە يېڭى ئۆيمۇ ئېلىپ بەر دېمەكچىمۇ سەن؟ يېڭى خوتۇن بىلەن، يېڭى ئۆينىڭ پەيزىنى بىر سۈرگۈڭ كېلىپ قاپتۇ-دە سىەن قېرى بۇقىنىڭ. بولىدۇ، بولىدۇ ...مەنمۇ بۇ تەلىپىڭگە قوشۇلدۇم. بىراق يۇقىرىدا دېگەن شەرتلىرىمىزنى ئەتە ئەتىگەن قەغەزگە توختام شەكلىدە يېزىپ قول قۇيۇشۇپ قۇيىمىز. يەنە ئىككىمىزنىڭ بۇ مەخپىيەتلىكىنى پەقەت ئىككىمىز ياكى ئۈچىمىزلا بىلىشىمىز شەرت. ئۆزۈڭگىمۇ ئايان ؛-بۇ پۈتۈشكەن گەپ-سۈزىمىز سىرتقا يېيىلىپ كەتسە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت بىلىپ قالسا ..."قوش نىكاھلىنىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان "دېگەن نام بىلەن ئوبدانلا ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۆتۈككە تىقىپ قۇيىدۇ! ئىشقىلىپ ياخشى بولمايدۇ. يەنە باشقىچە گەپ سۈزۈڭ يوقتۇ؟
-يەنە بار، ئەمدى ..راھىلە بىلەن مىنىڭ نىكاھىمنى يوشۇرۇن قىلىپ قويغاندىكىن، ئەلۋەتتە داغدۇغىلىق مەرىكە قىلغىلى،... كۆپ تويلۇق ئالغىلى بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ قىز ھەققىگە ئازراق پۇل چىقىم قىلماي ھەرھالدا قۇرۇقتىن قۇرۇق نىكاھ قىلىپلا بىر ئۆيگە كىرگىلى بولماس. تويلۇق ئۈچۈن ئازراق نەق پۇل بېرەيلىمىكىن.  
-سېنىڭچە نەچچە پۇل بەرسەك بۇلار ؟
-ئوتتۇز مىڭنى بېرەيلىمىكىن .
-ياق، ياق! قەتئىي بولمايدۇ !،بىر ئېغىزلا گەپ، ئەگەر بىرىمەن دېسەڭ، ئون بەش مىڭنى بەر. ئەتىلا نەقلەشسۇن. ئۇنىڭغا قوشۇلمىسا، يولىغا ماڭسۇن !
-بولىدۇ شۇنچىلىك بولسىمۇ بولىدۇ. قالغىنى مەن بولغاندىكىن ...بىر گەپ بۇلار. ئەڭ ئاخىرقى بىرگەپ؛ ئەمدى...باش دىرېكتور سەن بولىدىغان بولغاندىكىن ...ماڭا ۋە يېڭى ئوي تۇتقاندىكىن كېرەكلىك تۇرمۇش خىراجىتىنىڭ گېپىنىمۇ دېيىشىپ قۇيايلى.  
-ئىككىڭلارنىڭ ئايلىق خىراجىتىگە ئالتە مىڭ يۈەن يېتەمدۇ ؟ ،
-يىتىدۇ! يىتىدۇ!، ئەمدى باشقىچە گەپ سۆزۈم يوق، ئەمدى زادىلا يوق .
(2)
-نېمە؟كۈن قاياقتىن چىقىپ قالدى؟ بۈگۈن ئەجەب چاقىرمىساممۇ يېنىمغا كىرگىلى ۋاقتىڭ چىقىپ قېلىپتىغۇ؟ يوشۇرۇن تويۇڭنى قىلىپ قويغىلىمۇ ھەپتە-ئون كۈندىن ئاشتى. شۇنچە كۈنلەردىن بۇيان بىر قېتىممۇ كەچ قۇرۇنلىغى قاراڭنى كۆرگىلى بولمىغانتى، بۈگۈن بۇ ئۆيگە، مىنىڭ يېنىمغا چىقىشقا ئەجەب يەنە ۋاقتىڭ يېتىپ قېلىپتىغۇ ؟
-مەيلى مېنى نېمە دەپ مازاق قىلساڭ، ياكى ماڭا قانداق تەنە قىلساڭ ۋە ياكى ئاچچىقلىساڭ ئىختىيارىڭ  .ئىش قىلىپ سەن يوشۇرۇن ئېلىپ بەرگەن يېڭى خوتۇنۇم بىلەن بۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان شېرىن ئاينى خۇددى خان پادىشاھلاردەك كارامەت پەيزى ئۆتكۈزدۈم. ئىچى تارلىقىڭ كەلمىگەندۇ ؟
-يېڭى كۆلنىڭ سۈيى تاتلىقمىكەن .
-ۋاھ ...بىر دېمەيسەن، يېڭى كۆلنىڭ سۈيىنىڭ تاتلىقلىغىنى سەن مەڭگۈ تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن .
-ئۇنداق بولسا ھازىرلا يەنە دەرھال شۇ يېڭى كۆلۈڭنىڭ قېشىغا، شۇ قوتۇر قانجۇقۇڭنىڭ يېنىغا چىق ماڭ، ماڭ  !!!...يوقال كۈزۈمدىن تىز يوقال !!!
-ھاي...ھاي...قېيىدىمىغىنە بولدى، ھەممە ئىشقا ئۈزۈڭ قوشۇلغان تۇرساڭ يەنە...،بۈگۈن مەخسۇس سىنىڭ يېنىڭدا ئۇخلىغىلى چىقتىم. مانا دېگەن بىلەن يەنىلا ساڭا چىدىمايمەن.
-ۋاي...ۋاي...ۋاي...نېرىراق ياتساڭچۇ، ئادەمگە چاپلىشىۋالماي، ئەسلىدىكى ئادەمنى شېرىن ھۇزۇرلاندۇرۇرۇپ تىل بىلەن ئىپادە قىلىپ بەرگىلى بولمايدىغان ئەركەك پۇرىقىڭ ئەمدى گەندىنىڭ پۇرىقىدەك سېسىق پۇراققا ئۆزگىرىپ قېلىپتىغۇ؟ تۈفى...تۈفى ... نېرى يات، نېرى يات،.. بىردىنلا نېمانداق سېسىق بۇرايدىغان بولۇپ قالدىڭ ؟
-ئاستا سۆزلەڭلار خوتۇن ...ئاستا ..بالىلار تۇيۇپ قالىدۇ    ھېلى
-ۋاي ئەمدى بىردىنلا بالىلارنى ئويلايدىغان بولۇپ كەتتىڭمۇ ؟
-ئەمدى چوڭ بولۇپ قالغان بالىلار ...بىلىپ قالمىسۇن دەيمىنا !!  
..........
-ھەققىڭنىمۇ مانا ئالدىڭ؟ ئەمدى يەنە بۈگۈن ئاخشام ھېلىقى قانجۇقۇڭنىڭ يېنىغا دەرھال چىقىپ كېتىدىغانسەن؟
-ياق، ياق! بۈگۈن ئاخشام سىنىڭ قېشىڭدا ئۇخلىغىلى چىقتىم دېدىمغۇ؟
-سەنزە "مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ "دېگەندەك يېڭى مانتاڭنى ئاران تاپقاندا ئۇ گۆشسىز ياغاق، يېڭى مانتاڭنى يالغۇز ئۆيدە تاشلاپ قۇيۇپ مىنىڭ يېنىمغا ئۇخلىغىلى چىقىدىغان كىشىما سەن؟ تايىنلىق يەنە مېنى چىرايلىق گەپ بىلەن قىلتاققا ئىلىندۇرۇش ئۈچۈن چىققانسەن؟ شۇنداقمۇ ؟
-ھەي...بەك ئەقىللىك يامان خوتۇندە سەن. ھەر دائىم نەق كۆڭلۈمدىكىنى تېپىۋالىسەن ئەمەسمۇ ؟
-زادى يەنە ماڭا دەيدىغان نېمە گېپىڭ بار ئىدى .
-مەخپىي توختامنىغۇ تۈزۈشۈپ قول قويۇشۇپمۇ بولدۇق. ئەمما قوشۇمچە قىلىپ يەنە ئىككى ئېغىز گەپنى قوشۇپ قويىلىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم
-قانداق گەپنى ؟
-ھېلىقى كاتىپ راھىلە يەنە "ئاچام ماڭا بىر يىل ئىچىدىكى بەش چوڭ ھېيت-بايرام مەزگىلىدىكى ھەربىر ھېيت-بايرامدا بەش مىڭ كويلۇق يېڭى كىيىم كېچەك ئېلىپ بەرسە دەيدۇ ...ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى مەنمۇ ماقۇل كۆرۈپ قالدىم ..چۈنكى ئۇمۇ ھازىر بىزنىڭ ئۆينىڭ ئەزاسى بولۇپ قالدى ئەمەسمۇ ؟
-قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق يېڭى ئەزا ...ئائىلىمىزنىڭ بەختىگە چۈشكەن كۈيە-قۇرت .
-قانداق قوشىلامدىكەنسەن ؟
-قوشۇلىمەن، بىراق ھەربىر بايرام-ھېيت ئۈچۈن بەش مىكرولۇق كىيىم كېچەك ئېلىپ بېرەلمەيمەن. پەقەت بىر يىل ئىچىدىكى ئۇچ چوڭ بايرامدا ھەر بىر بايرامدا ئىككى مىڭ يۈەنلىك كىيىم-كېچەك، زىبۇ زىننەت ئېلىپ بىرىمەن...يەنە بىر گەپ، ئۇ قوتۇر قانجۇقۇڭغا يەنە شۇلارنى ئۇچۇق ئېيتىپ قوي ...ئىككى مىڭ كويلۇق كىيىمنى ھەر بايرامدا ئۇ قوتۇر قانجۇقۇڭنى ئالدىمغا سېلىپ دۇكان ئارىلاپ ئۈزۈم كۆرۈپ بىرگە تۇرۇپ ئېلىپ بىرىمەن تازا ... دۇنيادىكى ئەڭ بەت رەڭ، ئەڭ ناچار رەختتىن تىكىلگەن، ئەڭ ناچار لايىھەلەنگەن سەت كىيىملەرنى تاللاپ ئۆز قۇلۇم بىلەن ئېلىپ بىرىمەن .
بولىدۇ، بولىدۇ ...!مەن ئۈچۈن ھەر بايرامدا ئىككىڭ دۇكاندا ئۇرۇشۇپ چاچلىشىپ قالمىساڭلا بولىدۇ. ئەمىسە ئەتىلا ئۇنى سىنىڭ دېگىنىڭگە قايىل قىلاي، شۇنداق بولسۇن  ،يەنە ئويلاپ باقسام، ئىككىمىزنىڭ ئايلىق تۇرمۇشىغا بەرگەن ئالتە مىڭ يۈەن پۇل ھەرگىز يەتمەيدىكەن. سەن ئويلاپ باقمامسەن؟ مىنىڭ ماشىنامغىمۇ بىر ئايدا بەش يۈز، يۈەندىن ئارتۇق ماي كېتىۋاتسا...شۇڭا يەنە ئازراق قوشۇپ بەرگىن ...بۇلامدۇ؟
-بولىدۇ، ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتىڭ ئۈچۈن يەنە مىڭ كوي قوشۇپ بەرسەم بېرەي ...يەنە دەيدىغان گېپىڭ بارمۇ ؟
-يوق !......
-نېمە شۈكلەپ كەتتىڭ، گەپ قىلمايسەنغۇ ؟
-ئەمدى ۋاقىتمۇ بىريەرگە باردى، ئۇخلايلىمىكىن دەيمەن .
-ياق. ياق بولمايدۇ! سەن ئەتىۋارلىق ھالدا شۇ بىرھەپتىدىن بۇيان مىنىڭ يېنىمغا ئاران بىر چىققاندىن كىيىن كېچىچە ئۇخلىماي مۇڭدىشىمىز تازا !
-ئەمىسە سەن گەپ قىلىپ بەر، مەن ئاڭلاي .
-مەن سىنىڭ قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك ۋاقتىمدا تۇنجى قېتىم ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنۇڭ تۇرۇپ، ساڭا يەنى ئۆز ئېرىمگە يوشۇرۇن ھالدا يېڭى خوتۇن ئېلىپ بەرگىلى مانا ئون كۈندىن ئېشىپتۇ  ،ئىككىڭ مىنىڭ كۆزۈمچە مۇرات مەقسىتىڭگە يېتىشتىڭ. شۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان تىنماي ئويلاندىم  ،…ئازابلاندىم …"خۇدايا توۋا" دەپ ياقامنى چىشلىدىم  ،بەزى ئىشلارنى زادىلا ئەقلىمدىن ئۆتكۈزەلمىدىم، ھەيران بولدۇم ...پۇشايمان قىلدىم .
-نېمىگە پۇشايمان قىلىپ، نېمىلەرنى ئەقلىڭدىن ئۆتكۈزەلمەي، يەنە نېمىلەرگە ھەيران بولۇپ ئېچىندىڭ ؟
-ئەڭ چوڭ پۇشايمىنىم، مەن نېمە دەپمۇ شۇ...راھىلە دېگەن قوتۇر قانجۇقنى ئايلىق بېرىپ شىركىتىمىزگە كاتىپ قىلىپ ياللاپ سىنىڭ ئالدىڭغا تاشلاپ بەرگەندىمەن؟ ئىككىڭنىڭ خۇپىيانە بۇنچە تىز تېپىشىۋېلىشىڭنى زادىلا ئويلىماپتىمەن. يەنە ئەقلىمدىن زادى ئۆتكۈزەلمىگىنىم :-سەن راھىلە بىلەن ئىككىمىزنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ بىرمۇ بىر سېلىشتۇرۇپ باقمىغانسەنمۇ؟ ئەگەر سېلىشتۇرۇپ باقمىغان بولساڭ، ئەمدى بولسىمۇ تازا دىققەت قىلىپ  ،چىرايلىرىمىزغا، تۇرقىلىرىمىزغا مىجەز خۇلقىمىزغا ئوبدان بىر قاراپ باققىن! ئۇ قوتۇر قانجۇقۇڭ نەدە؟ مەن نەدە؟ ئۇ قوتۇر قانجۇقۇڭنىڭ ئىسكىلىتتەك ئورۇقلىغىنى دەيمۇ، بۇرۇنىنىڭ زەي سۇدا كوركىراپ يۈرگەن چار پاقىنىڭ تۇمشۇقىدەك پاناق، قىزىل كۆزلىرىنىڭ ئۆمۈلەپ تۇرغان نەم قۇرتىدەك يۇمۇقلىغىنى  ،چىرايلىرىنىڭ ھازىرلا دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىققان كونا كېسەلدەك تاتىراڭغۇ، خۇنۈكلىگىنى دەيمۇ ...مەن "مەن ئۇنداق چىرايلىق، بۇنداق چىرايلىق"دەپ ئۈزۈمنى قۇرۇقتىن قۇرۇق ماختاپ يۈرگىنىم ئەمەس. دىتىڭ بولسا مىنىڭ بىلەن ئۇ قوتۇر قانجۇقۇڭنى ھەر جەھەتتىن تازا تەبسىلى سېلىشتۇرۇپ باق! ...ئىشقىلىپ ئەسكى چاپاندەك كۆرۈمسىز ئىسكەتى، ھەمىشە مۇز ياغىدىغان توڭ تېزەكتەك سۈرۈن چىراي تۇرقى، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي راخىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بالىدەك ئالچاڭلاپ تاش مايماقچىلاپ مېڭىش-تۇرۇشى، مېيىپلار ساناتورىيەدىكى يابا-دەلتە خوتۇندەك ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتىكى دىتسىزلىقى ...زادى قانداق بولۇپ شۇ مايمۇندەك سەت ئەپتى بەشىرىسى بىلەن بۇ قوتۇر قانجۇق سىنى، مەن ۋە ئۈچ بالاڭدىن، ئىللىق باي-باياشات ئائىلەڭدىن، شىركەت دىرېكتورلىقىڭدىن، شىركەتتىكى بارلىق مال-مۈلكىڭدىن...ئىشقىلىپ ئەسلى ۋەسلىڭدىن ھەممە نىمەڭدىن دەرھال ۋاز كەچتۈرۈپ ئۆزىگە شۇنچە رام قىلىۋالغاندۇ-دەپ ھەيران بولىمەن ...
-ماڭا قارا خوتۇن. سەن راھىلەگە ئۆزۈڭنىڭ كۈندەشلىك رەشك تۇمانلىرى توسۇۋالغان كۆزلىرىڭ بىلەن ئەمەس، مىنىڭ ئۇنىڭغا ئاشىق يۈرىكىم، ئۇنىڭ سۆيگۈ ۋەسلىگە بى قارار بولغان كۈزۈم بىلەن قارا ... ھەقىقەتەن ئۆي تۇتۇش، ئەقىل پاراسەت، بالا بېقىش چىراي تۇرقۇڭ قاتارلىق ھەر جەھەتتىن سىنىڭ ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىڭگە، سىنىڭ بۇرۇن ماڭا بەرگەن ۋاپا-ۋاپامېھرلىرڭغا ھەرگىز كۆز يۇممايمەن. ئەمما راست گەپنى دېسەم ئاچچىقلاپ تېرىكىپ چېچىلىپ كەتمە خوتۇن. ئۇنىڭ مىنىڭ قۇچۇقۇمغا كىرگەن ۋاقتىدىكى يېقىملىق لەرزان مۇزىكىدەك ناز كەرەشمىلىرى، خۇددى نۇرلىنىپ تۇرىدىغان پەرىشتە كەبى ئىللىق ھەم يۇمشاق باغرى بىلەن ماڭا ئاتا قىلغان ھۇزۇر ھالاۋىتىنى سەن مەڭگۈ تەسەۋۋۇر قىلالمايسەن. ئىشقىلىپ مەن ئۇنىڭغا كۈيۈپ قالغىنىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن ۋازكەچكىنىمگە قىلچىلىك ئەپسۇسۇم پۇشايمىنىم يوق  ...
-يەنە سەن بىلەن مەن مانا بۇيىل ساق ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتمىدۇقمۇ؟ يېڭى تونۇشقان ۋاقتىمىزدا"سىنى ئالمىسام بۇ دۇنيادا ھېچكىم بىلەن توي قىلمايمەن، سەن ماڭا تېگىشكە ئۇنىمىساڭ ئالدىڭدا ئۆلۈپ بىرىمەن " دەپ قۇرۇق ۋەدە قىلىپ بېزىرىپ تۇرۇۋالدىڭ. ئاشىقلىغى، ۋەدىسى، چىڭ ئوخشايدۇ-دەپ توي قىلدىم ...يېڭى توي قىلغان ۋاقتىدىكى نامراتچىلىق باسقان شۇ جاپالىق تۇرمۇشىمىزنى بەكمۇ تەستە ئۆتكۈزگىنىمىز ھېلىمۇ يادىڭدا باردۇ ؟ ...ئەمما قىلچىمۇ ۋايسىمىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈندە ئۈچ بالىلىرىمىز ئارقا ئارقىدىن بوي تارتىپ ئۈزىمىز بىلەن تەڭ بولۇپ مىڭبىر جاپا مۇشەققەتتە بىر شىركەتنى قۇرۇپ، ھېلىمۇ رىسقىمىزغا يارىشا شىركىتىمىز يىلسېرى روناق تېپىپ نەچچە يۈزمىليۇنلۇق نەق پۇل، مۇقىم مال-مۈلۈككە ئىگە باي باياشات ئائىلىمىز بار بولدى...سەن مانا مۇشۇنداق ئاۋۋالقى بىرگە ئۆتكۈزگەن جاپالىق كۈنلىرىمىزنى، بۈگۈنكى ئاسان قولغا كەلمىگەن ياخشى كۈنلىرىمىزنى، بولۇپمۇ ئۈزۈڭ بىلەن تەڭ بولۇپ قالغان ئۈچ بالىمىزنى زادى ئويلىمىغىنىڭغا، ئۇلاردىن ۋاز كېچىشكە ئورۇنغانلىقىڭنى ھەر بىر ئويلىسام بەكلا ئېچىنىمەن! غەزىپىم قايناپ تېشىپ ئۆزۈمنى قۇيىدىغان يەر تاپالماي قالىمەن .
-جېنىم خوتۇن خاسىيەت، مەن سەندىن سوراپ باقاي، ئاشىقنىڭ نېمىسى بولىدۇ؟ بولۇپمۇ قىرىق ياشتىن ئاشقاندا باشقا كەلگەن ئاشىقلىقنىڭ زادى نېمىسى بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا يەنىلا ئۈزۈم جاۋاب بېرەي، ئاشىقنىڭ ھېچنېمىسى، پۇل مېلى، ئائىلىسى، بالىلىرى بولمايدۇ. شۇڭا مەندىن ئاغرىنما، جېنىم خوتۇن، ماڭا ئامال يوق، زادى ئامال يوق !
-سەن بارا-بارا ئەقلىڭدىن ئېزىپ ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشايسەن .
-توغرا دېدىڭ خوتۇن، ئاشىقلىق ئادەمنى ساراڭ قىلىش ئەمەس، ئۆلۈمگە جاندىن كېچىشكە باشلاپ بارىدۇ .
-يەنە سەن، شۇ قوتۇر قانجۇقىڭغا بولغان ئاشىقلىقىڭنى دەپ مېنىڭدىن كېچىپ ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلىپ، بالىلارنى قارا يېتىم، بەختسىزلىك ئازگلىغا تاشلاپ مەن بىلەن ئاجراشماقچى بولدۇڭ  .ئەمما مەن بۇنداق قىلىشىڭغا قەتئىي قوشۇلمىدىم. بۇنداق قىلغىنىمنىڭ سەۋەبىنى ھەرگىزدۇ "خوتۇن مەندىن زادى مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ؟ ياكى كۈندەشلىك قىلىۋاتىدۇ ...دەپ خاتا ئويلاپ قالما ؟ ،پەقەت ئۈزۈم بىلەن تەڭ بوي تارتىپ تۇرغان ئۈچ بالام، ئۈچ قارا كۈزۈم ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم. ھەتتا سىرتقا قاراپ قالغان ئۆز ئېرىمگە ئۈزۈم باش بولۇپ يوشۇرۇن خوتۇن ئېلىپ بېرىپ ھېلىقى قوتۇر قانجۇقۇڭ بىلەن كۆز ئالدىمدا ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ يۈرۈشتەك مەن ئۈچۈن ئۆلۈم بىلەن باراۋەر رەشك كۈندەشلىك ئوتلىرىغا، خورلۇقلارغا چىداپ تۇرۇپ بۇ ئائىلىنى قوغداپ قالدىم ...بۇنىڭدىكى سەۋەب ھازىر جەمئىيەتتە كۆرۈۋاتىسەن. ساڭا ئوخشاش دادىلىق، ئەركەكلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايدىغان، ئۆز ئائىلىسى، بالىسىغا ئىگە بولمايدىغان بىر تۈركۈم پۇلدار ئەمما ئەخلاقسىز ھاڭگا ئېشەكلەر-نىكاھ، ئائىلە ئىشلىرىدا بالا بېقىش، تەربىيەلەش، ئائىلە مەسئۇلىيىتى دېگەنلەرنى خىىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويماي خۇددى ھايۋاندەك خىيالىغا نېمە كەلسە شۇنى قىلغاچقا بىر ئەۋلاد ئاتا ئانىسىز يېتىم بالىلار كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. يېتىم بالا دېگەنلىك نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بەلكىم سەندەك ساۋاتسىزلار مەڭگۈ چۈشىنەلمەسسەن. يېتىم بالا دېگەنلىك-روھى كەمتۈكلۈك دېگەنلىكتۇر، بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىدىن ئىبارەت تۇنجى ھاياتلىق قەدىمىدە ئاتا ئانىسىزلىق، تاشلىنىپ قېلىش، ئۇرۇش جېدەل، ئىناقسىزلىق... ئىچىدە چوڭ بولسا ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن چاغلايدىغان، ياكى ئۆزىگە ئۈلگە بولالمىغان ئاتا ئانىسىغا قېيىداپ ئاسانلا تۇيۇق يولغا، جىنايەت يولىغا كىرىپ قالىدىغان بەختسىزلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى بىر بەختسىزلىك! بۇنداق بەختسىزلىك، مانا بۇنداق زىياننى دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسە بىلەن بولۇپمۇ سەندەكلەرنى ئالچاڭشىتىپ كۆرەڭلىتىۋاتقان ئىككى توك-توك بۇل مېلىڭ بىلەن مەڭگۈ تولدۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ. سەنمۇ بىر دادا بولغاندىكىن بۇلارنى ئازراق بولسىمۇ ئويلىشىڭ، دادىدەك ئىش قىلىشىڭ لازىمغۇ ئاخىر. مەن سەن بىلەن ئاجرىشىشقا قوشۇلماسلىقتىكى سەۋەبنى ساڭا شۇنچىلىك ئىزاھلاپ قوياي، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، مەنمۇ سىنى دوراپ كۆڭۈل خوشىنى دەپ خوتۇن بالىلىرىنى تاشلاپ ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ ئۈچ بالىنى قارا يېتىم قىلماقچى بولغان ساراڭنى دوراپ ئاجرىشىش تەكلىپىڭگە قوشۇلۇپ بالىلارنىڭ ئىللىق ئۇۋىسى بولغان بۇ ئائىلىنى بۇزسام، يەنى ئۆز ئازابىم، دەرد ئەلىمىم ھېسابىغا بۇ ئائىلىنى قوغداپ قالمسام سەندەك ساراڭدىن مىنىڭ نېمە پەرقىم قالسۇن ؟
-......
(3)
-نېمە؟ يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك پۇرلىشىپلا كېتىپسەنغۇ؟ سېسىق تاماكاڭنى كەچكىچە پۇقۇرىتىپ چېكىپ، بۆكۈڭگە جىگدە سېلىپ قېچىپ كەتكەن ھېلىقى بىۋاپا قوتۇر قانجۇقۇڭ راھىلەنىڭ دەردىدە كەچكىچە "ئۇھ"تارتىپ ھەسرەت چېكىپ ئولتۇرامسەن، ياكى ساڭا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، سىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكىنىگە ئازابلىنىپ پۇچۇلىنىپ ئولتۇرامسەن...مەن شۇ ۋاقىتتا "ئەزىمەت ئۇ قوتۇر قانجۇقنىڭ پەيلى باشقىچە تۇرىدۇ ...ئاخىر سىنىڭ بۇرۇتۇڭغا چاڭگا تىزىپ سىنى بىركۈنى ئوڭدا قۇيىدۇ! "-دەپ ساڭا تالاي قېتىم ئېيتتىم، …ئاگاھلاندۇردۇم... ئەمما شۇ چاغدا سەن "ۋاي مەن قىرىق ياشتا بۇ راھىلەگە كۈيۈپ قالدىمەي...ماڭا ئامال يوق...ھەممە نەرسەمدىن، بارلىقىمدىن كېچىپ بولسىمۇ شۇ راھىلە بىلەن توي قىلمىسام بولمايدۇ"-دەپ سەۋدايىلارچە جۆيلۈپ يۈردۈڭ"...سالاۋات، ئېرىم راست ئۇ قوتۇر قانجۇققا كۈيۈپ قالغان ئوخشايدۇ، مەقسەت-مۇرادىغا يىتىۋالسۇن! "-دەپ مەقسىتىڭگە يەتكۈزدۈم...مانا يېرىم يىل بۇلا بولمايلا سىنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى. قاچقاندىمۇ بۆكۈڭگە تازا قاملاشتۇرۇپ جىگدە سېلىپ نەق ئۈچيۈز ئەللىك مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى ئالداپ ئېلىپ قېچىپ كەتتى ...بولدىمۇ تازا ...بى ھېسابتا خوپ بولدى. بەلەن بولدى تازا ... مانا قېرىغاندا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ...كۆڭۈل شاپىقىغا راسا تېيىلىپ يىقىلىپ كاساڭنى چېقىۋېلىپ، ئەمدى پۈتۈن قوشنا-قولۇم، خەلقى ئالەمنىڭ كۈلكىسىگە قېلىپ سېسىق تاماكاڭنى پۇقۇرىتىپ چېكىپ ئاخىر ئۆز ئۆيۈڭگە قايتىپ كېلىپ ھەسرەت چېكىپ سالپىيىپ ئولتۇردۇڭمۇ ئەمدى؟!...ھە،..بولدى. ئەمدى تولا ئۆزۈڭنىڭ گۆشىنى ئۈزۈڭ يەپ ھەسرەتلىنىپ ئىچىڭگە ئېلىپ كەتمەي، بالدۇرراق ئارامىڭنى ئال. مىڭ ھەسرەت چەكسەڭمۇ بىكار  ،ئۇ قوتۇر قانجۇقنىڭ سىنى مەڭگۈلۈك داغدا قۇيۇپ، سىنىڭ قاپاق كاللاڭدىكى بۆكۈڭگە نەق جىگدە سېلىپ قېچىپ كەتكىنى كەتكەن .
-...
-ھە راست، ساقچىخانىغا ئەنزە مەلۇم قىلدىڭمۇ ؟
-تۈنۈگۈن قېچىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان ئەنزە مەلۇم قىلىپ بولغان .
-نېمە دەپ ئەنزە مەلۇم قىلدىڭ
-سىنىڭ دېگىنىڭدەك ؛-"شىركىتىمىزگە ياللىۋالغان كاتىپ قىز ئالدامچىلىق قىلىپ ئىلكىمدىكى ئولتۇراق ئۆيۈمنى ماڭا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ خۇپىيانە ھالدا باشقىلارغا سېتىپ، ئۆي ساتقان ئۈچ يۈز ئەللىك مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى دەپ "مەلۇم قىلدىم ...
-ئالدىنىپ ئۆينى ھېلىقى ئالدامچى قانجۇقۇڭنىڭ قۇلىدىن ئۇقماي سېتىۋالغان كىشىلەرگە ئالدىراپ ئۆينى بىكارلاپ، ئېچىپ بەرمىگەنسەن ؟
-ياق، ساقچىخانىدىكىلەر ئەنزە پاش بولغاندىكىن، ئاندىن بىرتەرەپ قىلىمىز دەپ، تۈنۈگۈن پېچەتلىدى ...
-ئۇ ئالدامچى ئاشىقىڭنىڭ قەيەرگە قاچقانلىقى ھەققىدە تېخىچە خەۋەر يوقمىكەن ؟
-ياق، ساقچىلار، نەچچە يۈز كىلومېتىر يول يۈرۈپ يېزىدىكى ئۆيىگىچە بېرىپتۇ؟ ئەمما تاپالماپتۇ. راھىلە يېزىدىكى ئۆيىگىمۇ بارمىغان ئوخشايدۇ .
-توۋا دەيمەن! مىڭ، مىڭ توۋا دەيمەن! ماڭا قارا، ئىككىڭ ئۈچۈن ئېلىپ بەرگەن شۇ يېڭى ئۆينى سىنىڭ كۆز ئالدىڭدا سىنى ئالداپ تۇيدۇرتماي تۇرۇپ باشقا ئادەمنى يوشۇرۇن باشلاپ كىرىپ شۇنچە چوڭ بىر بىنا ئۆينى سېتىۋەتكىچە بولغان ئارىلىقتا پەقەت ھېچنېمىنى سەزمىدىڭمۇ  ؟يەنە كېلىپ نېمىشقا شۇ يېڭى ئالغان ئۆينىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى شۇ قوتۇر قانجۇقنىڭ ئىسمى بىلەن بېجىرىسەن؟ دۇنيادا سەندەكمۇ دۆت، ئەخمەق ئادەم بۇلامدۇ؟ سەن "ۋاي ...ئاشىقنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدۇ! پەقەت بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئاشىق كۆڭلىلا بولىدۇ! "دەۋاتاتتىڭ؟ ئەمما مەن بىرسىگە مەيلى چۈشۈپ كۈيۈپ قالغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئېشەكچىلىك ياخشى يامان، توغرا خاتانى پەرق قىلىدىغان ئەقىل ئىدرىگىنىڭ بولمايدىغانلىقىغا زادىلا ئىشەنمەيمەن! ئىسىت، سىنىڭ مۇشۇ ياشقا كەلگەندە بىر ئالدامچىغا مەيلى چۈشۈپ، شۇ مەيلى چۈشكەن ئالدامچىنىڭ شاپىقىغا تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپ ئەل جامائەت ئىچىدە بۇنچە شەرمەندە، رەسۋا بولغان ئىززەت ئابرۇيۇڭ  !ئىسىت ئۈچيۈزئەللىك مىڭ يۈەن نەق پۇل. ئىسىت سىنىڭ قاپاق باشلىقىڭ  !     2009-12-9
(ئاپتور ئاقسۇ شەھەر 5. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى )
يانفون:13565165488
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-22 02:50  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-23 11:24:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ لەيلۇم ئەزىز مۇئەللىم.ھىكايىڭىزنى ككرۈپ چىقتىم.جەمئىيىتىمىزدە يامراۋاتقان،ئەقلى ئۇيغاقلار بۇ قىلمىشلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۋاتقان مۇشۇنداق بىر تېمىنى ئۆزگىچە يول بىلەن يورىتىپ بېرىپسىز،سىزگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.«ساۋاتسىز»لارنىڭ ھەممىسىلا «شۇنداق»لاردىن بولىشى ناتايىن،بەلكىم«ساپاسىز»لار شۇنداق بولۇشى مومكىن.يەنىمۇ تىرىشىڭ.

ۋاقتى: 2016-1-23 17:39:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىدىكى زىددىيەت -توقۇنۇش،ۋە ئاخىرىدىكى تىراگىدىيە ئوقۇرمەننى تازا قايىل قىلالمايدۇ.  بولۇپمۇ  خاسىيەت دېگەن بۇ ئايال ئېرىگە خوتۇن ئېلىپ بېرىش ئالدىدا شىركەتنىڭ دېرىكتۇرلىقى ۋە باشقا مال-مۈلۈكلەرنى باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزىۋېلىشنى ئويلىيالىدى-يۇ،ئۆزىنىڭ ئائىلىسسىنى قوغداش بايرىقى ئىگىز كۆتۈرۈۋالغان بولسىمۇ،نورمال ئادىمىيلىك غورۇرىنىڭ دەپسەندە بولۇشىغا سۈكۈت قىلدى. بۇ خاراكتېرى ئاجىز ئايالنىڭ ئوبرازى ياخشى يورۇتۇلمىغان.
يەنە بىرتەرەپتىن بۇ يازمىدا «مېيىپلار ساناتورىيەدىكى يابا-دەلتە خوتۇندەك ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتىكى دىتسىزلىقى ...» دېگەندەك جۈملىلەر ئاپتۇرىنىڭ مېيىپلارغا بولغان كۆز-قارىشىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.
ئاپتۇر ياراتقان «خاسىيەت» ئوبرازىنى ھەقىقىي مېيىپ ئوبراز دېيىشكە بولىدۇ.
ھېكايە جەمئىيتىمىزدىكى بىرقىسىم ئىجتىمائى  مەسىلىنى ئاساسى تېما قىلغان ،تەربىيلەش قىممىتىگە ئىگە بولسىمۇ يوقۇرىدا كۆرسىتىلگەندەك تەرەپلەردە يەنىمۇ پىششىقداشقا تېگىشلىكمىكىن دەپ قارىدىم.
ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-1-23 18:26:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-1-23 20:23:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاداش ئاۋۇ «خاسىيەت» نىڭ ئېغىزى ئەجەپ قوپال ئىكىنا؟ ئۇ يۇشۇرۇن خوتۇن ئېلىپ بېرىشكە ئەجەپ ئاسان قايىل بوپتۇ دىسە، ئاياللاردا زادى ئامالسىز قالغاندا « ئېغىزىدىلا ھە ماقۇل » دىسىمۇ، چىن كۆڭلىدىن ماقۇل دەيدىغان ئايال بۇ دۇنياغا تۆرەلمىگەن بولىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاياللىق نوقتىسىدىن خاسىيەتنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يۇرۇتۇپ بېرىشكە ئازراق كۈچ سەرپ قىلىپ باقساڭلا قانداق؟ ئۇنىڭدىن باشقا تىلنىڭ ئەدەبىي تۈسىگە ئىشلەشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى. دىيالوگلار سەل «مايسىز» بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. گەپلىرىمدە ئورۇنسىز تەرەپلەر بولسا كېچۈرىسىلەر. سالامەت بولۇڭلار!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-24 00:20:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئەمەتجان يۈسۈپ،ۋە سەمەت رامىزاندىن ئىبارەت ئىككى نەپەر  قېرىندىشىمنىڭ ئەسىرىمنى  ئەستايىدىل ئۇقۇپ چىققىنىغا سەمىمى رەھمەت  ئېيىتمەن .ئېنىقكى  سىلەرنىڭ سەمىمى ياردىمىڭلار  مىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى مۇساپەمدە ئەسەرگە تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمغا تۈرتكە بۇلىدۇ. قارىغاندا بۇ ئەسىرىمنى  بۇ مۇنبەرگە يوللاپ دەسلەپتىكى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپ باقاي دىگەن خىيالىم خاتا بولماپتۇ .ھازىرچە ئىككلىرىگە قۇرۇق بولسىمۇ ئېغىزچە رەھمەت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-24 00:22  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-24 00:40:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقتىمۇ   يەنە «خاسىيەت»ئوبرازىغا قارىتا  ئۈزەمنىڭ قارىشىنىمۇ ئوتتۇرغا قۇياي .ئىرىگە خۇتۇن ئېلىپ بەرگەن بۇ دىتال  نەق ئەمىلى  تۇرمۇشتىن ئېلىنغان بۇلۇپ ناۋادا خاسىيەت بۇ نىكاھ كىرىزىسىغا قارىتا ئىسيان كۈتۈرۈپ ئائىلىنى بۇزسا ، بالىلارنى يىتىم قىلغان بولسا ئاندىن   «خاسىيەت»ئوبرازى مۇكەممەل يارىتىلغان بۇلارمىدى ؟
مەنمۇ يەنە شۇ ئائىلىگە ،بالىلارغا ،بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ئەخلاقسىزلىقىغا قارىتا  ھىسسىيات ئەمەس  خاسىيەتتەك ئەقىل ئىشلىتىش بولسا كىرەك دەپ قارىدىم .بۇ ئەسىرىمدە ئوتتۇرغا قويماقچى بولغىنىم  ئىلىمىزدىكى  1-دەرىجىدە نىكاھ كىرزىسى  (39.6%)غا پېتىپ قالغان ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئائىلە ،ئەخلاق مەسىلىسى .
سەمەت بىرادەر خاسىيەت  ئەلۋەتتە چىدىمىدى . (بايانغا قاراڭلار )ئەمما خاسىيەت  بالىلارنىڭ يىتىم بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن  ئۈزىنىڭ غۇرۇرىىنىڭ دەپسەندە بۇلىشىغا سەۋىر قىلدى  ...شۇنداق قىلىپ ئاخىرى خاسىيەت بۇ ئائىلىنى  قوغداپ قالىدۇ .ئەخلاق سىزلىق پاش بۇلىدۇ ...
««مېيىپلار ساناتورىيەدىكى يابا-دەلتە خوتۇندەك ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتىكى دىتسىزلىقى ...» دېگەندەك جۈملىلەر ئاپتۇرىنىڭ مېيىپلارغا بولغان كۆز-قارىشىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. »مانا بۇ جۈملىنى مەن ھەقىقەتەن ئارتۇق ئىشلىتىپتىمەن ...دەرھال تەكشۈرۈش يازاي........ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-24 00:53  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-24 00:42:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكرار يوللىنىپتۇ .ئۆزرە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-24 00:45  


ۋاقتى: 2016-1-24 00:51:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەتجان يۈسۈپ يوللىغان ۋاقتى  2016-1-23 17:39
بۇ ھېكايىدىكى زىددىيەت -توقۇنۇش،ۋە ئاخىرىدىكى تىراگىد ...

  راست شۇنداقكەن

ۋاقتى: 2016-1-24 13:53:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ئاكا، مەنمۇ ھېكايىنى تۇللۇق ئوقۇپ چىقتىم ۋە ئەمەتجان يۈسۈپ ئاكىنىڭ ئىنكاسىنىڭ تولىمۇ ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. سىز دېگەندەك خاسىيەت ئاجراشقان بولسا ھېكايە تېخىمۇ ياخشى چىقمىغان بولاتتى. بىراق خاسىيەتنىڭ ئېرىگە قويغان شەرتىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇ دىتى بار ئايال،ئېرىنىڭ «ئاشىقلىقى»نىڭ ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلىپ بولغان...
مېنىڭ ئويلىغىنىم شۇكى، دىئالۇگلار ، ھېكايىنىڭ تۇقۇلما قىسمى قايتا پىششىقلاشقا تېگىشلىك. بەزى ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دىئالۇگلارنى باش پىرسۇناژنىڭ ئىچكى بايانى قىلىش كېرەك. ئەرنىڭ باشقا بىر ئايالغا بولغان ھىسياتىنى ئۆز ئايالىنىڭ ئالدىدا ئۇچۇقتىن ئۇچۇق بايان قىلىشىمۇ ھېكاينىڭ مۇكەممەلسىزلىكىگە ياردەم قىلغان.  

ۋاقتى: 2016-1-24 14:11:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« سەمەت بىرادەر خاسىيەت  ئەلۋەتتە چىدىمىدى . (بايانغا قاراڭلار )» دىگىنىڭلا توغرا، مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم ئاشۇ چىدىمىغاندىكى بايانلار بەك ئادى ھەم ئاشكارا، خاسىيەتنىڭ ئىچكى دۇنيارىنى ئېچىپ بېرىشتە ئاقىزلىق بار دىمەكچى ئىدىم. تۆربەگ قىزى ئوبدان پىكىر قىلىپتۇ. يەنە بىرسى رىياللىقتا يۈز بەرگەن قىسمەن ئىشلار ئومىمىيلىققا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ھېكايىدىكى ئەجەللىك يەر خاسىيەتنىڭ ئەقىل ئىشلىتىپ ئائىلىنى ساقلاپ قالغانلىقىدا. بۇشۇ نوقتىنى خاسىيەتنىڭ ئىچكى ھېس تۇيغۇلىرىنى باشقىچىرەك يول بىلەن يورۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق ئىپادىلىسەكمۇ بولامدىكىن دەپ ئويلۇدۇم. «ئۆزەمچە»

ۋاقتى: 2016-1-24 15:44:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلىلا ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسەر، يەنە ئازراق پىششىقلىسىڭىز مۇكەممەل بىر ياخشى ئەسەرگە ئايلانغۇدەك ئۇستاز!

ۋاقتى: 2016-1-24 16:47:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ئەيسا يوللىغان ۋاقتى  2016-1-24 00:40
شۇنداقتىمۇ   يەنە «خاسىيەت»ئوبرازىغا قارىتا  ئۈزەمنىڭ  ...

ھۆرمەتلىك ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، مېيىپلارمۇ ئوخشاشلا بۇ ئالەمگە سىز ۋە بىزگە ئوخشاش ئىنسانىي قەلبكە،نازۇك كۆڭۈلگە ئىگە قىلىپ يارىتىلغان. پۈتكۈل دۇنيادا مېيىپلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك كۆپخىل شەكىللەر بىلەن تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ.مەسىلەن : مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى بۇنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىلى بولالايدۇ دەپ قارايمەن.مەيلى تەنتەربىيە، سەنئەت ۋە ياكى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە بولسۇن  قەيسەر ئىرادىلىك مېيىپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق ماھارەتلىرى ۋە ئەقلىي قابىلىيەتلىرى بىلەن  روھى جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بەلكىم،ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ  ئەما ئىكەنلىكى ،ئىلى ناخشىللىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان داۋۇتجان ناسىرنىڭ  ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىغىلى 40يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتسىمۇ يەنىلا ياد ئېتىلىشى قاتارلىق مىساللارنى تەپسىلىي دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتىمۇ بىر ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى تۇرۇپ « يابا» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك.
مەن بۇ ھېكايىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققىنىم ئۈچۈن سىزگە كىچىىككىنە بولسىمۇ ياردىمى تېگەر ،دېگەن سەمىمىيەت  نۇقتىسىدىن مېيىپلارنى كەمسىتىدىغان  جۈملىلەر ھەققىدە قارىشىمنى تۈزلا قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم.ئەپسۇس باشتىن-ئاياغ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان پوزىتسىيەدە تۇرۇۋېتىپ ئاخىرىدا «تەكشۈرۈشنامە يازىدىغانلىقىڭىز»نى دەپسىز.بۇنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.شۇ بىر جۈملە سۆزىڭىز مېنى بىرئاز ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويدى.ئىجادىيەت دېگەندە سەمىمىي ياردەم پىكىر،ئورۇنلۇق تەكلىپلەر بولسا قوبۇل قىلالماسلىق ئاقىلانىلىك ھېساپلانمىسا كېرەك.
ئارتۇقچە سۆزلەپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەمەتجان يۈسۈپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-24 16:55  


ۋاقتى: 2016-1-24 17:18:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېئالوگدا سەت گەپ بولسا بولـمايدۇ، دېگىنىم ئەمەس، ئەزىز مۇئەللىمنىڭ بۇ ھېكايىسىدىكى دېئالوگلار تەبىئىي چىقماپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-24 18:06  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-24 18:36:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەتجان ،سەمەت  بىرادەر ،پاتىگۈل ،جۇلا ئەپەندىلەر سىزلەرنى ئاۋال سەل پىشماي قالغان  تەمسىز بىر مىۋىگە ئېغىز تەككۈزگىلى سالغىنىمدىن تۇلىمۇ خىجىلمەن .ئورۇنلۇق پىكىر تەكلىپ بەرگىنىڭلاردىن تۇلىمۇ مىننەتدار بولدۇم. ئەلۋەتتە ھەرقايسىلىرى ئوتتۇرغا قويغان تەرەپلەر ئۈستىدە قايتا ئىشلەپ باقىمەن . ئەمەتجان  «تەكشۈرۈش يازاي »دىگەن جۈملىنى  چاقچاق دەپ چۈشەنسىڭىزكەن دىگۈم بار .شۇ جۇملىنىڭ ئۇرامىدىنمۇ شۇلارنى  ھېس قىلمىغانسىزمۇ ؟ .بۇيەردە مەن شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتمەكچىمەنكى-مەن يازمامدا  سادىر بۇلىۋاتقان كەم تەرەپلەرنى  تۈزىتىشنى خالىمايدىغان ئۇنچە سەمىمىيەتسىز ئەمەسمەن.
يەنە بىر خوشلىغۇم باركى-يازغانلىرىمىز ھەققىدە مۇشۇ مۇنبەر يۈزىدە يۇقارقىدەك  سەمىمى دوستانە پىكىر لەشسەك ...قانداق ياخشى ھە ؟! ئالدىنقى يىللاردا  مۇشۇنچىلىك  چىرايلىق ئىلمى بىرىلىدىغان  پىكىرلەر ئورنىغا  بۇ مۇنبەردە مەنمەنچىلىك  ئاداۋەت تۆھمەت تاشلىرى ئۇچۇپ يۈرگەن قارا بۇرانلار  قۇتراپ كەتكەن ئىدى.
بۇ كىچىك  مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلغان ئەزىزلەر   تىنىڭلار سالامەت  ئىشلىرىڭلار  ئۇتۇقلۇق بولغاي.

باھا سۆز

سەزگۈرلىكىم ئېشىپ كەتكەنلا گەپ،ماۋۇ گەپلىرىڭىزدىن خوش بولدۇم.ئامان بولۇڭ  ۋاقتى: 2016-1-25 07:23 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش