كۆرۈش: 123|ئىنكاس: 0

ئابدۇراخمان سادىق: قىزىمنىڭ يۇرەك سۆزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قىزىمنىڭ يۇرەك سۆزى
ئابدۇراخمان سادىق

كىتاپ چۇشمەس قولۇمدىن،
ئۇدۇم قالغان  دادامدىن.
شەرمى ھايا ھەم ماڭا،
ئۇدۇم قالغان ئانامدىن.

بالا بىقىش ھەم شۈنداق،
تەلىم ئالغان ئانامدىن.
ئادىمىلىك يولىىمۇ،
مىراس قالغان دادامدىن.

ئۆرۇپ-ئادەت قايدىنى،
دادام ماڭا ئۇگەتكەن.
ئۆي تۇتۇشقا ئوڭلۇق مەن،
ئانام ماڭا ئۇگەتكەن.

بالام قىنى مۇمام دەپ ،
ئىزدىگەندە ئانامنى.
چاناقلىرىم يار كەتتى،
سېغىنىپمەن ئاتامنى.

ئۆينىڭ گۈلى ئانامكەن،
تۇت تېمى ئاتامكەن.
سىىلەر بولغاچ ئانا مەن،
بۇگىنىمگە ئېرىشكەن.

ئاپپاق ساقال بۇۋاممۇ،
مىنى باققان ئەمەسمۇ.
پەرىشتىدەك مۇماممۇ،
ماڭا ئۇستاز ئەمەسمۇ.

ئەسسالام دەپ ھەرسەھەر
ئانام بىلەن ئاتامغا.
مېھرىم بىلەن ئېسىلىپ،
مۇمان بىلەن بۇۋامغا.

مەنمۇ بولدۇم بىر ئانا،
بىلدىم ئانا ئەجرىنى.
رەنجىتكەنمەن بەزىدە،
بالىلىقتا ئانامنى.

پۇشمانلىرىم بىرتاغار،
نادانلىقتا كۆتەرگەن.
ماڭا پۇرسەت بىرىڭە،
ئەجرىڭىزنى ئاقلاي مەن.

ئىلى كۈيلىرى

ئەجەپ مۈڭلۇق ئىلى كۈيلىرى،
بۇلبۇللارنىڭ تەڭكەش ئۈنلىرى
جاراڭلايدۇ سەھەر ئاخشام
دېھقانلارنىڭ مۇڭلۇق كۈيلىرى.

بۇلبۇل ئىكەن دىھقان ئۈنلىرى،
كۆلكە چاقچاق ھەم يۇمۈرلىرى،
ھەركىم ئاڭلاپ زوقلىنار- مۇڭلىنار،
زۆقى كۈشلۇك ئىلى كۈيلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-22 14:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش