يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2022|ئىنكاس: 12

مېھرىئاي ئىمام(ئىزگۈگە): ئاپشاركىنىڭ ئۆلۈمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مېھرىئاي ئىمام

                                          ئاپشاركىنىڭ ئۆلۈمى

  (راست ئىشلار خاتىرىسى)



                                                    1
        دادام يولۋاسنى ھويلىمىزغا ئەكەلگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇ ئۆزىنى خۇددى سەپتىن چۈشۈپ قالغان لاياقەتسىز ئەسكەردەك چۈشكۈن، غېرىب ھېس قىلغاچقىمىكىن، خېلىغىچە خۇيلىنىپ يۈردى. ھېچقايسىمىزنى پەرۋايىغا ئالمايتتى، بىزغۇ مەيلى، دادامغىمۇ يۈز خاتىرە قىلمايتتى، دادام ئالدىغا تاماق قويۇپ بەرسە ئۆرىۋېتەتتى، ئۇسسۇزلۇق قاچىسىغا قاراپمۇ قويمايتتى، كۈن بويى بوينىدىكى زەنجىرنى چىشلەپ تارتاتتى، نېمىلەرگىدۇر خىرىس قىلاتتى ياكى تۇرۇپلا جىمىپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ھەممىمىز جىددىيلىشىپ ئىچ ئاغرىتاتتۇق، ھەتتا مۇۋاپىق ئامال ئىزدەپ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ باقاتتۇق. تىرىشچانلىقلىرىمىز كارغا كەلمىگەندە «گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ» دېگەندەك يەنىلا ئۇنىڭ بۇرۇنقى تەربىيەچىسى موڭغۇل يىگىتكە تېلېفون قېلىپ كۆرسەتمە بويىچە ئىش تۇتاتتۇق، ئەمما يولۋاسنىڭ كەيپىياتىدا ھېچ بىر ئۆزگىرىش بولمايتتى. ئاپام يولۋاسنى قىينىماسلىقنى، ئاپىرىۋېتىشنى ئۆتۈنۈپ دادامغا يالۋۇراتتى.
        ــ ئەنسىرىمەڭلا، ئاز كۈن ئۆتسە ئۆگۈنۈپ قالىدۇ، نورمال ئەھۋال بۇ، موڭغۇل يىگىتنى سېغىنغان گەپ، ئۈچ كۈنلۈك چېغىدىن باشلاپ ئەڭ خەتەرلىك ۋاقىتلاردىمۇ بىللە تۇرغان ئەمەسمۇ، دەماللىققا يېڭى مۇھىتقا كۆنۈپ بولالمايۋاتقان گەپ. بەك بولمىسا موڭغۇل يىگىتنى چاقىرتىمەن، ئۆزى بىر ئامال قىلىدۇ،ــ دەيتتى دادام.
        شۇنداقتىمۇ يولۋاسنىڭ كەيپىياتى ھېچ ئوڭشىلىدىغاندەك ئەمەس، بارغانسېرى ئورۇقلاپ تېخىمۇ بىچارە كۆرۈنەتتى. ئاپام بىئارام بولۇپ دادامغا  تاپا تەنە قىلىدىغان بولۇۋالدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قېلىۋاتامدىكىن ياكى باغلاققا چۈشۈپ ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان بۇ ئېغىر كۈنلىرىگە ئەلھۆكمىلىللا دەپ يېقىن كېلەلمىسىمۇ ئۆزىگە خۇددى قېرىندىشىدەك ئىچ كۆيەرلىك قىلىۋاتقان دادامنى خاتىرجەم قىلغۇسى كېلىپ قالدىمىكىن، يولۋاس بىردىنلا مۇلايىملىشىپ كەتتى. بىز بىلەن دېگەندەك ئىچىكىشىپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، بۇرۇنقىدەك ھۈرپۈيۈپ قاچىسىنى ئۆرۈۋەتمەيدىغان، تاماقنىمۇ ئاشۇرۇپ قويمايدىغان بولۇپ كەتتى، بەزىدە تېخى ئۆزىچە جانلىنىپ ئويناقشىپ قوياتتى، دادام يېنىغا بارسا يېپىشىپ ئەركىلەيتتى. يولۋاستىكى بۇ ئۆزگىرىش بىر ئائىلە كىشىلىرىگە يېڭى خۇشاللىق بولۇپ قالدى. ھەممىدىن بەك خوش بولۇپ قىلغىلى قېلىق تاپالماي قالغان دادام يولۋاسنىڭ بېشىنى سىلاپ يېقىنچىلىق قىلاتتى، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنى پاكىز تۇتۇشنى ھويلىمىزغا قارايدىغان ئاكىمىزغا تاپىلاپ تۇراتتى.
       دادام يولۋاسنى زەنجىردىن بوشۇتۇۋەتمەكچى بولۇۋېدى، ھەممىمىز شۇنداق قىلايلى دېيىشتۇق. دادام ئۇنى زەنجىر بىلەنلا يېتىلەپ، ھويلىنىڭ ئاياق تەرىپىدىكى باغقا سۇ قويىدىغان تۇربىنىڭ يېنىدىكى كۆلچەككە قويۇپ بەردى. خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان يولۋاس ئۇزاققىچە قىلىق چىقىرىپ ئوينىدى، قانغۇچە چۆمۈلدى. دادام ئۇنى پاكىز يۇيۇپ، تۈكلىرىنى تاراپ قويدى. يولۋاس خۇددى كىچىك بالىدەك ئەركىلەپ ئالدى پۇتىنى دادامنىڭ مۈرىسىگە، بېشىنى دادامنىڭ مەيدىسىگە قويغاندا، بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشتىن كۆزلىرىمىزگە ياش كەلدى. بۇ چاغدا ئاپام خۇشاللىقىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەي تىت-تىت بولاتتى، دادامنىڭ خۇشاللىقىغا تېخىمۇ گەپ كەتمەيتتى، ھېلى يولۋاسنىڭ ئېڭىكىدىن كۆتۈرۈپ مەن كىم دېسە، ھېلى ئۇنىڭ ئالدى ئوڭ پۇتىنى كۆتۈرۈپ ماڭا سالام قىل دەپ بۇيرۇق قىلاتتى. يولۋاسمۇ دادامنى ئەمدى تونۇۋاتقاندەك، دادام بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەقدىرىدە باشقىچە ئۆزگىرىش بولغاندەك ياكى ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغان يېقىن بۇرادىرى يىراق سەپەردىن قايتىپ كېلىپ بارلىق سېغىنىش-تەلمۈرۈشلىرىگە خاتىمە بەرگەندەك، يالغۇزلۇقتىن- غېربلىقتىن بىراقلا قۇتۇلغاندەك، مۇشۇ مىنۇتتىن ئېتىبارەن بۇرۇنقى سەلتەنەتىگە قايتقاندەك قىلىقلارنى قىلاتتى، ئەمما دادام نېمىشقىكىن يولۋاسنى يەنە باغلاپ قويدى.
        يولۋاس ھەقىقەتەن قورقماس، جەڭگىۋار ئىدى، قىسىمنىڭ چوڭ قورۇسى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن جەننىتى، ئىللىق ئائىلىسى ئىدى. تالايلىغان ئېغىر مەشىق ئۆتكەللىرىدىن، ئىمتىھان-سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، نەچچە قېتىملىق مانېۋىردا خىزمەت كۆرسەتكەنىدى. باشقا ھەمراھلىرىغا قارىغاندا خېلى نامى بار ئىدى، ئالاھىدە ئەتىۋارلىناتتى. قىسىمدىكى قاپىقى ئېچىلمايدىغان، ئۇستىخانلىق ئېگىز بوي، بۇغداي ئۆڭ موڭغۇل يىگىت ئۇنىڭ كۆندۈرگۈچىسى ۋە قەدىناس دوستى ئىدى. يولۋاس تۇغۇلۇپ قىسىمغا ئىلىپ كېلىنگەن كۈندىن ئېتىبارەن، ئۇنى قوينىغا سولاپ يېتىپ، كېچە-كۈندۈز دېگۈدەك يېنىدىن ئايرىلماي ئەجىر قىلغانىدى. ئىككىسىنىڭ ياتىقىمۇ قوشنا ئىدى.
        بىر نەسىللىك كۇچۇكنى لايەققەتلىك ئاپشاركا قېلىپ يېتىلدۈرۈپ چىقىش ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس، ئادەتتە بۇنداق ئاپشاركىلارنىڭ تۈرى جىق بولۇپ، ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغانلىرىدىن جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشىلتىلىدىغان كەسپى ئاپشاركىلاردىن باشقا يەنە ھەربى ئىشلار ئۈچۈن ئىشىلتىدىغانلىرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇراتتى، يولۋاس بولسا نەق شۇنداق ئاپشاركىلار قاتارىغا كىرەتتى. بۇنداق ئاپشاركىلار كەسپى تەربىيەنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كىيىن، قىسىمنىڭ ئىشتاتىغا كىرگۈزۈلۈپ، مەخسۇس خادىم بويىچە مۇئامىلە قىلىناتتى. كەسپى تەربىيەلىنىش جەريانىدا ئاپشاركىلار سالماق،تىرەن،جۇشقۇن بولۇپ كىتەتتى.پۇراش سېزىمى ئەدەتتىكى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن نەچچە ئون مىڭ ھەسسە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقۇرى بولسا،ئاڭلاش سېزىمى ئون سەككىز ھەسسىدىن يۇقۇرى بولاتتى، شۇڭا بۇ خىلدىكى ئاپشاركىلار ئادەتتىكى ئىز قوغلاپ تۇتۇش،رازۋىتكا قىلىش،پوچتا ئالاقىسىدىن تارتىپ بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان بارلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن، ئەڭ يۇقۇرى چەكتە بۇيرۇقنى ئورۇنلاش بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك چىقاتتى.بۇنداق ئاپشاركىلار يەنە كۈچلبك سەۋىرچانلىق ۋە سۈكۈتچانلىقنى يىتىلدۈرگەچكە، مۇھەببەت نەپرىتى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، يېقىن كىشىلىرىگە بولغان بۇرادەرلىك تۇيغۇسىنىڭ  ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇشى، خەتەرلىك نىشانلارغا سەزگۈر ھەم يىرتقۇچ بولىشى بىلەن مەڭگۈ جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاپ قالالايتتى، شۇڭا پۇراش سېزىمى، ئاڭلاس سېزىمى، كۈزۈتۈش سېزىمى دىگەندەكلەر ئۇلارغا قويۇلىدىغان ئەڭ ئەقەللى تەلەپ ھىساپلىناتتى. قىسىملاردا ئاپشاركىلارنى كەسپى جەھەتتىن تەربىيەلەش ئىشلىرىمۇ ھەربى ۋەزىپە قاتارىدا تۇراتتى، شۇڭا تەربىيىچى بولغان كىشىنىڭ مىجەز خارەكتىرىنىڭ ئالدى بىلەن يەنىلا سالماق، تىرەن، سەۋىرچان بولىشى تەلەپ قىلىنغاندىن سىرت سۈكۈتچان،ئىنچىكە بولۇشى تەلەپ قىلىناتتى، چۈنكى ئاپشاركا كۈچىگى نەدە  تۇغۇلغان قانداق ئىتنىڭ نەسلى بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۇ يەنىلا ھايۋان بولغاچقا ئىنسانلار بىلەن ئورتاق تىل ئالاقە ئىقتىدارىغا مەڭگۈ ئىگە ئەمەس ئىدى. بىز ئادەتتىكى ئىتلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ ئۇنىڭ قىلماقچى بولغان ھەركەت نىشانىنى بىلگىنىمىز بىلەن بىر لاياقەتلىك ئاپشاركا بىزنىڭ ھەركەت ئارقىلىق بىلدۈرگەن شەرەتلىرىمىز،چىراي ئىپادىمىز ۋە قىلىپلاشقان ۋە قىلىپلاشمىغان سۆزلىرىمىزنى پەرق ئېتىشتىكى ئىقتىدارىغا ئاساسەن، بىزنىڭ ھەركەت نىشانىمىزنى بىلىپ تۇراتتى،  شۇڭا بىر كەسپى تەربىيەلىگۈچى ئاپشاركا كۇچۇكىگە خۇددى ئۆز پۇشتىدىن تۇغۇلغان بالىسىغا كۆيگەندەك مېھرىبانلىق بېرەلىگەندە، مەسئۇلىيەتچان ئۇستازدەك قاتتىق تەلەپ قويالىغاندا، يەسلى ئوقۇتقۇچىسىدەك مۇلايىم، سەۋرىچان بولالىغاندا، يەنە ئەڭ يېقىن سىرداش، سەپداش، تەغدىرداشلارچە يېقىنچىلىقنى ھازىرلىيالىغاندا ئاندىن نۇرغۇنلىغان مەشىقلەندۈرۈشلەردىن كىيىن  كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولاتتى.
       يولۋاسنىڭ دىڭ قۇلاقلىرى ئاتنىڭ قۇلىقىدەك قىسقا، ئۇچلۇق، كۆزلىرى يۈگۈرۈك، چوڭ پۇتلىرى بۆشۈكتە يېتىپ چوڭ بولغان بالىنىڭكىدەك تۈپ-تۈز، تۈكلىرى پارقىراق، ئىككى كۆزىنىڭ ئەتراپى، بېشى، تۇمشۇقى، دۈمبىسى، قۇيرۇقىنىڭ ئۈستى تەرىپى قارا قوڭۇر، قورساق قىسمىغا قوشۇپ باشقا يەرلىرى ئاق سارغۇچ ئىدى. بويى ئېگىز، يەلكىسى كەڭ، خۇددى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ جەڭگىۋار ئەسكەرلىرىدەك قاۋۇل بولۇپ، جۇغى يوغان، ئەمما كېلەڭسىز ئەمەس، خۇددى بۇيرۇتۇپ قۇراشتۇرۇۋالغاندەك ئىۋەنسىز ئىدى. يولۋاس دېگەن بۇ ئىسىم ئۇ قىسىمغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كىيىن، تەربىيەچىسى مۇڭغۇل يىگىت تەرىپىدىن نەچچە كۈن ئويلىنىش ئارقىلىق قويۇلغان بولۇپ، بارلىق  ئۈمۈت، ئارزۇلىرى ئاشۇ ئىسىمغا مۇجەسسەملەنگەن ئىدى.  مىڭ ئەپسۇس، ئۇ بىر قېتىملىق تاسادىپىي كېلىشمەسلىك سەۋەبلىك قىسىمدىكى جەڭگىۋار تۇرمۇشى بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.
       بىر لاياقەتلىك ئەزىمەتنىڭ جەڭگىۋار ھاياتى جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولۇش بىلەن شەرەپلىك تاماملانسىمۇ، ئۆچمەس قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرى مەڭگۈ تىللاردا داستان بولۇپ يادلىنىدۇ. گەرچە يولۋاسنى ئۇنداق قەھرىمانلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىدى، بىراق ئەڭ جۇشقۇن مەزگىلىدە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتتى. تۈزۈم بويىچە ئەمدى قىسىمدا داۋاملىق تۇرالمايتتى، داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن، يەرلىكتىكى بىرەر ئېھتىياجلىق ئورۇنغا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەك ئىدى. بۇ ھال ئۇنى ئۆز پەرزەنتى ئورنىدا بىر قوللۇق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن موڭغۇل يىگىتكە ئىنتايىن ئېغىر كەلدى. موڭغۇل يىگىتنىڭ يولۋاس داۋالىنىۋاتقان كۈنلەردىكى زىددىيەتلىك روھىي ھالىتىنى تەسۋىرلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ ئىڭراشلىرىنى كۆرۈپ چىدىماق ئاسان ئەمەس ئىدى، ئەمما يولۋاس ساقايسىلا خوشلىشىشقا توغرا كېلەتتى، ئۇ باشقا يەرگە ئەكىتىلەتتى. بۇ موڭغۇل يىگىت ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلماس ۋە ئەڭ ئېغىر كۈنلەر ئىدى. ئۇنىڭ كەيپىياتىنى چۈشەنگەچكە قىسىم مەسئۇلىمۇ ئۇنى باشقا ئىشقا بۇيرىمىدى، يىگىت باشتىن ئاخىر يولۋاستىن ئايرىلماي ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغانىدى.

2


        ناشتىدىن كېيىن دادام ئادىتى بويىچە يولۋاسنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى سىلاپ ئەركىلىتىشكە باشلىدى. يولۋاس ئالدى ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دادامنىڭ ئىككى ئالىقىنىغا قويدى، ئىككىسى بىر-بىرىگە شۇنداق ئامراقلىق قىلىشاتتى، بۇنىڭدىن ھەممىمىز خۇش بولاتتۇق، ئەمما شۇ تاپتا بىر كېلىشمەسلىكنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقىنى ھېچقايسىمىزنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى. ناشتىلىق ئۈستىلىدىن تېخى قوپمىغان ئاپام يىراقتىن ئۇلارنىڭ ئوينۇشۇشلىرىغا ھەۋەسلىنىپ ئولتۇراتتى، مەنمۇ  دادامنىڭ كەپتەرلىرىگە دان چېچىپ، سۇ قۇيۇپ بەرگەچ ئۇلارغا قاراپ تۇراتتىم،ھويلىدىكى ھەدىمىز بولسا گۈللەرگە سۇ قۇيۇۋاتاتتى، قىزىم ئاپامنىڭ يېنىدا ئىدى.
       ــ بۈگۈندىن باشلاپ ئەركىن بولدۇڭ، ئەمدى سېنى زەنجىرلەپ قويمايمەن،ــ دەيتتى دادام يولۋاسنى بوشاتقاچ.
       شۇ ئارىلىقتا نېمە بولغىنىنى ئۇقمايلا قالدىم، بوشانغان يولۋاس تۇيۇقسىز دادامغا ئوقتەك ئىتىلدى-دە، ھويلىنىڭ تىمىدىن ئارتىلىپلا كۆزدىن غايىب بولدى، پۈتۈن جاھان تىمتاسلىققا چۆكتى، ھەممىمىز داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدۇق.
       ــ ۋاي داداڭ، چاققان بول!
       بىر چاغدا ئاپامنىڭ ئەنسىز ۋارقىرىشىدىن ئېسىمگە كېلىپ قارىسام ، دادام يەردە تىزلىنىپ قاپتۇ. تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرگىنىمىزچە يېنىغا باردۇق، دادامنىڭ قولىدىن قان ئېقىۋاتاتتى. ھويلىدىكى ھەدىمىز ئۆيدىن بىر ياغلىق ئەچىقتى، ئاپام دادامنىڭ قولىنى چىڭ تاڭدى، ئاندىن دادامنى ماشىنىغا سېلىپ دوختۇرغانىغا چاپتۇق.
       ــ يولۋاس-يولۋاس...
      دادام ماشىنىدا كېتىۋېتىپمۇ يەنە ئۆزىنىڭ ھالى بىلەن بولماي يولۋاسنى ئىزدەيتتى، ئاپام تېرىكىپ يىغلاپ سالدى. ئەسلىدە يولۋاس دادامغا ئېتىلغاندا دادام چاققان كېلىپ قولى بىلەن ئىتتىرگەنىكەن، يولۋاس دادامنىڭ ئوڭ قولىنىڭ دۈمبىسىدىن چىشلەپ گۆشىگە قوشۇپ تومۇرىنى ئۈزۈۋىتىپتۇ. كېچىك بولسىمۇ ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلدى، دادام بىرەر ھەپتىدىن كېيىن بەلنىستىن چىقتى، شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقايسىمىز يولۋاسنى قايتا ئېغىزىمىزغا ئالمىدۇق. ئەمما ھازىرقىدەك ئېسىمدە، دادام بالنستتىن چىقىپ ئۆيگە كەلگەن كۈنى ماشىنىدىن چۈشۈپلا يولۋاسنى زەنجىرلىگەن تۆمۈر قوزۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەنىدى.
       دادام ئادەتتە تاماكا چەكمەيتتى، چېكىپ قالسىمۇ ئاز چېكەتتى، دادامنىڭ تاماكا چېكىپ تۇرغىنىنى ئايدا-يىلدا بىرەر قېتىم تاسادىپىي كۆرۈپ قالساقمۇ ئۆيدە، بىز بار يەردە پەقەت چەكمەيتتى. شۇ كۈنى يېنىدا تۇرغان شوپۇردىن تاماكا سورىغاندا، شوپۇر ئىتتىكلا ئاپامغا ئاندىن ماڭا قارىغانىدى. بىز نېمە دېيەلەيتتۇق، دادامنىڭ تاقەتسىزلىكتىن تىترەپ كېتىۋاتقان قولى باشتا شوپۇر تەڭلىگەن تاماكىنى مىجىۋەتتى، دادام ئىككىنچى قېتىم تەڭلەنگەن تاماكىنى كۈچەپ ئىس چىقىرىپ شورايتتى ھەم تاماكا چەككەچ نېمىنىدۇر ئىزدەۋاتقاندەك ئۇياق-بۇياققا قارايتتى. بىز دادامنىڭ كۆڭلىنى قايتا پاراكەندە قىلماسلىق، ئامال بار يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېسىگە سالماسلىق ئۈچۈن يولۋاسنىڭ زەنجىرىنى، تاماق قاچىسىنى ۋە ئالاھىدە ياسىتىلغان كېچىڭ ئۆينىمۇ قورۇغا قارايدىغان ئاكىمىزغا دەپ يىغىشتۇرغۇزۋەتكەنىدۇق.
        ــ بۇ ئۆينى كىم بۇزۇۋەتتى؟!ــ دادام بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپ تۇيۇقسىزلا ۋارقىرىدى.
مەن لېۋىمنى چىشلىگىنىمچە يەرگە قارىۋالدىم، ئاپام گەپ قىلمايلا ئۆيگە كېرىپ كەتتى،ھويلىغا قارايدىغان ئاكىمىز ئاستا ئامبار تەرەپكە بۇرۇلىۋالدى، دادام ئاپامنىڭ كەينىدىن ئوقتەك ئېتىلدى-يۇ، ئىشىك ئالدىغا بارغاندا شاپپىدە توختاپ كەينىگە بۇرۇلدى. دادام ھەرقانداق چاغدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىدىغان ئادەم ئىدى.
       ــ بىلىمەن كىمنىڭ قىلغانلىقىنى، كىم سىلەرگە بۇزدۇرۇۋېتىڭلار دېدى، سىلەر خوتۇن كىشى بولغاندىكىن ئۆزۈڭلارغا لايىق ئىشقا ئارىلىشىڭلار.
       دادامنىڭ يولۋاسقا چىدىمايۋاتقىنى، قانچىلىك ئىچى ئاچچىق بولۇۋاتقىنى كۆڭلىمىزگە ئايان ئىدى. گەرچە ئەلىمىنى ئىچىگە سىغدۇرالمايۋاتقان بولسىمۇ ئۇ يا ئاپامغا، يا ماڭا قوپاللىق قىلمىدى، بارلىق دەردىنى تاماكىدىن ئېلىپ بىردەمنىڭ ئىچىدە نەچچە تال چېكىۋەتتى. شۇ كۈنى كەچلىك تاماق كۆڭۈلسىز ھەم جىمجىتلا يېيىلدى، ھەممىمىز زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغاندەك شۈكلىشىپ كەتكەنىدۇق. ئەتىسى دادام ئۆيگە يەنە ئادەم باشلاپ ئەكەلدى، يولۋاسنىڭ ئۆيىنى بۇرۇنقىدىن كۆركەم، يوغان  قىلىپ قايتىدىن ياساتتى. دادامنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى باشتىن ئاخىر كۆرۈپ تۇرساقمۇ ھېچقايسىمىز چىش يېرىپ بىر نېمە دېيەلمىدۇق. قارىماققا ئۆتكەن ئىشلارنى چاققانلا ئۇنتۇپ كەتكەندەك ئىدۇق، دادامنىڭ كۈندە يولۋاسنىڭ يېڭى ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇزاقتىن- ئۇزاق خىيالغا پېتىپ تۇرۇپ كېتىشلىرىنى دېمىگەندە، ئۆيىمىزنىڭ كۈلكە ئۈزۈلمەيدىغان خۇشال كەيپىياتى بارا-بارا ئەسلىگە كەلدى.
      ــ بالام، دەرھال ئۆيگە كەل.
      ئارىدىن بىرەر ئايچە ئۆتتىمىدىكىن، بىر كۈنى تېخى ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولماي تۇرۇپلا ئاپام ماڭا تېلېفون بېرىپ، ئىشلەۋاتىمەن دېگىنىمگە ئۇنىماي ئالدىراتتى.
       ــ ھازىرلا كەل، جىددىي ئىش بار.
       يولدا كەلگىچە نېمە ئىش بولدىكىن دەپ جىددىيلىشىپ پېشانەمدىن تەر چىقىپ كەتتى. كەلسەم ئاپامنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، قاپاقلىرى ساڭگىلىغان ھالدا خۇيلۇنۇپ ئولتۇرۇپتۇ، بىر ئېغىز سورار-سورىمايلا قايناشقا باشلىدى:
       ــ داداڭغا شۇ ئىتنىڭ جىنى تەگكەن ئوخشايدۇ، بۈگۈن يەنە ئەكىلىدىكەن.
       ــ ۋاي ئۇ ئىت قېچىپ كەتكەنغۇ،ــ مەن ھاڭ-تاڭ قالدىم.
       ــ قېچىپ ئىگىسىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ، ئىگىسى ئوبدان ئەدەپلىگەن ئوخشايدۇ، بۈگۈن ھېلىقى موڭغۇل بالا ئۆزى ئەكېلەرمىش.
       ــ ۋاي ئاللاھ...
       ــ چوقۇم داداڭ ئەكېلىپ بەر دېگەن گەپ، ئابىيام داداڭ تېلېفون قىپتۇ، مال سويۇڭلار دەپ، ئەنە مالنى سويۇپ گۆشنى قازانغا بېسىپ بولدۇق. ئۇ يا ئادەتتىكى ئىت بولمىسا، شۇنچە قىلساقمۇ يا قىلغاننى بىلمىسە، چىشلىۋېلىپ قاچقان ئىتنىڭ نەرىگە ئاشىق بولدىكىن. يەنە ئەكىلىۋېشنىڭ نېمە ھاجىتى دەيمەن. ئەمدى ئۇنىڭغا بىزمۇ بۇرۇنقىدەك ۋاي دېيەلمەيمىز. داداڭ كەلسە سەنمۇ دېگىن بالام، نەدىن ئەكەلگەن بولسا شۇ يەرگە قايتۇرۇۋەتسۇن،بىزگە خاتىرجەملىك كېرەك، نېمە قېلىمىز ساق باشقا ئاغرىق تېپىپ ئىت باقىمىز دەپ،ــ دادامنىڭ بىر ئىشنى قارار قىلسا باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن قىلچە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان جاھىل مىجەزىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇزاقتىن-ئۇزاق قاينىدى ئاپام.
       ــ ھە، مېھرىئاي قىزىم، كەلدىڭىزمۇ، ئاپىڭىز دېمەي قالمىدى ھەقىچان، بۇ خۇشخەۋەرنى،  يولۋاس قايتىپ كەلمەكچى، ئەمدى قاچمايدىغان بولۇپ كەلمەكچى، يامان كاساپەت ئۇ، يامان گۇي،ــ دېگىنىچە يولۋاسنىڭ ئۆيى تەرەپكە ماڭدى دادام. ئۇ قايتىپ كەلگەندە خۇشلۇقتىن ئېغىزى قۇلىقىغا يېتىپ كىچىك بالىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.  
       ئاپام ماڭا، چاققان بول دېگەن مەنىدە ئىشەرەت قىلاتتى، ئەمما بۇ ئەھۋالدا دادامنىڭ قىزغىن، خۇشال كەيپىياتىغا سوغۇق سۇ سېپىشكە رايىم بارمايتتى، غەيرەتلىنىپ ئېغىز ئاچقان تەقدىردىمۇ دادامنىڭ قۇلاق سالمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئامالسىز ئاپامنىڭ شەرەتلىرىنى كۆرمىگەنگە سېلىپ، دادامنىڭ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەتتىم. شۇ ئارىدا موڭغۇل يىگىت بىلەن بىر خەنزۇ بالا يولۋاسنى ئەكەلدى، يولۋاس يەنىلا زەنجىردە باغلاقلىق ئىدى، قورسىقى بىلەن قوشۇپ خېلى ئوبدان تۆشلەپ تاسمىلىنىپتۇ تېخى. سېنىڭ جېنىڭغىمۇ ۋاي، دادامنىڭ جېنىغىمۇ ۋاي، يەنە نېمە كۈنلەرنى كۆرەرمىزكىن دەيتتىم ئىچىمدە. ئاپامنىڭ يولۋاسنى كۆرەر كۆزى بولمىغاچقىمىكىن، مېھمانلارغا ئانچە قىزغىن بولالمىدى. دادام شۇ پۇرسەتتە ئاپامغا ئالىيىپمۇ ئۈلگۈردى، پەقەت ھويلىغا قارايدىغان ئاكىمىزلا ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
       موڭغۇل يىگىت ھويلىغا كېرىپلا زەنجىرنى دادامغا تۇتقۇزدى-دە، يولۋاسنىڭ بېشىنى سىلاپ قويدى، ئاندىن بۇيرۇق قېلىپ، سالام دېدى. يولۋاس دادامغا قاراپ ئالدى ئوڭ پۇتىنى كۆتۈرۈپ سالام قىلىپ ئاندىن چۈشۈرۈپ تىك تۇردى. كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم،يولۋاس قارىماققا باشقىچە بولۇپ قالغاندەك ئىدى، ئەمما يەنىلا شۇنداق تىمەن، جۇشقۇن كۆرۈنەتتى. نەچچە سائەتتىن كېيىن ياكى ئەتە-ئۆگۈن يەنە چىشلەپ قاچارسەن تايىنلىق دېگەن خىياللار كاللامدىن كەچتى-يۇ، موڭغۇل يىگىت راھەت دەپ بۇيرۇق قىلغاندا يۈرىكىمدىن بىر ئىسسىق ئېقىم شۇررىدە ئاققاندەك بولدى. ئۇ كۆرۈنۈشلەر مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدۇ، تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجان بىلەن يولۋاسقا باشقىدىن سەپسېلىشقا باشلىدىم، بەلكىم شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ئائىلىمىزدىكى ھەر بىرىمىزنىڭ يولۋاسقا بولغان مېھرى مۇھەببىتى دەسلەپكى ياقتۇرۇش باسقۇچىدىن، ياخشى كۆرۈش، ياخشى كۆرگەندىمۇ ھەقىقىي چىن ھېسسىيات بىلەن مەڭگۈ ئۆز ئارا باغلىنىش باسقۇچىغا كىرگەندۇ، بەلكىم ياراتقان ئىگىسى شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدا، قېرىنداشلار بىلەن قېرىنداشلار ئوتتۇرسىدا، دوستلار بىلەن دوستلار ئوتتۇرسىدا، بۇرادەرلەر بىلەن بۇرادەرلەر ئوتتۇرسىدا سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان شۇنداق بىر ئەبەدىيلىك چوڭقۇر مىھرى مۇھەببەت ئوتىنى بىزدىن يولۋاسقا، يولۋاستىن بىزگە سىلىۋاتقاندۇ. مېھرى مۇھەببەت دېگەن مۇشۇنداقكەن، ھايۋانلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتمۇ، خۇددى ئىنسانلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتتەك، بەلكى تېخى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر قىزغىن بولىدىكەن. ئۇنىڭغا نە دۆلەت چېگراسى، نە مىللەت ئايرىمىسى، نە ياش چەكلىمىسى، نە جەمئىيەتتىكى ئورۇن مەرتىۋە دېگەندەك چەكلىمە چېگراسى كار قىلمىغاندەك، بۇنداق مۇھەببەتكىمۇ ھېچنېمە دال بولالمايدىكەن، سەن ھايۋانتىڭ، مەن ئىنسان نەسلىدىن ئىدىم دېگەن مەنتىقە كار قىلمايدىكەن، بۇ مېھرى مۇھەببەت تەلىيىڭىز بولسا سىز ئەڭ قەدىرلىگەن، ئەڭ ئىشەنگەن، ئەڭ سۆيگەن كىشىنىڭ سۆيگۈ مۇھەببىتىدىنمۇ چوڭقۇر بولىدىكەن، ئېگىز بىر پەشتاققا چىقىۋىلىپ پۈتۈن جاھان ئەھلىگە شەرەپ  بىلەن سۆزلىگۈدەك، داستان قىلىپ يازغۇدەك، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تەرىپلىنىپ قالغۇدەك چوڭقۇر، تىرەن، سالماق بولىدىكەن.
         مەن يەنە شۇ جايىمدا، كىتابخانىنىڭ ئىشىگىدىن بېشىمنى چىقىرىپ ئولتۇرۇپ، ئۇ ئەجەب قائىدىلىك بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇ شۇ كۈنى قېچىپ كېتىپ، نېمە ئىشلار يۈز بەرگەندۇ، نېمە كۈنلەرنى كۆرگەندۇ، ھەجەپ يىپتەك بولۇپ كېتىپتا؟ دېگەنلەرنى خىيال قىلاتتىم. ئەمما قول قويىمەنكى، يولۋاس ھەقىقەتەن بىر ئەزىمەت ئىدى، ئەجەبا ئۇ تۇيۇقسىز باشقا بىر مۇھىتقا ئەكېلىپ قويغانغا شۇنداق ئاسان شۈكۈر قېلالىسۇنمۇ، ئۇنىڭ بۇ يەردىكى پۈتكۈل مۇھىتىنى، كۈندىلىك پائالىيىتىنى، ھاياتىنى ئۇنىڭ بۇرۇنقى چاغلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ، بولمىسا ئۇ  قانداق ئەزىمەت بولىدۇ، قانداق ئەركەك بولىدۇ، تۇرۇپلا يولۋاسقا قاراپ ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولدى، ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن كۆزلىرىم نەمدىلىپ، ئۇنىڭغا يەنە باشقىدىن قاراشقا باشلىدىم. يولۋاسنى ئەكەلگەن يىگىتلەر كەتكەندىن كېيىن ئاپام بىلەن دادام خېلى ئۇزاق مۇڭداشتى.   
       ــ يولۋاسنىڭ داداڭلىنى چىشلىۋالغان ئىشىنى ئۇنتۇپ كېتىڭلار، بىز ئۇنى خاتا ئەيىپلەپتۇق، يولۋاستا نېمە گۇناھ، ئەگەر ئۇنىڭ پۇتى زەخىملەنمىگەن بولسا ئۇنىڭغا بۇ ئېغىر كۈنمۇ يوق، ئۇ كۈنى ئۇ شۇ قاچقانچە 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بېسىپ  ئۇدۇل ئۆزىنى باققان، ئەجىر قىلغان سىردىشى موڭغۇل يىگىتنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ، موڭغۇل يىگىت داداڭلىغا تېلېفون قېپتۇ، داداڭلىدىن ئەھۋالنى ئۇقۇپ، يولۋاسنى جازالاپ، ئۇنى نەچچە كۈن ئاچ قويۇپتۇ. موڭغۇل يىگىتكىمۇ ئوڭاي ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن خەنزۇ يىگىت داداڭلىغا، «يولۋاسنى سولاپ قويغان بىلەن ئۆزىمۇ تۈگۈشۈپ كەتتى، تۈزۈك بىر نەرسە يىمىدى، يولۋاسنى سولاپ قويغان ئۆينىڭ يېنىدا سائەتكە قاراپ ئولتۇردى» دەپتۇ، ئەسلى ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى نۇرغۇن يەرلىك ئورۇنلار تالاشقان بولسىمۇ، موڭغۇل يىگىت  بەرگىلى ئۇنىماي داداڭلارغا بىرىپتىكەن، بىخەتەر، ياخشى بىر تۇرمۇش مۇھىتىنى ئويلىشىپ شۇنداق قىپتىكەن. خەنزۇ يىگىت داداڭلىغا ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ، ئۇنىڭ چىشلىۋىلىپ قېچىپ كەتكىنىنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى، توغرا چۈشىنىشىنى، ئەمدى بۇنداق ئىشنى قەتئىي سادىر قىلمايدىغانلىقىنى، كۆپرەك ھال-مۇڭ بولۇشى كىرەكلىگىنى، كۆپ سىردىشىپ تۇرسا مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى، مېھرى چۈشىدىغانلىقى، موڭغۇل يىگىتنىڭ بۇنى داداڭلاردىن قايتا- قايتا ئۆتۈنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپتۇ، شۇڭا سىلەرمۇ بۇندىن كېيىن، يولۋاسقا خۇددى قېرىندىشىڭلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك ئوبدان قاراڭلار. قارىغاندا بىز يولۋاسنى بەك يۈزەكى چۈشۈنۈپ قاپتۇق، ئاندىن سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلار بىلەن تېخىمۇ ئىناق ئىتتىپاق بولۇڭلار، يولۋاسنىڭ ئىشلىرى سىلەرگە بىر دەرسلىك بولسۇن، بىزمۇ سىلەرگە مەڭگۈلۈك باقىۋەندە بولمايمىز، ئادەم دېگەندە ۋىجدان ۋاپا، ساداقەت دېگەندەك نەرسىلەر بولمىسا بولمايدۇ، ھازىر جاھان تەرەققىي قىلىپ "پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا "دېگۈدەك زامان بولۇپ كەتكەن بىلەن، ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مېھرى بۇھەببەت سۇسلىشىپ كەتتى. ياتلارنى قويۇپ تۇرايلى، بەزىدە قېرىنداشلار بىلەن قېرىنداشلار ئوتتۇرسىدىمۇ ئازغىنە مال دۇنيا مەنپەئەتنى دەپ، بىر بىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان، ھەتتا بىر بىر بىرىدىن ۋاز كېچىپ كېتىدىغان، نەچچە ئون يىللىق ئەر خوتۇنلارمۇ، بىر بىرىنى توختاپ تۇرە دېيىشمەي، ئانچىكىم ئىشلار ئۈچۈن بالىلىرىنى يېتىم قىلىدىغان، دوستلار، بۇرادەرلەر يولى بولسا پۇلى بولسا بىر بىرىنى ئىزدىشىدىغان، پۇلى بار يولى بارلارنى ئىزدەپ تېپىپ دوست تۇتىدىغان، كۈندە رېستورانمۇ رېستوران ئولتۇرۇپ پۇل دېگەننى پاخالدەك خەجلىۋەتسە، مودا تالىشىپ، سەندىن مەن قالامدىم دەپ ھېچكىم كىيمىگەننى كىيىمىز، ھېچكىم ياسىمىغان ئايۋان ساراينى ياسايمىز دېگەندەك ئاقماس سەپسەتىگە پۇلنى بۇزغان بىلەن، بىرەر يېتىم يېسىرغا، يا كوچىدىكى بىرەر دىۋانىغا، بىر كوي بېرىشكە قارنى ئاغرىيدىغان، بېرەر ھاجەتمەن ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ قالسا غالجىر ئىتتەك ھورپىيىدىغان بولۇۋالدى. داداڭلار بىلەن مېنىڭ بالام بولساڭلار بۇنداق بولمىغۇر ناچار قىلىقلارنى ئۆزۈڭلارغا يېقىن يولاتمايلار، ئۆم ئىتتىپاق ئۆتۈڭلار، بىر بىرىڭلارغا ۋاپادار، كۆيۈمچان بولۇڭلار، ئەسلىڭلاردىن تېنىپ كەتمەڭلار، بىزمۇ بۇنداق تۇرىۋەرمەيمىز، كېتىمىز بىزمۇ بىر كۈنى ئىگىسىنىڭ دەرگاھىغا، مۇشۇ كۈنلەردە بىز ئۇ يەر بۇ يەرلەردە، توي تۆكۈنلەردە پالانچىنىڭ بالىلىرى مىراس تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتىپتۇ، قىرىلىشىپ كېتىپتۇ دېگەندەك گەپلەرنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق، بۇنداق گەپلەرنى يۇرت خەلقى مېنىڭ بالىلىرىمدىنمۇ ئاڭلاپ قالمىسۇن، ئىمام مامۇت ئېسىل ئادەمتى، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلىگەن، دادىسى ئاپىسىنى تارتىپتۇ دېسەك، بۇلارنىڭ ئېسىللىقى شۇ دادىسى ئاپىسى بىلەن كەتكەن ئوخشايدۇ، قېنى بۇلارنىڭ ھېلىقى ئىسىللىقلىرى دەپ قالمىسۇن، داداڭلار ئاز كەم يېرىم ئۆمۈر يۇرۇت سورىغان بىلەن پۇل، مال دۇنيانى ئۆزىگە دوست تۇتقان ئادەم ئەمەس، پۇل دېگەن تېپىلىدۇ، ھەر ئادەم بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەلدى يالىڭاچ كېتىپ، بالىلىرىغا تاغدەك مال دۇنيانى مىراس قېلىپ قالدۇرغان بىلەن، ھەممىسى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە بىر كۆپۈكتەك نەرسىلەر. ھەقىقىي، مەڭگۈلۈك مىراس بولۇپ قالىدىغىنى يەنىلا ياخشى نام، ھەركىم ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ، سىلەرگە شۇنداق ئەجىر قىلدۇق، ئەجىرىمىزنى يەردە قويماڭلار، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد، بالاڭلاردىن بالاڭلارغىچە ئەجىرىمىزگە چۇشلۇق ئەلگە نەپ بولغۇدەك، ئاش نان بولغۇدەك  ئادەم بولۇڭلار ،ــ دېدى بىر كۈنى ئاپام ھەممىمىزنى ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ.
        يولۋاسنىڭ سولاقتىكى ھالىتىنى قىياسەن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئىچىم ئېچىشاتتى. كىيىن بۇنى دادامدىن سورىدىم.
       ــ مۇنداقلا بىر ئۆيگە سولاپ، بىر نەچچە كۈن ئاچ قويۇپتۇ دەپلا ئويلاپ قالماڭ، ئۇنداق ئوڭاي ئىش يوق، ئۇنداق قاپقاراڭغۇ ئۆينىڭ دېرىزىسىمۇ بولمايدۇ، پەقەت يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدەك بىر يەردىن بىر كۈچلۈك نۇر چۈشۈپ تۇرىدۇ، بۇنداق نۇرنى چۈشۈرۈشتىكى سەۋەب ئاپشاركىنىڭ دىققىتىنى ھەر دەم يىغىپ تۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئۆي تىمتاس بولىدۇ، ئاۋازمۇ يوق، سىرتنىڭ شاۋقۇنلىرىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ، ھەتتا چىۋىننىڭ، پاشىنىڭ ئاۋازىچىلىكمۇ تىۋىش بولمايدۇ، ئاشۇنداق  تىمتاس قاراڭغۇ ئۆيگە نەچچە كۈن ئاچ سولاپ قويۇلىدۇ، ئۇ شۇ كۈنلەردە ئاشۇ كىچىككىنە نۇرغا تىكىلىپ تۇرۇپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدۇ، بىر ئاپشاركا ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق جازا بولمايدۇ، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا مېھرىمىزنى بېرەيلى، ئىت دېگەن ئىگىسىگە سادىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدا قىلغىنىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ-- دېدى.

3


         يولۋاس دادامغا ھەم بىزگە شۇنداق ئۆگەندى، شۇ يىلى يازدا دادام كورلىغا ئىككى ھەپتىلىك يىغىنغا بارغاندا، بىزنىڭ يالۋۇرۇشلىرىمىزگە قارىماي ئۇنى بىللە ئەكەتتى، ھەممىدىن ئاپام بەك ساراسىمىگە چۈشكەن ئىدى،
        ــ سىرتتا بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن، سىز كەلگىچە ئوبدان قارايمىز،ــ دېسىمۇ ئۇنىمىدى.
        ــ شوپۇر بار، شۇ قارايدۇ، بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدىن ياتاق ئېچىپ بېرىمەن،ــ دەپ تۇرۇۋالدى تېخى چاقچاق قىلىپ.
شۇ قېتىم دادام سەپەرگە چىقىش ئالدىدىكى كۆرۈنۈشلەر پەقەت ئىسىمدىن چىقمايدۇ، بىز دادام بىلەن خوشلىشىۋاتاتتۇق، يولۋاس دادامنىڭ قول سومكىسىنى چىشلەپ ماشىنىغا سالدى، دادام ئاچقۇچىنى يەڭگۈشلىگەن شىمىنىڭ يېنىدا ئۇنتۇپ قاپتىكەن، ئۇنى يولۋاس ئەكېلىپ بەردى، ئاندىن ھەممىمىز بىلەن بىر بىرلەپ خوشلىشىپ چىقتى، ئۇ بىردە بىزگە ئالدى ئوڭ پۇتىنى كۆتۈرۈپ سالام قىلسا بىردە قوللىرىمىزغا ئېسىلىپ بىزنى ئايلىناتتى، ھەممىدىن ئاپامغا چىدىماي قالغاندەك، ئاپامنىڭ قولتۇقىدىن بېشىنى تىقىپ، ئۇ تەرەپكە ئۆتەتتى، يەنە قايتىپ كېلىپ، ئاپامغا قايتا سۈركىشەتتى، دادام ماشىنىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن، يولۋاس بىر تاقلاپلا ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا چىقىپ ئولتۇردى، ماشىنا قوزغالغاندا، يەنە تېخى ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن ئالدى پۇتىنى چىقىرىپ بىزگە پۇلاڭلاتتى.
       ئارىدىن ئون يەتتە كۈن ئۆتۈپ، دادام كامادۇرۇپكىدىن قايتىپ كەلدى، دادام ئۆيگە يېقىن قالغاندا بىزگە تېلېفون قىلىۋەتكەچكە، ھەممىمىز يىغىلىپ، دادام ئامراق چۆچۈرە ئېتىپ تۇردۇق، دادام  ماشىنىدىن چۈشكەندە، ئاپام ئۈستىدىكى ئۆيدە ياتاتتى، بىز ھويلىدا تۇرۇپلا، «ئاپا، دادام كەلدى!» دەپ ۋاقىرىدۇق، ئاپام «ھە» دېگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ، ئەمدى پىشايۋاندىن چۈشۈپ ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىغا كېلىشىگە، يولۋاس ئاپامغا يىراقتىن شۇنداق ئېتىلىپ كەلدىكى، ئاپام ئۆزىنى ئوڭشىۋالغۇچە، ئۇ ئوقتەك ئېتىلىپ كەلگەن پىتى ئاپامنىڭ مورىسىدىن قاپلاندەك تاقلاپ كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى، ئاپام كەينىگە ئۆرۈلگەنتى، يەنە بىر قېتىم ئوقتەك كېلىپ يەنە بىر مۈرىسىدىن تاقلاپ يەنە كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى، ئاندىن ئاپامغا ئېسىلىپ شۇنداق ئەكىلىدىكىن، بۇ كۆرۈنۈشلەر مېنىڭ ئاشۇ ئىۋەنسىز، غەمسىز بەختلىك كۈنلىرىمنىڭ بىر ئەستىن چىقماس يالدامىسى سۈپىتىدە مەڭگۈ ماڭا روھى ئوزۇق بولسا، ھەر قېتىم ئەسلىگەنلىرىمدە مېنىڭ بۇ سېغىنىش ھىجران بىلەن لىقمۇ لىق توشۇپ كەتكەن ۋۇجۇدۇمنى ئۆرە تۆپە قىلىپ ھالىمنى خېلى ۋاقىتقىچە زادى ئارامىغا قويمايتتى. يولۋاس شۇ تەرىقىدە ئاپامغا سۈركىشەتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئايلىناتتى، ئاڭغىچە دادام كېلىپ، مەن يوق ئاپاڭلىنى ياخشى باقتىڭلىمۇ، بىر كۆتۈرۈپ باقاي ، ئېغىرلاپ كەتتىمۇ يا يەڭگىللەپ كەتتىمۇ دەپ ئاپام ،«ۋاي بولدى سەت تۇرىدۇ دەرۋازا ئوچۇق ،» دېگەنگە ئۇنىماي ئاپامنى بېلىدىن لىككىدە كۆتۈرۈپ بىر نەچچىنى پىقىراتقاندا، يولۋاس قىن قىنىغا پاتمىغاندەك، ئاپام بىلەن دادامنىڭ ئەتراپىنى پىقىراپ، ھويلىنى قىقاس قىلىۋەتكەن ئىدى.
        شۇ قېتىم دادام كامادۇرۇپكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، بىز يولۋاسنىڭ بىزگە ھەقىقىي ئۆگەنگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. ئەتىگەنلىرى كەپتەرلەرنىڭ سۇ قۇيۇلغان كېچىك-كىچىك قاچىلىرىنى ئۆرىۋىتىپ، چۆگۈننى تۇربىنىڭ ئالدىغا قويۇپ سۇ چۈشۈرەتتى-دە، چىشلەپ ئاپىرىپ قاچىلارغا سۇ قۇيۇپ چىقاتتى، ھويلىغا قارايدىغان ئاكىمىز قىسقا-قىسقا قېلىپ كەسلەپ قويغان ئوتۇنلارنى كۆمۈرخانىغا ئەكىرىپ چىرايلىق تىزاتتى، دادام ئىشتىن چۈشسە يېرىم يولغىچە ئالدىغا يۈگۈرۈپ باراتتى-دە، ماشىنىسىغا چۈشۈپ بىللە كېلەتتى، مەن بەزى كۈنلىرى ئاپام بىلەن مۇڭدىشىپ ئۆيگە كەچ قالسام، يولدىشىمنى ئاۋارە قىلمايتتىم، يولۋاس ئاپىرىپ قوياتتى، چىڭقى چۈشلەردە ئالمىنىڭ سايىلىرىدا كەپتەرلەر بىلەن ئوينىشىپ كېتەتتى، كەپتەرلەرمۇ ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا كۆنۈك ئىدى، تۇرۇپلا بىرەر كەپتەرنىڭ قانىتىنى پۇتى بىلەن بېسىۋېلىپ كەپتەرنى پالاقشىتاتتى، تۇرۇپلا كەپتەرنى چىشلەپ ئۆگزىگە ئەچىقىپ قويۇۋىتەتتى، دادام كەپتەرلىرىنى ئاسمانغا ئۇچۇرسا، ئۇمۇ تەڭ دادام بىلەن ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ كېتەتتى، ئاپام دادامغا چاقچاق قېلىپ، «ئۆزىڭىز ئاز كەلگەندەك يولۋاسنىمۇ كەپتەرۋاز قېلىپ بولدىڭىز» دەپ قوياتتى، بىر قېتىم ئۇژمە پىشقان چاغ ئىدى، سەھەردە قاراغوجا ۋىچىرلىشىپ قىزىمنى ئۇخلاتمىغاچقا، ھويلىدىكى ھەدىمىز ئۈژمىنىڭ شېخىغا دادامنىڭ بۇرۇن قىسىمدىكى ۋاقتىدا كىيىپ كونىراپ كەتكەن بىر قاسقان شەپكىسىنى ئەچىقىپ قارانچۇق ئورنىدا ئېلىپ قويۇپتىكەن، يولۋاس ئۇ شەپكىنى شاختىن ئىلىپ چۈشۈپ ئاپامنىڭ ئېتىكىگە تاشلاپ قويغاندا، ئاپام «سىلەر يولۋاسچىلىك بولالمىدىڭلار» دەپ كەتكەن ئىدى، بۇ ئىشلارنى قانداقمۇ ئۇنتاي.
4


       ئارىدىن بىر يىل ۋاقىت ئۆتمەي بىزنىڭ بۇ بەختلىك ئائىلىمىزگە كۆز تەگكەندەكلا ئىش بولدى. بىر قېتىم ئالما يەپ ئولتۇرۇپ ئۇرۇقى گېلىغا كېتىپ سەل كۈچەپ قېقىلغان باھانە بىلەن ئاپامنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، يۈرەكتە مەسىلە ئېغىر بولغاچقا ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئىمكانىيەت بولماي، ئوكۇل دورا بىلەن داۋالاشقا توغرا كەلگەچكە، بىزنىڭ جىددىي، ئېغىر كۈنلىرىمىز باشلاندى. شۇ ئېغىر كۈنلەردە بىزگە، ئەڭ مۇھىمى دادامغا ئەسقاتقىنى يەنىلا يولۋاس بولدى، مەن كېچە كۈندۈز ئاپامنىڭ يېنىدا، دوختۇرخانىدا بولدۇم، ئاپام بالنىستتا تۇرۇپمۇ دادامدىن ئەنسىرەيتتى.      
      ــ ئاپا خاتىرجەم بولە، دادام بىر ساقمۇ ساق ئادەم تۇرسا، ھازىر ئەڭ مۇھىم ئىش سېنى ياخشى داۋالىتىپ، ساقايتىپ ئۆيگە ئەچىقىۋىلىش، باشقا ئىشنى ئويلىماي، ئۆزۈڭنى ئويلا، خاتىرجەم داۋالان، ئۆيدە ھەدىمىز بار تۇرسا ئەنسىرگىدەك نېمە ئىش بار،ــ دەيتتىم جىلە بولۇپ.
      ــ ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن بالام، داداڭ بەزىدە كىچىك بالىنىڭ ئۆزى، ئۆيدە ھەممە نەرسىسىنى مەن تەل قىلىپ بېرىمەن ئەمەسمۇ، مەن يوق ھېلى پايپىقىنى تاپالماي، ھېلى ئايىقى مايلاقسىز قېلىپ، ئىشقا كېچىكتىم، يىغىنغا كېچىكتىم دەپ، تېرىكىپ ساراڭ بولىۋاتامدىكىن دەۋاتىمەن، ھەدەڭنى بار دېگەن بىلەن، مەندەك قىلالامدۇ ئىشنى، داداڭ مانچە يىل يۇرت سورىغان بىلەن، تېخى ھېچ ئىش كۆرۈپ باقمىدى،ــ دەيتتى ماڭا ئېزىپ چۈشەندۈرۈپ.
       دېمىسىمۇ دادامغا ئۇۋال، بۇرۇن ئاپام ساق ۋاقتىدا ھەممە نەرسىلىرىنى ئاپام رەتلەپ، ئىشلىرىنى ئاپام قىلىپ بېرەتتى، داداممۇ شۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەچكە، بىرەر نەرسە كېرەك بولسا ئاپامدىنلا سورايتتى، بىز ئەچىقىپ بېرەيلى نەگە قويغان دېسەك، ئاپاڭلار بىلىدۇ دەپ تۇرۇۋالاتتى، ئەگەر بىرەر نەرسىسىنى تۇتۇپ قويساق، مېنىڭ نەرسەمنى نېمىشقا تۇتىسىلەر دەپ كېتەتتى، ھويلىدىكى ھەدىمىز يېڭى كەلگەن ۋاقتلىرىغۇ دەيمەن، بىر قېتىم يازنىڭ چىڭقى چۈش مەزگىلىدە، سالقىنكەن دەپ دادامنىڭ كۇتۇپخانىسىدا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىكەن، دادام كېلىپ قىلىپ، ئۇ ھەدىمىزگە گەپ قىلمىغان بىلەن،ــ بۇ ھويلىدا چۈشلۈك ئارام ئالغۇدەك باشقا ئۆي يوقمۇ دەپ ئاپامنى ئەيىبلەپ كەتكەن ئىدى، ھازىر ئاپام بولسا ئېغىر ئاغرىق، دادامنى قانداق قىلىۋاتقاندۇ دەپ ئاپامنىڭ ئەنسىرىشى تامامەن يوللۇق ئىدى، ئاپامغا كۆنگەن خۇيلىرى، ئاپامغا كۆنگەن مىجەزلىرى ئەمدى دادامنى پات-پات قوداڭشىتىپ قويۇۋاتامدىكىن دەپ ئويلىساملا، مېنىڭ ئىچىممۇ بەك ئاچچىق بولاتتى، ئەمما خاتىرجەم داۋالانسىكەن دەپ، ئاپامنىڭ ئالدىدا ئەتەي بۇ توغرىلىق پاراڭ سېلىپ قېلىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم، ئەمما ئاز كۈن ئۆتمەي ئاپامنىڭ ئەنسىرەشلىرى ئازراق بولسىمۇ پەسىيىپ، مەنمۇ دادامدىن سەل پەل خاتىرجەم بولۇپ قالدىم.
        ــ داداڭغا تېلېفون قىلە بالام، شەنبە كەلسە يولۋاسنىمۇ بىللە ئەكەلسۇن، كۆرگۈم كېلىپ كەتتى ئۇ نوچىنى،ــ دېدى بىر شەنبە كۈنى سەھەر ئاپام .
       ــ ۋاي بۇ گۇي مېنىڭ قېشىڭلارغا ماڭغىنىمنى ئۇقۇپ، ماشىنىغا چىقىۋىلىپ چۈشكىلى ئۇنىمىدى، مەنمۇ بوپتۇ دەپ ئىلىپ ماڭغان تېخى، بىزمۇ ئاز قالدۇق يېتىپ بارىدىغانغا،ــ دېدى دادامغا تېلېفون قىلسام.
       ــ ئانام-ئانام، قارا كۆرگۈسى كەپتۇ ئۇنىڭمۇ،ــ دېدى ئاپام، بۇنى ئاڭلاپ خوش بولۇپ.
       شۇ كۈنى دادام كەلگەندە دوختۇر سېسترالارغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئاپامنىڭ ياتاقدىشى ئاچىمىزغا قورقماسلىغىنى جېكىلەپ، كارىدوردا يۈرگەن ئاغرىقلارنى قورقۇتۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئاغرىقلارنى تەكشۈرۈشكە ئەچىقىدىغان قول ھارۋىسىنى پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ، يولۋاسنى ئۇنىڭغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۈستى بېشىنى كىرلىك بىلەن چۆمكەپ يېپىپ لىفىت بىلەن ياتاققا ئەچىقتىم، ياتاققا چىققۇچە يولۋاس ھارۋىدا جىم ئولتۇردى، ياتاققا كىرگەندىن كېيىن، ئاپامنىڭ قولىغا ئالدى پۇتىنى قويۇپ بىردەم تۇرۇپ كەتتى،
       ــ ھەيران قېلىۋاتامسەن، مەن مانا مۇشۇنداق ئاغرىپ قالدىم، سەن باقىسەن مېنى ئەمدى،ــ دېدى ئاپام. يولۋاس يەنە ئەركىلەشكە  باشلىدى.
       بىز ئاپامنى ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈپ بەدەنلىرىنى ئۇۋىلاپ تۇراتتۇق، شۇ كۈنى يولۋاس ئاپامنى ئۆرۈپ، ئۇۋىلاپ ياتقۇزۇۋالغۇچە ئاستىدىكى كىرلىكنىڭ پۈرلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاياق تەرەپتىن چىشلەپ تارتىپ تۇردى، يەنە تېخى دادامنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن كارىۋاتقا چىقىپ ئاپامنىڭ ئىككى پۇتى ئۈستىدە ئۇياق بۇياققا يەڭگىل دەسسەپ مېڭىپ،  تىرناقلىرى پىتىپ كىتەرمۇ دەپ قىلغان ئەندىشىلىرىمنى يوققا چىقىرىپ،ئاپامنى شۇنداق راھەتلەندۈرگەن ئىدى.
       ــ قىينىلىپ قالغانسىزمۇ،ــ سورىدى ئاپام دادامدىن.  
       ــ قىينالمىدىم، كىيىملىرىمنى سىڭىلچاق يۇيۇپ دەزمال سېلىپ بەردى، قالغان ئىشلىرىمنى يولۋاس قىلىۋاتىدۇ، كۇتۇپخانىدا يېتىۋاتىمەن، ئۈستىدىكى ئۆيگە چىقمىدىم، ئىشقا ماڭسام يولۋاس ئايىقىمنى، قول سومكامنى ئەچىقىپ بېرىدۇ، قىزىق بىر ئىش بولدى قاراڭلا، سىىڭىلچاق سىلى يوق سەل ئۇنتۇپ قاپتىكەن كۈندىلىك قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى، قايسى كۈنى ئەتىگەندە ھويلا سۈپۈرۈلمەپتىكەن، يولۋاس ئالدىغا سۈپۈرگىنى چىشلەپ ئەكېلىپ تاشلاپ قويغانتى قىزىرىپ كەتتى، مەنمۇ خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دەپ كۆرمىگەنگە سېلىپ تۇرۇۋالدىم، ئىشلار رەتلىك كېتىۋاتىدۇ مانا  مۇشۇنداق، سىلەر خاتىرجەم يېتىپ داۋالىنىڭلا مەندىن ئەنسىرىمەي.
         دادامنىڭ گېپىدىن ھەممىمىز قاھقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
       ــ ھەرنېمە بولسا يولۋاسنى بېقىپ قويغىنىمىزمۇ ياخشى بوپتىكەن، داداڭنىڭ گېپىگە دىققەت قىلدىڭمۇ بالام، قارا ئۈستىدىكى ئۆيگە چىقمىدىم دەيدۇ، يولۋاسنى ھەمراھ بولسۇن دەپ كۇتۇپخانىغا چىقىۋالغان گەپ،ــ ئاپام دادام كەتكەندىن كېيىن مەن بىلەن ئۇزاق مۇڭداشتى.
       قىش ئۆتۈپ ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئاپام تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قېلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش بولۈمىدە 11 كۈن ياتتى.
      ــ دوختۇرلار نېمىشقا مېنى ئادەتتىكى ياتاققا يوتكىمەيدىغاندۇ،ــ دەيتتى ئاپام كۆزىنى ئاچسىلا.
      ــ بوش كارىۋات يوقكەن، بىرەرسى چىقىپ كېتىپ كارىۋىتى بوشىسىلا يۆتكەپ قويىدىغان بولدى،ــ مەن ئامالسىز يالغان گەپ قىلاتتىم.
       يولۋاس ئۇ كۈنلەردە دادام بىلەن دوختۇرخانىدا بولدى، بىرلا قېتىم ئاپام بىلەن دىدارلىشىۋالغىنى قالدى، دادامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈن بويى دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ ماشىنىدا ئولتۇراتتى، ئاپامنىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك ۋاقتى قالغان كۈنلىرىدە، ئاپام مەن بەلنىسكە چىقسام بولاتتى دەپ تۇرۇۋالغاچقا، بىز دوختۇرلارغا دەپ زادى نېمە ئىش يۈز بەرسە بىز مەسئۇل ئاپامنى بەلنىسكە يۆتكەيلى دەپ تۇرۇۋالدۇق، دوختۇرلارمۇ ماقۇل دەپ ئاپامنى بەلنىسكە يۆتكىدى، يولۋاس شۈ كۈنى بىزگە بەك ئەسقاتقان ئىدى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمى بىلەن بەلنىسنىڭ ئارىلىقى 200 مېتىردەك كېلەتتى، شوپۇر نەرسە كېرەكلەرنى قۇتقۇزۇش بۆلىمىدىن تالاغا ئاچىقىپ بەردى، يولۋاس چامى يەتكىدەكلا نەرسە بولسا چىشلەپ كۆتۈرۈپ بەلنىسنىڭ ئالدىغىچە  ئاپىرىپ بەرگەچكە مەن   ياتاققا چارچىمايلا ئەكىرىۋالغان ئىدىم.
       ئاپام تۈگەپ قالغاندىن كىيىن، يولۋاس خىلى ۋاقىتقىچە شۇك بولۇپ قالدى، بۇرۇنقىدەك كەپتەرلەرگە سۇ قۇيۇپ بەرمەيتتى، يا بىرەرسىمىزگە ئەكىلىمەيتتى، ئۇنىڭغا قاراپ ئەسلىدىنلا كۆڭلىمىز بۇزۇلۇپ تۇرغاندا تېخىمۇ بوشۇشۇپ، تېخىمۇ غېرىبسىنىپ باشقىدىن ھازا ئاچاتتۇق، بولۇپمۇ دادامغا بەك ئۇۋال بولۇۋاتاتتى، كۈندە يەرگە قاراپ سائەت سائەتلەپ ئولتۇراتتى، ئۇنى ئاز دەپ يولۋاس دادامنىڭ پۇتىغا بېشىنى قويۇپ  يېتىۋېلىپ ھويلىنى تېخىمۇ مۇڭغا چۆكتۈرۋىتەتتى.

5


       ئاپامنىڭ قىرىق نەزىرىسىىدىن كېيىن دادام كۈن ئارىلاپ تۇبراق بېشىغا چىقىپ سائەت- سائەتلەپ ئولتۇرىدىغان، ئاپام بىلەن شۇ يەردە مۇڭدىشىدىغان بولۇۋالدى، ئۇنىڭغىچە داداممۇ دەم ئىلىشقا چىقىۋالغان ئىدى، تۇپراق بېشىغا چىقماقچى بولسىلا يولدىشىمغا مېنى ئاپىرىپ قويۇڭ دەيتتى. ئاندىن ئون كىلولۇق سولياۋ تۇڭغا سۇ لىقلاپ، كىچىك ئورۇندۇقىنى ئېلىپ، يولۋاسنى ئەگەشتۈرۈپ تۇپراق بېشىغا چىقىپ كېتەتتى. تۇپراق بېشىغا تىككەن كۆچەتلىرىگە ئاپارغان سۈيىنى قۇيۇپ، ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ سائەت سائەتلەپ ئاپام بىلەن مۇڭدىشاتتى، قايتماقچى بولسا  تېلېفون قىلاتتى، يولدىشىم بېرىپ ئەكىۋالاتتى، ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى، دادام بۇ ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى، يولۋاسمۇ ھەر قېتىم تۇپراق بېشىغا  بىللە ھەمراھ بولۇپ بېرىپ كېلىپ يۈردى.
      شۇ كۈنلەردە مەن دادامدىن بەك ئەنسىرەپ قالدىم، بۇنداق كېتىۋەرسە ئاپامدىنغۇ ئايرىلدىم، مۇشۇنداق قېلىپ يۈرۈپ بىر كۈنى داداممۇ ئاغرىپ يېتىپ قالسا قانداق قىلىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەم ئىلىشقا چىقىۋالدى، ئىشلەپ يۈرگەن بولسىغۇ ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىدى، ھېچ بولمىسا ئەتىگەندە ئىشقا باراتتى، ئىش بىلەن بولۇپ ئالدىراشچىلىقتا ئازراق بولسىمۇ ئازابىنى ئۇنتۇپ  قالاتتى، يا يالغۇزلۇق تارتىۋاتامدىغاندۇ، مەن مىڭ ۋاي دادا دەپ كۆزىگە قارىغان بىلەن ئاپامنىڭ ئورنىنى باسالمايمەندە، يا ئۆيلەنگىسى كەلدىمىكىن، ماڭا دەي دېسە تېخى يا ئەتراپتىكىلەر كۆڭلىدىكىنى بىلىپ بولالماي، ئىچى بۇرۇقتۇم بولۇپ يۈرەمدىغاندۇ دەپ ئويلاپ ئاخىرى بىر كۈنى يېقىن ئۆتكەن ئاغىنىسىنىڭ بىرىگە دادامنىڭ تېخىمۇ تۈگۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق كېتىۋىرىپ ئالىمادىس ئاغرىپ قالسا بۇ ھاياتلىقنىڭ ماڭىمۇ قىلچە ئەھمىيىتى قالمايدىغانلىقىنى، مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ساق سالامەت تۇرۇپ بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى، ئەگەر يالغۇزلۇق تارتىپ قېلىۋاتقان بولسا بىرەر مۇۋاپىق يەردىن  ئۆيلەپ قويساقمۇ بولىدىغانلىقى، مېنىڭ توغرا چۈشۈنۈدىغانلىقىمنى، ماڭا دادامنىڭ ساق سالامەت تۇرۇپ بېرىشى ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، باشقا ئىشلارنى  ئانچە ئېغىر ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىمنى يىغلاپ تۇرۇپ دېدىم. ئەمما  دېگىنىمگە شۇنچىلىك پۇشايمان قىلدىمكى، مېھرى مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى دادامنىڭ ئاغىنىسىگە دېگەن گەپلىرىدىن ھەقىقىي چۈشەندىم، بالىلىق بولۇپ مەنمۇ بىر ئۆينى تۇتۇۋاتقان ئايال بولغىنىم بىلەن ئۆزۈمنىڭ تېخى ئىش ئۇقمايدىغان كىچىك بالا ئىكەنلىكىمنى ئويلىسام ھازىرمۇ خىجىل بولۇپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىمەن. يەنە بىر تەرەپتىن خوشلىقىمنى ئىچىمگە پاتقۇزالماي خىيالىمدا، شېرىن ئەسلىمەم قايناملىرىدا دادامنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ سۆيۈپ كېتىمەن.
       ـــ قىزىمنىڭ مېنى ئويلاپ ئاشۇنچىلىك ئەقىلگە كەلگەنلىكىگە رەھمەت، خوش بولدۇم،ــ دەپتۇ دادام،ــ بىراق مەن ئاپىسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ، توي قېلىپ مۇشۇ كەمگىچە 38 يىل بوپتۇ. مەن ئۇنى تۇنجى قېتىم تېببىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەن ۋاقتىدا كۆرگەن، ئۇچىسىدا قارا چىپەرقۇتتىن شىم-چاپان، پۇتىدا قارا باجىنگىر(قونجىلىق پەتىنگە)، بېشىدا يوللۇق قىزىل شارپا، سېكىلەك چىچى پېشانىسىگە چۈشۈپ تۇرۇپتىكەن. رۇس قىزلىرىدەك رەڭگى ئاق، ئېگىز، گورۇي ئىدى، سەككىز ئوغۇل قېرىنداشلىرى ئىچىدىكى يالغۇز بىر تاللا قىز ئىكەنتۇق. مېنى دەپ مېھرىبان ئاتا ئانىسىدىن، قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ مۇشۇ يۇرتتا قالدى، ئۆمرىنى مەن بىلەن ئۆتكۈزدى. ئوتۇمدا كۆيدى، سۈيۈمدە ئاقتى، بارلىقىنى ماڭا بېغىشلىدى. نەچچە بالىنى قاتارغا قوشۇپ بەردى، مەن يالغۇز ئەمەسقۇ، ئۇنىڭ ھىدى بۇرۇنۇمغا پۇراپ تۇرۇۋاتسا نېمەمگە نېمەم يەتمەي ھازىرلا ئۆيلىنىۋالغۇدەكمەن؟ يالغۇزلۇق يامانكەن دېمىسەڭلارمۇ راست، بالامغۇ مەيلى ، مېنى دەپ شۇنداق دەپتۇ، ئەمما  ئۇ تېخى كىچىك نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەنمەيدۇ، ئەمدى ساڭا نېمە بولدى بۇرادەر، سەنمۇ كىچىكمۇ؟ مەندىن ئەنسىرىمەڭلار، ھازىرچە مېھراي بار، ئىشقا كەتسە يولۋاس ھەمراھ بولۇۋاتىدۇ، ئۆيدىكى سىڭىلچاقنى قايتۇرىۋىتىپمۇ تاماقسىز قالمىدىم، ياقام كىر بولمىدى، يولۋاسنى ئەگەشتۈرۈپ تۇپراق بېشىغا چېقىپ ئاپىسى بىلەن مۇڭدىشىمەن، يەنە بىكار بولۇپ قالسام سەندەك ئۇزۇن يىللىق بۇرادەرلىرىم بارغۇ.
       شۇ يېلى يازىچە ھويلىمىزدا يولۋاس بولغاچقىلا دادامدىن ئازراق بولسىمۇ خاتىرجەم بولۇپ ئىشقا بېرىپ كېلىپ يۈردۈم، بۇرۇن ئاپام بار، ھويلىدا يەنە ھەدىمىز بار، قىزىمنى ئۇلارغا خاتىرجەم تاشلاپ قويۇپ خىزمىتىمنى ئىشلەپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئاپام تۈگەپ كېتىپ ئۇ ئاز كەلگەندەك دادام ھەدىمىزنى ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي قايتۇرۋەتكەندە، ئەمدى بۇ چوڭ قورۇنىڭ ھۆددىسىدىن قانداقمۇ چىقارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئىشلار مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق بولمىدى، كىشىنى ياراتقان ئىگىسى  ياخشىلىقتىن، يۇرت جامائەتتىن ئايرىمىسۇن، دادامنىڭ يۇرتقا قىلغىنى ئازراق بولسىمۇ  بار ئىكەنتۇق قولۇم قوشنا، دوست-بۇرادەرلەر كۈندە دېگۈدەك يوقلاپ دادامنى ئىچ پۇشۇقى تارتقۇزمىدى. قورۇغا قارايدىغان ئاكىمىزمۇ مەن ئىشتىن كەلگۈچە قورۇنىڭ باغنىڭ ئىشلىرىدىن ئېشىنىپ تاماققا تەييارلىق قىلىپ قوياتتى.
      ــ سىزگىمۇ ئوڭاي ئەمەس، ئۇرۇق تۇغقاندەك بولۇپ قالدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن دادىڭىزنىڭ ياخشىلىقىنى جىق كۆرگەن، ئۆينىڭ ئىشىدىن ئەنسىرىمەڭ،ــ دەپ مۇڭ باسقان كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراتتى.
يولۋاسمۇ مەن ئويلاپ بولالمىغاننى ئۆيلاپ، مەن قىلىش ئېسىمگە كەلمىگەننى قىلىپ، بىردە مېنى خوش قىلسا، بىردە خىجىل قىلاتتى.
       دادام سالقىن دەپ كۈندە چۈشتە كۇتۇپخانىسىدا ئارام ئالاتتى، كۇتۇپخانا ھەقىقەتەن سالقىن ئىدى، دادام ئۇخلاپ قالغاندا ئۈستىگە چاپان چاغلىق نەرسە يېپىپ قويۇش ئېسىمگە كەلمەپتۇ-يۇ، يولۋاسنىڭ ئېسىگە كەپتۇ. بىر كۈنى چۈشتە مەنمۇ ھويلىدىكى كارىۋاتتا يېتىپ دەم ئېلىۋاتاتتىم، قاراپ تۇرسام يولۋاس كارىۋاتقا ئارتىپ قويغان چاپاننى چىشلەپ سۆرىگەن پېتى دادام ئۇخلاۋاتقان ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى، ئورنۇمدىن ئىتتىك تۇرۇپ كەينىدىن كىرسەم دادامنىڭ ئۈستىگە ياپقىلى تۇرۇپتۇ،داداممۇ كۆزىنى ئېچىپ يولۋاسقا بىر قارىۋىتىپ ،ئۇ تەرەپكە ئۆرىلىپ يەنە ئۇيقىغا تەگدى، كۆزۈمدىن ئاققان ياشلىرىمنى توختۇتالمىدىم.
       ــ داداڭ دېگەن كىچىك بالا ئەمەسمۇ،ــ دېگىنى ئېسىمگە كەلدى ئاپامنىڭ.  
دادامنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالالمايۋاتىمەن دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. يولۋاس چاپاننى دادامغا يېپىپ قويۇپ تالاغا چېقىپ كەتتى، قارىسام  كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارنى ھە دەپ نېرى قوغلايتتى، يازلىق تەتىل بولغاچقا كوچىدا چۇرقىرىشىپ ئويناۋاتقان بالىلار جىق ئىدى. يولۋاس دادامنى جىمجىتلىقتا ئوبدان ئارام ئېلىۋالسۇن دېگەنىدى. ئۇ قايتىپ كىرىپ دادامغا قارىۋەتكەندىن كېيىن يەنە دەرۋازا ئالدىغا چىقاتتى، بۇ خىل ئەھۋال تالاي قېتىم تەكرارلىناتتى. مەن ئىش بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ دىققەت قىلالمىغىنىم، ئويلاپ يىتەلمىگىنىم بىلەن يولۋاس دائىم شۇنداق قىلاتتىكەن ئەمەسمۇ، ئەتىسىدىن باشلاپ دادام چۈشتە ئۇخلاپ قالسا ئۈستىگە ئەدىيال يېپىپ قويىدىغان، كوچىدا ئۇششاق بالىلار ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىشىۋاتقان بولسا «سەل نېرىراق بېرىپ ئويناڭلار ساقىلىرىم چوڭ داداڭلار دەم ئېلىۋاتاتتى» دەيدىغان بولدۇم.
        ھويلىغا بىرەر قەغەز پارچىسى چۈشۈپ قالسا يولۋاس ئۇنى چىشلەپلا باغ تەرەپتىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايتتى، ئامبار ياكى ھاجەتخانىنىڭ ئىشىگى ئوچۇق قالسا يېپىپ قوياتتى.
       ئاپامنىڭ ھويلىدا تەشتەكتە ئۆستۈرگەن گۈللىرى جىق ئىدى، ھەر يىلى قىشتا قىشلايدىغان ئۆيگە ئەكىرىپ دېرىزىلەرگە قاتار تىزىۋىتەتتۇق، پاتمىغانلىرىنى يازلىق چايخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئۆيگە سىغداپ تىزىپ، ئەتىگەن كەچلىرى مەشكە ئوت قالاپ قوياتتۇق. شۇ يىلى قىش كىرىپ گۈللەرنى يەنە ئاپام بار چاغدىكىدەك ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن مەشكە ئوت قالىساق تۇرخۇندىن ئىس ماڭماي ئۆيگە ئىس چىقىپ كەتتى، رۇخسەت سوراپ كېتىپ قالغاچقا يا ھويلىغا قارايدىغان ئاكىمىزمۇ يوق، يەنە شۇ چاغدىمۇ يولۋاس ئەسقاتتى.
      ــ ئاپىڭىز يوق، تۇرخۇندىن ئىسمۇ ماڭمىغىلى تۇردى مانا، تۇرخۇنغا بىر چۆگۈن سۇ قۇيىۋەتسەك ماڭاتتى ئىس،ــ دېدى دادام.
يولۋاس سۇ توشقۇزۇلغان چۆگۈننى چىشلەپ ئىككى تاقلاپلا ئۆگزىگە چىقتى، سۇنى مورىغا قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئىسمۇ راۋانلاشتى.
      ــ يولۋاس يارايدۇ، مېنىڭ يولۋىسىم قالتىس.
      قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتكەنىدى دادام.
6


       ئاپامنىڭ ياشلا كېتىپ قالغىنى يەتمىگەندەك دادام بىلەن ھەمدەمدە بولۇشۇپ، تەسەللىي بېرىشىپ ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمىزمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. دادام يەنە بىر يىلى قىش ئاياقلىشىپ قالغان بىر دۈشەنبە كۈنلۈكى سەھەردە ماڭا ئېغىزىغا بىر تېمىم سۇ تېمىتىۋالغۇدەكمۇ پۇرسەت بەرمەي جىمجىتلا كۆز يۇمدى. ئەسلىدە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ دورا يېگىلىمۇ ئۈلگۈرمەپتۇ. دادامنىڭمۇ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشى مېنى تېخىمۇ ھەسرەت-نادامەتتە قالدۇردى، ئەمما تەقدىرنىڭ بۇ ئاچچىق قىسمەتلىرىگە نېمىمۇ دېيەلەيتتىم؟
       ئاپام ئاغرىپ ياتقان مەزگىللىرىدە، ئۇرۇق تۇغقان، تونۇش-بىلىش دوست-بۇردەرلەر مېنىڭ ئەپتىمگە قاراپ، «ھەممىدىن مېھرىئاي تۈگۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ قىزغا بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسا بولاتتى» دېيىشكەن ئىدى. يىغلىدىم، قاقشىدىم، لېكىن يەنە قورسىقىم ئاچسا تاماق يەپ ئىشقا بېرىپ-كېلىپ يۈرەلىدىم. شۇنداق يېقىنىمدىن، مېھرىبان-جانكۆيەرىمدىن ئايرىلىپمۇ يەنە ياشاۋاتىمەن دەپ ئويلاپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، دادامدىنمۇ ئايرىلىپ قارا يېتىم بولدۇم. يەنە ياشاۋەردىم، ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەتمىدىم. ئەمما يولۋاس ئۆيدە تۇرمايدىغان پات-پات يوقاپ كېتىدىغان بولۇۋالدى. بۇ تېخىمۇ ئېغىر كەلدى. ھەر قېتىم كەلسە ئۇنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ ھوركىرەپ يىغلايتتىم، يىغلىساملا نەچچە كۈن ئورنۇمدىن تۇرالماي يېتىپلا قالاتتىم. ئاخىرى يولدىشىمنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي يولۋاسنى باغلاپ قويماقچى بولدۇم، بىراق ئۇنى تاپالمىدىم.
        چېقىشىۋاتامدىكىن دەپتىكەنمەن، دادام دېگەن بىر ئىش ئۆز ئەينى بويىچە رېئاللىقىمغا، دائىملىق ئادىتىمگە ئايلاندى.
        ــ ئەتىگەن ئاخشاملىرى چاپىنىڭنى كېيىۋال دادا، ھاۋا سوۋۇپ قالدى،ــ دېسەم:
        ــ كارى چاغلىق، يولۋاس يېنىمدا بولسىلا ھېچنېمە بولمايدۇ،ــ دېگەنىدى  دادام ئاپامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ ماڭغاندا،ــ  يالغۇز قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرىمەڭ، سىزگىمۇ يولۋاس ھەمراھ بولىدۇ، بىر كۈنلەردە سىزمۇ مەندەك يولۋاسنى ئەگەشتۈرۈپ تۇپراق بېشىغا چىقىسىز. مۇشۇنداق جاھان بۇ. ئۇ بولسا ھېچنېمىدىن قورقمايسىز، يول باشلايدۇ، بىلمىگەننى كۆرسىتىپ قويىدۇ، سىزمۇ ئۇنىڭغا ماۋۇ دادامنىڭ، ماۋۇ ئاپامنىڭ قەبرىسى دەپ چۈشەندۈرۈسىز، بىلىپ تۇرسىمۇ مۇڭداشقۇڭىز كېلىدۇ.
       ــ ئەجەب چىشىمغا تەگدىڭىز دادا،ــ مەن كىچىك چاغلىرىمدىكىدەك يىغلاپ كەتكەنىدىم.
       ــ ۋاي چېقىشىپ قويدۇم، يىغلىماڭ قىزىم، مەن كەم بولغاندىمۇ يۈز ياشقا كىرگۈچە ياشايمەن،ــ دادام پېشانەمگە سۆيۈپ ئەركىلىتىپمۇ يىغامنى پەس قىلالمىغانىدى.
       شۇ ئىشلار كۆز ئالدىمغا كېلىشى ھامان يولدىشىمغا قارىدىم:
      ــ ھازىر تۇپراق بېشىغا چىقايلى، يولۋاس چوقۇم شۇ يەردە.
      يولدىشىم يىغامغا چىدىماي تۇپراق بېشىغا ئاپاردى. پەرىزىم خاتا ئەمەس ئىدى، بىز زاراتگاھلىققا يېقىن بېرىشىمىزغا يولۋاس ئالدىمىزغا ئوقتەك ئېتىلىپ كەلدى.
      ــ يولۋاس، يولۋاس!
      ئۇنى كۆرۈپلا ۋارقىراپ كەتتىم. ماشىنىدىن چۈشۈپ ئالدىغا يۈگۈردىم، يولۋاسنى كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىل بولغان ئەڭ يېقىن قېرىندىشىمدەك چىڭ قۇچاقلاپ باغرىمغا باستىم. يولۋاس بەك خوش بولۇپ كەتسە ھەرخىل قىلىق چىقىرىپ ئادەمنى كۈلدۈرەتتى، شۇ كۈنى ئادەمدەك ئىككى پۇتلۇق بولۇپ قولۇمدىن يېتىلەپ تۇپراق بېشىغا ئاپارغانىدى.
      ــ قارىغاندا يولۋاسنى خاپا قىلىپ قويۇپتىمىز، تۇپراق بېشىغا كۈن ئارىلاپ چىقىپ تۇرايلى، بولمىسا يولۋاس يەنە ئۆيدە تۇرمايدۇ، ئۇنىڭدىنمۇ ئايرىلساق بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىڭدىن قورقىمەن،ــ دېدى يولدىشىم، قايتاشىمىزدا،ــ باشقىلار ئۇنى چۈشەنمەيدۇ ئەمەسمۇ، ئۇ يەردە ئايلىنىپ يۈرگىنىنى كۆرگەنلەر چىشىغا تېگىپ قويمىسۇن دەيمەن. پات-پات بىللە بېرىپ تۇرساق ئۇمۇ قاچمايدىغان بولىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەقدىرگە تەن بىرەر.
         شۇنىڭدىن كېيىن تۇپراق بېشىغا دائىم بىللە چىقىدىغان بولدۇق، يولۋاسمۇ قاچمىدى. تۇپراق بېشىدا ئۇچراپ قالغانلارغا يولۋاسنىڭ خۇي-مىجەزىنى چۈشەندۈرۈپ ھارمايتتىم، مەن شۇ يېزىدا ئىشلەۋاتقاچقا مەن تونۇمايدىغانلارمۇ مېنى تونۇيتتى. ئەمما ھەر قېتىم تۇپراق بېشىغا چىقىپ كەلسەملا باشقىدىن شۇكلىشىپ قولۇم ئىشقا بارمايتتى، سائەت- سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم.
      خىزمەت ۋە باشقا ئالدىراشلىقلار تۈپەيلىدىن تۇپراق بېشىغا يولۋاسنى ئەگەشتۈرۈپ چىقالماي قالساق يولۋاس يەنە يوقاپ كېتەتتى. ئۇنى تۇپراق بېشىدىن تاپاتتۇق. ئەمما بىر قېتىم نەچچە كۈن ئىزدىيەلمەي قالدۇق، يەنە تۇپراق بېشىدا كۆرگەن بولساقمۇ كۆزۈمگە ئوبدانلا ئورۇقلاپ قالغاندەك كۆرۈنۈپ ئىچىم ئېچىشتى، بەك خىجىل بولدۇم. بىر ھايۋان چېغىدا مۇشۇنچىلىك ئەقىدە قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئۆزۈمنى قويارغا يەر تاپالمىدىم. يولۋاس بىز ئاپارغان يېمەكلىكلەرنى شۇنداق ئىشتىھا بىلەن يېدى-يۇ، بىز بىلەن قايتقىلى ئۇنىمىدى. ۋاقتى ئۆتكەندە پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى بولسۇنمۇ، يىغلاپ يالۋۇرساممۇ كار قىلمىدى. مەن ۋەدەمگە ئەمەل قىلالمىدىم، يالغانچىلىق قىلدىم، شۇڭا ئۇ مېنى كەچۈرمىگەنىدى.
ئامالسىز خىلى ۋاقىتلارغىچە كۈندە تۇپراق بېشىغا بېرىپ، يولۋاسقا يېمەكلىك توشۇپ يۈردۇق، يولۋاس ھېچ يۇمشاپ قالىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
      ــ مەيلى، كۈندە ۋاقىت چىقىرايلى، شۇ باھاندە دادام-ئاپامنىڭ تۇپراق بېشىنىمۇ كۈن ئاتلاتماي يوقلىيالايدىكەنمىز. يولۋاس بۇنداق چىڭ تۇرۇۋالمىسا بىزمۇ بارا-بارا ھەپتىدە-ئايدا ئاران بىر قېتىم بارىدىغان، كېيىنچە ھېيت-ئايەمدىن باشقا چاغدا يوقلىمايدىغان  بولۇپ قالارىدۇق ھەقىچان،ــ دېدى يولدىشىم.

7


          11-ئاي يېرىملىشىپ ھاۋا سوۋۇپ كەتتى، يولۋاسنىڭ ئاچچىقى يانمىدى. بىر كۈنى ئۆيدە يالغۇز قاپتىكەنمەن، تازا يىغلاپ ئىچىمنى بوشۇتۇۋالغاندىن كىيىن يولدىشىمغا دېمەيلا تۇبراق بېشىغا تاكسىدا باردىم. خىيالىمدا قانداق قىلسام قىلىپ  يولۋاسنى ياندۇرۇپ كېلىشنىلا ئويلايتتىم. ئۇ بۇرۇنقىدەك ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى، ئورۇقلاپ بىر تىرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان يولۋاسنى قۇچاقلاپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلىدىم. ئۇنىڭ ئەقىدىسىگە قانچىلىك قايىل بولسام ئىلگىرىكى ئويناقلىقىنى يوقۇتۇپ ئاران پىلدىرلاپ قالغان نۇرسىز كۆزلىرىگە قاراپ شۇنچىلىك ئىچىم سىيرىلاتتى. تۇمشۇقى يەرگە تىرەجىلىپلا قاپتۇ، پۇتلىرىمۇ جانسىز ئىدى. ئەمدى ئەكەتمىسەم زادى بولمايدىغان يېرىگە يەتكەن ئىدى، ئۇ ئەكەلگەن گۆشنى شۇنداق ئىشتىھا بىلەن يىۋىلىپلا ئۇدۇل دادامنىڭ قەبرىسى يېنىغا بېرىۋالدى. مۇڭداشتىم، يىغلاپ يالۋۇردۇم، ئاچچىقلاپمۇ باقتىم، پەقەت يېقىن كەلگىلى ئۇنىمىدى. مەن ئالدىغا ماڭساملا يىراققا كېتەتتى، توختىسام توختايتتى. تېرىكىپ ئاچچىقىمنى كۆزۈمدىن ئالدىم. ئەمما نىيىتىمدىن يانماي قوغلاۋەردىم. كەچ بولدى، قاراڭغۇ چۈشتى، ھېرىپ ھالىمدىن كەتسەممۇ بولدى قىلمىدىم. زاراتگاھلىقتىن يىراقلىشىپ نەگە كېلىپ قالغىنىمنى ئۇقمايتتىم. بىر چاغدا يولدىشىمدىن تېلېفون كەلدى.
يولدىشىم مېنى ئەكەتكىلى كەلگەندە ئاللىقاچان ئەلياتقۇ بولۇپ بولغان بولۇپ، ئۇمۇ  بىر ئىش بىلەن ھايالشىپ قالغانىكەن. ئۇ كەلگۈچە توڭغىنىمنى سەزمىگىنىم بىلەن، كېيىن ئاغرىپ يېتىپ قېلىپ ئۇزاققىچە دەردىنى تارتتىم. يولدىشىم يېمەكلىك ئەكەپتىكەن، يولۋاس يېمەكلىكنى كۆرۈپ يېنىمىزغا كەلگەنتى، يولدىشىم ئاچچىقىدا ئۇنىڭ ئورۇق بىقىنلىرىغا نەچچىنى تېپىۋەتتى.
       ــ ساراڭمۇ سەن،ــ مېڭەم ۋىڭىلداپ كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى، ئاچچىقىمدا ئەزەلدىن سەن-پەنلىشىپ باقمىغان يولدۇشۇمنىمۇ سىلكىشلەپ چالۋاقىدىم، قول-پۇتلىرىممۇ قەيەرلىرىگىدۇر تەگمەي قالمىدى ،ــ تاينلىق مېنىلا ئۇر، ئۆزۈمنىڭ شورپىشانىلىقىمدىن مۇشۇ كۈنگە قالغانمۇ مەن، سېنى قاراڭغۇدا ئاۋارە قىلغانمۇ مەن.
        يولۋاس تېپىك يېگەنگە غىڭشىپ كەتمىدى، ئەمما  يەردە جىم يېتىۋالدى. ئۇ ئاخىرى بىز بىلەن قايتىپ كەلدى، ياق، ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ، نەچچە كۈن بولسىمۇ يىغىدىن نېرى قىلغىلى، ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ئارازلىشىپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەپلا كەلگەن بولسا كېرەك. ئەتىسىدىن باشلاپ بىر ھەپتىلىك رۇخسەت سوراپ ئۆيدىن چىقمىدىم، يولۋاسقا ھەمراھ بولدۇم، ئۇنى ئوبدان كۈتتىم. يولۋاس ئاستا ئاستا ئەسلىگە كېلىپ، تۈكلىرى بۇرۇنقىدەك پاقىراشقا باشلىدى، بىزمۇ كۈن ئارىلاپ يولۋاسنى ئەگەشتۈرۈپ تۇپراق بېشىغا بېرىپ تۇردۇق، يولۋاس يەنە بۇرۇنقىدەك ئويناقشىيدىغان، ھويلىدا ئىشلارغا ياردەملىشىدىغان بولدى، مەنمۇ ئۇھ دەپ كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشۈپ، خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدىم.
      باھار كېلىپ ھەممە يەر كۆكىرىپ، دەل دەرەخلەر يوپۇرماق چىقىرىشقا باشلىغاندا، يولۋاس يەنە ئۆيدە تۇرماس بولۇۋالدى، مەنمۇ ئاخىرى ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى توغرا  چۈشۈنىدىغان بولدۇم، ئىككى ئۈچ كۈندە بىر تۇپراق بېشىغا بېرىپ، يولۋاسنىڭ ئالدىغا نان گۆش قويۇپ قويىدىغان بولدۇم، ئۇمۇ يەيدىغىنىنى بىر نەچچە  قېتىمدىلا يىۋەتمەي، ئاز ئازدىن بۆلۈپ يەيتتى، تۇبراق بېشىنىڭ سەل نېرىسىدا بىر ئۆستەڭ بار بولۇپ، شۇ يەردىن ئۇسسىزلىقىنى قاندۇراتتى، كۈنلەر ئۆتىۋەردى، مەنمۇ ئۇنىڭغا يەيدىغىنىنى ئاپىرىپ بېرىپ يۈرۈۋەردىم، ئامما بوران  چىققان، يامغۇر ياققان كۈنلىرى، كېچىنى شۇنداق دەككە دۈككىدە ئۆتكىزەتتىم، ئۇنداق كۈنلىرىنىڭ ئاتىسىلا ئەتىگەندە بارسام يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كېلەتتى، كېچىنى قانداق ئۆتكۈزگىنىنى مەنمۇ ئۇقمايلا قالاتتىم، يازمۇ كەلدى، يولۋاس يەنە ئورۇقلاپ بىر ئۈسىتىخان بىر تىرە بولۇپ قالدى، تۈكلىرى چۈشۈپ تاقىرلشىپ سەتلىشىپ كېتىۋاتاتتى، ئەمما ئۆيگە زادى كەلمەس بولۇۋالدى

8

        تومۇز ئايلىرى كىردى، يولۋاس يەنىلا بۇرۇنقىدەك تۇپراق بېشىدا ئىدى، مەنمۇ نەچچە كۈندە بىر بېرىپ تۇردۇم، ھەر بارسام گۆش ئاپىراتتىم، ئۇنىڭ ئىشتىھا بىلەن گۆش يېيىشىگە قاراپ تۇراتتىم، ئاندىن يەنە ئازراق گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئالدىغا قويۇپ بېرىپ يېنىپ كېلەتتىم، ئەمما يولۋاس كېيىنچە مېنى كۆرسە بۇرۇنقىدەك ئويناقشىمايدىغان، ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلمەيدىغان بولۇۋالدى، يېمەكلىكنى ئالدىغا قويۇپ بەرسەم، ئېرىنچەكلىك بىلەن ئازراق يەپ قويۇپلا ياتاتتى، مەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قانداق قىلىشىمنى ئۇقمايلا قالدىم، بىر قېتىم تېخى يولدىشىم ئۇنى ئەكەتمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭ بوينىغا زەنجىر سالماقچى بولىۋىدى، ئۇ يولدىشىمغا خىرىس قىلدى، مەن ئاخىرى ئامال قىلالماي، ئۇنىڭ ھېلىقى بۇرۇنقى باققۇچىسى موڭغۇل يىگىتكە  ئەھۋالنى دېمەكچى بولۇپ، ئىزدىگەن بولساممۇ ئۇنى تاپالمىدىم، كىيىن ئۇقسام ئۇ بىر يىل بۇرۇنلا ھەربى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاچقا يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن ئىكەن. يولۋاس كۈندىن كۈنگە بوشىشىپ كېتىۋاتاتتى، ئەمما ئۆيگە قايتىپ كەلگىلى زادى ئۇنىمىدى، ھەر بارسام ئۇنىڭغا ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ تۇرۇپ كېتەتتىم، كېيىنچە ھەر بارسام  ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، يېنىمغا كىلەتتى-دە، پۇتۇمغا تۇمشۇقىنى قويۇپ يىتىۋالىدىغان بولۇۋالدى، كۆزلىرىمگە ياش كېلەتتى، كاللامغا يولۋاسنىڭمۇ ئەمدى مېنى تاشلاپ كېتىدىغان ۋاقىتلىرى كېلىپ قالغانمىدۇ، دېگەن خىيال كىلەتتيۇ، ئەمما چاققانلا بۇ خىيالىمنى ئۆزۈم بۆلىۋىتەتتىم، توغرىسى ئۆزۈمنى بۇنداق خىياللارنى قىلىشتىن ئېلىپ قاچاتتىم. بىر كۈنى يولدىشىم ئۇنى زەنجىرلىگەنتى، ئۇ قارشىلىق قىلمىدى، بىز ئۇنى ئۆيگە ياندۇرۇپ كەلدۇق، يەنە ئۆتكەن قېتىمقىدەك ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشقا باشلىدىم، كۆزۈمگە ئۇ ئەسلىگە كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشكەندەك بولۇپ قالدى، ئەمما ئۇ بۇرۇنقىدىن خىلى ياۋاشلاپ كەتكەن بولۇپ، يولۋاس دەپ چاقىرسام يېنىمغا كېلىپمۇ قويمايتتى، باغنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ سالقىندا جىم ياتاتتى، مەنمۇ بوپتۇ ئارام ئالسۇن، قانداقلا بولمىسۇن ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالدۇق، ئاز كۈن ئۆتسە، ئەت ئېلىپ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئۆز ئۆزۈمگە تەسەللى بېرەتتىم.
       ھاياتلىق دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن، بۇ ئالەم راستلا ئالتە كۈنلۈك ئالەمكەن. بىر چاغلاردا كىچىكلا قىز ئىدىم، ئاپام قىلغان قىلىقلىرىمغا قاراپ، قاچانمۇ چوڭ بولارسەن دەيتتى، مانا ئەمدى شۇنداق ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ئىدى-ھە دەپ قالىمەن. بارا-بارا شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى، ھاياتلىقتا پوزىتسىيەنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىمكەن. شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدىكەن، ھاياتىڭىزنىڭ ئالتۇن پەسلىدە راھەت-پاراغەت ئېقىنىدا تازا غۇلاچ تاشلاپ بىخارامەن ئۈزۈۋاتقىنىڭىزدا ئۆزىڭىز  ئەڭ قەدىرلىگەن قىممەتلىك پەسىللىرىڭىزدىن، سىزنى شۇ خاتىرجەملىككە ئىرىشتۈرگەن، سىزگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىدىكەنسىز. ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇن ئادەم بولسىمۇ يالغۇزسىرايدىكەنسىز، ھەممە نەرسىڭىز تەل تۇرۇپمۇ نېمىگىدۇر تەشنا بولىدىكەنسىز، تۇرۇپلا ھەممىدىن زېرىككەندەكمۇ بولۇپ قالىدىكەنسىز، ئولتۇرغان كەڭ ئازادە ھەشەمەتلىك ماشىنىڭىز تار بېلىنىدىكەن. كېيىۋالغان قىممەت باھالىق پۇزۇر كىيىملىرىڭىز بەدىنىڭىزگە تىكەندەك سانجىلىپ،   يەۋاتقان ئىسىل نازۇ-نىممەتلىرىڭىز ئېغىزىڭىزغا تېتىمايدىكەن. نېمىنى ئىزدەۋەتقىنىڭىزنى ئاڭقىرالمايدىكەنسىزۇ، ئۇياق-بۇياققا قارايدىكەنسىز، ئاخىرى ھەشەمەتنى تاشلاپ ئىزدىشەلمىگىلى ئۇزاق بولغان دوست-بۇرادەرلىرىڭىزنى سېغىنىدىكەنسىز، ئالبوم ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ كونا-يېڭى ئىشلارنى ئەسلەيدىكەنسىز، تۇرۇپ كۈلسىڭىز يەنە تۇرۇپلا كۆزلىرىڭىزگە ياش كېلىدىكەن. كەلمەسكە كەتكەنلەرنى قايتا كۆرەلمىسىڭىزمۇ سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، بەزدۈرگەن ھاياتنى يېڭىباشتىن قۇچاقلىيالىغۇدەك ئىمكان تاپالمايمۇ قالمايدىكەنسىز. ئۇ تامامەن ھاياتقا، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىز تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن. قىلايلا دېسىڭىز سىزگە تەسەللىي بولىدىغان، ئۈمىد، مۇھەببەت بېغىشلايدىغان ئىشلار، ئادەملەر يەنىلا ئاز ئەمەسكەن.
        شۇنداق خىيالچان بولۇپ قالغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە يولۋاس تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى، ئۇدا نەچچە كۈن تۇپراق بېشىغا بېرىپ تاپالمىدۇق. ئۇ چوقۇم ئۇ تۇپراق بېشىدا بار، بىزنى كۆرۈپ مۈكۈۋالغان بولسىمۇ ھامان چىقماي قالمايدۇ دەپ يىراقتىن كۈزۈتۈشلىرىم بىكار كەتتى. ئاتا- ئانامنىڭ قەبرىسىگە تاشلىنىپ يېتىۋالاتتىم، جاھىل مىجەزىمنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەزەلدىن رايىمغا بېقىپ كەلگەن ئېغىر-بېسىق يولدۇشۇم بەك تىرىكتى، مېنى ئۆيگە ئەكىتەلمەي تارتمىغان جاپالىرى قالمىدى.
       ــ ماۋۇ يان خوشنىمىزنىڭ قويى يىتىپ كېتىپتىكەن، ئىزدىشىپ بىرىمەن دەپ ئاياق تەرەپكە بىللە بارغان، قارىسام قاپتالدىكى مەجنۇنتاللىقنىڭ سايىسىدا يولۋاس ياتىدۇ. ساڭا دېمەيلا كۆمىۋىتەي دەپمۇ ئويلىغان، كۆرمىسەڭ ئىشەنمەي يەنە يولۋاسنى ئىزدەيمەن دەپ جېدەل قىلىشىڭدىن ئەنسىرىدىم، ــ دەپ كىردى بىر كۈنى يولدۇشۇم.
      ــ نېمە؟ نېمىشقا كۆمۈۋىتەتتىڭىز؟
      ــ ئۆلۈپ قاپتۇ.
      ــ ئۆلۈپ قاپتۇ؟!ــ مېڭەمدىن يەنە بىر قېتىم تۈتۈن چىقىپ كەتتى،ــ مۇمكىن ئەمەس، مېنى دەرھال شۇ يەرگە ئاپىرىڭ.
      كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، ئەمما يولۋاس راستىنلا نەپەستىن قالغانىدى. نەدىن تىپىۋالغانكىن، تۇمشۇقىنى دادامنىڭ كونا قاسقان شەپكىسىنىڭ ئىچىگە تىقىۋاپتۇ، نېمىگە تارتىشتىكىن، كۆزى ئوچۇق كېتىپتۇ بىچارىنىڭ. باشتا يولۋاسقا، ئاندىن يولدىشىمغا ئىسىلغىنىمچە قانچىلىك يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن.
      ــ مەن بىر شور پېشانىكەنمەن، يەنە نېمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن-ھە، يۈزۈم نىمانچىلا قېلىن، شۇنچە ئىشلار يۈز بېرىۋاتسا ھېچنېمە بولمايۋاتىمەن، مەن نېمانچە يارىماس، يىغلاشتىن باشقا ھېچ ئىش قولۇمدىن كەلمەيدىكەن...
نېمىلەرنى دەپ بەزلەۋاتقىنى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى، يولدۇشۇم ھېلى يېشىمنى سۈرتسە، ھېلى چېكەمنى ئۇۋلايتتى. تولا يىغلاپ ھوشۇمدىن كەتكەن بولسام كېرەك، بىر چاغ بولغاندا ئۆزۈمنى ئۆيدە ياتقان ھالدا كۆردىم. يولدۇشۇم بېشىمدا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.
       ــ يولۋاس قېنى؟ــ ئارىدىن قانچىلىك ۋاقت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن، ئېغىز ئېچىپلا دېگىنىم شۇ بولدى. كۆزلىرىمدىن تاراملاپ قۇيۇلۇۋاتقان ياشلار توختايدىغاندەك، ئىچىمگە لىققىدە كەلگەن پىغانلىرىم پات بېسىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.   
       ــ ياراتقان ئىگىسى ئەڭ ئامراق بەندىلىرىنى مانا مۇشۇنداق كۈنلەرنى ھەدىيە قىلىپ سىنارمىش، بۇنىڭغىمۇ شۈكرى دەيلى، يىغلاۋەرمە. ھېلىمۇ ئاغرىقچان بولۇپ قېلىۋاتىسەن، ماڭا  ھەم ئىككى بالىغا قارا، بىزگە سەن بولمىساڭ بولمايدۇ، ئاغرىپ قالساڭ بولغۇلۇق ئىككى بالىغا بولىدۇ. ئەگەر ئاغرىپ يېتىپ قالساڭ نارەسىدە بالىلىرىمىز سېنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭدىنمۇ بەتتەر كۈنگە قالىدۇ، باللىرىمىز سەندىن بەكرەك ئازابلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلالىغۇدەك ئەمەس. ئانا بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا جېنىمىزنى ئۇپرىتىۋەرمەيلى. بالىلارنى ئويلايلى، چوڭلارنىڭمۇ روھى قورۇنمىسۇن.
       ــ يولۋاس قېنى دەپ سوراۋاتىمەن!
       ــ ئۇنى شۇ يەرگە تاشلىۋىتىپ كېلەرمەنمۇ، ماشىنىغا سېلىپ ئەكەلگەن، ھەممە ئىش سېنىڭ رايىڭچە بولسۇن دەپ باغنىڭ سالقىن يىرىگە قويۇپ قويدۇم. مېنىڭچە بۇ ئىشنى ئەتىگە قالدۇرمايلى، ھاۋا بەك ئىسسىق، پۇراپ كېتىدۇ. نەگە دېسەڭ شۇ يەرگە ئورەك كولايمەن، بىللە كۆمىمىز. قوپە، مەن سېنى يۈلىۋالاي، بىللە چىقايلى.
       ــ بايام ھوشۇمدىن كەتتىمما؟
       ــ بەك ئەنسىرەتتىڭ.
       ــ ھېلىمۇ ياخشى ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن، بولمىسا يولۋاس بىلەن تەڭلا تۈگۈشەركەنمەن،ــ يولدۇشۇمنىڭ تەسەللىي سۆزلىرى يۈرىكىمنى ئىرىتىپ قايتىدىن ماغدۇر ئاتا قىلدى بولغاي، ئوبدانلا ئېغىر-بېسىقلىشىپ قالغانىدىم. راست، مەن ئانا ئەمەسمۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن يەنىلا بالىلىرىمنى ئويلىمىسام بولمايتتى،ــ ئۇنىڭسىزمۇ مەن ھېچنېمىنى بىلمەي ياتقاچقا ئالدىراپ قالغىنىڭىز بىلەن، ساق بولسام يولۋاسنى شۇ يەرگىلا كۆمۈۋىتەتتىڭىزغۇ دەيمەن.
      ــ سېنىڭ رايىڭغا باقاتتىم .
      ــ نېمىشقا مېنى دوختۇرغا ئاپارماي ئۆيگە ئەكەلدىڭىز؟
      ــ سېنىڭ ئاغرىقىڭغا دوختۇرنىڭ دورىسى پايدا قىلامتى؟ قوپە ئۇششۇق، يولۋاسنى جايلاشتۇرۇۋىتەيلى.
      ــ قانداق بىر تەرەپ قىلاي دەيسىز؟
      ــ سەنچىچۇ؟
      ــ بۇرۇن تۇرغان ئۆيىنىڭ ئاستىنى كولاپ كۆمەيلى،ــ مەن ھويلىدىن ئەچىققىلى ئۇنىمىدىم.
      ــ كۆڭلۈڭنى چۈشىنىمەن، لېكىن ئاتا-ئانىمىزنىمۇ يىراققا ئاپىرىۋەتتۇققۇ؟
      ــ ئۇنىڭغا ئامال يوق.
      ــ ئىتقا ئامال بارمۇ ئەمىسە، ئۇ دېگەن ھايۋان تۇرسا.
      ــ ھايۋان تۇرسا؟ ھايۋان دېدىڭىزما؟ يەنە بىر دەڭە!
      ــ ۋاي شۇ...ئاپلا...
      ــ ئىسىڭىزدە بولسۇن، مەن ئەزەلدىن ئۇنى ھايۋان ئورنىدا كۆرۈپ باقمىدىم. ئاتا-ئانام ماڭا ئوخشاشلا بالا ئورنىدا باققان، قانچىلىك ئامراقلىقىنى بىلەتتىڭىزغۇ.
      ــ بىلىمەن، بىلمەي قالارمەنمۇ.
      ــ بىلسىڭىز ئىسىڭىزدە بولسۇن، بىلمىسىڭىز ئوبدان بىلىۋېلىڭ، ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىمغا ئوخشاش. تۆت پۇتلاپ مېڭىپ يۈرگىنىگە قاراپلا ھايۋان دېگەن تەقدىردىمۇ ئىككى پۇتلۇق نى-نى ئادەملەردىن ئىسىل ھايۋان ئۇ.
      ــ شۇڭا مەنمۇ باشقا يەرگە ئەمەس، باغنىڭ بىر بۇلۇڭىغا كۆمەيلىمىكىن دەۋاتىمەن. گەپ ئۇنىڭ نەگە كۆمۈلۈشىدە ئەمەس، ئاتا-ئانىمىزغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ روھىمۇ ھامان بىز بىلەن بىللە. ياد ئىتىپ تۇرساق، قالدۇرغان تەسىرىنى، بەزى ئەدەملەرگە تېگىشكۈسىز ئىسىللىكىنى ئۇنتۇپ قالمىساقلا ئۇمۇ بىزدىن رەنجىمەيدۇ. ئۇنىڭ بىز چۈشىنىپ بولالمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشىنىدىغانلىقىنى مەندىن ئوبدان بىلىسەنغۇ. يان ئىشىكتىن چىقساڭلا باغ، كۈندە يوقلاپ تۇرالايسەن. شۇنداق قىلسام كۆڭلۈڭ ئازراق بولسىمۇ تەسكىن تاپار، چوڭلار بار چاغدىكىدەك ھالىدىن خەۋەر ئالارغا ئىمكان قالمىغان بولسىمۇ، يىراققا تاشلىۋەتكۈم كەلمىدى. سېنى دەپ ئەكەلدىم، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسۇن دەپ يەنە سەن رازى بولغۇچە ساقلىدىم. ئەمدى كىچىك بالىدەك جىدەل قىلىۋەرمەي گېپىمگە كىر.
         كەمسۆز يولدۇشۇمنىڭ قاچانلاردىن بىرى بۇنداق گەپدانلىشىپ كەتكىنىنى بىلمەيتتىم، ئەمما ئۇ مېنى ئاخىرى قايىل قىلدى. مەن نۇرغۇن ئىشلارنى يولۋاستىن ئۆگەنگەنىدىم، ئۇ ماڭا ئەركىلىيەلمىسىمۇ مەن يەنە دائىم ئۇنىڭ بىلەن سىردىشالايتتىم، ئۇنىڭغا مۇڭلۇنالايتتىم.      
       يولۋاسنى كۆمۈپ بولۇپ يېنىدىن ئايرىلغۇم كەلمەي ئۇزاققىچە ئۈنسىز تۇرۇپ كەتتىم، يولدۇشۇممۇ جىق تەسەللىي بەردى.
تۇيۇقسىز مۇنداق بىر ئىش كاللامدىن كەچتى. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كىچىك سىڭلىم چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغاندا ئاسانلا باش لىڭشىتقانىدى دادام بىلەن ئاپام.
       ــ قىزىققۇ سىلەر، چەتئەل دېگەن ئۈرۈمچىمۇ، ئايروپىلانغا چىقىۋالسا بىر دەمدە بېرىپ- كەلگىلى بولىدىغان. مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئايرۇخانقىز بولۇپ تاللانغاندا، پەقەت كاللاڭلاردىن ئۆتمىگەن، ئۈرۈمچىدە قالاي دېسەممۇ ئۇنىمىغانتىڭلار، ئەمدى ئەجەپ ئويلانمايلا ماقۇل دېۋەتتڭلارغۇ؟ــ دېگەنىدىم نارازى بولۇپ.
       ـــ ۋاي مېنىڭ دورام  بالام، قايتىپ كېلىپ يامان كۈنگە قالمىدىڭغۇ، بىزنىڭ يېنىمىزدا ھېچنېمىدىن قىسىلماي بىر ئوبدان تۇرىۋاتىسەن.
       ئاپام ئەمدى ئۇ چاغدىكىدەك پىشانەمگە سۆيەلمەيتتى، ئەركىلىتىپ بېشىمنى سىلىيالمايتتى، قۇچىقىغا بېشىمنى قويۇپ ئېغىنىۋالاي، ھىدىغا قېنىۋالاي دېسەم ئۇ يوق ئىدى.
      ــ راست بالام، تەلىيىڭىز باركەن، بىزنىڭ يېنىمىزدا تۇرىۋاتىسىز، ئاتا-ئانىسى بىلەن  ھەر كۈنى  بىللە تاماق يېيىشمۇ ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ. كېتىمەن دېگەنلەرنى بىز بىلەن تەڭ ئۇزۇتىسىز، ئاخىرىدا بىزنىمۇ ئۇزۇتىۋىتىپ كونا ئەترەتنىڭ باشلىقىدەك بىر كاللەك ئاشقۇچنى شالدىرلىتىپ مۇشۇ ھويلىدا قالىسىز تېخى.
      دادام ئەمدى مەن بىلەن ئۇنداق چېقىشالمايتتى، مېنى تىرىكتۈرەلمەيتتى، مىڭ تىرىكتۈرسىمۇ كۈلۈپ تۇرۇۋالاي، بوينىغا ئېسىلىۋالاي دېسەم ئۇ يوق ئىدى. ئۇ ئەركە غەمسىز چاغلىرىم ئاتا-ئانامغا قوشۇلۇپ كەلمەسكە كەتكەنىدى. بالا دېگەن ھامان بالىلىقىنى قىلىدىكەن. ئەمما ئاتا-ئانا بولغۇچى ھەممىنى ئالدىن ئويلاپ قويىدىكەن ئەمەسمۇ؟ شۇ چاغدا نېمىشقا ئىككى ئېغىز تاتلىق گەپ قىلىپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ قويمىغاندىمەن.
      ــ ئاپىڭىز قېنى؟
      بۇ دادامنىڭ ئىشتىن كېلىپلا مەندىن سورايدىغان سوئالى ئىدى. ئاپام تۈگەپ  كەتكەندىن كېيىن، ئىشىكتىن كىرىپلا قىزىمدىن شۇنداق سورايدىغان بولدى. ئاپام ھۇشسىز يېتىپ داۋالىنىۋاتقاندا يىغلىسام يوقلاپ كەلگەنلەر، «يىغلىماڭ، ئاپىڭىز ھەممىنى بىلىپ ياتىدۇ» دېيىشتى. ئاپام تۈگەپ كەتكەندە تېخىمۇ يىغلىماي تۇرالمىدىم، «يىغلىماڭ، دادىڭىزغا قاراپ ئۆزىڭىزگە ھاي بېرىڭ، بۇنداق يىغلاپ يۈرسىڭىز دادىڭىز قانداق قىلىدۇ؟» دېيىشتى يېنىمدىكىلەر. داداممۇ تۈگەپ كېتىۋىدى، «يىغلىماڭ، ئاغرىپ يېتىپ قالسىڭىز باللىرىڭىزغا ئۇۋال بولىدۇ» دېيىشتى ئۇلار. ئەمدى يولۋاسمۇ مېنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ كەتتى، يەنىلا قېنىپ يىغلىيالمايمەن، ئاڭلايدىغىنىم، شۇ يىغلىما  دېگەنلا گەپ. توۋا، ئەجەپ جاھان بۇ.
       يولۋاسنى باغقا دەپنە قىلدۇق، ئۆزىنىڭ ياسىداق ئۆيىنىمۇ باغقا ئەكىردۇق، ئەمدى ئۇ ئۆي ئەمەس قەبرە بولغانىدى. ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتتى، ئاتا-ئانامدىن، يولۋاستىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولساممۇ، ئۇلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى ماڭا دائىم ھەمراھ بولۇپ كەلدى. ئاتا-ئانام، يولۋاس ماڭا بەرگەننى بالىلىرىمغا، ئائىلەمگە، ئەتراپىمدىكىلەرگە بىرىۋاتىمەن، بەرگەنلىرىمدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق مۇھەببەتكە ئىرىشىۋاتىمەن. ماڭا قارىغاندا تېخىمۇ كۆيۈمگە مۇھتاج ئادەملەرنى كۆرۈپ تەسەللىي تېپىۋاتىمەن، شۈكرى دەۋاتىمەن.
       مېھرى-مۇھەببەت دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدىكەن، ساداقەت، ۋاپا، ئەقىدە بىلەن كۆكلەيدىكەن، ياشىرىدىكەن، پەرۋىشلىگەنسىرى مېۋىسى ئۈزۈلمەيدىكەن. ھايات مېھرى-مۇھەببەت بىلەن قىممىتىنى تاپسا، مېھرى-مۇھەببەت بىلەن دۇنيا گۈزەلكەن.
      يولۋاسنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرەلمىسەممۇ، ھەر قېتىم تۇپراق بېشىغا چىقىدىغان چاغدا، ئۇنىڭ بىلەن بىر ھازا مۇڭدىشىۋالىمەن، قايتىپ كەلگەندە ئۆرلەپ تۇرغان پىغانلىرىمنى يەنە يولۋاسقا تۆكىمەن. ئالدىراشلىقتىن تۇپراق بېشىغا ۋاقتىدا چىقالماي قالسام، يولۋاس ھومۇيۇپ قاراۋاتقاندەك بىلىنىپ كېتىدۇ. قىلىدىغان ئىشىمنى تاپالمىسام يولۋاستىن سورايمەن، بىرەر ئىشنى قاملاشتۇرۇپ قىلالىغاندا، باشقىلار ماختىسا يولۋاستىن ئۆگەنگەن ئەستاھىدىللىقىمدىن چەكسىز سۆيۈنىمەن.  دادامنىڭ يولۋىسى، مېنىڭ يولۋىسىم ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا ئۆچمس نۇر بولۇپ ئويناقلاپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ تۇرقى كۆز ئالدىمدا، ھەرگىزمۇ ئۆلمىگەن...
     
                           2016-يىلى 18-يانىۋار-دۇشەنبە، توققۇزتارا.
         


                      «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى»مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھراي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-22 11:31  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-23 14:05:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يولۋاسنىڭ شۇ قەدەر ۋاپادار، ساداقەتمەنلىكىدىن سۆيۈندۈم! قەلەم تۇتقان قوللارغا دەرت كەلمىسۇن !

ۋاقتى: 2016-1-23 16:49:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي نىمە كۈن نىمە ھەممە گۈزەللىك،
تەبەسسۇم ئوينىغان نۇرلۇق يۈزۈڭدە.
ساز نىمە كۈي نىمە ھەممە خۇشاللىق،
مۇھەببەت ئىزدىگەن ئوتلۇق كۆزۈڭدە.
شىر ئىدىم يولۋاسنى قوقۇتۇپ يۈرگەن،
ياۋاشلاپ كىتىمەن سىنى كۆرگەندە.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-23 20:40:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2016-1-23 14:05
يولۋاسنىڭ شۇ قەدەر ۋاپادار، ساداقەتمەنلىكىدىن سۆيۈن ...

مۇھەررىر  شەيدايىغا رەخمەت.

ۋاقتى: 2016-1-23 23:37:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتىرىڭىز مىنىمۇ ئۆچمەس ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ، ھاياتىمدىكى قىممەتلىك ۋە ئازاپلىق كەچمىشلىرىمنى ۋاراقلاتتى.
قەدىردانلىرىمىزغا بولغان سېغىنىش ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۈچىيىدىكەنكى يوقىمايدىكەن.  
سىزگە ئامەت ۋە  ئۇتۇق تىلەيمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-24 19:51:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sahar يوللىغان ۋاقتى  2016-1-23 23:37
خاتىرىڭىز مىنىمۇ ئۆچمەس ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ، ھا ...

رەخمەت سىزگە سەھەر ،ئۇزۇندىن بېرى ئىزچىل مەدەت بېرىپ كېلىۋاتىسىز،تىلەكلەر ھەممىزگە تەڭ نىسىپ بولغاي.

ۋاقتى: 2016-1-25 00:17:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ.  مۇشۇنداق راست ئىشلار خاتىرىسىنى يازماي بولمايدۇ.

ۋاقتى: 2016-1-25 12:34:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم. تەسىرلىك ھەم راۋان يېزىپ چىقىپسىز. مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2016-1-26 12:28:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايۋاناتلارنىڭ ۋاپادارلىقى ھەققىدىكى چۆچەكلەرنى كۆپ ئوقۇغان، فېلىملەرنى كۆپ كۆرگەن،  لېكىن مەزكۇر ئەسەردە تەسۋىرلەنگىنى ئالاھىدە مەشىقلەندۈرۈلگەن ھەربىي ئاپشاركا بولۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ ئەستاھىدىللىقى ۋە ۋاپادارلىقى كۈندىلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈلۈپ ئىنتايىن تەسىرلىك ھەم چىنلىق بىلەن بايان قىلىنىپتۇ. ئاپتورنىڭ سەمىمىي ھېسسىياتى ۋە ئاپشاركىنىڭ  بىز ئىنسانلار غا ئۈلگە بولغۇدەك  ئىسىل خىسلەتلىرى چىنلىق ۋە تەبىئىيلىك ئىچىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. ئاپتورنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان سېغىنىشى ئاپشاركىنىڭ ئىنسانغا خاس پەزىلەتلىرىگە يۇغۇرۇلغاندا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان تەسىرلىك بەدىئىي كەيپىيات يارىتىلىپتۇ. ئەسەرنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ نەچچە قېتىم كۆزۈمگە ياش كەلدى. بۇ ئاپتۇرنىڭ مەن مۇنبەردە ئۇچراتقان تۇنجى نەسىرىي ئەسىرى بولۇشىغا قارىماي ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيتيەتلىك چىقىپتۇ دەپ قارىدىم. تېما ئىگىسىگە يەنىمۇ زور مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-26 12:47  


ۋاقتى: 2016-1-26 14:07:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ تەسىرلىك يېزىلىپتۇ بۇ راسىت ئىشلار خاتىرىڭىز، ئوقۇغانچە مۇڭغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشىشىگە تىلەكداشمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىراغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-26 14:08  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-28 22:46:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمامغا نەزەر ئاغدۇرغان مۇنبەرداشلارغا رەخمەت،تۇنجى قېتىم خاتىرە يېزىشىم ،تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارنى ئايىماسسىلەر.

ۋاقتى: 2016-2-1 12:14:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم، ئوقۇغانسىرى ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم،  ئەسەردىكى سەمىمىي ھېسىيات، ئىپادىلەشتىكى ئاددىيلىق، ئەشۇ ئاددىيلىق ئىچىدىكى گۈزەللىك ۋۇجۇدۇمنى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە سالدى. مېنىڭچە راست ئىشلار خاتىرىسى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئەسلىمە ئەمەس، ئۇنىڭدا مۇشۇ تېمىدىكىدەك مۇئەييەن ئىددىيە يورۇتۇپ بىرىلمىسە ئۇنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. «ئاپشاركىنىڭ ئۆلۈمى» بۇ جەھەتتە راۋۇرۇس سالمىقى بار ئۈلگە يارىتىپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 12:21  


ۋاقتى: 2016-2-1 12:25:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىئاي خانىم بۇ ساھەدە داۋاملىق ئىزدىنىپ باقسا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىشدە گەپ يوق.  ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئاپتور نوقۇل ھالدا ئاتا-ئانىسى ياكى قېرىندىشى ئورنىدىكى ئاپشاركىغا بولغان سېغىنىشىنىلا ئەمەس بەلكى شۇ ئارقىلىق بىزگە تېخىمۇ قىممەتلىك بىرخىل ئىنسانىي روھنى يەتكۈزۈپتۇ. يەنە كېلىپ تۇنجى قېتىم يازغان نەسىرىي ئەسىرى بولۇشۇغا قارىماي چىنلىق، تەبىئىيلىك ئىچىدە مۇشۇنداق قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىنغان ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەندىكى تەسىرى ئۇزاققىچە يوقالمديدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-1 12:33  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش