يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 211|ئىنكاس: 0

ئابىدۇسالام ساۋۇت: ئىككى شېئىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىككى شېئىر

ئابدۇسالام ساۋۇت


ھەرىكەت

سۆزنىڭ يالغۇزلۇقى چېچىلغان
مەن كېچە ئېكىنزارلىقىدا سۆڭەك تەرگۈچى
مومىيالانغان قاراڭغۇلۇق تەڭرىسىنىڭ ئاۋازىدا ئولتۇراقلاشقان

كارۋات بىر پارچە يۇلتۇز
ئارىمىزدا يۆتكىلىشچان مۇناسىۋەت

ئۇخلىمايدىغىنى پارچە-پارچە ئاسمان ۋە تىل دەپ ئاتالغان يوچۇن قەبرىدۇر.



ئوقۇرمەن ۋە يارىلانغان ئەس



مەش يېنىدا ئولتۇردۇم
سۆزنىڭ ئىشىكى چېقىلغان
ھەر تەرەپتە ئوقۇرمەنلىرىم...
ئۆزىگە چوڭقۇر يوشۇۇنغان
ئۇلار ئىچىمدىكى قاراڭغۇ تۈرمە تاملىرىنى كۆرەلمەيدۇ
ئەس تۇمانلىرى قەلبىمدىكى جامىنىڭ ئىچىگە تولغان
ئۇلار جام
لېكىن تۇماننىڭ يالىڭاچلىقى
كىشلەرنىڭ ئامالسىزلىقىنى ئاشكارە قىلىدۇ
سۆزنىڭ پۈتمەيدىغان بولۇمى بوشلۇققا يېيىلغان
تېكىسىت لەگلەك


ئۇزاق ئويدىن كېيىن
ئانا قۇش مەن تەرەپكە سۈرۈلدى
پېئىلار ئۆز بولۇمسىزلىقىنى يۇشۇرالمىدى
سۆزلەرنىڭ قاتمۇ-قات ئەس تونىغا ئورالغان ئىپپىتى بۇزۇپ تاشلاندى
ئاندىن كىشلەر
ئوي تەڭرىسى يوقالسۇن،دەپ ئۈنلۈك ۋارقىرىدى
بىر جۈپ ھەسرەتلىك كۆز كېچىگە مەخپىي ئېسىلدى

مەن ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن يوچۇن مۇناسىۋەت ئورناتماقتىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ساۋۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-21 12:11  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش