تۈنلەرنىڭ تۆكۈلدۈم جىمجىتلىقىدىن
نۇرشات ئەنۋەر قاينارى
ئەسلىمە روجىكى ئېتىكلىك مەھكەم،
لېۋىمدە دەردىڭدىن چېچەكلىگەن قان.
بىر دەريا ئالدىمدىن ئۆتسە لەڭ ئۇرۇپ،
ئىچىمنى كۆيدۈرەر چوغدەك ھاياجان.
زىمىستان پەيزىنى كۈيلەر چىڭقىلىپ،
ئۈستۈمدە سۈزۈلۈپ پارلىغان قۇياش.
يىغلاڭغۇ دەرەخلەر پەسلىدەك ئۇزۇن،
ئاھ،قانچە ئېغىر- ھە، سېنىڭسىز ياشاش؟!…
كۆز ياشلا تۇتىيا كۆڭۈل دەشتىگە،
جىسمىڭدا تاراملاپ قانايدۇ گۈللەر.
سۈركىلىپ غېرىبلىق مۇزىكىسىغا،
كۆزلىرىم ھەسرەتتىن ئاچچىق تۈتۈنلەر...
چاقىردىم بەك ئۇزاق كەلمەسلىكىڭنى،
سۆزلىرىم ئىزىڭدا بولماقتا قىرغىن.
ھېچكىمسىز بىر تامچە يۇلتۇزدەك خىرە،
تۈنلەرنىڭ تۆكۈلدۈم جىمجىتلىقىدىن.
2016-يىل،20–يانۋار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-21 13:44