كۆرۈش: 212|ئىنكاس: 4

رىزۋانگۈل مەھمۇد(ت): شې جىخۇڭ ــ سىرتتىكى «مۇھەببەت»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شې جىخۇڭ

سىرتتىكى «مۇھەببەت»

(تەرجىمە ھېكايە)

جېكنىڭ تۇرۇپلا بىر رۇمانتىك مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككۈسى كەلدى. شۇ كۈنى ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ يەنە شۇ خىيال بىلەن ئۆيىگە قايتىۋاتاتتى، ئالدى تەرەپتىن 22-23 ياشلاردىكى بويلىرى ئىگىز، ئالىپتە كېيىنگەن بىر قىز جېك تەرەپكە قاراپ كەلمەكتە ئىدى. «مۇشۇنداق بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقسام قانداق ياخشى ئىدى-ھە» دەپ ئويلىدى جېك، ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى قىز جېكنىڭ خىيالىنى بىلگەندەكلا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە:
-جېك مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟- دېدى. ئارقىدىنلا ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ، -مېنىڭ ئىسمىم لەنسى، سىزنىڭ سادىق ئوقۇرمىنىڭىز، ۋاقتىڭىز بولسا پاراڭلاشقان بولساق ئۆزەمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلاتتىم،-دېدى.
جېك ئىچ-ئىچىدىن خۇشاللىق ھېس قىلدى. ئۇ ئادەتتە ئاز-تۇلا ماقالىلەرنى يېزىپ گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ خېلىلا نام چىقىرىپ قالغانىدى. شۇڭا سائىتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن،- بولىدۇ،-دېدى.
ئىككىسى يول بويىدىكى بىر قەھۋەخانىغا كىرىپ بىر تەرەپتىن قەھۋە ئىچكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىق ھەققىدە قىزغىن پاراڭلاشتى. لەنسى ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتقا ئوتتەك ئىشتىياقى بارلىقىنى، جېكنىڭ ماقالىلىرىنى بىرىنىمۇ قويماي ئوقۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جېك چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق گۈزەل شۇنداقلا سادىق ئوقۇرمىنى بولغانلىقىدىن پەخىرلەندى.
-ئەتە مۇمكىن بولسا ئۆزەم يازغان بىر قىسىم يازمىلىرىمنى ئەكەلسەم تۈزىتىپ،  پىكىر-تەكلىپلىرىڭىز بولسا بەرسىڭىز بولامدۇ جېك مۇئەللىم؟- دېدى لەنسى تولىمۇ يېقىملىق ئاھاڭدا. جېك تەققەززالىق ئىلكىدە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئايرىلىدىغان چاغدا لەنسى مېھىر- مۇھەببەتلىك كۆزلىرىنى جېكقا تىكىپ تۇرۇپ:
-مۇئەللىم سىز بىلەن تۇنۇشقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن، سىز ھەقىقەتەنمۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە تالانت ئىگىسى، سىزنى ئەڭ يېقىن سىردىشىم دەپ قارىسام بولامدۇ؟-دېدى. جېك خۇشاللىقتىن ئەس- ھۇشىنى يوقاتتى.
شۇنداق قىلىپ جېك كۆڭلىدىكىدەك بىرسى بىلەن تېپىشىپ قالدى. بۇ خىل ھېسسىيات قالتىس ئىدى، خۇددى رىۋايەتلەردىكىدەك. ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى تېز تەرەققى قىلدى. بىراق ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن جېك خوتۇنىغا ئالا-كۆڭۈللۈك قىلىپ قويغاندەك كۆڭلىنى ئەنسىزلىك قاپلىۋالاتتى.
ھەپتىدىن كېيىن لەنسى جېكقا غەربىي رايوندىكى گىلاسگوۋغا ساياھەتكە بىللە بېرىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ تەكلىپ جېكنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى. لەنسى ئۇنى گۈزەل بىر ماكانغا، ئاجايىپ ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئىنتايىن تېزلىك بىلەن ئىدارىگە ئىلتىماس يېزىپ 10 كۈنلۈك روخسەت ئالدى. كەچتە ئۆيگە قايتقاندا خوتۇنىغا ئىدارىدىن كاماندۇرۇپكىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دەننى بىر تەرەپتىن جېكنىڭ كىيىملىرىنى تۈجۈپىلەپ سومكىغا سالغاچ يەنە بىر تەرەپتىن:
  -سىز ئادەتتە كوماندۇرۇپكىغا ئاز چىقىسىز، مەن يېنىڭىزدا يوق چاغلاردا سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ،-دەپ تاپىلىغاچ تۇردى. دەننىنىڭ كۆزلىرىدىكى مېھرىبانلىق جېكنى يەنە ئارامسىزلاندۇردى، ئۇ خوتۇنىنىڭ كۆزلىرىگە قاراشتىن ئەيمەندى. كۆڭلىدە «مۇشۇ  تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىم بولۇپ قالسۇن، 10 كۈندىن كېيىنلا قايتىپ كېلىمەن» دەپ ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە بەردى.
   ئەتىسى سەھەردە جېك بىلەن لەنسى گىلاسگوۋغا قاراپ ئۇچتى. گىلاسگوۋنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. كۆپكۆك ئاسمان، ئالتۇندەك يالتىراپ تۇرغان دەريا ساھىللىرى ۋە قەدىمىي سېھىرلىك ئورمان كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. جېك ئىككىيلەن گۈزەل مەنزىرلەرگە تولغان بۇ ماكاندا قانماي سەيلە قىلىشتى.
   -ئەگەر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە ھەمراھ بولۇپ بىر ئۆمۈر بۇ يەردە ياشىغان بولساق قانداق ياخشى بولار ئىدى-ھە،-دېدى لەنسى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن. جېك دەماللىققا ھېچنېمە دېمىدى. جېكنىڭ جاۋابسىز ھالىتى لەنسىنى بىئارام قىلدى.
  - مەن سىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، سىز گەرچە مەن بىلەن بىللە بولسىڭىزمۇ كۆڭلىڭىزدە يەنىلا ئۇنى ئويلاۋاتىسىز، شۇنداقمۇ؟ -دېدى.
   -كەچۈرۈڭ قەدىرلىكىم، چۈشىنىشىڭىز كېرەك، ئۇ ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل ئايال،-دېدى جېك چۈشەندۈرۈپ.
   -ئەگەر خوتۇنىڭىز ئاۋۋال يۈزسىزلىك قىلسىچۇ؟
   -مۇمكىن ئەمەس قەدىرلىكىم،-جېك كۈلۈمسىرگىنىچە بېشىنى چايقىدى.
-سىز....-لەنسى بىردىنلا جېكنى خوتۇنىدىن قىزغىنىپ قالدى، كۆزلىرىدە ھەسەت ئوتلىرى ياندى،- قەدىرلىكىم، ھازىر پەقەت ئىككىمىز توغرىلىقلا پاراڭ قىلايلىچۇ؟ ئۇنىڭ گېپىنى قىلىشىڭىزغا روخسەت يوق،-لەنسى شۇنداق دېگىنىچە جېكنىڭ قوينىغا شۇڭغۇدى.
شېرىن كۈنلەر ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى، قايتىدىغان چاغمۇ بولغان ئىدى، چەكسىز كەتكەن ئورمانلىقتا ئاسمان پەلەككە تاقاشقان قەدىمىي دەرەخلەر، رەڭگى تۈرلۈك غەيرىي ئۆسۈملۈكلەر، رەڭگارەڭ ياۋا گۈللەر تولىمۇ جەلىپكار ئىدى. ئىككىيلەننىڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردىن قانغۇچە ھۇزۇرلانغۇسى كەلدى. قول تۇتۇشۇپ، سەكرەپ، تاقلاپ، گۈللەردىن دەستە تىزىپ بىر-بىرىگە تويماي قېلىشتى. قايتىش يولىدا بىر توپ قۇيۇق چاتقاللىق ئارىسىدا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە ئېچىلىپ كەتكەن سۆسۈن رەڭلىك گۈل لەنسىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنچە يىراقتىن گۈلنىڭ ئارام بەخش ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. لەنسى گۈلنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدى. جېك پەم بىلەن گۈلگە يېقىنلاشتى. ئەنە شۇ چاغدا ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئىش يۈز بەردى. جېك شۇنداق چاتقاللىققا قەدەم ئېلىشىغا پۇتى تۇيۇقسىز يىڭنە سانجىلغاندەك بىر ئاغرىقنى سەزدى، «كۇش» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر يىلان جېكنىڭ پۇتىنىڭ يېنىدىن چاقماق تېزلىكىدە غايىپ بولدى. لەنسى قاتتىق چىقىراپ كەتتى. قولىدىكى گۈللەرمۇ چېچىلىپ چۈشتى. ئۇ دەرھال جېكنى يۆلىۋالدى ھەمدە بوينىدىكى شارپسىنى ئېلىپ جېكنىڭ يىلان چېقىۋالغان پۇتىنى تاڭدى، دەرۋەقە يىلان چېقىۋالغان يەر قىزىرىپ،  ئىشىشقا باشلىغانىدى، لەنسى ھېچ ئىككىلەنمەي يارا ئېغىزىنى قاتتىق شۈمۈپ زەھەرلىك قاننى تازىلاشقا باشلىدى.
-نېرى تۇرۇڭ لەنسى، ئۆزىڭىزگە زىيانكەشلىك قىلماڭ،-جېك شۇنداق دېگىنىچە لەنسىنى ئىتتەردى. لەنسى ئاغزىدىكى قاپقارا قاننى تۈكۈرگىنىچە:
  -تېلېۋىزوردا كۆرمىگەنمىدىڭىز، مۇشۇنداق قىلساقلا زەھەرنى تازىلىۋېتەلەيمىز،-ئۇ شۇنداق دېگىنىچە يەنە زەھەرلىك قاننى شۈمۈردى. تاكى قان قارا رەڭدىن قىزىل رەڭگە ئۆزگەرگىچە لەنسى بوشاشمىدى. ئەمما لەنسىنىڭ بارغانسېرى لەۋلىرى كۆكىرىپ، چىرايىدا قان دىدارى قالمىدى. لەنسى ھالسىزلىنىپ جېكنىڭ يېنىغا پوككىدە يىقىلىپ چۈشتى.
-لەنسى..........-جېك ئورنىدىن تۇرغانچە بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ دەرھال لەنىسىنى كۆتەرگىنىچە ئورمانلىقتىن يۈگۈرۈپ چىقتى. ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك ئىدى. بىراق لەنسىنىڭ ئۆزىگە ئايان، زەھەر قان يولى ئارقىلىق ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تارقىلىپ بولغانىدى. ئۇ ئاران دېگەندە كۆزىنى ئېچىپ:
-جېك ھېچقىسى يوق، سىز ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازىمەن، پۇشايمىنىم يوق، ئەمما سىزگە بىر ئىشنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، سىزنىڭ ئازاپلىنىشڭىزنى خالىمايمەن، ئەمما دېمىسەم تېخىمۇ بولمايدۇ،-لەنسىنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلۈپ، ئۈزۈلۈپ چىقىۋاتاتتى،-ئەمەلىيەتتە ئىككىمىزنىڭ تۇنۇشىشىدىن تاكى ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئايالىڭىز دەننى بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرغان.
-نېمە، نېمە دېدىڭىز، بولدى دېمەڭ، مېنىڭ ئاڭلىغۇم يوق،-جېك قاتتىق ئازابلاندى.
-قەدىرلىكىم مېنى سۆزلىگىلى قويۇڭ، مەن بىر شەخسي ياللانما شىركەتتە ئىشلەيمەن. دەننى مېنى ياللىۋېلىپ سىز بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ، بىللە ساياھەتكە چىقىشقا ئورۇنلاشتۇردى، مەقسىتى مۇشۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭ بۇرۇنقى كونا سۆيگىنى كوماندۇرۇپكىغا كەلگەچ دەننى بىلەن كۆرۈشمەكچى،-لەنسى بىر دەم تىنىۋالغاندىن كېيىن،-مەن ئەسلى خوتۇنىڭىز ماڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ تۈگەتسەملا بولاتتى، بىراق سىزنىڭ ھەر قېتىم خوتۇنىڭىز ئۈچۈن قايغۇرغان، ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىگەن ۋاقىتلىرىڭىزدا كۆڭلۈم بىئارام بولدى. سىز نەقەدەر ئاقكۆڭۈل ھەم ۋاپادار-ھە، نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆزەمنى شۇ قەدەر بەختلىك ھېس قىلدىم، مەندە ئەتىگە نىسبەتەن ئۈمىد پەيدا بولدى.... ئەتىمىز نەقەدەر گۈزەل-ھە!-لەنسىنىڭ ئاۋازى بارا-بارا پەسلەپ كەتتى. بېشى ئاستاغىنە جېكنىڭ قوينىغا قىڭغىيىپ قالدى.
جېك ھۆركىرەپ يىغلىغىنىچە لەنسىنى قۇچاغلاپ تاغدىن پەسكە قاراپ يۈگۈردى.
«لوس-ئانژىلىسقا مۇھەببەت» 4-قىسىم تاللانغان ھېكايىلەر توپلىمىدىن ئېلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-25 12:52  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-22 17:14:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن،تەرجىمىسمۇ ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ.ئەجىر سىڭدۇرگېنىڭىزگە تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2016-1-22 20:58:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام رېزۋانگۈل! : قىسقا ھەم تەسىرلىك ھېكايىدىن بىرنى تەرجىمە قىلىپ ، ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپسىز ،تەشەككۈر !  (ئەسلى ئەدەبىي تەرجىمىدىمۇ قابىليىتىڭىز بار ئىكەن ئەمەسمۇ ؟)ئىككى ئايالنىڭ تەغدىرى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن ....قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شوخ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-22 20:59  


ۋاقتى: 2016-1-22 22:03:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام رىزۋانگۈلۈم ، سىز بىلەن مۇڭدىشىش شۇنچىلىك ئازادىلىك ھېس قىلدۇراتتى .ماۋۇ ئەدەبىي تەرجىمىڭىزمۇ ئۆزگىچە ھوزور ئاتا قىلدى.

ئۇلۇغ اللاھتىن  سىزگە ھەر ۋاقىت ئوتۇق ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-25 12:16:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان، ئىنكاس قايتۇرغان (سۇتۇق، شوخ، ئاينۇرە)دوستلارغا رەھمەت! ھېكايىنى دەسلەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا مەسىلىنى ئىككى ئايالدا قويغانىدىم. لېكىن نىيىتىنى ئەڭ ئاۋۋال ئالا قىلغىنى يەنىلا جېك ئەپەندىم.
«ھەرقانداق نەرسىگە ياخشىلىق قىلساڭ ئۇنىڭدىن ساڭا ياخشىلىق يېنىشى مۇمكىن. لېكىن نەپسىڭگە ياخشىلىق قىلساڭ ئۇنىڭدىن يامانلىقتىن باشقا نەرسە يانمايدۇ»
                                                                              -  شەيىخ سەئىدى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش